





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان ۋاقىتتا، ساھابىلار: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەيەرگە دەپنە قىلىنىدۇ؟ دېيىشتى، ئەبۇبەكرى: ۋاپات بولغان جايغا دەپنى قىلىنىدۇ،- دېدى
ئىبنى سەئەد"تەبەقات كۇبرا" ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان ۋاقىتتا، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دەپنە قىلىدىغان ئورۇن توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىپ قالغاندا، ئەبۇبەكرى سىددىق: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋاپات بولغان ئورنىغا دەپنى قىلىڭلار! دېدى. بەزى رىۋايەتلەردە: ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «پەيغەمبەرلەردىن ھەر بېرى ئۆزى دەپنە قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدىغان ئورۇندا ۋاپات بولدى» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولغانغا قەدەر باشقا ئايال بىلەن نىكاھلانمىغان
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولغانغا قەدەر باشقا ئايال بىلەن توي قىلمىغان، بۇ خەدىچەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىنى ۋە ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: «مەن سىزنىڭ مەندىن خۇرسەن بولغان ۋە خاپا بولغان ۋاقتىڭىزنى بىلىمەن» دېگەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: بۇنى قانداق بىلىلا؟ دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەندىن خۇرسەن بولسىڭىز مۇھەممەدنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەم دەيسىز، ئەگەر مەندىن رەنجىپ قالسىڭىز ئىبراھىمنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەم دەيسىز» دېدى، مەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! شۇنداق قىلىمەن، پەقەت سىلىنىڭ ئىسىملىرىنى تاشلاپ قويىمەن دېدىم
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: «مەن سىزنىڭ قانداق ۋاقىتتا مەندىن خۇرسەن بولغان ۋە قانداق ۋاقىتتا مەندىن رەنجىپ قالغانلىقىڭىزنى ياخشى بىلىمەن» دېدى. مەن: بۇنى قانداق بىلىلا؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىز مەندىن خۇرسەن بولسىڭىز مۇھەممەدنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەم دەپ قەسىمىڭىزدە مېنىڭ ئىسمىمنى زىكىر قىلىسىز، ئەگەر دۇنيالىق ۋە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇم ئىشلار بىلەن مەندىن رەنجىپ قالسىڭىز قەسىمىڭىزدە ئىبراھىمنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن دەپ مېنىڭ ئىسمىمنى ئىبراھىمنىڭ ئىسمىغا ئالماشتۇرىسىز» دېدى، مەن: شۇنداق ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن رەنجىپ قالغان ۋاقتىمدا تىلىمدىن پەقەت سىلىنىڭ ئىسىملىرىنى تەرك قىلىمەن لېكىن قەلبىمدە سىلىگە بولغان چەكسىز مۇھەببەت مۇستەھكەم ئورناپ كەتكەن دېدىم
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مېنىڭ ئۇھۇد جېڭىغا قاتنىشىشىمنى ئىلتىماس قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ مېنى رەت قىلغان ئىدى، شۇ كۈندە مەن ئون تۆرت ياش ئىدىم. خەندەك غازىتى كۈنى ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلغاندا، مەن ئون بەش ياش ئىدىم
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۇھۇد جېڭىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، (يەنى ھىجرىيەنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا) ئۇنىڭ يىشى ئون تۆرت ياش ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ جىھادقا قاتنىشىش تەلىپىنى رەت قىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن خەندەق غازىتى يىلى (يەنى ھىجرىيەنىڭ بەشىنچى يىلىدا) ئۇنىڭ يىشى ئون بەش ياش ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا قايتا جىھادقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت بەردى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ يىشى يەنى ئۇھۇد غازىتى كۈنلىرىدە ئون تۆت ياشقا ئەمدى كىرگەن، خەندەق غازىتى كۈنلىرىدە ئون بەش ياشقا تولغان كۈنلىرى ئىدى
سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەندە كىشىلەر ئۇنى كۈتۈۋېلىشتى، مەنمۇ ئۇنى كېچىك بالىلار بىلەن سەنىييەتۇل ۋەدا دېگەن يەردە كۈتۈۋالدىم. ئىمام بۇخارى رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈتىۋالغىلى كىچىك بالىلار بىلەن سەنيىيەتۇل ۋەدا دېگەن يەرگە باردۇق
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەن ۋاقىتىدا كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە (ئۈزۈرلۈك ياكى ئۆزۈرسىز تەبۇك ئۇرۇشىغا چىقمىغان كىشىلەر بىلەن) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن سەنىييەتۇل ۋەدا دېگەن يەرگىچە چىققانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ. سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ مەدىنىدىكى كىچىك بالىلار بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈتىۋېلىشقا چىققان
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بىر جەڭگە چىقتۇق، ھەر ئالتىمىزگە بىر تۆگە بار ئىدى، بىز ئۇنىڭغا نۆۋەتلىشىپ مىنەتتۇق، مىڭىپ بولالماي پۇتلىرىمىز قاپىرىپ كەتتى، مېنىڭمۇ پۇتلىرىم قاپىرىپ تىرناقلىرىم چۈشۈپ كەتتى. بىز پۇتلىرىمىزغا لاتا يۆگىۋالغان ئىدۇق، پۇتلىرىمىزغا لاتا يۆگىۋالغان بولغاچقا، بۇ غازات «زاتۇررىقائ» دەپ ئاتالدى. ئەبۇ بۇردە ئېيتتى: ئەبۇ مۇسا بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بولۇپ، بۇ سۆزلىشىنى ياقتۇرماي: مەن بۇ ئىشنى سۆزلەپ نېمە قىلىمەن-دېدى، خۇددى ئۇ ئۆز ئەمىلىدىن بىرەر نەرسىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغاندەك قىلاتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۆزىنىڭ بەزى ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە جەڭگە چىققان بولۇپ، ئۇلاردىن ئالتە نەپەر ئادەم بىر تۆگىنى نۆۋەتلىشىپ مىنەتتى، بىرسى مەلۇم مۇساپە مىنسە، نۆۋىتى ئاخىرلىشاتتى، ئاندىن ئۇ كىشى تۆگىدىن چۈشۈپ، نۆۋىتى كەلگەن ھەمراھىغا بېرەتتى، ئۇلار كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ بېرىپ بولغىچە مۇشۇنداق نۆۋەتلىشىپ مىنەتتى. يولنىڭ يىراق بولىشى بىلەن بىرگە باياۋاندا پىيادە ماڭغانلىق سەۋەبىدىن پۇتلىرىمىز قاپىرىپ كەتتى، مېنىڭمۇ پۇتلىرىم قاپىرىپ، تىرناقلىرىم چۈشۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ يېنىدا يىرتىپ، پۇتلىرىنى ئورايدىغان نەرسىمۇ يوق ئىدى، ئۇلار يالاڭ ئاياق ماڭاتتى، شۇ سەۋەبلىك ئېغىر زىيان كېلىپ چىقتى، ئۇلارنىڭ پۇتلىرى قاپىرىپ كەتسىمۇ سەپەرنى توختاتماي، بەلكى دۈشمەنگە ئۇچراشقۇچە يۈرۈشنى داۋاملاشتۇردى. «بىز پۇتلىرىمىزغا لاتا يۆگىۋالاتتۇق» بۇ سۆز ئۇلارنىڭ قاتتىق زېمىندا ئۇزۇن يول يۈرگەنلىكتىن ئاياغلىرى يېرتىلىپ، پۇتلىرىنى زېمىننىڭ تاش ۋە ھارارىتىدىن ساقلاش ئۈچۈن پۇتلىرىغا لاتا يۆگىۋالغانلىقىغا ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ، «بىز پۇتلىرىمىزغا لاتا يۆگىۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ جەڭ "زاتۇررىقائ" دەپ ئاتالدى» يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىلغان بۇ قېتىمقى جەڭ شۇنىڭ ئۈچۈن «زاتۇررىقائ» دەپ ئاتالدى، بۇ شۇ غازاتنىڭ ئاتىلىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر، ئەبۇ بۇردە مۇنداق دېدى: «ئەبۇ مۇسا بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بولۇپ، ئاندىن بۇ ھەقتە سۆزلەشىنى ياقتۇرماي: مەن بۇ ئىشنى سۆزلەپ نېمە قىلىمەن،-دېدى، خۇددى ئەبۇ مۇسا ئۆز ئىشىدىن بىرەر نەرسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغاندەك قىلاتتى» بۇنىڭ مەنىسى: ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا روھىي ساپلىق ۋە پىداكارلىقنى نامايەن قىلىدىغان سۆزلەر بولغاچقا، بۇ ھەقتە سۆزلىمەسلىكنى ئارزۇ قىلىپ قالدى، چۈنكى باشقىلارنى يېتەكلىگۈچى بولۇشتەك كۈچلۈك مەسلىھەت بولمىغان ۋاقىتتا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى يوشۇرۇش ئاشكارىلاشتىن ياخشىدۇر، يەنە بىر ھەدىستە: «ئوڭ قولى بىلەن قىلغان ياخشى ئىشنى ھەتتا سول قولىمۇ بىلمىگۈچىلىك ھالەتتە يوشۇرۇن قىلىدۇ» دېيىلگەن. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئەنسارىلاردىن بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بىر كىشىنى ھەمرا قىلىپ كىرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئەنسارىغا: «ئەگەر تۇلۇمدا بىرەر كېچە تۇرغان سوغۇق سۇ بولسا شۇنى بېرىڭ، بولمىسا ئېرىقتىنلا ئېچەيلى»دېگەن.
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانجابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئۆيىگە كىرگەن ئەنسارىنىڭ ئىسمى: ئەبۇلھەيسەم ئىبنى تەيھان ئەنسارى ئىدى. بىرگە ئېلىپ كىرگەن كىشى بولسا ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن: ئەگەر ئۆيۈڭدە بىرەر كېچە تۇلۇمدا تۇرغان سۇ بولسا شۇنى ئېچەيلى دېگەن. چۈنكى ئۇ ياز ۋاقتى بولۇپ، بىرەر كېچە تۇلۇمدا تۇرغان سۇ سوغۇق بولاتتى. سوغۇق سۈيۈڭ بولمىسا ئېرىقتىن ئېغىزىمىزدىلا ئىچەيلى، دېگەن
ئابدۇللاھ ئىبنى بۇسرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «غەررا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قاچىسى بار بولۇپ، ئۇنى تۆت ئەر كۆتىرەتتى. بىر كۈنى كۆپچىلىك چاشگاھ نامىزى ئوقۇپ بولغاندا ئۇ قاچا نان چىلانغان شورپا بىلەن كەلتۈرۈلدى. ساھابىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. ئادەم كۆپ بولغاچقا رەسۇلۇللاھ يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. بىر ئەئرابى: بۇ قانداق ئولتۇرۇش؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «ھەقىقەتەن ئاللاھ مېنى ئېسىل بەندە قىلدى ۋە قوپال، تەرسا قىلمىدى» دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: «قاچىنىڭ چۆرىلىرىدىن يەپ، ئۈستىنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئۈستىگە بەرىكەت بېرىلىدۇ» دېدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «غەررا» دەپ ئاتىلىدىغان، تۆت ئەر كۆتىرىدىغان بىر قاچىسى بار ئىدى. بىر كۈنى چاشگاھ ۋاقتىدا، كۆپچىلىك چاشگاھ نامىزى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇ قاچىدا نان چىلانغان شورپا كەلتۈرۈلدى. ساھابىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن رەسۇلۇللاھ قېرىنداشلىرىغا ئورۇن ھازىرلاش ئۈچۈن يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. سورۇندىكى بىر ئەئرابى رەسۇلۇللانىڭ كەمتەرلىك بىلەن ئولتۇرىشىنى كۆرۈپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، نېمىشقا بۇنداق ئولتۇردىلا؟ دېدى، رەسۇلۇللاھ: «ھەقىقەتەن ئاللاھ مېنى ئېسىل بەندە قىلدى ۋە قوپال، تەرسا قىلمىدى» دېدى. رەسۇلۇللاھ چوڭچى، ھاكاۋۇر ئەمەس ئىدى. ئاندىن يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا: ئۈستىنى قويۇپ، ئەتراپىدىن يەڭلار، ئۈستىگە بەرىكەت بېرىلىدۇ، دەپ، ئەتراپىدىن يەپ، ئۈستىنى قويۇپ تۇرۇشقا بۇيرىدى ۋە ئۇنىڭ تائامدىكى بەرىكەتنىڭ سەۋەپلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماڭا يۆلىنىپ تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلسىلا، ماڭا رەھىم قىلسىلا، مېنى يۇقىرى مەرتىۋىلكلەر قاتارىغا قوشسىلا» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم، دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپاتى يېقىنلاپ قالغاندا مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا يۆلىنىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارىدىن ئۆزىنى يۇقىرى مەرتىۋىدىكى ھەمراھلارغا قوشۇشنى تىلىگەن، ئۇلار پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شەھىدلەر ۋە ياخشى كىشىلەر