Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way






























Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
كىشىلەر سەپەر جەريانىدا بىرەر ئورۇنغا چۈشكەندە جىلغا ۋە ۋادىلاردا تارقاق يەرلىشەتتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا: ئۇلارنىڭ تارقاقلىشىپ يەرلىشىشىنى، ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرىنى قورقۇتۇپ، دۈشمەنلىرىنى قوزغۇتۇش ئۈچۈن شەيتاندىن بولغان ئىش دەپ خەۋەر بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ساھابىلار بىرەر ئورۇنغا چۈشسە بىر-بىرى بىلەن توپلۇشۇپ تۇراتتى، ھەتتا ئۇلارغا بىر پارچە رەخنى پايانداز قىلىپ سېلىپ بېرىلسە يېقىن تۇرغانلىقىدىن سىغىشىپ كېتەتتى
بۇ ھەدىس مۇئامىلىنىڭ ئەدەپلىرىدىن بولغان بىر ئەدەپنى بايان قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەرزدارنى قەرزنى چىرايلىق ئادا قىلىشقا بۇيرىدى. شۇنىڭدەك قەرز ئىگىسىگىمۇ قەرزنى چىرايلىق تەلەپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەرز ئىگىسىنى باشقىلاردىن ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلغاندا ياكى باشقىلار ئۇنىڭدىن قەرزنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندا، قەرزنى ئادا قىلىشقا قادىر بولغان كىشىنىڭ سەۋەبسىز ئۇنىڭ ھەققىنى كېچىكتۈرىۋىتىشىنىڭ زۇلۇم بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، قەرزدار قەرز ئىگىسىدىن مەلۇم مۇددەت كېچىكتۈرۈشنى ۋە ئۆزىگە ئاسانچىلىق بېرىشنى، قەرزنى باشقا بىر كىشىدىن ئېلىۋىلىشنى ھاۋالە قىلغان بولسا، ئەگەر قەرز ئىگىسى بۇ ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا بۇ زۇلۇم يوق بولىدۇ. قەرزنى چىرايلىق تەلەپ قىلىش، ئادا قىلىشقا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش، شۇنداقلا قەرزنىڭ قەرزدارنىڭ زىممىسىدە ئۇزۇن تۇرۇپ قىلىشى ،بىلەن شەكىللىنىدىغان زۇلۇمنى يوق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر
رەسۇلۇللاھنىڭ: «سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا يەمەنلىكلەر كەلدى» دېگىنى، ئۇلارنى قارشى ئالغانلىق، پەزىلىتىنى بايان قىلغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىنىڭ قەۋمى ئەشئەرىلىكلەرمۇ بار ئىدى، ئىمام ئەھمەد مۇسنەد كىتابىدا 1553- نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان ھەدىسى بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ. ئۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: «سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەتە قەلبى ئىسلامغا سىلەردىنمۇ يۇمشاق كىشىلەر كېلىدۇ» دېگەن، ئەشئەرىلەر كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىمۇ بار ئىدى، ئۇلار مەدىنىگە يېقىنلاشقاندا بۇ شىئىرنى ئوقۇپ كەلگەن: «ئەتە ئۇچرىشىمىز يارەنلەر بىلەن ، مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ دوسلىرى بىلەن»، ئۇلار كەلگەن ۋاقىتلىرىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بۇ ئۇسۇلنى تۇنجى ئوتتۇرغا قويغۇچىلاردىن بولۇپ قالغان
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەجۇسىلەردىن بولغان بىر جامائەتنىڭ يىنىدا ئىدى، ئۇنىڭغا كۈمۈش قاچىدا تاتلىق يېمەكلىك كەلتۈرۈلگەندە ئۇ يىمىدى، قاچىنى ياغاچ تەخسىگە ئالماشتۇرۇپ ئىلىپ كەلگەندە ئاندىن يېدى
بۇ ھەدىستە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك مەسىلىلىرىدە ئوخشاش بولۇش، ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرىماسلىق، ئەگەر بۇيرۇپ قالسا ئۇلارغا ياردەملىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈش،ئۇلارنى خارلىغان ۋە ھاقارەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلگەن، چۈنكى ئۇلار بىزگە دىنى قېرىنداشلاردۇر
قانداق بىر كىشىنى ئاللاھ تائالا، ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىدىغان بىر نەرسىنى سۆزلەشتىن ۋە ھارام زىناغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلايدىكەن، ئۇ كىشى نىجات تاپىدۇ ۋە جەننەتكە كېرىدۇ
ھەدىسنىڭ مەنىسى: ھەقىقەتەن پىتنە كۆپىيىپ، ئىشلار ئارىلىشىپ كەتكەن، ئۇرۇش-جېدەللەر كۆپ بولغان ۋاقىتتا قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى مەككە پەتھىسىدىن ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلغاننىڭ پەزىلىتىگە ئوخشاش بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىمۇ دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇھاجىرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ، شۇنىڭدەك كىشىلەر پىتنىگە چۈشكەندە ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشقا يۈزلىنىپ، ئۆز دىنى بىلەن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلەنگەن كىشىمۇ ھەقىقەتتە كىشلەردىن قىچىپ، پەرۋەردىگارى تەرىپىگە ھىجرەت قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ
ھەدىسنىڭ مەنىسى: بىر ئەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام بېرىپ: ئەلەيكەسسالام ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! -دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئەرنى بۇ سۈپەت بىلەن سالام بېرىشتىن توستى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خىل سالامنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە جاۋاپ قايتۇرماي، بۇ سالامنىڭ ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، ئاندىن يەنە بىر ھەدىستە كەلگەندىكىدەك ئىسلامدا يولغا قويۇلغان سالامنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ساڭا سالامەتلىك يار بولسۇن دېگىن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەلەيكەسسالام ئۆلۈكلەرنىڭ سالامى» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: بۇ سالام قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغاندا قىلىنىدىغان سالام، چۈنكى ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغاندا: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆمىنلەر قەۋمىنىڭ دىيارى...» دېگەنلىكى ئىسپاتلاندى، بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئۆلۈكلەرنى ھۆرمەتلەپ قىلىدىغان ئادىتىگە ئىشارەت قىلىپ دېگەن ئىدى
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قانداقمۇ خۇشال بولغىلى بولسۇن! ھالبۇكى سۈر چېلىشقا مەسئۇل پەرىشتە سۈرنى چېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ئاغزىغا ئېلىپ تەييار تۇرۇپ، سۈر چېلىش ئۈچۈن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرماقتا» دېگەندە، بۇ گەپ ساھابىلەرگە قاتتىق ئېغىر كەلگەندەك تۇيۇلدى. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە، ئاللاھ نېمەدېگەن ياخشى ئىگە» دەڭلار دېگەن.