





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئى ئاللاھ مېنىڭ بارلىق ئىشلىرىمنىڭ تۇتقۇسى بولغان دىنىمنى ياخشى قىلغىن، مېنىڭ ياشاش ئاساسىم بولغان دۇنيارىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، بارلىق ياخشىلىقتا ماڭا ھاياتلىقنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، بارلىق يامانلىقتىن ماڭا ئۆلۈمنى راھەت قىلىپ بەرگىن»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ دۇئا؛ دۇنيا-ئاخىرەت ياخشىلىقىنى سوراشنى تەلەپ قىلىش، ئۆلۈمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ يامانلىقىدىن، قەبىرە ئازابىنىڭ شەررىدىن ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە كىيىنكى بارلىق يامانلىقلاردىن قۇتۇلىدىغان قىلىشنى، ھاياتىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشنى، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرمەيدىغان ۋە ئۆچ كۆرۈدىغان ئىشلاردىن يېراق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇئادۇر
ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ: «ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى، بىلىمسىزلىكىمنى، ئىشلىرىمدا ئاشۇرۋەتكەنلىرىمنى ۋە مەندىكى پەقەت سەنلا بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنىڭ ئەستايىدىل ۋە چاقچاق قىلىپ، خاتالىشىپ، قەستەن قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مەندە بار، ئى ئاللاھ! مەخپي ۋە ئاشكارا ئۆتكۈزگەن ۋە پەقەت سەنلا بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن، سەن ئېلگىرىلەتكۈچى ۋە كەينىدە قالدۇرغۇچىسەن، ھەممىگە قادىرسەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بارلىق چوڭ - كىچىك گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ دىلى سۇنۇق ۋە بىچارە ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىدىغان مۇشۇ كاتتا سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلاتتى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ مۇشۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشى بەك مۇھىمدۇر
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەتىگەن ۋە كەچتە بۇ دۇئانى ئوقۇماي قالمايتتى: ئى ئاللاھ، دىنىم ۋە دۇنيالىقىمدا، ئائىلەم ۋە مال-مۈلكۈمدە سالامەتلىك تىلەيمەن، نوقسانلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمدىن خاتىرجەم قىلغىن، مېنى ئالدى-ئارقامدىن، ئوڭ-سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستۈمدىن قوغدىغىن، بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ماڭا ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەست قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھاكىم "مۇستەدرەك"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىقرەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ھەر ئەتىگەن-كەچتە بۇ دۇئانى ئوقۇشقا ھىرىسمەن بولۇپ، مەنىلىرى بۈيۈك بولغانلىقتىن ئۇنى ھەرگىز تاشلىمىغان. دۇئادا ئاللاھدىن «دىنىمدا سالامەتلىك» سورىغانلىقىدىن دىنىدا گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن، خاتالىقلاردىن ۋە بىدئەتلەردىن ساقلاش مەقسەت قىلىنغان. «دۇنيالىقىمدا، ئائىلەمدە ۋە مال-مۈلكۈمدە» يەنى: دۇنيالىقىمدا مۇسىبەتلەر ۋە يامانلىقلاردىن سالامەتلىك تىلەيمەن. ئائىلەمگە يامان مۇئامىلەدە بولۇشتىن، كېسەللەر يېتىپ قېلىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ باياشاتلىق ئىزدەپ پۈچەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن مال-مۈلكۈمگە ھارام، شۈبھىلىك ئىشلاردىن، ئاپەتلەردىن سالامەتلىك تىلەيمەن. «نوقسانلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمدىن خاتىرجەم قىلغىن» يەنى: ھايا قىلىنىشقا تىگىشلىك ھەر بىر گۇناھ ۋە ئەيىپلەر كۆرۈنسە ياپقىن ۋە مېنى قورقىتىدىغان خەۋىپتىن خاتىرجەم ۋە سالامەت قىلغىن. «مېنى ئالدى-ئارقامدىن، ئوڭ-سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستۈمدىن قوغدىغىن» يەنى: ماڭا ھەر قانداق ئورۇندىن يامانلىق يەتمەسلىكى ئۈچۈن ئالتە تەرەپتىن كېلىدىغان بالانى مەندىن توسقىن. «بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەست قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى: بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ئاستى تەرىپىمدىن مەخپى سۈيقەسىت قىلىنىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئەي ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام لەپزى قىسقا، كۆپ مەنالارنى ئۆز ئېچىگە ئالغان دۇئالارنى كۆپ قىلاتتى. ئۇ دۇئالاردىن: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» بۇ دۇئا دۇنيانىڭ ياخشىلىقلىرىدىن بولغان: ھالال كەڭرى رىزىق، سالىھە ئايال، كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغان، راھەتلىنىدىغان پەرزەنت، مەنپەئەتلىك ئىلىم، ياخشى ئەمەل قاتارلىق دۇرۇس بولغان ۋە ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن: قەبىردىكى، قىيامەت مەيدانىدىكى ۋە دوزاختىكى ئازاپلاردىن سالامەت قىلىش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش، دائىملىق نېمەتلەر بىلەن ئۇتۇق قازىنىش، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان مېھرىبان ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش قاتارلىقلاردۇر.
شەدداد بىن ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىستىغپارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى:«ئەي ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىم، سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق مەئبۇد يوق، سەن مېنى يوقتىن بار قىلدىڭ، مەن سېنىڭ قۇلۇڭ، مەن ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە، ئەھدەمگە كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئەمەل قىلىمەن، قىلغان ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېمىتىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھ-خاتالىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن باشقا ھېچ كىشى مەغپىرەت قىلالمايدۇ» دېيىشتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىستىغپارنى كۈندۈزدە چىن دىلى بىلەن ئىشىنىپ دەپ شۈ كۈنى كەچ كېرىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى، جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ. بۇ ئىستىغپارنى كېچىدە چىن دىلى بىلەن ئىشىنىپ دەپ شۈ كېچىسى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ».
بۇخارى رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىستىغپارنىڭ شەكىللىرىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە كاتتىسىنىڭ مۇنداق دېيىش بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ: « ئەي ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىم، سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق مەئبۇد يوق، سەن مېنى يوقتىن بار قىلدىڭ، مەن سېنىڭ قۇلۇڭ، مەن ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە، ئەھدەمگە كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئەمەل قىلىمەن، قىلغان ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېمىتىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھ-خاتالىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن باشقا ھېچ كىشى مەغپىرەت قىلالمايدۇ» ئالدى بىلەن بەندە ئاللاھنىڭ بىرلىكى يەككە-يىگانە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھېچ قانداق شېرىكى يوق، ھەق مەبۇد ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بەرگەن ۋەدىسىگە كۈچىنىڭ يېتىشچە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، چۈنكى بەندە تائەت-ئىبادەتلەرنى ھەر قانچە كۆپ ئادا قىلسىمۇ ئاللاھ تائالا بۇيرىغاننىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئادا قىلىشقا ۋە نېمەتلەردىن شۈكۈر ئېيتىش ۋاجىپ بولغان ھەممە پەرز، ۋاجىپلارنى تولۇق ئادا قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ، ئۇ كىشى ئاللاھقا يېلىنىدۇ، يالۋۇرىدۇ، ئاللاھ بىلەن كۈچلىنىدۇ، ئۆزى قىلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيدۇ. بەندە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرىنى بىلىدۇ ۋە ئېتىراپ قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ خاتالىقى ۋە گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا قىلىنغان مۇشۇ ۋاسىتىدىن كېيىن، رەببىگە دۇئا قىلىپ، ئۆزىنى مەغپىرەت قىلىشنى، خاتالىقلىرىنى يېپىشنى، ئۆزىنىڭ پەزلى، رەھمىتى ۋە ئەپۇچانلىقى بىلەن خاتالىقنىڭ جازاسىدىن ساقلىشىنى سورايدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئىستىغپار دۇئاسىنىڭ ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك زىكىرلەردىن ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بۇ ئىستىغپار دۇئاسىنى چىن دىلىدىن مەنالىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئىشىنىپ، كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە دېسە، يەنى كۈن چىققاندىن تاكى كۈن پاتقۇچە بولغان ئارىلىقتا دېسە-بۇ كۈندۈز ۋاقتى ھېساپلىنىدۇ- شۇ ئارىدا ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ. كىمىكى بۇ ئىستىغپارنى كېچىدە دەپ، ئۇ ۋاقىت: كۈن پاتقاندىن باشلاپ تاڭ يورىغىچە بولغان ئارىلىق، تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولسا جەننەتكە كېرىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «قانداق بىر كىشىگە رەيھان گۈلى سوۋغا قىلىنسا، ئۇنى قايتۇرىۋەتمىسۇن، چۈنكى ئۇ كۆتۈرۈشكە يەڭگىل، پۇرىقى خۇشبۇيدۇر»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمگە خۇشپۇراق نەرسە سوۋغا قىلىنسا، ئۇنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇنى كۆتۈرۈشتە قىيىنچىلىق يوق، شۇنداقلا ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇيدۇر
جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى زۇلۇم قىيامەت قاراڭغۇلىقىدۇر، بىخىللىقتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى بىخىللىق سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغان. شۇنداقلا بىخىللىق ئۇلارنى قانلىرىنى توكۈشكە، ئار-نومۇسىنى دەپسەندە قىلىشقا ئېلىپ باردى
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇممىتىنى زۇلۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، زۇلۇم: كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش، ئۆزىگە زۇلۇم قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ھەققىگە زۇلۇم قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. زۇلۇم دېگەن: ھەر بىر ھەق ئىگىسىگە ئۆز ھەققىنى بېرىشنى رەت قىلىشتۇر، زۇلۇم دېگەن قىيانەت كۈنىدە زۇلۇم قىلغۇچىغا قاتتىقچىلىق ۋە دەھشەت ئېلىپ كېلىدىغان قاراڭغۇلۇقتىن ئىبارەتتۇر. مالغا بەك ھېرىسمەن بولۇپ بېخىللىق قىلىشتىن چەكلىدى، بۇنىڭدىن دۇنيادىكى مالىيە ھەق-ھوقۇقنى تولۇق ئادا قىلماي، دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ تۈردىكى زۇلۇملار بىزدىن ئىلگىىرىكى مىللەتلەرنى ھالاك قىلغان بولۇپ، ئۇلار زۇلۇم سەۋەپلىك بىر-بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى ھالال دەپ قارايدىغان دەرىجىگە يۈزلەنگەن.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: باشقىلارغا تائام بېرىشىڭىز، سىز تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام قىلىشىڭىز، دەپ جاۋاب بەرگەن
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلامدىكى ئەڭ ئەۋزەل خىسلەتلەر قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى خىسلەتنى زىكىر قىلدى: بىرىنچىسى: كەمبەغەللەرگە كۆپ يېمەكلىك بېرىش، سەدىقە، ھەدىيە، زىياپەت ۋە توي قاتارلىقلارمۇ يېمەك بېرىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر، بولۇپمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن، مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن ۋاقىتلاردا يېمەك بېرىش ياخشىدۇر. ئىككىنچىسى: تونىغان ياكى تونىمىغان ھەرقانداق بىر مۇسۇلمانغا سالام بېرىش.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ئىخچام، مەزمۇنى مول دۇئالارنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ باشقىلىرىنى تاشلايتى
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۇئا قىلغاندا ئومومى، مول مەزمۇنلۇق دۇئانى تاللايتى، شۇنىڭدەك ئۆزى ئىخچام، مەنىسى كۆپ دۇئانى تاللايتتى، بۇ ھەر قانداق ئەھۋالدا ئەمەس، رىۋايەتچى ئۆزى بىلگىنىنى يەتكۈزگەن، تەپسىلى ۋە ئۇزۇن باشقا دۇئالارنى قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىندى، ئىككىلىسى شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان