





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىر چۈشنى كۆرسە، ياخشى چۈش ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بولىدۇ، ئاللاھغا ھەمدۇ-سەنا ئېيتسۇن ۋە بۇ چۈشنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرسۇن. يەنە بىر رىۋايەتتە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىگە سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ياقتۇرمايدىغان چۈشنى كۆرسە ئۇ چۈش شەيتاننىڭ تەرىپىدىن بولىدۇ، شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىسۇن ۋە ئۇ چۈشنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرمىسە، ئۇ كىشىگە ھېچ زىيان يەتمەيدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانمۇسۇلمان چۈشىدە خۇرسەن بولىدىغان چۈشنى كۆرسە، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن بىشارەت بولۇپ، بۇ بېشارەتكە ئاساسەن ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلىسۇن ۋە ماختىسۇن. بۇ چۈشنى ئائىلىسى، خوشنىلىرى ۋە دوستلىرى ئارىسىدىكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغانلارغا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ياقتۇرمايدىغان، قورقۇنۇچلۇق، ناچار چۈشنى كۆرگەن بولسا ياكى ئۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ياقتۇرمىسا بۇ شەيتانى خىيال بولۇپ، بۇنى شەيتان ئۇخلىغان كىشىنى قورقۇتۇش، بىئارام قىلىش ئۈچۈن شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنداق چۈشنى كۆرگەن ۋاقىتتا، شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھغا سىغىنىپ پاناھ تىلىسۇن
سۇھەيب ئىبنى سىنان رۇمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىننىڭ ئىشلىرىدىن ئەجەبلىنىمەن، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى ياخشىلىقتۇر. بۇ ئىش مۆمىندىن باشقىغا مەنسۇپ بولمايدۇ. ئۇنىڭغا خۇرسەنلىك يەتسە ئاللاھغا شۈكرى ئېيتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر خاپىلىق يەتسە بۇنىڭغا سەبرى قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر».
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانمۆمىننىڭ ئىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياخشىلىق يولى بىلەن ئەجەپلەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى مۆمىن ئۆزىنىڭ دۇنيالىق ئىشلىرىدا ياخشىلىق، نىجاتلىق ۋە ئۇتۇقتىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقى، بۇنىڭ پەقەت مۆمىن ئۈچۈنلا بولىدىغانلىقى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىنلەرگە ياخشىلىقنى تەقدىر قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ، ئەگەر ئۇنىڭغا زىيان زەخمەت يەتسە، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا سەۋر قىلىپ ئۇنىڭدىن ئاسانچىلىق تىلىسە، ئاللاھتىن ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىد قىلسا، بۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا دىنى جەھەتتىن ئىلىم-مەرىپەت ۋە ياخشى ئەمەللەر نېمەت قىلىپ بېرىلسە، دۇنيالىق تەرەپتىن مال-دۇنيا، ئەھلى-ئەۋلاد بېرىلسە، ئاللاھغا شۈكۈر ئېيتىپ، تائەت-ئىبادەتنى ئۆلچەملىك ھالدا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ
مېنىڭ قارىشىمدا سىلەرگە مەسىھ دەججالدىنمۇ قورقۇنۇچلۇقراق بىر ئىشنى دەپ بىرەيمۇ؟ دېگەندە، ساھابىلار: دەپ بەرسىلە، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! دىيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ يوشۇرۇن شېرىكتۇر، ناماز ئوقۇغۇچى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە قارىغانلىقىنى كۆرگەندە نامازنى ناھايىتى چىرايلىق ئوقۇيدۇ» دېدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانساھابىلار دەججالنىڭ پىتنىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىپ ئۇنىڭدىن ئەنسىرىشەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ساھابىلەرگە دەججالنىڭ پىتنىسىدىنمۇ بەكرەك قورقىدىغان، ساقلىنىشقا تىگىشلىك بىر ئىش بارلىقىنى، ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئاشكارا بولمايدىغان نىيەت-مەقسەتتىكى يوشۇرۇن شېرىك ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى، ئاندىن ئۇنى: ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئەمەلنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن چىرايلىق قىلىش، دەپ چۈشەندۈردى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمىكى ئىككى قىزنى بالاغەتكە يەتكۈچە بېقىپ، تەربىلىسە قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بۇ ئىككىسىدەك بولىمىز» دەپ بارماقلىرىنى جۈپلەپ كۆرسەتكەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە قىزلارنى ياخشى تەربىيىلەشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلغان، چۈنكى قىزلار ھەر جەھەتتىن ئاجىز، كۆپۈنچە ئائىلىلەر ئۇلارنى تەربىيەلەشكە سەل قارايدۇ ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمىكى ئىككى قىزنى بالاغەتكە يەتكۈچە بېقىپ، تەربىيەلىسە قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بۇ ئىككىسىدەك بولىمىز» دەپ بىگىز بارمىقى بىلەن ئوتتۇر بارماقلىرىنى جۈپلەپ كۆرسەتكەن، يەنى، ئۇ كىشى جەننەتتە رەسۇلۇللاھقا ھەمراھ بولىدىغانلىقى، تەربىيەلەپ باققان قىزلار باللىرى بولسۇن ۋە ياكى سىڭىللىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا قىزلار بولسىمۇ يەنىلا ئۇ ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقىنى رەسۇلۇللاھ ئىككى بارمىقىنى بىر قىلىپ ئۇ كىشىگە خۇش بىشارەت بەرگەن. تەربىيەلەش كۆپۈنچە ماددى ئىھتىياجلىرىنى، كىيىم-كىچەك، يىمەك-ئىچمەك، تۇرىدىغان جاي، يوتقان كۆرپىگە ئوخشاش نەرسىلەرنى تەمىنلەش بىلەن بولغاندەك مەنىۋى ئىھتىياجى بولغان تەلىم-تەربىيە ۋە قائىدە-يۇسۇنل، ياخشى ياماننى بىلدۈرۈش بىلەن بولىدۇ. خۇلاسىلىغاندا قىزلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈگۈتۈش بىلەن بولىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر(ھەقىقى)مۇئمىن بولمىغىچىلىك جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۇچە مۇئمىن بولالمايسىلەر، مەن سىلەرگە ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشىدىغان ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۆزئارا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ياخشى كۆرمىگۈچە، مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمايدىغانلىقى، ئىمان مۇكەممەل بولمايدىغانلىقى ۋە ئىمان مۇكەممەل بولمىسا جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى ئومۇملاشتۇرىدىغان بىر قانچە ياخشى ئىشلارنى كۆرسەتتى، ئۇ ئىشلاردىن بىرى: ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئۈچۈن ھۆرمەت بەلگىسى قىلغان سالامنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزئارا ئاشكارا قىلىشتۇر.
سەلەمەتە بىن ئەكۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا سول قولى بىلەن بىر نەرسە يېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن» دېدى، ئۇ كىشى: قادىر بولالمايمەن ياكى يېيەلمەيمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«قادىر بولالمامسەن-يېيەلمەمسەن؟»دېدى، ئۇ كىشىنى تەكەببۇرلۇق ئوڭ قولى بىلەن يېيىشتىن چەكلەپ قويدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولى بىلەن يېمەك يىيەلمىدى.
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ سول قولى بىلەن بىر نەرسە يېگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇ كىشىنى ئوڭ قولى بىلەن يېيىشكە بۇيرىدى. ئۇ كىشى تەكەببۇرلۇق قىلىپ، يالغان ئېيتىپ: قادىر بولالمايمەن-يېيەلمەيمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ ئوڭ قولى بىلەن يېيىشتىن مەھرۇم قىلىنىشىغا دۇئا قىلدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى، ئۇ كىشى شۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولى بىلەن ھېچ نەرسە يېيەلمىدى.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمىكى ئۆيدىن چىققاندا: "ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان ھالدا چىقىمەن، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچ كۈچ-قۇدرەت يوقتۇر" دېسە، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا: توغرا يولغا يېتەكلەندىڭ، كۇپايە قىلىندىڭ، دۈشمەنلىرىڭنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلاندىڭ دەپ نىدا قىلىنىدۇ ۋە شەيتانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇلىدۇ. ئەبۇ داۋۇد بۇ جۈملىنى زىيادە رىۋايەت قىلغان: شۇ ۋاقىتتا بىر شەيتان يەنە بىرىگە: سەن قانداقمۇ توغرا يولغا يېتەكلەنگەن، كۇپايە قىلىنغان (يەنى ھاجەتلىرى راۋا بولغان) دۈشمەنلىرىنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلانغان بىر كىشىنى ئازدۇرالايسەن، دەيدۇ
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىر ئادەم ئۆيىدىن چىققاندا «باسم الله، توكلت على الله، لا حول ولا قوة إلا بالله» دېسە پەرىشلەردىن بىرى ئۇنى چاقىرىپ: ئى ئابدۇللاھ ھەق يولغا ھىدايەت قىلىندىڭ! ھاجىتىڭ راۋا بولدى، دۈشمەنلىرىڭدىن ساقلاندىڭ، دەيدۇ. ئۇنىڭغا ھەمرا بولغان شەيتان يىراقلىشىدۇ. بۇ شەيتانغا يەنە بىر شەيتان: ھىدايەت قىلىنغان، ھاجىتى راۋا بولغان، بارلىق شەيتان ۋە دۈشمەنلەرنىڭ يامانلىقىدىن ھىمايە قىلىنغان بىر ئادەمنى قانداقمۇ ئازدۇرالايسەن؟ چۈنكى ئۇ ئادەم بۇ سۆزلەرنى دېدى، سەن ئەمدى ئازدۇرالمايسەن، دەيدۇ، دېگەن
ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، مەن ۋىدالىشىش ھەججىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «رەببىڭلار بولغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار، بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىڭلار، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتۇڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىڭلار، رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، رەببىڭلارنىڭ جەننىتىگە كېرىسىلەر».
تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجىريەنىڭ ئونىنچى يىلى ۋېدالىشىش ھەججىدە ئەرەپات كۈنىدە خۇتبە سۆزلىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەجدە كىشىلەر بىلەن ۋېدالاشقانلىقى ئۈچۈن ۋىدالىشىش ھەججى دەپ ئاتالغان. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇپ تەقۋادار بولۇشقا بۇيرىغان. بىر كېچە-كۈندۈزدە ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇش. رامىزان روزىسىنى تۇتۇش. ماللىرىنىڭ زاكىتىنى ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىش، ئۇنىڭدا بېخىللىق قىلماسلىق. ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىنغان كىشىلەرگە ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى قىلغان كىشىلەرنىڭ ئېرىشىدىغان مۇكاپاتى جەننەتكە كېرىش بولىدۇ.
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭىلارنىڭ ياخشىراقى ۋە ئىگەڭلارنىڭ نەزىرىدە پاكراقى، دەرىجەڭلارنى يۇقىرى كۆتىرىدىغانراقى، سىلەر ئۈچۈن ئالتۇن-كۆمۈش خەجلىگەندىنمۇ ياخشىراقى، دۈشمەنلىرىڭلارغا ئۇچرىشىپ سىلەر ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا، ئۇلار سىلەرنىڭ بويۇنلىرىڭلارغا ئۇرغاندىنمۇ ياخشىراق بولغىنىنى دەپ بېرەيمۇ؟» دېدى، ساھابىلار: شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنى ئەسلەش» دېدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭىلارنىڭ ياخشىراقى، ساۋابى كۆپرەكى ۋە رەببىڭلارنىڭ نەزىرىدە پاكراقى، دەرىجەڭلارنى يۇقىرى كۆتىرىدىغانراقى، سىلەر ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئالتۇن-كۈمۈش خەجلىگىنىڭلاردىنمۇ ياخشىراقى، كاپىرلار بىلەن جەڭ مەيدانىدا ئۇچرىشىپ، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن سىلەر ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا، ئۇلار سىلەرنىڭ بويۇنلىرىڭلارغا ئۇرغاندىنمۇ ياخشىراق بولغىنىنى دەپ بىرەيمۇ؟» دېدى، ساھابىلار: «شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنى ئەسلەش» دېدى