





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىلىمنى ئۆلىمالار بىلەن بەسلىشىش ۋە پەخىر قىلىش، نادانلارغا ئۆزىنى كۆرسۈتۈش ۋە سورۇنغا باش بولۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۈگەنمەڭلار، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە دوزاخ لايىقتۇر».
ئىبنى ماجە رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام باشقىلارغا پەخىر قىلىش، ئۆلىمالار بىلەن بەسلىشىش، ئۆزىنى مەنمۇ سىلەردەك ئالىم دەپ ئۆزىنى كۆرسىتىش ياكى نادانلارغا، ئەقىلسىزلەرگە خىتاب قىلىش، ئۇلارنى ئۆزىگە كۆرسىتىش ياكى سورۇنغا باش بولۇپ، باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنى مەقسەت قىلىش مەقسىدىدە ئىلىم تەلەپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ رىيا قىلغانلىقى ۋە ئىلىم تەلەپ قىلىشتا ئاللاھ ئۈچۈن خالىس بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشى دوزاخقا لايىق بولىدۇ.
نەۋۋاس بىن سەمئان ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈچۈن بولغان توغرا يولنىڭ مىسالىنى بايان قىلىپ بەردى: توغرا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى سىپىل بار، ئىككى سېپىلدا ئوچۇق ئېشىكلەر بار، ئېشىكلەردە ساڭگىلاپ تۇرغان مىلەڭزىلەر تارتىلغان، توغرا يولدىكى ئېشىكتە بىر چاقىرغۇچى : ئى ئىنسانلار! توغرا يولغا كېرىڭلار، قىڭغىر كەتمەڭلار دەيدۇ. توغرا يولنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن بىر چاقىرغۇچى: توغرا يولدىكىلەر ئەتراپتىكى ئېشىكلەردىن بىرەرنى ئېچىشنى مەقسەت قىلسا: ئېسىت ساڭا! ئۇ ئېشىكنى ئاچمىغىن، ئەگەر ئۇ ئېشىكنى ئاچساڭ ئۇنىڭغا كېرىپ كىتىسەن دەيدۇ، توغرا يول: ئىسلامدۇر، ئىككى تەرىپىدىكى سېپىل: ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئوچۇق ئېشىكلەر: ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلاردۇر، توغرا يولنىڭ بېشىدىكى چاقىرغۇچى بولسا: ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، توغرا يولنىڭ ئۈستىدىن چاقىرغۇچى بولسا: ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىلىدىكى ئاللاھنىڭ نەسىھىتىدۇر».
تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنى بايان قىلىپ بەردىكى: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىسلامغا مىسال قىلىپ: ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ھېچ قانداق قىڭغىرلىق بولمىغان توغرا يولنى بايان قىلدى، بۇ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇنى ئوراپ تۇرغان ئىككى تام ياكى ئىككى سېپىل بار، بۇ ئىككى سېپىل ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى، بۇ ئىككى تامنىڭ ئارىسىدا ئوچۇق ئېشىكلەر بار، بۇ ئاللاھ ھارام قىلغان، چەكلىگەن ئىشلاردۇر، ئۇ ئېشىكلەردە پەردىلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئېچىدىكى نەرسىلەرنى سېرتتىن ئۆتكەنلەر كۆرەلمەيدۇ، ئۆ يولنىڭ بېشىدا كىشىلەرنى يېتەكلەيدىغان ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان بىر چاقىرغۇچى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە : ئەتراپقا ۋە ئىككى تەرەپكە بۇرۇلماي تۈز يولدا مېڭىڭلار دەيدۇ، بۇ چاقىرغۇچى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، بۇ يەردە توغرا يولنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر چاقىرغۇچى بولۇپ، توغرا يولدا كېتىۋاتقانلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېشىكلەرنىڭ پەردىلىرىنى ئېچىپ بىقىشقا ئۇرۇنسا، ئۇلارنى چەكلەپ مۇنداق دەيدۇ: ۋاي ئېسىت! ئۇنى ئاچمىغىن، ئەگەر سەن ئۇنى ئاچساڭ، ئېچىگە كېرىپ كىتىسەن، ئۇ يەرگە كېرىشتىن ئۆزۈڭنى تۇتۇشقا قادىر بولالمايسەن دەيدۇ، بۇ چاقىرغۇچى بولسا، ئۇ ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىلىدىكى ئاللاھنىڭ نەسىھىتىدۇر.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئائىلىسىگە قايتقاندا ئائىلىسىدە سېمىز ھامىلدار ئۈچ تۆگە بولىشىنى ياقتۇرامدۇ؟»دېگەن ئېدى، بىز: ھەئە دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ نامىزىدا ئۈچ ئايەت ئوقۇشى ئۇ كىشى ئۈچۈن سېمىز ھامىلدار ئۈچ تۆگە بولغاندىن ياخشىدۇر» دېدى.
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدا ئۈچ ئايەت ئوقۇغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ ئىنسان ئۆيىگە قايتقاندا سېمىز ئۈچ ھامىلدار تۆگىنى تاپقاندىنمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
ئۇقبەتە بىن ئامىر جۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىمنى ئاشكارا ئوقۇغۇچى سەدىقىنى ئاشكارا قىلغۇچىغا ئوخشاش بولىدۇ، قۇرئان كەرىمنى ئېچىدە ئوقۇغۇچى سەدىقىنى مەخپى قىلغۇچىغا ئوخشاش بولىدۇ».
ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نىسائى رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنى ئاشكارا ئوقۇغۇچىنىڭ سەدىقىنى ئاشكارا بەرگەنگە ئوخشاش بولىدىغانلىقى ۋە قۇرئان كەرىمنى ئېچىدە ئوقۇغۇچىنىڭ سەدىقىنى مەخپى بەرگەن كىشىگە ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن شۇنداق بىر كىشى ئېدىمكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىر ھەدىسنى ئاڭلىسام ئاللاھ تائالا ماڭا ئۇ ھەدىستىن مەنپەئەت بېرىشنى خالىغان نەرسە بىلەن مەنپەئەت بېرەتتى، ساھابىلاردىن بىر كىشى ھەدىس سۆزلەپ بەرسە، مەن ئۇ كىشىدىن قەسەم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلاتتىم، ماڭا قەسەم قىلىپ بەرسە ئۇ كىشىنىڭ ھەدىسىنى تەستىقلايتتىم. ھەقىقەتەن ماڭا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ راست سۆزلەيدىغان كىشى، ئۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: «بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئادا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى:﴿وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ﴾ تەرجىمىسى:«تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ» [سۈرە ئال ئىمران 135-ئايەت].
ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نىسائى سۈنەن كۇبرادا، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى: ھەر قانداق بىر ئىنسان گۇناھ قىلسا، تاھارەتنى كامىل ئىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ قىلغان مۇشۇ خاتالىقىغا تەۋبە قىلىش نىيىتى بىلەن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىستىغپار ئېيتىپ ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇكىشىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى تىلاۋەت قىلدى: «تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ». [سۈرە ئال ئىمران 135-ئايەت].
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىرىڭلار تاماق يەپ بولغاندا قولىنى يالىۋېتىش ياكى يالىتىۋېتىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئېيتىۋەتمىسۇن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: بىرىڭلار تاماق يەپ بولغاندا قولىنى يالىۋېتىش ياكى يالىتىۋېتىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئېيتىۋەتمىسۇن ياكى يۇيىۋەتمىسۇن دەپ يېمەك-ئىچمەك ئەدەپ-قائىدىلىرىدىن بىر مۇھىم قائىدىگە بۇيرىغان. چۈنكى ئۇ كىشى تاماقنىڭ قايسى بىر پارچىسىدا بەركەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ، بەلكى قېلىپ قالغان بارماقتىكى ياكى قاچىدىكى ئاز بىر قىسىمىدا بەرىكەت بولىشى مۈمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بارماقلارنى يالىۋېتىشكە بۇيرىغان
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالتۇندىن بىر تال ئۈزۈك ياساتقان، ئۇنى تاقىغاندا كۆزىنى ئالقىنى تەرەپكە قىلىۋالاتتى، ساھابىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك ياساتتى. ئاندىن كېيىن بىر كۈنلەردە رەسۇلۇللاھ مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ ئۈزۈكنى ئېلىۋەتتى ۋە مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى قولۇمنىڭ ئىچى تەرەپكە قىلىپ تاقايتىم، دەپ تاشلىۋەتتى ۋە مۇنداق دېدى: ئاللاھ بىلەن قەسەم بۇنداق ئۈزۈكنى ھەرگىز تاقىمايمەن دېدى. ساھابىلەرمۇ ئۈزۈكلىرىنى تاشلىۋېتىشتى. يەنە بىر ئىبارىدە: رەسۇلۇللاھ ئۈزۈكنى ئوڭ قولىغا سالغان، دەپ كەلگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىگە بىر تال ئۈزۈك ياساتقان، ئۈزۈكنى سالغاندا ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى ئالقىنى تەرەپكە قىلىپ سالاتتى، ساھابىلەرمۇ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ شۇنداق قىلىشقا باشلىدى. ئاندىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېين ساھابىلەرگە كۆرسۈتۈش ئۈچۈن مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى ئالقىنىم تەرىپىگە قىلىپ سالاتتىم، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەمدى بۇ ئۈزۈكنى سالمايمەن، دەپ تاشلىۋەتتى. بۇ ئىش ئەرلەرگە ئالتۇن ئۈزۈك ھارام قىلىنغاندىن كېيىنلا بولغان. ساھابىلەرمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگەشكەن جەھەتتىن ئۈزۈكلىرىنى تاشلىۋەتتى
جۇندۇب ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلبەجەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىلگىرىكى ئۇممەتتە بىر كىشى بولغان، ئۇ يارىلىنىپ قاتتىق بىئارام بولدى ۋە پىچاق ئېلىپ قولىنى كېسىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن قان توختىماي ئۇ ئۆلۈپ كەتتى. ئاللاھ تائالا ئېيتتىكى: بەندەم ئۆزى مەن تەرەپكە ئالدىراپ كەلدى، ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلدىم
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئۈممەتتە ئۆتكەن بىر ئادەم توغرۇلۇق سۆزلەپ بەردى. ئۇ قاتتىق جاراھەتلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا چىدىماستىن ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە شىپاسىدىن ئۈمىدسىزلەندى. ئىمان ۋە چىن ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبلىك، ئاللاھتىن ساۋاب كۈتۈپ سەبرى قىلالماي، ئۇنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ تۇرالمىدى ۋە پىچاق ئېلىپ قولىنى كېسىۋەتتى. قان توختىماي ئېقىپ ئاخىرى ئۆلۈپ كەتتى. ئاللاھ تائالا دېگەن گەپنىڭ مەزمۇنى: بۇ بەندەم مېنىڭ رەھمىتىم ۋە شىپالىق بېرىشىمگە سەل قارىدى. مېنىڭ سىناقلىرىمغا بەرداشلىق بېرەلمەستىن، ھارام قىلىنغان بۇ جىنايىتى بىلەن مەن تەرەپكە ئالدىراپ قالدى. ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەجىلىنى قىسقارتقانلىقىنى ئويلاپ قالدى. شۇڭا ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلدىم. جەننەت ھارام قىلىنغان ئادەمنىڭ بارىدىغان جايى دەۋزەخ بولىدۇ
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېپەك كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلىدى. بۇنىڭدىن پەقەت مۇنچىلىك بولغىنىنى مۇستەسنا قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى بارمىقىنى يەنى: كۆرسەتكۈچ بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى كۆتۈردى. ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەقەت ئىككى ياكى ئۈچ ياكى تۆت بارماق مىقدارىدىن زىيادە يىپەك كىيىم كىيىشتىن چەكلىدى، دەپ رىۋايەت قىلدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرلەرنى يىپەك كىيىم كىيىشتىن ئۆزى مۇستەسنا قىلىنغان مىقداردىن باشقىسىنى چەكلىدى. بىرلىككە كەلگەن ھەدىستە مۇستەسنا قىلىنغىنى، ئىككى بارماق مىقدارىدۇر. ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ئۈچ ياكى تۆت بارماق دەپ كەلگەن. ئەڭ كۆپ كەلگىنىنى ئالساق بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندا كىيىمدە يىپەكنىڭ نىسبىتى تۆت بارماق مىقدارىغىچە بولسا ھېچقىسى يوق. تەئسىسۇل ئەھكامغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن