





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈتتىن بولغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ قوياتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى كېلىپ ئۇخلاپ قالغاننى ئويغاتمىغۇدەك، ئويغاق ئاڭلىغۇدەك سالام قىلاتتى، (بۈگۈنمۇ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئىلگىركىدەك سالام قىلدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانمىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قوينى سېغىپ، سۇتتىن ئۆزلىرىنىڭ نىسىۋىسىنى ئېچىۋىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىپ نىسىۋىسىنى ئىچىشى ئۈچۈن ئېلىپ قوياتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئۇلار ئۇخلاپ قالغاندا كەلسە ئۇخلىغاننى ئويغاتمىغىدەك، ئويغاق ئاڭلىغۇدەك، ئوتتۇرا ھال ئاۋازدا سالام قىلاتتى
سەھلە ئىبنى سەئىد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدىن بىر كىشى ئۆتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدا ئولتۇرغان كىشىگە: «بۇ ئادەمگە قانداق قارايسەن؟» دېدى، ئۇ كىشى: ئۇ كىشىلەرنىڭ ھۆرمەتلىكراقى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇ بىرەرىگە ئۆيلىنىش تەلىپىنى قويسا، تەلىپى رەت قىلىنمايدىغان، شۇنداقلا بىرەر كىشىگە شاپائەت قىلسا، شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان كىشى،-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىم تۇردى، ئاندىن يەنە بىر كىشى ئۆتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدا ئولتۇرغان كىشىگە: «بۇ ئادەمگە قانداق قارايسەن؟» دېدى، ئۇ كىشى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ كەمبەغەل كىشىلىرىدىن، ئەگەر ئۇ بىرەرسىگە ئۆيلىنىش تەلىپى قويسا، ئۇنىڭ تەلىپى رەت قىلىنىدىغان، شاپائەت قىلسا شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، سۆز قىلسا سۆزى ئېتبارغا ئېلىنمايدىغان كىشى دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن دەۋاتقان كىشىلەر نەزىرىدىكى بۇ ئىتىبارسىز كىشى سەن يۇقىرىدا دېگەن ھىلىقى كىشىلەردەكلەردىن زېمىنغا توشقىچە بولغىنىدىن ياخشىدۇر» دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئىككى كىشى ئۆتتى، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى: قەۋمنىڭ ئىچىدىكى ئابرويلۇق، باشقىلارغا سۆزلىسە گېپى ئۆتىدىغان، سۆزىنى ئاڭلايدىغان، باشقىلارغا تەلەپ قويسا تەلىپى قوبۇل قىلىنىدىغان كىشى، ئىككىنچىسى بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئاجىز كىشىلەردىن بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئىناۋىتى يوق، باشقىلارغا تەلەپ قويسا تەلىپى رەت قىلىنىدىغان، شاپائەت قىلسا شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، سۆزلىسە گېپىنى ئاڭلىمايدىغان كىشى ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ كەمبەغەل كىشى مۇنداق ئابرويلۇق كىشىدىن زېمىن توشقىچە بولغىنىدىن ياخشىدۇر» دېدى، يەنى بۇ كەمبەغەل كىشى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا، ئۇ كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆز قەۋمى ئىچىدە ئىناۋەتلىك، ئابرويلۇق كىشىدىن زېمىن توشقۇدەك بولغىنىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا شان-شەرەپ، يۈز-ئابروي، مال، نەسەب، چىرايىڭلارغا قارىماستىن، بەلكى سىلەرنىڭ قەلىبلىرىڭلارغا ۋە قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ. ھەدىستە: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ چىرايىڭلارغا، مال-مۈلكىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن قەلبىڭلارغا ۋە قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ» دېيىلگەن، ئۇنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، 2564-نومۇرلۇق ھەدىس، ئىنسان ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى ئىشلاردا قەلبىنى ئىسلاھ قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھنى كۆپ ئەسلىگۈچى، ئاللاھدىن قورۇققۇچى، ئاللاھ تەرىپىگە قايتقۇچى ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلغۇچى بولىدۇ، بۇ كىشى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئىززەت-ھۆرمەتلىكتۇر، مانا بۇ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئابروي، مانا بۇ ئاللاھ تائالاغا قەسەم قىلسا، ئاللاھ قەسىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىدىغان كىشىدۇر
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەر قاچان بىر نەرسە سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرگىزمۇ ياق دەپ باققان ئەمەس». ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام ئۈچۈن ھەر قاچان بىرەر نەرسە سورالسا ئۇنى بېرەتتى، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر نەرسە سوراپ كېلىۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھسسالام ئۇنىڭغا ئىككى تاغ ئارىسىدىكى بىر توپ پادىنى بېرىۋەتتى، ئۇ كىشى مەھەللىسىگە قايتىپ بېرىپ: ئى قەۋمىم! مۇسۇلمان بولۇڭلار! ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزى كەمبەغەل بولۇپ قىلىشتىن قورۇقمايدىغان كىشىدەك بېرىدىكەن، دەيدۇ، گەرچە بىر كىشى مال-دۇنيا ئۈچۈن مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىسلام ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈك بولۇپ كېتەتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىرەر كىشى دۇنياغا ئالاقىدار بىرەر نەرسىنى سوراپ قالسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە بەرمەسلىكنى مەقسەت قىلىپ ياق دەپ باقمىدى. بەلكى يېنىدا بار نەرسە بولسا بەردى، ياكى ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ :«بىر نەرسە سورىغۇچىغا قوپاللىق قىلما» دېگەن ئايىتى بويىچە، چىرايلىق سۆز قىلىپ قايتۇراتتى. ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ ئادابۇل مۇفرەد ناملىق ئەسىرىدە، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەك كۆيۈمچان بولغانلىقى ئۈچۈن بىرەرسى بىر نەرسە سوراپ كەلسە، يېنىدا بولسا بېرەتتى، يېنىدا بولمىسا كېيىن بېرىشكە ۋەدە قىلاتتى». بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئادابۇل مۇفرەدنىڭ ئېزاھاتى145-بەتتە ھەسەن دەپ كەلتۈرگەن، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ يەيدىغان بىر نەرسە سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنىڭ يېنىغا يەيدىغان نەرسە بارمۇ؟دەپ ئادەم ئەۋەتىدۇ، ئۇلار: بىزنىڭ يېنىمىزدا پەقەت سۇ بار دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ كىشىنى كىم مېھمان قىلىۋالىدۇ؟» دېگەن. بۇخارى رىۋايىتى(3798). بۇخارى رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە(2093)سەھل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، بىر ئايال بىر تون چاپاننى ئېلىپ كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇنى سىلىگە كەيدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئۆز قولۇم بىلەن توقۇغانتىم دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئالدى ۋە ئۆيگە كېرىپ ئۇنى كېيىپ چىقتى، جامائەتنىڭ ئارىسىدىن بىر كىشى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ كىيىمنى ماڭا بەرگەن بولسىلا؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ماقۇل بېرەي» دەپ شۇ سورۇندا ئولتۇردى، ئاندىن ئۆيگە كېرىپ كېتىپ، ئۇ كىيىمنى قاتلاپ ھىلىقى كىشىگە چىقارتىپ بەردى، سورۇندىكىلەر ھىلىقى كىشىگە كايىپ: سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ كىيىمنى سوراپ ياخشى قىلمىدىڭ، سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىر نەرسە سورىغان كىشىنى قۇرۇق قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلىسەنغۇ؟ دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇنى پەقەت ۋاپات بولغان كۈنۈمدە كېپەنلىكىم قىلىش ئۈچۈن سورىدىم دېدى، سەھل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇ كىيىم ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ كېپەنلىكى بولدى، دەيدۇ. مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىر نەرسە سورىغان كىشى بىلەن بولغان ئەھۋالى، سورىغان نەرسە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بولسا گەرچە ئۇنىڭغا ھاجىتى بولسىمۇ ئۇنى سورىغۇچىغا بېرەتتى، ئەگەر يېنىدا يوق نەرسە بولسا، بىر نەرسە سورىغان كىشىگە چىرايلىق كۆڭۈل قويۇپ قوياتتى ياكى مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بېرىشكە ۋەدە قىلاتتى ياكى ساھابىلارنى ئۇ كىشىگە ياخشىلىق قىلىشقا ئۈندەيتتى، مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سېخىيلىقى، ئېسىللىقى ۋە گۈزەل ئەخلاقىدۇر
ئەبۇ يەھيا خۇرىيم ئىبنى پاتىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمىكى پۇل-مېلىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلسا، ئۇنىڭغا يەتتە يۈز ھەسسە ساۋاب يېزىلىدۇ
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئاللاھ يولىدىكى جىھادتا بولسۇن ياكى باشقا ياخشىلىق يوللىرىغا بولسۇن، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن سەدىقە قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى ھەتتا يەتتە يۈز ھەسسىگىچە كۆپەيتىپ بېرىدۇ
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «كىمكى ماڭا كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا كاپالەت بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن كاپالەت بېرىمەن» دېدى، مەن -دېدىم: مەن: يەنى سەۋبان ھەقىقەتەن كىشىلەردىن بىرنەرسە سورىمايتتى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىق، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن تۇرمۇش ئىشلىرىدا باشقىلاردىن ياردەم تىلىمەسلىككە ۋەدە بەرسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە جەننەت بىلەن كاپالەت بەردى، چۈنكى مەخلۇقتىن بىر نەرسە سوراشنى تاشلاش بىلەن ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلىدۇ، بۇ شۇ ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتى بولسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىشىدۇر، سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كىشلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا ۋەدە بەرگەن، ھەتتا "ئىبنى ماجە"دە سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن بىر ھەدىستە: «سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلاغقا مىنگەن ۋاقتىدا قامچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتسە، ھېچ كىشىگە قامچامنى ئېلىۋەتكىن دېمەستىن، ئۆزى ئۇلاغدىن چۈشۈپ ئالاتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى، بىز قومۇشتىن ياسالغان ئۆيىمىزنى ئوڭشاۋاتقان ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ «بۇ نېمە ئىش؟» دېدى، بىز: ئۆي ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قاپتۇ، ئۇنى ئوڭشاپ قويىۋاتىمىز-دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەن ئىشنى بۇنىڭدىنمۇ تىزراق دەپ ئويلايمەن» دېدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدىن ئۇ ئۆيىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاۋاتقاندا ياكى ئۇنى پۇختىلاش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقاندا ئۆتتى. ئەبۇ داۋۇتنىڭ رىۋايىتىدە: «باغنىڭ تېمىنى سۇۋاۋاتاتتىم» دەپ كەلگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن ئىشنى ئۇنىڭدىنمۇ تېزراق دەپ قارايمەن» دېدى، يەنى: مەن ئەجەلنى سەن ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۆيۈڭنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئوڭشىشىڭدىنمۇ تىزراق بولامدىكىن، بەزى ۋاقىتتا ئۆي ئۆرۈلۈشتىن ئېلگىرى ئەجىلىڭ يېتىپ قالامدىكىن دەيمەن، ئۆيۈڭنى ئوڭشاشتىن ئېلگىرى ئەمەلىڭنى ئىسلاھ قىلغىنىڭ ياخشىراقتۇر دېدى، ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشىدىن ئۇنىڭ ئۆيىنى ئوڭشىشى بەك زۆرۈر بولمىغان ئىدى، بەلكى ئۇنىڭدا تاملىرىنى پۇختىلاش ئارزۇسى پەيدا بولغان ياكى ئۆيىنى زىننەتلەشكە مايىللىق بولغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئاخىرەتتە پايدىسى بولمايدىغان ئىشنى قىلماستىن، بەلكى ئاخىرەتنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇشنىڭ بەكرەك پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى دەپ بەردى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالتە ساھابە بىلەن تاماق يەۋاتاتتى، بىر سەھرالىق ئادەم كىلىپ ئۇنىڭدىن ئىككى كاپام يېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۇ «بىسمىللاھ» دېگەن بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا يەتكەن بولاتتى» دېدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلاردىن ئالتە كىشى بىلەن بىللە تاماق يەۋاتاتتى، بىر سەھرالىق ئادەم كىلىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئىككى لوقما تاماق يېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۇ «بىسمىللاھ» دېگەن بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا يەتكەن بولاتتى، لېكن ئۇ «بىسمىللاھ» دېمىدى، قالغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىككى لوقما بىلەن يەۋەتتى، تاماق يەتمىدى» دېدى، بۇ، ئىنسان «بىسمىللاھ» دېمىسە تامىقىدىن بەرىكەت تارتىۋىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
ۋەھشى ئىبنى ھەرپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز تاماق يېسەك قورسۇقىمىز تويمايدۇ، قانداق قىلىمىز؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر تاماقنى ئايرىم-ئايرىميەمسىلەر!» دېدى، بىز: شۇنداق دەپ جاۋاپ بەردۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تامىقىڭلارنى بىر قاچىغا يېغىپ يەڭلار! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلاڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تامىقىڭلاردا بەرىكەت بېرىدۇ» دېدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئۇلار يەيدۇ، تويمايدۇ» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيىھسسالام ئۇلارغا ئۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تاماقنى ئايرىم-ئايرىم يېيىش بولۇپ بۇمۇ بەرىكەت تارتىلىپ كېتىشنىڭ سەۋەبىدۇر، چۈنكى تاماقنى ئايرىم يېگەندە ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئايرىم قاچىسىغا ئېلىپ يەيدۇ، تاماق بۆلۈنۈپ، بەرىكەت كۆتۈرىلىدۇ، يەنە تاماقنى بىسمىللاھ دىمەي يېيىش، ئىنسان تاماق يېگەندە بىسمىللاھ دېمەي يېسە، شەيتان تاماقنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يەيدۇ، تاماقتىن بەرىكەت كۆتۈرلىدۇ
جەبەلە ئىبنى سۇھەيىم: ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىرنىڭ زامانىدا بىزگە ئاچارچىلىق يىتىپ قالغان ئىدى، شۇ كۈنلەردە ئاللاھ تائالا بىزگە خورما رىزىق بەردى، بىز خورما يەۋاتقاندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر يېنىمىزدىن ئۆتۈپ بۇنداق دېگەن: خورمىنى جۈپلەپ يېمەڭلار، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خورمىنى جۈپلەپ يېيىشتىن توسقان. ئاندىن: ئەمما ھەمراھىدىن رۇخسەت ئېلىپ يېسە دۇرۇس، دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانجەبەلە ئىبنى سۇھەيىم: بىر يىللاردا بىز ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئاچارچىلىققا ئۇچرىغان ئىدۇق، ئۇ بىزگە خورما كەلتۈردى، بىز خورما يەۋەتقاندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېنىمىزدىن ئۆتكەن ئىدى، ئۇ بىزگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئوپچا سورۇندا، تاق يېيىلىدىغان خورما ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى جۈپلەپ يېيىشتىن توسقانلىقىنى، پەقەت ھەمراھلىرىدىن رۇخسەت ئالسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. «سەن بىر سورۇندا بولغىنىڭدا ئادەتتە تاق يىيلىدىغان خورما ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاشلارنى بىر لوقمىدا جۈپلەپ يېمە. چۈنكى بۇ قىلمىشىڭ سورۇندىكى قېرىنداشلىرىڭغا ئازار بېرىدۇ. ئۇلاردىن كۆپ يېۋالما، ئەمما سەن ئۇلاردىن رۇخسەت سورىساڭ: بىر قېتىمدا ئىككى تالدىن خورما يېيىشكە رۇخسەت قىلامسىلە؟ دېسەڭ ئۇلار قوشۇلسا يېسەڭ بولىدۇ» دېگەن. ئەسكەرتىش سەھىھۇل بۇخارىدا مۇنداق كەلگەن: {فرزقنا} بۇ پىئىلنىڭ تورتىلى ھەرىپى زەۋەرلىك كەلگەن، بۇنىڭغا ئاساسەن مەنا: ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر بىزگە بەردى، دېگەن مەنىدە، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر (پائىل) بولىدۇ. بەيھەقى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە (را) ھەرىپى پىچلىق مەجھۇل شەكلىدە كەلگەن، مەنا رىزىق بەرگۈچى ئاللاھ تائالا، دېگەن مەنىدە