





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئىككى كىشى قاراڭغۇ كېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىدىن قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئالدىدا چىراققا ئوخشاش ئىككى نۇر پەيدا بولدى، ئۇ ئىككىسى ئايرىلىشقاندا ئۇ نۇر ھەر بىرسى بىلەن ئۆيگە كەلگۈچىلىك بىللە بولدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىس پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئىككى كىشىگە ئاشكارا بولغان كارامەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ھەدىسنىڭ بەزى رىۋايەتلىرىدە بۇ ئىككى كىشى: ئەبباد ئىبنى بەشىر ۋە ئۈسەيد ئىبنى ھۇدەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېيىلگەن. بۇ ئىككى ئۇلۇغ ساھابە يول مېڭىش قىيىن بولغان بەك قاراڭغۇ بىر كىچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بولغان، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئاجايىپ بىر كارامەت بىلەن ئىكرام قىلغان، ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا يولدا ئۇلارنىڭ ئالدىدا توك چىراغنىڭ يورۇقلىقىغا ئوخشاش نۇرنى پەيدا قىلغان، ئۇ نۇر ئىككەيلەننىڭ ماڭىدىغان يولىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، بۇ ئىككى ئۇلۇغ ساھابە ئۆز ئۆيلىرى تەرەپكە ئايرىلغاندا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئۆيىگە تىنچ-خاتىرجەم كېتىۋىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىلەن بىر پارچىدىن نۇر بىرگە بولغان
ھۇزەيپە ئىبنى يەمانى مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرەر داستىخانغا داخىل بولۇپ قالساق، رەسۇلۇللاھ تاماققا قول ئۇزاتمىغىچە بىز تاماققا قول ئۇزاتمايتتۇق. بىز بىر قېتىم رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر داستىخاندا بىرگە بولۇپ قالدۇق، بىر قىز خۇددى بىرسى ئىتتىرىۋاتقاندەك كېلىپلا تاماققا قول ئۇزاتقان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى. ئاندىن بىر سەھرالىق ئادەممۇ خۇددى بىرسى ئىتتىرىۋاتقاندەك كېلىپلا تاماققا قول ئۇزۇتىۋېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان تاماقنى شەيتان يەپ كېتىدۇ، شەيتان تاماقنى يەپ كېتىش ئۈچۈن بۇ قىزنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدىم. ئاندىن بۇ سەھرالىق ئادەمنى ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭمۇ قولىنى تۇتۇۋالدىم. ئاللاھقا قەسەمكى، شەيتاننىڭ قولى ئۇ ئىككەيلەننىڭ قولى بىلەن مانا مېنىڭ قولۇمدا» دەپ، ئاندىن بىسمىللاھ دەپ تاماقنى يېيىشكە باشلىدى.
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھۇزەيپە ئىبنى يەمانىدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇ مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرەر داستىخانغا داخىل بولۇپ قالساق، رەسۇلۇللاھ تاماققا قول ئۇزاتمىغىچە بىز تاماققا قول ئۇزاتمايتتۇق. چۈنكى ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنى ھۆرمەتلىگەنلىك يۈزىسىدىن رەسۇلۇللاھ تاماققا قول ئۇزاتمىغىچە قول ئۇزاتمايتتى. ئۇ بىر قېتىم رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر داستىخاندا بىرگە بولۇپ قالدى. تاماقنى يەيلى دەپ تۇرۇشىغا بىر قىز ئىتتىرىلگەندەك يۈگۈرۈپ كىرىپ، بىسمىللاھ دېمەستىن قولىنى تاماققا ئۇزىتىشقا ئۇرۇنغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى. ئاندىن بىر سەھرالىق ئادەممۇ ئىتتىرىلىۋاتقاندەك كىرىپ، تاماققا قول ئۇزاتقان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭمۇ قولىنى تۇتۇۋالدى.رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككەيلەننى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە قىلىپ تېز كېلىشكە ئىتتىرگەنلىكىنى ۋە بىسمىللاھ دېمەستىن تاماق يېسە شەيتاننىڭ تاماقنى يەپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۇ قىز كېچىك يەنە بىرسى سەھرالىق بولۇپ بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزۈرلۈك بولۇشى مۇمكىن. بىراق شەيتان ئۇلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇلار تاماقنى بىسمىللاھ دېمەستىن يېگەن بولسا، شەيتان تاماققا ئورتاقلاشقان بولاتتى.ئاندىن رەسۇلۇللاھ قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، شەيتاننىڭ قولى ئۇ ئىككەيلەننىڭ قولى پەيغەمبەرنىڭ قولىدا دېگەن
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاخىرقى زامان يېقىنلاشقاندا مۆمىننىڭ چۈشى ئاسان يالغان چىقمايدۇ، مۆمىننىڭ چۈشى پەيغەمبەرلىكنىڭ 46 پارچىسىدىن بىر پارچىدۇر(بۇنداق دېگەنلىك مۆمىننىڭ كۆرگەن چۈشىنىڭ راست چىقىش تەرىپىنى دېمەكچى)»، يەنە بىر رىۋايەتتە:«ئاراڭلاردىكى چۈشى راست چىقىدىغانلار، سىلەرنىڭ راست سۆزلەيدىغىنىڭلاردۇر»دېيىلگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاخىرقى زاماندا مۆمىننىڭ كۆرگەن چۈشى مەيلى يۈز بەرگەن ئىشتىن خەۋەر بېرىش بولسۇن ياكى كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشتىن بىشارەت بولسۇن راست بولۇپ، بۇ خۇددى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ۋەھىيگە ئوخشاشتۇر، مۆمىننىڭ چۈشى پەيغەمبەرلىكنىڭ 46 پارچىسىدىن بىر پارچىدۇر (بۇنداق دېگەنلىك مۆمىننىڭ كۆرگەن چۈشىنىڭ راست چىقىش تەرىپىنى دېمەكچى) يەنى: مۆمىننىڭ چۈشىمۇ غەيىبتىن خەۋەر بېرىشتە پەيغەمبەرلىك ئىلمىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، پەيغەمبەرلىك ئاخىرلاشتى ئەمما ئۇنىڭ ئىلمى باقىدۇر. چۈشنى بۇ سانغا خاس قىلىشتىن بولغان مەقسەت: سەھىھ رىۋايەتلەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاتمىش ئۈچ يىل ياشىغان، پەيغەمبەرلىك مۇددىتى يىگىرمە ئۈچ يىل بولغان، چۈنكى ئۇ قىرىق ياشنى تولۇقلىغاندا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن، پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن ئالتە ئاي ئىلگىرى ياخشى چۈشلەرنى كۆرەتتى كۆرگەن چۈشلىرى خۇددى سۈبھىنىڭ يورۇقلىقىدەك ئوچۇق بولاتتى، ئاندىن ئويغاق ھالەتتە پەرىشتىنى كۆردى، چۈش ئارقىلىق كۆرۈلگەن ۋەھىينىڭ مۇددىتى يىگىرمە ئۈچ يىللىق ۋەھىيگە نىسبەتەن ئالتە ئاي بولدى، ئالتە ئاي يىگىرمە ئۈچ يىلنىڭ يىرىم پارچىسى بولدى، قىرىق ئالتىنىڭ بىر پارچىسى بولدى. ھەدىستىكى:«ئاراڭلاردىكى چۈشى راست چىقىدىغانلار، سىلەرنىڭ راست سۆزلەيدىغىنىڭلاردۇر»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئىنسان سۆزىدە راستچىل بولىدىكەن ئۇ كىشى ئاللاھقا يېقىن بولىدۇ، كۆرگەن چۈشلىرىمۇ كۆپ ۋاقىتلاردا راست بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇخارىنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە: «ياخشى چۈش ياخشى مۆمىندىن» دېيىلگەن. ئەمما سۆزىدە راستچىل بولمايدىغان كىشى، ئاشكارا-يوشۇرۇن ئەسكى ئىشلارنى قىلىدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى شەيتاننىڭ ئويۇنلىرىنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: چۈشۈم راست بولسۇن دېگەن كىشى راست سۆزلىشى، ھالال يېمەك يېيىشى ۋە بۇيرۇق-چەكلىمىلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىشى كېرەك، كامىل تەرەت ئىلىپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ، ئۇيقۇسى كەلگىچە ئاللاھنى ياد ئېتىشى كېرەك، ئۇ كىشىنىڭ كۆرگەن چۈشى ئەلبەتتە يالغان بولمايدۇ
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسى تاڭ ئاتقۇزغاندا بارلىق ئەزالىرى تىلغا يېلىنىپ دەيدۇ: ئى تىل! بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز ھەقىقەتەن سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن جازالىنىمىز، ئەگەر سەن دۇرۇس بولساڭ، بىزمۇ دۇرۇس بولىمىز، ئەگەر سەن ئەگرى بولساڭ بىزمۇ ئەگرى بولىمىز»
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرى تىلغا يالۋۇرىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ، ئۇ ئەزالار تىلغا ئەگىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاڭ ئاتقۇزغاندا تىلغا: بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز سېنىڭ يېنىڭدا دەيدۇ، تىل ئىگىسىگە نىسبەتەن خەتىرى ئەڭ قاتتىق ئەزا ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر تىل رۇس بولسا، قالغان ئەزالارمۇ رۇس بولىدۇ، ئەمەللىرى توغرا بولىدۇ، ئەگەر تىل قىڭغىر بولسا، قالغان ئەزالارمۇ قىڭغىر بولىدۇ، ئەمەللىرى بۇزۇلىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بەندىنىڭ قەلبى رۇس بولمىغىچە ئىمانى رۇس بولمايدۇ، تىلى رۇس بولمىغىچە قەلبى رۇس بولمايدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. تىلنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسلەر ناھايتى كۆپ، تىل ئىگىسىنىڭ بەختى ئۈچۈن ياكى بەختسىزلىكى ئۈچۈن سەۋەب بولىدۇ، ئەگەر تىلنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇندۇرسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەت بولىدۇ، ئەگەر تىلىنى ئاللاھ رازى بولمايدىغان ئىشلارغا قويۇۋەتسە، ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە ھەسىرەت بولىدۇ
ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ئوغلى ئىبراھىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن رىۋايەتتە، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفكە تاماق كەلتۈرۈلدى، ئۇ روزىدار ئىدى، ئۇ: مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلدى، ئۇ مەندىن ياخشى ئىدى، بىز ئۇنى كېپەنلەشكە بىر توندىن باشقا نەرسە تاپالمىدۇق، ئۇنىڭ بېشىنى ياپساق پۇتى ئېچىلىپ قالاتتى، پۇتىنى ياپساق بېشى ئېچىلىپ قالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بىزگە دۇنيالىقتا باياشاتچىلىق بولدى ياكى دۇنيادىن بىزگە بېرىلگەن نەرسىلەر بېرىلدى، ياخشىلىقلىرىمىزنىڭ بىزگە ئىلگىرى بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ قالدۇق، دەپ يىغلاپ، ھەتتا ئۇ تاماقنىمۇ يېمەي قويۇپ قويدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەلۇم بىر كۈنى روزىدار ئىدى، ئىپتار ۋاقتى بولغاندا ئۇنىڭغا بىر تاماق كەلتۈرۈلدى، ئادەتتە روزىدار تاماققا ئىنتىلەتتى، لېكىن ئۇ ئىلگىرىكى ساھابىلەرنى ئەسكە ئالدى، ئۇمۇ مۇھاجىر ساھابىلەردىن ئىدى، لېكىن ئۇ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ: ھەقىقەتەن مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەندىن ياخشى ئىدى، بۇ پەقەت كەمتەرلىك ياكى نامراتلىق ۋە سەبىرچانلىقنى تاللاش يۈزىسىدىن شۇنداق، لېكىن ئالىملار جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ساھابىلەرنىڭ باشقا ساھابىلەردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى ئوچۇق دېگەن. مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلامغا كىرىشتىن ئىلگىرى مەككىدە ئاتا- ئانىسىنىڭ يېنىدا ئىدى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بايلاردىن بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئۇنىڭغا ياشلارنىڭ كىيىملىرىدىن ئەڭ ياخشىسىنى كەيدۈرەتتى، ئۇ ئىككىسى ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلايتتى، ئۇ ئىسلامغا كىرگەندە ئۇلار ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى ۋە ئۇنى يىراقلاشتۇردى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھىجرەت قىلىپ، مۇھاجىرلاردىن بولدى، ئۇ مەككىدە ئاتا-ئانىسنىڭ يېنىدا ئەڭ ياخشى كىيىملەرنى كىيەتتى، ئەمما ئىسلامغا كىرگەندىن كىيىن ياماق سېلىنغان بىر قۇر كىيىمى بار ئىدى، لېكىن ئۇ باياشات تۇرمۇشنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرەپكە ھىجرەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوھۇد كۈنى ئۇنىڭغا بايراقنى بەردى، ئۇ شۇ كۈنى شېھىت بولدى، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۇچىسىدا بىر قۇر كىيىم بار ئىدى، ئۇلار ئۇ كىيىم بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى ياپسا پۇتى ئېچىلىپ قالاتتى، پۇتىنى ياپسا بېشى ئېچىلىپ قالاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىيىمدە ئۇنىڭ بېشىنى يېپىشقا ۋە پۇتىنى قومۇشلار بىلەن يېپىپ قويۇشقا بۇيرىدى. ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف بۇ ئەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلەيتتى، ئاندىن: ئۇلار ئىلگىرلەپ كەتتى ۋە ئاللاھ دۇنيادىن ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئېچىپ بەرگەن نۇرغۇن غەنىمەتلەردىن سالامەت قېلىشتى دېدى، ئاللاھ ئېيتقاندەك: (ئۇلار ئۇنى ئالىدىغان نۇرغۇنلىغان غەنىيمەتلەر بار) [سۈرە فەتھ :19-ئايەت]. ئاندىن ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ "بىز ياخشىلىقلىرىمىزنىڭ بىزگە ئىلگىرى بولۇپ كەتكەن بولىشىدىن قورقۇپ قالدۇق" دېدى. يەنى، بىز ئۇلار ھەققىدە (بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە ئۇنىڭ خالىغىنى ئەمەس، بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندى ئۇنى ئاخىرەتتە جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ) دېيىلگەن كىشلەر توپىغا كىرىپ كىرىپ قىلشىمىزدىن قورقتۇق. ياكى ئاللاھ تائالانىڭ: (سىلەر نېمەتلىرىڭلارنى دۇنيا ھاياتىدىلا ئېلىپ بولدۇڭلار ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلنىپ بولدۇڭلار) [سۈرە ئەھقاف: 20- ئايەت] دېگەن سۆزىدىكىدەك بولۇپ قېلىشتىن قورقتۇق. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگىنىدەك، بۇ قورقۇش ئۇلارغا غەلبە قىلىپ كەتكەچكە، ئۇ ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىنىڭ بۇ دۇنيادا ئۇلارغا ئىلگىرى بولۇپ كەتكەن بولىشىدىن قورقتى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سالىھ كىشلەرگە قېتىلالماي قېلىشىدىن قورقۇپ يىغلاپ كەتتى، تاماقنىمۇ يېمەي قويۇپ قويدى
ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىر نەرسە سورىۋىدىم ئۇ يەنە بەردى، يەنە سورىۋىدىم يەنە بەردى، يەنە سورىۋىدىم يەنە بەردى، ئاندىن ئۇ: «ئى ھەكىم! جەزمەن مال-دۇنيا چىرايلىق ۋە شېرىندۇر، كىمكى ئۆز نەپسىنىڭ قانائىتى بىلەن ئالسا، ئۇ بەرىكەت قىلىدۇ، كىمكى تاما بىلەن ئالسا يەپ تۇرۇپمۇ تويمىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئۇ بەرىكەت قىلمايدۇ. ئۈستۈن قول (بەرگەن قول) تۆۋەن قولدىن (ئالغان قولدىن) ياخشىدۇر» دېدى. ھەكىم: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەندىن كېيىن ھەتتا دۇنيادىن كەتكۈچىلىك ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىمايمەن، دېدىم. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىكتە ئولتۇرغاندا ھەكىمنى بىر نەرسە بېرىش ئۈچۈن چاقىرغان ئىدى، ھەكىم ئۇنىڭدىن بىر نەرسە قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى. ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىكتە ئولتۇرغاندا ئۆمەر ھەكىمگە بىر نەرسە بېرىش ئۈچۈن چاقىرغان ئىدى، ئۇ قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى مۇسۇلمانلار جامائەسى! سىلەرنى گۇۋاھلىققا تارتىمەن، ھەكىمگە مۇشۇ غەنىمەتتىن ئاللاھ ئۇنىڭغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن ھەققىنى بەرسەم ئۇ ئېلىشقا ئۇنىمىدى، دېدى. ھەكىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ۋاپات بولغانغا قەدەر ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىمىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن مال سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بېرىدۇ، ئۇ يەنە سورايدۇ، ئۇنىڭغا يەنە بېرىدۇ، ئۇ يەنە سورايدۇ، ئۇنىڭغا يەنە بېرىدۇ ئاندىن ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ھەكىم! ھەقىقەتەن مال-دۇنيا چىرايلىق ۋە شېرىندۇر» يەنى ئىنسان يېڭى پىشقان، شەكلى چىرايلىق، تەمى تاتلىق مېۋىنى ياخشى كۆرگەندەك، ئىنسان تەبىئىتىمۇ مال-دۇنيانى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلىنىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «كىمكى مالنى ئۆز نەپسىنىڭ ساخاۋىتى بىلەن ئالسا، تاما قىلمىسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن مالدا بەرىكەت بولىدۇ، گەرچە ئاز بولسىمۇ كۆپىيىدۇ ۋە زىيادە بولىدۇ، مال ساھىبىگە قانائەتچانلىق، كۆڭلى توقلۇق ۋە كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ئاتا قېلىنىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بەختلىك ياشايدۇ. كىمكى مالنى ئاچ كۆزلۈك ۋە تەمەخورلۇق بىلەن ئالىدىكەن، ئۇنىڭدا بەرىكەت بولمايدۇ، ئاللاھ ئۇ مالدىن بەرىكەتنى تارتىۋېتىدۇ، مال ساھىبىدىن قانائەتنى كۆڭۈل بايلىقىنى تارتىۋېتىدۇ، گەرچە ئۇ كىشىگە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى بېرىلسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ نەپسى تويمايدۇ. ئومۇمى مەزمۇن جەھەتتە مۇشۇ ھەدىسكە ئوخشاش ھەدىس مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان: «ھەقىقەتەن مەن ساقلىغۇچى، كىمكە بۇ مال كۆڭۈل توقلۇقى بىلەن بېرىلسە، ئۇ مالدا ئۇ كىشىگە بەرىكەت بولىدۇ، كىمگە بۇ مال تاما قىلىش ۋە سوراش بىلەن بېرىلسە بۇ كىشى يەپتۇرۇپ تويمىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر»يەنى ھەرقانچە يېسىمۇ تويمايدۇ. مالغا تەلمۈرۈپ ئالغان كىشىنىڭ ئەھۋالى بۇنداق بولسا، سوراپ تۇرۇپ ئالغان كىشىنىڭ ھالى قانداق بولا؟. بۇ بەك يىراق، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئەگەر بۇ مال ساڭا سەن قارىماستىن ۋە سورىماستىن كەلسە ئۇنى قوبۇل قىلغىن، ئەمما تەلمۈرۈش ۋە سوراش بىلەن كەلسە كۆڭلۈڭنى ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرمە» دېگەن، يەنى مال ساڭا سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىپ، تەلمۈرۈپ، قىزىقىپ ۋە سوراش ئارقىلىق كەلسە ئۇنى ئالما، «ئۈستۈن قول تۆۋەن قولدىن ياخشىدۇر» يەنى ئىپپەتلىك بولغان قول سورىغان قولدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئۇ ئالى بولدى، ئۆز نەپسىنى سوراشنىڭ خارلىقىدىن ئۈستۈن قىلدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، يەنە بىر قول ئۆز نەپسىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى چۈشۈردى، ئۆز نەپسىنى خارلىققا ئىتتىردى. ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەم قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ھېچ بىر كىشىدىن بىرنەرسە سورىماسلىق توغرىسىدا : «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەندىن كېيىن ھەتتا دۇنيادىن كەتكۈچىلىك ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىمايمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولدى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خىلاپەتكە ئىگە بولغاندا، ھەكىمنى بىر نەرسە بېرىش ئۈچۈن چاقىرغان ئىدى، ھەكىم ئۇنىڭدىن بىر نەرسە قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولۇپ، ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىكتە ئولتۇرغاندا ئۆمەر ھەكىمگە بىر نەرسە بېرىش ئۈچۈن چاقىرغان ئىدى. ئۇ قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرنى گۇۋاھلىققا چاقىرىپ: ئى مۇسۇلمانلار جامائەسى! سىلەرنى گۇۋاھلىققا تارتىمەن، ھەكىمگە مۇشۇ غەنىمەتتىن ئاللاھ ئۇنىڭغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن ھەققىنى بەرسەم ئۇ ئېلىشقا ئۇنىمىدى، دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ زىيىنىغا ھۆججەت بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر ئالدىدا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ھەكىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ۋاپات بولغانغا قەدەر ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىمىدى ۋە بەرسىمۇ ئالمىدى
ئابدۇللاھ ئىبنى بۇسرى ئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ۋە ئەمەللىرى ياخشى بولغان كىشىلەردۇر»
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنساننىڭ ئاللاھغا تائەت-ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھغا بولغان يېقىنلىقىمۇ زىيادە بولىدۇ، چۈنكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى بىلەن قىلغان بارلىق ئەمەللىرى ئۇ كىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى ۋە ئەمەللىرىنىڭ ياخشى بولىشىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى ئىشقا مۇۋاپىق كەلگەن كىشى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ، ئىنسان ئاللاھنىڭ تائىتىدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى ياخشىلىق ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى بەزى ۋاقىتتا ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى ئىنسان ئۈچۈن يامانلىق ۋە زېيان ئىلىپ كېلىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە شۇنداق بايان قىلىنغان: كىشىلەرنىڭ قايسىسى ئەڭ ياخشى؟ دېگەندە، «كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ۋە ئەمەللىرى ياخشى بولغان كىشىلەردۇر»دېگەن، كىشىلەرنىڭ يامىنى قايسى؟دېگەندە، «كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەسكىسى ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرگەن ۋە ئەمەللىرى ئەڭ ناچار بولغان كىشىلەردۇر»دېگەن. ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3-توم 305-بەت(2330) نۇمۇردا كەلتۈرگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«كاپىرلار ئۆزلىرىگە (جازا بەرمەستىن) مۆھلەت بېرىشىمىزنى (يەنى ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىشىمىزنى) ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز (ۋە ئەجىلىنى كېچىكتۈرۈشىمىز) پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار (ئاخىرەتتە) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ»ئالى ئىمران سۈرىسى 178-ئايەت. ئاشۇ كاپىرلارغا ئاللاھ مۆھلەت بېرىدۇ يەنى: ئۇلارنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلىدۇ، سالامەتلىكىنى ياخشى قىلىدۇ، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىدۇ، ئوغۇل-قىز پەرزەنت ۋە ئاياللارنى بېرىدۇ، بۇ ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىق بولمايدۇ بەلكى، ئۇلار ئۈچۈن يامانلىق بولىدۇ،-ئاللاھ بۇنداق بولۇشتىن ساقلىسۇن-چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان بۇ نېمەتلىرى بىلەن گۇناھ-مەسىيەتنى زىيادە قىلىدۇ. تىيبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ۋاقىت ۋە زامان خۇددى تىجارەتچىنىڭ سەرمايىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇنى ئۆزىگە پايدىلىق بولغان تىجارەتكە سەرپ قىلىشى كېرەك بولىدۇ. سەرمايە كۆپ بولغانسىرى كېلىدىغان پايدىمۇ كۆپ بولىدۇ، مەبلەغنى پاكىزە ئىشلارغا سەرپ قىلغان كىشى نىجات تاپىدۇ ۋە ئۇتۇق قازىنىدۇ، ئاساسلىق مەبلەغنى زايە قىلىۋەتكەن كىشى ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمەستىن ئوپ-ئوچۇق زىيان تارتىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بەزى بىر چاچلىرى چۇۋۇق، ئۈستى-باشلىرى توپا-تەرەت، يوقسۇل، نام-ئابرۇيى يوق بىر كىشى بار، ئەگەر ئۇ ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم ئىچىپ بىر سۆز قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىدۇ
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بەزى بىر چاچلىرى چۇۋۇق، ئۈستى-باشلىرى توپا-تەرەت، يوقسۇل، نام-ئابرۇيى يوق بىر كىشى بار، ئەگەر ئۇ ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم ئىچىپ بىر سۆز قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىدۇ. «وأشعث من الشعث» بۇ چاچنىڭ سۈپەتلىرى بولۇپ، چاچلىرىنى تاراشقا ياكى مايلاشقا بىر نەرسە تاپالمىغان كىشىنىڭ چېچىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ كىشى تاشقى كۆرۈنۈشىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. «وأغبر يعني أغبر اللون» چاچلىرى، كېيىملىرى توپا-تەرەت، ئۇ كىشى پېقىر بولغانلىقتىن كېيىملىرى كونا، دېمەكچى. «مدفوع بالأبواب» يەنى ئۇنىڭ ئابرۇيى يوق دېمەكچى. كىشىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ رۇخسەت سورىسا رۇخسەت بىرىلمەيدۇ، ئىززەت-ئابرۇيى بولمىغانلىقتىن بەلكى كىشىلەر ئۇنى ئىتتىرىۋىتىدۇ. ھالبۇكى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئۇ ئادەمنىڭ ئورنى، ئابرۇيى بار. ئەگەر بىر نەرسە ئۈچۈن قەسەم ئىچسە ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۇرۇنداپ بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەم بۇ بۇنداق بولمايدۇ، دېسە ئۇ دېگەندەك بولىدۇ. ۋەياكى ئۇ: بۇ ئىش بۇنداق بولىدۇ، دېسە ئۇ ئىش شۇنداق بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھ تائالا نامىدىن بىر نەرسىگە قەسەم قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ھۆرمىتىدىن، ئىتىبارىدىن دېگەن ئىشىنى ئۇرۇنداپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىكى ئۆلچەم ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا قانچىلىك تەقۋادارلىقى، خۇددى قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر» سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت. كىمىكى بەك تەقۋادار بولىدىكەن ئۇ كىشى ئەڭ ھۆرمەتلىك بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلىدۇ، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، ئېغىرچىلىقتىن قۇتقۇزىدۇ، قەسىمىنى ئۇرۇنداپ بىرىدۇ. ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم قىلغان بۇ كىشى بىرىگە زۇلۇم قىلىش مەقستىدە بولمايدۇ، ئاللاھ تائالاغا ئۆز مۈلكىدە چوڭچۇلۇق قىلمايدۇ. لېكىن ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا ئىشەنگەن جەھتىدىن ئۇ رازى بولىدىغان ئىشلاردا، ياكى «مۇباھ» دۇرۇس بولىدىغان ئىشلاردا قەسەم قىلىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىشىك ئالدىدا ئىككى كىشىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا جېدەللىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن ئۆزىگە مېھرىبانلىق قېلىپ ئۆزىدىكى قەرزلەرنىڭ بىر قىسمىنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلاتتى، يەنە بىرى بولسا: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇنداق قىلمايمەن دەيتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ: «ياخشىلىق قىلمايمەن دەپ ئاللاھقا قەسەم قىلغان كىشى قېنى»دېدى، ئۇ كىشى: مەن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ كىشى ئۈچۈن قانداق قىلىش ياخشى بولسا، مەن شۇنداق قىلاي، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىقتىساد توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئىككى كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئۇلار ئاۋازىنى بەك يۇقىرى كۆتۈرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئۆينىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغىمۇ ئاڭلاندى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئاۋازلارغا قۇلاق سالدى، ئىككى ئادەمنىڭ بىرىنىڭ يەنە بىرسىدىن: ئۆزىگە كەڭچىلىك قىلىپ قەرزدىن ئازراق كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ بولسا: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۇنداق قىلمايمەن، دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ قېشىغا چېقىپ: «ياخشىلىق قىلمايمەن دەپ ئاللاھقا قەسەم قىلغان كىشى قېنى؟» دېدى، ئۇ كىشى: مەن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن قەسەم قىلغان، ئۇ كىشى ئۈچۈن قانداق قىلىش ياخشى بولسا شۇنداق قىلاي دېدى. ئىمام ئەھمەدنىڭ(24405) ۋە ئىبنى ھىبباننىڭ(5032)رىۋايىتىدە: ئەگەر خالىسىلا قەرزنىڭ قالغىنىنى ئۆتىۋىتەي، خالىسىلا قەرزنىڭ ھەممىسىنى ئۆتۈۋىتەي دېدى ۋە قەرزنىڭ قالغىنىنى ئۆتىۋەتتى دېيىلگەن. بۇ باپتا بۇ ھەدىسنى كەلتۈرۈشتىن بولغان مەقسەت ئېنىق: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى دەۋاگەرنىڭ ئارىسىدا قەرزنى كەچۈرىۋىتىش ياكى مېھرىبانلىق قىلىش توغرىسىدا سۈلھى قىلىش ئۈچۈن تېرىشتى. بۇ باپتا مۇشۇ ھەدىسكە ئوخشاپ قالىدىغان بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنغان، ئىمام بۇخارى(2424)ۋە ئىمام مۇسلىم(1558)كەئەب ئىنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، كەئەب ئىبنى مالىكنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ ھەدرەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدا قەرز بەرگەن پۇلى بولۇپ، ئۇلار ئۇچرىشىپ قالغاندا، كەئەب قەرزنى سۈيلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن سۆزلىشىپ ئاۋازلىرى كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «ئى كەئەب!» دەپ ئۇنىڭغا يېرىمىنى ئۆتىۋەتكىن، قەرزنىڭ يېرىمىنى ئالغىن دەپ قولى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ، مۇسۇلماننىڭ ياخشىلىق قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشمۇ ياخشىلىقنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ، ئىككى ئادەمنىڭ ياكى ئىككى جامائەتنىڭ ياكى ئىككى قەبىلىنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش، ئىتتىپاقسىزلىق، ئۇرۇش-جېدەلنى كۆرسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆچلەشتۈرىدىغان، بۆلۈۋېتىدىغان ئامىللارنى يوق قىلىش، ئۇنىڭ ئورنىغا دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە مېھرى-مۇھەببەت پەيدا قىلىش كېرەك، ھەقىقەتەن ئاشۇ ساۋابى كاتتا بولغان زور ياخشىلىق ھېسابلىنىدۇ بەلكى ئۇنىڭ دەرىجىسى سەدىقە قىلغان، كېچىدە قىيامدا تۇرغان ۋە روزا تۇتقان كىشىنىڭ دەرىجىسىدىنمۇ ئۈستىن بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«سىلەرگە سەدىقە قىلغان، كېچىدە قىيامدا تۇرغان ۋە روزا تۇتقان كىشىنىڭ دەرىجىسىدىنمۇ دەرىجىسى ئۈستىن بولىدىغان بىر ئىشتىن خەۋەر بېرەيمۇ؟»دېگەندە، ساھابىلار: بولىدۇ خەۋەر بەرسىلە ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش»دەيدۇ، ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى(4919)، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا(4919)كەلتۈرگەن