





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ناۋادا ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولىدۇ دېمىسەم ھەر نامازغا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتىم
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىگە كۆيۈنۈپ، ئۇلارغا ياخشىلىقنى ئارزۇ قىلىپ، ئۈممىتى بەخىت-سائادەتكە ئېرشىدىغان ھەر قانداق ئىش بولسا ئۇلارنىڭ قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، شۇنىڭ جۈملىسىدىن مىسۋاك ئىشلىتىش، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىسۋاكنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىسىنىڭ كۆپلىكىنى بىلگەنلىكتىن، ئۇلارغا ھەر بىر نامازدا ياكى تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشنى ۋاجىب قىلىشقا ئۇرۇندى-يۇ لېكىن ئۈممىتىگە رەھىم شەپقەت قىلغانلىقتىن، ئاللاھ تائالانىڭ پەرز قىلىپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ توختاپ قالدى، ئەگەر پەرز بولۇپ قالسا ئۇلار قىلالماي قالسا، گۇناھكار بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرىدى. شۇنداقتىمۇ مىسۋاكنى كۆپ ئىشلىتشكە ئۇلارنى قىزىقتۇردى ۋە ئۈندىدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاغلىق ياكى پىيادە قۇبا مەسچىتىنى زىيارەت قىلاتتى، ئۇ يەردە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر شەنبە كۈنىدە ئۇلاغلىق ياكى پىيادە قۇبا مەسچىتىنى زىيارەت قىلاتتى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ شۇنداق قىلاتتى
ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغانقۇبا رايونى بولسا ئىسلامدا تۇنجى قېتىم مەسجىد بىنا قىلىنغان ئورۇن بولۇپ، مەدىنە ئەتراپىدىكى مەدىنىنىڭ شەھەر مەركىزىگە ئەڭ يېقىن رايون ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇبا مەسجىدىنى ئۇلاغلىق ياكى پىيادە كېلىپ زىيارەت قىلاتتى، بەزى كۈنلەرنى زىيارەتكە خاس قىلاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنىدە قۇبا مەسجىدىگە زىيارەتكە كېلىشىدىكى ھېكمەت: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش مەقسىتى بىلەن، ئۇلارنى يوقلاپ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، ئۆزى بىلەن جۈمە نامىزىغا ھازىر بولالمىغانلارنىڭ ئەھۋالىنى سورايتتى، مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قۇبا زىيارىتىنى شەنبە كۈنىگە خاسلاشتۇرۇشتىكى سىر
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جۇنۇپ ھالىتىمىزدە بىر قاچىدا يۇيىناتتىم، مەن ئادەت كۆرگەن ۋاقتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئىشتان كىيىۋىلىشقا بۇيرۇپ قۇچاقلايتتى، ئۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا مەسچىتتىن بېشىنى چىقىراتتى، مەن ھەيزدار ھالىتىمدە ئۆيدە تۇرۇپ ئۇنىڭ بېشىنى يۇيۇپ قوياتتىم» دېدى
بىرلىككە كەلگەنبۇ ھەدىستە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان بەزى خاس ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئائىشە ئانىمىز جۇنابەتتىن يۇيۇنغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىككەيلەن بىر قاچىدىن سۇ ئېلىپ يۇيىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇخلىماقچى بولغاندا، ئەگەر ئۇ ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسا، كالتا ئىشتان كېيىۋېلىشقا بۇيرىتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن قۇچاقلىشىپ جىمادىن باشقا ئىشلارنى قىلاتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ئىتىكاپ قىلغاندا، بېشىنى ھۇجرىسى تەرەپكە چىقىراتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەيزدار ھالەتتە ئۆيدە تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىنى يۇيۇپ قوياتتى.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇرراھمان ئبنى ئەبى بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرگەندە، مەن رەسۇلۇللاھنى مەيدەمگە يۆلەپ ئولتۇرغۇزغان ئىدىم. ئابدۇرراھماندا چىشىنى مىسۋاكلاۋاتقان بىر ھۆل مىسۋاك بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىدى. مەن مىسۋاكنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ ئۇچىنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتىپ ئاندىن يۇمشىتىپ بەردىم. پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭ بىلەن چىشىنى مىسۋاكلىدى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى مىسۋاكلىغان ھالنى كۆرمىگەنىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن بىكار بولۇپلا قولىنى (ياكى بارمىقىنى) كۆتۈرگەن ھالدا، ھەممىدىن ئالى ئىلاھىمنىڭ قېشىغا بېرىشنى خالايمەن، دەپ ئۈچ قېتىم دېدى. ئاندىن جان ئۈزدى. ئائىشە ئانىمىز: مېنىڭ قۇچىقىمدا ۋاپات بولدى، دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر قىسسىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسۋاكنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئائىشەنىڭ بىر تۇغقىنى ئابدۇرراھمان ئبنى ئەبى بەكر ى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىردى. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەكراتتا ئىدى، ئابدۇرراھمان بىر ھۆل مىسۋاكتا چىشىنى مىسۋاكلىۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ مىسۋاكنى كۆرگەندە، ئۇنى ئۆزىنىڭ بۇ كېسەل ۋە سەكراتتىكى ھالى مىسۋاكقا بولغان مۇھەببىتىنى مەشغۇل قىلالمىدى، بەلكى شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنى خالىغاندەك قىلىپ كۆزىنى تىكتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇنى چۈشەندى ۋە بىر تۇغقىنىدىن مىسۋاكنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىنى چىشى بىلەن كېسىۋېتىپ ياخشى پاكىزلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەردى، پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭ بىلەن چىشىنى مىسۋاكلىدى، ئائىشە ئانىمىز ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى مىسۋاكلىغان ھالنى كۆرمىگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىسۋاكلاپ پاكىزلىقىدىن بىكار بولغاندا، بارمىقىنى كۆتۈرۈپ كەلىمە تەۋھىدنى ئېيتتى، ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىغا كېتىشنى تاللىدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات تاپتى. ئائىشە ئانىمىز بۇ ئىشتىن خۇشال ئىدى. ئۇ خۇشال بولۇشقا ھەقلىقتى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىشى ئۇنىڭ مەيدىسىدە تۇرۇپ جان ئۈزگەن ئىدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل ئەۋلادىنى پەيغەمبەرلەر باشقۇراتتى، بىر پەيغەمبەر ۋاپات بولسا ئورنىغا يەنە بىرى كېلەتتى، مەندىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ، مەندىن كېيىن كۆپ خەلىپىلەر بولىدۇ» دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!، بىزنى نېمىگە بۇيرۇيلا؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاۋۋالقىسىنىڭ، ئاندىن ئۇنىڭ كەينىدىكىسىنىڭ بەيئېتىگە ۋاپا قىلىڭلار، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ھەققىنى ئاللاھدىن تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ ئۇلاردىن ئۆزى ئىگە قىلغان نەرسىلەردىن ھېساب ئالىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەرلەر ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئىشىغا ئەمىر ۋە ۋالىلار خەلىقنى ئىدارە قىلغاندەك ئىدارە قىلاتتى، بىر پەيغەمبەر ۋاپات بولسا ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر پەيغەمبەر كىلەتتى، مەندىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ، كۆپ خەلىپىلەر كىشىلەرنى باشقۇرىدۇ، ساھابىلار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن): خەلىپىلەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جىدەللىشىش ۋە تالاش-تارتىش بولۇپ قالسا بىزنى نېمە قىلىشقا بۇيرۇيلا؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: «ئەۋۋەلقىنىڭ بەيئىتىگە ۋاپا قىلىڭلار، گەرچە ئۇلار سىلەرگە ھەققىڭلارنى بەرمىسىمۇ، سىلەر ئۇلارغا ھەققىنى بېرىڭلار، چۈنكى ئاللاھ ئۇلاردىن سىلەرنىڭ ھەققىڭلار تۇغرۇلۇق ھېساب ئېلىپ، سىلەرگە ئۇلاردىكى ھەققىڭلارغا ئاساسەن ساۋاپ بېرىدۇ
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىلەن سىلەرنىڭ مىسالىڭلار: خۇددى بىر كىشى ئوت ياققان ئاندىن ئۇ ئادەم توسۇپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش ھاشارەتلەر چۈشۈشكە باشلىغان ھالەتكە ئوخشايمىز. مەن سىلەرنىڭ بىلىڭلاردىن تۇتۇپ ئوتقا چۈشۈشتىن توسۇۋاتىمەن، ئەمما سىلەر مىنىڭ قولۇمدىن قېچىپ كېتىپ بارىسىلەر
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۈممىتى بىلەن بولغان ئەھۋالىنى دالىدىكى كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشۇتۇپ: ئۇ كىشىنىڭ دالىدا ئوت ياققانلىقى، ئۇ ئادەم توسۇپ تۇرسىمۇ، چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش ھاشارەتلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆتقا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى، چۈنكى چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش كىچىك ھاشارەتلەرنىڭ ئوتقا ئۆزىنى ئاتىدىغان تەبىئىتى بارلىقىنى بايان قىلدى. بىر ئادەم دالىدا ئوت ياقسا ئۇلار يورۇقلۇققا قاراپ كىلىدۇ. خۇددى مەن ئەلۋەتتە سىلەرنى ئوتقا چۈشۈشتىن توسۇۋاتىمەن، ئەمما سىلەر مېنىڭ قولۇمدىن قېچىپ كېتىپ بارىسىلەر، دەيدۇ. ئۇ بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىنى تەرك ئىتىش بىلەن بولىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: دەپنە قىلىنغاندىن كىيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرە بىشىغا كېلىپ تۆت تەكبىر بىلەن جىنازە نامىزىنى ئوقۇغان
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن يارىتىلغان ئىدى، يەنە كىلىپ ناھايىتى مىھرىبان ۋە كۆيۈمچان ئىدى، ساھابىلىرىدىن بىرەرسىنى كۆرمىسە ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇراتتى. بۇ قەبرە ئىگىسى ھەققىدە سورىغاندا ساھابىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبىنى ئاڭلاتتى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ مىيىت نامىزىنى ئۆزى ئوقۇشى ئۈچۈن ساھابىلەر خەۋەر قىلغان بولسىچۇ دەپ ئارزۇ قىلدى، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزى مېيىتكە خاتىرجەملىك، قەبرىسىدە نۇر ئىدى، كىيىن ئۇنىڭ قەبرىسىگە كېلىپ، ئادەتتىكىدەك مېيىت نامىزىنى ئوقۇدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ قەبرىدە ناماز ئوقۇغىنى قەبرە ئۈستىگە چىققانلىقىنى ئۇقتۇرمايدۇ، بەلكى قەبرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ مىيىت نامىزىنى ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدىكى بامدات نامىزىدا سۈرە سەجدە بىلەن سۈرە ئىنساننى ئوقۇيتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئادىتىدە، جۈمە كۈنىدىكى بامدات نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئىتىدە پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن سۈرە سەجدىنى تولۇق ئوقۇيتتى، ئىككىنچى رەكئىتىدە پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن سۈرە ئىنساننى تولۇق ئوقۇيتتى، بۇ ئىككى سۈرىنىڭ مەنىلىرىدە جۈمە كۈنىدە يۈز بەرگەن ۋە يۈز بىرىدىغان چوڭ ۋەقەلىكلەر، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىش، ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، مەھشەرگاھقا يىغىلىش، قىيامەتنىڭ ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى مۇسۇلمانلارغا ئەسلىتەتتى
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاچلىقتىن قورسىقىنى قاتلاپ ئارقىمۇ-ئارقا نەچچە كېچە يېتىپ قالاتتى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېگۈدەك كەچلىك تاماق تاپالمايتتى، ئۇلارنىڭ كۆپرەك يەيدىغان نىنى ئارپا نىنى ئىدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئارقىمۇ-ئارقا بىر قانچە كېچە بىر نەرسە يىمەي ئۇخلايتتى، چۈنكى ئۇلار كەچلىك تاماق تاپالمايتتى، ئۇلارنىڭ كۆپرەك ئىستىمال قىلىدىغىنى ئارپا نېنى ئىدى، چۈنكى ئارپا بۇغداي ۋە باشقا يىمەكلىكلەرگە نىسبەتەن ئەرزان ئىدى