





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇنىڭ يېنىغا بىر توختاملىق قۇل كىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن توختامنى پۈتتۈرۈشتىن ئاجىز كەلدىم، ماڭا ياردەم قىلغىن، دېگەندە. ئۇنىڭغا ئەلى: مەن ساڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ماڭا ئۈگۈتۈپ قويغان سۆزلەرنى ئۈگۈتۈپ قويمايمۇ؟، تاغدەك قەرزىڭ بولسىمۇ ئاللاھ قەرزىڭنى ئادا قىلىپ بېرىدۇ، سەن: «ئى ئاللاھ! ھالال رىزقىڭ ئارقىلىق مىنى ھارامدىن ساقلىغىن، ئۆز مەرھىمىتىڭ بىلەن سەندىن باشقىدىن بىھاجەت قىلغىن»دېگىن! دېدى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە بىر توختاملىق قۇل-يەنى خوجىسىغا مەلۇم مىقداردا پۇلنى بۆلۈپ تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئازادلىقىنى سېتىۋىلىشقا كىلىشىم قىلغان، لېكىن تۆلەيدىغان پۇلنى تاپالمىغان قۇل، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ يېنىغا كىلىپ، قەرزىنى تۈگىتىشىگە ياردەم سورىغان، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا شەرئى بىر چىقىش يولىنى كۆرسۈتۈپ قويغان، ئۇ ئىخلاس بىلەن قىلسا تاغدەك قەرزى بولسىمۇ ئاللاھ ئادا قىلىپ بېرىدىغان، رەسۇلۇللا ئۇنىڭغا ئۈگۈتۈپ قويغان دۇئا ئىدى،.ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: «ئى ئاللاھ! ھالال رىزقىڭ ئارقىلىق مېنى ھارامدىن ساقلىغىن، ئۆز مەرھىمىتىڭ بىلەن سەندىن باشقىدىن بىھاجەت قىلغان» دېگىن! دېگەن
ئابدۇللاھ ئىبنى سەرجىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر قىلسا سەپەرنىڭ مۇشەققىتىدىن، يامان ئاقىۋىتىدىن، مۇكەممەللىشىپ بولۇپ كېمىيىشىدىن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن، ئەھلى ۋە مېلىدا يامان ئەھۋالنىڭ كۆرۈنۈشىدىن پاناھ تىلەيتتى» دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا سېغىنىپ سەپەرنىڭ مۇشەققىتىدىن ياكى سەپەردىن ئۆزىنىڭ ئەھلى ياكى مېلىغا زىيان يېتىپ غەمكىن قايتىشتىن پاناھ تىلەيتتى، شۇنىڭدەك، ھالەتلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيتتى، ئاللاھ تائالادىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسىدىن قۇتقۇزۇشنى سورايتتى
سەلمان ئەلفارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاخىرەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا ئۈچ تۈرلۈك كىشىگە گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدۇ، قېرى زىناخور، مۇتەكەببىر كەمبەغەل، قەسەمخور تىجارەتچى، يەنى ساتسىمۇ ئالسىمۇ قەسەم بىلەنلا تىجارەت قىلىدىغان كىشى
تەبرانىي"مۆجەم كۇبرا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە رىسۇلۇللاھ ئۈچ تۈرلۈك ئېغىر جازاغا ئۈچرايدىغان كىشىلەرنى بايان قىلغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ جنايىتى ناھايىتى ئېغىردۇر. ئۇلارنىڭ بىرى: يېشىنىڭ چوڭلىقىغا قارىماي زىنا قىلىدىغان كىشى، گەرچە زىنا ھەر بىر مۇسۇلماندىن ئېغىر ئېلىنىدىغان گۇناھ بولسىمۇ، قېرى كىشىدىن بولسا ناھايىتى قەبىھ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ياشلارغا قارىغاندا قېرى كىشىدە شەھۋەت ئاجىز بولىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق زىنا قىلغىنى بۇ كىشىنىڭ ئۇ گۇناھنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولغان. ئىككىنچىسى: باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىدىغان مۇتەكەببىر كەمبەغەل كىشى، چوڭچۇلۇق پەقەت ئاللاھ تائالاغا خاس بىر خىسلەت، ئىنسالارنىڭ ھېچ بىرىگە ياراشمايدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ مەلۇم بىر كىشى قول-ئىلكىدىكى ئىقتىسادىغا ئىشىنىپ چوڭچۇلۇق قىلىدۇ. ئەمما كەمبەغەل نېمىگە ئاساسەن چوڭچۇلۇق قىلىدۇ، ئۇنىڭ سەۋەبسىز بۇنداق قىلىشى تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن بىر كىبىر بولغانلىقتىن، شۇ سەۋەبتىن كەمبەغەلنىڭ چوڭچۇلۇق قىلىشى ئېغىر گۇناھ. ئۈچىنجى تۈرلۈك كىشى سودا-سېتىق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم ئىچىشنى ئادەت قىلىۋالغان، ئاللاھ تائالانىڭ نامىنى قىممەتسىز تاۋارلىرىغا ئىشلىتىپ سېتىشقا ئۇرىنىدىغان كىشى
ئەبۇ قەتادە ئەلئەنساري رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەرگە چىقىپ، كېچىدە بىرەر جايغا چۈشسە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى، ئەگەر تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن بىرەر جايغا چۈشسە قولىنى تىكلەپ، بېشىنى ئالقىنىغا قويۇپ ئارام ئالاتتى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئارام ئېلىش ۋە ئۇخلاش ئۈچۈن كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە بىرەر جايغا چۈشسە ئوڭ يېنىنى بېسىپ يىتىشى، تاڭ ئېتىشتىن بىرئاز بۇرۇن چۈشسە قولىنى تىكلەپ، ئۇنىڭغا يۆلۈنۈپ ئارام ئېلىشى سەپەردىكى سۈننىتى ئىدى. چۈنكى كىچىنىڭ ئەۋۋىلىدە جىسمىنىڭ ئۇيقۇغا بولغان ئىھتىياجىنى بېرىش ئۈچۈن ئوڭ يېنىنى بېسىپ ئۇخلايتتى، ئەمما بامدات نامىزىغا يېقىن ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ كېتىپ، بامدات نامىزىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن قولىنى تىكلەپ، ئۇنىڭغا تايىنىپ ئۇخلايىتتى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئاللاھ، مەن سىلى بىلەن دوزاخنىڭ پىتنىسىدىن، دوزاخنىڭ ئازابىدىن، بايلىق ۋە كەمبەغەللىكنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلاتتى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆت ئىشتىن ئاللاھ تائالا بىلەن پاناھ تىلەيتتى. ئۇنىڭ «ئى ئاللاھ مەن سىلى بىلەن دوزاخنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: «دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغان پىتنىدىن» دېگەن مەنىدە، ياكى مۇئەككەل مالائىكىلەرنىڭ ئەيىبلەش مەنىسىدىكى سوئالى بولىشىمۇ مۈمكىن. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ مەنىدە كەلگەن: «دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر: سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر كەلمىگەنمىدى؟ دەپ سورايدۇ» سۈرە مۇلك 8-ئايەت. «دوزاخ ئازابىدىن» دېگەن سۆزى: «دوزىخىلاردىن بولۇپ قىلىشىمدىن» دېگەن مەنىدە، ئۇلار كاپىرلار بولۇپ، شۇلارغا ئازاپ قىلىنىدۇ، ئەمما ئىمان ئېيتقۇچىلار دوزاخقا كىرسىمۇ ئەدەبلىنىش، گۇناھلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن كىرىدۇ، ئۇ يەردە ئازاپقا قالمايدۇ. «بايلىقنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى: چوڭچىلىق، ھەددىدىن ئېشىش، پۇل-مالنى ھارامدىن تېپىش، گۇناھ ئىشلارغا سەرىپ قىلىشتىن، پۇل-مال، يۈز-ئابرۇي بىلەن پەخىرلىنىش، ھارامدىن كۆپ دۇنيا توپلاپ، تېگىشلىك يەرلەرگە سەرىپ قىلماسلىقتىن پاناھ تىلەيمەن دېگەن مەنىدە. «پېقىرلىقتىن» يەنى سەۋىرچانلىق ۋە تەقۋادارلىقنى ئۆزىگە ھەمرا قىلمىغان پېقىرلىقنىڭ زىيىنىدىن پاناھ تىلەيمەن. بۇ ھالدىكى پېقىر كىشى دىندارلىققا، ئادەمىگەرچىلىككە توغرا كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ قالىدۇ، بايلارغا ھەسەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ مېلىدىن تەمە قىلىدۇ، دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى خورلاشقا، ئاللاھ تائالانىڭ تەقسىماتىغا رازى بولماسلىقتەك ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدىغان ئىشلارغا سەۋەبچى بولىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى كىلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! مەن سەپەرگە چىقماقچى ئىدىم، ماڭا نەسىھەت قىلىپ قويغىن، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئۈزۈڭگە تەقۋادارلىقنى ھەمرا قىلغىن، ھەر بىر تۆپىلىككە چىققىنىڭدا "ئاللاھۇ ئەكبەر" دەپ تەكبىر ئېيتقىن، دېدى. ئۇ كىشى قايتىپ كەتكەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ سەپەردىكى مۇساپىسىنى يېقىنلاشتۇرۇپ بەرگىن ۋە سەپەرنى ئۇنىڭغا ئاسان قىلغىن، دېدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبىر كىشى كىلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! مەن سەپەرگە چىقماقچى ئىدىم، ماڭا نەسىھەت قىلىپ قويغىن، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئۈزۈڭگە تەقۋادارلىقنى ھەمرا قىلغىن، ھەر بىر تۆپىلىككە چىققىنىڭدا "ئاللاھۇ ئەكبەر" دەپ تەكبىر ئېيتقىن، دېدى. ئۇ كىشى قايتىپ كەتكەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ سەپەردىكى مۇساپىسىنى يېقىنلاشتۇرۇپ بەرگىن ۋە سەپەرنى ئۇنىڭغا ئاسان قىلغىن، دېدى
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئەگەر بىز ئىگىزلىككە چىقساق: ئاللاھۇ ئەكبەر، پەسكە چۈشسەك: سۇبھاناللاھ دەيتتۇق. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە قوشۇنلىرى قاچانكى بىرەر داۋانغا ئۆرلىسە: ئاللاھۇ ئەكبەر، پەسكە چۈشسە: سۇبھاناللاھ، دەيتتى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئۈستۈنگە ئۆرلىگەندە ۋە يۇقىرى ئورۇنلارغا چىققاندا تەكبىر ئېيتىش ئىنسان قەلبىگە ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىش، چۈنكى يۇقىرىغا چىققان كىشىدە چوڭلۇق تۇيغۇسى ئىپادىلىنىدۇ، ئۆزىدە بىر خىل كاتتىلىقنى ھېس قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاددى، ئەرزىمەس ئىنسان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ كاتتىدۇر دەيدۇ، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى بولسا ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىدىن كاتتىدۇر. (شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى ئورۇنغا ئۆرلىگەن كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنى ئەسلىشى يولغا قويۇلغان) ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ پەزلىنى زىيادە قېلىپ بېرىشى ئۈچۈن تەكبىر ئېيتىدۇ. يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشكەندە تەسبىھ ئېيتىشتىكى سەۋەب: يۇقىرىدىن تۆۋەن تارچىلىق بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن تۆۋەنگە چۈشكەندە تەسبىھ ئېيتىش يولغا قويۇلغان، چۈنكى تەسبىھ ئېيتىش بىلەن قىسىنچىلىق يوق بولىدۇ. يۈنۈس ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىدىمۇ يۈنۈس ئەلەيھىسسالام زۈلمەتتە تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا تەسبىھ ئېيتقان، ئاللاھ تائالا ئۇنى بۇ غەمدىن قۇتقۇزغان، تۆۋەنگە چۈشۈش بولسا خارلىققا يېقىن، شۇڭا تۆۋەنگە چۈشكەندە سۇبھاناللاھ دەيدۇ، ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ-نۇقسانلاردىن، تۆۋەن بولۇشتىن پاكتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنىڭ ئۈستىدىدۇر. شۇنىڭدەك ئايروپىلاننىڭ ھاۋاغا ئۆرلىشى ۋە تۆۋەنگە ياكى زېمىنغا چۈشۈشىنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق تۇرۇغلۇق، ئايرۇپىلان يۇقىرىغا ئۆرلىگەندە تەكبىر، ئايدۇرۇمغا چۈشكەندە تەسبىھ ئېيتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا توغرا ئىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىر مۇسۇلمان يەنە بىر بىمار مۇسۇلمان بۇرادىرىنى ئەتتىگەندە زىيارەت قىلسا، يەتمىش مىڭ پەرىشتە كەچكىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ، كەچتە يوقلىسا يەتمىش مىڭ پەرىشتە تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان خورمىلار بولىدۇ» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى.
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنسان كېسەل بولۇپ قالغان قېرىندىشىنى يوقلىسا، ئۇ جەننەتنىڭ باغچىلىرىدا بولىدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭرىدۇر، بۇ ھەدىس كېسەل يوقلاشنىڭ پەزىلىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەتتىگەندە يوقلىسىمۇ شۇنداق ئەجىر ۋە كەچتە يوقلىسىمۇ شۇنداق ئەجىر بولىدۇ
سۇھەيل: ئەبۇ سالىھ بىزنى ئۇخلىماقچى بولغاندا ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىشقا، ئاندىن بۇ دۇئانى ئوقۇشقا بۇيرىيتتى: «ئى ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسى، بىزنىڭ ۋە پۈتۈن كائىناتنىڭ رەببى، ئۇرۇق ۋە دانلارنى ياراتقۇچى، تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاننى چۈشۈرگۈچى ئاللاھ!، سەن بىلەن سېنىڭ ئىلكىڭدىكى ھەر نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، سەن ئەۋۋەلسەن ، سەندىن ئىلگىرى ھېچ نەرسە يوق، سەن مەڭگۈلۈكسەن، سېنىڭدىن باشقا ھېچ نەرسە باقى ئەمەس، سەن ئاشكارىسەن، سەندىن ئوچۇق ھېچ نەرسە يوق، سەن مەخپىيسەن، سېنىڭدىن مەخپي ھېچ نەرسە يوق، بىزنى قەرىزدارلىقتىن قۇتقازغىن ۋە پېقىرلىقتىن ئازات قىلغىن» دېدى، سۇھەيل بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۈرەيرىدىن، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرنى ئۇخلىماقچى بولغاندا كۆرپىدە ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىپ، ئاندىن بۇ دۇئانى ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى: «ئى ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلۇغ ئەرشىنىڭ ئىگىسى، بىزنىڭ ۋە پۈتۈن كائىناتنىڭ پەرۋىشچىسى بولغان ئاللاھ!»، يەنى: ئاسمان-زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى، ياراتقۇچىسى، ئېگىسى، ئۇ ئىككىسىدە تۇرىدىغانلارنىڭ تەربىيلىگۈچىسى، ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى، ياراتقۇچىسى ۋە ئېگىسى، بارلىق ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىسى، ئېگىسى، تەربىيلىگۈچىسى ۋە ھەر شەيئىنىڭ پەرۋەردىگارى. «ئۇرۇق ۋە دانلارنى ياراتقۇچى» يەنى: ئۇرۇق ۋە دانلارنى يېرىپ ئۇنىڭدىن زىرائەت ۋە خورمىلارنى چېقارغۇچى، بۇ يەردە خورما بىلەن داننى سۆزلىشى، شۇ ۋاقىتتا ئەرەپ زېمىنىدا بۇ ئىككىسى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ياخشى يىمەكلىك ھېسابلىناتتى.«تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاننى چۈشۈرگۈچى» يەنى: مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى نازىل قىلغۇچى!. «سەن بىلەن ئىلكىڭدىكى ھەر نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى: سەن ياراتقان ھەر قانداق مەخلۇقنىڭ يامانلىقىدىن سەن بىلەن ساقلىنىمەن ۋە پاناھلىنىمەن، چۈنكى ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭدا، سېنىڭ ئىلكىڭدە ۋە سېنىڭ باشقۇرۇشىڭدا. «سەن ئەۋۋەلسەن سەندىن ئىلگىرى ھېچ نەرسە يوق، سەن ئەبەدىسەن، سېنىڭدىن باشقا ھېچ نەرسە باقى ئەمەس، سەن ئاشكارىسەن، سەندىن ئوچۇق ھېچ نەرسە يوق، سەن مەخپىيسەن، سېنىڭدىن مەخپى ھېچ نەرسە يوق»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ تۆت ئىسىمنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ: «ئەۋۋەل»: ئاللاھدىن باشقا ھەممە نەرسىنىڭ كېيىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ھەر بىر دىنى ۋە دۇنيالىق نېمەتتە پەرۋەردىگارىنىڭ مەرھىمىتىنى ئويلىشى كېرەك، چۈنكى ھەر نەرسىنىڭ سەۋەبى ۋە ئىشقا ئاشۇرغۇچىسى يەنىلا ئاللاھتۇر. «ئاخىر»: بۇ سۈپەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەبەدى قالىدىغانلىقىنى، باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى، مەخلۇقاتلارنىڭ ئىبادىتى، رىغبىتى، ئەيمىنىشى، بارلىق تەلەپلىرى بىلەن يۈزلىنىدىغان، ھەممە مۇھتاج بولىدىغان زات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «ئاشكارا»: بۇ ئىسىم ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقىنىڭ ئالدىدا بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بارلىق مەخلۇقاتلاردىن ھەقىقى ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. «يوشۇرۇن»: بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىگە يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندەك، ئىنتايىن ئىنچىكى، مەخپى، يوشۇرۇن ئىشلاردىن، سىرلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. «ئاشكارا بىلەن يوشۇرۇن» دېگەن سۈپەتلەرنىڭ ئارىسىدا زىتلىق يوق، چۈنكى سۈپەتلەردە ھېچ نەرسە ئاللاھ تائالاغا ئوخشىمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ يېقىنلىقىدا ئۈستۈن، ئۈستۈنلىكىدە يېقىندۇر. «ئى ئاللاھ! بىزنى قەرىزدارلىقتىن قۇتقازغىن ۋە پىقىرلىقتىن ئازات قىلغىن»، ئاخىرىدا ئاللاھ تائالادىن ئۆزىنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىپ، پىقىرچىلىقتىن بىھاجەت قىلىشىنى سورىدى