





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىمنى تەكرار قىلىپ تۇرۇڭلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسان قەلبىدىن قېچىشى باغلاقتىن قاچقان تۆگىنىڭ قىچىشىدىنمۇ تىزدۇر».
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن كۆپ تەكرار قىلىش ۋە دائىم تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىدى. بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئالاھىدە قەسەم قىلىپ تۇرۇپ تەكىتلىدى، ئىنسان قۇرئان كەرىمنى تەكرارلاپ تۇرمىسا باغلاقتىكى تۆگە باغلاقنى يېشىۋەتسە قاچقاندەك، ئۇ ئىنساننىڭ دىلىدىن ئۇنىڭدىنمۇ بەكراق قاچىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان قۇرئاننى تەكرارلاپ تۇرمىسا ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەنلىرىڭلاردۇر».
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنىنى بايان قىلىپ: ئۇ، قۇرئان كەرىمنى ئۆلچەملىك ئوقۇش، ياد قىلىش، چۈشىنىش ۋە ئىزاھلىرىنى ئۈگىنىش، ئۆزى ئۈگەنگەن قۇرئان كەرىم بىلىملىرىنى باشقىلارغا ئۈگىتىش بىلەن بىرگە ئەمەل قىلغان كىشىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋالماڭلار، ھەقىقەتەن شەيتان بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان ئۆيدىن ئۈركۈپ قاچىدۇ».
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيىھىسسالام ئۆيلەرنى نامازدىن خالى قويۇپ خۇددى ناماز ئادا قىلىنمايدىغان قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋېلىشتىن چەكلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتاننىڭ بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان ئۆيدىن ئۈركۈپ قاچىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا بۇ ئىككى ئايەت ئۇ كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ».
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەت ئوقۇسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى شۇ كېچىنىڭ يامانلىقىغا كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بەزى رىۋايەتلەردە: كېچىلىك قىيامغا كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن، ياكى باشقا بارلىق زىكىرلەرگە كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن ياكى ئەڭ ئاز بولغاندا كېچىدە قىيامدا تۇرغاندا ئوقۇيدىغان قۇرئان تىلاۋېتىگە كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا سۆزلەرمۇ بار. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇپ، كۇپايە قىلىدۇ دېگەن سۆز بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ، ‹ئەلىف، لام، مىم› بىر ھەرپ دېمەيمەن. لېكىن ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرىپ ئوقۇسا ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ بەدىلىگە بىر ياخشىلىق بولىدىغانلىقى، ئۇ ياخشىلىق ئون ھەسسە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ زىيادە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن: «‹ئەلىف، لام، مىم› بىر ھەرپ دېمەيمەن. لېكىن ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر»دېگەن سۆزنى بايان قىلىپ بۇ ئۈچ ھەرپنىڭ ساۋابىنىڭ ئوتتۇز ياخشىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق ھالەتتە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلاتتى».
بۇ ھەدىسنى بۇخارى كەسكىن پېئىلىغا تايىنىپ"سەھىھۇل بۇخارى" نامنلىق ئەسىرىدە (تەئلىيق) رىۋايەت قىلغانمۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشقا بەك ھېرىس ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقانداق ئورۇن، ۋاقىت ۋە ھالەتتە ئاللاھنى زىكىر قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن نامازنى ئۆزۈم بىلەن بەندەم ئارىسىدا يېرىمدىن تەقسىم قىلدىم، بەندەمگە سورىغاننى بېرىمەن، بەندە: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم ماڭا ھەمدۇسانا ئېيتتى دەيدۇ. بەندە: «ئاللاھ تائالا ناھايتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىكتۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم مېنى مەدھىيەلىدى دەيدۇ. بەندە: «قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم مېنى ئۇلۇغلىدى دەيدۇ، يەنە بىر قېتىم: بەندەم ئىشىنى ماڭا تاپشۇردى دەيدۇ. بەندە:«ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز» دېسە، ئاللاھ تائالا: بۇ مەن بىلەن بەندەم ئارىسىدىكى ئىشتۇر، بەندەمگە سورىغىنىنى بېرىمەن دەيدۇ. بەندە:«بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن» دېسە، ئاللاھ تائالا: بۇ بەندەم ئۈچۈن، بەندەمگە سورىغىنىنى بېرىمەن دەيدۇ».
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدە ئاللاھ تائالانىڭ پاتىھە سۈرىسىنى نامازدا ئۆزەم بىلەن بەندەم ئارىسىدا تەقسىم قىلدىم، يېرىمى مەن ئۈچۈن ۋە يېرىمى بەندەم ئۈچۈن دېگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. پاتىھەنىڭ بىرىنچى يېرىمى: ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ ئۇ كىشىنى ياخشى مۇكاپاتلايدۇ. ئىككىنچى يېرىمى بولسا: ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇش، دۇئا قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ ۋە سورىغان ھاجىتىنى بېرىدۇ. ناماز ئادا قىلغۇچى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم ماڭا ھەمدۇسانا ئېيتتى دەيدۇ. «ئاللاھ تائالا ناھايتى مېھرىبان ۋە شەپىقەتلىكتۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم مېنى مەدھىيەلىدى، ماختىدى، مەخلۇقاتلىرىمغا ئاتا قىلىدىغان ئومۇمى نېمەتنىڭ مېنىڭدىن بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى دەيدۇ. «قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم مېنى ئۇلۇغلىدى، بۇ چەكسىز شەرەپ دەيدۇ. «ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز» دېسە، ئاللاھ تائالا: بۇ مەن بىلەن بەندەم ئارىسىدىكى ئىشتۇر دەيدۇ. سۈرىنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمى «ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز»دېگەن ئايەتكىچە بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلۇھىيەتتە يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئىبادەت قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئىجابەت قىلىش بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئايەتنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن بولغان يېرىمى ئاخىرلىشىدۇ. سۈرىنىڭ بەندە ئۈچۈن بولغان ئىككىنچى يېرىمى بولسا: «سەندىنلا ياردەم سورايمىز» مەدەد، ياردەمنى ئاللاھتىنلا سوراش بولۇپ، ئاللاھ ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى. بەندە: بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن» دېسە، ئاللاھ تائالا: بۇ بەندەمدىن قىلىنغان دۇئا ۋە يالۋۇرۇشتۇر، بەندەمگە سورىغىنىنى بېرىمەن، تېلىكىنى ئىجابەت قىلىمەن دەيدۇ».
سەئىيد بىن مۇسەييىب ئاتىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ تالىپ سەكراتقا چۈشكەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن ئېدى، ئۇنىڭ يېنىدا ئەبۇ جەھىل ۋە ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييەنى كۆردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئەي تاغا! ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگىن، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇ سۆزنى سېنىڭ ئۈچۈن دەلىل قىلىمەن»دېدى، ئەبۇ جەھىل بىلەن ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييە ئۇنىڭغا: ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈمسەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسىغا تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېيتىشنى تەكرارلىدى، ئەبۇ جەھىل بىلەن ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييەمۇ:" ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈمسەن" دېگەن سۆزىنى تەكرارلىدى، ھەتتا ئەبۇ تالىپ ئاخىرىدا: مەن ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدا دېگەن سۆزنى دەپ ۋاپات بولدى، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگەن سۆزنى دېگىلى ئۇنىمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن چەكلەنمىسەم سەن ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن» دېدى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلىدى:﴿مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَنْ يَسْتَغْفِرُوا لِلْمُشْرِكِينَ﴾ تەرجىمىسى:«پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس» [سۈرە تەۋبە 113-ئايەت]. ئاللاھ تائالا ئەبۇ تالىپ توغىرسىدا بۇ ئايەتنى نازىل قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى: ﴿إِنَّكَ لا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ﴾ تەرجىمىسى:«شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ» [سۈرە قەسەس 56-ئايەت].
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىپ سەكراتقا چۈشكەندە يېنىغا كېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئەي تاغا! ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگىن، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇ سۆزنى سېنىڭ ئۈچۈن دەلىل قىلىمەن»دېدى، ئەبۇ جەھىل ۋە ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييە ئۇنىڭغا: ئەي ئەبۇ تالىپ! ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈمسەن دېدى، ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنى بۇتقا چوقۇنۇش، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئېدى. ئەبۇ تالىپ ئاخىرىدا: مەن ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدا دېگەن سۆزنى دەپ ۋاپات بولدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسىغا:«رەببىم مېنى چەكلىمىسىلا، سەن ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىمەن» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: «پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس» [سۈرە تەۋبە 113-ئايەت]. ئەبۇ تالىپ توغرىسىدا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: «شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ»[سۈرە قەسەس 56-ئايەت]. ھەقىقەتەن سەن ياخشى كۆرگەن كىشىڭنى ھىدايەتكە باشلىيالمايسەن، سېنىڭ ۋەزىپەڭ يەتكۈزۈش، ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ.
ئەبى مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇئمىن پورتۇقالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى تاتلىق ۋە تەمىمۇ تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇناپىق رەيھان گۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشپۇراق، تەمى ئاچچىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇناپىق ئاچچىق تاۋۇزغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى ئاچچىق بولىدۇ».
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرئان ئوقۇيالايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ تۈرىنى بايان قىلىپ بەردى: بىرىنچى تۈردىكى: قۇرئان ئوقۇيالايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىغان مۇئمىن دېگەن؛ رەڭگى چېرايلىق، تەمى تاتلىق ۋە خۇشپۇراق پورتىقال مېۋىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى كۆپ بولىدۇ، ئۇ كىشى ئوقۇغىنىغا ئەمەل قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۇ كىشىدىن مەنپەئەت ئالىدۇ. ئىككىنچى تۈرى: قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئمىن، بۇ كىشى خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق بولىدۇ، خۇددى خورما كىشىلەرگە خۇش پۇراق بىرەلمىسىمۇ ئۆزىنىڭ تەمىدە تاتلىق بىر تەمنى ئۆز ئېچىگە ئالغاندەك، مۇئمىننىڭ دىلىمۇ ئىماننى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۈچىنچى تۈردىكى: قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇناپىق، ئۇ رەيھان گۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى ئاچچىق، ئىمان بىلەن دىلى تۈزەلمىگەن، قۇرئان روھى بويىنچە ئەمەل قىلمىغان، كىشىلەر ئارىسىدا مۇئمىندەك كۆرۈنىدۇ، پۇرىقىنىڭ تاتلىق بولىشى ئوقۇغان تىلاۋېتىگە ئوخشايدۇ، تەمىنىڭ ئاچچىق بولىشى يوشۇرغان كۆپرىغا ئوخشايدۇ. تۆتىنچى تۈرى: قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇناپىق، بۇ توڭ تاۋۇزغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ھېچ بىر پۇرىقىمۇ يوق، تەمى ئاچچىق، پۇرىقىنىڭ بولماسلىقى قۇرئان ئوقۇيالماسلىقىغا ئوخشايدۇ، تەمىنىڭ ئاچچىقلىقى يوشۇرغان كۇپىرنىڭ زەھىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئېچى ئىماندىن خالى، سېرتقى كۆرۈنىشىدىمۇ مەنپەئەت يوق، بەلكى ئۇ ھەر تەرەپتىن زىيانلىقتۇر.