Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way






























Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
يىشى كىچىك بىر قىز كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرى بار بىر تۆگىنىڭ ئۈستىدە كېتىۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بار جامائەت تاغ يولىدا قاپسىلىپ قالغاندا ئۇ قىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ، تۆگىنى تىز ماڭدۇرماقچى بولۇپ: ھەل! - تۆگىنى توختىتىش سۆزى- دەپ، ئاندىن تۆگىگە لەنەت ئېيىتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «لەنەت ئېيتىلغان تۆگە بىزگە ھەمراھ بولمىسۇن» دېدى
«ھەقىقەتەن شەيتان دېدىكى: ئى پەرۋەردىگار سىلىنىڭ ئىززەتلىرى بىلەن قەسەمكى، سىلىنىڭ بەندىلىرىنىڭ جانلىرى تەنلىرىدىلا بولىدىكەن، ئۇلارنى ئازدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن». يەنى: شەيتان ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئازدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئاللاھ تائالانىڭ ئىززىتى بىلەن قەسەم قىلدى. «پەرۋەردىگار دېدىكى: مېنىڭ ئىززىتىم ۋە ئۇلۇغلىقىم بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مەندىن مەغپىرەت تىلىسىلا مەنمۇ مەغپىرەت قىلىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن» يەنى: پەرۋەردىگارىمىز ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ: مېنىڭ ئىززىتىم ۋە ئۇلۇغلىقىم بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مەندىن مەغپىرەت تىلەشنى داۋاملاشتۇرسىلا مەنمۇ مەغپىرەت قىلىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن، دېدى
ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۈچ ئوغلى ياكى ئۈچ قىزى ياكى ئوقۇل-قىزلىرىدىن بولۇپ ئۈچ بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇپ، ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ ۋە سەۋىر قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىنى دوزاخ ئوتىغا كۆيدۈرمەيدۇ. پەقەت پىلسىراتتىن ئۆتكەندە قەسەمنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن بىر نۆۋەت يېقىنلىشىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ»مەريەم سۈرىسى 71-ئايەت
مۇسۇلمانلاردىن بىرەرسىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، بۇ ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ
ئەگەردە بىر كىشى: كىشلەر تۈگەشتى، ھالاك بولدى دېسە، بۇ سۆزى ئارقىلىق ئۇلارنى كەمسىتىش، ئورنىنى چۈشۈرۈش، بەزى بىر ئارتۇقچۇلۇقى بىلەن ئۆزىنى ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشنى مەقسەت قىلسا، بۇ پىكىرى بىلەن ئۆزى كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ھالاك بولغۇچىدۇر. بۇ كاف ھەرىپىنى پىچ ئوقۇغان رىۋايەتكە ئاساسەن، ئەمما كاف ھەرىپىنى زەۋەر ئوقۇشقا ئاساسەن مەناسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: ئۇ كىشى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمۈتسىزلەندۈرۈشى، ئاللاھقا تەۋبە ئارقىلىق قايتىشتىن توسۇش بىلەن ئۇلارنىڭ ھالاك بولىشىغا سەۋەبچى بولغان، ئۇلار ھالاك بولغانغا قەدەر ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ياشاشقا تۈرۈتكە بولغان بولىدۇ، دېگەن مەنىدە
تىللاشقان ئىككى ئادەمدىن سادىر بولغان سۆز- ھەرىكەتلەرنىڭ گۇناھى دەسلەپتە باشلىغىنىغا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ باشلاش بىلەن ھەددىدىن ئاشقۇچىدۇر، ئىككىنچىسىگە گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ زۇلۇمغا رەت قايتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان. ئەگەر زۇلۇم قىلىنغۇچى زۇلۇم قىلغۇچىغا رۇخسەت بېرىلگەن چەكتىن ئۆتۈپ ئاشۇرىۋەتسە، زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ گۇناھى دەسلەپتە باشلىغان كىشىنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ
ھەدىسنىڭ مەنىسى: مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلىش دۇنيا مەنپەئەتى ۋە شەخسى غەرەز ئۈچۈن بولسا ھالال بولمايدۇ، ئەمما شەرئى مەقسەت ئۈچۈن بولسا توغرا بولىدۇ، بەلكى بەزى ۋاقىتتا زۆرۈر بولىدۇ، مەسىلەن: بىدئەتچى، پاسىق ۋە پاجىر كىشىلەر تەۋبە قىلمىسا ئۇلار بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش زۆرۈر بولىدۇ. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئاندىن شۇ قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەۋبە قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كېتىدىكەن ئۇ ئادەم دوزاخقا كىرىدۇ، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، مۇسۇلمانلاردىن بىرەر كىشى ئاللاھ ئۆتىۋەتمەيدىغان بىرەر گۇناھنى قىلىپ، دوزاخقا كىرىشكە ھەقلىق بولۇپ دوزاخقا كىرسە، ئۇ كىشى دوزاختىن چوقۇم چىقىدۇ، ئەبەدىلئەبەد دوزاختا قالمايدۇ، پەقەت كاپىرلارلا دوزاخقا لايىق، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن دوزاختىن چىقىشقا ھېچ يول يوق
كىمكى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى قۇلىنى ياكى خىزمەتچىسىنى ئۇرۇشقا لايىق بولمىسىمۇ ئۇرسا ياكى كاچاتلىسا ئاشۇ خاتالىقنىڭ كاپارىتى ئۇ قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر
ھەدىسنىڭ مەنىسى: بىر كىشى كىشىلەرنىڭ ماختىشىنى مەقسەت قىلماستىن، خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى ئەمەل قىلىسا، ئاندىن كىشىلەر ئۇنى ئاشۇ ياخشى ئەمىلى سەۋەبىدىن ماختىغان بولسا، يەنى پالانى ياخشى ئىشنى كۆپ قىلىدۇ، پالانى تائەت_ئىبادەتنى كۆپ قىلىدۇ، پالانى كىشىلەرگە خەيرى-ئېھساننى كۆپ قىلىدۇ دېگەندەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاشۇ مۆمىنگە تېز بېرىلگەن خوش بېشارەت» دېگەن، ئۇ ئۇنى تەرىپلەشتۇر. چۈنكى ئىنسانلار بىر كىشىنى ياخشىلىق بىلەن ماختىسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ زېمىندىكى گۇۋاھچىلىرىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن بىر جىنازە ئۆتكەندە ساھابىلار ئۇ مېيىتنى ماختىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ۋاجىپ بولدى» دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ساھابىلار ئۇ مېيىتنى يامان سۆزلەر بىلەن ئەيىپلىگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ۋاجىپ بولدى»دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنىڭغا نېمە ۋاجىپ بولدى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بىرىنچىسى ئۈچۈن جەننەت ۋاجىپ بولدى، ئىككىنچىسىگە دوزاخ ۋاجىپ بولدى، سىلەر ئاللاھنىڭ زېمىندىكى گۇۋاھچىلىرى» دېدى، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاشۇ مۆمىن ئۈچۈن تېز بېرىلگەن خوش بېشارەت» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر، بۇنىڭ بىلەن رىيانىڭ ئارىسىدىكى پەرق: رىيا قىلغۇچى دېگەن قىلغان ئىشىنى كىشىلەرگە كۆرسۈتۈشنى ۋە ئۇلارنىڭ ماختىشىنى مەقسەت قىلىپ قىلىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشى ئاللاھقا ئاللاھتىن باشقىنى شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ، ئەمما كىشىلەر ماختىغان بۇ كىشىنىڭ نىيىتى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە كىشىلەر ماختىسۇن ياكى ئەيىبلىسۇن دەيدىغان ئىش كېلىپ باقمىغان بولسا، كىشىلەر ئۇنىڭ قىلغان تائەت_ئىبادىتىنى بىلگەن ۋاقتىدا ئۇ كىشىنى ماختاپ ۋە مەدھىيلىسە، بۇ رىيا بولماستىن، بەلكى ئالدىنئالا بېرىلگەن بېشارەتتۇر، بۇنىڭ بىلەن ھەدىستە سۆزلەنگەن ئىشنىڭ ئارىسىدا زور پەرق بار. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ رىياززۇسسالىھىيننىڭ شەرھىسى 6_توم 354_355_بەت