





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغاندا تىرناقلىرى تۇچتىن، ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىرىنى، مەيدىلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر قەۋمنى كۆرۈپ: ئى جىبرىئىل! ئۇلار كىم؟ دېۋىدىم، جىبرىئىل: بۇلار كىشىلەرنىڭ گۆشىنى يەيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدىغان كىشىلەر» دېدى
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغاندا تىرناقلىرى تۇچتىن بولغان، تىرناقلىرى بىلەن يۈزلىرى ۋە بەدەنلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتتى، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ھەيران قىلىپ، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدىن: ئۇلار كىم؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى مۇشۇنداق قىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: ئۇلارنىڭ كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان ۋە ئابرۇيىنى چۈشۈرىدىغان كىشىلەردىن ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى
مىقدام ئىبنى مەئدىي كەرىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئادەم بالىسىنىڭ تويمايدىغان قورسىقىدىنمۇ يامان نەرسە يوق. ئەسلىدە ئادەم بالىسىغا ھاياتىنى ساقلىيالىغۇدەك بىر قانچە لوقما كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر كۆپرەك يېمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالسا، قورساقنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تائام يېسۇن. ئۈچتىن بىرىگە سۇ ئىچسۇن ۋە ئۈچتىن بىرىنى نەپەسلىنىشى ئۈچۈن بوش قويسۇن
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ بىزگە مۇھىم تىبابەت قائىدىلىرىدىن بىرنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كېسەلدىن ساقلىنىش قائىدىسى، كېسەلدىن ساقلىنىش تاماقنى ئاز يېيىش بىلەن بولىدۇ، بەلكى ئاچارچىلىقنى پەسەيىتكىدەك، كۈندۈلىك ھاياتىغا قۇۋۋەت بولغۇدەك يىيىش بىلەن كۇپايىلەنسە بولىدۇ، تويمايدىغان قورساقتىنمۇ يامانراق نەرسە يوق. توقلۇقتىن كۆپلىگەن ئاشكارا يۈشۈرۇن كېسەللەر كىلىپ چىقىدۇ. يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر تاماقنى كۆپ يېمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالسا، قورساقنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تائام يېسۇن. ئۈچتىن بىرىگە سۇ ئىچسۇن ۋە ئۈچتىن بىرىنى نەپەسلىنىشى ئۈچۈن بوش قويسۇن، كۆپ يىگەنلىكتىن نەپەس سىقىلىش ۋە ھورۇنلۇق كىلىپ چىقىپ، دىن ۋە دۇنيالىق مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشتا بوشاڭ بولۇپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە شۇنداق بىر خۇتبە (نەسىھەت) سۆزلىدىكى، مەن ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەسىھەتنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. رەسۇلۇللاھ: ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى يىغلاشقان ھالدا يۈزلىرىنى يۆگىۋىلىشتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ساھابىلىرى توغرۇلۇق بىرەر گەپ يىتىپ قالدى، ئاندىن ئۇ كىشىلەرگە سۆزلەپ دېدىكى: ماڭا جەننەت ۋە دەۋزەخ كۆرسىتىلدى، مەن يامانلىق ۋە ياخشىلىقتا بۈگۈنكىدەك (نەتىجە) كۆرۈپ باقمىغانتىم. ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا بۇ كۈندىن ئېغىر كۈن كېلىپ باقمىغان ئىدى، ئۇلار يىغلاشقان ھالدا يۈزلىرىنى يۆگىۋىلىشتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا شۇنداق بىر ۋەز - نەسىھەت سۆزلىدىكى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەسىھەتنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭ سۆزلىرى قاتارىدىن: ماڭا جەننەت ۋە دەۋزەخ كۆرسىتىلدى، مەن بۈگۈن جەننەتتە كۆرگەندىن ياخشىراق ، دەۋزەختە كۆرگەندىن يامانراق (ئەھۋالنى) كۆرۈپ باقمىدىم، ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا بۇ كۈندىن ئېغىر كۈن كېلىپ باقمىغان ئىدى، ئۇلار يىغلاشقان ھالدا يۈزلىرىنى يۆگىۋېلىشتى
ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن: «بارلىق ھەمدۇ سانا پاك ۋە بەرىكەتلىك بولغان ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم بىزگە رىزىق بېرەلمەيدۇ، بىزگە رىزىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر، بىز پەرۋەردىگارىمىزغا مۇھتاجمىز،» دەيتتى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئاغزاكى ۋە ئەمەلىي سۈننەتلەرنى تەلىم بېرەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان دۇئالىرىدىن، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدىن تاماق يېگەن قاچىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن: بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان يەككە يىگانە ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى، گۈزەللىكى ۋە مۇكەممەللىكىگە لايىق مەدھىيىلەر بولسۇن، ئاللاھ تائالانىڭ ساناپ بولغىلى بولمايدىغان ۋە ھېسابلاپ بولغىلى بولمايدىغان چەكسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈرلەر بولسۇن. ئەگەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى سانىماقچى بولساڭلار ھەرگىزمۇ ساناپ بولالمايسىلەر. بىز رىيادىن ۋە كۆز-كۆز قىلىشتىن خالى ھالەتتە ياخشىلىقى كۆپ بولغان ئاللاھنى ماختايمىز، بىز بەندىلەرگە يېتەرلىك نېمەت ئاتا قىلغۇچى ئاللاھنى ماختايمىز، ئاللاھدىن باشقا ھېچ نەرسە مەخلۇقاتلارغا يېتەرلىك رىزىق بېرىشكە قادىر بولالمايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ھېچبىر نەرسىگە ئېھتىياجى يوق، ئاللاھ ھاجەتمەنلەرنى قۇرۇق قايتۇرمايدۇ
ئەبۇ جۇرەي جابىر ئىبنى سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پىكرى ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلىۋاتقان بىر كىشىنى كۆردۈم، ئۇ نېمە دىسە كىشىلەر شۇنى قىلاتتى، مەن: «بۇ كىشى كىم؟» دەپ سورىدىم، كىشىلەر: «ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» دېدى، مەن ئىككى قېتىم: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!، ئەلەيكەسسالام» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەلەيكەسسالام» دېمە، «ئەلەيكەسسالام» ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام، «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم» دېگىن! دېدى، مەن: «سەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىمۇ؟» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن: سەن زىيانغا ئۇچرىغاندا دۇئا قىلساڭ ئۇنى سەندىن كۆتىرىۋىتىدىغان، قەھەتچىلىك يىلىدا دۇئا قىلساڭ ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان، دەشت-باياۋاندا مېنىدىغان ئات-ئۇلاغلىرىڭنى يۈتتۈرۈپ قويغان ۋاختىڭدا دۇئا قىلساڭ ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىدىغان ئاللاھنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى، مەن: «ماڭا نەسىھەت قىلغىن» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئادەم تىللىما» دېدى، مەن شۇنىڭدىن بۇيان ھىچقانداق ئادەمنى ھەتتا قۇل، تۆگە، قويلارنىمۇ تىللاپ باقمىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر قانداق ياخشى ئىشنى كېچىك سانىما، قېرىندىشىڭغا چىرايىڭنى ئېچىپ، كۈلۈمسىرەپ گەپ قىلىشىڭمۇ ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ، ئىشتىنىڭنى پاچىقىڭنىڭ يېرىمىغىچە كەيگىن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىمىساڭ، ھوشۇقۇڭغىچىلىك بولسۇن، ئىشتاننى سۆرەپ كىيىشتىن ساقلانغىن، چۈنكى بۇ ئىش تەكەببۇرلۇقتىن كېلىپ چېقىدۇ، ئاللاھ تەكەببۇرلۇقنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئەگەر بىرسى سېنى ئەيىبىڭ بىلەن تىللىسا، سەن ئۇنى ئەيىبى بىلەن تىللىما، تىللىغۇچى جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانجابىر ئىبنى سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: كىشىلەر سۆزىگە مۇراجىئەت قىلىۋاتقان بىر كىشىنى كۆردۈم، كىشىلەر ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلاتتى، مەن: «بۇ كىشى كىم؟» دەپ سورىدىم، كىشىلەر: «بۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!» دېدى، مەن ئىككى قېتىم: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!، ئەلەيكەسسالام» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەلەيكەسسالام] دېمە، «ئەلەيكەسسالام» ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام، «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم» دېگىن! دېدى، مەن: «سەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىمۇ؟» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، يەنى: مەن: كەمبەغەللىك ۋە بەختسىزلىككە يولۇققان ۋاختىڭدا يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ دۇئا قىلساڭ سەندىن ئۇ زىياننى كۆتۈرۋىتىدىغان، زېمىندا گىياھ ئۈنمىگەن قەھەتچىلىك يىلىدا دۇئا قىلساڭ ساڭا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان، دەشت-باياۋاندا مېنىدىغان ئات-ئۇلاغلىرىڭنى يۈتتۈرۈپ قويغان ۋاختىڭدا دۇئا قىلساڭ ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىدىغان ئاللاھ ئىۋەتكەن كىشىمەن» دېدى، مەن ئۇنىڭغا: «ماڭا پايدىلىق ئىشلارنى تاپىلىغىن» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئادەم تىللىما» دېدى،مەن شۇنىڭدىن بۇيان ھېچ قانداق بىر ئادەمنى ھەتتا قۇل، تۆگە، قويلارنىمۇ تىللاپ باقمىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەرقانداق ياخشى ئىشنى كېچىك كۆرۈپ تاشلىما، قېرىندىشىڭغا چىرايىڭنى ئېچىپ، كۈلۈمسىرەپ گەپ قىلىشقا سەل قارىما، چۈنكى ئۇ ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ، ئىشتىنىڭنى ۋە باشقا كىيىملەرنى پاچىقىڭنىڭ يېرىمىغىچە ئۇزۇنلۇقتا كەيگىن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىمىساڭ ھوشۇقۇڭغىچىلىك بولسۇن، ئىشتاننى سۆرەپ كىيىشتىن ساقلانغىن، چۈنكى بۇ ئىش تەكەببۇرلۇق ۋە مەنمەنىچىلىكتىن كېلىپ چېقىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئەگەر بىرسى سېنى ئەيىبىڭ بىلەن تىللىسا ياكى سەن سادىر قىلغان گۇناھ ۋە يامان ئىشلار بىلەن ئەيىپلىسە، سەن ئۇنى ئەيىبى بىلەن تىللىما، ئۇنىڭ ئاقىبىتى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، بەزىسى دۇنيادا تىزلا تۇتىدۇ
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غازاتقا چىقسا: «ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ تايانچىم ۋە ياردەمچىم، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن تەدبىر يۈرگۈزىمەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غازات قىلماقچى بولسا ياكى جەڭگە ئاتلانسا: «ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ تايانچىم ۋە ياردەمچىم، يالغۇز سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا بىر ئىشدىن يەنە بىر ئىشقا ئاتلىنىمەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرىمەن ۋە سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىجابەتسىز قايتۇرۇلمايدىغان ياكى ناھايتى ئاز رەت قىلىنىدىغان ئىككى خىل دۇئا بار، بىرسى؛ ئەزان ئېيتىلىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا، يەنە بىرسى؛ تازا قاتتىق ئۇرۇش بولىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا»
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇھەدىستە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىپ، مۇجاھىدنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا قىلغان دۇئاسىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىجابەت قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەزان ئوقۇلغاندىن تارتىپ ھەتتا نامازغا تەكبىر ئېيتىلغانغا قەدەرقىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئەزاننىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىدا، ئاللاھنىڭ غەزىپى ئاتا-ئانىنىڭ غەزىپىدە بولىدۇ»
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىدا، ئۆزىنىڭ غەزىپىنى ئاتا-ئانىنىڭ غەزىپىدە قىلدى، ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلغان كىشى ئاللاھ تائالانى رازى قىلغان بولىدۇ، ئاتا-ئانىسىنى غەزەپلەندۈرگەن كىشى ئاللاھ تائالانى غەزەپلەندۈرگەن بولدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سەپەر ئازابتىن بىر پارچە، ئۇ سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلاردىن ۋە ئۇيقۇڭلاردىن توسىدۇ، بىرىڭلار سەپەردىكى مەقسىدىنى ئادا قىلسا ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرىسۇن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھنىڭ «سەپەر ئازابتىن بىر پارچە» دېگىنى، ئازابنىڭ بىر قىسمى دېگەن مەنىدە. بۇ يەردىكى ئازابتىن مەقسەت جاپادىن تۇغۇلغان ئازاب كۆزدە تۇتۇلغان، كىشى ئۆزى كۆنگەن ئادەتلىرىنى تاشلاپ، ئۇلاققا مىنىپ، ئۇنىڭدىن چۈشۈش جاپالىرى مەقسەت قىلىنغان. «ئۇ سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلاردىن ۋە ئۇيقۇڭلاردىن توسىدۇ» دېگەن ئىبارىنىڭ مەنىسى: مۇكەممەل، ئازادە ھوزۇرلۇنۇشنى توسىدۇ، چۈنكى ئۇ سەپەردە قىيىنچىلىق، چارچاش، ئىسسىق-سوغۇق، ئەندىشە، دوسلار ۋە ئائىلىدىن ئايرىلىش، يرىك تۇرمۇش ئارقىلىق جاپادا بولىدۇ، زىھنى سەپەردىكى مۇھىم ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئادەتتىكى كۈنلەردەك يەپ-ئىچىپ، ئارام ئېلىپ قىلالمايدۇ، ئۇيقۇ ئىشلىرىمۇ ھەم شۇنداق، ئەھۋال بۇنداق بولغانىكەن، سەپەردىكى ئىشلىرى تۈگىكەن ھامان، ئائىلە، بالا-چاقىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىشقا ئالدىرىسۇن، دېگەن مەنىدە. «بىرىڭلار سەپەردىكى مەقسىدىنى ئادا قىلسا ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرىسۇن» دېگىنى، سەپەردىكى مەقسەت، ئىھتىياج، دېگەن مەنىدە