





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يېقىندا تاللاش ۋە دىندا بولمىغان مۇنكەر ئىشلار بولىدۇ»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ ۋاقىتتا بىزنى نېمە قىلىشقا بۇيرىيلا؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«سىلەر ئۈستۈڭلاردىكى ھەقنى ئادا قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ھەققىڭلارنى ئاللاھدىن سوراڭلار».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېقىندا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا بەزى رەھبەرلەرنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مېلىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيا ئىشلىرىنى تاللايدىغانلىقى، مالنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغانلىقى، مۇسۇلمانلارنى ئۇ مالدىكى ھەققىدىن چەكلەپ قويىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى. ئۇلارنىڭ ئېچىدە دىندا بولمىغان مۇنكەر ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ساھابىلار: ئۇ ۋاقىتتا نېمە قىلىدىغانلىقىنى؟ سورىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا خەۋەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ مالنى يالغۇز ئىگەللىۋېلىشى سىلەرنى ئۈستۈڭلاردا ۋاجىپ بولغان ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن چەكلەپ قويمىسۇن، بەلكى سەۋېر قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىپ ئىشتا تالاش-تارتىش قىلماڭلار، ئاللاھتىن ئۆزۇڭلارنىڭ ھەققىنى ۋە ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىشنى سوراڭلار، ئۇلارنىڭ يامانلىق ۋە زۈلۇم قىلىشىدىن ساقلىشىنى ئاللاھ تائالادىن سوراڭلار.
نۇئمان بىن بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدە تۇرغۇچىلار ۋە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەرنىڭ مىسالى: بىر كېمىگە بارابەر چىققان ئۇنىڭدىن كېيىن كېمىنىڭ ئۈستىدە ياكى ئاستى قەۋېتىدە ئولتۇرۇش توغرىسىدا ئۆزئارا چەك تاشلاشقان، بەزىلىرىگە ئۈستۈن قەۋەت چىققان يەنە بەزىلىرىگە ئاستى قەۋەت چىققان، ئاستى قەۋەتتىكىلەر سۇغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۈستى قەۋەتتىكىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ سۇ ئېلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئاستى قەۋەتتىكىلەر: بىز سۇ ئالىمىز دەپ ئۈستىمىزدىكىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزگىچە كېمىنىڭ شېلىنى چىقىرىپ سۇنى تۇرغان ئورنىمىزدىن ئالساق دېگەن كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇلار ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇلسا، مەقسەت قىلغان ئىشلىرى بىلەن كېمىدىكى ھەممەيلەننى ھالاك قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ ئۇ قىلمىشىدىن قولىنى يىغدۇرسا، ئۇلارمۇ ۋە بۇلارمۇ ھەممەيلەن قۇتىلىدۇ».
بۇخارى رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدە تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلىگۈچى ئۈچۈن بۇ ھەدىس تېپىك مىسالدۇر ياخشىلىقنى تەرك قىلىپ، يامان ئىشقا يۈزلىنىپ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچى ئۈچۈن مىسال بايان قىلىپ بەردى. جەمئىيەتنىڭ نىجات تىپىشىدا بۇنىڭ زور تەسىرى بولىدۇ، بۇ بىر كېمىگە بىرگە چىققان ئۇنىڭدىن كېيىن كېمىنىڭ ئۈستىدە ياكى ئاستى قەۋېتىدە ئولتۇرۇش توغرىسىدا ئۆزئارا چەك تاشلاشقان، بەزىلىرىگە ئۈستۈن قەۋەت چىققان يەنە بەزىلىرىگە ئاستى قەۋەت چىققان، ئاستى قەۋەتتىكىلەر سۇغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۈستى قەۋەتتىكىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ سۇ ئېلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئاستى قەۋەتتىكىلەر: بىز سۇ ئالىمىز دەپ ئۈستىمىزدىكىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزگىچە كېمىنىڭ شېلىنى چىقىرىپ سۇنى تۇرغان ئورنىمىزدىن ئالساق دېگەن، ئەگەر ئۈستۈن قەۋەتتىكى كىشىلەر ئۇلارنى ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويغان بولسا، مەقسەت قىلغان ئىشلىرى بىلەن كېمىدىكى ھەممەيلەننى ھالاك قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ قىلمىشىدىن قولىنى يىغدۇرسا، (يەنى ئۇ ئىشتىن چەكلىسە)، ئۇلارمۇ ۋە بۇلارمۇ ھەممەيلەن قۇتىلىدۇ».
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېدى: كىشىلەرگە ئەقلى قۇبۇل قىلالايدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەڭلار، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ئىنكار قىلىشىنى خالامسىلەر
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانمۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب بىزگە شۇنى كۆرسىتىدۇكى: كىشىلەرگە سۆز قىلغاندا، دىننىڭ ئاساسى بولغان ئىشلاردا، تەۋھىدتىن ئىبارەت ئەھكاملاردا، ھالال–ھارامنى بايان قىلىش ئىشلىرىدا سۆز قىلىش، كىشىلەرنىڭ ھاجىتى چۈشمەيدىغان ياكى ھەقىقەتنى رەت قىلىشقا ۋە ياكى چۈشەنچە ئېنىق بولمىقانلىقتىن ياكى چۈشىنىش قېيىن بولغانلىقتىن ئۇنى قۇبۇل قىلماسلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى تاشلاش كېرەك
ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ: ئى خالايىق!، سىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ: «ئى مۆمىنلەر!، ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگەزىيان يەتكۈزەلمەيدۇ» دېگەن ئايىتىنى ئوقۇيسىلەر، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئەگەر كىشىلەر زالىمنى كۆرۈپ چەكلىمىسە ئاللاھ ئۆز ئازابىنى ئۇلارغا تىزلا ئوموملاشتۇرىدۇ» دېدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"نئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئى خالايىق!، سىلەر:{ئى مۆمىنلەر!، ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ} دېگەن بۇ ئايەتنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىن ئىنسان ئۆزى توغرا يولدا بولسا باشقىلارنىڭ ئازغۇنلىقى ئۇنىڭغا زېيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۆزىنى تۈزىسە باشقىلارنىڭ ئىشى ئاللاھقا بولىدۇ دەپ چۈشىنىسىلەر، بۇ خاتا چۈشەنچىدۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ بىزگە زېيان يەتكۈزەلمەيدىغان بولىشى ئۈچۈن توغرا يولدا بولىشىمىزنى شەرت قىلىپ: {سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ} دېدى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش توغرا يولدا بولۇشنىڭ بىر قىسمىدۇر، بۇ توغرا يولدا بولغانلىق بولسا، زېياندىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىشىمىز زۆرۈر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئەگەر كىشىلەر يامان ئىش- ھەرىكەتلەرنى كۆرۈپ ئۆزگەرتمىسە، زالىمنى چەكلىمىسە ئاللاھ ئۆز ئازابىنى ئۇلارغا ئوموملاشتۇرىدۇ» دېدى، يەنى: ئۇلار ئازغۇن كىشىنى كۆرۈپ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىمىسە ئازغانلار ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا، يەنى: يامان ئىشنى قىلغۇچىغا ۋە ئۇنىڭدىن توسمىغان غاپىلغا جازانى ئوموملاشتۇرىدۇ
ھۇزەيفە ئىبنى يامانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رىسۇلۇللا مۇنداق دېگەن: جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇيسىلەر، ئۇنداق قىلمىساڭلار ئاللاھ تائالا سىلەرگە پات يېقىندا ئازاب ئەۋەتىدۇ، ئاندىن دۇئا قىلساڭلارمۇ دۇئايىڭلار ئىجابەت بولمايدۇ
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ «والذي نفسي بيده» دېگەن سۆزى كۆپ ھاللاردا ئاللاھ نامى بىلەن قىلىدىغان قەسەملىرىدىن ئىدى، چۈنكى بەندىلەرنىڭ جانلىرى ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئۇنى خالىسا ھىدايەت قىلىدۇ، خالىسا ئازدۇرىدۇ، خالىسا ۋاپات تاپقۇزىدۇ، خالىسا ھايات قالدۇرىدۇ. بەندىلەرنىڭ جانلىرى ھىدايەت تاپقۇزۇش، ئازدۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، ھاياتلىق بېرىش ۋە ئىشلىرىنى ئۆزگەرتىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق بارلىق ئىشلاردا ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «رۇھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى-يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى» سۈرە شەمىس 7-8-ئايەت، جانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ قولىدا بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بۇ قەسەمنى كۆپ قىلاتتى، بەزىدە «مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى» دەيتتى، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ جېنى ئەڭ پاك بولغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ شۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلغان. ئاندىن قەسەم قىلىنغان ئىشلارنى تىلغا ئالغان، ئۇ بولسىمۇ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش بولۇپ، ئۇنداق بولمىغاندا ئاللاھ تائالا بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئومومى ئازاب نازىل قىلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا دۇئا قىلساقمۇ دۇئايىمىز ئىجابەت بولمايدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىنسان بەدىنىدىكى ھەر بىر ئۈگىنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن كۈندە سەدىقە قىلىپ تۇرىشى لازىم.ئىككى كىشى ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم قىلشى سەدىقە بولىدۇ.بىر كىشىنىڭ ئۇلۇغىغا مىنىشكە ياردەم بىرشى ياكى ئۇلاغ ئۈستىدىكى كىشىگە نەرسىسىنى سۇنۇپ بىرىشى قاتارلىقلارمۇ سەدىقە بولىدۇ.ياخشى سۆز سەدىقە بولىدۇ.ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە ماڭغان ھەر بىر قەدەم سەدىقىدۇر.يولدىن كىشىلەرگە ئازار يىتىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋىتىش سەدىقىدۇر
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەر بىر ئۈگىنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن كۈندە سەدىقە قىلىپ تۇرۇش لازىم. ئۈگىلەرنىڭ سانى 360 «ئۈچيۈز ئاتمىش» دۇر، رەسۇلۇللاھ شۇنىڭدىن كېيىن سەدىقە ھىسابلىنىدىغان ئىشلارنى مىسال ئالدى. ئۇ ئىشلار ھەركەت ۋە سۆز ئارقىلىق، چەكلىك ۋە چەكسىز يەنى كىشىلەرگە يىتىدىغان مەنپەئەت چەكلىك ۋە چەكسىز بولىدۇ، دېدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغىنى پەقەت بىر مىسال سۈپىتىدە بايان قىلىنغاندۇر. ئىككى كىشى ئارىسىدا ئادىل بولۇش دېگەنلىك ھۆكۈم قىلغاندا ۋە ئىسلاھ قىلغاندا بارلىققا كىلىدۇ. ئۇ سۆز ئارقىلىق باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر. بىر كىشىگە ئۇلۇقىغا مېنىشتە ياردەم بىرىش ياكى يۈك-تاقىسىنى سۇنۇپ بېرىش دېگەنلىك، ھەركەت ئارقىلىق مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر. ياخشى سۆزگە زىكىر-تەسبىھ، دۇئا ۋە قىرائەت، تەلىم-تەربىيە ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش قاتارلىقلار كىرىدۇ. ئۇ چەكلىك چەكسىز سۆز بىلەن بولىدۇ. مۇسۇلمان كىشىنىڭ مەسچىتكە ماڭغان قەدىمى ئۆزىگە قىلغان سەدىقە بولىدۇ. بۇ چەكلىك ئىش-ھەركەت. يولدىن كىشىلەرگە ئازار يىتىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋىتىش يەنى تىكەن، تاش، ئەينەك پارچىسى ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلار. بۇ چەكسىز ئىش-ھەركەت
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇ ئۆيىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:«ئى ئاللاھ! بىرەر كىشى ئۈممىتىمنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرغايسەن، كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ بىرەر ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مىھرىبانلىق قىلغان بولسا سەنمۇ ئۇنىڭغا مىھرىبان بولغايسەن»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئېگە بولۇش مەسئۇلىيتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا قېيىنچىلىق پەيدا قىلغۇچىلارغا ئاللاھ تائالانىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، ئۇلارغا ئادالەت، ئىنساپ، رەھمەت ۋە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىلارنى شۇنىڭغا ئوخشاش مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى، جازا-مۇكاپاتنىڭ ئىش-ھەرىكەتنىڭ تۈرىدىن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ
ئەبۇ ھۇنەيدە ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: سەلەمە ئىبنى يەزىد ئەلجۇئفى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئەگەردە بىزنىڭ ھاكىم، پادىشاھلىرىمىز ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەققىنى بىزدىن ئېلىپ، بىزگە بىرىدىغان ھەقنى بەرمىسە، بىزنى قانداق قىلىشقا بۇيرۇيلا؟ دېگەندە. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرىۋالدى، ئۇ يەنە سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، بويسۇنۇڭلار، سىلەرمۇ ئۆز مەجبۇرىتىڭلاردىن سورىلىسىلەر، ئۇلارمۇ ئۆز مەجبۇرىيىتىدىن سورىلىدۇ، دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانسەلەمە ئىبنى يەزىد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇيسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدىغان، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدىغان، پۇقرالارنىڭ ھەققىنى بەرمەيدىغان، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىدىغان، شەخسىيەتچى پادىشاھ، ھاكىملار ھەققىدە سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇددى بۇ سوئالنى ياقتۇرمىغاندەك، بۇ ھەقتە سۆز قىلىشنى خالىمىغاندەك ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرىۋالدى. ئۇ كىشى سوئالنى قايتا سورىغاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ھاكىم پادىشاھلارنىڭ ھەققىنى بېرىشكە، ئۇلارغا قارىتا مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشقا بۇيرىدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دىن ھەقىقەتەن ئاسان، كىم دىننى قىيىنلاشتۇرسا دىن ئۇنى مەغلۇب قىلىدۇ، توغرىلاڭلار، يېقىنلىشىڭلار، خۇش بىشارەت ئېلىڭلار، ئەتىگەن، كەچقۇرۇن ۋە كېچىنىڭ بىر قىسمىدىن پايدىلىنىڭلار» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «توغرىلاڭلار، يېقىنلىشىڭلار، ئەتىگەن، كەچقۇرۇن ۋە كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئىش قىلىڭلار، ئوتتۇرا ھال بولۇڭلار، نىشانغا يېتەلەيسىلەر»
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبىرەر كىشى دىن ئىشلىرىدا چۇڭقۇرلاپ، قولايلىقنى تاشلىسا، پۈتكۈل ياكى قىسمەن ئەمىلىدىن توختاپ قالىدۇ، شۇڭا ئاشۇرۇۋەتمەستىن، ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇڭلار، ئەڭ مۇكەممىلىنى قىلالمىساڭلار، ئۇنىڭغا يىقىنراقىنى قىلىڭلار، گەرچە ئاز بولسىمۇ، ئىزچىل ئەمەلگە بېرىلىدىغان ساۋابتىن خۇش بىشارەت ئىلىڭلار. تېتىك ۋە بوش ۋاقتىڭلاردا ئىبادەت قىلىشقا تىرىشىڭلار. نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: «الدين» دېگەن سۆز: قىلغۇچىسى نامەلۇم كىلىپ، پىچ ئوقۇلۇپ ۋە يەنە بىر ھەدىستە: "لن يشاد الدين أحد" دەپ زەۋەر ئوقۇلۇپمۇ كەلگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ: «إلا غلبه» دېگەن سۆزى: دىن ئۇنى مەغلۇپ قىلىدۇ، چىڭىتقۇچى دىننىڭ يوللىرى كۆپ بولغانلىقتىن قارشىلىشىشدىن ئاجىز كىلىدۇ،- دېگەن مەنىدە. «الغدو» ئەتىگەن تەرەپلەردە يول يۈرۈش، «الرواح» كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا يول يۈرۈش، «الدلجة» كېچىدە يول يۈرۈش دېگەن مەنىدە. بۇ ئوخشىتىش ئۇسلۇبى بولۇپ، توغرا يولدا مىڭىۋاتقان مۇسۇلمان: يۇرتىدىكى ۋاقتىدا كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىشلەپ، ئازراق ئارام ئالىدىغان، سەپەر قىلغاندا كېچىسى مېڭىپ، چارچىغاندا توختاپ، ئارام ئالىدىغان دۇنيا خىزمىتىدىكى ئىنسانغا ئوخشىتىلغان. ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا يۈزلىنىشمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ