





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ۋىتىر سابىتتۇر، ۋىتىرنى خالىغان كىشى يەتتە رەكەت ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى بەش رەكەت ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى ئۈچ رەكەت ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى بىر رەكەت ئوقۇسۇن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ۋىتىر ئوقۇش سۈننەتتە بېكىتىلگەن. بۇ تەكىتلەشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ۋاجىپ مەنىسىدە كېلىدۇ، مەقسەت: ۋىتىر ئوقۇشنىڭ ۋاجىپ ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئوچۇق دەلىللەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋىتىر ئوقۇشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى تەكىتلەش. بۇخارى بىلەن مۇسلىم تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھدىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېگەن:«نەجدە ئەھلىدىن بولغان بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى، بۇ ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيسەن» دېدى، ئۇ كىشى: ماڭا بۇنىڭدىن باشقا ناماز بارمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يوق، لېكىن نەپلە ناماز ئوقۇساڭ بولىدۇ» دېدى، ئەگەر ۋىتىر ئوقۇش ۋاجىپ بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنى بەش ۋاقىت ناماز بىلەن بىرگە تىلغا ئالاتتى. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بەندىلىرىگە بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلدى، كىم بەش ۋاقىت نامازنى سەل قارىماستىن، ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ۋەدە قىلدى» دېگەن. ۋىتىرنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىگە دەلىللەردىن: بۇخارى ۋە مۇسلىم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىس بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئازنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە ئۇنىڭغا: «ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بىر كىچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن» دېگەن، بۇ ئەڭ گۈزەل شەكىلدە كەلتۈرۈلگەن دەلىل، چۈنكى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئازراق بۇرۇن بولغان. يەنە بۇنىڭ دەلىللىرىدىن:ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «ۋىتىر ئوقۇش كەسكىن ئەمەس» دېيىلگەن، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، ۋىتىر ئوقۇش سابىت دېگەن سۆزدىن مەقسەت: ۋىتىرنىڭ پەزىلىتى، ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش. «خالىغان كىشى يەتتە رەكەت ۋىتىر ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى بەش رەكەت ۋىتىر ئوقۇسۇن»، يەنى: ئىككى رەكەت، ئىككى رەكەتتىن ناماز ئوقۇيدۇ، ئاندىن بىر رەكەت ۋىتىر ئوقۇيدۇ، بۇ ئەسلى قائىدە، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىچە نامىزى ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ» دېگەن. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. بۇنىڭدىن يەنە: ئولتۇرماي نامازنى ئۇلاپ ئوقۇپ، ئاخىرقى رەكەتتە ئولتۇرىدىغانلىق ئېھتىمالىمۇ بار، بۇمۇ توغرا، مۇسنەد ئەھمەدتە، ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتتە رەكەت ۋە بەش رەكەت ۋىتىر ئوقۇيتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى سالام بىلەنمۇ ۋە سۆز بىلەنمۇ بۆلمەيتتى» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ئەبۇ داۋۇتتا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەش رەكەت ۋىتىر ئوقۇيتتى، پەقەت نامازنىڭ ئاخىرىدا ئولتۇراتتى» دېيىلگەن. «خالىغان كىشى ئۈچ رەكەت ۋىتىر ئوقۇسۇن»، يەنى: ئىككى رەكەت ئوقۇپ سالام بېرىپ، ئاندىن بىر رەكەت ئوقۇيدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىچە نامىزى ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ». بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. بۇنىڭدىن ئۈچ رەكەتنى ئۇلاپ ئوقۇپ، پەقەت ئاخىرقى رەكەتتە ئولتۇرۇش ئېھتىمالىمۇ بار، بۇ توغرىدا ئۇبەي ئىبنى كەئىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىتىر نامىزىدا بىرىنچى رەكەتتە" سەببەھىسمە رەببىكەل ئەئلا"نى، ئىككىنچى رەكەتتە "قۇل يا ئەييۇھەل كاپىرۇن"نى، ئۈچىنچى رەكەتتە "قۇلھۇۋاللۇ ئەھەد"نى ئوقۇيتتى، پەقەت ئاخىرقى رەكەتتە سالام بېرەتتى» دېيىلگەن، نەسائى رىۋايىتى. يەنە نەسائى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىتىرنىڭ ئىككى رەكىتىدە سالام بەرمەيتتى» دېيىلگەن. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ: "ۋىتىرنى ئۈچ رەكەت ئوقۇسىمۇ، بەش رەكەت ئوقۇسىمۇ، يەتتە رەكەت ئوقۇسىمۇ، توققۇز رەكەت ئوقۇسىمۇ بولىدۇ،- دېگەن. ئەگەر ئۈچ رەكەت ۋىتىر ئوقۇپ قالسا، بۇنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئوقۇش شەكلى بولۇپ، بۇنىڭ ھەر ئىككىسى يولغا قويۇلغان: بىرىنچىسى: بىر قېتىم تەشەھھۇت ئوقۇپ ئۇچ رەكەتنى بىراقلا ئوقۇيدۇ. ئىككىنچىسى: ئىككى رەكەت ئوقۇپ سالام بېرىپ، ئاندىن بىر رەكەت ۋىتىر ئوقۇيدۇ. ئەۋزىلى: ھەر ئىككى رەكەتنى ئوقۇپ سالام بېرىپ، ئاندىن ئىلگىرى ئوقۇغان نامىزى ئۈچۈن بىر رەكەت ۋىتىر ئوقۇش بولۇپ، چۈنكى بۇنىڭدا ئەمەلنى كۆپ قىلىدۇ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ كۆپ قىلغان ئىشىدۇر، «خالىغان كىشى بىر رەكەت ۋىتىر ئوقۇسۇن»، يەنى: ئىلگىرى ناماز ئوقۇماستىن، پەقەت بىر رەكەتلا ۋىتىر ئوقۇسۇن، دېمەكتۇر
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزاندا بىزگە سەككىز رەكەت ۋە ۋىتىر ئوقۇپ بەردى، ئەتىسى شۇ پەيىتتە رەسۇلۇللاھنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ مەسجىتتە يىغىلىپ، تاڭ يۇرىغانغا قەدەر مەسچىتتە بولدۇق، بىز رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىرىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! چىقىپ بىزگە ناماز ئوقۇپ بىرىشلىرىنى كۈتكەن ئىدۇق،- دېگىنىمىزدە، رەسۇلۇللاھ: «سىلەرگە ۋىتىرنىڭ پەرز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم» دېدى
ئىبنى خۇزەيمە"سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزاندا بىزگە سەككىز رەكەت نەپلە ناماز ۋە ۋىتىر ئوقۇپ بەردى»، يەنى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا رامىزاندا مەسچىتتە سەككىز رەكەت ۋە ۋىتىر نامىزى ئوقۇپ بەردى. «ئەتىسى كىچىدە شۇ ۋاقىتتا مەسچىتتە جۇغلاشتۇق»، يەنى: ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆتكەن كېچىگە ئوخشاش چېقىپ ناماز ئوقۇپ بېرىدۇ،-دەپ ئويلاپ مەسچىتكە ھازىر بولغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىقىپ بىزگە كېچە نامىزى ئوقۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدۇق، دېگەن. «بىز تاڭ يورىغۇچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چىقامدىكىن دەپ مەسچىتتە تۇردۇق»، يەنى: ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەسچىتتە تاڭ يورۇغىچە كۈتۈشتى. «بىز رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كىردۇق»، يەنى: ناماز ئوقۇپ بېرىشكە چىقمىغانلىقنىڭ سەۋەبىنى سوراش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كىردۇق. «ئى رەسۇلۇللاھ! سىلىنىڭ چىقىپ بىزگە ناماز ئوقۇپ بېرىشلىرىنى ئارزۇ قىلدۇق» دېدۇق، يەنى: ئۆتكەن كېچىدەك چىقىپ بىزگە ناماز ئوقۇپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلدۇق. رەسۇلۇللاھ: سىلەرگە ۋىتىرنىڭ پەرز بولۇپ قېلىشىدىن قورقتۇم،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقماسلىقنى ۋىتىر پەرز بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكىنى بايان قىلدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: «سىلەرگە ۋىتىرنىڭ پەرز بولۇپ قىلىشىدىن قورقتۇم» دېگەن، يەنە بىرىدە: «سىلەرگە كېچە نامىزىنىڭ پەرز بولۇپ قېلىشىدىن قورقتۇم» دەپ كەلگەن، مۇشۇ سەۋەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ قېشىغا چېقىشتىن چەكلەپ قويغان، بۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە كۆيۈنگىنى ۋە رەھمەت قىلغىنى بولۇپ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۈپەتلەپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «(ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى، سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر» تەۋبە سۈرىسى: 128-ئايەت، بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ: بىر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتكە چىقىپ ناماز ئوقۇدى، كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇدى، تاڭ يورىغاندا كىشىلەر بۇ ئەھۋالنى دېيىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر يىغىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ناماز ئۇقۇشتى، تاڭ ئاتقاندا كىشىلەر سۆزلىشىپ، ئۈچىنچى كېچە بولغاندا مەسچىتتە جامائەت كۆپ بولۇپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقتى، كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇدى، تۆتىنچى كېچە بولغاندا مەسچىتكە جامائەت سىغمىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىغا چىقتى، نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كىشىلەرگە يۈزلىنىپ، تەشەھھەد ئوقۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ مەسچىتكە جۇغلاشقىنىڭلارنى بىلىمەن، لېكىن مەن سىلەرگە بۇ نامازنىڭ پەرز بولۇپ قىلىپ، سىلەرنىڭ ئۇنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كېلىشىڭلاردىن ئەنسىرىدىم» دېدى
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ۋىتىر نامىزى ئوقۇماي ئۇخلاپ قالغان ياكى ۋىتىر نامىزىنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى ئېسىگە يەتكەندە ئوقۇسۇن»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانتاڭ يورۇغىچە ۋىتىر نامىزى ئوقۇماي ئۇخلاپ قالغان ياكى ۋىتىر نامىزى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى، تاڭ يورۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ۋىتىر نامىزىنىڭ قازاسىنى ئەمەس بەلكى ئۆزىنى ئوقۇۋالسۇن. بۇ ھەدىس: ئۇخلاپ قالغان ياكى ئۇنتۇپ قالغان كىشىنىڭ شەرىئەت ئېتىبارغا ئالىدىغان ئۆزۈر بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋىتىر نامىزىنى تاڭ يورۇپ بولغاندىن كېيىن بولسىمۇ ئوقۇشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتتىن يېقىلىپ چۈشۈپ، ئوڭ يېنى سۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى، مەلۇم بىر نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇدى، بىزمۇ ئارقىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇدۇق. رەسۇلۇللاھ نامازنى يانغاندا: «ئىمام پەقەت باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن بېكىتىلىدۇ. ئۇ نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇسا، سىلەرمۇ ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇڭلار. ئۇ رۇكۇ قىلسا، رۇكۇ قىلىڭلار، بېشىنى كۆتۈرگەندە سىلەرمۇ كۆتۈرۈڭلار. ئۇ: "سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ" دېگەندە: "رەببەنا لەكەل ھەمد" دەڭلار، ئۇ نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇسا، سىلەرمۇ ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇڭلار. ئۇ ئولتۇرۇپ ئوقۇسا، ھەممىڭلار ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلار» دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتقا مىنگەندە ئۇنىڭدىن يېقىلىپ چۈشۈپ ئوڭ يېنى سۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى، ساھابىلەرگە مەلۇم بىر نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇپ بەردى، ساھابىلەرمۇ ئارقىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇدى رەسۇلۇللاھ نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا: ئىقتىدا قىلغۇچى ئىمامغا ھەر بىر ئىشتا ئەگىشىدۇ، تەكبىر ئوقۇسا تەكبىر ئوقۇيدۇ، رۇكۇ قىلسا بىرگە رۇكۇ قىلىدۇ، سەجدە قىلغاندا بىرگە سەجدە قىلىدۇ، ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيدۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇلاغدىن يىقىلىپ چۈشكەندە ئولتۇرۇپ ئوقۇسا، ساھابىلەرمۇ ئارقىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇغىنىدەك، ئىمام مۇقىم بولۇپ، نامازنى ئولتۇرۇپ باشلىسا، ئەگەشكۈچىمۇ ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ
ئەييۇپ ئەبۇ قىلابىدىن، ئەبۇ قىلابە ئەمرۇ ئىبنى سەلەمەدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئەييۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ قىلابە ماڭا: «ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭدىن ھەدىس سوراپ باقمامسەن؟» دېدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭدىن ھەدىس سورىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: بىز كىشىلەر ئۆتۈپ تۇرىدىغان سۇ بار جايدا ياشايتۇق، ئۆتكەن كارۋانلاردىن: «كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ پەيغەمبەرلىك دەۋىتى قىلىۋاتقان كىشى قانداق؟» دەپ سورايتۇق، ئۇلار: «ئۇ ئۆزىنى ئاللاھ ئەۋەتتى، ۋەھى قىلدى ياكى مۇنداق ۋەھى قىلدى دەيدۇ» دەيتتى، مەن ئۇ سۆزنى ئىسىمدە قالغۇدەك يادلىۋالاتتىم، ئەرەبلەر ئىسلامغا كىرىش ئۈچۈن غەلىبىنى كۈتىۋاتاتتى، ئۇلار: «ئۇنى ۋە قەۋمىنى قويۇڭلار، ئەگەر ئۇ قەۋمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلسا ئۇ راست پەيغەمبەر» دەيتتى، مەككە ئازاد بولغاندا ھەممە قەۋم مۇسۇلمان بولۇشقا ئالدىرىدى، داداممۇ ئۆز قەۋمىدىن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولۇشقا ئالدىرىدى، دادام قايتىپ كەلگەن ۋاختىدا: «مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەقىقى پەيغەمبەرنىڭ يېنىدىن كەلدىم، ئۇ پەيغەمبەر: «بۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، ئۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، نامازنىڭ ۋاختى بولغاندا بىرسىڭلار ئەزان ئوقۇسۇن، قۇرئاننى كۆپرەك بىلىدىغىنىڭلار ئىمام بولسۇن» دېدى، دەپ دادام ھەممەيلەنگە قارىدى، ئۇلارنىڭ ئېچىدە مەندىنمۇ قۇرئاننى كۆپ بىلىدىغان بىرسى يوق ئىدى، مەن كارىۋانلارغا ئۇچرىشىپ كۆپ سۈرىلەرنى ياد قىلىۋالغان ئىدىم، ئۇلار مېنى ئالدىغا چېقىرىپ ئىمام قىلدى، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئالتە ياكى يەتتە ياشتا ئىدىم، مېنىڭ ئۇچامدىكى كىيىمدە سەجدە قىلسام كاسام ئېچىلىپ قالاتتى، مەھەللىمىزدىكى بىر ئايال: ئىمامىڭلارنىڭ كاسىسىنى يۆگەپ قويمامسىلەر؟ دېدى، ئۇلار رەخت سېتىۋىلىپ ماڭا بىر كۆينەك قىلىپ بەردى، مەن بىرەر نەرسىگە ئاشۇ كۆينەككە خۇرسەن بولغاندەك خۇرسەن بولمىغان ئىدىم
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەييۇپ سەختىيانى مۇنداق دەيدۇ: جۇرمى قەبىلىسىدىكى ئەبۇ قىلابە ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ بىلىدىغان ھەدىسلىرىدىن سوراپ باقمامسەن؟» دېدى، مەن ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە بىلەن كۆرۈشۈپ سورىدىم، ئەمىر ئىبنى سەلەمە مۇنداق دېدى: بىز كىشىلەر ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا ياشايتۇق، كارۋانلار ئۆتكەن ۋاقىتتا بىز ئۇلاردىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئەھۋالىنى سورايتۇق، ئۇلار: «ئۇ ئۆزىنى ئاللاھ ئىۋەتتى ۋە مۇنداق ۋەھى قىلدى دەيدىكەن» دەپ ئاڭلىغان سۈرىلەرنى ئوقۇپ بېرەتتى، مەن ئاشۇ قۇرئان ئايەتلىرىنى قەلبىمگە ئورنىغىدەك پىششىق يادلىۋالاتتىم، ئەرەپلەر مەككە ئازاد بولغىچە مۇسۇلمان بولماي كۈتۈپ تۇردى، ئۇلار: ئۇنى ۋە ئۇنىڭ قەۋمى قۇرەيشنى ئۆز ھالىغا قويۇڭلار، ئەگەر ئۇ قۇرەيشلەر ئۈستىدىن غەلبە قىلسا ئۇ راست پەيغەمبەر دەيتتى، مەككە ئازاد بولغان ۋاقىتتا ھەممە قەبىلە مۇسۇلمان بولۇشقا ئالدىرىدى، بىزنىڭ قەۋمىمىزدىن دادام ھەممىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولدى، دادام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا بېرىپ كەلگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەقىقى پەيغەمبەرنىڭ يېنىدىن كەلدىم» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىگە: «بۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، بۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، نامازنىڭ ۋاختى بولغاندا، بىرسىڭلار ئەزان ئوقۇسۇن، قۇرئاننى كۆپرەك بىلىدىغىنىڭلار ئىمام بولسۇن» دېگەنلىكىنى يەتكۈزدى، ئۇلار قاراپ چىقتى، ئۇلارنىڭ ئېچىدە مەندىنمۇ قۇرئاننى كۆپ يادلىغان بىرسى يوق ئىدى، مەن كارىۋانلارغا ئۇچرىشىپ كۆپ سۈرىلەرنى يادىلىۋالغان ئىدىم، ئۇلار مېنى ئالدىغا چېقىرىپ ناماز ئوقۇپ بېرىشىم ئۈچۈن ئىمام قىلدى، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئالتە ياكى يەتتە ياشتا ئىدىم، مىنىڭ ئۇچامدىكى قىسقا كىيىمدە سەجدە قىلسام ئېچىلىپ قالاتتىم، قەۋمىمىزدىكى بىر ئايال: «ئىمامىڭلارنىڭ ئەۋرىتىنى ياپمامسىلەر؟» دېدى، ئۇلار مەن ئۈچۈن كۆينەك سىتىۋالدى، مەن بىرىر نەرسىگە ئاشۇ كۆينەككە خۇرسەن بولغاندەك خۇرسەن بولمىغان ئىدىم. بۇ ھەدىس نامازدا ئەۋرەتنى يېپىش شەرت ئەمەس دېگەنلىكنى ئىپادىلىمەيدۇ، چۈنكى بۇ ۋەقە ئۇلار بۇ ھۆكۈمنى بىلىشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولىشى مۇمكىن
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ ھالاللاپ بەرگۈچىگە ۋە ھالاللاتقۇچىغا لەنەت قىلدى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال ئىلگىرىكى ئېرىگە تاكى ئۇ ئايالنى باشقا بىر ئەر نىكاھىغا ئېلىپ، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىدە بولغانغا قەدەر ھالال بولمايدۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە ھىيلە-نەيرەڭ ئىزدەشكە ئۇرۇنۇپ، باشقا بىر ئەر بىلەن بۇ ئايالنى شەكىل جەھەتتە نىكاھىغا ئالغاندىن كىيىن قويىۋېتىشنى شەرت قىلىپ پۈتۈشىدۇ، بۇ شەرئى نىكاھنى مەقسىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئايالنى ئىلگىرىكى ئەرگە ھالاللاش غەرىزى بىلەن بولىدۇ، بۇ قىلمىشتا شەرىئەتكە ھىلە-مىكىر ئىشلىتىش، پەسكەشلىك ۋە غورۇر ۋە ئەركەكلىكنى چۈشۈرگەنلىك بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نىكاھنى ھارام قىلىپ، ھاللاللىغۇچى ۋە ھالاللاتقۇچىنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىشى ۋە قوغلىنىشىغا دۇئا قىلغان
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: يەھۇدىيلار: ئايال كىشىنىڭ كەينى تەرىپىدىن كېلىپ جىما قىلسا بالىسى ئالىغاي تۇغۇلىدۇ، دەيىتتى، بۇ ۋاقىتتا: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن(خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر)، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار» نازىل بولدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانيەھۇدىيلار ھېچ قانداق ئىلىمغا تايانماي جىنسى ئالاقە ئۇسۇللىرىدا تار يول تۇتاتتى ئۇلار كىتاپ ئەھلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەۋىس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە ئەگىشەتتى، يەھۇدىيلارنىڭ: ئەر كىشى ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىدىن كىلىپ جىنسى ئەزاسىغا جىما قىلسا، ئاشۇ جىمادىن تۆرەلگەن بالىسى ئالىغاي تۇغۇلىدۇ، دېگەن سۆزى توقۇلما گەپلىرىدىن بىرى ئىدى، ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن(خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر)، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار» دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى
ئەمىر ئىبنى شۇئەيب دادىسىدىن، دادىسى بوۋىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىنى نەزىر قىلىش، ئازات قىلىش ۋە تالاق قىلىش ھەققى بولمايدۇ»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننىڭ ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىدە قىلغان ئىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى ۋە ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، «ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولمىغان نەرسىنى ئىشلىتىش توغرا ئەمەس» دېيىلگەن ئىشلار قاتارىغا نەزرە قىلىشمۇ كىرىدىغان بولۇپ، نەزىر قىلغۇچى نەزىر قىلغان ۋاقىتتا ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىدە قىلغان نەزىرىسى توغرا ئەمەس، ھەم ئېتىبارغا ئىلىنمايدۇ، كىيىن ئۇ نەرسىگە ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ قىلغان نەزىرىسىگە ۋاپا قىلىش كېرەك ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنىڭغا كاپارەت بەرمىسىمۇ بولىدۇ. قۇل ئازات قىلىشمۇ شۇنىڭدەك بولۇپ، ئىشنى ئۆز ئورنىدا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان قۇلنى ئازات قىلىشىمۇ توغرا ئەمەس، يەنە، ئەر كىشنىڭ خوتۇنى بولمىغان يات بىر ئايالغا قىلغان تالىقىمۇ توغرا ئەمەس، «تالاق پاچاقنى تۇتقان ئادەمگە مەنسۈپ»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: «ئىگە بولمىغان ئايالنى تالاق قىلىش ھەققى بولمايدۇ» دېگەن
خەيسەمەدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دېگەن: بىز ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرگە ئولتۇراتتۇق، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئامبارچىسى كېرىپ كەلدى، ئۇ، ئۇنىڭدىن: «قۇللارنىڭ يىمەكلىكىنى بەردىڭمۇ؟» دەپ سورىغانتى، ئۇ كىشى: «ياق» دېدى، ئابدۇللاھ: «بېرىپ ئۇلارغا (يىمەكلىكىنى) بەرگىن!»، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىشىنىڭ ئوزۇقلىقى ئۆزىگە قاراشلىق كىشىلەردىن (تەمىناتنى) قىسىپ قويۇشى يېتەرلىك گۇناھتۇر» دېگەن، دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئامبارچىسىنىڭ قۇللارغا تەمىناتىنى بەرمىگەنلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا، ئىنساننىڭ تەمىناتى ئۆزىگە قاراشلىق بولغان كىشىلەر ھەققىدىكى مەسئۇلىيتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنساننىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلماسلىقى، ئۇنىڭغا بېخىللىق قىلىپ سەل قارىشى، ۋە تەمىناتىنى تۇتۇپ قىلىشى گۇناھنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ھەدىسىنى سۆزلەپ بەرگەن