





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرەت ئېلىشى ۋە تازىلىقى ئۈچۈن بىر كىچىك تېرە قاچىدا سۇ كۆتۈرۈپ بىللە باراتتى، بىر كۈنى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ماڭغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىم بۇ؟» دېدى، مەن: «مەن ئەبۇ ھۈرەيرە» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ماڭا تازىلىق ئۈچۈن تاش ئىزدىگىن، سۆڭەك ۋە تېزەك ئەكەلمىگىن» دېدى، مەن كىيىمىمنىڭ پېشىگە تاش ئىلىپ كىلىپ، ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىدا قويۇپ قايىتتىم، رەسۇلۇللا ئىشىنى تۈگەتكەندە ماڭغاچ: «تېزەك بىلەن سۆڭەكتە نېمە ئۈچۈن بولمايدۇ؟» دەپ سورىدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئىككىسى جىنلارنىڭ يىمەكلىكى، نەسىيبىن شەھىرىدىكى جىنلارنىڭ ئەلچىلىرى مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن، ئۇلار نېمە دېگەن ياخشى جىنلار!، ئۇلار مەندىن ئوزۇقلۇق تەلەپ قىلدى، مەن ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھدىن: ئۇلار بىرەر سۆڭەك ۋە تېزەك تاپسا شۇنى يىمەكلىك قېلىپ بېرىشىنى سورىدىم» دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تازىلىق قىلىشى ۋە تەرەت ئېلىشى ئۈچۈن تىرە قاچىدا سۇ كۆتۈرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە باراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىستىنجا قىلىش ئۈچۈن تاش تېرىپ كېلىشكە، سۆڭەك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تېزەكلىرىنى ئەكەلمەسلىككە بۇيرىدى، ئەبۇ ھۇرەيرە كىيىمىنىڭ پېشىگە تاش تېرىپ ئېلىپ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا قويۇپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ قايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەبۇ ھۇرەيرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: سۆڭەك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تېزەكلىرىدە تازىلىق قىلماسلىقنىڭ سەۋەبىنى سورىدى؟، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: بۇ ئىككىسى جىنلارنىڭ يېمەكلىكى ئىكەنلىكىنى، ئىراق بىلەن شام ئارىسىدىكى نەسىيبىين شەھىرىدىكى جىنلارنىڭ ئەلچىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلگەنلىكىنى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يىمەكلىك سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھدىن: ئۇلار بىرەر سۆڭەك ۋە تېزەك تاپسا شۇنى يىمەكلىك قىلىپ بېرىشىنى سورىغانلىقىنى ئۇ جىنلارنى ماختاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەن. سەھىھ مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇتلەق سۆڭەك دېمەستىن: «ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قېلىنغان ھەر قانداق سۆڭەك سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا يەتسە، ئۇ گۆشى بار ۋاقتىدىكىدىنمۇ گۆشلۈك بولىدۇ، ھەر قانداق تېزەك ئۇلاغلىرىڭلارنىڭ يېمەكلىكى بولىدۇ» دەپ بايان قىلىنغان
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: تاڭ يورۇش ئىككى خىل بولىدۇ: بىر خىلى بۆرىنىڭ قۇيرۇقىدەك بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بامدات نامىزىنى ئوقۇشقا بولمايدۇ، سوھۇرلۇق تاماق چەكلەنمەيدۇ، ئەمما ئۇپۇقتا ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان بولسا ناماز ئوقۇلسا بولىدۇ، سوھۇرلۇقنى توختۇتۇش كېرەك
ھاكىم "مۇستەدرەك"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ھۆكۈم جەھەتتىن تاڭ سەھەرنى ئىككىگە بولگەن، بىرىنچىسى يالغان تاڭ، بۇ ۋاقىتتا تاڭ نۇرى ئاسمانغا تۈۋرۈكتەك تىك كۆتۈرلۈپ پەيدا بولىدۇ، ئۇ بۆرىنىڭ قۇيرىقىغا ئوخشاش بولىدۇ، چۈنكى بۆرىنىڭ قۇيرۇقى تۈۋرۈكتەك تىك سوزۇلىدۇ، تاڭ نۇرى ئۇپۇق يۇقىرىسىغا كۆتۈرلۈشتە بۆرىنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇ نۇر ئۇزۇن تۇرمايلا يوقۇلۇپ ئارقىدىنلا قاراڭغۇلۇق قايتا پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋاقىتتا بامدات نامىزىنى ئوقۇشقا بولمايدۇ، روزا تۇتقۇچى يىيىش، ئىچىشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەن، روزا تۇتقۇچى سوھۇرلۇقنى توختىدىغان ۋاقىت ئەمەس. ئىككىنچىسى راس تاڭ دېيىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تاڭنىڭ نۇرى جەنۇبتىن شىمال تەرەپكە سوزۇلغان بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ، بەلكى بارا-بارا تاڭ نۇرى يورۇپ كېڭىيىشكە باشلايدۇ، مانا بۇ ۋاقىتتا بامدات نامىزى ئوقۇشقا بولىدۇ، روزا تۇتقۇچىنىڭ يىيىش ۋە ئىچىشى چەكلىنىدۇ. بۇ ئىككى تاڭ نۇرىنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىت پەرىقلىق بولۇپ، گاھى ئۇزۇن گاھى قىسقا بولىدۇ، گاھىدا يالغان تاڭ پەقەت كۆرۈلمەيدۇ. بۇ ئىككى تاڭ نۇرىنىڭ ئاساسلىق پەرىقلىرى تۆۋەندىكىدەك: 1-راس تاڭ جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلىدۇ، ئەمما يالغان تاڭ تۆۋەندىن يۇقىرىغا سوزۇلغان بولىدۇ. 2- راس تاڭدىن كېيىن قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ، يالغان تاڭدىن كېيىن قاراڭغۇلۇق پەيدا بولىدۇ. 3- راس تاڭنىڭ نۇرى ئۇپۇققا تۇتىشىدۇ، ئەمما يالغاننىڭ نۇرى ئايرىلىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ ئۈچ پەرىق تەبىئەت جەھەتتىكى تاڭ ئېتىشنىڭ بەلگىلىرى، شەرىئەت جەھەتتىن يالغان تاڭ ئاتقاندا بامدات نامىزى ئوقۇشقا بولمايدۇ، روزىنى نىيەت قىلغان كىشى سوھۇرلۇق يەۋەرسە بولىدۇ. راس تاڭ ئاتقاندا بامدات نامىزى ئوقۇشقا بولىدۇ، روزىنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ ئۇ ۋاقىتتا يەپ-ئىچىشى چەكلىنىدۇ
ئامىر ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز پەيغەمبەربىلەن قاراڭغۇ كېچىدە بىر سەپەردە بولدۇق، قىبلە قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، ھەركىم ئۆزى بىلگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇدى، تاڭ ئاتقاندا بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھقا دېدۇق. شۇ ۋاقىتتا بۇ ئايەت نازىل بولدى: «قايسى تەرەپكە يۈزلەنمەڭلار، ئاللاھنىڭ يۈزى شۇ تەرەپتىدۇر، يەنى: سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسىدۇر» سۈرە بەقەرە 115- ئايەت
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەر بىلەن قاراڭغۇ بىر كېچىدە سەپەردە بولدى، قىبلىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلمىگەنلىكتىن، ھەركىم ئۆزى جەزىم قىلغان تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇدى، تاڭ ئاتقاندا ئۇلارنىڭ نامازنى قىبلىگە قاراپ ئوقۇمىغانلىقى بىلىندى. ئۇلار بۇ ۋەقەنى رەسۇلۇللاھقا بايان قىلغاندا بۇ ئايەت نازىل بولدى: «قايسى تەرەپكە يۈزلەنمەڭلار ئاللاھنىڭ يۈزى شۇ تەرەپتىدۇر، يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسىدۇر» سۈرە بەقەرە 115- ئايەت
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسى قىبلىدۇر»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مالىك"مۇئەتتا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسى قىبلىدۇر دېگەن سۆز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ناماز ئوقۇغۇچىلارغا قىلىنغان بايان بولۇپ، بۇ مەدىنە ئەھلى ۋە قىبلىسى ئۇلارغا مۇۋاپىق كىلىدىغان كىشىلەرگە قىلىنغان خىتاب، چۈنكى ئۇلار كەبىنىڭ شىمال تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ، قىبلە مەدىنە ئەھلىگە ئۇلارنىڭ باراۋىرىدىكى شام ئەھلى ۋە شىمال تەرەپتىكى كىشىلەر بولسا كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسىدىكى تەرەپكە يۈزلىنىدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ يۈزلىنىشى كەبىگە نىسبەتەن جەنۇپ تەرەپ بولىدۇ، يەمەن ۋە ئۇلارغا يانداشقان جەنۇپ تەرەپتىكى كىشىلەر كۈن چىقىش بىلەن كۈن پېتىش ئارىسىدىن شىمالغا يۈزلىنىدۇ، ئەمما كۈن پېتىش بىلەن كۈن چىقىش تەرەپتىكى كىشىلەر، ئۇلارنىڭ قىبلىسى ئۇلارغا نىسبەتەن جەنۇپ بىلەن شىمالنىڭ ئارىسى بولىدۇ، چۈنكى ئەسلى تەرەپ شىمال، جەنۇپ، شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت تۆت تەرەپتۇر، ناماز ئوقۇغۇچى كەبىنىڭ شەرق ياكى غەرپ تەرىپىدە بولسا ئۇ كىشىنىڭ قىبلىسى شىمال بىلەن جەنۇپ ئارىسىدا بولىدۇ، ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچى كەبىنىڭ شىمال ياكى جەنۇپ تەرىپىدە بولسا، ئۇ كىشىنىڭ قىبلىسى كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ، بۇمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىدىندۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن كەبىنىڭ ئۆزىگە يۈزلىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ھېچ كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمىغان بولاتتى، كەبىنى كۆرمەي يىراقتا بولغان كىشى كەبىگە تولۇق كەينىنى قىلماي ياكى يېنىچە تۇرماي پەقەت ئازراق قىيپاش كەتسە بۇ ئۇنىڭ نامىزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئەگەر كەبىگە كەينى بولۇپ قالسا ياكى كەبە بىر يېنىغا توغرا كەلسە بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى قىبلىگە يۈزلەنمىگەن بولىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئاياق بىلەن نىجاسەتكە دەسسەپ سالسا، ئۇنى توپىغا سۈركەپ پاكلىسۇن
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەگەر بىر كىشى ئۆتۈك ياكى ئاياق ۋە ياكى قەدىمىنى يېپىپ تۇرىدىغان بىر نەرسە كېيىپ ماڭغاندا بىرەر نىجاسەتكە دەسسەپ سالسا، ئاندىن كېيىن پاك توپىلارغا دەسسەپ ماڭغان بولسا ياكى توپىغا سۈركىۋەتسە ئۇ ئاياقلىرى پاكىز بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەسسان ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندا، ئۇ شېئىر ئوقۇۋاتاتتى، ئومەر ئۇنىڭغا كايىش نەزىرى بىلەن قارىدى. ھەسسان: مەن مەسچىتتە سەندىنمۇ ياخشى كىشى بار ھالدا شېئىر ئوقۇيتتىم دەپ، ئەبۇ ھۇرەيرەگە قارىدى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سەندىن سورايمەن، رەسۇلۇللاھنىڭ: مېنىڭ ئورنۇمدا كاپىرلارغا رەددىيە بەرگىن. ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا (ھەسسانغا) جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچ ئاتا قىلسىلا دېگىنىنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟ ئەبۇ ھۇرەيرە: شۇنداق ئاڭلىغانتىم، دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ھەسسان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسچىتتە شېئىر ئوقۇۋاتاتتى، شۇ ۋاقىتتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا كايىش نەزىرى بىلەن قارىدى، ھەسسان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆمەرنىڭ ئۆزىگە كايىش نەزىرى بىلەن قارىغانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا: مەن مەسچىتتە سەندىنمۇ ياخشى كىشى بار ھالەتتە شېئىر ئوقۇيتتىم دەپ، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولۇشقا، ئۆزىنىڭ مەسچىتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بار سورۇندا شېئىر ئوقۇغانلىقىنى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى قوللاپ رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى ۋە يەنە شېئىر ئوقۇشقا ئۈندىگەنلىكىگە شاھىت بولۇشنى سوراپ: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سەندىن سورايمەن رەسۇلۇللاھتىن مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭ، ئى ھەسسان! مېنىڭ ئورنۇمدا كاپىرلارنىڭ شائىرلىرىغا رەددىيە بەرگىن. ئۇلارنى شېئىر ئارقىلىق سۆكۈپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىپ ئۇنى مۇداپىئە قىلغىن. ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا (ھەسسانغا) جىبرئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچ ئاتا قىلسىلا، ئۇنىڭغا دىن دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىدىغان شېئىرلارنى ئىلھام قىلسىلا دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭ دېگەندە، ئەبۇ ھۈرەيرە شۇنداق ئاڭلىغان ئېدىم. سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىدا شېئىر ئوقۇغان ئىدىڭ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم، دېدى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى مەسچىتتە يوقاپ كەتكەن نەرسىسىنى سوراۋاتقان كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭغا: ئاللاھ يوقاپ كەتكەن نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن دېسۇن، چۈنكى مەسچىت بۇنىڭ ئۈچۈن ياسالمىغان»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بۇ ھەدىس مەسچىتتە يوقاپ كەتكەن چارۋىلىرىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان كىشىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا: ئاللاھ ساڭا يوقاپ كەتكەن نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن ياكى يوقاپ كەتكەن نەرسەڭنى تاپالمىغايسەن دېيىشنى تەلىم بېرىدۇ، بۇمۇ ئۇ كىشىگە مەسچىتنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلىقى ئۈچۈن قويۇلغان چەكلىمىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتتە يوقاپ كەتكەن نەرسىسىنىڭ سوراشتىن چەكلەشنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ، مەسچىت بۇنىڭ ئۈچۈن ياسالمىغان دەيدۇ، يەنى مەسچىت دېگەن ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش، ناماز ئوقۇش، ئىلىم-مەرىپەت ئۈگۈنۈش ۋە باشقا ياخشىلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ياسالغان، يوقاپ كەتكەن نەرسىنى مەسچىتتە سۈرۈشتۈرگۈچى بولسا ئىشنى ئۆز ئورنىدا قىلمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشىگە يوقاپ كەتكەن نەرسىسىنى تاپالمىسۇن دەپ دۇئا قىلىش مۇناسىپ بولغان، مۇشۇنداق ئىش قىلغۇچىلارنى چەكلەش ۋە ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆز مەقسىدىنىڭ قارشىسى بىلەن جازالاش مۇۋاپىقتۇر. ئومۇمەن ھەدىس ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇنىڭمۇ شەرتلىرى بولىدۇ، ئۇ كىشىگە مۇشۇنداق دۇئا قىلىنسا ئۇ كىشىمۇ بۇ قىلمىشىدىن چەكلىنىپ، قول ئۈزىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا مەزكۇر قىلمىشنى تەكرار قىلىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىلەر مەسجىدتە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقان بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ تىجارىتىڭگە پايدا ئاتا قىلمىغاي دەڭلار. ئەگەر بىرەر ئادەمنىڭ مەسجىدتە يوقاپ كەتكەن نەرسىلىرىنى ئېلان قىلىپ ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىگەي دەڭلار» دېگەن.
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر سىلەر مەسجىدتە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقان بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ تىجارىتىڭگە پايدا ئاتا قىلمىغاي دەڭلار، دەپ تەلىمات بېرىش ئارقىلىق مەسجىدنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئۇنتۇپ، مەسجىدنى بازارغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىتىن چەكلەش مەقسەتتۇر. چۈنكى مەسجىد ئاخىرەتنىڭ بازىرىدۇر. كىم ئۇنى دۇنيانىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇۋالسا، ئۇنى جازالاش ۋە ئۇنداق ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ ئەكسىچە ئىشلىرىنىڭ راۋاج تاپماسلىقى ۋە زىيان تارتىشقا دۇئا قىلىنىشقا ھەقلىقتۇر. مەسجىدتە سودا-سېتىق قىلىش مەكرۇھ.
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە تۇرغان ۋاقتىدا تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن: «ئى ئاللاھ! سېنى ماختاش بىلەن بىرگە پاك دەپ ئىتىقاد قىلىمەن، سېنىڭ ئىسمىڭ بەرىكەتلىك، ئۇلۇغلۇقۇڭ يۈكسەك، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» دەيىتتى، ئاندىن: «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق» دەپ ئۈچ قېتىم، «ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈك» دەپ ئۈچ قېتىم دەپ، «ھەممىنى ئاڭلاپ، بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ بىلەن قوغلاندى شەيتاننىڭ زىيانكەشلىكى، ۋەسۋەسىسى ۋە سېھىرلىشىدىن پاناھلىق تىلەيمەن» دەپ، ئاندىن قىرائەتنى باشلايتتى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە تۇرغان ۋاقتىدا تەكبىر ئېيتاتتى» يەنى: نامازنى باشلاش تەكبىرىنى ئېيتاتتى، ئۇ پەرز بولۇپ، ناماز مۇشۇ تەكبىر بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن: ئى ئاللاھ! ساڭا لايىق بولمايدىغان، ئۇلۇغلۇقۇڭغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان ھەرقانداق ئەيىپ-نۇقسان، كەمچىللىكتىن «سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن»، سېنى ماختايمەن» بۇ ئاللاھ تائالانى بۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا مەدھىيلەشتىن ئىبارەت، يەنى: ئى ئاللاھ! سەن مۇۋەپپەق قىلمىساڭ، ھىدايەت قىلمىساڭ مەن سېنى پاك دەپ ئىتىقاد قىلالمايتتىم، بۇ بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلمىسا ئۆزىنىڭ ئاجىز كېلىدىغانلىقىنى ئېپادىلىشىدۇر.«سېنىڭ ئىسمىڭ بەرىكەتلىك» سېنىڭ بەرىكىتىڭ كۆپ ۋە ئاسمان-زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ياخشىلىقلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا خاس ئىكەنلىكىگە ئەسكەرتىش. «سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭ ھەممىدىن ئۈستۈن» ھەر قانداق ئۇلۇغلۇقنىڭ ئۈستىدە، ئۇلۇغلۇقۇڭ ھەممە نەرسىدىن يۇقىرى، ھۆكۈمرانلىقىڭ ھەممە ھۆكۈمرانلىقنى بويسۇندۇردى، ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقى ئالىدۇر، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقتىمۇ، پەرۋەردىگارلىقتىمۇ ۋە ئىلاھلىقتىمۇ ياكى ئىسىم-سۈپەتتىمۇ ھېچ شېرىكى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرىدا: «سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» يەنى: سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، سەن ئۆزۈڭ سۈپەتلىگەن ئېسىل سۈپەت، باشقىلارغا ئاتا قىلغان ئالى نېمەت بىلەن ئىبادەتكە لايىقسەن. بۇ ناماز باشلاشتا ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەش، ئاللاھنى لايىق بولمايدىغان نەرسىلەردىن پاكلاش بولۇپ، ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ-نۇقساندىن پاك ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان، بۇ مۇشۇ باپتا كەلگەن ناماز باشلاش دۇئالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەۋزىلى بىر قېتىم بۇنى، يەنە بىر قېتىم باشقىسىنى ئوقۇپ، بەزىسىگە سەل قارىماي ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىنى جۇغلاشتۇر، ناماز باشلاش دۇئالىرىدىن يەنە: «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق» يەنى: ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوق، دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاش، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «(بۇ قۇدرەت) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) باتىلدۇر، ئاللاھ (ھەممە نەرسىدىن) ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر» ھەج سۈرىسى 62-ئايەت. ئاندىن «ئاللاھ ھەممىدىن كاتتىدۇر» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھغا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەش بىلەن نامازنى باشلايدۇ، «ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە بىلگۈچى ئاللاھ بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغان، ھەددىدىن ئاشقۇچى ئىنسان ۋە جىندىن بولغان شەيتانلارنىڭ دىن-دۇنيالىق ئىشلىرىمدا مېنى پايدىلىق بولغان ئىشلاردىن چەكلەپ، ماڭا زىيان يەتكۈزۈشىدىن پاناھ تىلەيمەن» كىم ئاللاھدىن پاناھ تىلىسە، كۈچلۈك بىر ياردەمگە ئېرىشكەن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن ئۆزىنى ھالاك قېلىشنى، يامانلىققا ئىتتىرىشنى، ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ ئىبادىتىدىن ئۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ياۋۇز دۈشمەندىن ساقلىنىپ قالىدۇ. شەيتاننىڭ ھۇشسىزلاندۇرىشىدىن، تەكەببۇرلاشتۇرۇپ، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان قىلىپ قويۇشىدىن، سېھىر قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن». ئاندىن قۇرئان ئايىتىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، قىرائەتنىڭ بېشىنى پاتىھە سۈرىسىدىن باشلايدۇ