





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىسلام ھاكىمىيتىگە گۇناھغا بۇيرىمىسىلا مەيلى ياقتۇرسۇن ياكى ياقتۇرمىسۇن بۇيرۇقنى ئاڭلىشى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى زۆرۈردۇر، ئەگەر گۇناھقا بۇيرۇسا، بۇيرۇقنى ئاڭلاشقا ۋە بوي سۇنۇشقا بولمايدۇ»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە ھاكىمىيەت باشقۇرىۋاتقانلار بىز ياقتۇرىدىغان ياكى ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا بۇيرۇغاندا، ئاسىيلىققا بۇيرۇلمىساقلا بويسۇنۇشنىڭ زۆرۈرلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، پەقەت بۇ ئاسىيلىقتا ئاڭلاپ، ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ئېشەكنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ يۈزىنىڭ داغلانغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئۇنىڭ يۈزىنى داغلىغان كىشىگە ئاللاھ لەنەت قىلسۇن» دېدى. ئىمام مۇسلىمدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «يۈزىگە ئۇرۇشتىن ۋە يۈزىنى داغلاشتىن چەكلىدى»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇھەدىستە ھايۋاننىڭ يۈزىنى داغلاشتىن ۋە ئىنساننىڭ يۈزىگە ئۇرۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنداق قىلغان كىشىگە قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بەزى ئۆلىمالار بۇ چوڭ گۇناھلار جۈملىسىدىن ھېسابلىدى. ئۆلىمالار يۈزگە ئۇرۇشتىن چەكلەنگەنلىكنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: يۈز دېگەن گۈزەللىك مۇجەسسەملەشكەن سەزگۇر ئەزا، يۈزنىڭ قۇرۇلمىلىرى بەك ئېسىل-سىلىق بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن كۆپ نەرسىلەرنى بىلگىلى بولىدۇ، يۈزگە ئۇرغان ۋاقىتتا يۈزنىڭ ئېسىللىكى يوقايدۇ، بەزى ۋاقىتتا يۈزدە ئەيىپ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. يۈزگە ئەيىپ پەيدا قىلىش ياخشى ئەمەس. چۈنكى يۈز ئاشكارا ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يوشۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ، يۈزىگە ئۇرۇلغاندا كۆپ ۋاقىتلاردا ئەيىپتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ ئەمىر (ھاكىم)غا ياخشىلىق ئىرادە قىلىپ قالسا، ئۇنىڭغا ئۇنتۇپ قالسا ئەسلىتىدىغان، ئەسلىسە ياردەملىشىدىغان راستچىل ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ. ئەگەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلمىسا،ئۇنتۇپ قالسا ئەسلەتمەيدىغان، ئەسلىسە ياردەم بەرمەيدىغان ناچار ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ»دېگەن
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر ئاللاھ ئەمىر (ھاكىم)غا ياخشىلىق ئىرادە قىلىپ قالسا» بۇ يەردىكى ئىرادىدىن مەقسەت كائىناتنىڭ تەقدىر ئىرادىسى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ياخشىلىق ۋە يامانلىق جەھەتتىن ئالاقىسى بار. چۈنكى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ ۋە يامان كۆرىدۇ، بۇ ئىرادە كەڭ مەنىدە بولۇپ، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەدىستىكى ياخشىلىقتىن مەقسەت ئەمىر ياكى ھاكىملارنىڭ قايسى بىرى راستچىل ۋەزىرگە ئېرشەلىگەن بولسا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. «راستچىل ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ» دېگەندىن مەقسەت سۆز ۋە ئىش-ھەرىكىتىدە، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالىتىدە راستچىللىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى راستچىللىق ھەمرا بولۇشنىڭ ئاساسىي.«ئۇنتۇپ قالسا» دېگەندىن مەقسەت؛ ئەمىر ئۇنتۇپ قالسا، يەنى بىرەر شەرئى ھۆكۈمدىن ياكى زۇلۇمغا ئالاقىدار بىر مەسىلىدىن ياكى پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىدىن ئېزىپ كەتسە، راستچىل ۋەزىر ئۇنىڭغا ئەسلىتىدۇ ۋە يول كۆرسىتىپ قويىدۇ. ئەگەر ئەمىر ئەسلىسە پىكىر، سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەت جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ. «ئەگەر ئۇنىڭدىن باشقىسىنى ئىرادە قىلسا» دېگەندىن مەقسەت؛ يامانلىقنى ئىرادە قىلسا دېمەكچى. بۇنداق ئىپادىلەشتىكى مەقسەت ياخشىلىقنى ئۇلۇغ كۆرسىتىش، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆرسىتىش ۋە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە قىزىقتۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «يامان ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ» دېگەندىن مەقسەت سۆز ۋە ئىش-ھەرىكىتىدە ناچار ۋەزىرنى ياردەمچى قىلىپ قويىدۇ.«ئەگەر ئۇنتۇپ قالسا» يەنى قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر ئىشنى تاشلاپ قويسا، ئەسلىتىپ قويمايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشىدە قەلبى جەھەتتىن نۇر مەۋجۇت ئەمەس. «ئەگەر ئەسلىسە ياردەم بەرمەيدۇ» يەنى تەبىئىيىتى ناچار ۋە قىلمىشلىرى ئەسكى بولغاچقا ئۇنى ئۇ ئىشتىن توسۇشقا ئۇرۇنىدۇ
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ: ئاللاھ تائالا قانداق بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسە ياكى بىر خەلىپىنى تىكلىسە ئۇلارنىڭ ئىككى خىل سىردىشى بولىدۇ، بىرى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ، يەنە بىرى يامانلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ، دېگەن
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە شۇنى بايان قىلغان. ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر پەيغەمبەرنى زېمىن ئەھلىگە ئەۋەتسە ياكى بىر خەلىپىنى باش قىلىپ تىكلىسە ئۇلارنىڭ ئىككى خاس كىشىسى بولىدۇ. بىرى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدىغان. يەنە بىرى يامانلىققا باشلاپ ئۇنىڭغا بۇيرۇيدىغان. يامان مەسلەھەتچىنىڭ زىينىدىن، ئاللاھ تائالا خالىغان بەندىسنى ساقلايدۇ
شەقىق ئىبنى سەلەمە «ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن» مۇنداق دېگەن: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەر پەيشەنبە كۈنى ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى. بىرى ئۇنىڭغا ئى ئەبۇ ئابدۇراھمان! بىزگە ھەر كۈنى ۋەز-نەسىھەت قىلىپ بەرسىكەن، دەيمەن، دېگەندە. ئۇ: سىلەرنى مالال قىلىپ قوياشنى ياقتۇرمىغانلىقىم، كۈندە ۋەز-نەسىھەت قىلىپ بېرىشتىن مېنى توسۇپ قويدى. مەنمۇ خۇددى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى مالال قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئارلاپ، ئارىلاپ ۋەز-نەسىھەت قىلغىنىدەك، سىلەرگىمۇ ئارىلاپ سۆزلەپ بېرىۋاتىمەن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانشەقىق ئىبنى سەلەمە رەھىمەھۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئۇلارغا ۋەز-تەبلىغ قىلىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. بىر ئادەم ئابدۇللاھقا: سېنىڭ ھەر كۈنى بىزلەرگە ۋەز-تەبلىغ قىلىپ بېرىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتۇق، دېگەندە ئۇ: سىلەرنى زىرىكتۈرۈپ ۋە مالال قىلىپ قوياش مېنى شۇنداق قىلىشتىن توسىدۇ، خۇددى رەسۇلۇللاھ بىزنى مالال قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئارىلاپ-ئارىلاپ ۋەز-تەبلىغ قىلغاندەك مەنمۇ سىلەرنىڭ ئىھتىياجىڭلارغا قارىتا ۋەز-تەبلىغ قىلىپ، سىلەرنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇرىمەن، دېگەن. چۈنكى مالال بولغاندا ۋەز-نەسىھەتنىڭ تەسىرى بولمايدۇ
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ماڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئى ئەبۇ زەر! مەن سىنى ئاجىز كۆرۈۋاتىمەن، مەن ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭا ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا سەن ئىككى ئادەمگە باش بولمىغىن، بىرەر يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرمېغىن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتتىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مەن سىنى ئاجىز كۆرۈۋاتىمەن، مەن ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭىمۇ ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا سەن ئىككى ئادەمگە باشلىق بولمىغىن، بىرەر يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرمېغىن!، دېدى». مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبى زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بايان قىلغان تۆت جۈملە: بىرىنچى: ئۇنىڭغا: «مەن سىنى ئاجىز كۆرۈۋاتىمەن» دېدى، بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن سۈپەتنى بۇ تېكىست ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىنسان باشقا بىرسىگە: نەسىھەت قىلىش يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش ياكى تىللاش ئۈچۈن ئەمەس، سەندە مۇنداق – مۇنداق سۈپەتلەر بار ئىكەن، دېسە ھېچقىسى يوق. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: «مەن سىنى ئاجىز كۆرۈۋاتىمەن» دېدى. ئىككىنچى: «مەن ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭا ياخشى كۆرىمەن» دېدى، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىندۇر. باشتىكى جۈملىدە بىرئاز ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىش بولغانلىقتىن، «مەن ئۆز – ئۈزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭا ياخشى كۆرىمەن» دېدى. يەنى: مەن ئۇ گەپنى، ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭىمۇ ياخشى كۆرگەنلىكتىن دەۋاتىمەن. ئۈچىنچى: «شۇڭا سەن ئىككى ئادەمگە باش بولمىغىن» يەنى: ئىككى ئادەمگە ئەمىر بولمىغىن، ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا تېخىمۇ بولمىغىن. تۆتىنچى: «بىرەر يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرمىغىن!». يېتىم دېگەن: قورامىغا يېتىشتىن ئىلگىرى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بالىدۇر. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى ئامانەتكە ئېلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى ئۇنداق مال ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاجدۇر. ئەبۇ زەر زەئىپ بولغانلىقتىن بۇ مالغا جايىدا كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «بىرەر يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرمىغىن» دېدى. يەنى: ئۇنىڭغا ئىگە بولمىغىن، بەلكى ئۇ ئىشنى باشقا ئادەمگە قويغىن!. بۇنىڭدا ئەبى زەرنىڭ ھەققى - ھۆرمىتىنى چۈشۈرگەنلىك يوق، چۈنكى ئۇ نورمالدا باشقىلاردەك (ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇپ) قىلىدىغان ئىشلارنى قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ زاھىدلىقى ۋە ھاياتتا غورىگۈل ياشايدىغانلىقى مەشھۇر ئىدى. لېكىن پەقەت بىر تەرەپتىن ئاجىز بولۇپ قالغان، ئۇ بولسىمۇ، ۋالىيلىق ياكى ھوقۇق تۇتۇش تەرەپتىن ئاجىزلىق ئىدى
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە دەيدىكى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا بىرەر ھوقۇق بېرىپ ئىشلەتمەملا؟ دېدىم، ئۇ قولى بىلەن دولامغا ئۇرۇپ قويۇپ دېدىكى: ئى ئەبا زەر سەن بۇ ئىشقا ھەقىقەتەن ئاجىزسەن، بۇ دېگەن ئامانەتتۇر ۋە ئۇنى ئۆز ھەققىدە قولىغا ئېلىپ، ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلمىسا، قىيامەت كۈنى ئىنساننى خار قىلىدىغان ۋە پۇشايمانغا قويىدىغان بىر ئىشتۇر
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ھوقۇق تۇتۇش توغرىسىدا مەخسۇس بىر نەسىھەت قىلغان. بۇ ئىش، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىنى بىرەر رايونغا ئەمىر قىلىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلغان چاغدا بولغان ئىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن بۇ ئىشقا ئاجىزسەن» دېگەن، بۇ گەپتىمۇ بىر خىل كۈچ- قۇۋۋەتنىڭ گېپى بار، لېكىن بۇ ھوقۇق دېگەن بىر ئامانەت بولغانلىقتىن، ئەگەر كۈچلۈك بولسا، كۈچلۈك، ئەگەر ئاجىز بولسا، ئاجىز دەپ، ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس سۈپىتىنى بايان قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەدىستە، بىرەر ھوقۇق تۇتۇش ئۈچۈن ئىنساننىڭ كۈچلۈك ۋە ئىشەنچىلىك بولىشى شەرت قىلىنىدىغانلىقىغا دەلىل بار. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ دېگەن ئامانەتتۇر» دېدى، يەنى، ئەگەر ئىشەنچىلىك ۋە كۈچلۈك بولسا، ئەمىر ياكى ۋالى بولۇشقا ھەقلىق بولىدىغان سۈپەتلەر مانا مۇشۇدۇر. ئەگەر ئۆزى كۈچلۈك ئەمما ئىشەنچىسىز بولسا، ياكى ئىشەنچىلىك ئەمما ئاجىز بولسا، ۋە ياكى ئىشەنچىسىز ھەم ئاجىز بولۇپ قالسا، مانا بۇ ئۈچ خىل كىشىلەر ئەمىر بولۇشقا لايىق ئەمەستۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، بىز كۈچلۈك كىشىنى ئەمىر قىلىپ تۇرغۇزۇشىمىز لازىم ، چۈنكى بۇنداق بولىشى كىشىلەرگە بەكرەك پايدىلىقتۇر، چۈنكى كىشىلەر كۈچلۈك بىر ھۆكۈمەتكە مۇھتاجدۇر. ئەگەر ھۆكۈمەت كۈچلۈك بولمىسا، بولۇپمۇ دىن ئاجىزلاپ قالغان چاغدا، نۇرغۇن پايدىلىق ئىشلار زايا بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ھەدىس، بىر ئىنساندا ئۇ ھوقۇقنىڭ ۋەزىپىلىرىنى جايىدا ئادا قىلىشقا ئاجىزلىق بولۇپ قالسا، ھوقۇقتىن يىراق تۇرۇشقا چوڭ بىر ئاساستۇر. ئەمما ھاكىملىققا سالاھىيىتى توشۇپ، ئۇنىڭدا ئادىل بولسا، بۇ ھەدىستە دېيىلگەن قورقۇتۇشلار ئۇنداق كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېسىل پەيغەمبىرىمىز بۇنى مۇستەسنا قىلىپ: «ئۇنى ئۆز ھەققىدە قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلسا، ئۇنىڭ قاتارىدىن بولمايدۇ» دېگەن. ئۇنداق بولىشى، چۈنكى ئۇنى ئۆز ھەققىدە قولىغا ئالغان كىشىنىڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان باشقا سەھىھ ھەدىسلەر مەۋجۇتتۇر. مەسىلەن: «ئاللاھ تائالانىڭ سايىسىدا سايىدايدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشىلەر» ۋە «ئادالەت يۈرگۈزگەنلەر نۇردىن بولغان مۇنبەرلەردە بولىدۇ» دېيىلگەن ھەدىسلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلىرى بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ
ئۇقبە ئىبنى ھارىس مۇنداق دېگەن: مەن مەدىنىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدا ئەسىر نامىزىنى ئوقۇدۇم. رەسۇلۇللاھ نامازدىن سالام بېرىپ بولۇپ، تېزلا ئورنىدىن تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئاياللىرىنىڭ بىرىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. كىشىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ تېز ھەرىكىتىدىن چۈچۈپ كېتىشتى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ قارىسا، ئۇلارنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى كۆرۈپ: «بىزنىڭ قېشىمىزدا بار خام ئالتۇننى ئەسلەپ قالدىم، ئۇنىڭ مېنى نامازدا خىيال قىلدۇرۇپ مەشغۇل قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، بۆلۈپ بىرىۋېتىشكە بۇيرۇدۇم»دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «مەن ئۆيدە سەدىقىدىن كەلگەن خام ئالتۇننى قويۇپ قويغان ئىدىم، ئۆيۈمدە بىر كۈن تۇرۇپ قېلىشىنى خالىمىدىم» دېگەن
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەزرىتى ئۇقبە ئىبنى ھارىس بىر كۈنى ئۆزىنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە ئەسىر نامىزى ئوقۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ نامىزىنى تۈگىتىپ بولۇپ تېز ئورنىدىن تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ بويۇنلىرىدىن ئاتلاپ، بەزى ئاياللىرىنىڭ ھۇجرىسىغا قاراپ ماڭغاندا، كىشىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ تېز ھەرىكىتىدىن ئەنسىرەپ قالغان. رەسۇلۇللاھ ئۆيىدىن چىقىپ كىشىلەرنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى كۆرۈپ، سەۋەبىنى بايان قىلىپ، تەقسىم قىلىنىشقا تېگىشلىك تېخى قۇيۇلمىغان بىر ئالتۇن پارچىسىنى نامازدا ئەسلىگەنلىكى ۋە بۇنىڭ بۇندىن كېيىن نامازدا ئاللاھقا يۈزلىنىشتىن ئويغا سېلىپ نامازغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن تەقسىم قىلىۋىتىشكە بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قانداق بىر كىشى بىر كۆچەت تىكىپ قويسا، ئۇنىڭ مېۋىسى يېيىلسە ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە، ئۇنىڭ مېۋىسى ئوغرىلىنىپ كەتسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ۋە بىرسى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «بىر مۇسۇلمان كۆچەت تىكسە ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ئىنسان ياكى ھايۋان ياكى قۇشلار يېسە ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكى قىيامەتكىچە سەدىقە بولىدۇ» دېيىلگەن، يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەگەر بىر مۇسۇلمان كۆچەت تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا، ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ئىنسان ياكى ھايۋان ياكى ئۇچار-قۇشلار يېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكى قىيامەتكىچە سەدىقە بولىدۇ
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: بىر مۇسۇلمانلاردىن بىرەرسى كۆچەت تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا ئۇنىڭ مېۋىسىنى ھايات مەخلۇقاتلار يەپلا قالسا، ئۇ كىشى تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاپ بېرىلىدۇ، تىككەن كۆچەت ۋە تېرىغان زىرائەت قالغانغا قەدەر ئۇ كىشىگە ياخشىلىق يېزىلىپ تۇرىدۇ. بۇ باپتا بايان قىلىنغان ھەدىستە، زىرائەت تېرىش ۋە كۆچەت تىكىشكە رىغبەتلەندۈرۈش بولۇپ، بۇنىڭدا دىنى ۋە دۇنيالىق تەرەپتىن مەنپەئەت ۋە كۆپ ياخشىلىق بولىدۇ، تېرىغان زىرائەت ۋە تىككەن كۆچەتتىن بىرەر جانلىق يېسە ئۇ كىشىگە سەدىقە بولىدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىقى بىرەر ئوغرى كېلىپ مېۋىدىن ئوغرىلاپ كەتسە، خۇددى بىر ئادەم خورمىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئوغرىلاپ كەتسە، ئۇنىڭغا ئاشۇنىڭدىمۇ ئەجىر بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ كىشى ئوغرىنى سوتقا ئېلىپ بېرىپ جازاغا تارتتۇرسىمۇ، ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئوغرىلانغان نەرسىنىڭ ساۋابىنىمۇ قىيامەتكىچە ئۇ كىشىگە يازىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ نەرسىلەردىن چارىپايلار يېسە ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ، ھەدىسنى مۇسۇلمانغا خاس قىلدى، چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن قىلغان سەدىقىسىنىڭ ساۋابىدىن دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىنىدۇ