





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبى شۇرەيھ خۇۋەيلىد ئىبنى ئەمرىلخۇزائى ئەلئەدەۋى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمرۇ ئىبنى سەئىد ئىبنى ئاسقا مۇنداق دەيدۇ: (ئۇ مەككىگە قوشۇن يوللاشقا تەييارلىنىۋاتقان ۋاقىتتا) ئى ئەمىر ماڭا بىر ھەدىس سۆزلەشكە رۇخسەت بەرسىلە، بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى فەتھى قىلغان كۈنى ئەتتىگەندە دېگەن ئىدى، مېنىڭ ئىككى قۇلۇقۇم ئاڭلىغان، قەلبىم ئۇنى چۈشۈنۈپ يەتكەن، ۋە سۆزلەۋاتقاندا ئىككى كۆزۈم كۆرگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ مۇنداق دېدى: شۈبھىسىزكى، مەككىنى كىشىلەر ئۆزلىرى ئۇنىڭدا ئۇرۇش قىلشنى ھارام قىلىۋالمىدى بەلكى ئاللاھ تائالا ئۇرۇش قىلىشقا ھارام قىلدى، ئۇنداق بولغانىكەن ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيىتىدىغان ھەر قانداق كىشىگە، ئۇنىڭدا قان تۆكۈش ۋە دەرەخ كېسىش ھالال بولمايدۇ، ئەگەر بىرەر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭدا ئۇرۇش قىلغانلىقىنى بانا قىلىپ ئۆزىگە رۇخسەت تاپسا، ئۇنىڭغا: ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە رۇخسەت بەرگەن سىلەرگە ئەمەس، دەڭلار. بۇ ماڭا شۇ كۈنى بىرقانچە سائەتلام رۇخسەت قىلىندى ۋە ئۇنىڭ ھاراملىقى خۇددى ئالدىنقىغا ئوخشاشلام قايتىپ كەلدى. بۇنى ئاڭلىغانلار ئاڭلىمىغانلارغا يەتكۈزسۇن!. باشقىلار ئەبى شۇرەيھتىن: ساڭا ئەمىر نېمە دېدى دەپ سورىۋېدى، ئۇ: ئى ئەبى شۇرەيھ مەن بۇنى سەندىن ياخشىراق بىلىمەن، ھەقىقەتەن ھەرەم گۇناھكارنى، بىرەر قانغا زامىن بولغاننى ۋە بىرەر جىنايەت بىلەن قاچقاننى قوغدىمايدۇ، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەلئەشدەق (مۇنازىرىگە ماھىر) دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ئەمرۇ ئىبنى سەئىد ئىبنى ئاس (ئۇ زاماندا ئۇ يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيە تەرىپىدىن مەدىنىگە تەيىنلىگەن ئەمىر ئىدى) مەككىگە ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتكىلى تەييارلىق قىلغاندا، ئەبۇ شۇرەيھ خۇۋەيلىد ئىبنى ئەمرۇ ئەلخۇزائى ئەلئەدەۋى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغىلى كەلدى، بۇ نەھىسەت قىلىنغۇچى ئۆز كۆڭلىدە چوڭ ئادەم بولغانلىقتىن، ئەبۇ شۇرەيھ ھىكمەت بىلەن پۇختا ئىش قىلىش يۈزىسىدىن ۋە بۇ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشقا تۈرتكە بولسۇن، ئاقىۋەت تىنچ-ئامان بولسۇن دەپ، ئۇنىڭغا يۇمشاق گەپ قىلدى، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئۇ ئالدىراۋاتقان بۇ قوشۇن ئەۋەتىش توغرۇلۇق نەسىھەت قىلىشقا رۇخسەت سورىدى، رىۋايەت قىلماقچى بولغان ھەدىسنىڭ سەھىھ ھەدىس ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ راس ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىسى بارلىقىنى تەكىتلىدى، چۈنكى ئۇ ھەدىسنى ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقى ئاڭلىغان، قەلبى ئۆزلەشتۈرگەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلەۋاتقاندا ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەنىدى، ئەمرۇ ئىبنى سەئىد ئۇنىڭغا رۇخسەت بىرىۋېدى، ئەبۇ شۇرەيھ دېدى: ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى فەتھى قىلغان كۈنى ئەتتىگەندە، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاللاھ تائالا ئاسمان زېمىننى ياراتقان كۈنى مەككىدە ئۇرۇش قىلىشنى ھارام قىلدى، دېمەك؛ مەككىنى ئۇلۇغلاش ۋە مۇقەددەس بىلىش قەدىمدىن بولۇپ كەلگەن ئىشتۇر، ئۇنى كىشىلەر بەزى يايلاقلارنى ۋە سۇلارنى ۋاقىتلىق چەكلىگەندەك چەكلەپ قويمىدى، بەلكى ئۇنى ئۇلۇغلاشنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇنى ھارام قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغىنى ئاللاھ تائالا ئۆزىدۇر. ئۇنى ھارام قىلىش قەدىمى ۋە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان ئىشتۇر. ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى ئىمانىنى ساقلاپ قالاي دېسە، ئۇنىڭدا قان تۆكۈشى ۋە دەرەخ كېسىشى ھالال بولمايدۇ، ئەگەر بىرەر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى فەتھى قىلغاندا ئۇرۇش قىلغانلىقىنى بانا قىلىپ ئۆزىگە رۇخسەت تاپسا، ئۇنىڭغا: شەكسىزكى سەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھالىتىدە ئەمەس، ئۇنىڭغا رۇخسەت بىرىلگەنىدى ساڭا رۇخسەت بىرىلگىنى يوق، يۇقىرىدىكى رۇخسەتمۇ دائىم ئۇرۇش قىلىشقا ئەمەستى، ئۇ پەقەت شۇ كۈننىڭ تەقەززاسىغا مۇۋاپىق ھالدا بىرقانچە سائەتلىك ئىدى، ئۇنىڭ ھاراملىقى ئىلگىرى قانداق ھارام بولغان بولسا، كىيىن شۇ ھالەتكە قايتتى، بۇنى ئاڭلىغانلار ئاڭلىمىغانلارغا يەتكۈزسۇن! دېگەنلىكى ئۈچۈن، مەن شۇ پەتھى كۈنى ئەتتىگەندە بۇ گەپكە ھازىر بولغان، ئۆزلىرى ئۇنىڭغا ھازىر بولمىغانلىقلىرى سەۋەبلىك، سېلىگە بۇنى يەتكۈزدۈم ئى ئەمىر، دېدى. باشقىلار ئەبى شۇرەيھقا: ئەمىر ساڭا قانداق جاۋاپ بەردى؟ دېۋىدى، ئۇ ماڭا مۇنداق جاۋاپ بەردى: ئى ئەبى شۇرەيھ مەن بۇنى سەندىن ياخشىراق بىلىمەن، ھەقىقەتەن ھەرەم گۇناھكارنى، بىرەر قانغا زامىن بولغاننى ۋە بىرەر جىنايەت بىلەن قاچقاننى قوغدىمايدۇ، دېدى. ھەدىسكە ئۆز رەيى بىلەن قارشى تۇردى-دە، ئىبنى زۇبەير بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قوشۇنلارنى چىقىرىشتىن باش تارتمىدى، بەلكى ئۇ ئىشىنى داۋاملاشتۇردى.تەيسىيرىل ئەللام (381-بەت)، تەنبىھۇل ئەفھام (3-توم، 509-510-بەتلەر)، تەئسىسۇل ئەھكام (3-توم، 346-بەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىندى: ھەۋلا بىنتى تۇۋەيت ئىبنى ھەبىيب ئىبنى ئەسەد ئىبنى ئابدۇلئۇززا يېنىدىن ئۆتكەندە، يېنىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بار ئىدى، مەن: بۇ تۇۋەيتنىڭ قىزى ھەۋلا، كىشىلەر ئۇنى كىچىدە ئۇخلىمايدۇ، دېيىشىۋاتىدۇ،- دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كېچىدە ئۇخلىمايدۇ! تاقىتىڭلار يېتىدىغان ئەمەلنى تۇتۇڭلار! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر زېرىكىپ قالمىغۇچە ئاللاھ زېرىكىپ قالمايدۇ» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانتۇۋەيتنىڭ قىزى ھەۋلا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: بۇ تۇۋەيتنىڭ قىزى ھەۋلا، ئۇ پۈتۈن كېچە ئۇخلىماي، ناماز ئوقۇيدىكەن،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ پۈتۈن كېچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلغانلىقىنى توغرا تاپماي: «تاقىتىڭلار يېتىدىغان ئەمەلنى قىلىڭلار» دەپ، بۇ ئايالنى كەلگۈسىدە ئادا قىلىشتىن ئاجىز كېلىپ، داۋاملاشتۇرالمايدىغان، ئۆزىگە قېيىن بولىدىغان كۆپ ئەمەللەردىن توختاشقا بۇيرۇدى، ئاندىن تاقىتىمىز يىتىدىغان ئەمەلنى تۇتىشىمىزغا بۇيرۇپ: «سىلەر زېرىكىپ قالمىغۇچە ئاللاھ زېرىكىپ قالمايدۇ» دېدى، يەنى: ئاللاھ تائالا ئەمىلىڭلارنىڭ مىقدارىچە سىلەرگە ساۋاپ بېرىدۇ، ئەمىلىڭلارنى قانچىلىك داۋاملاشتۇرساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ساۋاپ بېرىدۇ، ئەگەر ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىدىن زېرىكىپ، ئېچى پۇشۇپ ئۇنى ئۈزۈپ، قىلمىسا، ئاللاھمۇ ئاشۇ ئەمەلنىڭ ساۋابىنى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ قويىدۇ، ھەقىقەتەن ئىنسانغا ئەمىلىگە قارىتا مۇكاپات-جازا بېرىلىدۇ. كىم ئەمىلىنى كېسەللىك ياكى سەپەر ئۆزرىسىسىز ئۈزۈپ قويۇپ، قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭدىن ساۋابى ۋە ئەجرى ئۈزىلىدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ ئاشكارا مەنىسىدىن "ئاللاھ زىرىكىش بىلەن سۈپەتلىنىدۇ" دەپ چۈشىنىلىدىغان زېرىكىشنىڭ مەنىسىدىكى كۈچلۈك قاراش بولۇپ، ئاللاھنىڭ زېرىكىشى بىزنىڭ زېرىكىشىمىزگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى بىزنىڭ چارچاش ۋە ھورۇنلۇقتىن ئېچىمىز پۇشىدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ زېرىكىشى ئۆزىگە خاس، ئۇلۇغلىقىغا لايىق بولغان سۈپەت بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا چارچاش ۋە ھورۇنلۇق يەتمەيدۇ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۈزىنى داغلاپ بەلگە قويۇلغان بىر ئېشەكنى كۆرۈپ، ئۇ ئىشقا نارازى بولدى. ئاندىن ئىبنى ئابباس: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئېشەككە بەلگە قويماقچى بولسام، يۈزىدىن باشقا يىرىگە بەلگە قويىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ ئېشىكىنىڭ كاسىسىغا داغلاتقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئابباس ئېشەكنىڭ كاسىسىغا داغلاپ بەلگە قويغان تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۈزىنى داغلاپ بەلگە قويۇلغان بىر ئېشەكنى كۆرۈپ، ئۇ ئىشقا نارازى بولدى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە: «ئۇنى قىلغان كىشىگە لەنەت قىلدى» دېيىلگەن. ھايۋانلارنى داغلاپ بەلگە قويۇش دېگەن چارۋىچىلىق بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ، چارۋىلارنىڭ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ھەر بىر قەبىلىنىڭ ئىككى دائىرە ياكى تۆت چاسا ياكى يۇمىلاق ياكى ئاي شەكىلدە ئايرىم بەلگىسى بولىدۇ، مۇھىمى ھەر بىر قەبىلىنىڭ ئۆزى بىلىدىغان ئايرىم بەلگىسى بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق ماللىرىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىدۇ، يۈتۈپ كەتكەن ماللىرىنىمۇ شۇ بەلگە ئارقىلىق تاپىدۇ، كىشىلەرمۇ بەلگىسىگە قاراپ بۇ پالانى قەبىلىنىڭ مېلى ئىكەن دەپ شۇلارغا خەۋەر بېرىدۇ. ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: يەنى ئىبنى ھىببان رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ تۆگىسى ياكى ئۇلىغىنىڭ يۈزىنى داغلىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغان، ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئەمدى ئۇلاغنىڭ يۈزىنى داغلىمايمەن دەپ ئۇلاغنىڭ ئىككى كاسىسىغا داغلىغان، ئۇلاغنىڭ يۈزىنى داغلاشتىن چەكلەنگەنلىكنى بىلگەندىن كېيىن ئېشەكنىڭ يۈزىدىن باشقا يەرنى داغلاشقا قەسەم قىلغان. ئىبنى ھىبباننىڭ ئىلگىرىكى رىۋايىتىدە: ئېشەكنىڭ كاسا تەرىپىنى داغلايمەن دەپ، ئىككى كاسىسىغا داغلىغان، ئۆزىنىڭ ئېشىكىنىڭمۇ ئىككى كاسىسىغا داغلىغان. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بەلگە قويۇشتا: قوينىڭ قۇلىقىغا، تۆگىنىڭ ۋە كالىنىڭ كاسىسىغا داغلاش ياخشى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ جاي قاتقان جاي بولۇپ ئاغرىقنى بەك ھېس قىلمايدۇ، ئۇ بەلگە كۆزگە ئوچۇق چېلىقىدۇ ۋە ئۇنىڭ پايدىسى بولسا: ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئايرىش ئۈچۈندۇر. ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇنجى قېتىم ئېشكىنىڭ كاسىسىغا داغلاتقان كىشىدۇر
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئارىسىدا ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل زات ئېدى».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەخلاقتا كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ مۇكەممەل زات ئېدى، بارلىق گۈزەل-ئەخلاقتا ھەممىنىڭ ئالدىدا ئېدى، سۆزنى چېرايلىق قىلاتتى، كۆپ ياخشىلىق قىلاتتى، ئوچۇق چېراي ئېدى، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن قول يىغاتتى، باشقىلاردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلاتتى.
سەئىد بىن ھىشام بىن ئامىر ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يىنىغا كىرگەندە مۇنداق دېدى: ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى! ماڭا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن بولسىلا؟ دېگەن ئېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: سەن قۇرئان ئوقۇمامسەن؟ دېدى، ئۇ كىشى: ئەلۋەتتە ئوقۇيمەن دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئېدى» دېدى.
ئۇزۇن ھەدىسنىڭ جۈملىسىنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغانمۇمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا سوئال سورالغاندا، ئۇ كىشىگە ئەتراپلىق بىر سۆز بىلەن جاۋاپ بەردى، سوئال سورىغۇچىنى مۇكەممەل سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى توپلىغان قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىم ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان، قۇرئان كەرىم بۇيرىغاننى تولۇق ئادا قىلاتتى، قۇرئان كەرىم چەكلىگەن نەرسىلەردىن يىراق بولاتتى، ئەخلاقى قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىش، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە توختاش، ئەدەپلىرى بىلەن ئەخلاقلىنىش، كەلتۈرگەن مىسال ۋە قىسسىلەردىن ئىبرەت ئىلىش ئېدى.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياغ كەيگەندە، چاچ تاراپ مايلىغاندا، تاھارەت ئالغاندا ۋە بارلىق ئىشلىرىدا ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەتلىرىدىن بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن، ئۇ بولسىمۇ؛ ئايىقىنى كېيىشتە، چېچىنى تاراشتا، تاھارەت ئېلىشتا، ۋە بارلىق ئىشلاردا ئوڭ تەرەپتىن باشلايتتى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ ئوخشىشىدىمۇ شۇنداق، كۆينەك، شىملارنى كېيىش، ئۇخلاش، يەپ-ئىچىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق ئىشلاردا ئوڭ تەرەپتىن قىلىش ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى پال ئېلىش ۋە ئوڭ تەرەپنى سول تەرەپتىن ئەۋزەل بىلگەنلىك. ئەمما ناپاك، مەينەت نەرسىلەردە بولسا سول تەرەپتىن باشلاش ئەۋزەل، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوڭ قول بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن، ئەۋرىتىنى تۇتۇشتىن توستى. ئوڭ قولنى پاكىز نەرسىلەر ئۈچۈن، سول قولنى ناپاك نەرىسلەر ئۈچۈن ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىمىلداقتا تۇرغان قىزدىنمۇ بەكراق ھايالىق ئىدى، ئەگەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرمىسا ئۇنى بىز چىرايىدىن بىلىۋالاتتۇق
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توي قىلمىغان قىزدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى، توي قىلمىغان قىز ئەڭ ھايالىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇ توي قىلمىغانلىقتىن ئەرلەر بىلەن ئارلىشىپ باقمىغاچقا ئۇنى چىمىلدىقىدا نۇمۇسچان بايقايسەن. رەسۇلۇللاھ بولسا ئۇنىڭدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى. رەسۇلۇللاھ ياقتۇرمايدىغان، تەبىئىتىگە ياقمايدىغان بىرەر ئىشنى كۆرسە چىرايىدا تەسىرى كۆرۈلەتتى
بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سەپەردىكى خۇپتەن نامىزىدا، بىر رەكەتتە «سۈرە تىن» نى ئوقۇدى، مەن ئۇنىڭدىنمۇ جاراڭلىق ۋە گۈزەل قىرائەت بىلەن ئوقۇغان بىرەرسىنى كۆرۈپ باقمىدىم
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇپتەن نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكىتىدە «سۈرە تىن» نى ئوقۇدى، چۈنكى ئۇ سەپەردە ئېدى. سەپەر دېگەندە ئۇنىڭ مۇشەققىتى ۋە ئېغىرلىقىنى يەڭگىللىتىشكە ۋە ئاسانلىق يارىتىشقا كۆڭۈل بۆلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇساپىر تۇرۇقلۇق قۇرئان ئاڭلىغاندا خۇشۇ - خۇزۇغا ئېلىپ بارىدىغان ئامىللارنى تاشلىمىدى، ئۇ بولسىمۇ: نامازدا تىلاۋەت قىلغاندا چىرايلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇش
ئابدۇللاھ ئىبنى مالىك ئىبنى بۇھەينە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇغاندا ئىككى قولىنى قولتۇقىنىڭ ئاقلىقى كۆرۈنگىدەك كېرەتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەجدە قىلغاندا ئىككى بېلىكىنى بېقىنىدىن يىراق تۇتاتتى، ئىككى قول سەجدىدە تايىنىش ۋە توغرا تۇرۇشى ئۈچۈن ئىككى بىلىكىنى بېقىنىدىنيىراق تۇتاتتى، ئىككى قولىنىڭ ئارلىقىنى كەڭ تۇتقانلىقتىن قولتۇقىنىڭ ئاقلىقى كۆرۈنەتتى. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىمام بولغاندا ياكى يالغۇز ناماز ئوقۇغاندىكى ئەھۋال، ئىقتىدا قىلغۇچى جەينىكى بىلەن يىنىدىكىلەرگە ئازار بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنداق قىلماسلىقى كېرەك