





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئۇسەيىر ئىبنى ئەمرۇ -ئۇ ئىبنى جابىرمۇ دېيىلىدۇ- رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەندىن ياردەمچى قوشۇن كەلگەندە، ئۇلاردىن: ئاراڭلاردا ئۇۋەيىس ئىبنى ئامىر بارمۇ؟ دەپ سورايتتى. ئاخىرى ئۇۋەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېتىپ كەلگەندە ئۆمەر ئۇنىڭدىن: سەن ئۇۋەيس ئىبنى ئامىرمۇ؟ دەپ سورىدى، ئۇ: ھەئە، دېدى، مۇراد قەبىلىسىنىڭ قەرەن دېگەن يىرىدىنمۇ؟ دېدى، ئۇ: ھەئە، دېدى، سەندە ئاق كېسەل بار بولۇپ، بىر تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرىڭ ساقايدى، شۇنداقمۇ؟ دېگەندە، شۇنداق، دېدى. ئاناڭ بار، شۇنداقمۇ؟ دېگەندە، شۇنداق، دېدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرگە ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر يەمەن ئەھلىنىڭ مۇراد قەبىلىسىنىڭ قەرەن دېگەن يىرىدىن كەلگەن ياردەمچى قوشۇنى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ئاق كېسەل بولۇپ، بىر تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرى ساقايغان، ئۇنىڭ ئانىسى بار، ئۇ ئانىسىغا ۋاپادار، ئۇ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسا ئاللاھ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەگەر قىلالىساڭ ئۆزۈڭگە مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشىنى سورىغىن» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغانىدىم. ماڭا مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلغىن، دېدى. ئۇۋەيس مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلدى. ئۆمەر ئۇنىڭدىن: قەيەرگە كېتىۋاتىسەن؟ دەپ سورىدى. ئۇ: كۇفەگە، دېدى. ئۆمەر: سېنى كۇفەنىڭ ۋالىسىغا تونۇشتۇرۇپ بىر پارچە خەت يېزىپ بېرەيمۇ؟ دېگەن ئىدى، ئۇ: مەن ئادەتتىكى كىشىلەردىن بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن، دېدى. كېلەركى يىلى كۇفىنىڭ ئابرۇيلۇق كىشىلىرىدىن بىرى ھەجگە بېرىپ ئۆمەر بىلەن ئۇچراشتى. ئۆمەر ئۇنىڭدىن ئۇۋەيسنى سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا: ئۇ ئۆيى ناچار ۋە مۈلكى ئاز ھالدا قالدى، دېدى. ئۆمەر: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرگە ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر يەمەن ئەھلىنىڭ مۇراد قەبىلىسىنىڭ قەرەن دېگەن يىرىدىن كەلگەن ياردەمچى قوشۇنى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ئاق كېسەل بولۇپ، بىر تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرى ساقايغان، ئۇنىڭ بىر ئانىسى بار، ئۇ ئانىسىغا ۋاپادار، ئۇ قاچانكى ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسا ئاللاھ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەگەر قىلالىساڭ ئۆزۈڭگە مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشىنى سورىغىن» دېگىنىنى ئاڭلىغانىدىم، دېدى. ئۇ كۇفەگە قايتىپ ئۇۋەيسنىڭ يېنىغا كىلىپ: مەن ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، دېدى. ئۇۋەيس: سەن ياخشى سەپەردىن يېڭىلا كەلدىڭ، سەن مەن ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئۆمەرنى كۆردۈڭمۇ؟ دېدى. ئۇ كىشى: ھەئە، دېدى. ئۇۋەيس ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىدى. كىيىن كىشىلەر ئۇنى بىلىپ كېتىپ، ئۇۋەيس ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. ئۇسەير ئىبنى جابىردىن رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە: كۇپە ئەھلى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۆمەك بولۇپ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇۋەيسنى مەسخىرە قىلىدىغان بىر كىشى بار ئىدى، ئۆمەر ئۇلاردىن: ئىچىڭلاردا قەرەنلىكلەردىن بىرەر كىشى بارمۇ؟ دېگەندە، ئۇ ئۆمەرنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۆمەر: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە يەمەندىن «ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر» ئىسىملىك بىر كىشى كېلىدۇ. ئۇ يەمەندە پەقەت بىر ئانىسىنى قويۇپ كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ئاق كېسەل بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغان ئىدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىر تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرىگە شىپا ئاتا قىلغان. سىلەردىن كىم ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشسا سىلەرگە مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشىنى سورىسۇن» دېگەن ئىدى. ئۇسەيرنىڭ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان يەنە بىر رىۋايەتتە ئۆمەر: مەن ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: تابىئىنلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۇۋەيس دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى بار، ئۇنىڭدا ئاق كىسەل بار، ئۇنى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىشىغا بۇيرۇڭلار
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەن ئەھلىدىن ئىسلام قوشۇنلىرىغا ئۇرۇشتا ياردەم بېرىدىغان غازاتچىلار جامائەتلىرى كەلگەندە ئۇلاردىن: سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۇۋەيىس ئىبنى ئامىر بارمۇ؟ دەپ سورايتتى. ئاخىرى ئۇۋەيس رەھىمەھۇللاھ يېتىپ كەلگەندە، ئۆمەر ئۇنىڭدىن: سەن ئۇۋەيس ئىبنى ئامىرمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ھەئە، دېدى. ئۆمەر: سەن مۇراد قەبىلىسىنىڭ قەرەن دېگەن يىرىدىنمۇ؟ دېگەندە، ئۇ: ھەئە، دېدى. ئۆمەر: ئاق كېسىلىڭدىن بىر تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرىڭ ساقايدى، شۇنداقمۇ؟ دېگەندە. شۇنداق، دېدى. ئاناڭ بارمۇ؟ دېگەندە. ھەئە، دېدى. ئۆمەر: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرگە ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر يەمەن ئەھلىنىڭ مۇراد قەبىلىسىنىڭ قەرەن دېگەن يىرىدىن كەلگەن ياردەمچى قوشۇنى بىلەن بىللە كېلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ ئاق كېسىلىدىن تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرىگە شىپالىق بەرگەن. ئۇنىڭ بىر ئانىسى بار، ئۇ ئانىسىغا ۋاپادار. ئۇ بىرەر ئىشنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچسە ئاللاھ بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرىش بىلەن ئۇنىڭ قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. ئى ئۆمەر، ئەگەر قىلالىساڭ ساڭا مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشىنى سورىغىن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزىدىن ئۇۋەيسنىڭ ئۆمەردىن ئەۋزەللىكى، يەنە ئۆمەرنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت بولمىغان دەپ چۈشىنىلمەيدۇ. ئۆمەرنىڭ ئۇۋەيستىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىدە ئالىملارنىڭ ئىجماسى بار. چۈنكى ئۇ تابىئى، ساھابە تابىئىلاردىن ئەۋزەل. ئەمما يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ئۇۋەيسنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۆمەرنىڭ ياخشىلىقنى زىيادە قىلىشقا يول كۆرسەتكەنلىكىنى، دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى غەنىمەت بىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئادەم ئەۋلادىنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى تۇرۇپ بىزنى ئۆزىگە دۇئا قىلىشقا، دۇرۇت ئوقۇشقا ۋە ئۆزىگە يىقىنچىلىق سوراشقا بۇيرىغىنىغا ئوخشايدۇ. كىيىن ئۆمەر ئۇنىڭ ئۆزىگە مەغپىرەت تىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇۋەيس ئۇنىڭغا مەغپىرەت تىلىدى. ئۆمەر ئۇنىڭدىن: قەيەرگە بارماقچى؟ دەپ سورىدى. ئۇ: كۇفەگە، دېدى. ئۆمەر: كۇفەنىڭ ۋالىسىغا مۇسۇلمانلار خەزىنىسىدىن ساڭا يەتكۈدەك خىراجەت بېرىشى ئۈچۈن بىر پارچە خەت يېزىپ بېرەيمۇ؟ دېگەندە، ئۇ: مەن ئادەتتىكى كىشىلەردىن ۋە كەمبەغەللەردىن بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن، دېدى. كېلەركى يىلى كۇفىنڭ ئابرۇيلۇق كىشىلىرىدىن بىرى ھەجگە بېرىپ، ئۆمەر بىلەن ئۇچراشتى. ئۆمەر ئۇنىڭدىن ئۇۋەيس ھەققىدە سورىغانىدى، ئۇ : ئۇ ئۆي-ماكانى ناچار ۋە سەرەمجانلىرى ئاز ھالدا قېلىپ قالدى، دەپ جاۋاب بەردى. ئۆمەر: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرگە ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر يەمەن ئەھلىنىڭ مۇراد قەبىلىسىنىڭ قەرەن دېگەن يىرىدىن كەلگەن ياردەمچى قوشۇنى بىلەن بىللە كېلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ ئاق كېسىلىدىن تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرىگە شىپالىق بەرگەن. ئۇنىڭ بىر ئانىسى بار، ئۇ ئانىسىغا ۋاپادار. ئۇ بىرەر ئىشنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچسە ئاللاھ بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرىش بىلەن ئۇنىڭ قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. ئى ئۆمەر، ئەگەر قىلالىساڭ ساڭا مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشىنى سورىغىن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دېدى. ئۇ كىشى ئۇۋەيسنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن ئۈچۈن ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىگىن، دېدى، ئۇۋەيس: سەن ياخشى سەپەردىن يېڭىلا كەلدىڭ، سەن مەن ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، دېدى. ئۇۋەيس ئۇنىڭ ئۆمەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى پەرەز قىلىپ ئۇنىڭدىن: سەن ئۆمەر بىلەن ئۇچراشتىڭمۇ؟ دېدى. ئۇ: ھەئە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇۋەيس ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئىشنى كىشىلەر بىلىپ قېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلگىلى تۇردى.ئۇۋەيس ئۇ يەردىن كىشىلەر بىلمەيدىغان يەرگە كېتىپ قالدى
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر نەرسىگە «مەن ئۇنى مۇنداق دەپ ئويلايمەن» دېگىنىنى ئاڭلىساملا ئۇ ئىش ئۇ ئويلىغاندەك بولۇپ چىقاتتى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانساھابىلار ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ باشقىلارغا ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغان ئىشلارغا ھۆكۈم قىلغىنىنى كۆرەتتى، ئىشلار ئايدىڭلاشقاندا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يۈز بىرىشتىن ئىلگىرى قىلغان ھۆكۈمنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقىنى كۆرەتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇنىڭغا ئەئرابىلاردىن بولغان بىر كىشى مەككە يولىدا ئۇچراشتى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭغا سالام قىلىپ، ئۇنى ئۆزى مېنىۋاتقان ئېشەككە مىندۈرۈپ قويدى ۋە بېشىدىكى سەللىسىنى ئۇنىڭغا بەردى، ئىبنى دىنار مۇنداق دەيدۇ: بىز ئابدۇللاھقا: ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن!، ئۇ ئەئرابىلار ئازراق نەرسىگە رازى بولىدىغان كىشىلەر ئىدى، دېدۇق، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر: ئۇنىڭ دادىسى دادام ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دوستى ئىدى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىدۇر»، ئىبنى دىنارنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر توغرۇلۇق قىلغان رىۋايىتىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مەككىگە چىقىپ قالسا تۆگە مىنىشتىن زېرىككەندە مىنىپ راھەتلىنىدىغان ئېشىكى ۋە بېشىغا ئورىۋالىدىغان سەللىسى بار ئىدى، بىر كۈنى ئۇ ئېشەككە مىنىپ كېتىۋاتقاندا بىر ئەئرابى ئۇچرىشىپ قالدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر: سەن پالانچىنىڭ ئوغلى پالانى ئەمەسمۇ؟ دېدى، ئەئرابى: «شۇنداق» دېدى، ئابدۇللاھ ئېشەكنى ۋە سەللىنى ئۇنىڭغا بېرىپ: «ئېشەكنى مىنگىن ۋە بۇ سەللىنى ئورىغىن» دېدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بەزى ھەمراھلىرى: ئاللاھ سېنى مەغپىرەت قىلسۇن! ، سەن بۇ ئەئرابىغا ئۆزۈڭ مىنىپ راھەتلىنىدىغان ئېشەكنى ۋە بېشىڭغا ئورايدىغان سەللىنى بېرىۋەتتىڭغۇ؟ دېگەندە، ئۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەقىقەتەن ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسىدىن كىيىن ئاتىسى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئاتىسى ئاتام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستى ئىدى، دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككە تەرەپكە چىقىپ تۆگە مىنىپ زېرىكىپ قالغاندا مىنىپ راھەتلىنىدىغان ئېشىكىنى بىرگە ئىلىپ چىقاتتى، ئېشەككە مىنىپ راھەتلىنىپ بولۇپ تۆگىسىگە مىنەتتى، بىر كۈنى ئۇ يولدا بىر ئەئرابىيغا ئۇچراشتى، ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭدىن: «سەن پالانچىنىڭ ئوغلى پالانىمۇ؟ » دەپ سورىدى، ئەئرابى: «ھەئە» دېدى، ئىبنى ئۆمەر ئېشەكتىن چۈشۈپ: «بۇ ئېشەككە مىنگىن» دېدى ۋە بېشىغا ئورايدىغان سەللىسىنىمۇ بېرىپ: «بۇ سەللىنى ئورىغىن» دېدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بەزى ھەمراھلىرى: ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن ياكى ئاللاھ سېنى مەغپىرەت قىلسۇن! ئۇلار دېگەن ئەئرابىلار، ئۇنچە قىلمىساڭمۇ رازى بولىدۇ، دېدى، يەنى: «سەن ئېشەكتىن چۈشۈپ پىيادە كېتىۋاتىسەن، بېشىڭغا ئورايدىغان سەللەڭنىمۇ بېرىۋەتتىڭ، ئەئرابى دېگەن بۇنىڭدىنمۇ ئازراق نەرسە بەرسەڭمۇ رازى بولۇپ كېتەتتى» دېمەكچى ئېدى، ئۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «ھەقىقەتەن ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىدۇر» دېگەن، يەنى: ھەقىقەتەن ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى ياكى يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋاپات بولسا ئۇ ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىدۇ، يەنى پەقەت ئۇنىڭ دوستىغىلا ئەمەس بەلكى دوستىنىڭ يېقىنلىرىغىمۇ ياخشىلىق قىلىدۇ، ئىبنى ئۆمەر: «بۇنىڭ ئاتىسى ئاتام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستى ئىدى» دېگەن، ئەئرابىنىڭ دادىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستى بولغاچقا دادىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستلىقىنى قەدىرلەپ شۇنداق قىلغان ئىدى
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر قۇل خوجايىنىغا سەمىمى بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلسا، ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە ئەجىر بېرىلىدۇ». ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆز رەببىنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى ئادا قىلغان، شۇنداقلا ئۆز خوجايىنىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ھەققىنى ئادا قىلغان سەمىمى، ئىتائەتچان قۇلغا قوش ئەجىر بېرىلىدۇ
ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغانبىر قۇل ئۆزى ئۈستىدىكى خوجايىنىنىڭ ھەققىنى يەنى خىزمىتى، ئىتائەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلسا، خوجايىنىغا سەمىمى بولسا، ئاللاھنىڭ ھەققىدىن ئۆزىگە پەرز قىلىنغان ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلسا، چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا قوش ساۋاپ بېرىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىككى ئىشنى قىلىشقا تەكلىپ بېرىلگەن: بىرىنچى: خوجايىننىڭ ھەققى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلسا، ئۇنىڭغا ئەجىر بولىدۇ. ئىككىنچى: ئاللاھغا ئىتائەت قىلغاننىڭ ئەجرى، قۇل ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلسا ئۇنىڭغا ئەجىر بولىدۇ
ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «دادىسىنى قۇل ھالەتتە تىپىپ، ئۇنى سېتىۋېلىپ، ئازاد قىلغاندىن باشقا ئىش بىلەن بالا ئاتىنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇپ بولالمايدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغاندادىنى قۇل ھالەتتە تىپىپ، ئۇنى سېتىۋېلىپ، ئازاد قىلغاندىن باشقا ئىش بىلەن، بالا ئۈستىدىكى ئاتىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىنى قايتۇرۇپ بولالمايدۇ
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر ئىچىدە 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇ زېمىندىكى ئەڭ ئالىم كىشىنى سورىغاندا، ئۇنىڭغا بىر راھىب كۆرسۈتۈلۈپ قويۇلدى، ئۇ راھىبنىڭ يىنىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىسا، راھىب: «ياق» دېدى، ئاندىن ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈپ ساننى يۈزگە يەتكۈزدى، ئاندىن زېمىن ئەھلىدىن ئالىمراق بىر كىشىنى سورىسا ئۇنىڭغا بىر ئالىم كىشى كۆرسۈتۈپ قويۇلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، ئالىم: «ھەئە»، كىم ئۇنىڭ بىلەن تەۋبىنىڭ ئارىسىنى توسۇپ قالالايدىكەن؟، سەن پالانى شەھەرگە بارغىن، ئۇ شەھەردە ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر بار، شۇ كىشىلەر بىلەن ئىبادەت قىلغىن، يۇرتۇڭغا ھەرگىز قايتىپ كەلمىگىن، بۇ يەر يامان جايدۇر، دېدى، ئۇ يولغا چىقىپ يېرىم يولغا كەلگەندە ئەجىلى توشتى، رەھمەت پەرىشتىلىرى بىلەن ئازاب پەرىشتىلىرى تالىشىپ قالدى، رەھمەت پەرىشتىلىرى: «ئۇ تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا يۈزلىنىپ كەلدى» دېدى، ئازاب پەرىشتىلىرى: «ئۇ پەقەت ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ باقمىدى» دېدى، يەنە بىر پەرىشتە ئادەم سۈرىتىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار ئۇنى ئارىسىدا ھۆكۈم چېقارغۇچى قىلىشتى، ئۇ: «ئىككى شەھەرنىڭ ئارىسىنى ئۆلچەڭلەر، ئۇ قايسى شەھەرگە يېقىن بولسا شۇنىڭغا ھېساب بولسۇن» دېدى، ئۇلار ئۆلچەپ ئۇ كىشىنىڭ قاراپ ماڭغان شەھەرگە يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جېنىنى رەھمەت پەرىشتىلىرى ئالدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇ ئادەم ياخشى شەھەرگە بىر غېرىچ يېقىن بولغاچقا شۇ شەھەرنىڭ ئەھلىدىن قىلىندى» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ تائالا يامان زېمىنغا: «ئۇ ئادەمدىن يىراقلاشقىن» دەپ، ياخشى زېمىنغا: «ئۇ ئادەمگە يېقىنلاشقىن» دەپ ۋەھى قىلدى، پەرىشتىلەرگە: «ئىككى زېمىننىڭ ئارىسىنى ئۆلچەڭلار» دېدى، ئۇلار ئۇ ئادەمنىڭ ياخشى زېمىنغا بىر غېرىچ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىشتى، ئاندىن ئۇ ئادەمگە مەغپىرەت قىلىندى» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇ ئادەم ياخشى زېمىن تەرەپكە كۆكرىكى بىلەن يىقىنلاشقان ئىدى» دېيىلگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «بىزدىن ئىلگىرىكى بىر ئۈممەتتە بىر ئادەم توقسان توققۇز ئادەمنى ئۆلتۈردى، ئاندىن پۇشايمان قىلىپ، زېمىندىكى ئەڭ ئالىم كىشىنى سورىدى، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ تەۋبىسى قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىماقچى ئىدى، ئۇنىڭغا بىلىمسىز ئىبادەتگۇي بىر راھىب كۆرسۈتۈپ قويۇلدى، ئۇ راھىبقا ئۆزىنىڭ 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، راھىب بۇ گۇناھنى بەك چوڭ كۆرۈپ: «تەۋبەڭ قوبۇل بولمايدۇ » دېدى، ئۇ ئادەمنىڭ ئاچچىغى كېلىپ، جېلە بولۇپ راھىبنىمۇ ئۆلتۈرۈپ ئادەمنىڭ سانىنى يۈزگە يەتكۈزدى، ئاندىن زېمىن ئەھلىدىن ئالىمراق بىر كىشىنى سورىدى، ئۇنىڭغا بىر ئالىم كىشى كۆرسۈتۈپ قويۇلدى، ئۇ ئۇنىڭغا: ئۆزىنىڭ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، ئالىم: «ھەئە، سەن بىلەن تەۋبىنىڭ ئارىسىنى كىم توسالايدۇ؟، تەۋبىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق، لېكىن سەن پالانى شەھەرگە بارغىن، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر بار» دېدى، - ئاللاھ بىلگۈچىدۇر- ئۇ كىشى ياشىغان زېمىن كۇپرى دىيارى بولغاچقا بۇ ئالىم ئۇنى ئۆز دىنى بىلەن ئاللاھتائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان بۇ شەھەرگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىغاندەك قىلاتتى، ئۇ تەۋبە قىلىپ، پۇشايمان قىلىپ دىنى بىلەن ئاللاھتائالاغا ئىبادەت قىلىدىغەن كىشىلەر بار شەھەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ يىرىم يولغا كەلگەندە ئەجىلى توشتى، رەھمەت پەرىشتىلىرى بىلەن ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭدا تالىشىپ قالدى، رەھمەت پەرىشتىلىرى: ئۇ تەۋبە قىلدى، پۇشايمان قىلىپ، تەۋبە بىلەن كەلدى» دېدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تالاش- تارتىش يۈز بەردى، ئاللاھ يەنە بىر پەرىشتىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشقا ئەۋەتتى، ئۇ پەرىشتە: «ئىككى شەھەرنىڭ ئارىسىنى ئۆلچەڭلەر، ئۇ قايسى شەھەرگە يېقىن بولسا، شۇنىڭغا ھېساب بولسۇن، كۇپرى شەھرىگە يېقىن بولسا ئازاب پەرىشتىلىرى جېنىنى ئالسۇن، ئىمان شەھرىگە يېقىن بولسا رەھمەت پەرىشتىلىرى جېنىنى ئالسۇن» دېدى، ئۇلار ئۆلچەپ، ئۇ قاراپ ماڭغان شەھەر (ئىيمان شەھىرى) ھىجرەت قىلغان شەھەردىن بىر غېرىچ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىشتى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ جېنىنى رەھمەت پەرىشتىلىرى ئالدى
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مال تەقسىم قىلغان ئىدى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ بۇ ماللارغا بۇلاردىن باشقا كىشىلەر ھەقلىق ئىدى، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: ئۇلار ماڭا ياكى مەندىن خالىغانچە سوراش ياكى مېنى بېخىللىققا چىقىرىشتىن بىرنى تاللاتقۇزدى، مەن بېخىل ئەمەسمەن، دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم غەنىمەتتىن كەلگەن بىر قىسىم ماللارنى مەلۇم كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىپ يەنە مەلۇم كىشىلەرنى ئايرىپ قويۇپ قويغان ئىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى رەسۇلۇللاھ غەنىمەت تەقسىم قىلىنغان بۇ كىشىلەردىن ئاۋۇ تەقسىم قىلىنمىغانلار بەك ھەقلىق ئىدى، دېدى. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئۆمەرگە ئۇلارنىڭ ئىمانى ئاجىز بولغانلىقتىن مەندىن چىڭ تۇرۇپ سورىدى، ئۇلارنىڭ شۇ ھالىتى بىلەن خالىغانچە سوراش ياكى مېنى بېخىل دەپ تۆھمەت قىلىشلا قىستىدى. شۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ كۆڭلۈنى ياسىغان ۋە غەمخورلۇق قىلغان جەھتىدىن غەنىمەت بېرىشنى تاللىدى، چۈنكى بېخىللىق رەسۇلۇللاھنىڭ تەبئىتى ئەمەس
ئەبۇ رۇبئى ھەنزەلە ئىبنى رۇبىئ ئەلئۇسەيدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كاتىبلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: ئەبۇ بەكرى ماڭا ئۇچراپ قېلىپ: ئى ھەنزەلە قانداق ئەھۋالىڭ؟ دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا: ھەنزەلە مۇناپىق بولدى، دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ: سۇبھانەللاھ نېمە دەۋاتىسەن؟ دەپ سورىدى. مەن: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە دوزاخ بىلەن جەننەتنى ئەسلەتكىنىدە، ئۇلارنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتقاندەك بولىمىز. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن چىققىنىمىزدا، ئاياللىرىمىز، ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىپ، كۆپ نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالىمىز، دېدىم. بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ بەكرى: ئاللاھ نامىدىن قەسەم قىلىمەنكى بىزدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بىرىۋاتىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكرى ئىككىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدۇق. مەن سۆزۈمنى باشلاپ: ئى رەسۇلۇللاھ ھەنزەلە مۇناپىق بولدى، دېگىنىمدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ساڭا نېمە بولدى؟ دەپ سورىدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! يانلىرىدا ئولتۇرغىنىمىزدا جەننەت بىلەن دوزاخنى ئەسلەتسىلە، خۇددى ئۇلارنى كۆزلىرىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك بولىمىز. ئەمما سىلىنىڭ يانلىرىدىن چىققىنىمىزدا، ئاياللىرىمىز، ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىپ، كۆپ نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالىمىز، دېدىم. بۇنى ئاڭلىغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: جېنىم ئىلىكىدە بولغان ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! ئەگەر سىلەر داۋاملىق مېنىڭ يېنىمدىكىدەك زىكىردە بولساڭلار، پەرىشتىلەر ئۆيۈڭلار ۋە يولۇڭلارغا كېلىپ، سىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن بولاتتى. ئى ھەنزەلە ئەمما ئىنسان بەزىدە ئۇنداق، بەزىدە مۇنداق بولىدۇ، دېدى ۋە بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەنزەلە ئەبۇ بەكرىگە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا بولغاندا، ئاللاھ تائالانى ئەسلەپ، ئىخلاس ۋە تەقۋادارلىق جەھەتتە بىر خىل يۈكسەك ھالدا، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندا، ئايال، بالا-چاقىلار بىلەن بىللە بولغاندا، ئەھۋالى ئۆزگىرەپ يەنە بىر خىل ھالدا بولىدىغانلىقىدىن نارازى بولغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە بۇنىڭ مۇناپىقلىق بولىشىدىن ئەنسىرگەن. چۈنكى مۇناپىقنىڭ ماھىيتى، ئىچكى دۇنياسى بىلەن تاشقى دۇنياسى ئوخشاش بولماسلىق ئىدى. بۇلار بۇ خىل ئەھۋالدىن شىكايەت قىلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بارغان. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: ئەگەر سىلەر ھۇزۇرۇمدىكى ھالىتىڭلاردا ئىزچىل بولساڭلار ئىدى، پەرىشتىلەر سىلەر بىلەن ھەر ۋاقىت قول ئېلىشىپ كۆرشۈپ تۇرغان بولاتتى، لېكىن ھەر ئىشتا ئورتاھال بولۇش ياخشى ئىكەنلىكىنى، بىر ۋاقىت ئاللاھ تائالانى ئەسلەشكە بەرسە، يەنە بىر ۋاقىتنى ئائىلىسى ۋە بالا-چاقىسىغا بېرىش توغرا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان
خۇبەيبنىڭ دادىسى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئاتام زۇبەير جەمەل ئۇرۇشى بولغان كۈنى مېنى چاقىردى، مەن يېنىدا تۇردۇم، ئاتام: «ئى بالام!، بۈگۈنكى كۈندە زالىم ياكى مەزلۇم ئۆلتۈرىلىدۇ، مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى زۇلۇم قىلىنغان ھالدا ئۆلتۈرۈلىمەن دەپ قارايمەن، مېنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىم مېنىڭ قەرىزلىرىمدۇر، سىنىڭچە بىزنىڭ قەرىزلىرىمىزنى تۆلەشكە ماللىرىمىز يېتىپ يەنە ئازراق ئاشارمۇ؟» دېدى، ئاندىن: «ئى بالام! ماللىرىمىزنى سېتىپ قەرىزلىرىمنى ئادا قىلغىن!» دەپ مىلىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ۋەسىيەت قىلدى، ئابدۇللاھنىڭ بالىلىرىغا شۇنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ۋەسىيەت قىلدى، يەنى: ئابدۇللا ئىبنى زۇبەيرنىڭ بالىلىرىغا مىلىنىڭ تۇققۇزدىن بىرىنى ۋەسىيەت قىلىپ: «قەرىزلىرىمنى بېرىپ ئېشىنالىساڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ئۈچتىن بىرى سېنىڭ بالىلىرىڭغا بولسۇن» دېدى. ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن بىرى بولغان ھىشام مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھنىڭ بەزى بالىلىرى ئاتىسى زۇبەيرنىڭ خۇبەيب ۋە ئەبباد دېگەن بالىلىرى بىلەن تەڭتۈش ئېدى، ئۇ كۈنلەردە زۇبەيرنىڭ توققۇز ئوغۇل، توققۇز قىزى بار ئىدى. ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاتام قەرزى توغرۇلۇق ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغلۇم! ئەگەر سەن قەرىزلەرنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلسەڭ، خوجايىنىمدىن ياردەم تېلىگىن» دېدى، مەن ئاتامنىڭ نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلەلمەي: ئى ئاتا! خوجايىنىڭ كىم؟ دېسەم، ئاتام: «ئاللاھ» دېدى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭ قەرىزلىرىنى ئادا قىلىشتا قانداقلا بىر قېيىنچىلىققا يولۇقسام: «ئى زۇبەيرنىڭ خوجىسى بولغان ئاللاھ! زۇبەيرنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىشقا ياردەم بەرگىن» دەيتىم، ئاللاھ تائالا ماڭا ھەقىقەتەنمۇ قەرىز ئادا قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئاسانلىقلارنى يارىتىپ بەردى. دېگەندەك ئاتام ئۆلتۈرۈلدى، ئاتام ئالتۇن-كۈمۈش قالدۇرماي، زېمىنلارنى قالدۇرغان ئىدى، ئۇنىڭ ئېچىدە مەدىنە ئەتراپىدا «غابە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەشھۇر زېمىن بار ئىدى، مەدىنىدە ئون بىر، بەسرەدە ئىككى، كۇپىدە بىر، مىسىردا بىر قورۇ جاي بار ئىدى، ئاتامنىڭ قەرىزلىرىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى: كىشىلەر ماللىرىنى ئاتامنىڭ يېنىغا ئامانەت قويۇشقا ئېلىپ كەلسە ئاتام: «ياق، مەن ئامانەتنى زايە قېلىۋىتىشتىن قورقىمەن، بۇ ماڭا قەرىز ھېسابلانسۇن» دەيتتى، ئاتام ھوقوق تۇتقان، باج-سېلىق ۋە باشقا نەرسىلەرنى يىغىشقا قويۇلغانلاردىن ئەمەس ئىدى، ئۇ ھاياتىدا پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بىلەن غازاتتا بىللە بولغان كىشى ئىدى، مەن ئاتامنىڭ گەدىنىدىكى قەرىزلىرىنى ھېسابلاپ باقسام ئىككى مىلىيۇن ئىككى يۈز مىڭ چىقتى. ھەكىم ئىبنى ھىزام ماڭا ئۇچرىشىپ: «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! ئۇنىڭ قانچىلىك قەرزى بار ئىكەن؟» دېدى، مەن: «يۈز مىڭ» دەپ قويدۇم، ئۇ: «بەلكىم سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار بۇنىڭغا يەتمەسمىكىن» دېدى، مەن: «ئەگەر ئىككى مىليۇن ئىككى يۈز مىڭ بولسا قانداق قارايسەن؟» دېسەم، ئۇ: «بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيسىلەر، ئەگەر قەرىز قايتۇرۇشقا ئاجىز كەلسەڭلار مەندىن ياردەم سوراڭلار» دېدى، ئابدۇللا مۇنداق دېدى: زۇبەير «غابە» دېگەن جاينى بىر يۈز يەتمىش مىڭغا سېتىۋالغان ئىكەن، ئابدۇللا ئۇنى بىر مىليۇن ئالتە يۈز مىڭغا سېتىپ: «كىمنىڭ زۇبەيردە ئېلىشى بولسا «غابە» دېگەن زېمىنغا كىلىپ بىزدىن ئېلىۋالسۇن» دەپ ئىلان قىلدى. ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر كەلدى، ئۇنىڭ زۇبەيردە تۆت يۈز مىڭ ئېلىشى بار ئىكەن، ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر ئابدۇللاھقا: «خالىساڭلار ئۇ مېلىمنى سىلەرگە قالدۇراي» دېدى، ئابدۇللا: «ياق» دەپ ئۇنىمىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر: «خالىساڭلار مېنىڭ ئېلىشىمنى ئەڭ كەينىدە بېرىڭلار» دېدى، ئابدۇللا: «ياق» دېدى، ئابدۇللا ئىبنى جەئفەر: «ئۇنداقتا ماڭا زېمىندىن بىر پارچە بۆلۈپ بېرىڭلار» دېدى، ئابدۇللاھ: «بۇ يەردىن بۇ يەرگىچە ساڭا بولسۇن» دەپ بۆلۈپ بەردى. ئابدۇللا ئۇ زېمىننى سېتىپ قەرىزنى تولۇق تۈگەتكەندىن كېيىن تۆت يېرىم ئۈلۈش قېلىپ قالغاندا ئۇ مۇئاۋىيەنىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇنىڭ بىلەن ئەمىر ئىبنى ئوسمان، مۇنزىر ئىبنى زۇبەير ۋە ئىبنى زەمئە قاتارلىقلار بار ئىدى، مۇئاۋىيە: «غابەگە قانداق باھا قويۇلدى؟» دېدى، ئابدۇللا: «ھەر بىر ئۈلۈش يۈز مىڭ» دېدى، مۇئاۋىيە: [ئۇنىڭدىن قانچىلىك قالدى؟» دېدى، ئابدۇللا: «تۆت يېرىم ئۈلۈش» دېدى، مۇنزىر ئىبنى زۇبەير: «بىر ئۈلۈشنى يۈز مىڭغا ئالاي» دېدى، ئەمىر ئىبنى ئوسمان: «بىر ئۈلۈشنى مەن يۈز مىڭغا ئالاي» دېدى، ئىبنى زەمئە: «بىر ئۈلۈشنى مەن يۈز مىڭغا ئالاي» دېدى، مۇئاۋىيە: «ئەمدى قانچىلىك قالدى؟» دېدى، ئابدۇللا: «بىر يېرىم ئۈلۈش» دېدى، ئۇ: «ئۇنداقتا مەن ئۇنى بىر يۈز ئەللىك مىڭغا ئالاي» دېدى، كېيىن ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر ئۆز نېسىۋىسىنى مۇئاۋىيەگە ئالتە يۈز مىڭغا سېتىۋەتتى، شۇنداق قىلىپ زۇبەيرنىڭ ئوغلى قەرىزلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندا زۇبەيرنىڭ باشقا بالىلىرى: «مىراسىمىزنى ئارىمىزدا تەقسىم قىلغىن» دېيىشتى، ئابدۇللا: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەر يىلى ھەج مەۋسۈمىدە: "زۇبەيردە قەرزى بارلار كەلسۇن، بىز ئۇنى قايتۇرىمىز" دەپ ئۇدا تۆت يىل ئۆتمىگىچە مىراسنى تەقسىم قىلمايمەن» دېدى، ھەر يىلى ھەج مەۋسۈمىدە شۇنداق جاكارلاپ، تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارغا تەقسىم قىلدى، زۇبەيرنىڭ تۆت ئايالى بولۇپ، ھەر بىر ئايالغا بىر مىليۇن ئىككى يۈز مىڭدىن تەگدى، زۇبەيرنىڭ ئومۇمى مېلى ئەللىك مىليۇن ئىككى يۈز مىڭ چىقتى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانجەمەل (بۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قاتىللىرىنى تاپشۇرۇش سەۋەبپلىك يۈز بەرگەن ئۇرۇش) كۈنىدە زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرگە مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى زۇلۇم بىلەن شەھىد قىلىنىدىغاندەك ئويلاۋاتىمەن، مىنى غەمگە سالىدىغىنى بوينۇمدىكى قەرزلىرىم، سەن ئۇنى ئادا قىلغىن دېدى، زۇبەيرنىڭ مىلىنىڭ ھەممىسى قەرىزگە كېتەتتى، شۇنداق بولسىمۇ ئابدۇللانىڭ بالىلىرىغا بەزى ماللارنى ۋەسىيەت قىلدى، چۈنكى ئوغلى ھايات بولغاچقا ئۇلارنىڭ مىراستا نىسىۋىسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، ئۇلارغا مۈلۈكنىڭ توققۇزدىن بىرىنى ۋەسىيەت قىلدى، ئۇنىڭ توققۇز ئوغۇل-توققۇز قىزى بار ئىدى. كىشىلەر ماللىرىنى ئۇنىڭ يېنىدا ئامانەت قويۇشقا ئېلىپ كەلسە، زايا قىلىپ قويۇشتىن قورقۇپ، ئامانەت قىلىشقا ئۇنىماي، ئۇ ماڭا ئامانەت ئەمەس، قەرز بولسۇن» دەيىتتى، ئاتام دۇنياغا بېرىلمەيدىغان، ئىشەنچىلىك كىشى ئىدى، ھوقۇق-مەنسەپمۇ تۇتمىغان ئىدى، ئۇ ۋاپات بولغاندا ئوغلى ئۇنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىپ مېلىدىن يەنە ئېشىپ قالغاندا ۋارىسلار ئابدۇللاھدىن دادىسىنىڭ مىراسىنى تەقسىم قېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئابدۇللاھ: ياق، ھەر يىلى ھەج مەۋسۈمىدە ئېلان قىلىنىپ، قەرزى بارلاردىن بىرسىمۇ قالمىغانلىقىنى بىلگەندە ئاندىن تەقسىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ شۇنداق قىلدى، قەرىزنى تولۇق ئادا قىلىپ بولغاندا زۇبەيرنىڭ ئاياللىرىغا مالنىڭ سەككىزدىن بىرىنى بەردى، ئۇلار تۆت ئايال بولۇپ، سەككىزدىن بىرى ئۇلارنىڭ مىراستىكى ئۈلىشى ئىدى