Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way






























Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى چېقىۋېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن سۇ ئېچىشتىن چەكلىگەن، چۈنكى بەزى ۋاقىتتا سۇدا كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەر بولۇپ قالسا، سۇ ئېچكۈچىنىڭ قورسىقىغا كېرىپ كېتىپ ئۇ كىشىگە زىيان يەتكۈزۈپ قويىدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىملىككە پۈۋلەشتىن چەكلىۋىدى، بىر كىشى ئۇنىڭدىن: ئى رەسۇلۇللاھ توپىغا ئوخشاش بىر نەرسىلەر ئىچىملىككە چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئىنسان سۇنى پۈۋلەپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىمىز؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنداق نەرسە چۈشۈپ قالغان سۇنى تۆكۈۋەتكىن، ئەمما ئۇنىڭغا پۈۋلىمىگىن، دېدى. ئاندىن ئۇ، ئۆزىنىڭ بىر تىنىپ ئىچىش بىلەن قانمايدىغانلىقىنى دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قاچىنى ئاغزىدىن يىراق قىلىپ، نەپەس ئېلىپ ئاندىن قايتا ئىچىشكە بۇيرىدى
رەسۇلۇللاھنىڭ: «ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى ساڭا تاپشۇرىمىز» يەنى بىزنى قوغداشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھوجۇمىنى بىزدىن توسۇش ئۈچۈن سىلىنى دۈشمەن ئالدىدا قويىمىز، دېگەن مەنىدە. بۇ يەردە بويان، ئالدى دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن، چۈنكى ئۇ قوغدىنىشتا ۋە دۈشمەننىڭ ھوجۇمىدىن ئۈستۈن تۇرۇشتا ئەڭ كۈچلۈك، چەۋەر ئورۇن. دۈشمەن بولسا جەڭگە باتۇرلىقىنى ۋە ياكى ئۈمىتۋارلىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن مەيدە، كۆكرىكىنى كېرىپ چىقىدۇ. «ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمىز»، بۇ ھالدا ئاللاھ ئۇلارنىڭ زىيىنىدىن سېنى ساقلايدۇ. يەنى: ئى ئاللاھ بىزنى ئۇلارنىڭ ھوجۇمىدىن، زىيانكەشلىكىدىن ساقلىسىلا، ئۇلارغا ئۆزلىرى كۇپايە بولىلا، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارسىنى سىلى توسايلا. ئەگەر مۇسۇلمان بىر كىشى بۇ ئىككى ئاز ۋە ئاسان جۈملىنى ئىخلاس، چىنلىق ۋە ئىخلاس بىلەن دېسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دۈشمەنلىرىدىن قوغدايدۇ. ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچى
بۇ ھەدىستە ئاللاھنى پاكلاش، ئۇلۇغلاش، كاتتىلاش مەزمۇنلىرى، ئاللاھنىڭ بەندىگە قىلغان مەرھەمىتى ئۈچۈن مەدھىيىلەش، بەندىنىڭ تەدبىرى ۋە ھەركەت ئىقتىدارىنىڭ ئاللاھ خالىغاندىلا ئىشقا ئاشىدىغانلىقى، يامانلىقتىن ساقلىنىشتىكى ئامال-چارە ۋە ياخشىلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى كۈچ-قۇۋۋەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا ۋۇجۇتقا چىقىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەزكۇر زىكىرىنى بۇ خىل شەكىلدە ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى كۆرسىتىلگەن. بۇ سۆزلەر بۇ مەنالىرى بىلەن مۆمىنگە ئۆلگەندىن كىيىن مەنپەئەت ۋە تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ
ئاللاھ تائالا مۆئمىن بەندىلىرى ئۈچۈن جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، دوزاختىن ساقلىنىدىغان سەۋەپلەرنى ھازىرلىغان، بۇ سەۋەپلەرنىڭ بىرى ئاللاھنى ئەسلەشدۇر. ھەدىس، ئاللاھنى ئەسلەشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى قورقۇنچلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ چوڭ سەۋەپلىرىدىن، شۇنداقلا، دوزاختىن قۇتۇلۇشنىڭ مۇھىم ئامىلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، بۇ ئەڭ بۈيۈك پەزىلەت دەپ قارىلىدۇ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناھايتى كەمتەر بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە ۋەز ئېيتىپ، خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا، بىر غىرىپ ئادەم كىلىپ ئۆزىنىڭ دىنى توغرىسىدا سوئال سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبىنى كەلگەن يېرىدە توختۇتۇپ قويۇپ، ئۇ كىشىگە يۈزلىنىپ ئۇنىڭ يىنىغا كېلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئورۇندۇق كەلتۈرىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە دىننى ئۈگۈتىدۇ، چۈنكى بۇ كىشى ئىلىمگە ئېشتىياق باغلاپ، دىنىنى ئۈگۈنۈپ ئەمەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ كەلگەن بولغاچقا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزلەۋاتقان خۇتبىنى توختىتىپ ئۇ كىشىگە دىننى ئۈگەتتى، ئاندىن خۇتبىنى داۋاملاشتۇردى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇنەين غازىتىدىن قايتىۋاتقاندا (ئۇ مەككە بىلەن تائىپ ئارسىدىكى بىر جىلغا بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جۇبەيىر ئىبنى مۇتئىم بىرگە كېتىۋاتاتتى) ئەئرابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن غەنىيمەت مال تەلەپ قىلىپ ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالدى، ئۇلار ئۇنى بىر تۈپ سەمۇرە دەرىخىگە (ئۇ جىلغىدىكى بىر تىكەنلىك دەرەخ) قىستىغاندا دەرەخ ئۇنىڭ كىيىمىنى ئىلىۋالدى، ئەئرابىلار ئۇ كىيىمنى تارتقىلى تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ماڭا كىيىمىمنى بېرىڭلار، ئەگەر مۇشۇ تىكەنلىك دەرەخلەر سانىچە تۆگە، كالا ۋە قوي بولغان بولسا، ئۇنى ئاراڭلاردا بۆلۈپ بەرگەن بولاتتىم، ئەگەر مېنى سىنىساڭلار بېخىل، يالغانچى ۋە قورقۇنچاق ئەمەسلىكىمنى بايقايسىلەر،-دېدى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «إن من أحبكم» دېگەن سۆزىدىكى «من» نىڭ مەنىسى "بەزى" مەنىسىدە. يەنى قىيامەت كۈنىدە ماڭا يېقىن تۇرىدىغان ۋە مەن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئاللاھ تائالا بىلەن ۋە بەندىلەر بىلەن گۈزەل ئەخلاقتا بولغانلاردۇر. ئاخىردىكى «من» مۇ بەزى دېگەن مەنىدە، يەنى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئەڭ ئۆچ كۆرىلىدىغان، مەندىن قىيامەتتە يىراق تۇرىدىغانلار زورلاپ كۆپ سۆزلەيدىغانلار، پاساھەتلىك سۆزلىرى بىلەن كىشىلەرگە چوڭچۇلۇق قىلىدىغانلار، باشقىلاردىن ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ئارتۇقچۇلۇقىنى نامايەن قىلىدىغانلار
ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ۋە قەۋمىدە ھاياتلىقتا خاتىرجەم، تېنى ساغلام ۋە شۇ كۈنلۈك ئوزۇقلىقى يېتەرلىك ھالدا تاڭ ئاتقۇزسا، خۇددى دۇنيانىڭ پۈتۈن ياخشىلىقلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن توپلانغاندەك بولىدۇ