Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way






























Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
ئىمانى مۇكەممەل بىر مۆئمىن ئۆزىگە نېمىنى ياخشى كۆرسە قېرىندىشىغىمۇ شۇنى ياخشى كۆرۈشى لازىم. بۇ ياخشى كۆرۈش قېرىندىشىغا پايدىلىق بولىدىغان بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىشى كېرەك. مەيلى ئۇ دىنى جەھەتتىن ياكى دۇنيالىقتا بولسۇن، نەسىھەت، توغرا يولغا يىتەكلەش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا قېرىندىشىنى يىتەكلىشى، ئۆزى ئۆچ كۆرىدىغان زىيانلىق، ئەيىپ سانىلىدىغان ئىشلاردىن قېرىندىشىنى يىراقلاشتۇرۇشى لازىم
بۇ ھەدىس شەرىپ بىزگە تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۇرىدۇ: كىمىكى مۇسۇلماندىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتىرىۋەتسە ياكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بىر كىشنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە ياكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيبىنى ياپسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ تۈرىدىن مۇكاپات بىرىدۇ. بىر كىشى مۇسۇلمان قېرىندىشىغا قىيىن ئشلاردا ياردەم بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىسىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىققا مۇۋەپپەقىيەت قىلىدۇ، كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يول يۈرسە، زىكىر-تەسبىھ سورۇنلىرىغا بارسا، ئىلمىگە ئەمەل قىلىدىغان يىتىشكەن ئالىملارنىڭ دەرس سورۇنلىرىغا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن بارسا، بۇ ھەقتە مەنىۋى يوللارنىمۇ باسسا، خۇددى مۇزاكىرە قىلىش، قىرائەت قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، ۋە پايدىلىق ئىلىملارغا مۇيەسسەر بولغاندا بۇ ھەقتە ئويلىنىشتەك، يەنى بۇ قەدەملەرنى ياخشى نىيەت ۋە ئىخلاس بىلەن باسسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئىلىمگە يەتكۈزىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىر ئۆيگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۆز-ئارا ئۈگۈنۈش ئۈچۈن يىغىلغان كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا خاتىرجەملىكنى، كەڭ رەھمىتىنى بىرىدۇ ۋە مالائىكىلەرنىڭ شۇلار بىلەن سورۇنداش بولۇش، ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈك ماقامىدا ماختاش شەرىپىنى بىرىدۇ. ئاخىرەتتىكى شەرەپ؛ ئىنساننىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىش ۋە نەسىبى بىلەن بولماستىن بەلكى ئەمەل ۋە ئىبادەتلەر بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچبىر تاماقنى ئەيىپلىمەيتتى، كۆڭلى تارتسا يەيتتى، بولمىسا ئەيىپلىمەي قويۇپ قوياتتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىدە مۇئمىننىڭ مىيزانىدا سۆز-ھەرىكەتلەردىن گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر بىر نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. گۈزەل ئەخلاق دېگەن: باشقىلارغا ئوچۇق چېراي بولۇش، ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىدىكى ناچارلىق ۋە قەبىھ سۆزلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ.
راۋىنىڭ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى قول ئېلىشىپ كۆرۈشەمتى؟دېگەن سۆزى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن دوستلۇقنى زىيادە قىلىش، ۋە بىر-بىرىنى ھۆرمەت قېلىش ئۈچۈن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەمتى؟دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، كۆرۈشۈش ئوڭ قول بىلەن بولىدۇ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە ئۇلار ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەپۇ قېلىنىدۇ، بۇ ئۇچراشقان ۋاقىتتا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنداق قېلىش ئۇچرىشىپ ئۆز-ئارا سۆزلىشىپ ياكى بىرگە تۇرغاندا بولىدۇ، ئەمما بازارلاردا ئۇچراشقاندا ساھابىلەر ئۇنداق كۆرۈشمەيتتى، سالام قىلىپلا كېتىۋەرسەڭ بولىدۇ
ھەدىستە «بىخىل» دەپ كەلگەن بۇ سۆز، ھەقىقى بىخىل؛ مېنىڭ ئىسمىم قۇلاق تۈۋىدە تىلغا ئېلىنسىمۇ ماڭا دۇرۇت سالام يوللىمىغان كىشى دېگەن مەنىدە. چۈنكى ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللاشتەك بىر مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلمىغان بىخىلدۇر. يەنە ئۇ ئۆزىگىمۇ بىخىللىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھقا بىر قېتىم دۇرۇت يوللاش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىگە چۈشىدىغان 10 رەھمىتىنى توسۇپ قالغان بولىدۇ. بۇ بىر كىشىگە ئوخشاشكى، خەيرى-ساخاۋەتنى ياخشى كۆرمەيدىغان، يەنى رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت يوللىماسلىقنى، ياخشىلىق يوللىرىدا پۇل-مال چىقىم قىلمايدىغان بېخىل ئادەمگە ئوخشاتقان
ئىنسان قانداق بىر تاماق يېگەندە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىشى كېرەك.«ماڭا بۇ يېمەكنى بەرگەن، مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىمسىز بۇ يېمەكلەر بىلەن مېنى رىزىقلاندۇرغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن». بۇ سۆز يىمەك-ئىچمەكنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى كۈچلۈك ئادەم ئۆزىنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئوزۇققا ئېرشىدۇ، بەزى ئاجىز كىشىلەر ھىلە ئارقىلىق ئوزۇققا ئېرشىدۇ. رەسۇلۇللاھ يۇقىرىقى سۆزى بىلەن رىزقىنىڭ قولغا كېلىشى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى مەرھەمىتى بىلەن بولىدۇ، باشقا مەخلۇقلارنىڭ ئۇنىڭغا تەسىرى بولمايدۇ، دېگەنگە ئىشارەت قىلغان
ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىن ئىككى نېمەت بولۇپ كۆپ كىشىلەر بۇ نېمەتنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدۇ، بۇنىڭدا قاتتىق زىيان تارتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تەننىڭ ساقلىقى ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنساننىڭ تائەت-ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈنمۇ سالامەتلىكى ياخشى ۋە يېتەرلىك ۋاقتى بولىشى كېرەك. بەزى كىشىلەرنىڭ ۋاقتى بولىدۇ لېكىن سالامەتلىكى ياخشى بولمايدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولسىمۇ ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ۋاقتى يەتمەيدۇ، ئەمما سالامەتلىكى ياخشى ھەم يېتەرلىك ۋاقتىمۇ بولۇپ ھورۇنلۇق قىلىپ تائەت-ئىبادەت قىلمىغان كىشى ئۆزىنىڭ ئىشلىرىدا زور زىيان تارتقۇچىدۇر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ناۋادا سىلەر گۇناھ قىلمىساڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا سىلەرنى كەتكۈزۈپ، گۇناھىدىن كىيىن گۇناھلىرى مەغپىرەت بولۇش ئۈچۈن چىن نىيەت ۋە ئىشەنچىلىك قەلب بىلەن مەغپىرەت تىلەيدىغان قەۋمنى كەلتۈرگەن بولاتتى