





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئىبنى ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ (توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان ياشنى يۈز) دەررە ئۇرۇپ، (بىر يىل) سۈرگۈن قىلغانلىقى، ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلغانلىقى، ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىندى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان كىشىنى يۈز دەررە ئۇرۇپ، ئۆز يۇرتىدىن باشقا يۇرتقا تولۇق بىر يىل سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، بۇ ھەدىس، سۈرگۈن قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن تەتبىقلانغانلىقى ئۈچۈن زىنا جازاسىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تولۇقلىمىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى ئەبۇلقاسىم يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «قانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ قۇلىنى قىلمىغان بىر ئىشنى قىلدى دەپ قارىسا، قۇل ئۇ ئادەم دېگەندەك بولمىسا، قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىگە دەررە ئۇرۇلىدۇ»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانخوجايىن ئۆزىنىڭ قۇلىغا بۆھتان قىلغان بولسا، دۇنيادا ئۇ خوجايىنغا بوھتاننىڭ جازاسى بېرىلمەيدۇ، بۇنداق بولىشى: دۇنيادا بېرىلگەن جازا بولسا، جازالانغان ئادەمنىڭ خاتالىقىغا كاپارەت بولىدۇ، مادامىكى ئۇ كىشى قىيامەت كۈنىدە ئازابلىنىدىغان بولۇپ قالسا، شۇنىڭ ئۈچۈن جازا ئېجرا قېلىنىدۇ، خوجايىنغا دۇنيادا دەررە ئۇرۇلمايدۇ، بۇ ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدۇر، چۈنكى خوجايىن جازالانمايدۇ، ئۇ كىشىدە تولۇق ئىشەنچ ۋە كۈچلۈك گۇمان بولمىسا، ئۇ كىشى قۇلىنى ئەسكى ئىش قىلدى دەپ بۆھتان قىلمايدۇ، خوجايىننىڭ بۆھتان قىلىشى بىلەن ئۇ قۇلنىڭ بازاردىكى قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ زېيىنى يەنىلا خوجايىنغا بولىدۇ. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ :«والذين يرمون المحصنات ثم لم يأتوا بأربعة شهداء فاجلدوهم ثمانين جلدة»تەرجىمىسى:«ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، (بۇنىڭ راستلىقىغا ئادىل) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار (يەنى بىراۋغا زىنا بىلەن تۆھمەت چاپلىغان ھەربىر ئادەمنى قامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن 80 نى ئۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار ئىپپەتلىك ئاياللارغا يالغاندىن تۆھمەت چاپلىغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەن ئادەملەردۇر. سۈرە نۇر 4-ئايەت
سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە رەزيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن مەسچىتتە باھاسى ئوتتۇز دەرھەملىك بىر يىپىنچىنى يىپىپ ئۇخلىغان ئىدىم، بىر كىشى كېلىپ تۇيدۇرماستىن ئۇنى مەندىن ئوغۇرلاپ كېتىپتۇ، ئۇ كىشى ھايال بولماي تۇتۇلۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلتۈرۈلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قولىنى كېسىشكە بۇيرىدى. سەفۋان: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئوتتۇز دەرھەم ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىنى كېسەملا؟، مەن ئۇنى ساتقان بولاي، پۇلىنى نىسى قىلىپ بېرەي،- دېسەم، رەسۇلۇللاھ: ئۇنى ماڭا ئەپكىلىشتىن بۇرۇن ئەپۇ قىلساڭ بولمامتى،- دېدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانسەفۋان ئىبنى ئۇمەييە رەزيەللاھۇ ئەنھۇ مەسچىتتە ئۈستىگە چاسا يىپىنچا يىپىپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى، ئۇنى بىر ئوغرى تۇيدۇرماستىن ئوغۇرلاپ قېچىپ كەتتى، ئۇ كىشى ھايال بولماي تۇتۇلۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئوغرۇلۇق جازاسىغا تارتىلىش ئۈچۈن كەلتۈرۈلدى، سەفۋان ئۇ كىشىگە ئىچ ئاغرىتقان ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: قىممىتى ئوتتۇز دەرھەملىك بىر يىپىنچا سەۋەبلىك ئۇنىڭ قولىنى كېسەملا؟، مەن ئۇنى ئۇ كىشىگە ساتقان بولاي، پۇلىنى ھالى ياخشىلانغۇچە كېچىكتۈرۈپ ئالاي،- دېدى، رەسۇلۇللاھ: ئۇنى ماڭا يىتىپ كىلىشتىن بۇرۇن ئەپۇ قىلساڭ بولمامتى؟، چۈنكى جىنايەتلەر قازىنىڭ قولىغا ئۆتكەندە ئەپۇ قىلىشقا بولمايدۇ،- دېدى
ئەبۇ سەئلەبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر سەن ئوۋغا يا ئوقۇڭنى ئاتقاندىن كېيىن، ئۇنى تاپالماي بىر مۇددەتتىن كېيىن تاپقىنىڭدا، ئوۋ بۇزۇلۇپ قالمىغان بولسا يىگىن، بۇزۇلغان بولسا ئۇنى يىمىگىن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانيۇقىرىدىكى ھەدىس توۋەندىكىكلەرنى ئۇقتۇرغان: ئوۋچى يا ئوقى بىلەن ۋەياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر بىلەن ئوۋنى ئېتىپ چۈشۈرگەندە ئۇنى تاپالماي قالسا، بىر مۇددەتتىن كېيىن ئىزدەپ تاپقاندا قاراش كېرەك، ئوۋدا ئۆزىنىڭ يا ئوقىنى كۆرسە يىسە بولىدۇ. ئەمما ئوۋ بۇزۇلۇپ گۆشلىرى ئېچىپ قالغان بولسا ئۇنى يېيىش دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئوۋ گۆشى مەينەت نەرسىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ، ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت بۇنى چەكلەيدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر بىزگە گۆش ئىلىپ كىلىدۇ، بىز مالنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ئۆلتۈردىمۇ ياكى زىكىر قىلمىدىمۇ؟ بۇنى بىلمەيمىز دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ يەڭلار» دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۇنىڭدىن: يىڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا ئىلىپ كەلگەن گۆشى توغرىسىدا سوراپ، ئۇلار بىلمەسلىكتىن مالنى ئۆلتۈرگەن ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلدىمۇ ياكى قىلمىدىمۇ؟ بىلمەيمىز، دەپ سورىغانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى ئاشۇ گۆشنى يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىشقا بۇيرىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بىرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ھەدىسدە: «ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ يەڭلار» دىگەن سۆزىدىن مۇشۇ تۈردىكى گۆشلەردىن بولۇپ قالسا ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ يەڭلار دېگەنلىكى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: بۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ نېمە ئىشىڭلار؟ كۆرنىشىدىن ھالاللىقى ئاشكارا بولىدىكەن، باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشى بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، بەلكى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشىغا پۇختا بولۇڭلار، سىلەر مال ئۆلتۈرگەندە بىسمىللاھ دەپ ئۆلتۈرۈپ يەڭلار دېدى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: سىزگە بىرەر يەھۇدى ياكى خىرىستىئان بىرەر مالنىڭ گۆشۈنى ئىلىپ كەلسە، سىز ئۇنىڭدىن:بۇ مالنى شەرئى يولغا مۇۋاپىق ئۆلتۈرگەنمۇ؟ دەپ سوراپ يۇرمەڭ، بۇنداق سوراشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق، بۇ دىندا بەك زىغىرلاپ كېتىش ھېساپلىنىدۇ، مۇشۇ قائىدە بويىچە:بىر ئادەمنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلماي مال ئۆلتۈرگەنلىكىگە تولۇق ئىشەنچ قىلسا، بۇ مالنىڭ گۆشىنى يىيىش توغرا بولمايدۇ
كەئب ئىبنى مالىك (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن: بىر ئايالنىڭ تاش بىلەن بىر قوينى بوغۇزلىغانلىقى، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورالغاندا، ئۇنى يىيىشكە بۇيرىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بىر ئايالنىڭ تاش بىلەن بىر قوينى بوغۇزلىغانلىقى، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ ئايال ئوھۇد تىغىنىڭ يېنىدا قوي باقاتتى، تۇيۇقسىز بىر بۆرە قويغا ھۇجۇم قىلدى، ئايال بۆرىنى قوغلىۋىتىپ، قىرلىق تاشتىن بىرنى ئېلىپ، قوينى بوغۇزلىدى، كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ ئايالنىڭ قىلغان ئېشىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يېيىشكە بۇيرىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دېگەن: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھۈدەيبىيە يىلى بىر تۆگىنى يەتتە كىشىگە ۋە بىر كالىنى يەتتە كىشىگە قۇربانلىق قىلدۇق»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزلىرىنىڭ ھۈدەيبىيە يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىلىپ كەلگەن ئۇلاغلىرىنى قۇربانلىق قىلغانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى تۆگە ياكى كالىدا يەتتە كىشىنىڭ شېرىك بولىشىنى بۇيرىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن يەتتە كىشى بىر تۆگىگە، يەتتە كىشى بىر كالىغا شېرىك بولغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ» دېگەن بۇ ئايىتى بىر ئىنساننىڭ: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم، ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەم» دېگەن سۆزلىرى توغرىسىدا نازىل بولغان
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئاللاھ تائالانىڭ: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ» دېگەن ئايىتىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: بۇ سۆزلىشىش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ تىلىدا تەكرارلىنىدىغان: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم، ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەم» دېگەندەك قەلبىدە مەقسەت قىلماستىن، تىلدا ئېيتىلىۋاتقان «مەقسەتسىز قىلىنغان قەسەم» دەپ ئىزاھلىدى، شۇنىڭدەك بىر ئىنساننىڭ ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئىشنى ئۆزى دېگەندەك بولدى دەپ ئويلاپ قەسەم قىلىپ، كېيىن ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان قەسەممۇ «مەقسەدسىز قىلىنغان قەسەم» قاتارىدىندۇر. يەنە، ئۆزىنىڭ راس دەپ قەسەم قىلغاندىن كىيىن ئۇنداق ئەمەسلىكى ئىنىقلانسا، بۇمۇ چېگىلمەيدىغان ۋە كاپارەت كەتمەيدىغان قەسەم بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئايەتتە: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ» دېگەن، يەنى: سىلەردىن قەسەم قىلغۇچى مەقسەتسىز قىلغان قەسىمى ئۈچۈن جازالانمايدۇ ۋە كاپارەتمۇ كەلمەيدۇ. بىر ئىشنى راست دەپ قەسەم قىلغان بولسا ئۇ ئىش راست بولمىسا بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر، خۇددى بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ئۆزىگە بويسۇنىدۇ دەپ قەسەم قىلسا، ئۇ ئادەم قەسەم قىلغۇچىغا بويسۇنمىغانغا ئوخشاش، ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئەڭ چۈشىنىدىغىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىزاھاتىدۇر، چۈنكى ئۇ ئايەت نازىل بولغاندا بار ۋە ئەرەب تىلىنى چۈشىنىدۇ
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «بىرەر كىشى مېنىڭ مۇشۇ مۇنبىرىمنىڭ يېنىدا ھۆل مىسۋاكچىلىك نەرسە ئۈچۈن بولسىمۇ، يالغان قەسەم قىلسا دوزاختىن ئۆزىگە ئورۇن تەييارلىغان بولىدۇ»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مالىك"مۇئەتتا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدىكى مۇنبىرىنىڭ يېنىدا كۆزگە ئېلىنمايدىغان ئاددى نەرسە ئۈچۈن بولسىمۇ يالغان قەسەم قىلغۇچىنىڭ گۇناھى چوڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ، چۈنكى بۇ ئورۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇلۇغلايدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇ مۇنبەردە تۇرۇپ دېگەن ۋەز-نەسىھەتلىرى ئەسلىنىدىغان جاي بولۇپ، يالغان قەسەم قىلغۇچى مۇشۇ سۈپەتلەرنىڭ ئەكسىنى قىلىپ، مۇشۇ جازاغا لايىق بولدى، گۇناھكار قىلىدىغان قەسەم قەيەردە يۈز بەرسە غەزەپكە دۇچار قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلۇغ ئورۇندا قىلىنغاننىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ