





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: سىلەرگە يالغان چاپلاشنىڭ نېمىلىكىنى دەپ بەرمەيمەنمۇ؟ ئۇ بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىشتۇر
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۈممىتىنى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇشتىن ئاگاھلاندۇردى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سوئال تەرىقىسىدە گىپىنى باشلىدى، چۈنكى بۇ ئۇسلۇب ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىگە بەكرەك تەسىر بېرىش ۋە دىققىتىنى تارتىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلاردىن، (يالغان چاپلاش دېگەن نېمە؟) يەنى: يالغانچىلىق ۋە گەپ توقۇش دېگەن نېمە؟ بۇ سۆز (سېھىر) دەپمۇ چۈشەندۈرۈلگەن. ئاندىن بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، يالغان چاپلاش دېگەن: كىشىلەر ئارىسىدا ئاداۋەت توشۇشتۇر. چۈنكى بۇنداق قىلىش سېھىرگەرلىكنىڭ نەتىجىسىدىن كەلگەن پىتنە تىرىش، كىشىلەرگە زىيان ئۇرۇش، ئىتتىپاق ئىككى قەلبنىڭ ئارىسىنى ئايرىش، ئىككى يېقىن كىشىنىڭ ئالاقىسىنى بۇزۇش ۋە كىشىلەرنىڭ قەلىبلىرىنىڭ ئۆچ-ئاداۋەتكە تولۇشىغا سەۋەب بولۇشتەك ئىشلارغا ئوخشايدۇ. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئىشلاردۇر
ئۇبەي ئىبنى كەئىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبىرىمىز: سىلەر شامالنى تىللىماڭلار! ئەگەر ئۇنىڭدىن بىرەر يامانلىق كۆرسەڭلار: ئى ئاللاھ بىز بۇ شامالنىڭ ياخشسىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تىلەيمىز، بۇ شامالنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى ئاپەتتىن ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز، دەڭلار!
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شامالنى تىللاشتىن چەكلىدى، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغۇچى بىر مەخلۇقتۇر. ئۇنى تىللاش ئاللاھنى تىللىغاندەك بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ قازا ۋە قەدىرىگە غەزەپلىنىش بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى سوراپ، يامانلىقىدىن پاناھ تىلەشكە بۇيرىدى. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بولۇپ، بۇ تەۋھىد ئەھلىنىڭ ئەھۋالىدۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار دۇئا قىلغىنىدا: "ئى ئاللاھ! ئەگەر خالىساڭ مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ئەگەر خالىساڭ ماڭا رەھىم قىلغىن" دېمىسۇن. بەلكى سورىغانلىرىدا قەتئىي بولسۇن، تىلىكىنىڭ قوبۇل بولىشىغا ئىشەنچ قىلسۇن. چۈنكى ئاللاھقا ھېچنەرسە ئېغىر كەلمەيدۇ. ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ئارزۇسىنى چوڭ قىلسۇن! ئاللاھ تائالا بېرىدىغان نەرسىلەردىن ئۇنىڭغا چوڭ كېلىپ قالىدىغان نەرسە يوقتۇر
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپۈتۈن بەندىلەر ئاللاھ تائالاغا مۇھتاج ۋە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھەممىدىن بىھاجەت، ھەمدۇ-ساناغا ئەڭ لايىق، ئۆزى خالىغان ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغۇچى زات بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىمكى دۇئا قىلىدىكەن، دۇئادا ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرەت قىلىشىنى ئۇنىڭ خاھىشىغا باغلاپ قويماستىن، بۇ تەلەپنى كەسكىن قىلىشقا بۇيرىدى. چۈنكى ئاللاھتىن تىلەيدىغان تەلەپلەرنى ئۇنىڭ خاھىشىغا باغلاپ قويۇش، خۇددى ئاللاھ تائالاغا بەندىلىرىنىڭ ھاجىتىدىن بىرەر نەرسە ئېغىر كېلىدىغاندەك ياكى ئۇنىڭ تەلىپىنى ئۇرۇنداشقا ئاللاھ تائالانى بىرەر مەخلۇق مەجبۇرلايدىغاندەك ھېس قىلدۇرۇپ قويىدۇ، بۇ ھەقىقەتنىڭ خىلاپىدۇر. شۇنداقلا بۇنداق دۇئا قىلىش، بەندىنىڭ ئاللاھتىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىشىدا سۇسلۇق قىلىش ياكى ئۇنىڭ ياردىمىدىن بىھاجەت بولغاندەك ھېس قىلدۇرۇپ قويىدۇ. ماھىيەتتە بەندە كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئارىلىقتىكى مۇددەتتىمۇ ئاللاھتىن بىھاجەت بولالمايدۇ. ئۇنداق دۇئا قىلىش دۇئا ئىبادىتىنىڭ روھى بولغان ھاجەتمەتلىككە خىلاپتۇر، چۈنكى بەندىنىڭ دۇئانى جەزىملەشتۇرۇپ كەسكىن قىلماسلىقى ئاللاھ ئەززە ۋە جەللىنىڭ شەنىگە لايىق كەلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھقا ھېچنەرسە ئېغىر كەلمەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغۇچىنىڭ ھاجىتى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ياخشىلىقنىڭ ھەرقاندىغىنى ئاللاھتىن يالۋۇرۇپ سوراشقا بۇيرىدى. چۈنكى ئاللاھ تائالا بېرىشنى خالىغان ھېچقانداق بىر نەرسە ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ ۋە ھېچقانداق بىر تەلەپ قىلغۇچىنىڭ تەلىپى چوڭ كېلىپ قالمايدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىگىسىدۇر. ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى ئۆزى خالىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەرنەرسىگە قادىردۇر
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، ماڭا دۇرۇت ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقى بېخىل كىشىدۇر»
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە مۇھىم بىر ئىش بايان قىلىنغان ئۇ بولسىمۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنىڭ ۋاجىپلىقىدىن ئىبارەتتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مۇبارەك ئىسمى تىلغا ئېلىنسا ئۇنى ئاڭلاپ تۇرۇپ دۇرۇت-سالام يوللىمىغان كىشىنىڭ خار ۋە بېخىل ئېكەنلىكى، بولۇپمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ دۇرۇت-سالام يوللىمىغان كىشىنىڭ بەك پەس ئىنسان ئېكەنلىكىنى بىلدۈرگەن
ئابدۇللاھ بىن خۇبەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: بىز يامغۇرلۇق بىر زۇلمەت كېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى بىزگە ناماز ئوقۇپ بىرەمدىكىن دەپ ئىزدەپ چىقتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى تاپتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سۆزلە» دېدى، مەن ھېچ نەرسە دېمىدىم، ئاندىن يەنە:«سۆزلە» دېدى، مەن ھېچ نەرسە دېمىدىم، ئاندىن يەنە:«سۆزلە» دېدى، مەن: نېمە دەيمەن؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن ئىخلاس سۈرىسى ۋە مۇئەۋۋەزەتەيننى ئوقۇساڭ، بۇ سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭغا كۇپايە قىلىدۇ» دېدى.
ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نىسائى رىۋايەت قىلغانئۇلۇغ ساھابە ئابدۇللاھ بىن خۇبەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئۇلار بەك يامغۇر يېغىۋاتقان قاراڭغۇ بىر كېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشى ئۈچۈن ئىزدەپ چىقىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى تاپتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:«سۆزلە» يەنى ئۇقۇغىن دېدى، ئۇ ھېچ نەرسە ئوقۇمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزىنى قايتا تەكرارلىدى، ئابدۇللاھ: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! نېمە ئوقۇيمەن؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:« ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن ئىخلاس سۈرىسى ۋە مۇئەۋۋەزەتەيننى ئوقۇساڭ، بۇ سېنى ھەرقانداق يامانلىق ۋە ناچار ئىشتىن مۇھاپىزەت قىلىدۇ»دېدى.
ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بەندە ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە: "نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىن ۋە ئاسماندا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر"،- دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېسە، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە زېيان يەتكۈزەلمەيدۇ»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ن«بەندە ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە» يەنى: تاڭ يورىغاندىن ۋە كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن. ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە: «كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە ياكى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە» دەپ كەلگەن. «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن» يەنى: ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغلاپ ۋە بەرىكەت ئۈمىد قىلىپ تىلغا ئالىمەن. «نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىندا ۋە ئاسماندا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان» يەنى: ئۇنىڭ ئىسمىنى توغرا ئېتىقاد ۋە خالىس نىيەت بىلەن تىلغا ئالسا ئۇ كىشىگە زېمىندىكى ۋە ئاسماندىن چۈشكەن بالا-مۇسىبەتلەر زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئۇ بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەھۋالىمىزنى بىلپ تۇرغۇچىدۇر. بۇ ھەدىس: بۇ سۆزلەرنىڭ دېگۈچىنى ھەر قانداق زىياندىن مۇداپىئە قىلىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر
سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: بىر سەھرالىق كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ماڭا بىر سۆز ئۆگىتىپ قويغان بولسىلا، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھ كاتتىدۇر، جىمى ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، غالىب، ھېكمەتلىك ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر، دېگەنلەرنى ئوقۇغىن دېگەندە، ئۇ كىشى: بۇلار رەببىم ئۈچۈندۇر، ئۆزەم ئۇچۈنچۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن، ماڭا رىزىق بەرگىن دېگىن، دېدى
مۇسلىم رىۋايىتىسەھرادىن كەلگەن بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە ئوقۇيدىغان زىكىرنى تەلىم بېرىشنى سورىغان ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، دېگىن دېدى، تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن باشلىدى، ئۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېمەكتۇر. بۈيۈك ئاللاھ كاتتىدۇر. يەنى: ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىدىن كاتتا ۋە بۈيۈكتۇر. جىمى ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر، يەنى: ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ساناقسىز نېمەتلىرىگە مەدھىيىلەر بولسۇن. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر. يەنى: ئاللاھ تائالا ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاكتۇر ۋە مۇقەددەستۇر. غالىب، ھېكمەتلىك ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر يەنى: ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ۋە مۇۋەپپەق قىلىشىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر ئۇ كىشى: بۇ سۆزلەر رەببىمنى زىكىر قىلىش ۋە ئۇلۇغلاش ئۈچۈن ئىكەن، ئۆزۈم ئۈچۈن قانداق دۇئا قىلىمەن؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، خاتالىقلارنى ئۆچۈرۈپ يۆگەش بىلەن. ماڭا رەھىم قىلغىن، ماڭا دىنى ۋە دۇنيالىق پايدىلىق نەرسىلەرنى يەتكۈزۈش بىلەن. مېنى ھىدايەت قىلغىن، مېنى ئەڭ گۈزەل ئەھۋالغا ۋە توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن. ماڭا رىزىق بەرگىن ھالال مال، ساغلىق ۋە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن.
شەكىل ئىبنى ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا دۇئا ئۈگۈتۈپ قويسىلا! دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! سەن بىلەن قۇلىقىم، كۆزۈم، تىلىم، قەلبىم ۋە شەھۋىتىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېگىن»دېدى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە شەكىل ئىبنى ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى ئىزدەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىلىدۇ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن پانى دۇنيانى، ئازراق مالنى ياكى بىرەر كەمچەن يىمەكلىك سوراپ ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن دۇئا تەلەپ قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەتى بولىدىغان دۇئا ئۈگۈتۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلىپ ئىدى، مانا بۇ ساھابىلارنىڭ ھەقىقىتى، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رازىلىقىنى تەلەپ قىلاتتى، ئۇ كىشىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كاتتا دۇئانى ئۈگۈتۈپ مۇنداق دېدى: سەن «ئى ئاللاھ! ( ئاللا تائالاغا گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان «ئاللاھ» دېگەن ئىسىمى بىلەن يۈزلىنىپ دۇئا قىلدى) قۇلىقىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، يەنى قۇلاقنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھ بىلەن ساقلىنىمەن، ئۇ بولسىمۇ: يالغان گۇۋاھلىق، كۇپرى سۆزى، تۆھمەت، دىننى كەمسىتىش قاتارلىق ئىنسان قۇلىقىغا يېتىپ قالىدىغان چەكلەنگەن سۆزلەردىن ئىبارەتتۇر. كۆزۈمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، ئۇ بولسىمۇ كۆزنى ناچار مەنزىرە، يىرىم يالىڭاچ فىلىم قاتارلىق چەكلەنگەن نەرسىلەرگە ئىشلىتىش. تىلىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، يەنى تىلىدىن سادىر بولىدىغان يالغان گۇۋاھلىق، تىللاش، لەنەت ئوقۇش، دىنى تەرەپتىن، ئائىلىسى تەرەپتىن كەمسىتىش، ئىنسانغا پايدىسى يوق سۆزلەرنى قىلىش ۋە مۇھىم بولغان سۆزنى قىلماسلىق دېگەندەك بارلىق چەكلەنگەن سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش. قەلبىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، ئۇ بولسىمۇ قەلبىنى ئاللاھنى ئەسلەشتىن باشقا ئىشلار بىلەن ياشنىتىش ياكى ئۇمىت قىلىش، قورقۇش، چۆچۈش، ئۇلۇغلاش قاتارلىق قەلىب ئىبادەتلىرى بىلەن ئاللاھدىن غەيرىگە يۈزلۈنۈش ياكى ئاللاھقا قىلىنىشى زۆرۈر بولغان قەلبى ئىبادەتلەرنى تەرك ئىتىش. شەھۋىتىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەۋرىتىمنىڭ ئاللاھ چەكلىگەن ئىشقا چۈشۈپ قىلىشىدىن ياكى مېنى زىناغا ئىلىپ بارىدىغان قاراش، سىلاش، مېڭىش ۋە كەسكىن ئىرادىگە كىلىش قاتارلىقلار. مۇشۇ بەرىكەتلىك دۇئادا ئاللاھ تائالا بىزگە نىمەت قىلىپ بەرگەن ئەزالارنى ساقلاش بايان قىلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى بۇ جايدا مۇشۇ نىمەتلەرنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھ بىلەن پاناھلىق تىلەشكە بۇيرىدى، ئى ئاللاھ! قۇلىقىمدىن پاناھ تىلەيمەن دەپ بۇ نىمەتلەردىن پاناھ تىلەشكە بۇيرىمىدى، چۈنكى بۇلار نىمەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنىدۇ، قۇلاق پاناھ تىلىنىدىغان يامانلىقنىڭ ئۆزى ئەمەس،لېكىن ئۇنىڭدىن پەيدا بولىدىغان يامانلىقتىن پاناھ تىلىنىدۇ، ئۇنى قوغداش ئۇنىڭ يارىتىلغان تەبىئىتىگە رىئايە قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن بىۋاستە ئاسىيلىق قىلماسلىق، ئۇنىڭ بىلەن رەزىللىكنى تارقاتماسلىق بىلەن بولىدۇ، چۈنكى قىيامەت كۈنى ئىنسان بۇ نېمەتلەردىن سوئال قىلىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ» سۈرە ئىسرا 36-ئايەت
بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمانلاردىن ئىككى كىشى ئۇچرۇشۇپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن گۇناھلىرى كەچۈرلىدۇ
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھنىڭ: «مۇسۇلمانلاردىن ئىككى كىشى ئۇچرۇشۇپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە» دېگىنى: ئۇلار كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىنلا گۇناھلىرى كەچۈرلىدۇ، دېگەن مەنىدە. «ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرىلىدۇ» يەنى ياخشى ئەمەللەر كىچىك گۇناھلارنى يۇيىلىدۇ، «ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن» دېگىنىدىن: كۆرۈشۈشنى تەكىتلەش ۋە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇش چىقىدۇ. ئەمما ئەر كىشىنىڭ يات ئايال بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشتەك ھارام قىلىنغان كۆرۈشۈشلەر بۇنىڭغا كىرمەيدۇ