





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ئەۋەتكەنلا پەيغەمبەر قوي باققان» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى: سىلىمۇ قوي باققانمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، مەن مەككىلىكلەرنىڭ قويلىرىنى بىر قانچە تەڭگىگە باقاتتىم» دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ھاياتىدا قوي باققان. ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بۇ ئىشنىڭ پەيغەمبەرلىكتىن بۇرۇن بولغانلىقى ئىپادىلەيدۇ، بۇ توغرىدا ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: بۇنىڭدىكى ھېكمەت: ئىنساننى خەلىققە ئىدارە قىلىشقا، ئۇلارنى پايدىلىق ئىشلارغا يىتەكلەشكە ئادەتلەندۈرۈش، چۈنكى پادىچى قويلارنى بەزى ۋاقىتتا يايلاققا ئېلىپ بارىدۇ، بەزى ۋاقىتتا جايىدا قالدۇرىدۇ، يەنە بەزى ۋاقىتتا قوتانغا قايتۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشى يايلاقلارنى بىلىدىغان، قويلارنىڭ يەم-خەشەك ۋە سۈيىگە ۋە قويلارغا پايدىلىق تەجرىبە ۋە كۆرسەتمىگە ئىگە پادىچىغا ئوخشاش ئۈممىتىنى ئىدارە قىلىدۇ. ئىلىم، ھىدايەت ۋە توغرا پىكىر بىلەن ياخشىلىققا يىتەكلەيدۇ. قوينى تاللاشتىكى مەقسەت: قوي باققۇچى ئېغىر-بىسىق، تەمكىن كىلىدۇ، ئەكسىچە تۆگە باققۇچى كۆپىنچە قوپال، باغرى قاتتىق بولىدۇ، شۇنىڭدەك تۆگىدىمۇ قوپاللىق ۋە قاتتىقلىق بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنىڭ خەلىقنى ئىدارە قىلىشىقا مەشىق قىلىپ، ئادەتلىنىشى ئۈچۈن قوي بىقىشىنى ئىرادە قىلغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىم ماڭا سالام قىلسا، ئاللاھ ماڭا روھىمنى قايتۇرىدۇ، مەن ئۇنىڭغا سالام قايتۇرىمەن»
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەر قانداق كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلسا، ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ سالىمىغا جاۋاپ بەرگۈچىلىك ھالەتتە روھىنى قايتۇرىدۇ. ئەگەر سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلسىڭىز، ئاللاھ ئۇنىڭغا روھىنى قايتۇرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىزنىڭ سالىمىڭىزغا جاۋاپ قايتۇرىدۇ. ھەدىسنىڭ ئېنىق مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى يىنىدا تۇرۇپ: "ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىگە ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن" دېگەن كىشىگە ئوخشاش، يېقىن جايدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، بەلكىم يىراق-يېقىندىكى ھەر قانداق كىشىلەرگە بولىشىمۇ مۇمكىن، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىر
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاخىرىقى قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قارىغان ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەردىنى قايرىپ كىشىلەرنىڭ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارقىسىدا سەپ تۈزۈپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەينىگە يېنىشقا تەمشىلىۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جايىڭلاردىن قوزغالماڭلار دەپ قول ئىشارىسى قىلىپ پەردىنى چۈشۈرىۋەتتى، ئاشۇ كۈنى دۈشەنبە بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇ كۈنى كەچتە ۋاپات بولدى
نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاخىرىقى قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قارىغان ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيى بىلەن مەسچىتنىڭ ئارىسىدىكى پەردىنى قايرىپ كىشىلەرنىڭ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە سەپ تۈزۈپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى نامازغا چىقىدىكەن دەپ ئويلاپ كەينىگە يېنىشقا تەمشىلىۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئورنۇڭلاردىن قوزغالماي نامىزىڭلارنى تامام قىلىڭلار دەپ بۇيرۇق شەكىلدە قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ پەردىنى چۈشۈرىۋەتتى، بۇ دۈشەنبە كۈنى بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇ كۈنى كەچتە ۋاپات بولدى
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا ماڭا زېمىننى كىچىكلىتىپ ئالدىمغا قويدى، شەرىقى ۋە غەرىپىنى كۆردۇم، ئۈممىتىمنىڭ سەلتەنەتى مەن كۆرگەن يەرلەرگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ، قىزىل ۋە ئاق تەنلىكلەرنىڭ«رىم ۋە پارىس» بايلىقى ماڭا بىرىلدى. پەرۋەردىگارىمدىن ئۈممىتىمنى ئومۇمىيۈزلۈك ئاچارچىلىق بىلەن ھالاك قىلماسلىقنى، ئۈممىتىمگە كاپىرلارنى مۇسەللەت قىلىپ ئۇلارنىڭ نەسلىنى قۇرتىۋېتىش بىلەن ھالاك قىلماسلىقنى سورۇدۇم، پەرۋەردىگارىم دېدىكى: مەن بىر نەرسىنى ھۆكۈم قىلسام ئۆزگەرتىلمەيدۇ، ئۈممىتىڭنى ئاچارچىلىق بىلەن ھالاك قىلماسلىق ۋە كاپىرلارنى مۇسەللەت قىلىپ ھالاك قىلماسلىقنى ۋەدە قىلدىم، ھەتتاكى زېمىننىڭ ھەر يېرىدىن توپلۇنۇپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار ئۆز ئۈزىنى ئۆلتۈرۈشۈپ ئۆز ئۈزىنى ئەسىر ئېلىشىپ ھالاك بولۇشىدۇ. بەرقانى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا بۇ ئىبارەتنى قوشۇپ رىۋايەت قىلغان، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئۈممىتىمدە ئازدۇرغۇچى ئالىملارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ئەنسىرەيمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ «ئۈممىتىم» ئىچىدە ئۇرۇش چىقسا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ، قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى ئۈممىتىمدىن بىر توپ كىشىلەر مۇشرىكلارغا ئەگىشىدۇ، يەنە بىر توپ كىشىلەر بۇتلارغا چوقىنىدۇ. ئۈممىتىمدىن 30 يالغانچى-كاززاپ چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىدۇ. مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى، مەندىن كېيىن پەيغەمبەر يوق. ئۈممىتىمدىن بىر گۇرۇھ كىشىلەر قىيامەت بولغانغا قەدەر ھەق ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ ھېچبىرى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىس چىن خەۋەرلەر ۋە مۇھىم ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، راس سۆزلۈگۈچى ۋە راس سۆز ئېلىپ كىلىنگۈچى بولغان رەسۇلۇللاھ شۇنداق بايان قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالا زېمىننى كىچىكلىتىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا قويدى، ئۇنىڭ ئۈممىتى ئېگە بولىدىغان زېمىنلارنى كۆرسەتتى، بۇ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقتى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتى شەرىقتىن غەرىپكىچە كەڭ بىپايان زېمىنلارغا ئىگە بولدى. ئىككى قەۋىمنىڭ بايلىقى بېرىلىش خوش بىشارىتى بولسا رىم ۋە پارىسلارنىڭ بايلىقىغا ئېرشىش بىشارىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇمۇ ۋۇجۇدقا چىقتى، شەرقى رىم پايتەختى بولغان ئىستانبۇلنى ۋە كىسرا پايتەختى مەدائىننى پەتھى قىلدى، ئۇلارنىڭ ئالتۇن كۆمۈش بايلىقلىرىنى مۇسۇلمانلار غەنىمەت ئالدى. رەسۇلۇللاھ يەنە ئاللاھ تائالادىن ئۈممىتىنى قۇرغاقچىلىق بىلەن ھالاك قىلماسلىقنى ۋە كاپىرلارنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىماسلىقنى، كاپىرلار ئۇلارنىڭ نەسلىنى قۇرتىۋەتمەسلىكنى، سورىدى. ئۈممەت ئىختىلاپتىن، بۆلگۈنچۈلۈكتىن، ئاداۋەتتىن يىراقلا بولسا ئاللاھ تائالا بۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچىسىنى بەردى، ئەگەردە ئۈممەت ئىختىلاپ، بۆلگۈنچۈلۈك، ئاداۋەتلەشسە كاپىرلارنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىپ قويىدۇ، بۇ ئىشمۇ يۈز بەردى. رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىنى ئازدۇرىدىغان ئالىم ۋە رەھبەرلەرنىڭ خەتىرىدىن ئەندىشە قىلدى، چۈنكى كىشىلەر ئۇلارغا ئازغۇنلۇقتىمۇ ئەگىشىدۇ رەسۇلۇللاھ يەنە ئاللاھ تائالادىن ئۈممىتىنى قۇرغاقچىلىق بىلەن ھالاك قىلماسلىقنى ۋە كاپىرلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۇسەللەت قىلماسلىقنى، كاپىرلار ئۇلارنىڭ نەسلىنى قۇرتىۋەتمەسلىكنى، سورىدى. ئۈممەت ئىختىلاپتىن، بۆلگۈنچۈلۈكتىن، ئاداۋەتتىن يىراقلا بولسا ئاللاھ تائالا بۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچىسىنى بەردى، ئەگەردە ئۈممەت ئىختىلاپ، بۆلگۈنچۈلۈك، ئاداۋەتلەشسە كاپىرلارنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىپ قويىدۇ، بۇ ئىشمۇ يۈز بەردى. رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىنى ئازدۇرىدىغان ئالىم ۋە رەھبەرلەرنىڭ خەتىرىدىن ئەندىشە قىلدى، چۈنكى كىشىلەر ئۇلارغا ئازغۇنلۇقتىمۇ ئەگىشىدۇ. ئەگەردە ئۈممىتىم ئىچىدە ئۇرۇش ۋە ئاداۋەت بولۇپ قالسا قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدۇ، دېگەن بۇمۇ رەسۇلۇللاھ دېگەندەك يۈز بەردى. ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۈيقەسىت قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۇرۇش ئوتى ئۆچمەي داۋاملاشماقتا. مۇسۇلمانلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر مۇشرىكلارنىڭ دىنى ۋە يۇرتىغا قېتىلىپ كىتىدىغانلىقىدىن، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر شېرىك ئەقىدىسىگە كىرىپ كېتىدىغان، ئاللاھتىن باشقا مەخلۇقلارنى ئۇلۇغلاپ دەل-دەرەخ تاش، قەبرىلەرگە چوقىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. يەنە پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىدىغانلار توغرۇلۇق خەۋەر بەردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كاززاپ، چۈنكى پەيغەمبەرلىك رەسۇلۇللاھ بىلەن ئاخىرلاشقان. ئاخىرىدا ئۈممىتى ئىچىدىن بىر گۇرۇھ كىشىلەرنىڭ ئازاپ ۋە كۈلپەتلەرنىڭ كىلىشىگە قارىماي ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدىغانلىقى، دۈشمەنلەرنىڭ، قارشىلاشقۇچىلارنىڭ ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كېچىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بىلەن ناماز ئوقۇغۇنۇمدا، ئۇ سۈرە بەقەرەنى باشلىدى، يۈز ئايەتتە رۇكۇ قىلا دەپ ئويلىسام، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئاندىن سۈرە بەقەرەنى ئوقۇپ رۇكۇ قىلا دېسەم، ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتۈپ، سۈرە نىسانى باشلىدى، ئۇنىمۇ تۈگىتىپ، ئال-ئىمراننى باشلاپ ئۇنىمۇ تۈگەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئايەتلەرنى ئالدىرىماي (يەنى تەرتىل بىلەن) ئوقۇيتتى، تەسبىھ بار ئايەتتىن ئۆتسە، تەسبىھ ئېيتاتتى، ئىلتىجا بار ئايەتتىن ئۆتسە، ئىلتىجا قىلاتتى، پاناھ تەلەپ قىلىش ئايىتىدىن ئۆتسە، پاناھ تەلەپ قىلاتتى، ئاندىن رۇكۇ قىلىپ: سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم (بۈيۈك رەببىم بارلىق ئەيىب-نۇقساندىن پاكتۇر) دېگەن زىكىرنى باشلىدى ۋە رۇكۇدىمۇ خۇددى قىيامدا تۇرغاندەك ئۇزۇن تۇردى، ئاندىن: سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە (ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ھەمدى ئېيتقان كىشىنى ئاڭلايدۇ)، رەببەنا لەكەلھەمدۇ (ئى رەببىمىز! بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر)، دەپ رۇكۇدا تۇرغاندەك (ئۇزۇن ۋاقىت) ئۆرە تۇردى. ئاندىن سەجدە قىلىپ: سۇبھانە رەببيەل ئەئلا (ئۇلۇغ رەببىم بارلىق ئەيىبتىن پاكتۇر)، دېگەن زىكىرنى باشلىدى ۋە (سەجدىدە) خۇددى قىيامدا تۇرغاندەك ئۇزۇن تۇردى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھۇزەيفە بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىقتىدا قىلىپ تەھەججۈد نامىزىغا تۇردى، رەسۇلۇللاھ بىرىنچى رەكەتكە سۈرە بەقەرە، سۈرە نىسا ۋە ئال-ئىمراننى ئوقۇپ نامازنى ئۇزۇن ئوقۇدى، قىرائەت ئارلىقىدا سوئال ئايىتىدىن ئۆتكەندە ئاللاھ تائالادىن سورايتتى، تەسبىھ ئايەتلىرىدىن ئۆتكەندە تەسبىھ ئېيتاتتى، پاناھ تىلەش ئايەتلىرىدىن ئۆتكەندە پاناھ تىلەيتتى، نامىزىنىڭ رۇكۇسى قىيامغا ئوخشاش، سەجدىسىمۇ رۇكۇسىغا ئوخشاش ئۇزۇنلىقتا بىر-بىرىگە ماس ئىدى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان سۈت كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر سەھرالىق، سول تەرىپىدە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئىچتى، ئاندىن سەھرالىققا بەردى ۋە ئوڭدىن باشلانسۇن، دىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان سۈت كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر سەھرالىق سول تەرىپىدە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئىچتى، ئاندىن سەھرالىققا بەردى، ئۇ قاچىنى ئېلىپ سۈتتىن ئىچتى، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭدىن پەزىلەتتە ئەۋزەل ئېدى، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈتنى سەھرالىققا سۇندى، چۈنكى ئۇ ئوڭ تەرىپىدە ئىدى. ئوڭدىن باشلاڭلار، دېدى
ئەبۇ ئابدۇللاھ خەبباب ئىبنى ئەرەتتى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا شىكايەت قىلغىلى كەلسەك، ئۇ كەبىنىڭ سايىسىدا ئۆزىنىڭ چاپىنىنى ياستۇق قىلىپ يېتىپتىكەن، بىز: «دۇئا قىلىپ بىزگە نۇسرەت تەلەپ قىلغان بولسىلا» دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن تۇتۇلۇپ، زېمىندا ئۇلارغا ئورەك كولۇنۇپ كۆمۈلۈپ، ئاندىن ھەرە ئېلىپ كېلىنىپ، بېشى ئۈستىگە قويۇلۇپ، ھەرىدىلىپ ئىككى پارچە قىلىۋىتىلگەن ۋە تۆمۈر تاغاقلار بىلەن گۆشىنى ئۇستىخنىدىن ئايرىۋىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇ (ئازابلار) دىنىدىن ياندۇرالمىغان كىشىلەر بولغان ئىدى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ بۇ ئىشنى (ئىسلام دىنىنى) چوقۇم تولۇق پۈتتۈرىدۇ، ھەتتا سەنئادىن ھەزەرە مەۋتقا ماڭغان يولوچى ئاللاھتىن ۋە قويلىرىنى بۆرىلەرنىڭ يەپ كېتىشىدىن باشقا ھىچنىمىدىن قورقمايدۇ، لېكىن سىلەر ئالدىراپ كېتىۋاتىسىلەر» دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تونىنى بېشىغا قويۇپ يېتىپتىكەن، بىز بولساق مۇشرىكلار تەرىپىدىن ئەزىيەتكە ئۇچرىغان ئىدۇق» دېيىلگەن
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە خەبباب ئىبنى ئەرەتتى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىدە قۇرەيش كاپىرلىرى تەرىپىدىن ئۇچرىغان ئەزىيەتلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا شىكايەت قىلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ سايىسىدە تونىنى بېشىغا قويۇپ ياتقان ئىكەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە: ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە دىندا يەتكەن ئەزىيەتنىڭ بۇلارغا يەتكەن ئەزىيەتتىن زور ئىكەنلىكىنى، ئورەك كولۇنۇپ كۆمۈلۈپ، ئاندىن ھەرە ئېلىپ كېلىنىپ، ئۇلارنىڭ باشلىرىغا قويۇلۇپ، ھەرىدىلىپ ئىككى پارە قىلىۋىتىلگەن ۋە تۆمۈر تاغاقلار بىلەن گۆشىنى ئۇستىخىنىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ زور ئەزىيەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىشنى مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىنى، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن (دىننى) مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا سەنئادىن ھەزەرە مەۋتقا سەپەر قىلغان يولوچىنىڭ ئاللاھتىن ۋە قويلىرىنى بۆرە يەپ كېتىشىدىن باشقا ھىچنىمىدىن قورىقمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ئالدىرماسلىققا بۇيرۇپ: «سىلەر ئالدىراپ كىتىۋاتىسىلەر»، يەنى «سەۋىر قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ قىيىنچىلىقنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىنى كۈتىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ بۇ ئىشنى تولۇق پۈتتۈرىدۇ»، دېدى، ئاقىۋەتتە ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەسەم قىلغاندەك بولدى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: ئەرەب بەدەۋىلىرىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: سىلەر باللىرىڭلارنى سۆيۈپ قويامسىلەر؟ دېگەندە رەسۇلۇللاھ: ھەئە سۆيۈپ قويىمىز، دېدى. ئۇلار بىز باللىرىمىزنى سۆيمەيمىز، دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھ تائالا سېنىڭ قەلبىڭدىن رەھمەتنى تارتىۋەتسە مەندە نېمە ئامال! دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبەدەۋى ئەربلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ سورىدى: سىلەر باللىرىڭلارنى سۆيۈپ قويامسىلەر؟ دېگەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: شۇنداق، دېدىو (بەدەۋى ئەرەبلەردە قوپاللىق ۋە توڭلۇق ئادىتى بار ئىدى)، ئۇلار: بىز باللىرىمىزنى سۆيۈپ قويمايمىز، دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھ تائالا قەلبىڭلاردىن رەھىمدىللىكنى تارتىۋەتسە، مەن ئۇنى قەلبىڭلارغا سېلىشقا، ئورنۇتۇشقا قادىر بولالمايمەن، دېدى. «دەلىل ئەلفالىھين» 3-توم 9-10- بەت «رىيازۇس سالىھين» ئىبنى ئۇسەيمىين2- توم 553،554- بەتلەر
ئەنەس رەزىيەللاھۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاسىسىنى يەرگە قويۇپ، ئىككى پاچىقىنى تىكلەپ ئولتۇرۇپ خورما يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم» دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاسىسىنى يەرگە قويۇپ، ئىككى پاچىقىنى تىكلەپ ئولتۇرۇپ خورما يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم» دېدى. بۇ كۆپ يىمەسلىك ئۈچۈندۇر، چۈنكى بۇنداق ھالەتتە راھەت ئولتۇرمايدۇ ۋە كۆپ يېگىلى بولمايدۇ