





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن نەجدە تەرەپكە غازاتقا چىقتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غازاتتىن قايتقان ۋاقىتتا ساھابىلارمۇ بىللە قايتتى، چۈش بولغاندا ئۇلار دەرەخلىرى قويۇق بىر جىلغىغا كەلدى، رەسۇلۇللاھ شۇ يەرگە چۈشتى، كىشىلەرمۇ دەرەخ سايىسىدا سايىداش ئۈچۈن تارالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر تۈپ سەمۇرە دەرىخىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ ئۇنىڭغا قىلىچىنى ئاستى، بىز ئۇخلىدۇق، بىر چاغدا بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاقىردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىدا بىر ئەئرابى تۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن ئۇخلاۋاتسام قىلىچىمنى غىلاپتىن چىقىرىپتۇ، ئويغانسام قىلىچ ئۇنىڭ قولىدا پارقىراپ تۇرۇپتۇ، ئۇ ماڭا: «سېنى مەندىن كىم ساقلاپ قالالايدۇ؟» دېدى، مەن ئۈچ قېتىم: «ئاللاھ» دېدىم دېدى، ئەئرابى بىر چەتتە ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى جازالىمىدى. «بىرلىككە كەلگەن ھەدىس». يەنە بىر رىۋايەتتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن«زاتىرىقا» دېگەن جايدا بىللە ئىدۇق، بىز سايىلىك بىر دەرەخنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويدۇق، ئاندىن بىر مۇشرىك كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلىچى دەرەخكە ئېسىقلىق ئىدى، ئۇ مۇشرىك قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ: «مەندىن قورقامسەن؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق» دېدى، مۇشرىك:«سېنى مەندىن كىم ساقلاپ قالالايدۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ» دېدى. ئەبۇبەكرى ئىسمائىلىينىڭ كىتابىدىكى رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئۇ مۇشرىك: «سېنى مەندىن كىم ساقلاپ قالالايدۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ» دېدى، شۇئان قىلىچ ئۇنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلىچنى قولىغا ئىلىپ: «سېنى مەندىن كىم ساقلاپ قالىدۇ؟» دېدى، مۇشرىك: «ئەسىر ئالغۇچىنىڭ ياخشىسى بولغىن!» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا ۋە مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بىرەمسەن؟» دېدى، مۇشرىك: «ياق، لېكىن سەن بىلەن ئۇرۇشماسلىققا ۋە سەن بىلەن ئۇرۇشقانلار بىلەن بىللە بولماسلىققا ۋەدە قىلاي» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى قويىۋەتتى، ئۇ ھەمراھلىرىنىڭ قېشىغا كېلىپ: «مەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىنىڭ قېشىدىن كەلدىم» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە غازات قىلغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن، بۇ غازات تارىخ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا «زاتىرىقا» دەپ تونۇلغان ئىدى، ئۇلار غازاتتىن قايتىش جەريانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈش ۋاقتىدا تىكەنلىك دەرەخلەر كۆپ بىر جايغا چۈشتى، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سايە جاي ئىزدەپ ھەر تەرەپ كېتىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەمۇرە دەپ ئاتىلىدىغان دەرەخنىڭ سايىسىغا چۈشۈپ، قىلىچىنى دەرەخ شېخىغا ئېسىپ قويۇپ ئۇيقۇغا كەتتى، ساھابىلارمۇ ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى، شۇ پەيىتتە مۇشۇ ئۇرۇشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇرۇش قىلغان قەبىلىدىن بولغان بىر ئەئرابى يوشۇرۇن كەلدى، بۇنى ھېچ كىم تۇيمىدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلىچىنى تۇيدۇرماي ئالغان چىغىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئويغاندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىن: «مەن ئۇخلاۋاتقاندا بۇ قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغاردى، مەن ئويغاندىم» ئەئرابى قىلىچ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغاچقا: «سىنى ئۆلتۈرمەكچى بولسام سىنى مەندىن كىم توسۇپ قالالايدۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋابەن: «ئاللاھ» دەپ ئۈچ قىتىم تەكرارلىدى، بۇنىڭ مەنىسى: «ئاللاھ بىزنى سەندىن ھىمايە قىلىدۇ» دېگەنلىك بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئاللاھقا ئىشەنچ قىلىپ، تەۋەككۇل قىلىپ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ دېگەن ئىدى، كاپىرنىڭ قولىدىن قىلىچ يەرگە چۈشۈپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال قىلىچنى ئېلىپ ئۇنىڭغا: «مەن سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولسام سىنى مەندىن كىم ساقلاپ قالالايدۇ؟» دېدى، كاپىر جاۋابەن: «ئەسىر ئالغۇچىنىڭ ياخشىسى بولغىن» دېدى، مەقسىدى: ئەپۇ، كەچۈرۈم ، يامانلىقى بەدىلىگە ياخشىلىق تەلەپ قىلىش ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقلىقىغا ۋە مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بىرەمسەن» دېدى، ئۇ كاپىر: «ياق» دەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئۇرۇش قىلماسلىق ۋە ئۇرۇش قىلغانلار بىلەنمۇ بىللە بولماسلىق توغىرسىدا ۋەدە بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قويىۋەتتى، ئۇ ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ: «مەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىنىڭ يىنىدىن كەلدىم» دېدى، ئىش مۇشۇ كاپىرنىڭ ئېيتقىنىغا ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن ئەخلاق-پەزىلەتتە كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىدى، بۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئۇنى: {سەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگە سەن} دەپ پاكلىغىنى يىتەرلىكتۇر
ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سەپەر قىلىپ كېچىدە يول يۈرۈپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئارام ئېلىش ئۈچۈن توختىدۇق، بۇنداق ۋاقىتتا مۇساپىر ئۈچۈن ئارام ئېلىشتىن بەكراق ھۇزۇر بولمىسا كېرەك. بىز قۇياشنىڭ ئىسسىقىدا ئويغاندۇق، ئاۋۋالدا پالانى ئاندىن پالانى ئاندىن پالانى ئاندىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئويغاندى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇخلىغاندا ئۆزى ئويغانغانغا قەدەر ئۇنى ھېچ كىشى ئويغاتمايتتى، بىز ئۇنىڭغا چۈشىدە نېمە ئىشلارنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئويغۇنۇپ كىشىلەرگە يەتكەن ئەھۋالنى كۆردى، ئۇ بەك كەسكىن ئادەم ئېدى، ئۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ تەكبىر ئېيتتى، ھەتتا ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئويغانغانغا قەدەر ئاۋازىنى ئۈنلۈك قىلىپ تەكبىر ئېيتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئويغانغان ۋاقىتتا كىشىلەر يۈز بەرگەن ئىشتىن شىكايەت قىلىشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھېچ گەپ يوق، يۆتكىلىڭلار» دېدى ۋە ئورنىدىن قوزغىلىپ ئانچە ئۇزۇن ماڭماستىن بىر جايغا چۈشتى، تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن سۈ كەلتۈرۈلدى، تاھارەت ئالدى، نامازغا چاقىرىلدى، كىشىلەر بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇدى، نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇماي بىر چەتتە تۇرغان بىر كىشىنى كۆرۈپ: «ئى پالانى نېمە ئۈچۈن جامائەت بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇمايسىز؟» دېدى، ئۇ كىشى: ئېھتىلام بولۇپ قالدىم، سۇ يوق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاكىز توپا بىلەن تەيەممۇم قىلغىن، ئۇ ساڭا كۇپايە قىلىدۇ» دېدى. ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا چىقتى، كىشىلەر ئۇسسۇزلۇقتىن شىكايەت قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ تۆگىسىدىن چۈشۈپ ساھابىلاردىن بىرىنى ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىرىپ: «سۇ تېپىپ كېلىڭلار» دېدى. ئۇلار سۇ ئىزدەپ كېتىۋاتقاندا، تۆگىسىگە ئىككى تۇلۇم سۇ ئارتىپ كېتىۋاتقان بىر ئايال بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇلار ئۇ ئايالدىن: سۇنى قەيەردىن ئالدىڭ؟ دەپ سورىدى، ئۇ ئايال: بۇ سۇنى تۈنۈگۈن مۇشۇ ۋاقىتتا سۇ بار يەردىن ئالغان، بۇ سۇنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلار بار دېدى، ئىككەيلەن ئۇ ئايالغا: ئۇنداق بولسا بىز بىلەن ماڭ دېدى، ئۇ ئايال: نەگە؟ دېدى، ئۇلار: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا دېدى، ئۇ ئايال: كىشىلەرنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتتى دېگەن ئادەممۇ؟دېدى، ئىككەيلەن: سەن دېگەن كىشى شۇ، ماڭغىن دېدى، ئىككەيلەن ئۇ ئايالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئىلىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان دىئالوگنى سۆزلەپ بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «تۇلۇمنى تۆگىدىن چۈشۈرۈڭلار» دېدى ۋە قاچا تەلەپ قىلدى، تۇلۇمنىڭ ئېغىزىدىن قاچىغا سۇ قۇيدى، ئاندىن تۇلۇمنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ كىشىلەرنى سۇ ئىچىڭلار، ئۇلاغلىرىڭلارنى سۇغۇرىۋىلىڭلار دەپ چاقىردى، خالىغان كىشىلەر سۇ ئىچتى، خالىغان كىشىلەر ئۇلاغلىرىنى سۇغاردى، ئاخىرىدا ئېھتىلام بولۇپ قالغان كىشىگە قاچىدىكى سۇنى بېرىپ: «بېرىپ يۇيۇنۇپ كەلگىن» دېدى. ئۇ ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن ئالغان سۇ بىلەن قىلغان ئىشلىرىغا قاراپ تۇراتتى، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قاچىدىن قولىنى ئالغاندا بىزگە قاچىدىكى سۇ دەسلەپتە تۇلۇمدىن قۇيغاندىنمۇ كۆپرەك بىلىندى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئايالغا بىرنەرسە توپلاپ بېرىڭلار دېدى، ساھابىلار يانلىرىدا بار بولغان خورما، ئۇن ۋە تالقان قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن توپلاپ بىر پارچە رەختكە ئوراپ ئۇ ئايالنىڭ تۆگىسىگە ئارتىپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بىز سىزنىڭ سۇيىڭىزدىن ھېچ نەرسىنى كىمەيتمىدۇق، لېكىن بىزنى ئاللاھ سۇغاردى دېدى. ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ مەھەللىسىگە كېچىكىپ كەلدى، ئائىلىسىدىكىلەر: ئى پالانى! نېمە ئۈچۈن كېچىكىپ قالدىڭىز؟ دېگەن ئىدى، ئۇ ئايال: قىززىق ئىش! يولدا ماڭا ئىككى ئادەم ئۇچرىدى، ئۇلار مىنى كىشىلەرنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتتى دېگەن ھىلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا ئىلىپ كەلدى، ئۇ ئادەم مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلدى دېدى،ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىدا ئاسمانغا ئىشارە قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ بۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ماھىر سېھرىگەر، ياكى ئۇ ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبىرى ئىكەن دېدى، كىيىن مۇسۇلمانلار ئاشۇ ئايالنىڭ مەھەللىسى ئەتراپىدىكى مۇشرىكلارغا ھۇجۇم قىلاتتى، ئەمما ئۇ ئايالنىڭ مەھەللىسىدىكى ھىچ بىر ئۆيگە چىقىلمىدى، ئۇ ئايال بىر كۈنى ئۆز مەھەللىسىدىكىلەرگە: ھەقىقەتەن ئاۋۇلار سىلەرنى ئىسلامغا چاقىرىدۇ، سىلەر مۇسۇلمان بولمامسىلەر؟ دېدى، ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ سۆزىگە قۇلاق سىلىپ، ھەممىسى مۇسۇلمان بولدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىس ساھابىلارغا نامايەندە بولغان مۆجىزاتلار ۋە بىر بۆلەك ئەھكاملارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى: ئۇلار سەپەر ئۈستىدىكى ۋاقىتتا ئۇيقۇ غالىپ كېلىپ ئۇخلاپ قالدى، ئۇلار نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكەندە ئويغاندى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇشۇنداق ھالەتتە ئۇلارغا ئەڭ زۆرۈر بولغان ئىشنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا ئالدىراشتىن ئىبارەت، يەنە بىر مەسىلە، ساھابىلار ئارىسىدا ئېھتىلام بولۇپ قالغان بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يۇيۇنغۇدەك سۇ يوق ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى توپا بىلەن تەيەممۇم قىلىشقا بۇيرىدى. بۇنىڭدىن سۇ بولمىغان ئەھۋالدا تەيەممۇمنىڭ غۇسلىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغانلىقى نامايەن بولدى. ئۈچىنچى ئىش بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولۇپ، كىشىلەر سۇ يوق ئۇسسۇزلۇقتىن شىكايەت قىلىشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ساھابىلارنى ئەۋەتتى، ئۇلار سۇ تاپالماي، ئىككى تۇلۇمدا سۇ ئىلىپ كېتىۋاتقان بىر ئايالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنىڭ تۇلۇمىدىن بىر قاچا سۇنى ئېلىپ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلدى، سۇ قاچىدىن بۇلدۇقلاپ چىقىشقا باشلىدى، ساھابىلار ئۇسسۇزلۇقلىرىنى قاندۇرۇشتى، ئۇلاغلىرىنى سۇغاردى، ھەتتا جۇنابەت بولۇپ قالغان ساھابىمۇ شۇ سۇدىن ئېلىپ يۇيۇندى. ئاندىن ئۇ ئايال سۇ قاچىلانغان تۇلۇمنى ئېلىپ : مەن تۇلۇمغا قارىسام تۇلۇمنىڭ سۈيى مەن ئۇنىڭغا سۇ قاچىلىغان ۋاقىتتىكىدىنمۇ لىقراق تۇرىدۇ دېدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ساھابىلارنى يانلىرىدىكى يېمەكلىكلەردىن بېرىشكە بۇيرىدى، بۇ ئىش ئۇ ئايالنىڭ ۋە ئۇنىڭ مەھەللىسىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولىشىغا سەۋەپ بولدى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك غازىتىدىن قايتىپ، قورال-ياراقلىرىنى قويۇپ، غۇسلى قىلىۋاتقاندا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: قورالنى قويۇپ بولدۇڭمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز تېخى قورالىمىزنى قويمىدۇق، ئۇلارتەرەپكە ئاتلان! دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نەگە؟» دەپ سورىغانىدى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: ئاۋۇ تەرەپكە دەپ، بەنى قۇرەيزە تەرەپنى ئىشارەت قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال ئۇلار تەرەپكە ئاتلاندى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك غازىتىدىن قايتقاندا (ئۇ بولسا ئەھزاب غازىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ غازاتتا ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرەيش كاپىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياردەم قىلغانلار ئۈستىدىن ياردەم بەرگەن) ئۆيىگە كىرىپ، قورالىنى قويۇپ، جەڭنىڭ چاڭ-توزاڭىدىن غۇسلى قىلىۋاتقاندا، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: سەن قورالنى قويۇپ بولدۇڭ، لېكىن پەرىشتىلەر قورالىنى ئېسىپ، تېخىغىچە قويمىدى،-دېدى، ئاندىن بەنى قۇرەيزە بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن چىقىشقا بۇيرىدى، ئۇلار مەدىنە ئەتراپىدىكى يەھۇدىلاردىن بىر جامائەت بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۈزگەن شەرتنامىنى بۇزۇپ، كاپىرلارغا ياردەم بەرگەن ئىدى، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن بىرگە بولغان ساھابىلەر بىلەن چىقىپ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدى، ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە ئاتا قىلدى
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر كۈنى ماڭا بايراقنى بەرگەندە يۈزۈمنى سۈرتۈپ، كۆزۈمگە تۇكۇرۇكىنى سۈرۈپ قويغاندىن بېرى كۆزۈممۇ ۋە بېشىممۇ ئاغرىپ باقمىدى
ئەبۇ يەئلا"مۇسنەد ئەبۇ يەئلا" ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەيبەر غازىتىدا كۆز ئاغرىقىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى چاقىرىپ يۈزىنى سۈرتۈپ، كۆزىگە تۈكۈرۈكىنى سۈرىۋىدى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ساقايدى، ئاندىن ئۇنىڭغا بايراقنى تۇتقۇزدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا خەيبەر پەتھىسىنى بەردى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رەسۇلۇللاھ خەيبەر كۈنى يۈزىنى سۈرتۈپ، تۈكۈرۈكى بىلەن كۆزىنى سۈرۈپ قويغاندىن بېرى كۆزىمۇ ۋە بېشىمۇ ئاغرىپ باقمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېنىق مۆجىزىلىرىدىن بىرى ئىدى
ئەبۇ ئەئلا ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: قەتادە ئىبنى مىلھان سەكراتقا چۈشكەندە مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئىدىم، ھويلىنىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدىن بىر كىشى ئۆتتى، مەن قەتادىنىڭ يۈزىگە قارىسام، ئۇنىڭ يۈزى مايلاپ پاقىرتىۋەتكەندەك كۆرۈندى دەيدۇ
ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ ئەلا ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەتادە ئىبنى مىلھان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەكراتقا چۈشكەندە يېنىدا ئىدى، شۇ ۋاقىتتا ھويلىنىڭ چەت تەرىپىدىن بىر كىشى ئۆتتى، بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ ئەلا قەتادىنىڭ يۈزىنى ئەينەكتەك سۈزۈك كۆردى، ئۇنىڭ چېرايى نۇرلۇق، پارقىراق ۋە سۈزۈكلۈكتە ماي سۈرتكەندەك پارقىرايتتى، بۇنىڭ سەۋەبى: بۇرۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەتادىنىڭ يۈزىنى سىلىغان، قەتادىنىڭ يۈزىنىڭ پارقىرىشى ۋە سۈزۈكلۈكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى سىلىغانلىقىنىڭ بەرىكىتىدىن ھاسىل بولغان
ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى يۇيغاندا مىيىتتا كۆرىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئىزدەپ تاپالماي: دادام خۇشپۇراق زاتقا پىدا بولسۇن! ھاياتلىرىدا خۇشپۇراق ئىدىلە، ۋاپات بولغاندىمۇ خۇشپۇراق بولدىلا،-دېدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مېيىتىنى يۇيۇش ئۈچۈن يېنىغا كەلگەندە، باشقا ئادەتتىكى كىشىلەردىن چىقىدىغان چوڭ-كىچىك تەرەت ۋە ھەر خىل پۇراقتەك نەرسىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىنىدە بارمىدۇ دەپ قارىغان، چۈنكى مېيىتنىڭ مۇسكۇللىرى بوشۇشۇش نەتىجىسىدە ئادەم بەدىنىدىن ھەر خىل نەرسىلەر كېلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئەلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىنىدىن بۇنداق نەرسىلەرنى تاپالمىغان ۋە: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دادام سىلىگە پىدا بولسۇن! سىلى ھەر زامان خۇشپۇراق، ھاياتلىرىدا خۇشپۇراق ئىدىلە، ۋاپاتلىرىدىمۇ خۇشپۇراق بولدىلا! دېگەن
ئاسىم ئەھۋەل ئابدۇللاھ ئىبنى سەرجىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا سىلىگە مەغپىرەت قىلسۇن، دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ساڭىمۇ ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلسۇن. دېدى. ئاسىم: مەن ئابدۇللاھقا، ساڭا رەسۇلۇللاھ مەغپىرەت تىلىدىمۇ؟ دېسەم. ئۇ: شۇنداق ساڭىمۇ مەغپىرەت تىلىدى، دەپ بۇ ئايەتنى ئوقىدى: ساڭا رەسۇلۇللاھ مەغپىرەت تىلىدىمۇ؟ دېسەم، ئۇ: شۇنداق ساڭىمۇ مەغپىرەت تىلىدى، دەپ بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: (واستغفر لذنبك وللمؤمنين والمؤمنات) تەرجىمىسى: «گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر-ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن». سۈرە مۇھەممەد 19-ئايەت
نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئابدۇللاھ ئىبنى سەرجىس مۇنداق بايان قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا سىلىگە مەغپىرەت قىلسۇن، دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ساڭىمۇ ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلسۇن. دېدى. ئاسىم: مەن ئابدۇللاھقا، ساڭا رەسۇلۇللاھ مەغپىرەت تىلىدىمۇ؟ دېسەم. ئۇ: شۇنداق ساڭىمۇ مەغپىرەت تىلىدى، دەپ بۇ ئايەتنى ئوقىدى: (واستغفر لذنبك وللمؤمنين والمؤمنات) تەرجىمىسى: «گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر-ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن». سۈرە مۇھەممەد 19-ئايەت