





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر كېچىسى ياتىدىغان ئورنىغا كەلگەندە، ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا سۈپلەپ ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ ئاندىن ئىككى ئالقىنى بىلەن بەدىنىدىن قولى يەتكەن جايلارنى سىلايتتى، ئالدى بىلەن بېشىنى، يۈزىنى، بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلايتتى، بۇنى ئۈچ قېتىم قىلاتتى.
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن: ئاخشىمى ئۇخلاش ئۈچۈن كۆرپىسىگە كەلگەندە ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ دۇئا قىلغاندا كۆتۈرگەندەك ئېگىز كۆتۈرۈپ ئازراق تۈپرۈك بىلەن يەڭگىل سۈپلاپ «ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس»سۈرىلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇپ ئاندىن ئىككى ئالقىنى بىلەن بەدىنىدىن قولى يەتكەن جايلارنى سىيلايتتى، بېشى، يۈزى ۋە بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلايتتى، بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرار قىلاتتى.
ئەدىي بىن ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىيلار غەزەپ قىلىنغانلار، خىرىستىيانلار ئازغۇنلار».
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ تائالا غەزەپ قىلغان قەۋم ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى چۈنكى ئۇلار ھەقنى تونۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدى. ناسارالار ئازغۇن قەۋم، چۈنكى ئۇلار ئىلىمسىز ئەمەل قىلدى.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: «هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ، وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ، وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ رَبِّنَا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ» تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى - خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ» [سۈرە ئال ئىمران 7-ئايەت]. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:« قۇرئاندىن مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگەشكەنلەرنى كۆرسەڭ ئەنە ئاشۇلار ئاللاھ تائالا دىلىدا ئەگىرلىك بار دەپ ئاتىغان كىشىلەردۇر، ئۇلاردىن ھەزەر قىلغىن».
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: «هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ رَبِّنَا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ»بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى، خەۋەر بەردى، قۇرئان كەرىمدە ئىپادىلىگەن مەنالىرى ئېنىق، ھۆكۈملىرى بىلىنگەن، ھېچ قانداق ئارىلىشىش بولمىغان ئايەتلەر بار، ئۇ بولسىمۇ قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر ۋە مەنبىيىدۇر، ئىختىلاپ بولغاندا شۇ ئايەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنىدۇ، قۇرئان كەرىمدە يەنە بىر قانچە مەناغا ئېھتىماللىقى بولغان ئايەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى بەزى كىشىلەرگە ئارىلىشىپ كېتىدۇ ياكى ئۇلار بۇ ئايەت بىلەن يەنە باشقا ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدا زىتلىق باردەپ ئويلاپ قالىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئايەتلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى، دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر مەنىسى ئوچۇق بولغان ئايەتلەرنى قويۇپ مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى تۇتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە قوزغاشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى - خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ، ئەمما ئىلىمدا توشقانلار بۇ مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى بىلىدۇ، ئۇ ئايەتلەرنى مەنىسى ئوچۇق بولغان ئايەتلەرگە قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئايەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن زىت بولىشى ياكى قارمۇ-قارشى بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ، لېكىن بىز زىكىر قىلغان ھۆكۈملەردىن پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېدى: مۇتەشابىھ يەنى مەنىسى ئوچۇق بولمىغان ئايەتلەرگە ئەگەشكەنلەرنى كۆرسىڭىز بىلىڭكى ئۇلار ئاللاھ تائالا: «دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر» دەپ ئاتىغانلار ئۇلاردىن ھەزەر قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماڭلار.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ : ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنىڭ ئىككى قۇلۇم بار، ئۇلار ماڭا يالغان سۆزلەيدۇ، خىيانەت قىلىدۇ، ئاسىيلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى تىللايمەن، ئۇرىمەن، قىيامەت كۈنىدە ئۇلاردىن مېنىڭ ئەھۋالىم قانداق بولار؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان خىيانىتى، ئاسىيلىقى ، يالغانچىلىقى ۋە سېنىڭ ئۇلارنى خاتالىقىنىڭ مىقدارىدا ئازابلىغانلىقىڭ سېلىشتۇرىلىدۇ، ئازاب ئۇلارنىڭ خاتالىقىغا مۇۋاپىق بولسا ساڭا مۇكاپاتمۇ ۋە جازامۇ كەلمەيدۇ، ئەگەر سېنىڭ ئۇلارنى جازالىشىڭ ئۇلارنىڭ خاتالىقىدىن تۆۋەنرەك بولسا بۇ سەندىن بولغان ئارتۇقچىلىقتۇر، ئۇلارنىڭ خاتالىقىدىن يۇقىرى بولغان بولسا، سېنىڭ ئارتۇق جازالىغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۈچۈن سەندىن قىساس ئېلىنىدۇ» دېدى، ئۇ كىشى بىر چەتكە ئۆتۈپ ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى «وَنَضَعُ الْمَوَازِينَ الْقِسْطَ لِيَوْمِ الْقِيَامَةِ فَلا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا» بىز قىيامەت كۈنىدە ئادىل بولغان تارازىنى قويىمىز، ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ دېگەن ئايىتىنى ئوقۇمىدىڭمۇ؟» دېدى، ئۇ كىشى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھ بىلەن قەسەم، مەن ۋە ئۇلار ئۈچۈن بولغان ئەڭ ياخشى ئىش: مېنىڭ ئۇلاردىن ئايرىلىشىم ئىكەن، سىلىنى گۇۋاھ قىلىمەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھۆر، ئۇلارنى ئازاد قىلىۋەتتىم دېدى.
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېنىغا كىلىپ قۇللىرىنىڭ ئىشلىرىدىن شىكايەت قىلپ ئۇلارنىڭ سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدىغانلىقى، ئامانەتكە خىيانەت قىلىدىغانلىقى، مۇئامىلىلەردە ئالدامچىلىق قىلىدىغانلىقى، بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق قېلىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇلارنى ئەدەپلەش ئۈچۈن دەشنام قىلىپ ئۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئىشلىرىغا قانداق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى سورىدى؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان خيانىتى، ئاسىيلىقى، يالغانچىلىقى بىلەن سېنىڭ ئۇلارنى جازالىغانلىقىڭ ھېساپ قىلىنىدۇ، ئەگەر سېنىڭ ئۇلارنى ئەدەپلىشىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا باراۋەر بولسا، ساڭا زېيانمۇ يوق ۋە پايدىمۇ يوق، ئەگەر سېنىڭ ئۇلارنى جازالىشىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن تۆۋەنرەك بولسا، بۇ سەن ئۈچۈن پەزىلەت ۋە ئەجىرنى زىيادە قىلىدۇ، ئەگەر سەن ئۇلارنى قىلمىشىدىن زىيادە جازالىغان بولساڭ، زىيادە جازاغا ئۇچرايسەن، ئارتۇق جازانىڭ مىقدارىغا سېنىڭ ياخشىلىقىڭ ئېلىنىپ ئۇلارغا بېرىلىدۇ» دېدى، ئۇ كىشى بىر چەتكە چېقىپ ئۈن سېلىپ يىقلاشقا باشلىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سەن ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى﴿وَنَضَعُ الْمَوَازِينَ الْقِسْطَ لِيَوْمِ الْقِيَامَةِ فَلا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا، وَإِن كَانَ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِّنْ خَرْدَلٍ أَتَيْنَا بِهَا ۗ وَكَفَىٰ بِنَا حَاسِبِينَ﴾ تەرجىمىسى: «قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز»دېگەن ئايىتىنى ئوقۇمىدىڭمۇ؟»قىيامەت كۈنىدە ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت تارازىسى بولىدۇ» دېدى. ئۇ كىشى: ھېساب بىلەن ئازاب ۋە ئازابتىن قورقۇپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ۋە ئۇلار ئۈچۈن بولغان ئەڭ ياخشى ئىش: مېنىڭ ئۇلاردىن ئايرىلىشىم ئىكەن، سىلىنى گۇۋاھ قىلىمەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ھۆر، ئۇلارنى ئازاد قىلىۋەتتىم دېدى.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: مۇشرىكلاردىن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە كۆپ زىنا قىلغان بىر بۆلۈك كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: سېنىڭ ئېيتقىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا چاقىرغىنىڭ ياخشى ئىش ئېكەن، بىزنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقىمىز ئىنتايىن كۆپ، ئۇنىڭغا كاپارەت بولىدىغان بىر ئىشتىن خەۋەر بەرگەن بولساڭ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن: ﴿وَالَّذِينَ لا يَدْعُونَ مَعَ اللهِ إِلَهًا آخَرَ وَلا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللهُ إِلا بِالْحَقِّ وَلا يَزْنُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ» [سۈرە پۇرقان 68-ئايەت] . يەنە: ﴿قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللهِ﴾ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» [سۈرە زۇمەر 53-ئايەت] نازىل بولدى.
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانمۇشرىكلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە كۆپ قېتىم زىنا قىلغان كىشىلەر ئېدى، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: سەن دەۋەت قىلىۋاتقان ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرى بەك ياخشى ئېكەن، لېكىن بىز ئادەم ئۆلتۈرۈش، زىنا قىلىش قاتارلىق چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلدۇق، بۇنىڭ كاپارىتى بارمۇ؟ دەيدۇ. ئاللاھ تائالا كىشىلەرنىڭ چوڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلغان تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ئىككى ئايەت نازىل بولغان، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا ئېدى، ئۇلار شېرىك كەلتۈرۈش، ھەددىدىن ئېشىش قاتارلىق خاتالىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىسلام دىنىغا كېرمىگەن بولاتتى.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككە پەتىھ قىلىنغان كۈنى كىشىلەرگە نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: « ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەردىن جاھىلىيەتنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرى، ئەجدادلىرى بىلەن پەخىرلىنىش قاتارلىق ئىللەتلەرنى يوق قىلىۋەتتى. ئىنسانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، ياخشى، تەقۋادار، ئاللاھنى سۆيگەن ئېسىل كىشىلەر. يەنە بىرى: پاسىق، بەختسىز، ئاللاھقا ئېتىبارسىز قارايدىغان كىشىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەۋلادىدۇر. ئاللاھ تائالا ئادەمنى توپىدىن ياراتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر» [سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت].
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانمەككە پەتىھ بولغان كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەردىن جاھىلىيەتنىڭ چوڭچىلىق، تەكەببۇرلۇق، ئاتا-ئەجدادىدىن پەخىر قىلىش قاتارلىق ئىللەتلەرنى يوق قىلدى، ھەقىقەتتە ئىنسانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى ئاللاھ تائالاغا تائەت -ئىبادەت قىلىدىغان، تەقۋادار ياخشى مۇئمىن بولۇپ، گەرچە ئۇ كىشى كىشىلەر ئارىسىدا ئابرۇيلۇق، ئېسىل نەسەپلىك كىشى بولمىسىمۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئېسىلدۇر. بىرى كاپىر، پاجىر، بەختسىز-شەقىيدۇر. گەرچە ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا يۈز-ئابرۇيلۇق، ئەمەل-مەنسىپى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارسىز، ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغان كىشىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاللاھ تائالا ئادەمنى توپىدىن ياراتتى، ئەسلى ماددىسى توپا بولغان بىر مەخلۇقنىڭ باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىشى، ئۆزىدىن پەخىرلىنىشى توغرا بولمايدۇ. بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى تەستىقلايدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.» [سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت].
زۇبەير بىن ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ﴾ تەرجىمىسى: «ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر» [سۈرە تەكاسۇر 8-ئايەت] دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، زۇبەير: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزنىڭ تۇرمۇش كۆچۈرۋاتقىنىمىز سۇ بىلەن خورمىدىن ئىبارەت بولغان ئىككى قارا نەرسە تۇرسا، قايسى نېمەتتىن سوئال قىلىنىمىز؟دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ھازىر نېمەتلىنىۋاتقان بۇ ئىككى نەرسىدىن چوقۇم سوئال-سوراق قىلىنىسىلەر» دېدى.
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ئايەت نازىل بولغاندا: ﴿ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ*﴾ تەرجىمىسى: «ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر». يەنى: ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ شۈكىرسىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ بۇنىڭدىن سورىلىسىلەر. زۇبەير بىن ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز قايسى نېمەتتىن سوئال-سوراق قىلىنىمىز؟! بىز نېمەتلىنىۋاتقىنىمىز سوئال سورالغىدەك نەرسە ئەمەس، ئۇ نەرسىلەر خۇرما بىلەن سۇدىن ئىبارەتقۇ؟دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «سىلەر ياشاۋاتقان مۇشۇ ھالەتتىكى نېمەتلەردىن سوئال سوراق قىلىنىسىلەر، سۇ بىلەن خورما بولسا ئاللاھنىڭ كاتتا نېمەتلىرىدىن بولغان بىر نېمەتتۇر» دېدى.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلاردىن بىرنى قوشۇن بېشى قىلىپ بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشى نامازنىڭ ھەر ئىككىنچى رەكەتىگە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد» سۈرىسىنى ئوقۇدى، قوشۇن قايتقاندا ساھابىلەر رەسۇلۇللاھقا بۇ ئىشنى دېدى، رەسۇلۇللاھ: ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن قىلغانلىقىنى سوراڭلار؟ دېدى. ئۇلار سورىغاندا، ئۇ كىشى: ئۇ سۈرىدە ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنىڭغا دەپ قويۇڭلار، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلاردىن بىرنى قوشۇنغا باش قىلىپ ئۇ قوشۇننى بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئىشلار قالايمىقان بولماسلىقى ئۈچۈن، ئىچىدە تالاش-تارتىشنى ئايرىش ۋە ئۇلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن دىيانەت ۋە ئىلىم-مەرىپەت، جەڭ تاكتىكىسىدا ئەڭ ئىقتىدارلىق بىر كىشىنى قوماندان قىلىپ تاللىدى، قوماندان ئىلىم ئىگىسى ۋە تەقۋادار بولغانلىقتىن نامازدا ئىمام بولاتتى، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرىنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن نامازنىڭ ھەر ئىككىنچى رەكەتىگە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد» سۈرىسىنى ئوقۇيتى، چۈنكى ھەركىم ياخشى كۆرگىنىنى كۆپ ئەسلەيدۇ، ساھابىلار غازاتتىن قايىتقاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇ ئىشنى ئېيتتى. رەسۇلۇللاھ: ئۇنىڭدىن سوراڭلار؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدى؟ ياكى مەقسەتسىز قىلدىمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟ دېدى. قوماندان بولغۇچى: ئۇ سۈرىدە ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى بولغانلىقتىن كۆپ ئوقۇيمەن، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇ كىشىگە دەپ قويۇڭلار ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇنىڭغا دەلىل بولغان بۇ سۈرىنى كۆپ ئوقۇغانلىقتىن ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى. بۇ نېمە دېگەن بەخىت-ھە
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قۇرئاننى يادقا ئالغان كىشىنىڭ ھالى باغلاقلىق تۆگىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بولسە چىڭ تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر سەل قارىسا كېتىپ قالىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىستە «قۇرئان ساھىبى» دەپ كەلگەن بۇنىڭ مەنىسى قۇرئان كەرىمنى يادقا ئالغان كىشى (قارى) دېگەن مەنىدە. «باغلانغان تۆگە ئىگىسىگە ئوخشايدۇ» يەنى ئارقان بىلەن باغلانغان تۆگە مەنىسىدە. رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئورتاقلىق نوقتىسىنى بايان قىلىپ بەرگەن. تۆگە ئىگىسى تۆگىسىنى باغلاش ۋە دېققەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تۇرۇشتەك ئىشلارنى قىلىپ تۇرسا تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئەگەردە ئارقاننى بوشىتۇپ ئۇنى تاشلاپ قويسا تۆگە كېتىپ قالىدۇ. قۇرئاننى يادقا ئالغان كىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، قۇرئاننى ئىزچىل تىلاۋەت قىلىپ تۇرسا، تەكرار قىلسا زىھنىدە تۇرىدۇ. ئەگەر تىلاۋەت قىلماي تاشلاپ قويسا قۇرئاننى ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، قۇرئان ئىسىدىن كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى جاپا مۇشەققەتلىك بولىدۇ. خۇددى تۆگىنى ئارقان بىلەن چىڭ، مەھكەم باغلىغاندا ئۇنى تۇتۇپ تۇرغىلى بولغاندەك، قۇرئان ئىزچىل تىلاۋەت قىلىنسا ئۇنىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە ئالاھىدە تۆگىنى مىسال قىلىپ تىلغا ئېلىشى تۆگە ھايۋانلار ئىچىدە تىز قېچىپ كېتىدىغان، قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى تۇتۇش قېيىن بولىدىغان ھايۋان بولغانلىق سەۋەبىدىندۇر