





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
مەسرۇقنىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ يېنىغا كىردۇق، ئۇ: ئى كىشىلەر! كىم بىر نەرسىنى بىلسە شۇنى دېسۇن، بىلمىگەن كىشى "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېسۇن، بىلمەيدىغان نەرسىنى "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېگەنلىكى ئۇنىڭ بىلگەنلىكىدۇر، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە: «ئېيتقىنكى، (ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىينى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىفتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن» دېدى. ساد سۈرىسى 86-ئايەت
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنسان ئۆزى بىلىدىغان بىر نەرسىدىن سورالسا ئۇنى يوشۇرماستىن كىشىلەرگە بايان قىلىپ بېرىشى كېرەك، ئەمما بىلمەيدىغان نەرسىدىن سورالسا، قىينالماي، "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېسۇن. بىلمىگەن نەرسىنى "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېيىش ئۇنىڭ بىلگەنلىكىدۇر، چۈنكى بىلمەيدىغان نەرسىنى "بىلمەيمەن" دېگۈچى ھەقىقەتتە بىلگۈچىدۇر، ئۇ ئۆزىنى بىلگەن ۋە ئورنىنى بىلگەن، ئۆزىنىڭ ئۇ نەرسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دەيدۇ. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە ھەدىسنىڭ تېكىستى: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ بىلمەيدىغان نەرسىنى "ئاللاھ بىلىدۇ" دېگەنلىكى بەكرەك بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېيىلگەن، يەنى: ئۇ كىشىنىڭ بىلمەيدىغان نەرسىنى "ئاللاھ بىلىدۇ" دېيىشى ئۇ كىشىنىڭ ئىلمىنىڭ مۇكەممەل ۋە مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ سۆزگە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى دەلىل قىلدى: «ئېيتقىنكى، (ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىينى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىپتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن» ساد سۈرىسى 86-ئايەت»، يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىينى يەتكۈزگەنلىكىمگە سىلەردىن ھېچ ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن، مەن پەقەت سىلەرنى ياخشىلىققا يىتەكلەيمەن ۋە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە چاقىرىمەن، مەن ئىلىمسىز سۆز قىلىپ سىلەرگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلغۇچى ئەمەسمەن. سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئىنسان ئۈچۈن ئۆز دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى نەرسىلەرگە پەتىۋا بېرىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارغا پەتىۋا بېرىدىغان ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان يول باشچى قىلماقچى بولسا ئۇ كىشى چوقۇم شۇنداق بولىدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇنى مەقسەت قىلمىسا، ئۇ كىشىنىڭ پەتىۋا بېرىشكە جۈرئەت قېلىشى ھېچ نېمىنى پايدا بەرمەيدۇ، بۇ ئىش ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە بالا بولىدۇ
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى بارماقلىرىمىزنى ۋە تاماق قاچىمىزنى يالىۋېتىشكە بۇيرۇيتتى ۋە: «بەرىكەتنىڭ تامىقىڭلارنىڭ قايسىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر» دەيتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە:«سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېگەن تامىقىدىن بىر لوقما چۈشۈپ كەتسە، تازىلىۋېتىپ يېسۇن، شەيتانغا قالدۇرۇپ قويمىسۇن، بارماقلىرىنى يالىۋەتمىگۈچە قولىنى لۆڭگە بىلەن سۈرتىۋەتمىسۇن، چۈنكى ئۇ ئادەم بەرىكەتنىڭ قايسى تامىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەيلى نېمە ئىش قىلمىسۇن شەيتان ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىدۇ، ھەتتا تاماققىمۇ بىللە كېلىدۇ، ئەگەر يىمەكلىك يەرگە چۈشۈپ كەتسە، تېرىپ پاكىزلىغاندىن كېيىن يېۋەتسۇن، ئۇنى شەيتانغا قالدۇرۇپ قويمىسۇن»دېيىلگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانجابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاماق يېيىش ئەدەبلىرىدىن نەقىل قىلىدۇ، ئىنسان يېمەك يېگەندىن كېيىن بارماقلىرىنى ۋە تاماق يېگەن قاچىسىنى تاماق يۇقى تۈگىگىچە يالىۋىتېشى كېرەك، چۈنكى سىلەر قايسى تامىقىڭلاردا بەرىكەت بارلىقىنى بىلمەيسىلەر، شۇنىڭدەك يەنە تاماق يېيىشنىڭ ئەدەبلىرىدىن: ئىنسان تاماق يەۋېتىپ بىرەر لوقما تاماق يەرگە چۈشۈپ كەتسە ئۇنى تاشلىۋەتمىسۇن، چۈنكى شەيتان ئىنساننىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ھازىر بولىدۇ، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن لوقمىنى ئالىدۇ، بۇنى بىز كۆرۈپ تۇرغاندا ئالمايدۇ چۈنكى بۇ غەيبى ئىشلاردىن بولۇپ بىز كۆرمەيمىز لېكىن ئۇنى راست سۆزلىگۈچى ۋە سۆزى تەستىقلانغۇچى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋەر قىلىشى ئارقىلىق بىلىمىز، شەيتان ئۇنى ئېلىپ يەيدۇ، گەرچە ئۇ بىر لوقما تاماق بىزگە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ لېكىن ئۇنى شەيتان بىزگە كۆرسەتمەي يەيدۇ، بۇ بىز ئىشىنىش زۆرۈر بولغان غەيبى ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «مەن سالىھ بەندىلىرىم ئۈچۈن كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدىم، ئەگەر خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» سەجدە سۈرىسى: 17-ئايەت. سەھل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بار بىر سورۇنغا ھازىر بولدۇم، ئۇ سورۇندا جەننەت سۈپەتلەندى، ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: «جەننەتتە كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نەرسىلەر بار» دەپ، بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن ـ كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» سەجدە سۈرىسى 16-17-ئايەت
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغان، چەكلىمىلىرىدىن يېراق بولغان سالىھ بەندىلىرى ئۈچۈن كۆز كۆرمىگەن گۈزەل ۋە ياخشى نەرسىلەرنى، ئاجايىپ سۈپەتلەر ۋە يېقىملىق ئاۋازلاردىن قۇلاق ئاڭلىمىغان نەرسىلەرنى تەييارلىدى، بۇ يەردە كۆرۈش بىلەن ئاڭلاشنى تىلغا ئېلىشتىكى مەقسەت: ھېسسى نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ئىككى ئەزا بىلەن بىلىنىدۇ، ئەمما پۇراش ۋە تېتىش، سېلاش بىلەن بۇنىڭدىن ئازراق نەرسە بىلىنىدۇ. «ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان» يەنى: ئۇلارغا جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەر ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەچمەيدۇ، جەننەتتە تەييارلانغان نەرسە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەچكەن نەرسىدىن ئەۋزەلدۇر، چۈنكى ئىنساننىڭ كۆڭلىگە ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان خىيالىغا يېقىن نەرسىلەر كېلىدۇ، جەننەتنىڭ نېمەتلىرى بۇنىڭدىن يۇقىرى، بۇمۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغان، چەكلىمىلىرىدىن يېراق بولغان، ئاللاھ يولىدا جاپا-مۇشەققەتلەرگە سەۋىر قىلغان كىشىلەرگە قىلغان ئىززەت-ئىكرامىدۇر، مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ. خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار!، يەنە بىر رىۋايەتتە: بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» سەجدە سۈرىسى 17-ئايەت. ئايەتنىڭ مەنىسى: ھېچ كىم بىلمەيدۇ دېگەن ئايەت تونۇشسىز شەكىلدە بايان قىلىنغاچغا بارلىق جانلىقلار بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە كېرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان مول نېمەت، كۆپ ياخشىلىق، خۇرسەنلىك، لەززەتلەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، خۇددى ئۇلارنىڭ كېچىدە ناماز ئوقۇغان، دۇئا قىلغان ۋە مەخپى قىلغان ئەمەللىرىنى ھېچ كىشى بىلمىگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ تۈرىدىن مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋابىمۇ مەخپى قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ساقلانغان نېمەتلەرنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ» دېدى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئازاد گەردىسى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «"كىمكى ئەستەغپىرۇللاھ ئەللەزى لائىلاھە ئىللاھۇۋەل ھەييۇل قەييۇم ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيھى" دېسە، ھەتتا ئۇ كىشى جەڭدىن قېچىشتەك چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانكىمكى "ئەستەغپىرۇللاھ ئەللەزى لائىلاھە ئىللاھۇۋەل ھەييۇل قەييۇم ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيھى" دېسە، ھەتتا ئۇ كىشى جەڭدىن قېچىشتەك چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئۇرۇشتىن قېچىش بولسا سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنغان يەتتە تۈرلۈك ھالاكەتكە تاشلايدىغان چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھالاكەتكە تاشلايدىغان يەتتە تۈرلۈك چوڭ گۇناھدىن يىراق بولۇڭلار، جەڭدىن قېچىشمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن» دېگەن، ھەدىسنىڭ توغرا چۈشەندۈرۈلۈشى: بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت ئۇ كىشى بارلىق گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلدى، جەڭدىن قېچىشمۇ شۇ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. پەقەت ئاغزىدا ئىستىغپار ئېيتىپ قويۇپ گۇناھنى داۋام قىلىۋەرسە بۇنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. ھەقىقى مەنپەئەت قىلىدىغىنى سادىر قىلغان گۇناھىغا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە ئىستىغپار ئېيتىشتىن ئىبارەتتۇر
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەھزاب كۈنىدە: «كىم ماڭا بەنى قۇرەيزىنىڭ خەۋىرىنى ئۇقۇپ كېلىدۇ؟» دېگەندە، زۇبەير: مەن،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «كىم ماڭا بەنى قۇرەيزىنىڭ خەۋىرىنى ئۇقۇپ كېلىدۇ؟» دېگەندە، زۇبەير: مەن، دېدى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ھەر پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى بولىدۇ، مېنىڭ ياردەمچىم زۇبەير» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەھزاب ئۇرۇشى بولغاندا، قۇرەيش ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مەدىنىگە كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك كولىدى، مۇسۇلمانلارغا بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئەھدىنى بۇزۇپ، قۇرەيشلەر بىلەن مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا پۈتۈشكەنلىك خەۋىرى كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىم ماڭا بەنى قۇرەيزىنىڭ خەۋىرىنى ئۇقۇپ كېلىدۇ؟» دېگەندە، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام: ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى مەن ئۇقۇشۇپ كىلەي،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر قىتىم: «كىم ماڭا بەنى قۇرەيزىنىڭ خەۋىرىنى ئۇقۇپ كېلىدۇ؟» دېگەندە، زۇبەير: مەن، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇ ۋاقىتتا: «ھەقىقەتەن ھەر پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى بولىدۇ، مېنىڭ ياردەمچىم زۇبەير» دېدى
ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ ئازادگەردىسى ھانىئ مۇنداق دېگەن: ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرەر قەبرە يېنىغا كەلسە ساقىلى ھۆل بولغۇدەك يىغلايتتى، ئۇنىڭغا: جەننەت ۋە دوزاخنى تىلغا ئالساڭ يىغلىمايسەن؟ بۇنىڭدىن يىغلامسەن؟ دېيىلگەندە، ئۇ مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: قەبرە بولسا ئاخىرەت مەنزىلىدىن تۈنجى مەنزىل، كىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلسا كىيىنكى ئىشلىرى ئۇنىڭدىن ئاسانراق، ئەگەر ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىسا كېيىنكىسى تېخىمۇ تەس، دېگەن
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرەر قەبرە يېنىغا كەلسە ساقىلى ھۆل بولغۇدەك يىغلايتتى، ئۇنىڭغا: جەننەت ۋە دوزاخنى تىلغا ئالساڭ يىغلىمايسەن؟ قەبرىدىن يىغلامسەن؟ دېيىلگەندە، ئۇ ئۇلارغا: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: قەبرە ئاخىرەت مەنزىلىدىن تۈنجى مەنزىل، ئىنسان قەبرىدىن ۋە ئۇنىڭدىكى سىناق، قاتتىقچىلىق ۋە ئازاپتىن قۇتۇلسا كىيىنكىلىرى ئۇنىڭدىن ئاسانراق، چۈنكى قەبرىدىكى ئازاب ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن ئۆتەلمەي، قەبرە ئازابىدىن قۇتۇلالمىسا، گۇناھلىرى ئۆچۈرۈلمەي، ئازابلىنىشقا لايىق بىرەر ئىش قالسا ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى تېخىمۇ تەس، چۈنكى دوزاخ ئازابى ئەڭ قاتتىق،-دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن يىغلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بىر ئايال مۈشۈككە تاماقمۇ بەرمەي، سۇمۇ بەرمەي ياكى زېمىندىكى ھاشارەتلەردىن يېگىلىمۇ قويماي، سولاپ قويۇپ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغانلىقى ئۈچۈن دوزاخقا كىردى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىر ئايالنىڭ دوزاخقا كىرگەنلىكىنى «ئاللاھ بىزنى دوزاختىن يىراق قىلسۇن» سەۋەب ئۇ ئايال بىر مۇشۇكنى سولاپ قويۇپ، تاماقمۇ ياكى سۇمۇ بەرمەي ياكى ئۆزىگە سىرىتلاردىن تاماق تېپىپ يېيىشكە قويۇپ بەرمەي ئۆلگۈچە تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەپ بولغان ئىنسانغا بېرىلگەن جازا بۇ بولسا، ئاياللارغا، ئۆسمۈرلەرگە، خىزمەتچى، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرگە مەسئۇل بولۇپ ئۇلاردىن بىگۇناھ بىر ئىنساننى ئۆلتۈرگەن كىشىنىڭ ھالى نېمە بولار!
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسلەم قەبىلىسىلىك كىشىنى چالما-كېسەك قىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئاللاھ سىلەرنى چەكلىگەن بۇ شەرمەندىچىلىكتىن يىراق بولۇڭلار، كىم قىلىپ سالسا، ئاللاھ يوشۇرغاننى يوشۇرۇپ ئاللاھقا تەۋبە قىلسۇن، كىم يولدىن چىقسا ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىجرا قىلىمىز»
بەيھەقى"شۆئەبىل ئىمان"(ئىمان شاخچىلىرى)ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھاكىم "مۇستەدرەك"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسلەم قەبىلىسىدىن بولغان مائىز ئىبنى مالىك دېگەن كىشىنى چالما-كېسەك قېلىپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنى زىنادىن ئىبارەت بۇ پاھىشە ئىشنى سادىر قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە قىلىپ سالغان كىشىنىڭ قىلمىشىنى ئاشكارا قىلىپ، ئۆزىنى رەسۋا قىلماستىن بەلكى ئاللاھ يوشۇرغان ئىكەن ئۆزىنى يوشۇرۇپ، تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، ئاللاھ تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇ ئۆز قىلمىشىنى ھاكىمغا مەلۇم قىلغىنىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۆزىنىڭ قىلغان ناچار قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىغان كىشىگە ئاللاھ ئۆز كىتابىدا بەلگىلىگەن جازانى ئىجرا قىلىدىغانلىقى خەۋەر بەرگەن
ئەبۇ ئىدرىس خەۋلانىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: دەمەشىق جامەسىگە كىرسەم، جامائەت چىشلىرى ئاپئاق پارقىراپ تۇرغان بىر يىگىتنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋاپتۇ، بىرەر مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالسا، ئۇنى ئاساس قىلىپ، پىكرىنى ئالىدىكەن، مەن ئۇ يىگىتنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتە قىلىۋىدىم، ماڭا: بۇ مۇئاز ئىبنى جەبەل، دېيىلدى، ئەتىسى چۈشتە جامەگە بالدۇرراق باردىم، ئۇ مەندىن بۇرۇن بېرىپ، ناماز ئوقۇغىلى تۇرۇپتۇ، نامىزىنى ئوقۇپ بولغىچە كۈتۈپ تۇرۇپ، ئالدى تەرىپىدىن كېلىپ، سالام بەردىم، ئاندىن: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن» دېدىم، ئۇ: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەممۇ؟» دەپ سورىدى، مەن: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم» دېدىم، ئۇ يەنە: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەممۇ؟» دېدى، مەنمۇ: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم» دېدىم، ئۈچىنچى قېتىم: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەممۇ؟» دەپ سورىدى، مەن: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم» دېدىم، ئاندىن ئۇ تونۇمنىڭ پېشىنى تۇتۇپ، مېنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپ: «ساڭا خۇش بېشارەت بولسۇن!، چۈنكى مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا: «مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ بىرـ بىرىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە، بىللە ئولتۇرغانلارغا، بىرـ بىرىنى زىيارەت قىلغانلارغا، بىر-بىرىگە بىغىشلىغانلارغا مۇھەببىتىم ۋاجىب بولدى، دەيدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دېدى
ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مالىك"مۇئەتتا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرشۈشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان. «بۇ ئىشلار {تفاعل} سىيغىسى ئىپادىلىگەندەك ئىككى تەرەپتىن سادىر بولۇپ، ماددى مەنپەئەت ئۈچۈن، غەرەزلىك ئەمەس، بەلكى پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈنلا بولغاندا پەرۋەردىگارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرشىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ناھايىتى شەرەپلىكىدىن مۇكاپاتىمۇ كاتتا بولغان. يەنە بىر ھەدىستە : «كىم ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن) ياخشى كۆرسە ۋە ئۆچ كۆرسە، ئاللاھ رىزالىقىنى دەپ پۇل-مال بەرسە ۋە چەكلىسە ئۇ كىشى ئىمانىنى پۈتۈنلىگەن بولىدۇ» دېيىلگەن. بۇ ھەدىستە: ئاللاھ بىلەن قەسەم، مەن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سىلىنى ياخشى كۆرىمەن، دېگەندە، ئاللاھ بىلەن قەسەممۇ؟ دەپ تەكىتلەپ سورىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تىلىدا قەسەم سۆزنى ئېنىقلاش، تەكىتلەش، تەكىتلەشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. «ئۇ مېنىڭ كىيىمىمنىڭ پىشىدىن تۇتۇپ» دېگەن سۆزدىن چاپاننىڭ ئىككى پىشىنى مەقسەت قىلغان. «ئۆزىگە تارتتى» دېگەن سۆزدىن يېقىنلاشتۇرۇش، چىقىشىش، سۆزىنى قوبۇل قىلىش ۋە بۇ ئىشلارنى قىلغان كىشىگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى بىلەن خۇش-بىشارەت بېرىشنى مەقسەت قىلغان. مۇئاز ئىبنى جەبەل ئۇنىڭغا: «خۇش-بىشارەت ئال!، چۈنكى مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ :«ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم» دېگەن ھەدىس ئارقىلىق، بۇ يەردە بىشارەت بەرگەن سۆزنى راس سۆزلۈگۈچى ۋە راس سۆز ئېلىپ كېلىنگۈچى رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ تائالادىن ھەدىس بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەبۇ ئىدرىس ئەلخەۋلانىنى ئىشەندۈرۈمەكچى بولغان، چۈنكى بۇ سۆزنى مۇئاز رەسۇلۇللاھتىن، رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزى ئىجتىھاد قىلىپ دېمىگەن. «ئۇلارغا مۇھەببىتىم ۋاجىب بولدى» دېگەن سۆزدىن مەقسەت: مۇھەببىتىم ئۇلارغا مۇستەھكەم بولدى، دېمەكچى. «رازىلىقىمنى كۆزلەپ بىرـ بىرىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە، مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ بىللە ئولتۇرغانلارغا» دېگەن سۆزدىن مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئولتۇرۇشى ئاللاھ تائالانى ئەسلەش، شەرىئەت ئەھكامىنى تۇرغۇزۇش، ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىدە تۇرۇش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش، شەرىئەتلىرىنى قوغداش، بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ چەكلىمىلىرىدىن يېنىشتا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولغان، دېمەكچى. ئاللاھ تائالانىڭ: «مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشقانلار» دېگەن سۆزدىن، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشى پەقەت تائەت ئىبادەتتە ھەمكارلىشىش، ئۆز-ئارا دوسلۇشۇشتا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى، مۇھەببىتىنى، ساۋابىنى كۆزلەپ بولغانلىقى مەقسەت قىلغان. «مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن بىغىشلاشقانلارغا» دېگەندىن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى دەپ ياۋلارغا قارشى قىلىنغان جىھادلارغا جىنىنى بىغىشلىغان، شەرىئەت بۇيرۇغان ياخشى ئىشلارغا، ئىھتىياجلىق كەمبەغەللەرگە چىقىم قىلغاننى مەقسەت قىلغان