





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە بىر چاقىرغۇچى: سىلەر ھايات ياشايسىلەر، مەڭگۈ ئۆلمەيسىلەر، سالامەت بولىسىلەر، مەڭگۈ كېسەل بولمايسىلەر، ياش تۇرىسىلەر مەڭگۈ قېرىمايسىلەر، نېمەتلىنىپ تۇرىسىلەر، مەڭگۈ يامان ئەھۋالغا قالمايسىلەر، دەپ نىدا قىلىدۇ»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن خەۋەر بېرىپ: جەننەت ئەھلى جەننەتكە كېرگەندە، بىر چاقىرغۇچى: سىلەر ھايات ياشايسىلەر، مەڭگۈ ئۆلمەيسىلەر، سالامەت بولىسىلەر، مەڭگۈ كېسەل بولمايسىلەر دەپ چاقىرىدۇ. يەنى ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ نېمەتتە بولىدۇ. ئۇلار ئۆلۈمدىن، كېسەللىكتىن، ئاجىزلىققا ئېلىپ بارىدىغان ياشىنىپ قىلىشتىن، ئۆزلىرىگە كېلىۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ. بۇ ھەدىس ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا ھەدىسلەر، كىشىلەرنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ
ئەبۇ خىراش ھەدرەد ئىبنى ئەبۇ ھەدرەد ئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆز قېرىندىشىنى بىر يىل تاشلىۋەتسە ئۇنىڭ قېنىنى تۆككەنگە ئوخشاش»
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانشەرئى سەۋەبسىز ئۆز قېرىندىشىنى تاشلىۋەتسە يەنى ئىزدەشمىسە، بۇنى بىر يىلغىچە داۋاملاشتۇرسا ئۇ كىشى جازاغا لايىق بولىدۇ. خۇددى ئۇ كىشىنىڭ قېنىنى تۆككۈچى جازاغا لايىق بولغانغا ئوخشاش، بۇ جازا ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ قارىشى بويىچە باشقىلارنى مۇشۇنداق ئىشلاردىن چەكلەش ئۈچۈن ئۇ كىشىنى ئەدەپلەش ھېسابلىنىدۇ، ئەمما شەرئى سەۋەپ بىلەن تاشلىۋەتكەن بولسا يەنى ئۇ بىدئەتچى، پاسىق كىشىلەردىن بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھغا تەۋبە قىلغانلىقى ۋە ھەقىقەتكە قايتقانلىقى ئاشكارا بولغانغا قەدەر ئۇنى تاشلىۋېتىش يەنى ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئادەم بالىسىغا ئۇنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى يېزىلغان بولسا، ئۇنى قىلماسلىققا چارىسى بولمايدۇ، ئىككى كۆزنىڭ زىناسى قاراشتۇر، ئىككى قۇلاقنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزلەرنى ئاڭلاشتۇر، تىلنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزلەرنى قىلىشتۇر، قولنىڭ زىناسى تۇتۇشتۇر، پۇتنىڭ زىناسى زىناغا مېڭىشتۇر، كۆڭۈل زىنانى خالايدۇ ۋە ئارزۇ قىلىدۇ، جىنسى ئەزا بۇ خاھىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ساقلاپ قالغان كىشىدىن باشقىلار زىنادىن نېسىۋىسى يېزىلغان بولسا ئۇنى قىلماسلىققا چارىسى بولمايدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ مىسالىنى دەپ بەردى: كۆزنىڭ زىناسى قاراشتۇر، ئەر كىشى ئەگەر ئۆزىنىڭ مەھرىمى بولمىغان يات ئايالغا گەرچە شەھۋەتسىز قارىسىمۇ، بۇمۇ زىنانىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ كۆزنىڭ زىناسىدۇر، ئىككى قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاشتۇر، يەنى ئايالنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئاۋازىدىن لەززەتلىنىدۇ، بۇ قۇلاقنىڭ زىناسى ھېسابلىنىدۇ، «قولنىڭ زىناسى تۇتۇشتۇر»، يەنى قولى بىلەن سىلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشتۇر، «پۇتنىڭ زىناسى زىناغا مېڭىشتۇر» ، يەنى ئىنساننىڭ زىنا-پاھىشە ئورۇنلىرىغا بېرىشى، ياكى ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، شۇ تەرەپكە مېڭىش، ياكى ئايال كىشىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىشىمۇ زىنانىڭ تۈرىدىن ھېسابلىنىدۇ. «كۆڭۈلنىڭ زىناسى خالاش ۋە ئارزۇ قىلىش» بولۇپ، مۇشۇ ئىشقا مايىل بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاياللارغا ئىنتىلىشتۇر، بۇ كۆڭۈلنىڭ زىناسى ھېسابلىنىدۇ، «جىنسى ئەزا بۇ خاھىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ» ، يەنى ئاللاھ ساقلىسۇن! جىنسى ئەزا بىلەن زىنا قىلغان بولسا، مۇشۇ ئەزالارنىڭ زىناسى تەستىقلىنىدۇ، ئەگەر بۇ ئەزا بىلەن زىنا قىلىنمىغان بولسا، زىنادىن سالامەت قالىدۇ، ئۆز نەپسىنى ساقلاپ قالىدۇ، مۇشۇ بۇ ئەزانىڭ قىلغان زىناسىنى ئىنكار قىلىش بولىدۇ، بۇ ھەدىس ئاياللارغا ئىنتىلىشتىن ھەزەر قىلىشنى بىلدۈرىدۇ، ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا، كۆرۈشكە، سىلاشقا، ئۇلار تەرەپكە مېڭىشقا ۋە كۆڭۈلنىڭ خالىشى قاتارلىق ئىشلاردىن ھەزەر قىلىشقا بۇيرىدۇ، ئاشۇنىڭ ھەممىسى زىنانىڭ تۈرلىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلىغان، ئەقىللىق ئىنسان ئەزالىرىنىڭ ئاياللارغا ئىنتىلىشىدىن ھەزەر قىلىشى كېرەك
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دوزاخ ئەھلىدىن ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ مەن ئۇلارنى كۆرمىدىم، بىر جامائەت بولۇپ ئۇلارنىڭ قولىدا كالىنىڭ قۇيرىقىدەك يوغان قامچىلار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدۇ، كىيم كەيگۈچى يالىڭاچ ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىدىغان، تۈز ماڭماي تولغىشىپ ماڭىدىغان، باشلىرىنى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىۋالغان ئاياللار جەننەتكە كېرەلمەيدۇ، جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ، گەرچە جەننەتنىڭ ھېدى خىلى يىراق ئارىلىقتىن تىپىلسىمۇ ئۇلار جەننەتكە كېرەلمەيدۇ.
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان، ئۇ دەۋرىدە بولمىغان، بەلكى ئاخىر زاماندا مەيدانغا كېلىدىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولغان ئىككى تۈرلۈك ئىنسانلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. بىرىنچى تۈردىكى كىشىلەر: كالىنىڭ قۇيرىقىدەك ئۇزۇن ئارغامچىلار بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىۋاتقان كىشىلەر، ئۇلار ساقچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى، ئۇلار زالىمغا ياردەم بېرىپ كىشىلەرنى ئورۇنسىز ئۇرىدۇ. ئىككىنچى تۈردىكى كىشىلەر: ئادەتتە ئاياللارنىڭ تەبىئىتىدە بولىدىغان ھايا ۋە ئىپپەت كىيىمىدىن خالى بولغان ئاياللار. ئۇلارنىڭ سۈپىتى: ئۇلار ھەقىقەتتە كىيىم كەيگەن بولسىمۇ ئەمما مەنادا يالىڭاچ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدىغان، بەدىنىنىڭ بەزىسىنى ئوراپ يەنە بەزى جايلىرىنى ئوچۇق قويىدىغان كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئەرلەرنىڭ دىللىرىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن نىپىز كىيىملەرنى كېيىپ، نايناقلاپ، تولغىشىپ مېڭىپ، باشقىلارنى بۇزۇشقا، توغرا يولدىن بۇراشقا ۋە ئازغۇنلۇققا سۆرەپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئۇلارنىڭ بېشى يوغانلىقىدىن تۆگىنىڭ ئىغاڭشىپ تۇرغان لوكىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار باشلىرىغا قوش ياقلىقلارنى ئوراش ياكى بەزى بىر نەرسىلەرنى قويۇپ بېشىنىڭ ھەجىمىنى ياكى چېچىنى چوڭ كۆرسىتىشكە ئۇرىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بېشىنى تۆگىنىڭ لوكىسىغا ئوخشىتىش بولسا، ئۆرىگەن چاچلىرىنى بېشىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ چېچىنى ئۈستۈن قىلىۋالغانلىقى، ئۆرىگەن بەزى چاچلىرىنى بېشىنىڭ ئەتراپىغا قويۇپ بېرىپ خۇددى تۆگىنىڭ لوكىسى ئىككى تەرەپكە مايىل بولغاندەك قىلىشىدۇر. ئاياللارنىڭ قايسىسىدا بۇ سۈپەتلەر تىپىلىدىكەن، ئۇلار جەننەتكە كېرەلمەسلىك-گەرچە جەننەتنىڭ پۇرىقى بەك يىراق مۇساپىدىن تىپىلىدىغان ۋە ھېدى كىلىدىغان بولسىمۇ- جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالماسلىق ۋە جەننەتكە يېقىنلىشالماسلىقتەك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
ئەبۇ سەئىدىل خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەر ئەرنىڭ ئەۋرىتىگە، ئايال ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىمىسۇن، ئەر يەنە بىر ئەر بىلەن بىر يىپىنچا ئىچىدە كېيىمسىز ياتمىسۇن ، ئايالمۇ يەنە بىر ئايال بىلەن بىر يىپىنچا ئىچىدە كىيىمسىز بىللە ياتمىسۇن».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەر كىشىنى ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتىگە، ئايالنى ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قاراشتىن چەكلىگەن. ئەۋرەت دېگەن: ئېچىلىپ قالسا ساھىبى ھايا قىلىدىغان ئورۇنلار بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئەۋرىتى كىندىكى بىلەن تىزىنىڭ ئارىلىقىدۇر. ئايالنىڭ يات ئەرلەرگە نىسبەتەن پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر، ئاياللار ۋە ئۆزىنىڭ مەھرەملىرىگە نىسبەتەن: ئادەتتە ئۆيىدە ئىش قىلغاندا ئوچۇق قويىدىغان ئورۇنلىرىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەر كىشىنىڭ يەنە بىر ئەر كىشى بىلەن بىرگە كىيىمى يوق-يالىڭاچ ھالەتتە بىر يوتقاندا ياكى بىر ئەدىيالغا ئورىنىپ يېتىشىدىن چەكلىگەن، شۇنداقلا ئايالنىڭ يەنە بىر ئايال بىلەن يالىڭاچ ياكى كىيىمى يوق ھالەتتە بىر يوتقاندا ياكى بىر ئەديالغا ئورۇنۇپ يېتىشىدىن چەكلىگەن، چۈنكى بۇ ئىشلار ھەر ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئەۋرىتىنى تۇتۇپ قىلىش، چەكلەنگەن ئورۇنلارغا قاراپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئېلىپ بارىدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ يامان بولغىنى قاتتىق چەكلەنگەن، چوڭ بۇزۇقچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەر ئۇخلايدىغان چاغدا ئۆيۈڭلاردىكى ئوتنى ئۆچۈرىۋىتىڭلار
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئۆيدە ياققان ئوتنى ئۆچۈرۋېتىشتىن ئىلگىرى ئۇخلاشتىن چەكلىگەن. ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ "ياخشىلار باغچىسىنىڭ شەرھىسى" ناملىق ئەسىرى 3-توم 906-بەت، ئاببادنىڭ ئەبۇ داۋۇدنىڭ شەرھىسى ئېلكىتاب نۇسخىسى
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «مۇناپىقلارنى"خوجا"دېمەڭلار، ئەگەر ئۇنى خوجا دەپ بىلسەڭلار، پەرۋەردىگارىڭلارنى غەزەپلەندۈرىسىلەر»
نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: مۇناپىق گەرچە ئۆز قەۋمىدە چوڭ باشلىقلاردىن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنى خوجا دەپ ئاتىساڭلار ھەقىقەتتە ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەن بولىسىلەر، چۈنكى ئۇلۇغلۇق ئاللاھ ئۈچۈن بولىدۇ، گەرچە مۇناپىق ئۆز قەۋمىدە چوڭ باشلىق بولسىمۇ، ئۇ ھۆرمەتلەشكە لايىق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ يالغانچى، مۇناپىقتۇر، بۇنداق ئىككى خىل ھالەتتە مۇناپىققا خوجا دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ. كاپىر، پاسىق ۋە بىدئەتچىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارمۇ مۇتلەق خوجا دېگەن سۈپەتكە لايىق بولالمايدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشىنى ئۇرسا، يۈزىگە ئۇرۇشتىن ساقلانسۇن»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر كىشىنى ئەدەپلىمەكچى ياكى ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازا ئىجرا قىلماقچى ياكى باشقا ئىشلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرۇشتىن ساقلانسۇن، گەرچە ئاللاھنىڭ قانۇنىنى ئىجرا قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ، يۈزىگە ئۇرۇشتىن مۇمكىن قەدەر يىراق بولسۇن، ئادەم يۈزى ئىززەتلىك، ئەڭ شەرەپلىك ئەزا ھېسابلىنىدۇ، يۈزى بىلەن بىۋاستە كىشىلەرگە يۈزلىنىدۇ، يۈزىگە ئۇرغان ۋاقىتتا يۈزىدىن بىرەر ئەزا زەخمىلنىش ياكى باشقا ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يىراق بولۇش كېرەك، ھەقلىق رەۋىشتە ئۇرسۇن ياكى يولسىزلارچە ئۇرسۇن ھەرقانداق ۋاقىتتا يۈزىگە ئۇرۇش چەكلىنىدۇ
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلدىم، ئاللاھ مېنى ئەپۇ قىلامۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرمىدىڭمۇ؟» دەپ ئۈچ قېتىم دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە، دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاشۇ شاھادەت كەلىمىسى ئۇنىڭغا كاپارەت بولىدۇ» دېدى.
ئەبۇ يەئلا، تەبەرانىي ۋە زىيائۇل مەقدىسى رىۋايەت قىلغانبىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن چوڭ-كېچىك بارلىق گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلدىم، مېنىڭ گۇناھىم كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ««سەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرمىدىڭمۇ؟» دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ئۇ كىشى: ھەئە، گۇۋاھلىق بېرىمەن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە شاھادەت كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتىنى ۋە ئۇنىڭ خاتالىقلارغا كاپارەت بولىدىغانلىقى، تەۋبە قىلىش بىلەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى گۇناھلار ئۆچۈرلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.