





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداق بىر قەۋم بىرەر سورۇندىن ئاللاھنى ئەسلىمەي تۇرۇپ كەتسە، خۇددى ئېشەكنىڭ تاپىنىڭ ئۈستىدىن تۇرۇپ كەتكەندەك بولىدۇ، ئۇ سورۇن ئۇلار ئۈچۈن ھەسىرەت بولىدۇ»
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ھەرقانداق بىر جامائەت بىرەر سورۇندا ئولتۇرسا، ئۇلار ئۇ سورۇندا ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلماي تۇرۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى خۇددى ئەڭ سېسىق ۋە پاسكىنا بولغان ئېشەكنىڭ تاپىنى زىياپەت قىلغان دەستۇرخاندا ئولتۇرغان كىشىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. سورۇندىن ئاللاھنى زىكىر قىلماي ئورنىدىن تۇرغانلار خۇددى مۇشۇنداق ئېشەك تاپى قويۇلغان سورۇندىن تۇرۇپ كەتكەن كىشىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. بۇ ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا سەل قارىغاننىڭ مىسالى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىنى سەل قاراپ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان ئىشلارغا زايە قىلىۋەتكەنلىكلىرىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئۆزلىرىنىڭ سورۇنلىرىنى تائەت-ئىبادەت ۋە زىكىر-سۆھبەت سورۇنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشى كېرەك، سېسىق ۋە پاسكىنا نەرسىلەردىن يىراق بولغاندەك پايدىسىز سورۇنلاردىن يىراق بولىشى كېرەك، ئىنسان ئۆزىنىڭ ۋاقتىغا مەسئۇل بولىشى لازىم، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ۋاقتىدىن ھېساب بېرىدۇ، ئەگەر ياخشىلىقتا ئۆتكۈزگەن بولسا ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئەگەر يامانلىقتا ئۆتكۈزگەن بولسا ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن مەدىنىدىكى قارا تاشلىقتا كېتىۋاتاتتىم، بىزگە ئوھۇد تېغى كۆرۈندى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئەبۇ زەر! دېدى، مەن: خوش ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ مۇشۇ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا ئۈچ كۈن ئىچىدە مەندە ئۇ ئالتۇندىن بىر دىنار ئېشىپ قېلىشى مېنى خۇرسەن قىلمايدۇ، پەقەت قەرز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىم بۇنىڭ سىرتىدا، مېنى خوشال قىلىدىغىنى، شۇنداق دەيمەنكى، ئوھۇد تېغى مېنىڭ بولۇپ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، مۇشۇنداق بەرسەم» دەپ ئۆزىنىڭ ئوڭ، سول ۋە كەينى تەرەپلىرىگە ئىشارەت قىلدى. ئازراق مېڭىپ: «ماللىرى كۆپ بولغانلىرى قىيامەت كۈنى نەرسىسى ئاز بولغۇچىلاردۇر، لېكىن ماللىرىنى مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، ئوڭدىن، سولدىن، كەينىدىن خىراجەت قىلغان كىشىلەر ئۇنداق ئەمەس، ئۇنداقلار ئازدۇر» دېدى. ئاندىن ماڭا: مەن كەلگىچە جايىڭدىن مىدىرلىما، دەپ قويۇپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدا مېڭىپ يوقاپ كەتتى، ئاندىن مەن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىرەرسىدىن خەتەر يېتىپ قىلىشىدىن قورقۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشنى ئويلىدىم، بىراق مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: مەن كەلگىچە مىدىرلىما دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ تاكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قايتىپ كەلگىچە مىدىرلىمىدىم، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كەتكەنلىكىمنى دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ دېدى، مەن: ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ: سېنىڭ ئۈممىتىڭدىن بىرەر كىشى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيلا ئۆلسە، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ، دېدى. مەن: ئەگەر ئوغرلىق ۋە زىنا قىلسىچۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: زىنا قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق قىلسىمۇ ھەقىقى تەۋبە قىلسا، دېدى.
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇپ مەدىنىنىڭ قارا تاشلىقىدا بىللە ماڭغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئۇلارغا ئوھۇد تېغى كۆرۈنگەن ۋاقىتتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ مۇشۇ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا ئۈچ كۈن ئىچىدە مەندە ئۇ ئالتۇندىن بىر دىنار ئېشىپ قېلىشى مېنى خۇرسەن قىلمايدۇ، پەقەت قەرز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىم بۇنىڭ سىرتىدا، ئەگەر مېنىڭ ساپ ئالتۇندىن ئوھۇد تېغى مىقدارىدا مېلىم بولسا، مەن ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىۋىتەتتىم، ئۇنىڭدىن پەقەت قەرزنى ئادا قىلىشقا يەتكۈدەك مىقداردا بىر نەرسە قويۇپ قوياتتىم، ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىنىڭ مېنىڭ يېنىمدا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تۇرۇپ قىلىشى مېنى خۇرسەن قىلمايتتى. مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ كىشىلەر ئىچىدە دۇنياغا پەقەت بېرىلمەيدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيا توپلاشنى مەقسەت قىلمايتتى، پەقەت قەرزگە بەرگۈدەك نەرسىنى قويۇپ قوياتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىمۇ ئۇنىڭ تۆمۈر كېيىمى ئائىلىسى ئۈچۈن قەرز ئالغان ئارپىنىڭ بەدىلىگە يەھۇدىنىڭ يېنىدا گۆرەگە قويۇلغان ئىدى، ئەگەر دۇنيا ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرۈنگۈچى بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا دۇنيادىن ھېچ نەرسىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن چەكلىمەيتتى، دۇنيا ۋە دۇنيادا ئاللاھنىڭ زىكرى، ئىلىم ئۈگىنىش ۋە ئۈگىتىش ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشقا ئالاقىدار بولغان نەرسىلەردىن باشقا ھەممە نەرسە لەنەت قىلىنغۇچىدۇر، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ماللىرى كۆپ بولغۇچىلار قىيامەت كۈنىدە نەرسىلىرى ئاز بولغۇچىلاردۇر» دېدى، يەنى دۇنيادا كۆپ مالغا ئىگە بولغان كىشىلەر قىيامەت كۈنىدە ياخشى ئەمەللىرى ئاز بولغان كىشىلەردۇر، چۈنكى كۆپ ۋاقىتلاردا دۇنيادا بايلىقى كۆپ بولغان كىشىلەر تەكەببۇرلۇق ۋە ئاتىكاچىلىقتىن ئاللاھنىڭ تائەت-ئىباتىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، چۈنكى دۇنيا ئۇلارنى مەشغۇل قىلىپ قويغان، ئۇلار كۆپ دۇنياغا ئىگە بولسىمۇ ئاخىرەتتە ياخشى ئەمەللىرى ئاز بولىدۇ، لېكىن ماللىرىنى ئاللاھنىڭ يوللىرىدا مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، مۇشۇنداق خىراجەت قىلغۇچىلار ئۇنداقلار ئازدۇر، يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىنى سەرپ قىلغۇچىلار ئازدۇر، ئاندىن مۇنداق دېدى: «كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيلا ئۆلسە، گەرچە زىنا قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق قىلسىمۇ ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ» بۇنىڭدىن ئوغرىلىق قىلىش ۋە زىنا قىلىش ئاسان دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى ئۇ قېيىن ئىش، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىش ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا چوڭ بىلىنىپ: ئوغرىلىق قىلسىمۇ ۋە زىنا قىلسىمۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «زىنا قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق قىلسىمۇ ھەقىقى تەۋبە قىلسا» دېدى، ئاشۇنداق بولىشى، بىر كىشى ئىمان بىلەن دۇنيادىن كەتسە گەرچە ئۇ چوڭ گۇناھلارنى قىلغان بولسىمۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ.» نىسا سۈرىسى 48-ئايەت. ئىمان بىلەن ۋاپات بولغان كىشىنى ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلىدۇ ۋە جازالىمايدۇ، بەزى جازالايدۇ، لېكىن ئاقىۋەتتە بارىدىغان جايى يەنىلا جەننەت بولىدۇ، چۈنكى ھەر قانداق ئادەم ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي، شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ئەمەللەرنى قىلماي ئۆلۈپ كەتسە ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرىقى بارىدىغان جايى جەننەت بولىدۇ، ئەمما كۇپىر قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىپ شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، بۇ ئادەم دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى مۇناپىقلارمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: «سېنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمىز» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنى بەك ئاز ياد ئېتىدۇ، ناماز ئوقۇيدۇ، لېكىن نامازغا تۇرغاندا ھورۇنلۇق بىلەن تۇرىدۇ، ئاشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار دوزاخنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا بولىدۇ. بۇ ھەدىس دۇنياغا بېرىلمەسلىككە دالالەت قىلىدۇ، ئىنساننىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دۇنياغا بېرىلىشى توغرا بولمايدۇ، دۇنيا قەلبىدە بولماستىن پەقەت قولىدا بولىشى كېرەك. قەلبى بىلەن ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىشى لازىم. مانا بۇ دۇنياغا بېرىلمەسلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسى، بۇنىڭدىن دۇنيادىن ھېچ نەرسىگە كۆز سالماڭ دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى دۇنيادىن ھالال بولغان نەرسىنى ئېلىش ۋە دۇنيادىن بولغان نەسىۋىسىنىمۇ ئۇنتۇماسلىق لېكىن دۇنيانى قەلبىگە ئالاقىدار قىلىۋالماستىن پەقەت قولىدا تۇتۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھنى ئەسلەيدىغان كىشى بىلەن ئەسلىمەيدىغان كىشى ئۆلۈك بىلەن تىرىككە ئوخشاش» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ ئەسلەپ تۇرىلىدىغان ئۆي بىلەن ئاللاھ ئەسلەنمەيدىغان ئۆي ئۆلۈك بىلەن تىرىكنىڭ مىسالىغا ئوخشاش» دېيىلگەن»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھنى ئەسلەيدىغان كىشىنىڭ دىلىنى ئاللاھ ئەسلەش ئارقىلىق ياشنىتىپ، قەلبىنى ئېچىۋېتىدۇ، ئۇ ئاللاھنى كۆپ ئەسلەشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ھايات كىشىگە ئوخشايدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاللاھنى كۆپ ئەسلىمەيدىغان كىشى مەۋجۇدىيىتى بولمىغان مېيىتكە ئوخشايدۇ، گەرچە ئۇنىڭ بەدىنى ھايات بولسىمۇ ئۇنىڭ قەلبى ئۆلگەندۇر. ئىنسانلار بۇ مىسالدىن ئىبرەت ئېلىشى ۋە ئاللاھنى ئەسلەشتىن غاپىل بولغانسىرى قەلبى قاتتىقلىشىپ، ھەتتا ئۆلۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلىدۇ» ئەنئام سۈرىسى 12-ئايەت
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى، بىز ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن مېنىڭدىن كىيىن قالغىنىڭلاردا، دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ۋە زىننەتلىرىنىڭ سىلەرگە يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۈممىتىگە دۇنيانىڭ گۈزەللىكلىرى ۋە زىننەتلىرىنىڭ يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرىدى. بۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە كۆيۈنگىنى ۋە مېھرىبانلىق قىلغانلىقىدىندۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ۋە زىننەتلىرى يۈزلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھىدايەتتىن، ئۇتۇق قازىنىشتىن ۋە نىجاتلىق يولىدىن ئېزىپ كېتىپ، تۇيۇقسىز ئۆلۈم بىلەن تەۋبەسىز دۇنيادىن كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرگەنلىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق ھالەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزۈرىسىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھ يولىدا جۇپ-جۇپى بىلەن نەرسە سەرپ قىلسا، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن: ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! بۇ ئىشىك ياخشىدۇر دەپ چاقىرىلىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ناماز ئەھلى بولسا ناماز ئىشىكىدىن، جىھاد ئەھلى بولسا جىھاد ئىشىكىدىن، روزا ئەھلى بولسا رەييان ئىشىكىدىن، سەدىقە ئەھلى بولسا سەدىقە ئىشىكىدىن چاقىرلىدۇ» دېدى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىرەر كىشىنىڭ ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ بىرەرىدىن چاقىرىلىشىنىڭ نېمە زۆرۈرىيتى؟ بىر ئادەم ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرىلامدۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھە-ئە چاقىرىلىدۇ، مەن سېنىڭ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانكىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ ئۆزى ئىگە بولغان يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، قاتناش ۋاستىلىرى(ئۇلاغ)ۋە نەخ پۇل قاتارلىق نەرسىلەردىن جۈپ-جۈپى بىلەن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلسا، پەرىشتىلەر ئۇ كىشىنىڭ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن ئۇ كىشىنى چاقىرىپ: ھاياتىڭدا كۆپ ياخشىلىق قىلدىڭ، بۈگۈن ئۇ ياخشىلىقىڭغا ئاساسەن كاتتا ساۋاپقا ئېرىشىسەن دەيدۇ. كۆپ ناماز ئوقۇغۇچىلار ناماز ئىشىكىدىن چاقىرىلىپ ئۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كېرىدۇ، سەدىقىنى كۆپ قىلغۇچىلار سەدىقە ئىشىكىدىن چاقىرىلىپ، ئۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كېرىدۇ، كۆپ روزا تۇتقۇچىلارنى پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ كېرىشى ئۈچۈن تەييارلانغان رەييان ئىشىكىنىڭ ئالدىدا كۈتىۋالىدۇ، رەييان دېگەن ئۇسسۇزلۇققا قېنىش دېگەن بولۇپ، روزا تۇتقۇچىلار سۇ ئېچىشتىن چەكلەنگەنلىكتىن ئۇسساپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ يازنىڭ ئىسسىغىدىكى ئۇزۇن كۈنلەردە چاڭقايدۇ، ئۇلار دۇنيادا ئۇسسۇزلۇققا سەۋىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرى جەننەتكە كېرىدىغان رەييان ئاتلىق ئىشىكتە ئۇسسۇزلۇققا قانىدۇ. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا: ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مۇشۇ ئىشىكلەردىن جەننەتكە كېرگەن كىشىگە كەمچىلىك ۋە زېيان تارتىش بولمايدىغۇ؟!، بىر ئادەم ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرلامدۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەئە چاقىرىلىدۇ، مەن سېنىڭ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ ئۇنىڭغا ياخشى بىشارەت بەرگەن
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېيىتقا ئۈچ نەرسە ئەگىشىدۇ، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى، مېلى ۋە ئەمىلى، ئاندىن ئىككىسى قايتىپ كېتىدۇ ۋە بىرى قالىدۇ، ئەھلى ۋە مېلى قايتىپ كېتىدۇ، ئەمىلى قالىدۇ»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنسان ئۆلگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئۇزاتقۇچىلار ئەگىشىدۇ، ئەھلى ئەگىشىپ قەبرىستانغىچە ئۇزىتىپ بارىدۇ، مېلى ئەگىشىدۇ، يەنى قۇل-خىزمەتچىلىرى ئەگىشىدۇ، قىلغان ئەمەلى ئەگىشىدۇ، ئىككىسى قايتىپ كېتىدۇ، ئەمىلى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قالىدۇ. ئەگەر ياخشىلىق بولسا ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ، يامانلىق بولسا ئاقىۋىتى يامان بولىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇلاغ مىنگۈچى پىيادە ماڭغۇچىغا، پىيادە ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز ئادەملەر كۆپ ئادەملەرگە سالام بېرىدۇ». بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە:«كېچىكلەر چوڭلارغا، ماڭغانلار ئولتۇرغانلارغا، ئاز كىشىلەر كۆپ كىشىلەرگە سالام قىلسۇن» دەپ كەلگەن.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئارىسىدا ئۇچراشقاندا " ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ" دەپ سالام بېرىشنىڭ ئەدەپلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. كېچىك چوڭغا، ئۇلاغلىق پىيادە ماڭغۇچىغا، ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا سالام بېرىدۇ.
سەھل ئىبنى سەئد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنى، ئەگەر ئۇنى قىلسام ئاللاھ تائالا مۇ ۋە كىشىلەرمۇ ياخشى كۆرۈدىغان بىرئەمەلگە باشلاپ قويسىلا، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: دۇنياغا ھېرىسمەن بولمىساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئەپۇچان ۋە كەڭ قورساق بولساڭ، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا ئۆزىنى ئەگەر ئۇنى قىلسا، ئاللاھ تائالا مۇ ۋە كىشىلەرمۇ ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئاللاھ تائالانىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىگە سەۋەبچى بولىدىغان بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىپ دېدىكى: دۇنيادىن يىراق تۇرغىن! يەنى: ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭگە ئېھتىياجىڭ بولمىغىنىنى ئىزدىمىگىن، بەلكى زىيادىسىنى ۋە ئاخىرەتتە پايدىسى بولمايدىغىنىنى تەرك ئەتكىن! دىنىڭغا زىيىنى بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئىشتىن ئۆزۈڭنى ساقلىغىن! كىشىلەر ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلىشىۋاتقان دۇنيادىن يىراق تۇرغىن. ئەگەر سەن بىلەن كىشىلەرنىڭ بىرەرسىنىڭ ئارىسىدا ھەق - ھوقۇق ئۆتۈپ قالسا، سەن ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ۋە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مەھبۇب بولۇشۇڭ ئۈچۈن، خۇددى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك بولغىن، ئۇ بولسىمۇ: بىر نەرسە ساتقاندا كەڭ قوساق بولغان، ياكى سېتىۋالغاندا كەڭ قوساق بولغان، قەرز سورالغاندا كەڭ قوساق بولغان، قەرزنى تۇتقاندا كەڭ قوساق بولغان كىشىگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ھەسەد قىلىشماڭلار، يالغان خېرىدار بولىۋامماڭلار، بىربىرىڭلارنى يامان كۆرۈشمەڭلار، ئاداۋەت قىلىشماڭلار، سودىنى بۇزۇپ بىر نەرسە ساتماڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بولۇڭلار. مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ، خورلىمايدۇ، يالغان ئېيىتمايدۇ، كەمسىتمەيدۇ. تەقۋادارلىق بۇ يەردە دەپ ئۈچ قېتىم كۆكرىكىگە ئىشارەت قىلدى. مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىنى كەمسىتىشى، قېنى ۋە يۈز-ئابرۇيىنى تۆكۈشى، مېلىنى ئېلىۋىلىش قاتارلىق ئىشلار يىتەرلىك گۇناھدۇر
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلار توپىنى ئۇلاردا بولۇشقا تىگىشلىك سۈپەتلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ: ئۆز-ئارا دوستانە، ئېناق-ئىتتىپاق، گۈزەل ئەخلاققا يىتەكلەيدىغان ۋە شەرىئەت كۆرسەتكەن ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغان، ناچار ئىللەتلەردىن يىراق تۇرىدىغان، قەلىبلەردىن ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت، ھەسەد، ئالدامچىلىق زۇلۇم قىلىش قاتارلىق يامان ئىللەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى. يۇقىرىقى ناچار ئىللەتلەر مۇسۇلمانلار ئارىسىنى بۆلۈش ۋە ئاغرىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. مۇسۇلمانغا ئازار بىرىش ھارامدۇر. مەيلى ئىقتىسادى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى مۇئامىلە، قول ۋە تىل ئارقىلىق بولسۇن ھەممىسى ھارامدۇر. مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېنى، پۇل-مېلى ۋە ئىززەت-ئابرۇيىغا چېقىلىشى ھارامدۇر. ھەقىقى شەرەپ ۋە ھۆرمەت تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ