





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەشەھھۇدنى ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىشتىن ئىلگىرى: «ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، يوشۇرۇن-ئاشكارا قىلغان، چېكىدىن ئاشۇرۇرىۋەتكەن، سەن مەندىن ياخشىراق بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن ئىلگىرىلەتكۈچى ۋە چىكىندۈرگۈچىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دەيتتى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇسا تەشەھھۇدنى ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىشتىن ئىلگىرى دەيدىغان ئاخىرىقى سۆزى: ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى قىلغان (يامانلىقىمنى)، كېچىكتۈرگەن (ئەمىلىمنى)، يەنى: سەل قارىغان بارلىق ئىشلارنى، مەخپى قىلغان، ئاشكارا قىلغان، ئىسراپ قىلغانلىرىمنى، يەنى: چەكتىن ئاشۇرىۋەتكىنىمنى. بۇ ھەر-تۈرلۈك گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن ئالاھىدە ئەپۇ سوراشتۇر، سەن مەندىن ياخشىراق بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن، يەنى: مەن سانىنى ۋە ھۆكمىنى بىلمەيدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن. سەن ئىلگىرىلەتكۈچى، يەنى: بەزى بەندىلىرىڭنى ئىتائەتلەرگە مۇۋاپىقىيەت بېرىش بىلەن ئۆزۈڭ تەرەپكە ئىلگىرىلەتكۈچىسەن ۋە چىكىندۈرگۈچىسەن، يەنى: يەنە بەزى بەندىلىرىڭنى غەلبە-نۇسرەتتىن مەھرۇم قىلىش بىلەن چىكىندۈرگۈچىسەن، ياكى سەن خالىغان كىشىلەرنى مۇكەممەللىك دەرىجىسىدە ئىلگىرىلەتكۈچىسەن، خالىغان كىشىلەرنى ئالى ماقاملاردىن پۈچەك ئىشلارغا چۈشۈرگۈچىسەن. سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، يەنى: سەندىن باشقا ھەقىقى ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق، دەيتتى
ئۇبادە بىن سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: قېيىنچىلىق، ئاسانچىلىقتا، ياقتۇرىدىغان ۋە ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردا، باشقىلارنى بىزدىن ئۈستۈن كۆرگەندىمۇ، ئىشنى ئەھلىدىن تالاشماسلىق، ھەرقانداق جايدا بولساق ھەقىقەتنى دېيىشكە، ئاللاھ توغرىسىدا مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورۇقماسلىق توغرىسىدا بەيئەت قىلدۇق».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلاردىن رەھبەرلەرگە، ئىش باشقۇرىۋاتقانلارغا ئاسانچىلىق ۋە قىيىنچىلىقتا، بايلىق، كەمبەغەللىكتە، ئۇلارنىڭ بۇيرىقى كۆڭلىگە ياقسۇن ياكى ياقمىسۇن، ھەتتا رەھبەرلەر باشقا كىشىلەرگە مال-دۇنيا، ئەمەل- مەنسەپ بېرىپ ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى قىلسىمۇ ئۇلارغا بويسۇنۇش توغرىسىدا بەيئەت ئالدى. ھەقىقەتەن ئۇلارغا: ياخشى ئىشلارغا بۇيرىغاندا ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىش، ئۇلارغا قارشى ئىسيان قىلماسلىق ۋاجىپ بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارغا قارشى چىقىش ئارقىلىق يۈز بېرىدىغان پىتنە-پاسات ئۇلارنىڭ زۇلۇم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان پاساتچىلىقتىن كاتتا بولىدۇ. ئۇلاردىن ۋەدە ئالغان ئىشلاردىن بىرى: ھەر قانداق جايدا ھەقىقەتنى سۆزلەش، ئاللاھ ئۈچۈن مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قۇرۇقماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يېقىنقى زاماندا سىلەرگە ئەمىر ۋە باشلىقلار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېتىراپ قىلىسىلەر، بەزى ئىشلىرىنى شەرىئەتكە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنكار قىلىسىلەر، ئۇنىڭ چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ دىلى بىلەن بولسىمۇ ئۆچ كۆرسە، ئۆزىنى پاك تۇتقان بولىدۇ، ئىنكار قىلغان كىشى خاتالىقتىن ساقلىنىپ قالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا رازى بولۇپ ئەگەشكەن كىشى ھالاك بولىدۇ» ساھابىلار: ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمىزمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ياق، ئۇلار نامازنى ئادا قىلغان مۇددەتتە ئۇلارغا قارىشى ئۇرۇش قىلمايسىلەر»دېدى.
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە يېقىندا رەھبەرلىك قىلىدىغان ئەمىر ۋە باشلىقلار توغرىسىدا خەۋەر بەردى، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلىمىز، بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىنكار قىلىمىز. شەرىئەتكە زىت بولغان ئىشنى باشقا تەرەپتىن ئىنكار قىلىشقا قادىر بولالماي دىلى بىلەن ئۆچ كۆرگەن كىشى گۇناھتىن ۋە نىپاقتىن پاك بولغان بولىدۇ. قولى بىلەن ياكى تىلى بىلەن ئىنكار قىلىشقا قادىر بولغان كىشى شۇ بويۇنچە ئىنكار قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھ-مەسىيەتتىن ۋە ئۇ گۇناھقا شېرىك بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىشىغا رازى بولغان ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر ئۇلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: مۇشۇ سۈپەتتىكى ئەمىر ۋە رەھبەرلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىمىزمۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ: «ئۇلار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نامازنى بەرپا قىلغان مۇددەتتە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلماڭلار»دېدى.
ئەبى مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان سەپەر قىلسا ياكى كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن سەپەر قىلمىغان ۋە ساق ۋاقتىدا قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ ئوخشىشىنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ».
بۇخارى رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز پەزلى-رەھمىتىدىن خەۋەر بېرىپ، مۇسۇلمان ساق-ساغلام، سەپەر قىلمىغان ۋاقىتلىرىدا ياخشى ئەمەللەرنى تولۇق قىلىپ ئادەت قىلغان بولسا، كېسەل بولۇپ قىلىپ ئۇ ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلالمىغان بولسا، ياكى سەپەرگە چېقىپ قىلىپ ياكى باشقا بىر ئۈزۈر سەۋەپلىك تولۇق ئادا قىلالمىغان بولسا، بۇ كىشى ئۈچۈن ساق ۋە سەپەر قىلمىغان ۋاقىتلىرىدا قىلغان ئەمەللىرىگە ئەجىر بەرگەندەك تولۇق ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ.
تەمىم ئەددارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىن سەمىمىيەتتۇر» بىز: كىمگە؟ دېسەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كىتابى، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى، مۇسۇلمان رەھبەرلەر ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن» دېدى.
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ھەقىقەتەن دىن دېگەن؛ ئىخلاس، راستچىللىق ئاساسىغا تۇرغۇزىلىدۇ. دىنغا ئاللاھ تائالا بۇيرىغاندەك تولۇق ئەمەل قىلىش، ھىلە-مىكىر قىلماستىن مۇكەممەل ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: «سەمىمىيەت كىمگە بولىدۇ؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بىرىنچى: ئاللاھ تائالاغا سەمىيمى بولۇش دېگەن: ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىش، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىغا، ئىلاھلىقىغا ۋە گۈزەل ئىسىم سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە ئاللاھقا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىش قاتارلىقلار. ئىككىنچى: ئاللاھنىڭ كىتابىغا سەمىيمى بولۇش دېگەن: ئاللاھنىڭ كىتابى بولسا قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ كالامى، ئاللاھنىڭ ئاخىرىقى كىتابى، ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان بارلىق كىتابلاردىكى قانۇن-پىرىنسىپلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ دەپ چىن دىلىدىن ئېتىقاد قىلىش، ئۇنى ئۇلۇغلىشىمىز، ھەقىقى شەكىلدە تىلاۋەت قىلىشىمىز، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز، مۇتەشابىھلىرىنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھقا تاپشۇرىشىمىز، (ئۇ كىتابنى ئۆزگەرتكۈچىلەرنىڭ چۈشەنچىسىگە ئىتىبار قىلماسلىقىمىز)، قۇرئاننىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشىمىز، ئىلىملىرىنى تارقىتىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىشمىزدىن ئىبارەت. ئۈچىنچى: ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سەمىيمى بولۇش دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر دەپ ئېتىقاد قىلىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن دىننى تەستىقلاش، بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، توسقانلىرىدىن چەكلىنىش، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەتنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىن بويۇنچە قىلىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەققىنى ئۇلۇغلاش، ھۆرمەت قىلىش، ئۇنىڭ دەۋىتىنى تارقىتىش، يولغا قويغان شەرىئىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار. تۆتىنچى: مۇسۇلمان رەھبەرلەرگە سەمىيمى بولۇش دېگەن: ھەقىقەتتە ئۇلارغا ھەمكارلىشىش، ئۇلاردىن ھوقۇق تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنماسلىق، ئاللاھقا ئىتائەت بولىدىغان ئىشلاردا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا بويسۇنۇش دېمەكتۇر. بەشىنچى: ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا سەمىيمى بولۇش دېگەن: ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىش، ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، ئۆزى ياقتۇرغان ئىشلارنى ئۇلارغىمۇ ياخشى كۆرۈش، ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىقتا ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ قىيىنلاشتۇرغىن، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ ئاسان قىلغىن».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىدىن چوڭ بولسۇن ياكى كېچىك بولسۇن، ئومۇمغا ئالاقىدار ئىش بولسۇن ياكى شەخسلەرگە ئالاقىدار ئىش بولسۇن قانداق بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلماي، قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالادىن ئۇ كىشىنى قىلغان قىلمىشىنىڭ تۈرىدىن جازالاشنى تىلەپ دۇئا قىلدى. ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلىپ، ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغان كىشىگە ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئىشلىرىنى ئاسان قىلىدىغانقى توغرىسىدا دۇئا قىلدى.
مەئقىل بىن يەسار مۇزەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ قويسا، ئۇ كىشى ئۆلگەندە، ئۆزى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرگە ساختىپەزلىك قىلىپ ئۆلگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ھەر قانداق بىر كىشىنى ئاللاھ تائالا كىشىلەرگە مەسئۇل قىلسا، مەيلى دۆلەت باشلىقى ياكى باشقا ئەمەلدارلاردىن بولسۇن ياكى ئائىلە باشلىقى ۋە باشقا ئىشلارغا مەسئۇل بولسۇن، ئۆزى ئىشلىرىغا ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمايدىكەن، ئۇلارغا توغرا يول كۆرسەتمەي، ساختىپەزلىك قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى زايە قىلىۋېتىدىكەن، بۇنداق كىشىلەر قىيامەتتە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەمىرگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ، جامائەتتىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ، نىشانى ئېنىق بولمىغان بايراق ئاستىدا، تەرەپبازلىق ئۈچۈن قوزغىلىپ، تەرەپبازلىققا چاقىرىپ، تەرەپدارلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى، جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ. مېنىڭ ئۈممىتىمگە قارشى قورال كۆتۈرۈپ چىقىپ، ياخشى-يامان ھەممىنى ئۆلتۈرگەن، ئۈممەتنىڭ مۇئمىنلىرىنى ھېچ ئەيمەنمەستىن ئۆلتۈرگەن، ئارىدا كېلىشىم بولغان كىشىلەرنى ئەھدىگە ۋاپا قىلماي كېلىشىمنى بۇزۇپ ئۆلتۈرگەن كىشى مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس. مەنمۇ ئۇكىشىگە شاپائەت قىلغۇچى ئەمەسمەن».
مۇسلىم رىۋايىتىبۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغۇچى ئەمىرلەرگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ، ئىمامغا بەيئەت قىلىشقا بىرلىككە كەلگەن مۇسۇلمان جامائىتىدىن ئايرىلىپ، ئىمامغا ئىتائەت قىلماستىن شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى، جاھىلىيەتتە بىرەر ئەمىرگە ئىتائەت قىلمىغان، مۇسۇلمانلار جامائىتىگە قېتىلماستىن بەلكى تۈرلۈك پىرقە، جامائەت بولۇپ، بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ ئۆلگەن كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: باتىلدىن ھەقنىڭ كۆرۈنىشى ئېنىق بولمىغان، ئۇقۇمسىز بايراققا ئەگىشىپ دىن ئۈچۈن ياكى ھەقىقەت ئۈچۈن ئۇرۇش قىلماستىن ئۆزىنىڭ مىللىتى، يۇرتى، قەبىلىسى ئۈچۈنلا ئۇرۇش قىلىپ، شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەنگە ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. (يەنى ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىشنى دىنى ئەقىدىگە باغلاپ چۈشۈنۈشنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىۋالالايمىز). پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە قارشى قورال كۆتۈرۈپ چېقىپ، ئۈممەتنىڭ ياخشىلىرى ۋە پاسىقلىرى دەپ ئايرىماستىن ھېچ پەرۋا قىلماستىن مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشنىڭ ئازابىنىڭ دەھشەتلىكىدىن قورۇقماستىن، كاپىرلاردىن كېلىشىم تۈزگەنلەرنى ۋەدىگە ۋاپا قىلماستىن ياكى ئەمىرلەرگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماستىن ئەھدىنى بۇزۇپ ھەممىنى ئۆلتۈرگەن كىشى (ئۇنىڭ قىلمىشى چوڭ گۇناھدۇر) قاتتىق ئازابقا لايىق بولىدۇ.
ئەرپەجە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «سىلەر بىر ئەمىرگە ئىتائەت قىلىپ بىرلەشكەن جامائەت بولغاندىن كېيىن سىلەرنىڭ بىرلىكىڭلارنى بۇزۇپ، جامائىتىڭلارنى بۆلۈش ئۈچۈن بىرسى ئوتتۇرغا چىقسا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار».
مۇسلىم رىۋايىتىبۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنى بايان قىلىپ بېرىدۇكى، مۇسۇلمانلار بىر ئەمىر ياكى بىر ھاكىمغا ئىتائەت قىلىپ، جامائەت بولغاندىن كېيىن، ئەمىردىن ياكى ھاكىمدىن ھوقۇق تالىشىش ياكى بىرلىككە كەلگەن جامائەتنى بۆلىۋېتىدىغان بىرەرسى ئوتتۇرغا چىقسا ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇ كىشىنى بۆلگۈنچىلىكتىن چەكلەش، ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا ئۆلتۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ.