





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى باشلىغاندا تەكبىر ئېيتىپ قىرائەتنى «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين» بىلەن باشلايتتى، رۇكۇ قىلغاندا دۇمبىسىنى بەك تۆۋەنمۇ قىلماي بەك ئىگىزمۇ قىلماي ئورتاھال تۇتاتتى، رۇكۇدىن تۇرغاندا تەمكىن تۇرۋېتىپ ئاندىن سەجدە قىلاتتى، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تەمكىن تۇرىۋېتىپ ئاندىن سەجدە قىلاتتى، ھەر ئىككى رەكەتتە بىر تەشەھھۇدتا ئولتۇراتتى،تەشەھھۇدتا ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ سول پۇتىنى ياتقۇزۇپ ئولتۇراتتى، رەسۇلۇللاھ شەيتاننىڭ ئولتۇرۇشىدىن توسقان«ئىككى پۇتىنىڭ دۇمبىسىنى يەرگە قىلىپ پۇتنىڭ ئالقىنىدا ئولتۇرۇش» ۋە يەنە سەجدە قىلغاندا ئىككى بىلەكنى يەرگە چاپلاپ سەجدە قىلىشتىن توستى، رەسۇلۇللاھ نامازنى سالام بىرىش بىلەن تۈگىتەتتى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ئۈگەتكەن ۋە تەلىم بەرگەن نوقتىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەرگەن، رەسۇلۇللاھ نامازنى تەكبىرەتۇل ئىھرام «ئاللاھۇ ئەكبەر» بىلەن باشلايتتى، قىرائەتتىن سۈرە پاتىھەنى «ئەلھەمدۇ لىللاھ» نى باشتا ئوقۇيتتى، قىيامدىن كېيىنكى رۇكۇدا دۇمبىسىنى بەك توۋەنمۇ بەك ئۈستۈنمۇ قىلمايتتى، بەلكى تۈز ۋە ئوتتۇرسىدا قىلاتتى، سەجدىگە بېرىشتىن ئىلگىرى، رۇكۇدىن تۇرغاندا رۇس ۋە تىك، تەمكىن تۇراتتى، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تەمكىن ئولتۇرماي سەجدە قىلمايتتى، ھەر ئىككى رەكەتتىن كېيىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا بۇ زىكرىنى دەيتتى: پۈتكۈل ئۇلۇغلاش قىلىندىغان بارلىق ئىبادەتلەر، ۋە بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر. تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ سول پۇتىنى يېيىپ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى، نامازدا شەيتان ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇشتىن توسقان، ئۇ بولسىمۇ، ئىككى پۇتىنىڭ دۇمبىسىنى يەرگە قىلىپ، پۇتنىڭ ئالقىنى ۋە تاپىنىدا ئولتۇرۇش، ياكى ئىككى پۇتىنى تىكلەپ كاسىنى يەرگە چاپلاپ ئولتۇرۇش. يەنە نامازخاننى ئىككى بىلىكىنى خۇددى يىرىتقۇچىلار يەرگە چاپلىغاندەك چاپلاپ سەجدە قىلىشتىن توسقان. ناماز ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە بۈيۈك بىلىش بىلەن باشلىنىپ، پەرىشتىلەرگە، ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋە بارلىق تەقۋادار مۇسۇلمانلارغا، ئىلگىرى ۋە كېيىنكىلەرگە سالام بىرىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، نامازخان كۆپچىلىككە قىلىنغان بۇ دۇئانى مۇلاھىزە قىلىش كېرەك
ۋائىل ئىبنى ھەجەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە دەيدىكى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئۇ ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قىلىپ، مەيدىسىگە قويدى
ئىبنى خۇزەيمە"سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان«ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويدى» ئەگەر قول دېگەن سۆز ئايرىم كەلسە، ئۇنىڭدىن ئالقان مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ يەردىمۇ ئالقان مەقسەت قىلىنغان. بۇ گەپنى، ئەبۇ داۋۇت ۋە نەسائى قاتارلىق ئىماملار كەلتۈرگەن ھەدىسلەر كۈچلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدا: «ئاندىن، ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئالقىنىنىڭ دۈمبىسى، بېغىشى ۋە بىلىكىگە قويدى». بېغىش، دېگەن: بىلەك بىلەن ئالقاننىڭ ئارىلىقىدىكى بوغۇم. مەيدىسىگە، دېگەن: ئۇ نامازدا قىيامدا تۇرغاندا، ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئۇ ئىككىسىنى مەيدىسىگە قويغان ھالەتتە قىيامدا تۇرغانلىقىنى كۆرسۈتىدۇ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: كىشىلەر ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە سەپ تۈزۈپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەلەڭزىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: ئەي كىشىلەر! ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىكنىڭ بېشارەتلىرىدىن مۇسۇلمان كىشى كۆرىدىغان ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرىلىدىغان ياخشى چۈشلا قالدى، دىققەت قىلىڭلار!، مەن رۇكۇ قىلغان ۋە سەجدە قىلغان ھالەتتە قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەندىم. رۇكۇ قىلغاندا پەرۋەردىگارىڭلارنى ئۇلۇغلاڭلار، سەجدىدە كۆپ دۇئا قېلىشقا تېرىشىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ئىجاۋەت قىلىنىشقا بەك لايىقتۇر
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە سەپ تۈزۈپ، جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۆيىنىڭ مىلەڭزىسىنى ئاچتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۇلارغا ناماز ئوقۇپ بېرەلمەي، ئەبۇ بەكرىنى كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىغان ئىدى، ئۇ: «ئەي خالايىقلار! ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىكنىڭ بېشارەتلىرىدىن ياخشى چۈشلا قالدى،-دېدى، يەنى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ، ۋەھيى ئۈزۈلگەندىن كېيىن پەقەت رېئاللىققا مۇۋاپىق بولغان ياخشى چۈشلا قالدى، بۇ چۈشنى ئىمان ئەھلى كۆرۈپ، خوش بىشارەت ئالىدۇ، خۇرسەن بولۇپ، ئىمانى يەنىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ، بۇنداق بولىشى: چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا كۆرگەن چۈشلىرى تاڭنىڭ يورىقىدەك ئوچۇق نامايەن بولاتتى، شۇڭا چۈش پەيغەمبەرلىكنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. «بىشارەتلىرى» دېگەن سۆز كۆپىنچە ئەھۋالغا قاراپ ئېيتىلغان، چۈنكى بەزى راست چۈشلەر ئاللاھ تەرىپىدىن مۇئمىنگە كۆيۈنۈپ، بىرەر ئەھۋال يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى تەييارلىق قىلىۋىلىشى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇشمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ ئاساسەن ياخشى چۈش مۆمىن ئۈچۈن بىشارەت بولىدۇ ياكى غەپلەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش بولىدۇ. «ئۇ چۈشنى مۇسۇلمان كۆرىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرىلىدۇ» يەنى: مەيلى چۈشنى ئۆزى كۆرسۇن ياكى باشقىلار ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسۇن ئوخشاش. «دىققەت قىلىڭلار! مەن رۇكۇ قىلغان ۋە سەجدە قىلغان ھالەتتە قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەندىم» يەنى: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى رۇكۇ ياكى سەجدە ھالىتىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن چەكلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چەكلەنگەن ئىشلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل بولمىسىلا، ئۈممەتمۇ بۇ ئىشتىن چەكلىنىدۇ، رۇكۇ ياكى سەجدىدە قۇرئان ئوقۇشنى مەقسەت قىلىنسا چەكلىنىدۇ، ئەمما دۇئا مەقسەت قىلىنسا چەكلەنمەيدۇ، ھەدىستە: «ھەر كىشى ئۈچۈن مەقسەت قىلغان ئىشى بولىدۇ» دېيىلگەن. چەكلەشتىكى ھېكمەت: -ئاللاھ تائالانى ھەممىنى بىلگۈچىدۇر- رۇكۇ ۋە سەجدە خارلىق ۋە بويسۇنۇش ھالەتلىرىدۇر، زېمىنغا سەجدە قىلغان ھالەتتە قىرائەت قىلىش قۇرئانغا لايىق ئەمەس. «رۇكۇدا ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاڭلار» يەنى: رۇكۇدا ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان «سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم» گە ئوخشاش ئاللاھنى پاكلايدىغان ۋە ئۇلۇغلايدىغان دۇئالارنى قىلىڭلار. «سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىشقا تېرىشىڭلار» يەنى: ناماز ئوقۇغۇچى سەجدە ھالىتىدە دۇئانى كۆپ قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بەندىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى سەجدە قىلغان ھالىتى، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار» دېگەن، لېكىن:«سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا» دېگەن دۇئا بىلەن بىللە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ دۇئا ۋاجىپتۇر. «سىلەر ئۈچۈن ئىجابەت قىلىنىشقا لايىق» يەنى: چۈنكى بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن ۋاقتى سەجدە قىلغان ھالىتى بولىدۇ. دۇئانى ئۇزۇن ۋە كۆپ قىلىش ياخشى بولىدىغان ۋاقىت ئىنسان يالغۇز ياكى ئۇزۇن دۇئانى ياخشى كۆرىدىغان جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغان ۋاقىتتۇر
ھەكەم ئېيتتى: كۇپە شەھرىگە زەمەن ئىبنى ئەشئەس ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتىدا، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى ئابدۇللاھنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىدى، ئۇ كىشى رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە: "پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەر تولغىچە ۋە سەن ياراتقان ۋە يارىتىدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سانىچە ھەمدۇ-سانا ئېيتىمەن، سەن مەدھىيلەش ۋە ئۇلۇغلاشقا لايىقسەن، سەن بەرگەننى توسىۋالغۇچى يوق، سەن توسقاننى بەرگۈچى يوق، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ" دېگەن دۇئانى ئوقۇغان مىقداردا تۇراتتى، ھەكەم مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئىشنى ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەبى لەيلاغا سۆزلەپ بەرسەم، ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: مەن بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى بولسا رۇكۇسى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تۇرىشى، سەجدە قىلىشى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرىشى ئاساسەن بىر-بىرىگە يېقىن ئىدى» ، شۇئبە مۇنداق دېدى: "مەن بۇ سۆزنى ئەمرۇ ئىبنى مۇررەگە دېسەم، ئۇ كىشى: مەن ئىبنى ئەبى لەيلانى كۆرگەن، ئۇنىڭ نامىزى بۇنداق ئەمەس ئىدى دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: كۇپە شەھىرىگە زەمەن ئىبنى ئەشئەس ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتىدا، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى ئابدۇللاھنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىدى، بۇ كىشىنىڭ ئىسمى "مەتەر ئىبنى ناجىيە "بولۇپ، ئىككىنچى بىر رىۋايەتتە مۇشۇنداق ئاتىغان، ئەبۇ ئۇبەيدە بولسا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى، ئۇ كىشى ناماز ئوقۇغان ۋاقىتتا رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرسە: "پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا كۆپلەپ ھەمدىلەر بولسۇن"دېگەن مىقداردا تۇردى ۋە مۇشۇ مىقتاردا دۇئا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ نامازنىڭ ۋاجىپلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئارتۇق : "پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەر تولغىچە ۋە سەن ياراتقان ۋە يارىتىدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سانىچە ھەمدۇسانا ئېيتىمەن..."دېگەن دۇئانى ئوقۇش مۇستەھەب بولىدۇ، بۇ توغۇرسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىمام سەمىئەللاھۇلىمەن ھەمىدە دېسە يەنى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ھەمدۇ سانا ئېيتقاننى ئاڭلىغۇچىدۇر دېسە، سىلەر: پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا كۆپلەپ ھەمدىلەر بولسۇن"دەڭلار دېگەن، پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا كۆپلەپ ھەمدىلەر بولسۇن"دېگەن ھەم دۇئا ھەم ئېتىراپ قىلىشتۇر، يەنى ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ تىلىكىمىزنى ئىجابەت قىلغىن، سەن بىزنى ھىدايەت قىلغان ۋە ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلغانلىق ئۈچۈن ساڭا كۆپلەپ ھەمدىلەر بولسۇن، ئاسمانلار ۋە زېمىن تولغىچە دېگەن سۆز ئارقىلىق ئېيتىلىدىغان ھەمدە _سانانىڭ مىقدارىنىڭ كاتتىلىقى ۋە سانىنىڭ كۆپلىكى مەقسەت قىلىنىدۇ،بۇنىڭ مەنىسى: ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن مۇشۇنداق مەدھىيلەشكە لايىقسەن، ئەگەر بۇ مەدھىيلەر جىسىم بولغان بولسا ئەلۋەتتە ئاشۇنىڭ ھەممىسىنى توشقۇزاتتى دېگەنلىكتۇر، سەن ياراتقان ۋە يارىتىدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سانىچە ھەمدۇ_سانا ئېيتىمەن، يەنى سېنىڭ كەڭرى پادىشاھلىقىڭدا بىز بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ سانىچە ھەمدۇ _سانا ئېيتىمەن، سەن مەدھىيلەش ۋە ئۇلۇغلاشقا لايىقسەن، يەنى سەن ئى پەرۋەردىگارىمىز! مۇتلەق شان_شەرەپ، ماختاش_مەدھىيلەرنىڭ ساھىبى سەن، سېنىڭ شان_شەرىپىڭ چەكسىزدۇر، سەن بەرگەننى توسىۋالغۇچى يوق، يەنى سەن بېرىشنى مەقسەت قىلساڭ ئۇنى توسىۋالغۇچى يوق، سەن توسقاننى بەرگۈچى يوق، يەنى سەن ئۆزۈڭنىڭ ئادىللىقىڭ ۋە ھېكمىتىڭ بىلەن چەكلەشنى مەقسەت قىلساڭ، سەن چەكلىگەننى بەرگۈچى يوق، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ" يەنى، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى، ئابرويى ئەسقاتمايدۇ، ئۇنى سېنىڭ ئازابىڭدىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئەجىر_ساۋاپتىن بىر نەرسىنى كۆپەيتىپ بېرەلمەيدۇ، پايدا_مەنپەئەت پەقەت سېنىڭ ئىرادەڭگە ئالاقىدار بولىدۇ، ھەكەم مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئىشنى ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەبى لەيلاغا سۆزلەپ بەرسەم، ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: مەن بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى بولسا رۇكۇسى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تۇرىشى، سەجدە قىلىشى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرىشى ئاساسەن بىر_بىرىگە يېقىن ئىدى» يەنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ رۇكنىنىڭ(پەرىزلىرىنىڭ) ئارىسى ئازراق پەرق بولسىمۇ مىقداردا يېقىن ئىدى، قىيامدا ئۇزۇن تۇرغان بولسا، رۇكۇنىمۇ قىيامغا يېقىن ھالەتتە ئۇزۇن قىلاتتى، نامازنىڭ قالغان پەرزلىرىنىمۇ شۇنداق قىلاتتى، قىيامنى يەڭگىل قىلسا، رۇكۇنىمۇ قىيامغا يېقىن بولغان ھالەتتە يەڭگىل قىلاتتى، نامازنىڭ قالغان پەرزلىرىنىمۇ شۇنداق قىلاتتى،بۇ ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ بەزى ھالەتلىرىنى بايان قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ۋاقىتلار نامازنى بەك ئۇزۇن ئوقۇيتتى، بۇ ھەدىسمۇ بەزى ۋاقىتتا ئوقۇلغان نامازنى ئىپادىلەيدۇ، سۆزنىڭ خۇلاسىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى ئاساسەن مىقداردا بىر-بىرىگە يېقىن ئىدى، رۇكۇ قىلىشى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرىشى، سەجدە قىلىشى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرىشى مىقداردا بىر_بىرىگە يېقىن ئىدى، بەزى ۋاقىتتا قىيامدا قىرائەتنى ئۇزۇن قىلاتتى
ۋائىل ئىبنى ھۇجىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇ قىلغاندا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ھىم تۇتاتتى
ئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: رۇكۇ قىلغاندا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ھىم تۇتاتتى، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇ قىلغاندا ئىككى ئالقىنى بىلەن ئىككى تېزىنى چىڭ تۇتۇپ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، بۇنداق قىلىش بىلەن رۇكۇدا ئۇچىسى بىلەن بېشىنى باراۋەر قىلىپ مۇستەھكەم تۇرغىلى بولىدۇ، سەجدە قىلغاندا بولسا ئىككى ئالقىنىنى يەرگە قوياتتى، بارماقلىرىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە چاپلاپ ئارىسىنى ھىم قىلاتتى، بۇنىڭ قىبلىگە مۇكەممەل يۈزلىنىشكە ۋە سەجدە قىلىش جەريانىدا جىسمىنى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولاتتى
مالىك ئىبنى ئەلھۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىزىنىڭ ھەر رەكىتىدە راۋۇرۇس ئولتۇرمىغىچە ئورنىدىن تۇرمايتتى، دەيدۇ
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبىرىنچى رەكئەتتىن ئىككىنچى رەكئەتكە ۋە ئۈچىنچى رەكئەتتىن تۆتىنچى رەكئەتكە تۇرىدىغان ۋاقىتتا دەرھال تۇرماستىن، يېنىك ئولتۇرۇۋىتىپ، ئاندىن تۇرۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن بولۇپ، بۇ ئارام ئېلىش ئولتۇرۇشى دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق ئولتۇرغانلىقىنى كۆپلىگەن ساھابىلار رىۋايەت قىلغان
ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھۇتتا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغاندا ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى، باش بارمىقىنى ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، سول ئالقىنى بىلەن سول تىزىنى تۇتاتتى»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغاندا» بۇ ھەدىسنى مۇسلىم ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇت ئۈچۈن ئولتۇرغاندا، سول قولىنى سول تىزىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى» دېگەن ھەدىس كۈچلەندۈرىدۇ. تەشەھھۇد دېگەن بۇ دۇئانى ئوقۇشتۇر: «سۆز بىلەن، بەدەن بىلەن ۋە مال-مۈلۈك بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر ئاللاھقا خاستۇر. ئامانلىق، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلىگە بولسۇن، ئى پەيغەمبەر!. ئامانلىق بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە بولسۇن». بۇ سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۈممەتكە بولغان تىلەكنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن دۇئا دەپ ئاتالدى. «تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى» قولىنى يوتىسىنىڭ ياكى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويىشىدىن بولغان ھېكمەت ئۇنى بىكارچىلىقتىن توسۇشتۇر، قولىنى يوتىسىنىڭ ياكى تىزىنىڭ ئۈستىدە قويۇشتا زىتلىق يوق، چۈنكى قولىنى يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويغاندا بارماقلىرىنىڭ ئۈچى يوتىسىنىڭ ئەتراپىغا يېتىدۇ، نەسائى ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سول ئالقىنىنى سول يوتىسى ۋە سول تىزىنىڭ ئۈستىگە، ئوڭ جەينىكىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قىلاتتى»، ناماز ئوقۇغۇچى جەينىكىنى يوتىسىغا قىلسا، ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچى چوقۇم تېزىغا يېتىدۇ. نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئۆلىمالار ئالقىنىنى تېزىغا ياكى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى، بەزىلەر قول بارماقلىرىنىڭ تىزغا يېتىشىنى ئېيتتى، بۇ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سول ئالقىنى بىلەن تېزىنى تۇتاتتى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى. «قولىنى قوياتتى» دېگەن سۆزدىن بولغان مەقسەت: بارماقلارنىڭ ئۇچىدىن جەينەككىچە بولغان ئارىلىق كۆزدە تۇتىلىدۇ، ھەدىسنىڭ ئىپادىسىدىن: بۇ بىرىنچى تەشەھھۇتتا بولسىمۇ ياكى ئىككىنچى تەشەھھۇتتا بولسىمۇ ئوخشاش. باش بارماقنىڭ يېنىدىكى كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى، بۇ بارماقنىڭ كۆرسەتكۈچ بارماق دەپ ئاتىلىشى: ئۇرۇشۇپ قالغاندا ئۇنىڭ بىلەن ئىشارە قىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك تەسبىھ ئېيتقۇچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە پاكلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ، ئۇ تەسبىھ ھېسابلىنىدۇ. تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان، باپتا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە سۈننەت: تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندىن باشلاپ تەشەھھۇت ئاخىرلاشقىچە ئىشارەت قىلىشتۇر. ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغاندا ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى» دېيىلگەن. مۇسلىمنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا سول قولىنى سول تىزىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، ئوڭ قولىنى ئوڭ تىزىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، ئەللىك ئۈچنى چېگىپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى» دېگەن. بۇنىڭ ئوخشىشىنى ئەبۇ داۋۇد ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا سول پۇتىنى ياياتتى، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىدە، ئوڭ جەينىكىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىدە قىلاتتى، ئىككى بارمىقىنى تەگكۈزۈپ يۇمۇلاق قىلاتتى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق قىلغانلىقىنى كۆردۈم دەپ، باش بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۇچىنى يۇمۇلاق قىلىپ، كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلدى» دېگەن. ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "باشقا رىۋايەتلەر بايان قىلغاندەك تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندىن باشلاپ شۇنداق قىلغان"، شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ ۋە دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرىمۇ مۇشۇنداق پەتىۋا بەرگەن. ھەدىستىكى «باش بارمىقىنى ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۈستىگە قويدى» دېگىنى: باش بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى يۇمۇلاق قىلىپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلدى، دېمەكتۇر، يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدە بارماقنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىشتىن بولغان مەقسەت: ھەقىقى ئىبادەت قىلىنغۇچى بىر دەپ، ئاللاھنى بىر بىلىشتە سۆز، ھەرىكەت ۋە ئېتىقادنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. مۇسنەد ئەھمەدتە ئىبنى ئومەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «بۇنداق قىلىش شەيتانغا تۆمۈردىنمۇ قاتتىقراق»دېيىلگەن. «بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلدى» دېگەندىن بارمىقىنى ھەرىكەتلەندۈرمىگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ، ئىشارەت دېگەن ھەرىكەت ئەمەس. «سول قولى بىلەن سول تېزىنى چېڭ تۇتاتتى» يەنى: تېزىنى سول ئالقىنىنىڭ ئېچىگە كىرگۈزۈپ، چېڭ تۇتاتتى، ھەتتا تىزى قولىدىكى لوقمىدەك بولاتتى. ئىككىنچى خىل ھالەت: تېزىنى چېڭ تۇتماستىن، سول قولىنى سول تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇشتۇر، مۇسلىم ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا، ئىككى قولىنى ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، سول قولىنى سول تىزىنىڭ ئۈستىگە ياياتتى»دېيىلگەن، بۇنىڭغا ئاساسەن: تەشەھھۇتتا ئىككى قولىنى قويۇش توغرىسىكى سۈننەت ئىككى خىل يول بىلەن بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ قايسىسىنى تۇتسا سۈننەتكە ئەمەل قىلغان بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە تەڭ ئەمەل قىلىپ، بىر قېتىم ئۇنى، يەنە بىر قېتىم بۇنى قېلىش كېرەك
ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ھەج سۈرىسىدە ئىككى سەجدە بارمۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھە-ئە، ئۇ ئىككىسىدە سەجدە قىلمىغان كىشى ئۇلارنى ئوقۇمىسۇن»دېدى
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەج سۈرىسى توغرىسىدا «بۇ سۈرىدە ئىككى سەجدە بارمۇ؟» دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەئە، ئۇنىڭدا ئىككى سەجدە بار» دەپ جاۋاپ بېرىپ، ئاندىن: «ئۇ ئىككىسىدە سەجدە قىلمىغان كىشى ئۇلارنى ئوقۇمىسۇن» يەنى: سەجدە قىلىشنى خالىمىغان كىشى بۇ ئىككى ئايەتكە كەلگەندە ئۇلارنى ئوقۇمىسۇن، دېگەن يەنە بىر ھۆكۈمنى قوشۇمچە قىلدى. بۇ چەكلىمە ھارام قىلىپ ئەمەس، ياقتۇرمىغانلىق ئۈچۈندۇر. تىلاۋەت قىلغاندا سەجدە قىلىش سۈننەتتۇر
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ مۇنبەر ئۈستىدە تۇرغاندا ئۇنىڭدىن كېچىدە ئوقۇلىدىغان ناماز توغرۇلۇق سورىدى. رەسۇلۇللاھ: ئككى رەكئەت – ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ، ئەگەردە تاڭ يورۇپ قىلىشتىن قورقسا بىر رەكئەت ۋىتىر نامىزى ئوقۇپ ئاخىرىنى تاق قىلىۋەتسە بولىدۇ،- دىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر: نامىزىڭلارنىڭ ئاخىرىنى ۋىتىر (تاق رەكئەت) قىلىڭلار، چۈنكى رەسۇلۇللاھ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان،- دەيىتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە ئىبنى ئۆمەرگە: ئىككى – ئىككى دېگەن نېمە؟ دېيىلگەندە، ئۇ: ھەر ئىككى رەكئەتتە سالام بىرىپ ئوقۇش،- دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ مۇنبەر ئۈستىدە تۇرغاندا ئۇنىڭدىن كېچىدە ئوقۇلىدىغان ناماز توغرۇلۇق سورىدى، يەنى: كېچىدە ئوقۇلىدىغان نامازنىڭ رەكئەتلىرىنىڭ سانى ۋە قانچە رەكئەتتىن ئوقۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھ سىلىگە تەلىم بەرگەن شەرئى ھۆكۈم قانداق؟ دەپ سورىغان. بۇخارى بىلەن مۇسلىمدا نەقىل قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: «كېچىلىك ناماز قانداق ئوقۇلىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن» دېگەن، ئىككى رەكەت دېگەن سۆزنى تەكرار كەلتۈرۈش بۇنداق ئوقۇشنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، يەنى: كېچىدە ئوقۇلىدىغان نامازدا ھەر ئىككى رەكەتتە سالام بېرىلىدۇ، بۇنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ شۇنداق چۈشەندۈرگەن، لېكىن بۇنىڭدىن ۋىتىر نامىزى ئايرىۋېلىنىدۇ، ئەگەر يەتتە رەكەت ياكى بەش رەكەت ياكى ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇسا، ئۇلاپ ئوقۇپ ئاخىرقى رەكەتتە سالام بەرسە بولىدۇ. «تاڭنىڭ يورۇپ قىلىشىدىن قورقسا بىر رەكەت ئوقۇيدۇ»، يەنى: ئەگەر تاڭ يورۇشتىن قورقسا تىزدىن بىر تەشەھھۇد ۋە بىر سالام بىلەن بىر رەكئەت ۋىتىر نامىزى ئوقۇيدۇ. «ئۇ بىر رەكئەت ئىلگىرى ئوقۇغان نامىزىغا ۋىتىر بولىدۇ»، يەنى: كېيىن ئوقۇغان بىر رەكەتنى بۇرۇن ئوقۇغان ئىككى رەكەتكە قېتىۋەتسە، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى تاق بولىدۇ. ھەدىس رىۋايەتچىسى نافىئ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «نامىزىڭلارنىڭ ئاخىرىنى تاق قىلىڭلار» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە:«كېچىدە ئوقۇيدىغان نامىزىڭلارنىڭ ئاخىرىنى تاق قىلىڭلار» دېيىلگەن، يەنى: كېچىدىكى تەھەججۈد نامىزىڭلارنىڭ ئاخىرىنى تاق رەكەت قىلىڭلار. ئاندىن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ" پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنىڭغا بۇيرىغان" دېيىش ئارقىلىق، بۇنىڭ ئۆز قارىشى بولماستىن بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇيرىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، يەنى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئوقۇغان نامىزىمىزنىڭ ئاخىرىنى تاق قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇشقا بۇيرىدى، خۇددى شام نامىزى كۈندۈز نامىزىنىڭ تاق ۋە ئاخىرلىشىشى بولغىنىدەك، ۋىتىر نامىزىمۇ كېچىگە نىسبەتەن شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. يەنە بىر رىۋايەتتە ئىبنى ئۆمەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى سورالغاندا، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزدىن بولغان مەقسىتىنى بايان قىلىپ: ھەر ئىككى رەكەتتە سالام بېرىسەن،- دېدى، يەنى ئىككى رەكەت ئوقۇيسەن، ئاندىن سالام بېرىسەن، ئاندىن ئىككى رەكەت ئوقۇيسەن، سالام بېرىسەن...ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئوقۇمايسەن