





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرى بىر داستىن سۇ ئېلىپ يۇيۇنغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىلىپ شۇ سۇدىن تەرەت ئالماقچى ياكى يۇيۇنماقچى بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!، مەن بۇ سۇدىن ئىلىپ جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ئىدىم؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن سۇ جۇنۇپلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ» دېگەن
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەھارەت ئېلىش ئۈچۈن ياكى يۇيۇنۇش ئۈچۈن كىلىپ، ئايالى يۇيۇنۇپ ئاشقان سۇنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا، ئايالى ئۆزىنىڭ بۇ سۇدا جۇنابەتتىن يۇيۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئۇ سۇنىڭ پاكىز ۋە پاكىزلەش خۇسۇسىيىتى جۇنۇپلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزۈپ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئۇچۇم مىقداردا سۇ كەلتۈرىۋىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىلەكلىرىنى سىلاپ يۇدى
ئىبنى خۇزەيمە"سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرەت ئالغان سۇيىنىڭ مىقدارىدىن خەۋەر بېرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئۇچۇم سۇ بىلەن ئىسراپ قىلماي تاھارەت ئالاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇنى يۇيىلىدىغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىلىكىنى سىلايتى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ساھابىلەر خۇپتەن نامىزىنى كۈتۈپ مۈگدەپ باشلىرى چۈشۈپ كېتەتتى، ئاندىن تەرەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتى
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ساھابىلەر خۇپتەن نامىزىنى كۈتۈپ مۈگدەپ قالاتتى، ئاندىن ئاندىن تەرەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتى، شۇ دەۋرىدە بىر ئىش قىلىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەپ قىلمىغان بولسا بۇ «ئېتىراپ قىلىش» دەپ قارىلىدۇ، « ئېتىراپ قىلىش: سۆز، ھەرىكەت، ۋە ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت سۈننەت يوللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇ دەۋرىدە قىلىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىنكار قىلمىغان ئىشلار ئېتىراپ سۈننىتى قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ نامىزى ياكى قىلغان ئىشى توغرا بولمىغان بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىشىنى بىلىپ ياكى ۋەھيى ئارقىلىق خەۋەر تېپىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇراتتى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ئىشلار بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. «باشلىرى چۈشۈپ كېتەتتى» يەنى: مۈگىدەپ باشلىرى ساڭگىلاپ كېتەتتى، يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەتتا بەزىلىرىنىڭ خورەكلىرىنى ئاڭلايتتىم»، يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇلار بىقىنلىرىنى قوياتتى»، ئاندىن ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ، تەرەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتى، يەنى ئۇلار تەرىتىنى يېڭىلىماستىن نامازغا تۇراتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى قاتتىق ئۇيقۇ ئەمەستى، مۈگدەش تەھارەتنى بۇزىدىغان بولسا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا رۇخسەت قىلمىغان بولاتتى. بىز بۇ توغرىدىكى دەلىللەرنى جەملەپ: رەسۇلۇللاھ «چوڭ-كىچىك تەرەت ۋە ئۇيقۇدىن» دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «كۆز كاسىنىڭ بوغۇچى، ئۇخلىغان كىشى تەرەت ئالسۇن»، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «كۆز كاسىنىڭ بوغۇچى، كۆز يۇمۇلسا بوغۇچ يېشىلىدۇ» دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيقۇنىڭ چوڭ-كىچىك تەرەتكە ئوخشاش تاھارەتنى بۇزىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى، بۇ دەلىللەر ئۇيقۇنىڭ تەرەتنى بۇزىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، بۇ باپتا بايان قىلىنغان ھەدىس ۋە رىۋايەتلەر ئۇيقۇنىڭ تەرەتنى بۇزمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن: بۇ باپتىكى ھەدىسنى ۋە «خورەك تارتىش» ۋە «يانپاشلاپ يېتىش» دېگەن ھەدىسلەرنى: ئۇيقۇسى بەك قاتتىق بولمىغان، خورەك تارتىشنىڭ ئاڭلىنىشى قاتتىق ئۇيقۇغا پېتىشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇنىڭ باشلىرىدا بولغان، يانپىشىنى يەرگە قويۇشىدىن قاتتىق ئۇخلىغانلىقى چىقمايدۇ دەپ چۈشىنىلىدۇ ، مۇشۇنىڭ بىلەن دەلىللەر بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەممىسى بىلەن ئەمەل قىلىنىدۇ، مۇمكىن بولسلا دەلىللەرنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈش بەزىسىنى بىكار قىلىۋەتكەندىن ياخشىدۇر. خۇلاسە: ئىنسان تۇيغۇلىرىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قاتتىق ئۇخلىغان بولسا تاھارەت ئېلىشى كېرەك، قاتتىق ئۇخلىمىغان بولسا تەرەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ، ئەمما ئىبادەتتە ئىھتىياتنى تۇتۇش ئۈچۈن تەرەت ئېلىۋەتكەن ياخشىدۇر، ئەگەر قاتتىق ئۇخلىغان ياكى ئۇخلىمىغانلىقىدا شەكلىنىپ قالسا تەرىتى بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى ئەسلى تاھارىتى بار بولغاچقا ئۇ شەك بىلەن يوقالمايدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يەل چېقىپ كەتتىمۇ ياكى كەتمىدىمۇ؟ دەپ شەكلىنىپ قالغان ئۇيقۇ بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى تاھارەت ئىشەنچ بىلەن بېكىتىلگەنلىكى ئۈچۈن شەك بىلەن بۇزۇلمايدۇ، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالار مەجمۇئەسى 21-توم 394-بەت. سۇبۇلۇس سالام1-توم 88-89-بەت، پەتھى زىل جەلالى ۋەل ئىكرام1-توم 381-بەت، تەۋزىھىل ئەھكام2-توم 82-ۋە 83-بەت، تەسھىلىل ئىلمام 1-توم 170-171-بەت
ئۇرۋە مۇنداق دەيدۇ: مەن مەرۋان ئىبنى ھەكەمنىڭ قېشىغا كىردىم ۋە كىشىلەر بىلەن تەرەت ئىلىش كېرەك بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشتۇق. مەرۋان: ئەۋرىتىنى تۇتقان كىشىمۇ تەرەت ئالامدۇ؟ دېدى، ئۇرۋە: مەن ئۇنى بىلمىدىم دېدى. مەرۋان: ماڭا بۇسرە بىنتى سەپۋان ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «ئەۋرىتىنى تۇتقان كىشى تاھارەت ئالىدۇ» دېگەن ھەدىسنى ئاڭلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، دەيدۇ
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئۇرۋە ئۆزىنىڭ مەرۋان ئىبنى ھەكەم مەدىنىگە ئەمىر بولغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ قىشىغا كىرگەنلىكىنى ۋە ئۇ يەردە تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى، مەرۋاننىڭ: ئەۋرەتنى تۇتسا تەرەت سۇنىدۇ دېگەنلىكىنى، ئۇرۋىنىڭ: مەن بۇنىڭ دەلىلىنى بىلمەيمەن، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان بىرەر ھەدىسنى بىلمەيمەن دېگەندە، مەرۋاننىڭ ماڭا بۇسرە بىنتى سەپۋان ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «ئەۋرىتىنى تۇتقان كىشى تاھارەت ئالىدۇ» دېگەن ھەدىسنى ئاڭلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى دەپ خەۋەر بېرىدۇ. تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە: «تاھارەت ئالمىغۇچە ناماز ئوقۇمىسۇن» دېيىلگەن، بۇ ھەدىس: ئەۋرەتنى شەھۋەت بىلەن تۇتسۇن ياكى شەھۋەتسىز سىلىسۇن، بىرەر مەقسەت بىلەن سىلىسۇن ياكى مەقسەتسىز تۇتسۇن تاھارەتنىڭ سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭ شەرتى بىۋاستە سىلىغان ياكى تۇتقان بولىشى كېرەك. يەنى كىيىمنىڭ ئىچىدىن سىلىغان بولىشى كېرەك، ئەگەر كىيىمنىڭ سىرتىدىن سىلىغان ياكى تۇتقان بولسا، بۇنىڭ ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا ھەقىقى سىلاش بولمايدۇ، ھەقىقى سىلاش دېگەن: بىر ئەزانىڭ يەنە بىر ئەزاغا بىۋاستە تېگىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇنى نەسائى ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر ئىپادىلەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار قولىنى بىۋاستە ئەۋرىتىگە ئىلىپ بارسا، ئارىسىدا ھېچقانداق توساق بولمىسا، ئۇ كىشى تاھارەت ئىلىشى كېرەك» سۇبۇلۇس سالام 1-توم 97-بەت، پەتھى زىلجەلالى ۋەلئىكرام 1-توم 260-261-بەت، تەۋزىھىل ئەھكام 1-توم 298-بەت
جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشچە، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: قوي گۆشى يېگەنلىكتىن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟، دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خالىساڭ تاھارەت ئالغىن، خالىساڭ تاھارەت ئالمىغىن» دېدى، ئۇ كىشى: تۆگە گۆشى يېگەنلىكتىن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، تۆگە گۆشى يېگەنلىكتىن تاھارەت ئالغىن» دېدى، ئۇ كىشى: قوي قوتىنىدا ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: تۆگە قوتىنىدا ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟- دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق» دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى:قوي گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن تەرەت ئالىمەنمۇ؟ بۇ بىر ساھابىنىڭ: قوي گۆشى توغرىسىدا، ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا قوي گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن تەرەت ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟ياكى تەرەت ئېلىش شەرت ئەمەسمۇ؟دەپ سورىغان سوئالى بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «خالىساڭ تەرەت ئالغىن، خالىساڭ تەرەت ئالمىغىن»دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشى تەرەت ئىلىش بىلەن ئالماسلىق ئارىسىدىكى ئىختىيارلىقنى بەردى، ھەر ئىككىسى دۇرۇس بولىدۇ، ئۇ كىشى: تۆگە گۆشى يىگەنلىكتىن تەرەت ئالىمەنمۇ؟يەنى، تۆگە گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا تەرەت ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟ ياكى تەرەت ئېلىش شەرت ئەمەسمۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ھەئە تۆگە گۆشى يىگەنلىكتىن تەرەت ئالغىن»دېدى،يەنى گەرچە ئازراق يېسەڭمۇ تۆگە گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن تەرەت ئېلىشىڭ كېرەك بولىدۇ، ئەمما تۆگىنىڭ سۈتىنى ۋە شورپىسىنى ئېچسە تەرەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇرەنىييىنلىق كىشىلەرنى تۆگە سۈتى ئېچكەندە تەرەت ئېلىشقا بۇيرىمىدى، ئۇلارنى پەقەت ئېچىشكە بۇيرىدى، چۈنكى ھاجەت بولغاندا ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بېرىشنى كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ.ئۇ كىشى: قوي قوتىنىدا ۋە قويلار ئارام ئالىدىغان جايلاردا ناماز ئوقۇيمەنمۇ؟دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ھەئە»قويدىن ئەنسىرەش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئورۇنلاردا ناماز ئوقۇسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ دېدى، ئۇ كىشى: تۆگە قوتىنىدا ۋە تۆگىلەر ئارام ئالىدىغان جايلاردا ناماز ئوقۇيمەنمۇ؟دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ياق»دېدى، يەنى ئۇنداق جايلاردا ناماز ئوقۇماڭ، چۈنكى ئۇ جايدا تۆگىنىڭ ئۈركىشىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنى دەسسىۋىتىش ياكى باشقا ئەزىيەتلەر يېتىپ قېلىشى مۇمكىن دېدى، بۇنىڭدىن قويدا يۇۋاشلىق بولغانلىقى، قوينىڭ ئۈركىمەيدىغان ۋە باشقىلار ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغانلىقى ئۈچۈن قوي قوتىنىدا ناماز ئوقۇسا خاتىرجەم بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ، سۇبۇلۇس سالام1-توم 99-بەت، پەتھى زىل جەلالى ۋەل ئىكرام 1-توم 264-بەت، تەۋزىيھۇل ئەھكام 304-305-بەت، تەسھىيلىل ئىلمام 1-توم 192-195-بەتلەر
ئەبۇل ئەسۋەد دېگەن كىشى مۇنداق دېدى: مەدىنىگە كەلگەن ۋاختىمدا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم، ئۇلارنىڭ يېنىدىن بىر جىنازە ئۆتكەندە، ۋاپات بولغۇچىنىڭ ياخشى گىپى قىلىندى، ئۆمەر: لايىق بولدى،- دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ئۇنىڭمۇ ياخشى گىپى قىلىندى، ئۆمەر: لايىق بولدى،- دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ئۆلگۈچىنىڭ يامان گىپى قىلىندى، ئۆمەر: لايىق بولدى،- دېدى، ئەبۇل ئەسۋەد مۇنداق دېدى: مەن: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئۇ نېمىگە لايىق بولدى؟ دەپ سورىسام، ئۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەنگە ئوخشاش سۆزنى دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر قانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن تۆت كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» دېگەندە، بىز: ئۈچ كىشى بولسىچۇ؟ دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈچ كىشى بولسىمۇ» دېدى، بىز ئىككى كىشى بولسىچۇ؟ دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى كىشى بولسىمۇ» دېدى، ئاندىن بىز بىر كىشى توغرۇلۇق سورىمىدۇق
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدىن بىر جىنازە ئۆتتى، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى، ئۇلار جىنازىدىكى كىشىگە ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەردى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇنىڭغا بۇ ئىسپاتلاندى،- دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ئۇلار ئۇنىڭغا بىرىنجى جىنازىغا ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەردى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇنىڭغا بۇ ئىسپاتلاندى،- دېدى، ئاندىن ئۈچىنچى جىنازە ئۆتكەندە، ئۇلار ئۇنىڭغا يامانلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەردى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇنىڭغا بۇ ئىسپاتلاندى،- دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى ئەبىل ئەسۋەدكە نىسبەتەن چۈشىنىشلىك بولماي، ئۇنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەندەك دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن ياخشى، سالىھ تۆت كىشى ئۇنىڭ ياخشى، سالىھ كىشى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇنىڭغا جەننەت مۇقىملىشىدۇ» دېدى، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا: ئۈچ كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسىچۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۈچ كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسىمۇ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ» دېدى، ساھابىلار: ئىككى كىشى گۇۋاھلىق بەرسىمۇ جەننەت ئەھلىدىن بولامدۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى ئادەم گۇۋاھلىق بەرسىمۇ ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ» دېدى، بىز ئۇنىڭدىن كىشىلەردىن بىرى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسىمۇ جەننەت ئەھلىدىن بولامدۇ؟ دېگەننى سورىمىدۇق
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەرلەر سىلە بىلەن سۆزلىشىپ، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاش ۋاقتىنى ئىگەللەپ كەتتى، بىزگىمۇ ئۆز ۋاقتىلىرىدىن بىر كۈننى بەلگىلەپ، ئاللاھ سىلىگە بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن بىزگىمۇ ئۆگەتكەن بولسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۇنداقتا پالانى-پالانى كۈنى يىغىلىڭلار» دېدى، ئۇلار يىغىلغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېلىپ ئاللاھ ئۆزىگە ئۆگەتكەن دىن ئەھكاملىرىنى ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارغا: «قانداق بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئۈچ بالىسىنى بۇرۇن ئەۋەتكەن بولسا (تۈگەپ كەتكەن بولسا) ئۇ بالىلار ئاشۇ ئايال ئۈچۈن جەھەننەمدىن پەردە بولىدۇ»دېدى، بىر ئايال:ئىككى بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىچۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئىككى بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ»دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئەرلەر سىلە بىلەن سۆزلىشىپ ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاش ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى ئىلىپ كەتتى، بىزگە سىلە بىلەن ئۇچرىشىپ، دىنىمىز توغرىسىدا بىر نەرسە سورىغۇدەك ۋاقىت قويمىدى، ئۇلار ھەر كۈنى سىلىگە ھەمراھ بولۇپ يۈرىدۇ، بىز ئاياللارغا سىلە بىلەن ئۇچرىشىدىغان بىزگە دىنى تەلىم بېرىدىغان بىر كۈننى بېكىتسىلە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللارغا بىر كۈننى بېكىتتى، ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئاللاھ تائالا ۋەھىي قىلغان دىنى بىلىملەرنى ۋە ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان ئىشلارنى تەلىم بەردى، ئاندىن ئۇلارغا: قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن ئۈچ بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايال بۇنىڭغا سەۋىر قىلىپ، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلسا، ئۇ بالىلارنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئانىسى خاتالىقى سەۋەبىدىن دوزاخقا لايىق بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئانىسى ئۈچۈن دوزاختىن توسانجا بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ، بىر ئايال: ئىككى بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتسىمۇ ئۈچ بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالدەك ئەجىرگە ئېرىشەمدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىككى بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتسىمۇ، ئۈچ بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالغا ئوخشاش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ»دېدى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايىغىنىڭ بىر بۇغۇچى ئۈزۈلۈپ كەتسە، ئۇنى ئوڭشىمىغىچىلىك بىر پاي ئاياقتا ماڭمىسۇن»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان كىشىنى ئۇنىڭ بىر ئايىغىنىڭ بۇغۇچى ئۈزۈلۈپ كىتىپ مېڭىش مۇمكىن بولماي قالسا، بىر پاي ئاياقتا ماڭماستىن بەلكى بۇزۇلغان ئاياقنى ئوڭشاپ ماڭسۇن ياكى يەنە بىرىنىمۇ سېلىۋېتىپ يالاڭ-ئاياق ماڭسۇن، بۇنىڭ سەۋەبى باشقا بىر ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، شەيتانغا ئوخشاپ قىلىش بولغانلىقتىن
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، مەككە پەتىھ بولغان كۈنى ئەبۇ بەكرىنىڭ ئاتىسى ئەبۇ قۇھاپە كەلتۈرۈلدى، ۋەھالەنكى ئۇنىڭ چاچ ۋە ساقىلى ئاق ئۆسۈملۈككە ئوخشاپ قالغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«بۇنىڭ چاچ ساقاللىرىنى بوياڭلار، لېكىن قارا رەڭدە بوياشتىن ساقلىنىڭلار»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: مەككە پەتھى بولغان كۈنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دادىسى ئەبۇ قۇھاپە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلگەندە ئۇنىڭ چاچ-ساقاللىرى ئاق ئۆسۈملۈككە ئوخشاپ قالغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە كۆرگەن ۋاقتىدا: «بۇنىڭ چاچ ساقاللىرىنى بوياڭلار، لېكىن قارا رەڭدە بوياشتىن ساقلىنىڭلار»دېدى، چۈنكى قارا رەڭ بولسا ئىنساننى ياشلىق ھالىتىگە قايتۇرىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى يارىتىش يولى ۋە تەبىئىتىگە قارشىدۇر، ئەمما قىزىل، سېرىق رەڭلەر بىلەن بوياش ياكى خىنە بىلەن ياكى باشقا ئارىلاشما رەڭلەر بىلەن بويىسا بولىدۇ، رەڭ قارىلىقتىن ھالىتىدىن چېقىپ كېتىپ، قارا بىلەن قېزىل ئارىسىدا بولۇپ قالسىمۇ بولىدۇ، چەكلىمە پەقەت قاپ-قارا رەڭدە بوياشتىن توسۇشتۇر. مۇسلىمنىڭ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان رىۋايىتىدە: ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خىنە بىلەن سۇس بويىغان دېيىلگەن