





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى: «تىجارەتتە كۆپ قەسەم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى قەسەم تىجارەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ، بىراق بەرىكىتىنى يوقۇتىدۇ»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: تىجارەتتە گەرچە راس بولسىمۇ، كۆپ قەسەم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى قەسەمنى كۆپ قىلىش، يالغانغا چۈشۈپ قېلىشنىڭ مەنبەسى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشىنىڭ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇنى يۈز كويغا سېتىۋالغانتىم دېيىشى گەرچە راس بولسىمۇ، توغرا بولمايدۇ، ئەگەر سەكسەن كويغا سېتىۋالغان نەرسىنى: ئاللاھ بىلەن قەسەم! يۈز كويغا سېتىۋالدىم دېسە، بۇنىڭ جىنايىتى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاشۇ تۈپەيلى تىجارەتتە يالغان قەسەم قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشتىن چەكلىگەن ۋە قەسەم تىجارەتنى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقى، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بەرىكىتىنى يوق قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان كەسىپ بولۇپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىش ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش دېگەنلىكتۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايالى ھەققىدە قىلغان قەسىمىنى ئورۇنلاشقا چىڭ تۇرىۋالغانلىغى، ئاللاھ تائالا ھوزۇرىدا ئاللاھ بەلگىلىگەن كەپارەتنى بېرىپ، ئىچكەن قەسەمنى بۇزغانلىقىدىن يامانراقتۇر»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە ئالاقىدار بولغان بىر قەسەم بىلەن قەسەم قىلغان بولسا، قەسىمىنى بۇزماسلىق بىلەن ئايالىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، قەسىمىدىن قايتىۋېلىش ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمىسا، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ گەردەنكەشلىك قىلىپ قىلغان قەسىمىنى يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى، ئۇ كىشىنىڭ قەسىمىدىن قايتىپ كاپارەت بەرگىنىدىن گۇناھ جەھەتتە ئارتۇقتۇر ۋە كاتتىدۇر، چۈنكى ئۇ كىشىگە گەردەنكەشلىك قىلماستىن، قەسىمىدە چىڭ تۇرىۋالماستىن ئاللاھ بەلگىلىگەن كاپارەتنى ئادا قىلىپ، قەسىمىنى بۇزۇش بەلگىلەنگەن، قەسىمىدىن يېنىۋىلىشتا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىقلا بولمايدىكەن، شۇنداق قىلىشى كېرەك بولىدۇ، بەلكى ئۆز ئايالىغا زىيان يېتىدىغان قەسىمىنى بۇزماي چىڭ تۇرىۋىلىشى ئاسىيلىق ۋە چوڭ گۇناھدۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن ئىشىدا كەڭرىچىلىك قىلدى، بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: «سەن بىر ئىشقا قەسەم قىلساڭ، باشقا بىر ئىشنى قەسەم قىلغان ئىشتىن ياخشى دەپ قارىساڭ، ياخشى دەپ قارىغان ئىشنى قىلىپ، قەسىمىڭگە كاپارەت بەرگىن»دېيىلگەن
ھەمنە بىنتى جەھىش رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان بولغاچقا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بۇ توغرىدا خەۋەر بېرىپ پەتىۋا سوراي دەپ باردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەمشىرەم زەينەپ بىنتى جەھىشنىڭ ئۆيىدىن تاپتىم، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، ھەيز مېنى ناماز ۋە روزىدىن چەكلەپ قويىدۇ، سىلىچە قانداق قىلسام بولىدۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاختا قويىۋىلىڭ، پاختا قاننى يوق قىلىدۇ» دېدى، مەن: ھەيز ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ، پاختا كار قىلمايدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «لاتا قويىۋىلىڭ» دېدى، مەن: بەك كۆپ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىزنى ئىككى تۈرلۈك ئىشقا بۇيرىيمەن، ئۇنىڭ قايسىسىنى قىلسىڭىز يەنە بىرىدىن كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر ئىككىلىسھەمنە بىنتى جەھىش رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان بولغاچقا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بۇ توغرىدا خەۋەر بېرىپ پەتىۋا سوراي دەپ باردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەمشىرەم زەينەپ بىنتى جەھىشنىڭ ئۆيىدىن تاپتىم، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، ھەيز مېنى ناماز ۋە روزىدىن چەكلەپ قويىدۇ، سىلىچە قانداق قىلسام بولىدۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاختا قويىۋىلىڭ، پاختا قاننى يوق قىلىدۇ» دېدى، مەن: ھەيز ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ، پاختا كار قىلمايدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «لاتا قويىۋىلىڭ» دېدى، مەن: بەك كۆپ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىزنى ئىككى تۈرلۈك ئىشقا بۇيرۇيمەن، ئۇنىڭ قايسىسىنى قىلسىڭىز يەنە بىرىدىن كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر ئىككىلىسىنى قىلالىسىڭىز بۇنى ئۆزىڭىز بىلىسىز» دەپ، مۇنداق دېدى: «بۇ شەيتاندىن بولغان بىر سانجىش، سىز ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۆرىسىز، ھەيز قېنىدىن پاك بولغانلىقىڭىزنى بىلگەن ۋاختىڭىزدا يۇيۇنۇپ، پاكىزلىنىڭ، بىر ئايدا يىگىرمە ئۈچ ياكى يىگىرمە تۆت كۈن روزا تۇتۇڭ، ناماز ئوقۇڭ، ئاشۇ سىزگە كۇپايە قىلىدۇ، باشقا ھەيز كۆرگەن ئاياللار ھەيزدىن پاك بولسا پاكىزلانغاندەك سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ، ئەگەر قۇدىرتىڭىز يەتسە پېشىننى كېچىكتۈرۈپ ئەسىرنى ئالدىغا تارتىپ يۇيۇنۇپ پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇڭ، شام نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەننى ئالدىغا تارتىپ يۇيۇنۇپ ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇڭ، بامدات نامىزىنىمۇ يۇيۇنۇپ ئوقۇڭ، ئەگەر قادىر بولالىسىڭىز شۇنداق قىلىڭ ۋە روزا تۇتۇڭ» دەپ: «بۇ ئىككىسى ماڭا ياخشى كۆرىلىدىغان ئىش» دېدىىنى قىلالىسىڭىز بۇنى ئۆزىڭىز بىلىسىز» دەپ، مۇنداق دېدى: «بۇ شەيتاندىن بولغان بىر سانجىش، سىز ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۆرىسىز، ھەيز قېنىدىن پاك بولغانلىقىڭىزنى بىلگەن ۋاختىڭىزدا يۇيۇنۇپ، پاكىزلىنىڭ، بىر ئايدا يىگىرمە ئۈچ ياكى يىگىرمە تۆت كۈن روزا تۇتۇڭ، ناماز ئوقۇڭ، ئاشۇ سىزگە كۇپايە قىلىدۇ، باشقا ھەيز كۆرگەن ئاياللار ھەيزدىن پاك بولسا پاكىزلانغاندەك سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ، ئەگەر قۇدىرتىڭىز يەتسە پېشىننى كىچىكتۈرۈپ ئەسىرنى ئالدىغا تارتىپ يۇيۇنۇپ پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇڭ، شام نامىزىنى كىچىكتۈرۈپ خۇپتەننى ئالدىغا تارتىپ يۇيۇنۇپ ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇڭ، بامدات نامىزىنىمۇ يۇيۇنۇپ ئوقۇڭ، ئەگەر قادىر بولالىسىڭىز شۇنداق قىلىڭ ۋە روزا تۇتۇڭ» دەپ: «بۇ ئىككىسى ماڭا ياخشى كۆرىلىدىغان ئىش» دېدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەمنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنىڭ مەنسى: مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال ئىدىم، قان كۆپ كېلەتتى ھەر كەلگەندە كۈچلۈك ھەم ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىپ كېلەتتى، مەن بۇ ئىشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خەۋەر قىلىپ، قانداق قىلىشىم كېرەكلىكى توغرىسىدا پەتىۋا سوراش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدىم، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن بەك كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، قان كۈچلۈك ۋە كۆپ كېلىپ ھەم ئۇ قاننى ھەيز قېنىمىكى دەپ ناماز بىلەن روزىدىن چەكلىنىپ قالىمەن، (دەسلەپتە بۇنى ھەيز قېنىمىكى دەپ ئويلاپ قالغان) دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بۇ سۈپەتتىكى قاننىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ، بۇ ھەيزنىڭ قېنى ئەمەس بەلكى شەيتاندىن بولغان بىر سانجىش دەپ، ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن سىزنى پاختا ئىشلىتىشكە بۇيرۇيمەن، چۈنكى پاختا قاننى سۈمۈرىدۇ» دېدى، مەن: قان ئۇنىڭدىن بەك كۆپ، يەنى پاختا كار قىلمايدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاختىنى لاتىغا ئوراپ ئىشلىتىڭ، ئۇ قىلىن بولغاندىن كېيىن قاننى تۇتۇپ تۇرىدۇ»دېدى، مەن: قان سۈ تۆكۈلگەندەك قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ كۆپلىكىدىن پاختا بىلەن لاتىمۇ كار قىلمايدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەن سىزنى ئىككى تۈرلۈك ئىشقا بۇيرۇيمەن يەنى ئىككى ھۆكۈمنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇيمەن»دەپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى: ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش، ئىككىنچى: پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇش ۋە بىر كۈندە ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇش، پېشىن بىلەن ئەسىرگە بىر، شام بىلەن خۇپتەنگە بىر ۋە بامداتقا بىر قېتىم يۇيۇنۇش، «ئۇ ئىككى ئىشنىڭ قايسىسىنى قىلسىڭىز، ئۇ يەنە بىرىدىن كۇپايە قىلىدۇ» يەنى بۇ ئىككى ھۆكۈمنىڭ بىرىنى تاللاش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىز، «ئەگەر ھەر ئىككىسىنى قىلالىسىڭىز، سىز ئىشىڭىزنى ياخشى بىلىسىز، ئىككى ئىشنىڭ قايسىسىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ»، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «بۇ شەيتاندىن بولغان بىر سانجىش» يەنى شەيتان ئۇ ئايالنىڭ دىنى ئىشىنى، پاكلىقىنى ۋە نامىزىنى ۋەسۋەسە قىلىدىغانغا يول تاپتى، ئايلىق ئادىتىنى ئۇنتۇلدۇردى، گوياكى بۇ شەيتاندىن بولغان بىر سانجىشقا ئۆزگەردى. بۇ پاتىمە بىنتى ئەبۇ ھۈبەيش رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغان تومۇردىن كەلگەن قان دېگەن سۆزگە زىت كەلمەيدۇ. پاتىمە بىنتى ئەبۇ ھۈبەيش رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: مەن كۆپ ھەيز كۆرىدىغان ئايال، پاك بولمايمەن، نامازنى تەرك قىلايمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياق، ئۇ ھەيز ئەمەس بەلكى تومۇردىن كەلگەن قان» دېگەن، يەنى شەيتان بىرنى سانجىغان شۇنىڭ بىلەن ئېتىلىپ چىققان، ھەقىقەتتە شەيتاندىن بولغان بىر سانجىش ئىكەنلىكىگە ھېچ چەكلىمە يوق.«سىز ھەر ئايدا ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۆرىسىز» يەنى سىز ھەر ئايدا ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى ھەيز كۆرگەن ھېسابلاپ، شۇ جەرياندا ناماز ئوقۇمايسىز ۋە روزا تۇتمايسىز، كۆپچىلىك ئاياللارنىڭ ئادەت ۋاقتى ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە شەرىئىتىدە شۇنداق بولىدۇ، ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن دېگەندىكى ياكى دېگەن سۆز شەك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تۈرنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن، چۈنكى بەزى ئاياللار ئالتە كۈن ئادەت كۆرىدۇ، يەنە بەزى ئاياللار يەتتە كۈن ئادەت كۆرىدۇ، بۇنى بىلىش شۇ ئايال بىلەن يېشى تەڭ ۋە مىجەزى يېقىن كىلىدىغان ئاياللارغا قاراپ ئايرىلىدۇ، «ئۆزىڭىزنىڭ ھەيزدىن پاكلىنىپ پاكىزە بولغانلىقىڭىزنى بىلگەن ۋاختىڭىزدا يۇيۇنۇپ، ھەر ئايدا يىگىرمە ئۈچ ياكى يىگىرمە تۆت كۈن ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتۇڭ بۇ سىزگە بىر ئايغا كۇپايە قىلىدۇ»، يەنى سىزنىڭ ئالتە ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۈنىڭىز ئاخىرلاشسا، سىزنىڭ يۇيۇنىشىڭىز زۆرۈر بولىدۇ، ئالتە ياكى يەتتە كۈندىن ئارتۇق بولغىنى ئۇ يىگىرمە ئۈچ ياكى يىگىرمە تۆت سىزنىڭ پاكلىق كۈنىڭىز بولىدۇ، ئۈ كۈنلەردە پاك ئاياللار قىلىدىغان ناماز ۋە روزا قاتارلىق ئەمەللەرنى قىلسىڭىز ئۇ سىزگە كۇپايە قىلىدۇ، باشقا ئايلاردىمۇ نورمال ھەيز كۆرىدىغان ئاياللار بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ھەيز كۆرۈپ، پاكىزلانغاندەك سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ، يەنى ھەر ئايدا باشقا ئاياللارغا ئوخشاش ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن ھەيز كۆرىسىز، ئاندىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز، مۇشۇ ۋاقىت سىزنىڭ پاكلىق ۋاقتىڭىز بولىدۇ، خۇددى كۆپچىلىك ئاياللارنىڭ ئادەت كۆرۈش ۋە پاكلىنىش ۋاقتىغا ئوخشاش، «ئەگەر پېشىننى كېچىكتۈرۈپ ئەسىرنى ئالدىغا سۈرۈپ يۇيۇنۇپ پېشىن بىلەن ئەسىرنى بىرگە ئوقۇشقا، شام نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەننى ئالدىغا سۈرۈپ يۇيۇنۇپ شام بىلەن خۇپتەننى بىرگە ئوقۇشقا،-بۇ شامنى ئاخىرقى ۋاقتىدا، خۇپتەننى ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئوقۇش بولۇپ، بۇنى ئۆلىمالار شەكلەن جۇغلاش دەپ ئاتايدۇ-بامداتنى يۇيۇنۇپ ئوقۇشقا قادىر بولالىسىڭىز، شۇنداق قىلىڭ» يەنى مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئىستىھازە بولۇپ قالغان ئايال پېشىن بىلەن ئەسىرگە بىر، شام بىلەن خۇپتەنگە بىر، بامداتقا بىر جەمى ئۈچ قېتىم يۇيۇنىدۇ، ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى شەكلەن جۇغلاپ ئوقۇيدۇ، «بۇ ئىككى ئىش ماڭا ياخشى كۆرەلگۈچى»دېدى، يەنى پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ ھەر ئىككى ناماز ئۈچۈن بىر قېتىمدىن ۋە بامدات ئۈچۈن بىر قېتىم جەمى ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇش ماڭا ياخشى كۆرىلىدۇ، بىرىنچى ئىش: ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش بولۇپ، لېكىن بۇ ھەدىستە ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش زىكىر قىلىنمىغان، ئەمما ئەبۇ داۋۇدتا بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش زىكىر قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئەگەر قادىر بولالىسىڭىز ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇڭ، قادىر بولالمىسىڭىز يۇيۇنۇپ ئىككى نامازنى جۇغلاپ بىرگە ئوقۇڭ»دېگەن، ھەقىقەتتە ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇش قېيىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككىنچى ئىشتا: «بۇ ئىككى ئىش ماڭا ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر»دېگەن. ئۇ بىرىنچىسىدىن ئىككىنچىسى ئاسان ۋە يەڭگىل بولىدۇ
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ماڭا ئىلگىركى پەيغەمبەرلەرگە بېرىلمىگەن خىسلەتلەر بېرىلدى، دېدى، بىز: ئۇلار قايسى؟ دېدۇق، رەسۇلۇللاھ: قورقۇنچ بىلەن نۇسرەت بېرىلدىم، زىمىن خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى ماڭا بېرىلدى، ئەھمەد دەپ ئاتالدىم، زىمىن ماڭا پاكلۇغۇچى قىلىپ بېرىلدى، ئۈممىتىم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى قىلىندى
ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھنىڭ «ماڭا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە بېرىلمىگەن خىسلەتلەر بېرىلدى» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى شۇ ئىشلارنىڭ ھىچبىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەردە يۈز بەرمىگەن. «قورقۇنچ بىلەن نۇسرەت بېرىلدىم» دېگىنى، دۈشمەن مەندىن قورقۇپ، دېگەن مەنىدە. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سالغان، كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان، توپىنى پارچىلىۋەتكەن. «زىمىن خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى ماڭا بېرىلدى» ئاچقۇچ بولسا ئېتىك نەرسىلەرنى ئاچىدىغان بىر سايمان بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە ئۇلۇشۇش تەس بولغان، توسالغۇلارنى تىپىپ چىقىشقا ۋاستە بولىدىغان نەرسىدۇر. «زېمىن» ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا دەۋلەت ۋە شەھەرلەرنى پەتھى قىلىپ بېرىش ۋەدىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كۆچمە سۆز. «مەن ئەھمەد دەپ ئاتالدىم» ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نام شەرىپىنى ساقلىغانلىقتىن، ساماۋى كىتابلاردا سۈپەتلەنگەن شۇ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇماندار كىشىلەرگە، شەكلەنگۈچىلەرگە ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھېچبىر كىشى ئۇ ئىسىم بىلەن ئاتالمىغان. «زىمىن ماڭا پاكلۇغۇچى قىلىپ بېرىلدى» دېگىنى، سۇ تېپىلمىغاندا سۇ ئورنىدا ئىشلىتىپ تەيەممۇم قىلىش دۇرۇس قىلىندى، دېگەن مەنىدە
مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غۇسلى قىلىشى ئۈچۈن سۇ تەييارلاپ بەردىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوڭ قولى بىلەن سول قولىغا سۇ قۇيۇپ ئىككى قولىنى يۇدى، ئاندىن ئەۋرىتىنى يۇدى، ئاندىن قولىنى يەردىكى توپىغا سۈرتتى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن يۇدى، ئېغىزىنى چايقىدى، بۇرنىغا سۇ ئالدى، يۈزىنى يۇدى، ئاندىن بېشىدىن سۇ قۇيدى، ئاندىن يۇيۇنغان جايدىن چېقىپ ئىككى پۇتىنى يۇدى، بەدىنىنى سۈرتۈش ئۈچۈن لۆڭگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى لېكىن لۆڭگە بىلەن سۈرتمىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جۇنابەتتىن يۇيۇنىشى ئۈچۈن سۇ تەييارلاپ بەرگەنلىك ۋەقەلىكىنى بايان قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ تولدۇرۇلغان قاچىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ سول قولىغا سۇ قۇيۇپ ئىككى قولىنى يۇيىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى قول باشقا ئەزالارغا سۇنى يەتكۈزىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىككى قولنى تازىلاپ پاكىزە بولغانغا قەدەر يۇيۇش كېرەك بولىدۇ. مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: ئىككى قولىنى ئىككى قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم يۇدى دېيىلگەن، ئىككى قولىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىدىكى مەنىنىڭ قالدۇقى ۋە باشقا تازىلاشقا تېگىشلىك بولغان نەرسىلەرنى سول قولى بىلەن يۇدى، ئەۋرەتتىن: ئالدى ئەزاسى مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ بۇخارىدا رىۋايەت قىلىنغان: «سول قولىغا سۇ قۇيۇپ ئالدى ئەزاسىنى يۇدى» دېگەن ھەدىس ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئاندىن قولىنى يەردىكى توپىغا سۈرتتى، بۇنىڭدىن سول قول مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ بۇخارىدا رىۋايەت قىلىنغان: «سول قولىنى يەرگە ئۇرۇپ توپىغا قاتتىق سۈردى»دېگەن ھەدىس ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، قولىنى توپىغا سۈركەش بىلەن قولىغا يۇقۇپ قالغان پاكىزە بولمىغان نەرسىلەر ۋە ناچار پۇراقلار يوقايدۇ، ئاندىن سول قولىغا يۇقۇپ قالغان توپا ۋە باشقا نەرسىلەرنى يۇدى، ئىككى قولىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، ئېغىزىنى چايقاپ، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ، يۈزىنى يۇيۇشنى باشلىدى، بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالدى دېيىلمىگەن، لېكىن بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە: «نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالدى» دېيىلگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان. ئاندىن بېشىدىن سۇ قۇيدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «بېشىغا ئۈچ ئۇۋۇچ سۇ قۇيدى، ئاندىن بەدىنىنىڭ قالغان جايلىرىنى يۇدى» دېيىلگەن، بەدەننىڭ ھەممە يىرى يۇيۇلسا بىر قېتىم يۇيۇش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ، ئاندىن يۇيۇنغان جايدىن چېقىپ ئىككى پۇتىنى يۇدى، تەرەت ئىلىپ، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن پۇتىنى ئىككىنچى قېتىم يۇدى، بەدىنىنى سۈرتۈش ئۈچۈن لۆڭگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى، بەدىنىدىكى نەملىكنى لۆڭگە بىلەن سۈرمىدى. مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: «لۆڭگە ئىلىپ كەلسەم رەت قىلدى» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «لۆڭگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى، لۆڭگە بىلەن سۈرتمەي، مۇنداق قىلىمىز دەپ قولىدىكى سۇنىڭ قالدۇقلىرىنى سىيرىۋەتتى»
سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بىرسى: سىلەرگە پەيغەمبىرىڭلار ھەممە نەرسىنى ھەتتا ھاجەتخانىغا كېرىشنىمۇ تەلىم بەردىمۇ؟ دېگەندە، ئۇ: ھەئە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى چوڭ-كېچىك تەرەت سۇندۇرغاندا قىبلىگە يۈزلىنىشتىن ياكى ئوڭ قولىمىز بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن، ياكى ئۈچ تالدىن ئاز تاش-چالما بىلەن ياكى تېزەك ۋە سۆڭەك بىلەن تازىلاشتىن چەكلىدى» دېگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: سەلمانغا بىرسى: سىلەرگە پەيغەمبىرىڭلار ھەممە نەرسىنى ھەتتا ھاجەتخانىغا كېرىشنىمۇ تەلىم بەردىمۇ؟ دېدى، يەنى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ھاجەتخانىغا كىرگەندىن تاكى قايتىپ چېقىپ بولغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھاجەت ئادا قىلغاندا قىبلىگە يۈزلەنمەسلىك ياكى كەينىنى قىلماسلىق، ئوڭ قولى ياكى تېزەك بىلەن، سۆڭەك بىلەن تازىلىق قىلماسلىق قاتارلىق ئىشلارنى تەلىم بەرگەنلىكىنى سورىدى. سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھە-ئە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى چوڭ-كېچىك تەرەت سۇندۇرغاندا قىبلىگە يۈزلىنىشتىن چەكلىدى، دېدى»، يەنى: چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەردە يۈزلىنىدىغان قىبلىسى، تەرەپلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى، شۇڭا ئۇنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلۇغلاش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا (يەنى ھەج جەريانىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلەنسە)، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى) ئۈچۈن ياخشىدۇر». ھەج سۈرىسى: 30-ئايەت. «ياكى ئوك قول بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن چەكلىدى» چۈنكى ئوڭ قول دېگەن ماختىلىدىغان، ھۆرمەتلىك، پاكىزە ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما ئىككى يولدىن چىققان نەرسىلەرنى تازىلاش قاتارلىق تازىلىق ئىشلىرىدا سول قول ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە: «ئوڭ قول بىلەن نىجاسەتلەر تازىلانمايدۇ» دېيىلگەن. «ئۈچ تالدىن ئاز تاش-چالما بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن چەكلىدى» گەرچە بۇنىڭدىن ئاز بىلەن پاكىزلىق ھاسىل بولسىمۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۈچ تالدىن ئاز نەرسە بىلەن پاكىزلىق ھاسىل بولمايدۇ، بۇ تاش-چالما ئىشلەتكەندىن كېيىن سۇ ئىشلەتمىگەندە شۇنداق بولىدۇ، ئەمما ئاخىرىدا سۇ ئىشلىتىدىغان ئەھۋالدا تاش-چالمانى ئۈچ تالدىن ئاز ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە نىجاسەت ئورنىنى تولۇق پاكىزلەش ئەمەس، نىجاسەتنى ئازلىتىش مەقسەت قىلىنىدۇ. «ياكى تېزەك بىلەن تازىلىق قىلىشتىن چەكلىدى» چۈنكى تېزەك جىنلارنىڭ چارۋىلىرىنىڭ ئوزۇقىدۇر. مۇسلىمدا ئوچۇق بايان قىلىنغان ھەدىستە، جىننىڭ ئەلچىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئوزۇق-تۈلۈك سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغان ھەر قانداق سۆڭەك سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشكەندە بەك گۆشلۈك ھالەتتە بولىدۇ، ھەر قانداق تېزەك سىلەرنىڭ چارۋىلىرىڭلارنىڭ ھەلىپىدۇر» دېدى. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆڭەك بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن چەكلىدى» چۈنكى ئۇ جىنلارنىڭ يېمەكلىكى، ئىلگىرى بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سۆڭەك ۋە تېزەك بىلەن ئىستىنجا قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ ئىككىسى سىلەرنىڭ قېرىنداشىلىرىڭلارنىڭ يېمەكلىكىدۇر» دېگەن. سۈننەت بۇنىڭدىكى ھېكمەتنىڭ ئۇلارنىڭ يېمەكلىكى بولغان نەرسىلەرنى بۇزۇۋەتمەسلىك ۋە پاسكىنا قىلىۋەتمەسلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ نەرسىلەرنى نىجاسەتنى تازىلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەندە، ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىنى بۇزۇپ قويغان بولىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەدىقە خورمىلىرىدىن بىرىنى ئېلىپ ئاغزىغا سېلىۋالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: چىقىرە، چىقىرە بىز سەدىقە يىمەيدىغانلىقىمىزنى بىلمىدىڭمۇ؟ يەنە بىر ئىبارىدە: بىزگە سەدىقە ھالال بولمايدۇ، دېگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زاكاتتىن يىغىلغان خورمىلاردىن بىر تال ئاغزىغا سېلىۋېدى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەرھال ئۇنى چىقىرىۋېتىشكە بۇيرىدى ۋە خېھ خېھ -دە، دېدى. يەنى ئۇ خورمىلارنىڭ ھەسەنگە دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: بىزگە سەدىقە دۇرۇس بولمايدۇ، دېدى. سەدىقە ئال-مۇھەممەدكە«رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسىگە» ھالال بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار شەرەپلىك كىشىلەر، زاكات بولسا پۇل-ماللارنىڭ كىرى، شەرەپلىك ئىنسانلارغا كىشىلەرنىڭ مال-مۇلىكىنىڭ كىرى مۇناسىب كەلمەيدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاغىسى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: بىز مۇھەممەد ئائىلىسىگە سەدىقە ھالال بولمايدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ كىرى، دېگەن
ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن زامان، ئاللاھ تائالا ئاسمان زېمىننى يارتقان كۈنىدىكىدەك ئەسلى ھالىتىگە ئايلاندى. بىر يىل ئون ئىككى ئايدۇر، بۇلاردىن تۆرتى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار بولۇپ، ئۈچى ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدۇ، زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم، تورتىنچىسى جۇمادا بىلەن شەئبان ئارسىدىكى مۇزەر قەبىلىسى بەك ئۇلۇغلايدىغان رەجەب ئېيىدۇر، دېدى. رەسۇلۇللاھ: بۇ ئاي قايسى ئاي؟ دەپ سورىدى. بىز: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدۇق. بىر ئاز شۇك تۇرغان ئىدى، بىز ئۇ ئاينى باشقا ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ زۇلھەججە ئېيى ئەمەسمۇ دېۋىدى. بىز شۇنداق دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ قايسى شەھەر؟ دېدى. بىز ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدۇق. بىر ئاز شۇك تۇرغان ئىدى، بىز ئۇنى باشقا ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ مەككە ئەمەسمۇ؟ دېدى. بىز شۇنداق دېدۇق. رەسۇلۇللاھ بۇ قايسى كۈن؟ دېدى. بىز: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدۇق. بىر ئاز شۇك تۇرغان ئىدى، بىز ئۇنى باشقا ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدۇق. رەسۇلۇللاھ: بۇ ھېيىت كۈنى ئەمەسمۇ؟ دېگەندە بىز شۇنداق دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: بىر-بىرىڭلارنىڭ جېنىغا ۋە مېلىغا چېقىلىش، خۇددى مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ ئاينىڭ ۋە مۇشۇ يۇرتنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغانغا ئوخشاشلا ھارام قىلىندى، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولىسلەر، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن سورايدۇ، مەندىن كېيىن بىرىڭلار بىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدىغان كاپىرلاردىن بولماڭلار، سورۇندىكىلەر باشقىلارغا يەتكۈزسۇن، بەزى يەتكۈزۈلگەنلەر ئاڭلىغانلاردىن زىرەكرەك، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: مەن سىلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ مەن سىلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ دەپ قايتا-قايتا سورىغان ئىدى. بىز: شۇنداق، يەتكۈزلە، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! سەن گۇۋاھ بولغىن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربان ھېيىت كۈنى (ۋىدالىشىش ھەجىنى قىلغاندا) خۇتبە سۆزلەپ شۇنداق بايان قىلدى، ئۇرۇش ھارام قىلغان ئايلارنى كىچىكتۈرۈش داۋاملىشىپ ئاخىرىدا ئاللاھ تائالا ياراتقان ئەسلى ۋاقتىغا قايتا ئۇدۇل كەلدى. چۈنكى مۇشرىكلار جاھىلىيەتتە «ئۆز زامانىسىدا» ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۇرۇش قىلماقچى بولسا، ئۇ ئايلارنى ئارقىغا سۈردۇق، ئۆزگەرتتۇق دەپ ئۇرۇش قىلىۋىرەتتى. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى ھالال، ھالال قىلىنغان ئايلارنى ھارام قىلىۋالاتتى. بۇ كۈندە رەسۇلۇللاھ بۇنداق بايان قىلدى، ئاللاھ تائالا ياراتقان ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى بولۇپ ئۇلار: مۇھەررەم، سەپەر، رەبىئۇل ئەۋۋەل، رەبىئۇس سانى، جۇمادەل ئۇلا، جۇمادا ئەسسانىيە، رەجەب، شەئبان، رامىزان، شەۋۋال، زۇلقىئدە، زۇلھەججەلەردىن ئىبارەت. مانا بۇ ئون ئىككى ئاينى ئاللاھ تائالا ئاسمان زىمىنلارنى ياراتقاندا بەندىلىرىگە بەلگىلەپ بەرگەن، رەسۇلۇللاھمۇ ئۇنى بايان قىلىپ بەرگەن. بۇ ئايلارنىڭ تورتى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، ئۈچى ئارقا-ئارقىدىن كېلىدۇ، بىرى يەككە كېلىدۇ. ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدىغان ئۈچ ئاي زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەملەر، بۇ ئايلارنى ئاللاھ تائالا ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار قىلدى، بۇ ئايلاردا كىشىلەر بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئايلاردا ھاجىلار كەئبىگە قاراپ يول ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەپىرى ئۇرۇش سەۋەبلىك توسالغۇغا ئوچرىماسلىق ئۈچۈن ھارام قىلىنغان. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىقى ئۈچ ئاينى ھارام قىلىشتىكى ھىكمىتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: يەنە بىرى شەئبان بىلەن جۇمادا ئەسسانىيە ئارسىدىكى مۇزەر قەبىلىسى ئۇلۇغلايدىغان رەجەب ئېيىدۇر، دېدى. بۇ ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ تورتىنچىسى. جاھىلىيەتتە ئەرەبلەر بۇ ئاينى ئۆمرىگە خاس قىلىپ ئۇ ئايدا ئۆمرىنى كۆپ قىلاتتى. يۇقىرىقى ئۈچ ئايدا ئۇرۇش قىلىش ھەج سەۋەبىدىن ھارام قىلىنغان بولسا، بۇ ئايدا ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ھارام قىلىنغان. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەردىن بۇ قايسى ئاي؟ بۇ قايسى شەھەر؟ بۇ قايسى كۈن دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋاب بېرىشى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ دېققەت ئىتىبارىنى تارتىش ۋە ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن سورىدى. چۈنكى ئوتتۇرغا قويۇلۇدىغان بۇ ئىش بۈيۈك ئىش ئىدى. ئۇلاردىن بۇ قايسى ئاي؟ دەپ سوىغاندا، ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمىنڭ ئېنىق بولغان زۇلھەججەدىن ئىبارەت بۇ ئاينىڭ ئىسمىنى سورىغانلىقىنى يىراق سانىدى. ساھابىلەر بۈيۈك ئەدەپ-ئەخلاق ئىگىلىرى بولغانلىقتىن، ئۇلار: بۇ زۇلھەججە ئېيى، دېمىدى. چۈنكى ئۇ ئېنىق بىر مەسىلە ئىدى. رەسۇلۇللاھقا ناھايىتى يۇقىرى ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقتىن، ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچىدۇر، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىر ئاز جىمجىت تۇردى. چۈنكى ئىنسان بىر ئاز سۆز قىلغاندىن كېيىن جىم تۇرسا كىشىلەر ئۇنىڭغا دېققەت قىلىدۇ. ئەبۇ بەكرە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى باشقا بىر ئىسمى بىلەن ئاتايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق، دېگەن. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: بۇ زۇلھەججە ئېيى ئەمەسمۇ؟ دېگەندە. ساھابىلەر: شۇنداق دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: بۇ قايسى شەھەر؟ دېگەندە ساھابىلەر مەككە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچى، دېدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئالاھىدە بەك ھۆرمەتلىگەنلىكتىن: ئى رەسۇلۇللاھ بۇ بىر ئېنىق ئىش تۇرسا ئۇنى قانداقمۇ سورايلا؟ دېمىگەن. بەلكى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچى، دېگەن. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىر ئاز جىمجىت تۇرغان ئىدى، ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ ئۇنى باشقا بىر ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ گۇمان قىلىشتى. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ: بۇ ھارام قىلىنغان شەھەر ئەمەسمۇ؟ دېدى. «البلدة» دېگەن، مەككىنىڭ ئىسىمىلىرىدىن بىرى. ساھابىلەر شۇ ۋاقىتتا: شۇنداق، دېيىشتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: بۇ قايسى كۈن؟ دېگەن ئىدى. ساھابىلەر: ئىلگىرى جاۋاب بەرگەندەكلا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلگۈچى، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: قۇربان ھېيىت كۈنى ئەمەسمۇ؟ دېگەن ئىدى. ئۇلار: شۇنداق، ئى رەسۇلۇللاھ، دېدى. ئۇلار مەككە شەھرىنىڭ ھارام قىلىنغان شەھەر، زۇلھەججە ئېينىڭ ھارام قىلىنغان ئاي، قۇربان ھېيىت كۈنىنىڭ ھارام قىلىنغان كۈن ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. يەنى بارلىق زامان ۋە ماكان ھەممىسى ھارام قىلىنغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: سىلەرگە بىر-بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا ۋە يۈز-ئابرۇيىغا چېقىلىش، خۇددى مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ ئاينىڭ ۋە مۇشۇ يۇرتنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغانغا ئوخشاشلا ھارام قىلىندى، دېدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ئۈچ جۈملىنى قاتتىق تەكىتلىدى، جان، مال، يۈز-ئابرۇي، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. جان بولسا ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋىنىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مال مەيلى ئۇ ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۈز-ئابرۇي زىنانى، بەچچىغەرلىكنى، بۆھتاننى، بەلكى غەيۋەت، ھاقارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا بۇ ئۈچ ئىشلاردا مۇسۇلمان كىشى قېرىندىشىنىڭ ھەققىنى دەپسەندە قىلىشى ھارامدۇر. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: سىلەر مەندىن كېيىن بىرىڭلار بىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدىغان كاپىرلاردىن بولماڭلار، دېدى. چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى ھالال ساناش بىلەن كاپىر بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى ئۆلتۈرسە كاپىر بولىدۇ. كاپىرلارلا مۇسۇلماننىڭ قېنىنى ھالال ساناپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سورۇندىكىلەرنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرىدى. يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ خۇتبىسىگە ھازىر بولۇپ ئۇنى ئاڭلىغانلار بۇ سورۇنغا قاتنىشالمىغانلارغا يەتكۈزۈشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ شۇنداق بايان قىلدىكى، گاھى يەتكۈزۈلگەنلەر سورۇنغا كېلىپ ئاڭلىغانلاردىن زىرەك، چىچەن بولىشى مۈمكىن. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بولغان ۋەسىيەت شۇ سورۇنغا قاتناشقان ۋە قىيامەتكىچە ئۇنىڭ ھەدىسىنى ئاڭلىغانلارغا قارىتىلىدۇ. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: مەن سىلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ مەن سىلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ دەپ قايتا-قايتا ساھابىلەردىن سورىدى. ساھابىلەر: شۇنداق، يەتكۈزلە، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: ئى ئۇلۇغ ئاللاھ سەن گۇۋاھ بولغىن، دېدى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: نامازغا ئەزان ئوقۇلغاندا شەيتان كەينىگە بۇرۇلۇپ يەل قويۇۋېتىپ ئەزان ئاڭلانمايدىغان جايغىچە قاچىدۇ. ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندا قايتىپ كېلىدۇ، نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاچىدۇ، تەكبىر ئېيتىلىپ بولغاندا قايتىپ كېلىپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سالىدۇ، ئۇ ئىشنى ئەسلە، بۇ ئىشنى ئەسلە دەپ ئىلگىرى يادىغا يەتمىگەن ئىشلارنى ئەسلىتىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قانچە رەكەت ناماز ئوقۇغانلىقىنى بىلمەيدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانمۇئەززىن نامازغا ئەزان ئوقۇغاندا شەيتان كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئەزان ئوقۇلغان جايدىن ئايرىلىپ ئەزاننى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن يىراققا قېچىپ كېتىدۇ، ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن قەستەن يەل قويۇۋېتىپ ئوسۇرۇق ئاۋازى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ ياكى نادان كىشىلەردەك ئەزاننى كۆزگە ئىلماي يەل قويۇۋېتىدۇ. ناماز تاھارەت بىلەن ئوقۇلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قارشىسىدا قەستەن يەل قويۇۋېتىشى مۇمكىن ياكى قەستەن يەل قويۇۋەتمىگەندىمۇ بەلكى ئەزاننى ئاڭلىغاندا بەك قورقۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن يەل قويۇۋېتىشى مۇمكىن. ئەزان ئاخىرلاشقاندا قايتىپ كېلىدۇ ھەتتا نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، تەكبىر ئېيتىلىپ نامازغا تۇرغاندا قايتىپ كېلىپ نامازغا تۇرغان كىشىلەرنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ۋەسۋەسە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: تۆگىنىڭ قۇيرىقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ يوتىسىغا ئۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر، شەيتاننىڭ ئەزان ئوقۇلغاندا قېچىپ كېتىشى بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى شۇئارلارنى تۇرغۇزۇش، ئەقىدىنى ساپلاشتۇرۇش قاتارلىق تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېلان قىلىشقا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ۋاقىتتا، ئۇ ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئاڭلاشنى ياقتۇرمىغانلىقتىن قېچىپ كېتىدۇ. مانا بۇ سۈرە ناس 4-ئايەتنىڭ مەنىسىدۇر: «كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ۋەسۋەسىگە سالغۇچى شەيتانلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» ئاللاھنىڭ زىكرىدىن باش تارتقان كىشى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ۋە يىراق بولىدۇ، تەكبىر ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ نامازغا تۇرغان كىشىگە ۋەسۋەسە قىلىپ: ئۇ ئىشنى ئەسلە، بۇ ئىشنى ئەسلە دەپ نامازنى باشلاشتىن بۇرۇن ئېسىگە كەلمىگەن ئىشلارنى ئەسلىتىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ نامازدىن بولغان مەقسەت-نىشانىنى ئۇنتۇپ، قانچىلىك ناماز ئوقۇغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شەيتاننىڭ نامازغا تۇرغاندا كېلىشى: نامازدا قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىدۇ، بەندە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ شەيتاننىڭ ئۇ كىشىنىڭ نامازدىكى خۇشۇسىنى بۇزۇش ۋە دىققىتىنى چېچىش ئۈچۈندۇر. بەزى رىۋايەتلەردە: شەيتاننىڭ ئەزان ئوقۇلغاندا قېچىپ كېتىشى بولسا ئەبى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك، قىيامەت كۈنىدە ئادەم ئەۋلاتلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ زىكرىگە ھازىر بولغانلىقىغا گۇۋاھلىققا تارتىلماسلىقى ئۈچۈندۇر