





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئىبراھىم ھەققىدىكى ﴿پەرۋەردىگارىم! ئۇلار «يەنى بۇتلار» نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، كىمكى ماڭا ئەگەشسە ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر﴾ دېگەن ئايەت بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى ﴿ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر «ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن» ساڭا ھېچ كىم تەئەررۇز قىلالمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئىشىڭدا غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! ئۈممىتىم، ئۈممىتىم» دەپ يىغلاپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا: ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بارغىن، «ھالبۇكى، رەببىڭ ئۇنىڭ ھالىنى ئوبدان بىلىدۇ» ئۇنىڭدىن نېمىشقا يىغلاۋاتقىنىنى سورىغىن؟ دېدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جىبرىئىلغا يۇقىرىقى سۆزىنى ئېيتتى، ئاللاھ تائالا: ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: “بىز سېنى ئۈممىتىڭ ھەققىدە رازى قىلىمىز، سېنى غەم-قايغۇدا قالدۇرمايمىز، دېگىن! دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ: پەرۋەردىگارىم! ئۇلار «يەنى بۇتلار» نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، كىمكى ماڭا ئەگەشكەن ئىكەن، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر. دېگەن ئايەت بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئى ئاللاھ! ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر «ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن» ساڭا ھېچ كىم تەئەررۇز قىلالمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئىشىڭدا غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېگەن ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، قولىنى كۆتۈرۈپ يىغلىدى ۋە: ئى ئاللاھ! ئۇممىتىم، ئۇممىتىم» دېدى. يەنى ئۇلارغا رەھىم قىلغىن، گۇناھلىرىنى كەچۈرگىن، دېدى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نىمىگە يىغلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ جىبرىئىلغا: مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمىشقا يىغلاۋاتقىنىنى سورىغىن؟ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىبرىئىلغا يۇقىرىقى سۆزىنى ئېيتتى. ئاللاھ تائالا: ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: “بىز سېنى ئۈممىتىڭ ھەققىدە رازى قىلىمىز، سېنى غەم-قايغۇدا قالدۇرمايمىز، دېگىن! دېدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى ئۈممىتى ھەققىدە كۆپ تەرەپلەردىن رازى قىلدى، ئەجرىنىڭ كۆپ بولىشى، دۇنياغا كېيىن كېلىپ ئاخىرەتتە بۇرۇن جەننەتكە كىرىشى، باشقا ئۈممەتلەرگە قارىغاندا كۆپ پەزىلەت بىلەن ئىمتىيازلىق قىلىنغانلىقى شۇ ئىشلاردىندۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: پاچاق ياكى قول گوشىگە تەكلىپ قىلىنساممۇ بارغان بولاتتم، قول گۆش ياكى پاچاق سوۋغا قىلىنسىمۇ قوبۇل قىلغان بولاتتىم
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ گۈزەل ئەخلاقى، كەمتەرلىكى ۋە كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئايايدىغانلىقى، ھەدىيە قىلنغان نەرسە ئاددى بولسىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، بىرەر كىشىنىڭ ئاز ۋە ئاددى نەرسىلەر ئۈچۈن ئۆيىگە زىياپەتكە چاقىرغانلىقىنى بىلسىمۇ رەت قىلمايدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن، چۈنكى چاقىرغان يەرگە بېرىش، ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىشتىكى مەقسەت تەكلىپ قىلغۇچى بىلەن يىقىنلىشىپ، دوسلۇقنى كۈچەيتىش، گەرچە ئاز كۆرمىسىمۇ، ھەدىيەنى رەت قىلىپ، چاقىرغان يەرگە بارمىغاندا نەپرەتلىنىپ، ئاداۋەت پەيدا بولىدۇ. بۇ ھەدىستە ئاددى نەرسە بىلەن قىممەتلىك نەرسىنى بىرلەشتۈرۈپ پاچاق بىلەن قول گۆش ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى، چۈنكى رەسۇلۇللاھ باشقا گۆشلەرگە قارىغاندا قول گۆشنى ئالاھىدە ياخشى كۆرەتتى، پاچاق بولسا ئۇنچە قىممەتلىك نەرسە ئەمەس
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز قولى بىلەن ھېچ نەرسىنى ئۇرۇپ باققان ئەمەس، ئايالىنىمۇ، خىزمەتچىسىنىمۇ ئۇرۇپ باقمىغان. پەقەت ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغاندىلا دۈشمەننى ئۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچ كىمدىن ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەت ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمايتتى، پەقەت ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھاراملىقى ئېتىبارغا ئېلىنمىسا، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئىنتىقام ئالاتتى" دەپ، رىۋايەت قىلىندى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ھېچ قانداق بىر ۋاقىتتا بىرەر ھايۋان ياكى باشقا نەرسىلەرنى، ئاياللىرىنى ۋە خىزمەتچىلىرىنىمۇ ئۇرمىغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىن بولۇپ، چۈنكى كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ ئادىتىدە ئاياللىرى بىلەن خىزمەتچىلىرىنى ئۇرۇش ئادەت بولۇپ قالغان، مۇشۇنداق ئادەت تۇرۇقلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن خىزمەتچىسىنى ئۇرمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەلۋەتتە باشقا جانلىقلارنىمۇ ئۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغاندا دۈشمەنلەرنى ئۇراتتى، ھېچ كىشىدىن ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەت ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمايتتى، ئوھۇد ئۇرۇشىدا كاپىرلار ئۇنىڭ بېشىنى يېرىۋەتتى، ئۇتتۇر چىشىنى سۇندۇرىۋەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئەزىيەتلەر كەلدى، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى، بولدى قىلىۋەتتى، كەڭ قورساقلىق قىلدى، ھېچ كىشىدىن ئىنتىقام ئالمىدى، پەقەت ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھاراملىقى ئېتىبارغا ئېلىنمىسا، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئىنتىقام ئالاتتى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: سىلىگە ئوھۇد كۈنىدىنمۇ ئېغىرراق كۈن كەلگەنمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن قەۋمىڭىزدىن كۈلپەتلەرگە يولۇققان، مەن ئۇلاردىن يولۇققان ئەڭ ئېغىرى ئەقەبە كۈنىدىكى كۈلپەتتۇر، ئۇ كۈنى مەن ئەبدى يالىلنىڭ ئوغلىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدىم، ئۇ مېنىڭ دەۋىتىمگە ئاۋاز قوشمىدى، شۇنىڭ بىلەن غەمكىنلىك چىرايىمغا چىققان ھالدا مېڭىۋىرىپ «قەرنى سەئالىب» دېگەن جايدا ئىسىمگە كەپتىمەن، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ماڭا بىر بۇلۇت سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ، قارىسام ئۇنىڭدا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بار ئىكەن، ئۇ مېنى چاقىرىپ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن قەۋمىڭنىڭ ساڭا قىلغان سۆزلىرىنى ۋە رەددىيەلىرىنى ئاڭلاپ تاغ پەرىشتىسىنى قەۋمىڭ ھەققىدە خالىغان ئىشقا بۇيرۇشۇڭ ئۈچۈن ئەۋەتتى» دېدى، ئاندىن ئۇ پەرىشتە مېنى چاقىرىپ سالام قىلىپ: ئى مۇھەممەد! ئاللاھ قەۋمىڭنىڭ ساڭا قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىدى، مەن بولسام تاغ پەرىشتىسى، رەببىم مېنى خالىغان ئىشىڭغا بۇيرۇشۇڭ ئۈچۈن خىزمىتىڭگە ئەۋەتتى، ئەگەر سەن خالىساڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەككىنى قورشاپ تۇرغان بۇ ئىككى تاغنى دۈم كۆمتۈرىۋىتەي، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: سىلىگە ئوھۇد كۈنىدىنمۇ ئېغىرراق كۈن كەلگەنمۇ؟ دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە» دەپ، ئۇنىڭغا تائىپقا بارغانلىق ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەردى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە قۇرەيشنى دىنغا دەۋەت قىلغاندا ئۇلار چاقىرىقىغا قۇلاق سالمىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائىپ ئەھلىنى دىنغا دەۋەت قىلىپ ئاللاھنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تائىپقا چىقتى، لېكىن ئۇلار مەككە ئەھلىدىنمۇ بەكرەك نادان ئىدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاش-چالمىلارنى ئېتىپ تاپىنىنى قانغا بويىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەقىف قەبىلىسىدىكى تائىپنىڭ چوڭلىرىدىن بولغان ئىبنى ئەبدۇ يالىيل ئىبنى ئابدۇ كىلالنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشمىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائىپتىن غەمكىن ھالەتتە خامۇش بولۇپ مېڭىۋىرىپ «قەرنى سەئالىب» دېگەن جايدا ئېسىگە كەلدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا بىر بۇلۇتتا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بار ئىدى، ئۇ: «بۇ تاغ پەرىشتىسى ساڭا سالام قىلىدۇ» دېدى، ئۇ پەرىشتە سالام قىلىپ: «ئاللاھ مىنى ساڭا ئەۋەتتى، ئەگەر سەن خالىساڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى تاغنى دۈم كۆمتۈرۋىتەي» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇلايىم، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئېغىر بىسىق بولغانلىقى ئۈچۈن: «ياق، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەۋلادىدىن ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىلىدىغانلارنى چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى، چۈنكى ئىككى تاغ كۆمتۈرۈلسە ئۇلار ھالاك بولاتتى. بۇ ئىش يۈز بەردى، ئاللاھ تائالا ئاشۇ زور ئەزىيەتلەر بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامغا ئازار يەتكۈزگەن مۇشرىكلارنىڭ ئەۋلادىدىن ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەرنى چىقاردى
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ، ئەنەس ئېيتتى: ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۇلەيمگە: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىنىڭ بوشاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم، يېگۈدەك بىر نەرسەڭ يوقمۇ؟ دېدى. ئۇممۇ سۇلەيم: بار، دەپ، بىر نەچچە ئارپا نېنىنى ئېلىپ چىقىپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ رومىلىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىر تەرىپىگە نانلارنى ئوراپ ئۇنى كىيىمىمنىڭ ئاستىغا تىقىپ، يەنە بىر تەرىپىنى ماڭا تۇتقۇزۇپ، ئاندىن مېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى، مەن ناننى ئېلىپ بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىر مۇنچە كىشىلەر بىلەن بىللە مەسچىتتە ئولتۇرغان يېرىدىن تاپتىم، مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇردۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «سېنى ئەبۇ تەلھە ئەۋەتتىمۇ؟» دېدى، مەن جاۋابەن: ھەئە، دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تاماق ئۈچۈنمۇ؟»دېدى، مەن: ھەئە، دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۇرۇڭلار» دېدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭدى، مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا كېلىپ ئەبۇ تەلھەگە خەۋەر بەردىم، ئۇ: ئى ئۇممۇ سۇلەيم! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى بىللە ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈدەك تامىقىمىز بولمىسا، قانداق قىلىمىز؟ دېدى، ئايالى: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلىدۇ، دېدى. ئەبۇ تەلھە چىقىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈپ بىللە ئۆيگە كىردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئۇممۇ سۇلەيم! بار نەرسىڭىزنى كەلتۈرۈڭ» دېدى، ئۇ ئاشۇ ئارپا نېنىنى ئېلىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بۇيرىۋىدى، نان ئوشتۇلدى، ئۇممۇ سۇلەيم ناننىڭ ئۈستىگە ياغ ئالىدىغان تۇلۇمنى سىقىپ، نانغا ئارىلاشتۇرۇپ يېگۈدەك ياغ چىقاردى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نانغا ئاللاھ خالىغان بىر نېمىلەرنى ئوقۇدى، ئاندىن: «ئون ئادەمگە رۇخسەت قىل» دېدى، ئون ئادەمگە رۇخسەت بېرىلدى، ئۇلار كىرىپ يەپ تويۇپ چىقىپ كەتتى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئون ئادەمگە رۇخسەت قىل» دېدى، ئون ئادەمگە رۇخسەت بېرىلدى، ئۇلار كىرىپ يەپ تويۇپ چىقىپ كەتتى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئون ئادەمگە رۇخسەت قىل» دېدى، ئون ئادەمگە رۇخسەت بېرىلدى، ئۇلار كىرىپ يەپ تويۇپ چىقىپ كەتتى، شۇ تەرىقىدە كەلگەن بارلىق ئادەم يەپ تويدى، كەلگەنلەر يەتمىش-سەكسەن ئادەم ئىدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: كىشىلەر ئوندىن-ئوندىن كىرىپ چىقىپ شۇ تەرىقىدە سەكسەن ئادەم تويغۇزۇلدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۆي ئىگىلىرىمۇ يېدى، ئەمما تاماقنى ئۇلارمۇ ئاشۇرۇپ قويدى دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇلار قوشنىلىرىغىمۇ يەتكۈدەك ئاشۇرۇپ قويدى دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەنەس مۇنداق دېدى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىر كۈنى ئىزدەپ كېلىپ، ساھابىلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرغان يېرىدىن تاپتىم، ئۇ قورسىقىنى تېڭىۋالغان ئىدى، مەن ساھابىلاردىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمىشقا قورسىقىنى تېڭىۋالدى؟ دېسەم، ئۇلار: ئاچلىقتىن دېدى. مەن ئەبۇ تەلھەنىڭ قېشىغا باردىم، ئۇ مىلھاننىڭ قىزى ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ ئېرى ئىدى، مەن ئۇنىڭغا: ئى ئاتا! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قورسىقىنى تېڭىق بىلەن تېڭىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بەزى ساھابىلىرىدىن سورىسام، ئۇلار: ئاچلىقتىن دەيدۇ، دېدىم، ئۇ ئانامنىڭ قېشىغا كىرىپ: يېگۈدەك نەرسەڭ يوقمۇ؟ دېۋىدى، ئۇ: بار، بىر پارچە نان ۋە نەچچە تال خورما بار، ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يالغۇز كەلسە تويغۇزالايمىز، باشقىلارمۇ بىللە كەلسە ئۇلارغا ئازلىق قىلىدۇ، دېدى. ئەنەس ھەدىسنى يۇقىرىقىدەك ئاخىرغىچە بايان قىلدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قاتتىق ئاچلىق يەتكەن بولۇپ، بۇنى ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىگەن ۋاقتىدىكى ئاۋازىنىڭ بوشلۇقىدىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىۋالدى، ئايالى ئۇممۇ سۇلەيمگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ: ئۆيدە يېگۈدەك نەرسە بارمۇ؟، دەپ سورىغان ئىدى، ئۇممۇ سۇلەيم: ھەئە، ئۆيىمىزدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاچلىقىنى تويغۇزغۇدەك نەرسە بار، دېدى-دە، ئارپا نېنىنى چىقىرىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ياغلىقىنىڭ بىر تەرىپىگە ئوراپ، ئەنەسنىڭ كىيىمىنىڭ ئاستىغا تىقىپ، ياغلىقنىڭ يەنە بىر ئۇچى بىلەن ئەنەسنىڭ قوينىدىكى ناننى توسۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا توندەك قىلىپ قويدى، ئەنەس مەسچىتكە كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا تاپتى، ئەنەس ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سېنى ئەبۇ تەلھە ئەۋەتتىمۇ؟» دېدى، ئۇ: ھەئە، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىزنى تاماققا چاقىرىش ئۈچۈنمۇ؟» دېدى، ئەنەس: ھەئە، دېدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدا ساھابىلار كۆپ بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئادەتتە ساھابىلارنى ئايرىپ قويۇپ، بىرنەرسە يېمەيدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان يېمەكلىكنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرەلمەي، پەقەت "تاماققا چاقىردى" دېدى، ئەنەس شۇ ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يالغۇز ئەبۇ تەلھەنىڭ ئۆيگە كەلسە يېمەكلىكنى يەپ قايتىدۇ دەپ، شۇنداق دېگەن ئىدى، شۇ ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: «تۇرۇڭلار» دېدى، ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ماڭدى، ئەنەس ئېيتتى: مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدىم، يەنە بىر رىۋايەتتە: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن بىئارام بولدۇم، ھەتتا ئەبۇ تەلھەنىڭ قېشىغا كېلىپ بولغان ئەھۋالنى ئېيتتىم، دېدى، ئەبۇ تەلھە: ئى ئۇممۇ سۇلەيم! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ئەگەشتۈرۈپ كەپتۇ، ئۆيدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈدەك يېمەكلىك يوققۇ؟ دېدى، ئۇممۇ سۇلەيم: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر، دېدى. ئۇممۇ سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىشنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قايتۇردى، گوياكى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاماقنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت مۆجىزىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قەستەن شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلگەندەك بولدى، مانا بۇ ئۇنىڭ زېرەك، ئەقلىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئەبۇ تەلھە ئۆيدىن چىقىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۈتۈۋالدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى باشلاپ ئۆيگە كىردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىرىپ: «تاماقنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەبۇ تەلھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۈتۈۋېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۆيدە ئۇممۇ سۇلەيم تەييار قىلغان نانلا بار ئىدى- دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: پەقەت بىر نان بار ئىدى-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىدۇ» دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەبۇ تەلھە: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن سىلىنى يالغۇز چاقىرىپ كېلىشكە ئەنەسنى ئەۋەتكەن ئىدىم، بىزنىڭ يېنىمىزدا مەن كۆرگەن بۇ كىشىلەرگە يەتكۈدەك تاماق يوق-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆيگە كىرگىن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلادا بار بولغان تاماققا بەرىكەت بېرىدۇ» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ تەلھەنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ۋاقتىدا: «ئى ئۇممۇ سۇلەيم! بار تاماقنى ئېلىپ كېلىڭ» دېدى، ئۇممۇ سۇلەيم ھېلىقى ناننى ئېلىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ناننى ئوشتۇشقا بۇيرىدى، ئۇممۇ سۈلەيم ئوشۇتۇلغان ناننىڭ ئۈستىگە ماي تۇلۇمىدىكى ماينى سىقىپ سۈركىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ مايلىق توقاچ بولدى، ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نانغا ئاللاھ خالىغان بىر نەرسىلەرنى ئوقۇدى، يەنى ئاللاھ تائالا بۇ ئاز يېمەكلىككە بەرىكەت بېرىشنى تىلەپ دۇئا قىلدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: مەن ئورالغان ناننى ئېلىپ كەلدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئېچىپ: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئى ئاللاھ! بۇنىڭ بەرىكىتىنى كاتتا قىلسىلا» دېدى، ئاندىن: «ئون كىشىگە رۇخسەت قىلغىن» دېدى، ئۇلارغا رۇخسەت بېرىلدى، ئۇلار ئۆيگە كىرىپ تاماقنى يەپ، ھەتتا تويۇپ چىقىپ كەتتى، ئاندىن: «ئون كىشىگە رۇخسەت قىلغىن» دېدى، ئۇلارغا رۇخسەت بېرىلدى، ھەتتا جامائەتنىڭ ھەممىسى يېمەكنى يەپ تويدى، ئۇلار يەتمىش ياكى سەكسەن ئادەم ئىدى. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۆيگە ئون كىشى كىردى، ئون كىشى چىقتى، ھەتتا ھەممە كىشى ئۆيگە كىرىپ تاماقنى يەپ تويۇپ چىقىپ كەتتى، ئاندىن تاماققا قارىسا ئۇ تاماق دەسلەپتە ساھابىلارغا ئالغان ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش تۇرۇپتۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇلار ئوندىن-ئوندىن كىرىپ يېدى، ھەتتا سەكسەن ئادەم شۇنداق قىلدى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىدىكىلەر يېدى، يەنە تاماق ئېشىپمۇ قالدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەتراپتىكى خوشنىلارغىمۇ يەتكۈدەك تاماق ئېشىپ قالدى
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: بەدىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارغا قارىدى، ئۇلارنىڭ سانى مىڭ ئىدى، ساھابىلىرى ئۈچ يۈز ئون توققۇز كىشى ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ، ئىككى قولىنى سوزۇپ، ئاللاھ تائالاغا يۇقىرى ئاۋازدا: «ئى ئاللاھ! ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇندىسىلا، ۋەدە قىلغانلىرىنى بەرسىلە، ئەگەر ئىسلام ئەھلىدىن بولغان مۇشۇ جامائەت ھالاك بولۇپ كەتسە، زېمىندا سىلىگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ» دەپ ئىككى قولىنى سوزۇپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ، پەرۋەردىگارىغا رىداسى مۈرىسىدىن چۈشۈپ كەتكىچە يالۋۇرۇپ دۇئا قىلدى، ئەبۇبەكرى كىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىنى ئېلىپ، دولىسىغا قويغاندىن كىيىن، كەينى تەرىپىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! پەرۋەردىگارلىرىغا قىلغان ئىلتىجالىرى يېتەرلىك بولدى، ئاللاھ تائالا سىلىگە قىلغان ۋەدىسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ،- دېدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: {ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ: «سىلەرگە ئارقىمۇ ـ ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى} [ئەنپال سۈرىسى: 9-ئايەت]، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەرىشتىلەر بىلەن ياردەم بەردى. ئەبۇ زەمىل مۇنداق دېدى: ئىبنى ئابباس ماڭا ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۇ كۈندە مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشى ئالدىدىكى مۇشرىكنى ئىز بېسىپ قوغلاۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئۈستى تەرەپتىن قامچا ئاۋازى ۋە بىر چەۋەندازنىڭ «تىز چاپ! ھەيزۇم» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئالدىدىكى مۇشرىككە قارىسىا، ئۇ ئوڭدىسىغا يېتىپتۇ، قامچا زەربىسىدىن ئۇنىڭ بۇرنى ماخچايغان، يۈزى يېرىلغان ئىكەن، ئەنسارى كىلىپ بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «راست ئېيتتىڭ، ئۇ ئۈچىنچى ئاسماندىن كەلگەن ياردەم» دېدى، مۇسۇلمانلار شۇ كۈندە مۇشرىكلاردىن يەتمىشنى ئۆلتۈرۈپ، يەتمىشنى ئەسىرگە ئالدى. ئەبۇ زەمىل مۇنداق دېدى، ئىبنى ئابباس مۇنداق دېدى: مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ئەسىر ئالغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەرگە: «بۇ ئەسىرلەر ھەققىقدە پىكرىڭلار قانداق؟ دېدى، ئەبۇبەكرى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلار تاغىلىرىنىڭ بالىلىرى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، مېنىڭچە: ئۇلاردىن پىدىيە ئالسىلىرى، كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇشتا بىزگە كۈچ بولىدۇ، ئاللاھ تائالا كىيىن ئۇلارنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىپ قىلىشى مۇمكىن،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى خەتتابنىڭ ئوغلى! سەن قانداق قارايسەن؟» دېدى، مەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ قارىشىم ئەبۇبەكرىنىڭ قارىشىغا ئوخشىمايدۇ، لېكىن مېنىڭچە: بىزگە تاپشۇرسىلا، ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئالساق، ئۇقەيلنى ئەلىگە بەرسىلە، كاللىسىنى ئالسۇن، ماڭا پالانى تۇققۇنۇمنى بەرسىلە، ئۇنىڭ كاللىسىنى مەن ئالاي، بۇلار كۇپىرنىڭ چوڭلىرى ۋە كاتىۋاشلىرى،- دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرىنىڭ پىكرىنى ياقتۇردى، مېنىڭ پىكرىمنى ياقتۇرمىدى. ئۆمەر مۇنداق دېدى: ئەتىسى ئەتتىگەندە كەلسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇ بەكرى يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ، مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ ھەمراھلىرى بىلەن نېمە ئۈچۈن يىغلىلا؟ ماڭا دەپ بەرسىلە، ئەگەر يىغلىيالىسام مەنمۇ يىغلاي، يىغلىيالمىسام سىلەرگە يىغلىشىپ بېرەي،- دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەمراھلىرىڭغا ئۇلاردىن پىدىيە ئالغانلىقىدىن يۈزلەنگەن نەرسە مېنى يىغلاتتى، ماڭا ئۇلارنىڭ ئازاۋى مۇشۇ دەرەختىنمۇ يېقىن جايدا كۆرسىتىلدى،- دېدى، - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن يەردە بىر دەرەخ بار ئىكەن- ، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: {پەيغەمبەرگە زېمىندا دۈشمەننى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ (يەنى مۇشرىكلىكنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، ئىسلامغا قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ)، ئەسىرلەردىن فىدىيە ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۆمىنلەر! سىلەر فىدىيە ئېلىش بىلەن) دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەيسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى) تىلەيدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ (ئوچۇق چەكلەنمىگەن ئىشنى قىلغانلارنى جازالىماسلىق دېگەن) ھۆكمى ئەزەلىسى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار، (ئى جىھاد قىلغۇچىلار جامائەسى!) غەنىيمەت ئالغان نەرسەڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) دىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر} [ئەنپال سۈرىسى: 67 ~ 69 ئايەتكىچە]، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا غەنىمەتنى ھالال قىلىپ بەردى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبەدىر ئۇرىشى بولغان ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارغا قارىدى، ئۇلارنىڭ سانى مىڭ ئىدى، ساھابىلىرى ئۈچ يۈز ئون توققۇز كىشى ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارغا نىسبەتەن ساھابىلىرىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى بىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ، يۇقىرى ئاۋازدا: «ئى ئاللاھ! ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇندىسىلا، ۋەدە قىلغانلىرىنى بەرسىلە، ئەگەر بۇ مۇسۇلمانلارنى ھالاك قىلسىلىرى، زېمىندا سىلىگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ»، (يەنى: ئى ئاللاھ! ماڭا قىلغان ۋەدىلىرىنى ئەمىلىيەتكە چېقارسىلا، مۇسۇلمانلارغا كاپىرلارغا قارشى ياردەم بەرسىلە، بۇ مۇسۇلمانلارنى ھالاك قىلىۋەتسىلە، زېمىندا سىلىگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ) دەپ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ، كىيىمى مۈرىسىدىن چۈشۈپ كەتكىچە يالۋۇرۇپ دۇئا قىلدى، ئەبۇبەكرى كىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رىداسىنى ئېلىپ مۈرىسىگە قويغاندىن كىيىن، كەينى تەرىپىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! پەرۋەردىگارلىرىغا قىلغان ئىلتىجالىرى يىتەرلىك بولدى، ئاللاھ تائالا سىلىگە قىلغان ۋەدىسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بىرىدۇ،-دېدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: {ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ: «سىلەرگە ئارقىمۇ-ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى} [ئەنپال سۈرىسى: 9-ئايەت]، يەنى: سىلەر ئاللاھقا يالۋۇرۇپ، يادەم تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا، سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ، ئارقىمۇ-ئارقا چۈشىدىغان مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بەردى. ئاندىن ئىبنى ئابباس مۇنداق دېدى: ئەنسارىلاردىن بىر مۇسۇلمان بىر مۇشرىكنىڭ كەينىدىن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يۈگىرىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئۈستى تەرەپتىن قامچا بىلەن ئۇرغان ئاۋازنى ۋە بىر چەۋەندازنىڭ «ھەيزۇم! ئالغا» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى، قاراپ، ھىلىقى مۇشرىكنىڭ يىقىلىپ ياتقانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ بۇرنىدا قامچا ئىزىنى، يۈزىدە يىرىقنى بايقىدى، ئەنسارى كىلىپ بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئاسماننىڭ پەرىشتىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ھەيزۇم ئۇنىڭ ئېتىنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، مۇسۇلمانلار شۇ كۈندە مۇشرىكلاردىن يەتمىشنى ئۆلتۈرۈپ، يەتمىشنى ئەسىرگە ئالدى، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ئەسىر ئالغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەرگە: «بۇ ئەسىرلەرنى قانداق قىلىمىز؟»دېدى، ئەبۇ بەكرى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز، تاغىمىزنىڭ ئوغۇللىرى، مېنىڭچە، ئۇلاردىن پۇل ئېلىپ قويىۋەتسەك، بۇ پۇلنىڭ بىزگە كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇشتا ياردىمى بولىدۇ، بەلكىم ئاللاھ تائالا ئۇلارنى كىيىنچە ئىسلامغا ھىدايەت قىلىشى مۇمكىن،- دېدى، ئۆمەر مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئەبۇ بەكرىنىڭ قارىشىغا قوشۇلمايمەن، مېنىڭچە: ئۇلارنى ئۆلتۈرەيلى، بىزدىن ھەر بىرەيلەن ئەسىرلەردىن ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى ئۆلتۈرسۇن، چۈنكى ئۇلار كۇپىرنىڭ يىتەكچىلىرى، ئازغۇنلۇقنىڭ باشلىرى،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمەرنىڭ سۆزىنى ياقتۇرماي، ئەبۇبەكرىنىڭ سۆزىگە قېتىلدى. ئۆمەر ئەتىسى كىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇ بەكرى يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ ھەمراھلىرى بىلەن نېمە ئۈچۈن يىغلىغانلىقلىرىنى ماڭا دەپ بەرسىلە، ئەگەر يىغلىيالىسام مەنمۇ يىغلاي، يىغلىيالمىسام سىلەرگە يىغلىشىپ بېرەي،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ ئەسىرلەردىن پىدىيە قوبۇل قىلىش پىكرىدە بولغانلارغا بولىدىغان ئازابنى توغرىلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئازاۋى ماڭا بۇ دەرەختىنمۇ يېقىن جايدا كۆرسىتىلگەنلىكى ئۈچۈن يىغلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن يەردە بىر دەرەخ بار ئىكەن-ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: {پەيغەمبەرگە زېمىندا دۈشمەننى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ (يەنى مۇشرىكلىكنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، ئىسلامغا قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ)، ئەسىرلەردىن فىدىيە (يەنى تۆلەم) ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۆمىنلەر! سىلەر فىدىيە ئېلىش بىلەن) دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەيسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى) تىلەيدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر،ئاللاھنىڭ (ئوچۇق چەكلەنمىگەن ئىشنى قىلغانلارنى جازالىماسلىق دېگەن) ھۆكمى ئەزەلىسى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار،(ئى جىھاد قىلغۇچىلار جامائەسى!) غەنىيمەت ئالغان نەرسەڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) دىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر} [ئەنپال سۈرىسى: 67~69-ئايەتكىچە]، يەنى: پەيغەمبەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنى يوقىتىشقا تىرىشىدىغان، نۇرىنى ئۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان كاپىرلارنى ئەسىرگە ئىلىپ، ئۇلاردىن كېلىدىغان ئازغىنە تۆلەم ئۈچۈن ئۇلارنى ھايات قالدۇرۇشقا ئالدىرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇلارنى يوقىتىپ، يامانلىقىنى تۈگۈتۈشنى تەلەپ قىلىدىغان مەنپەئەتكە نىسبەتەن بەك ئاز نەرسىدۇر، ئۇلارنىڭ يامانلىقى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى داۋاملىشىدىكەن، ئۇلارنى ئەسىر قىلماسلىق ئەڭ ياخشى، ئۇلارنىڭ يامانلىقى يوقىلىپ، ئاجىزلاشسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى ئەسىر قىلىپ، قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كاپىرلاردىن كۈچ بىلەن ئالغان غەنىمەتنى ھالال قىلىپ بەردى
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: ئەمرۇ ئىبنى مۇئازنىڭ پۇتى كېسىلىپ كەتكەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ پۇتىغا سۈفلەپ قويىۋىدى، تېزلا ساقىيىپ كەتتى
ئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەمرۇ ئىبنى مۇئازنىڭ پۇتى كېسىلىپ كەتكەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ پۇتىغا سۈفلەپ قويىۋىدى، ئۇنىڭ پۇتى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن تېزلا ساقىيىپ كەتتى، مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ روشەن مۆجىزىسىدۇر
ئەبۇ زەيد ئىبنى ئەختەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولى بىلەن يۈزۈمنى سىلاپ، ماڭا دۇئا قىلدى». ئەزرە مۇنداق دېدى: ئۇ بىر يۈز يىگىرمە يىل ياشىدى، ئۇنىڭ بېشىدا بىر نەچچە تالدىن باشقا ئاق چاچ يوق ئىدى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئاللاھنىڭ ئەلچىسى قولى بىلەن ئەبۇ زەيد ئىبنى ئەختاب ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۈزىنى سىلاپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلدى. ھەدىسنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە ئۇنىڭغا: «ئى ئاللاھ! ئۇنى گۈزەل قىلغىن ۋە گۈزەللىكىنى داۋاملاشتۇرغىن» دەپ دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان، يەنى: ئى ئاللاھ! ئۇنى گۈزەل قىلغىن، گۈزەللىكىنى ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى ھاياتىغىچە داۋاملاشتۇرغىن. ھەدىس رىۋايەتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەزرە: ئەبۇ زەيد ئەنسارى بىر يۈز يىگىرمە يىل ياشىدى، ئۇنىڭ بېشىدا ئازغىنىدىن باشقا ئاق چاچ يوق ئىدى،- دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇنىڭ يۈزى پاقىراپ تۇرىدىغان، قورۇق ۋە داغ-سەپكۈن يوق بولۇپ، بۇ ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر شۇنداق تۇردى، بۇنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى سىلاپ، دۇئا قىلغانلىقىنىڭ بەرىكىتى بىلەن بولدى،- دېيىلگەن
ئەبى زەيد ئەنسارىدىن رىۋايەت قىلىنىشچە، رەسۇلۇللاھ ماڭا: «يېقىنلاشقىن» دېگەن ئىدى، مەن يېقىنلاشتىم. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: «قولۇڭنى دۈمبەمگە كىرگۈزۈپ، دۈمبەمنى سىلىغىن» دېدى. مەن قولۇمنى رەسۇلۇللاھنىڭ كۆينىكىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ دۈمبىسىنى سىلىدىم. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھنىڭ دۈمبىسىدىكى پەيغەمبەرلىك بەلگىسى بارمىقىمنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدى. كېيىن ئۇ پەيغەمبەرلىك بەلگىسى ھەققىدە سورالغاندا: «ئىككى تارغىقىنىڭ ئارىسىدىكى كەپتەرنىڭ تۇخۇمىدەك بەلگە ئۈستىدىكى بىر قانچە دانە تۈكلەر ئىدى» دەپ جاۋاب بەردى
ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ زەيد ئەنسارىغا: ماڭا يېقىنلاشقىن دېدى، ئۇ كىشى يېقىنلاشقان ۋاقتىدا، رەسۇلۇللاھ: «قولۇڭنى دۈمبەمگە كىرگۈزۈپ، دۈمبەمنى سىلىغىن» دېدى. مەن قولۇمنى رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ دۈمبىسىنى سىلىدىم. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھنىڭ دۈمبىسىدىكى پەيغەمبەرلىك بەلگىسى بارمىقىمنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدى. كېيىن ئۇ پەيغەمبەرلىك بەلگىسى ھەققىدە سورالغاندا: «ئىككى تاغىقىنىڭ ئارىسىدىكى كەپتەرنىڭ تۇخۇمىدەك بەلگە ئۈستىدىكى بىر قانچە دانە تۈكلەر» دەپ جاۋاب بەردى