





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەچ كىرگەندە: «بىز كەچ قىلدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا كەچ كىردى، ھەمدۇ ئاللاھقا خاس، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھ بىر، ئۇنىڭ شېرىكى يوق» دەيىتتى. رىۋايەت قىلغۇچى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇ دۇئالاردا تۆۋەندىكىلەرنىمۇ دېدى دەپ قارايمەن: «پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ ئۇنىڭغا خاس، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىر. پەرۋەردىگارىم، سەندىن بۇ ۋە كېيىنكى كېچىدىكى ياخشىلىقنى تىلەيمەن، سەن بىلەن بۇ ۋە كېيىنكى كېچىدىكى يامانلىقدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم، سەن بىلەن ھورۇنلۇقتىن، قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم، سەن بىلەن دوزاختىكى ئازاپتىن ۋە قەبرىدىكى ئازاپتىن پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى، ئەتتىگەن ۋاختىدا: «بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا تاڭ ئاتتى» دەيتتى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتتىگەن ۋە كەچ ۋاقىتلىرىدا بۇ بەرىكەتلىك دۇئالارنى ئوقۇيتتى: «بىز كەچ قىلدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا كەچ كىردى، ھەمدۇ ئاللاھقا خاس، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» يەنى: بىز كەچ قىلىپ، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇنىڭ ئاللاھقىلا خاس ئىكەنلىكىنى تونۇدۇق. يىگانە ئاللاھتىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق. «پەرۋەردىگارىم، سەندىن بۇ ۋە كېيىنكى كېچىدىكى ياخشىلىقنى تىلەيمەن، سەن بىلەن بۇ ۋە كېيىنكى كېچىدىكى يامانلىقدىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى: پەرۋەردىگارىم، بۇ كېچىنىڭ ئۆزىدە ۋە كېيىنكى كىچىدە پەيدا بولىدىغان، يۈز بېرىدىغان ۋە تۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيمەن، سەن بىلەن بۇ كېچىلەردىن ۋە ئۇلاردىكى دىن ۋە دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك يامانلىقدىن پاناھ تىلەيمەن. «پەرۋەردىگارىم، سەن بىلەن ھورۇنلۇقتىن» يەنى: پەرۋەردىگارىم، سەن بىلەن قادىر تۇرۇپ تائەت-ئىبادەتكە سۇسلۇق قېلىشتىن، بۇ قىلىشقا قادىر تۇرۇغلۇق كۆڭۈل ئىنتىلمەسلىكتىن بولىدۇ. «قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى: كۈچ-قۇۋۋەت ئاجىزلاپ، ماغدۇر كىتىپ قالغۇدەك ياشىنىپ ۋە قېرىپ كېتىشتىن پاناھ تىلەيمەن، ئۇ ئۆمۈرنىڭ ئەڭ يامان باسقۇچىغا يەتكۈزۈش بولۇپ، بۇنداق چاغدا ياشنىڭ چوڭلىقى ئەقىلنى كەتكۈزۈپ، پىكرى قالايمىقانلىشىپ، قالايمىقان سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، تائەت-ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كىلىدۇ، ھالى ئۇنىڭدىنمۇ ناچارلىشىپ، ھايات بىلەن مەقسەت قىلىنغان ئىلىم ۋە ئەمەل قولدىن كېتىپ قالىدۇ. «ب» نىڭ ساكىنى بىلەن «كِبْرِ» دەپمۇ رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، مەنىسى: «نېمەت ۋاقتىدا كۆرەڭلەپ، كىشىلەرگە چوڭچىلىق قىلشتىن پاناھ تىلەيمەن» دېگەن بولىدۇ. «قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى: قەبرە ئازابىدىن ياكى شۇ ئازابقا سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن پاناھ تىلەيمەن. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتىگەندە يەنە شۇنى دەيىتتى» يەنى: «كىچە» دېگەن سۆزنى «ئەتتىگەن» دېگەن سۆزگە ئالماشتۇرۇپ: «بىز كەچ قىلدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا كەچ كىردى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا: «بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا تاڭ ئاتتى» دەيتتى، يەنە «كۈن» دېگەن سۆزنى «كېچە» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ: «بۇ كۈننىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن» دەپ كىيىنكى ئالماشلارنىمۇ ئالماشتۇراتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەپەرگە ماڭغان كىشىگە مۇنداق دەيتتى: «ماڭا يىقىن كەلگىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز بىلەن خوشلاشقاندەك خوشلىشايلى»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دىنىڭنى، مەسئۇلىيتىڭنى ۋە ئاخىرقى ئەمەللىرىڭنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» دەيتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى يەزىد خەتمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەڭچىلەر بىلەن خوشلاشقاندا: «دىنىڭنى، مەسئۇلىيتىڭنى ۋە ئاخىرقى ئەمەللىرىڭنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» دەيىتتى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"نئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەپەرگە ماڭغان كىشىگە: «ماڭا يېقىن كەلگىن، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز بىلەن خوشلاشقاندەك خوشلىشايلى» دەيتتى، بۇ ھەدىس ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىشقا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بەزى رىۋايەتلەردە: «سەپەر قىلغۇچى بىلەن خوشلاشقاندا ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ قويىۋەتمەيتى» دېيىلگەن، بۇ كەمتەرلىك ۋە دوستلۇق، مېھرىبانلىقنى ئىزھار قىلىشتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر قىلغۇچىغا: «دىنىڭنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» يەنى: ئاللاھدىن دىنىنىڭنى ساقلىشىنى تەلەپ قىلىمەن، «مەسئۇلىيىتىڭنى»يەنى: سېنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەققىگە ۋە ئاللاھنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بارلىق مەسئۇلىيىتىڭنى ساقلاشنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم، دەيتتى، ئىنسان سەپەر جەريانىدا كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئىلىم-سېتىم ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە مەسئۇلىيىتىنى ساقلاپ، خىيانەتتىن يىراق بولىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى، ئۇ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەندە دىن-دۇنيالىق ئىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىقىدىن خاتىرجەم بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ماڭغان بىرەر جامائەت بىلەن خوشلاشقاندىمۇ ئۇلارنى توغرىغا ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە باشلايدىغان، دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلىدىغان، ئۇرۇشتا ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان بۇ مەزمۇنلۇق دۇئا بىلەن خوشلىشاتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىچىكلىرىمىزگە رەھىم قىلمىغان ۋە چوڭلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى بىلمىگەن كىشىلەر بىزدىن ئەمەس»
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانكىچىككە رەھىم قىلمايدىغان، شەپقەت قىلمايدىغان، ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغان ۋە ئويناشمايدىغان، چوڭنى ئۆزىگە لايىق ئىززەت-ھۆرمەت قىلمايدىغان كىشىلەر سۈننەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەل قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس. «بىزدىن ئەمەس» دېگەن سۆز: ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قورقۇتۇش ئۇسلۇبى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن (مەرفۇ ھالدا) رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ۋەيران بولغان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: بىزدە ۋەيران بولغان كىشى دېگەن، بىرەر تالمۇ دەرھىمى (پۇل بىرلىكى نامى) ياكى مال- ماتاسى يوق ئادەمدۇر، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدىن ۋەيران بولغان كىشى دېگەن: قىيامەت كۈنى ناماز، روزا ۋە زاكاتلار بىلەن كېلىدۇ- يۇ، ئەمما بۇنى تىللىغان، ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلىغان، بىرىنىڭ مال- مۈلكىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋە يەنە بىرىنى ئۇرغان ھالەتتە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭغا بۇ ئادەمنىڭ ساۋاپلىرىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئۈستىدىكى جىنايەتنى تۆلەپ بولغىچە ساۋاپلىرى تۈگەپ قالسا، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىدىن ئېلىپ بۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن دەۋزەخكە تاشلىنىدۇ
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلاردىن سوراپ، ۋەيران بولغان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟ دىدى. ئۇلار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مەلۇم بولغان بويىچە جاۋاپ بېرىشىپ، بىزدە ۋەيران بولغان كىشى دىگەن، پۇللىرى ياكى مال- ماتاسى يوق پېقىر ئادەمدۇر، دىيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بايان قىلىپ دېدىكى: بۇ ئۈممەتدىن ۋەيران بولغان كىشى دېگەن: قىيامەت كۈنى ناماز، روزا ۋە زاكاتلاردىن نۇرغۇنلىغان سالىھ ئەمەللەر بىلەن كىلىدىغان، ئەمما بۇ ئادەمنى تىللىغان، ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلىغان،بىرىنىڭ مال- مۈلكىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋە يەنە بىرىنى ئۇرغان ھالەتتە كېلىدىغان كىشى بولۇپ، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەققىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، كىشىلەر بۇ دۇنيادا ئالالمىغانلىرىنى ئاخىرەتتە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئادەمدىن ئۇلارنىڭ قىساسى ئېلىنىدۇ. بۇ كىشىلەر ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن ھەقىقى ئادىل ۋە قىساس يولى بىلەن ئالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگەپ قالسا، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىدىن ئېلىنىپ ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن دەۋزەخكە تاشلىنىدۇ
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ناماز ئوقۇپ بەرگەندەك ناماز ئوقۇپ بېرىمەن» دېگەن. سابىت ئەلبۇنانى مۇنداق دېدى: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سىلەر قىلمىغان ئىشلارنى قىلاتتى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تىك تۇرسا كىشى: «سەجدە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ» دەپ قالىدۇ، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرسا «سەجدە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ» دەپ قالاتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن تېرىشىپ، سىلەرنىڭ سۈننەتكە ئەگىشىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ناماز ئوقۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ناماز ئوقۇپ بەرگەندەك ناماز ئوقۇپ بېرىمەن» دەيتتى، سابىت ئەلبۇنانى مۇنداق دەيدۇ: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازنى تاماملاش ۋە چىرايلىق شەكىلدە ئادا قىلىشتا، سىلەر قىلمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، نامازدا رۇكۇدىن كېيىن ئۇزاق تۇرىدۇ، ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئۇزاق ئولتۇرىدۇ، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تىك تۇرسا كىشى: «سەجدە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ» دەپ قالىدۇ، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرسا: «سەجدە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ» دەپ قالىدۇ
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «جەننەت بىلەن دوزاخ مۇنازىرلىشىپ قالدى، دوزاخ: مەندە زۇلۇم قىلغۇچىلار، تەكەببۇر كىشىلەر بار دېدى، جەننەت: مەندە كىشىلەرنىڭ ئاجىزلىرى ۋە مىسكىنلىرى بار دېدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ: جەننەت! سەن مېنىڭ رەھمىتىم، مەن سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىلەرگە رەھىم قىلىمەن. دوزاخ! سەن مېنىڭ ئازابىم، مەن سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، ھەمدە ئىككىڭلارنى توشقۇزۇش مېنىڭ ئىشىم دېدى» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: جەننەت بىلەن دوزاخ ئۆز-ئارا مۇنازىرىلىشىپ قالدى، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ ھۆججىتىنى كۈچلەندۈرەتتى، بۇ گەرچە بىزنىڭ ئەقلىمىزگە سىغمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز زۆرۈر بولغان غەيبى ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. جەننەت دوزاخقا، دوزاخ جەننەتكە دەلىل كەلتۈرۈپ مۇنازىرىلەشتى، دوزاخ ئۆزىدە زالىم، قوپال، باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلغۇچى، كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ھەقنى قوبۇل قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى بىلەن دەلىل كەلتۈردى، بۇ خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چوڭچىلىق توغرىسىدا: «ھەقنى رەت قىلىپ، كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق» دېگەندەك. زالىملار ۋە تەكەببۇرلار ئۇلار دوزاخ ئەسھابىلىرى (ئاللاھ ساقلىسۇن) بەزى ۋاقىتتا دوزاخ ئەھلى كىشىلەرگە نىسبەتەن مۇلايىم، ئەخلاقلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھەققە بويسۇنمايدۇ، ھەقىقەت ئەھلىگە چوڭچىلىق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە بولغان ياخشى مۇئامىلىسى ۋە مۇلايىملىقى ئۇلارغا پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ تەكەببۇر-زالىملارنىڭ سۈپىتى بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرگە مۇلايىم بولۇپ، ھەقكە بويسۇنمايدۇ. ئەمما جەننەت مۇنداق دېدى: مەندە كىشىلەرنىڭ ئاجىزلىرى ۋە مىسكىنلىرى بار، ئۇلار ئاساسەن ھەقنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ، زالىملار ۋە تەكەببۇرلار ئاساسەن ھەقكە بويسۇنمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ، جەننەتكە مۇنداق دېدى: «جەننەت! سەن مېنىڭ رەھمىتىم، مەن سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىلەرگە رەھىم قىلىمەن»، دوزاخقا: «دوزاخ! سەن مېنىڭ ئازابىم، مەن سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن»دېدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا: «ھەمدە ئىككىڭلارنى توشقۇزۇش مېنىڭ ئىشىم» دېدى، ئاللاھ تائالا جەننەت بىلەن دوزاخنى توشقۇزۇشقا ئۆزى كېپىل بولدى، ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى غەزىپىدىن كەڭرىدۇر، قىيامەت كۈنى بولغاندا دوزاخقا ھەقلىق بولغانلارنى دوزاخقا تاشلايدۇ، دوزاخ: يەنە بارمۇ دەپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا پۇتىنى قويىدۇ، يەنە بىر رىۋايەتتە: قەدىمىنى قويىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ قەدىمىنى قويغانلىقىنىڭ تەسىرىدىن دوزاخ بىر_بىرىگە قاتلىنىپ، بىر_بىرىگە قېتىلىپ تولغۇشۇپ بولدى-بولدى، تولۇپ كەتتى، توشۇپ كەتتى دەيدۇ. ئەمما جەننەت، جەننەت بولسا كەڭرى بولۇپ، ئۇنىڭ توغرىسى ئاسمان-زېمىننىڭ باراۋېرىدە كېلىدۇ، جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ جەننەتتە نۇرغۇن جايلار بىكار قالىدۇ، ئاللاھ تائالا يېڭى بىر قەۋمنى پەيدا قىلىپ، ئۆزىنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا جەننەتنى توشقۇزۇشقا ئۆزى كېپىل بولغان
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بىر بەندىسىگە ياخشىلىقنى خالىسا بەندىسىگە بىرىلىدىغان جازانى بۇ دۇنيادا قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىقنى خالىسا جازاسىنى ئاخىرەتكە قالدۇرۇپ قىيامەت كۈنى تۇلۇق ھېساپ ئالىدۇ
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھ بۇ ھەدىستە بىزگە شۇنى بايان قىلىپ بىرىدۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ بىر بەندىسىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىشىنىڭ ئالامىتى شۇكى ئۇنىڭ جازاسىنى بۇ دۇنيادىلا بىرىش، ئۇ كىشى ئاخىرەتكە بېرىشتىن ئىلگىرىلا گۇناھلىرىدىن پاك بولاپ كېتىدۇ، چۈنكى دۇنيادا تارتقان جازاسى قىيامەتتە كۈنى ھېسابنى يىنىكلىتىدۇ. بىر بەندىگە يامانلىقنى خالىسا دۇنيادا ئۇنى جازالىماي ئاخىرەتكە قالدۇرىدۇ، ئۇ كۈندە گۇناھلىرى توپلانغان ھالەتتە كېلىدۇ-دە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىدىن ھېساپ ئالىدۇ
سەئد ئىبنى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەردىن ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرگە پەقەت ئاجىزلىرىڭلار سەۋەپلىك ياردەم ۋە رىزىق بىرىلىدۇ» دېدى. ئەبۇد دەردا ئۇۋەيمىر رەزىيەللاھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «مېنى ئاجىز كىشىلەر ئارىسىدىن ئىزدەڭلار، سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاجىزلىرىڭلار سەۋەبلىك ياردەم ۋە رىزىق بىرىلىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىقبۇ ئىككى ھەدىس ئاجىزلار ئۈممەتنىڭ غەلبە قىلىشى ۋە رىزىققا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئىنسان ئۇلارغا كۆيۈنۈپ، مېھرىبانلىق قېلىپ، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئاتا قىلغان نەرسىلەردىن ئۇلارغا بەرسە بۇ ئىش دۈشمەن ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ۋە رىزىققا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ رەببى ئۈچۈن سەرپ قىلغان نەرسىسىنى تولۇقلاپ برىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «(ئاللاھنىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر» سەبەئ سۈرىسى 39-ئايەت، يەنى: ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىسىنى بېرىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر كېسەلنى يوقلىسا ياكى ئاللاھ يولىدا دوستلاشقان بىر قېرىندىشىنى يوقلىسا، بىر نىدا قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ياخشى ئىش قىلدىڭ، باسقان قەدەملىرىڭ مۇبارەك بولدى، ئۆزۈڭگە جەننەتتىن بىر ئورۇن تەييارلىدىڭ دەپ نىدا قىلىدۇ»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانكىمكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن كېسەل يوقلىغىلى ياكى ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدىكەن، ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ: گۇناھتىن پاك بولدۇڭ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا سەن ئۈچۈن تەييارلانغان مۇكاپاتتىن خۇرسەن بولغىن، جەننەتتىن ئۆزۈڭگە تۇرىدىغان بىر قەسىر تەييارلىدىڭ دەيدۇ