





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ياخشى چۈش «يەنە بىر ئىبارىدە گۈزەل چۈش دەپ كەلگەن» ئاللاھ تائالا تەرەپتىن، يامان چۈش شەيتاندىن بولىدۇ. كىمكى يامان چۈش كۆرۈپ قالسا، سول تەرىپىگە تۈكۈرۈۋەتسۇن. ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىسۇن. شۇندىلا، يامان چۈش ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: كىمىكى يامان چۈش كۆرۈپ قالسا سول تەرپىگە ئۈچ قېتىم تۈكۈرىۋەتسۇن ۋە ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىسۇن، ئاندىن ياتقان يېنىدىن يەنە بىر يانغا ئۆرۈلۈپ ياتسۇن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە شۇنى بايان قىلغان. شەيتاننىڭ تەسىرىدىن ۋە زىيانكەشلىكىدىن خالى بولغان ۋە يىراق بولغان ساغلام چۈش بولسا، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىگە قىلغان نېمەتلىرىدىن بولۇپ، مۆمىن بەندىلىرىگە خۇش بىشارەت، غەپلەتتە قالغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، ئازغانلارغا ئەسلەتمىدىن ئىبارەتتۇر. الحلم: دېگەن قالايمىقان كۆرگەن چۈشلەر، ئۇ ئىنساننىڭ رۇھىغا شەيتاننىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى، قالايمىقانلاشتۇرشى، ئۇنى قورقۇتۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، غەم-قايغۇ ۋە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. چۈنكى شەيتان ئىنساننىڭ قايغۇرۇشىنى، بەخىتسىزلىكىنى ياخشى كۆرىدىغان دۈشمىنىدۇر. ئىنسان بىئارام بولىدىغان، قورقۇيدىغان، قايغۇرىدىغان چۈشلەرنى كۆرسە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى يوقىتىدىغان، زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىدىغان سەۋەب ئامىللارنى قىلىشى كېرەك. ھەدىستە تۆۋەندىكىلەرنى تەلىم بەرگەن. 1-سول تەرىپىگە ئۈچ قېتىم تۈكۈرۈش. 2- قوغلاندى قىلىنغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ ئۈچ قېتىم پاناھ تىلەش. 3- ئەگەر سول تەرەپنى بېسىپ ياتقان بولسا ئوڭ تەرەپكە، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتقان بولسا سول تەرەپكە ئۆرۈلۈپ يېتىش كېرەك. رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ۋە قوللانغان سەۋەبلەرگە ئىشەنگەن ھالدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى قىلسا، ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ چۈشى ئۇنىڭغا زىيان كەلتۈرەلمەيدۇ
ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! نىجاتلىقنىڭ يولى قايسى؟» دەپ سورىسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تىلىڭنى يىغ، ئائىلەڭنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىل، خاتالىقىڭغا يىغلىغىن» دېدى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاخىرەتتە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق سورىدى، بۇ، ئاخىرەت ئىشلىرىغا ھېرىسمەن ھەر بىر مۇسۇلنىڭ غايىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «تىلىڭنى يىغ» دەپ تىلىنى باشقۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى، چۈنكى تىلنىڭ خەتىرى زور ۋە زېيىنى كۆپ بولىدۇ، مۇسۇلمان تىلىنى باشقۇرىشى، ئاخىرەتلىكىگە پايدىسى بولمىسا سۈكۈتنى تاللىشى كېرەك. «ئائىلەڭنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىل» يەنى: ئىنسان زۆرۈر ئىشى بولمىسا سىرتلارغا كۆپ چىقماسلىقى، ئۆيدە ئولتۇرۇشتىن زېرىكمەسلىكى، بەلكى ئۆيدە تۈرۈشنى يامانلىق ۋە پىتنىدىن ساقلىنىشنىڭ پۇرسىتى قىلىشى كېرەك. «خاتالىقىڭغا يېغلىغىن» يەنى: خاتالىقىڭغا پۇشايمان قىلىپ راس يىغلا، بولمىسا زورلاپ بولسىمۇ يىغلا، سەندىن سادىر بولغان گۇناھ ئۈچۈن ئاللاھقا توۋە قىل، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر سەھرالىق كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مېنى ئەمەل قىلسام جەننەتكە كېرىشىمگە سەۋەپ بولىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويسىلا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىلغىن، پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلغىن، ماللىرىڭنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلغىن، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتقىن» دېدى، ئۇ كىشى: مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! بۇنىڭدىن ئارتۇق قىلمايمەن دەپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشىگە قاراپ خۇرسەن بولۇشنى خالايدىغان كىشى بۇ كىشىگە قارىسۇن»دېدى.
بىرلىككە كەلگەنسەھرالىق بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ جەننەتكە كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان بىر ئىشقا يېتەكلەپ قويۇشنى سورىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە جاۋاپ بېرىپ: جەننەتكە كېرىش ۋە دوزاختىن قۇرتۇلۇش: ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن يەككە-يىگانە دەپ ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئىسلام ئاساسلىرىنى ئادا قىلىشقا توختىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئاللاھ تائالا بەندىسىگە بىر كېچە-كۈندۈزدە ئادا قىلىشنى پەرز قىلغان بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇش. ئاللاھ تائالا مېلىڭىزدىن ئادا قىلىشقا بۇيرىغان زاكاتنى ھەقلىق بولغانلارغا تولۇق بېرىش. رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى ۋاقتىدا تولۇق تۇتۇش. ئۇ كىشى: مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! مەن سىلىدىن ئاڭلىغان پەرز قىلىنغان ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى زىيادە قىلمايمەن ۋە ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتمەيمەن دېدى. ئۇ كىشى كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشىگە قاراش بىلەن خۇرسەن بولىدىغان كىشى بۇ سەھرالىق كىشىگە قارىسۇن»دېدى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مُفرِِدُونَ» لار ئىلگىرىلەپ كەتتى دېگەن ئىدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار كىمۇ؟ دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنى دائىم زىكىر قىلىپ تۇرغۇچى ئەر-ئاياللار» دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكۈچى ئەر-ئاياللار ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن كۆپ مەشغۇل بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەجىر-ساۋابتا باشقىلاردىن ئالاھىدە بولدى، ئۇلار باشقىلاردىن كۆپ ئەمەل قىلدى، ياخشىلىققا باشقىلاردىن بەك ئىلگىرىلىدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى»، يەنى: ئۇلار كۆپ ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ پەرز نامازلاردىن كىيىن ۋە ئەتتىگەن-كەچتىكى زىكىرغا خاس بولغان ۋاقىتلاردا ئاللاھنى ياد ئەتكۈچىلەردۇر
ئىبنى ئابباس رەزىيەللەھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى: «دوزاخنىڭ ئوتى تەگمەيدىغان ئىككى كۆز بار، بىرى ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كۆز، يەنە بىرى ئاللاھنىڭ يولىدا قاراۋۇللۇق قىلغان كۆز»
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھدىن قورقۇپ يىغلىغان كۆزگە دوزاخ ئوتى تەگمەيدۇ، ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقى، بەندىلىرىگە بولغان قۇدرىتىنى ئەسلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ھالىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقىنى ئەسلەپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇنىڭ ئازابى ۋە غەزىپىدىن قورقۇپ يىغلايدۇ، بۇ دوزاخ ئوتىدىن قۇتۇلىشى ۋەدە قىلىنغان كۆزدۇر. دوزاخ ئوتى تەگمەيدىغان يەنە بىر كۆز: ئۇ چېگرادا ۋە ئۇرۇش رايۇنلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئاللاھ يولىدا كۈزەتچىلىك قىلىپ ئۇخلىمىغان كۆزدۇر، «دوزاخ ئوتى يەتمەيدىغان ئىككى كۆز» دېگەن سۆزدىن بىر نەرسىنىڭ بىر قىسمىنى سۆزلەپ ھەممىسىنى مەقسەت قىلىش دېگەنلىكتۇر، بۇنىڭدىن مەقسەت: كىمكى ئاللاھدىن قورقۇپ يىغلىسا ۋە ئاللاھ يولىدا ئۇخلىماي كۈزەتچىلىك قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بەدىنىنى دوزاخقا ھارام قىلىدۇ
ھەزرىتى كەئب ئىبنى ئىيازدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھەر بىر ئۈممەتنىڭ پىتنىسى بولىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيادۇر»
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەزرىتى كەئب ئىبنى ئىياز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھەر بىر ئۈممەتنىڭ پىتنىسى بولىدۇ» يەنى ئادەمنى ئازدۇرۇپ، گۇناھ قىلىشقا سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەر. «ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيا» چۈنكى ئۇ ئارزۇ-ئارماننىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مال-دۇنيا بىلەن بولۇپ كېتىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن توسۇپ قويىدۇ ۋە ئاخىرەتنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىرىدىن باشقا ھەممىىسى ئەپۇ قىلىندۇ. گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلىش دېگەن: بىر ئادەم كېچە خاتا ئىشنى قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ ئىشنى ئاشكارا قىلمىغان، ياپقان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن: ھەي پالانى! مەن كېچىدىن مۇنداق، مۇنداق ئىشنى قىلدىم دەپ ئاللاھ تائالانىڭ يوشۇرغان ئىشنى تاڭ ئاتقاندا ئوچۇق باشقىلارغا دەيدۇ».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خاتالىق سادىر قىلغۇچىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى ۋە مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقى، لېكىن خاتالىقنى ئاشكارا قىلغۇچى بولسا، قىلغان ئىشىدىن پەخىرلەنگەنلىكى ۋە يۈزى قىلىنلىقىدىن ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى ۋە مەغپىرەت قىلىشىقا لايىق بولالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى كېچىدە خاتالىق سادىر قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئاشكارا قىلماسلىقى، يۆگىشى بىلەن تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ كېچىدە پالانى ئايال بىلەن ناچار ئىش قىلغانلىقىنى باشقىلارغا پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ يوشۇرىشى، ئورىشى بىلەن تاڭ ئاتقۇزۇپ، كۈندۈزدە ئاللاھنىڭ پەردىسىنى يېرتىپ تاشلايدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر مېنىڭ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا مەن ئۇنىڭدىن قەرىز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىمدىن باشقا بىرەر نەرسىنىڭ يېنىمدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ قېلىشىنى خالىمىغان بولاتتىم»دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان، ھەدىسنىڭ لەپزى بۇخارىغا ئائىتتۇرئەگەر مەن ساپ ئالتۇندىن ئوھۇد تېغىنىڭ مىقدارىدا مال-مۈلۈككە ئېگە بولغان بولسام ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلىپ، ئۈستۈمدىكى قەرزلەرنى تۆلەش ۋە ھەقلەرنى ئادا قىلىشتا ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىدىن باشقىسىنى قالدۇرمىغان بولاتتىم
مۇستەۋرىد ئىبنى شەدداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇنيا ئاخىرەتكە نىسبەتەن، پەقەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ بارمىقىنى دىڭىزغا تىقىپ چىقارغىنىغا ئوخشاشتۇر، ئۇ قاراپ باقسۇن، بارمىقى نېمە بىلەن قايتىدۇ؟»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: سەن ئاخىرەتكە نىسبەتەن دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەكچى بولساڭ، بارمىقىڭنى دېڭىز سۈيىگە چىلاپ ئاندىن ئېلىپ باق، ئاندىن قاراپ باق نېمە بىلەن قايتىدۇ؟ دېڭىز سۈيىگە سېلىشتۇرغاندا ھېچ نەرسە بىلەن قايتمايدۇ، بۇ ئاخىرەتكە نىسبەتەن دۇنيا مۇددىتىنىڭ قىسقا ئىكەنلىكى، لەززىتىنىڭ تېز ئاخىرلىشىدىغانلىقى، ئاخىرەتنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقى، لەززىتىنىڭ ۋە نېمەتلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋام قىلىدىغانلىقى، دۇنيانىڭ خۇددى بارماقنى سۇغا چىلاپ ئالغانچىلىك ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا: «دۇنيا ھاياتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، (پايدىسى) ئاز نەرسىدۇر» [تەۋبە سۈرىسى 38_ئايەت]. دۇنيا نېمەتلىرى ۋە لەززەتلىرىدىن خالايىقلارغا بېرىلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، ئىنساننىڭ ئۇنىڭدىن قىسقا ۋاقىت جاپا-مۇشەققەت، قىيىنچىلىقلار بىلەن نېمەتلىنىشى، مەلۇم ۋاقىت زىننەتلىنىپ باشقىلارغا پەخىرلىنىش، ئاندىن ئۇ نەرسىلەرنىڭ تېزلىكتە يوق بولىشى، ئۇنىڭغا ھەسرەت-نادامەتلەرنىڭ ئەگىشىپ كېلىشى: «سىلەرگە قانداق نەرسە بېرىلمىسۇن، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەڭ ياخشىدۇر، ئەڭ باقىيدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟» مۇشۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى دائىملىق نېمەت، ئېسىل تۇرمۇش، ئالىي قەسىر ۋە خۇرسەنلىك ئۆزىنىڭ ئەسلى سۈپىتى، مىقدارى بويىچە باقىدۇر، ياخشىدۇر ۋە ئەبەدىي داۋام قىلغۇچىدۇر