





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللا ئىبنى ئابباسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇككاز، مەجەننە ۋە زۇلمەجاز دېگەنلەر نادانلىق دەۋرىدىكى بازارلار ئىدى، كىشىلەر ھەج مەۋسۇملىرىدا تىجارەت قىلىشنى گۇناھ دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت چۈشتى: «پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۇمىدا تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ». سۈرە بەقەرە 198-ئايەت
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ئورۇنلار ئىسلامدىن ئىلگىرى مۇشرىكلارنىڭ ھەج كۈنلىرىدە تىجارەت قىلىدىغان بازارلىرى ئىدى، ساھابىلار ھەج كۈنلىرىدە ئۇ جايلاردا تىجارەت قىلىشنى گۇناھ دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ھەج مەۋسۇمىدە تىجارەت قىلىشنىڭ شەرئى يول بىلەن ئادا قىلىنغان ھەج پائالىيتىنى بۇزىۋەتمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى. چۈنكى ھەج مەۋسۇمىدە تىجارەت قىلىسا بولىدۇ، لېكىن ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلشقا پۈتۈن زېھنىنى بېرىش ئەلا، ھەممىدىن ياخشى ۋە ئەۋزەلدۇر
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەشىق قىلدۇرۇلغان ئاتلارنى ھەفيا بىلەن ۋەدا داۋىنىنىڭ ئارىلىقىدا، مەشىق قىلدۇرۇلمىغان ئاتلارنى ۋەدا داۋىنى بىلەن بەنى زۇرەيق مەسجىدى ئارىلىقىدا بەيگىگە سالدى. ئىبنى ئۆمەر: شۇ بەيگىلەردە مەنمۇ بار ئىدىم، دېگەن. سۇفيان مۇنداق دېگەن: ھەفيا بىلەن ۋەدا داۋىنىنىڭ ئارىلىقى بەش- ئالتە مىل، ۋەدا داۋىنى بىلەن بەنى زۇرەيق مەسجىدىنىڭ ئارىلىقى بىر مىل كېلەتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم جىھاد ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق بىلەن تۇراتتى، ئاللاھ تائالانىڭ: «دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قۇرال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار» دېگەن ئايىتىگە ئاساسەن ئاتلارنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ساھابىلارنى ئات مېنىشكە، قوغلاش ۋە قېچىشقا چېنىقتۇرۇپ تۇراتتى. ئۈگۈتۈش ۋە كۆندۈرۈش ئۈچۈن مەشىق قىلدۇرۇلغان ئاتلارغا مەلۇم نىشانلارنى، مەشىق قىلدۇرۇلمىغان ئاتلارغا مەلۇم نىشانلارنى بەلگىلەپ بىرەتتى. ساھابىلارنىمۇ ھەم جەڭگە چېنىقتۇراتتى. «مەشىق قىلدۇرۇلغان ئات مەلۇم ۋاقىت يەم بېرىپ، يەنە مەلۇم ۋاقىت ئاچ قويۇپ بېقىلغان ئاتلاردۇر»، بۇنداق ئاتلار ئالتە مىل ئارىلىقتا، مەشىق قىلدۇرۇلمىغان ئاتلار بىر مىل ئارىلىقتا بەيگىگە سېلىناتتى. ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرمۇ شۇ بەيگىلەرگە قاتناشقان ياشلارنىڭ بىرى ئىدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن، ھۇزەيل قەبىلىسىدىن ئىككى ئايال ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرى يەنە بىرىگە تاش ئېتىپ، ئۇنى ۋە قورسىقىدىكى ھامىلىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى دەۋا قىلىشىپ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ھامىلىنىڭ دىيىتى ئۈچۈن بىر قۇل ياكى بىر دېدەك بېرىلىشى، ئايالنىڭ دىيىتىنى ئۆلتۈرگۈچى ئايالنىڭ ئەر تۇغقانلىرى تۆلەپ بېرىشى كېرەك دەپ ھۆكۈم قىلدى. بۇ دىيەتنى ئۆلتۈرۈلگەن ئايالنىڭ بالىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا مىراس قىلىپ بۆلۈپ بەردى. ھۇزەيل قەبىلىسىدىن ھەمەل ئىبنى نابىغە: ئى رەسۇلۇللاھ! يېمىگەن، ئىچمىگەن، سۆزلەپمۇ باقمىغان، ھەتتا ئاۋازمۇ چىقارمىغان بىر تۆرەلمىگە قانداقسىگە تۆلەم تۆلەيمەن؟ بۇنداق تۆرەلمىگە ئادەتتە تۆلەم تۆلەنمەيدۇ، دېدى. ئۇنىڭ قاپىيىلىك سۆزلىرىنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: بۇ ئادەم كاھىنلارنىڭ قېرىندىشى ئىكەن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھۇزەيل قەبىلىسىدىن ئىككى كۈندەش ئايال جىدەللىشىپ قالدى، بىرى يەنە بىرىنىڭ قورسىقىغا ئادەتتە ئۇنىڭ بىلەن ئادەم ئولمەيدىغان كىچىك بىر تاشنى ئاتقان ئىدى، ئۇ ئايال ۋە قورسىقىدىكى بالىسى ئۆلۈپ قالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھامىلىگە بىر قۇل ياكى بىر دېدەك تولەم بېرىش بىلەن ھۆكۇم قىلدى. مەيلى ئۇ ھامىلە قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن. بۇ دىيەتنى ئۆلتۈرگۈچى ئايال بېرىدۇ. ئەمما ئۆلگۈچى ئايالنىڭ دىيىتى تولۇق دىيەت بولىدۇ. چۈنكى ئۇ يېرىم قەستەنلىك بولغانلىقتىن، ئۇنى قاتىل ئايالنىڭ ئەر ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىرىدۇ، سەۋەبى ئۇرۇق-تۇققانلار ئالاقىسى ياردەملىشىش ۋە غەمخورلۇق قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان. ھەم بۇ قاتىللىقتا يېرىم قەستەنلىك بار. ئۆلگۈچىنىڭ دىيىتى مىراس بولۇپ باللىرىغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن مىراس ئالىدىغانلاغا بېرىلىدۇ. ئۇرۇق-تۇققانلارغا ھېچ نەرسە بىرىلمەيدۇ. قاتىلنىڭ دادىسى ھەمەل ئىبنى نابىغە: ئى رەسۇلۇللاھ! قورساقتىن چۈشۈپ كەتكەن، يېمىگەن، ئىچمىگەن، سۆزلەپمۇ باقمىغان، تىرىك ئىكەنلىكى بىلىنمىگەن تۆرەلمىگە قانداقسىگە تۆلەم تۆلەيمىز؟ دەپ قاپىيە ئۇسلۇبى بىلەن بايان قىلدى. ئۇنىڭ قاپىيىلىك سۆزلىرىنى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆچ كۆردى. چۈنكى ئۇنىڭدا شەرىئەت ئەھكامىنى بۇ قاپىيداش كاھىنلارنىڭ سۆزلىرى بىلەن رەت قىلغان ئىدى. كاھىنلار بۇنىڭغا ئوخشىغان سۆزلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ مال مۈلىكىنى ناھەق يەيتتى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق رىۋايەت قىلغان: بەنى مەخزۇم ئايمىقىدىن بولغان بىر ئايالنىڭ ئۆتكۈزگەن ئوغرىلىق جىنايىتى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ بېشىنى قاتۇردى. ئۇلار بىر-بىرىگە كىم بۇ ئايالنى ئەپۇ قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئېغىز ئاچىدۇ؟ دېيىشتى ۋە بۇ ئىشقا پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسامە ئىبنى زەيد لايىق دېدى. ئۇسامە ئىبنى زەيد پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇ ئىش ھەققىدە ئېغىز ئاچقان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن ئاللاھ بېكىتكەن جازانىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقى ئۈچۈن شاپائەت قىلغىلى كەلدىڭمۇ؟! دەپ ئۇنىڭغا كايىدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ، جامائەتكە خىتاب قىلىپ: سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاكىتىگىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار سەۋەب بولغانىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەر ئېسىلزادە ئوغرىلىق قىلسا، ئۇ جازاغا تارتىلمايتتى. ئادەتتىكى بىرەر بىچارە ئوغرىلىق قىلسا، ئۇ دەرھال جازاغا تارتىلاتتى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر قىزىم فاتىمە ئوغرىلىق قىلىپ قالسا، ئۇنىڭمۇ قولىنى كېسىمەن، دېدى. يەنە بىر ئىبارىدە: ئۇ ئايال كىشىلەردىن بىرەر نەرسە ئارىيەت ئالسا ئۇنىڭغا تېنىۋالاتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ قولىنى كېسىشكە بۇيرىغان، دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبەنى مەخزۇم ئايمىقىدىن بىر ئايال كشىلەردىن بىر نەرسە ئارىيەتكە ئېلىپ ئۇنىڭغا تېنىۋالاتتى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئايالدىن ئۈنچە-مەرۋايىت ئارىيەت ئېلىپ ئۇنىڭغا تېنىۋالغان، كېيىن تەكشۈرگەندە يېنىدىن چىققان. بۇ ئىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە بۇ ئايالنىڭ قولىنى كېسىش توغرۇلۇق ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىنى يۈرگۈزمەكچى بولغان ئىدى. بۇ ئايال قۇرەيش قەبىلىسىدىكى يۈز-ئابرۇيلۇق جەمەتتىن ئىدى، قۇرەيش قەبىلىسى بۇ ئايالغا ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ ھۆكۈمگە باش قاتۇردى، ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇ ئايالنى ئەپۇ قىلش توغۇرلۇق بىرىنى ۋاستە قىلىپ ئەۋەتىشنى مەسلەھەتلەشتى، بۇ ئىشقا ئۇسامە ئىبنى زەيدتىن باشقىسىنى لايىق كۆرمىدى، چۈنكى ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان يېقىنى ئىدى. ئۇسامە بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھقا سۆز ئاچقاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا غەزەپلىنىپ ۋە ئەيىپلەپ مۇنداق دېگەن: سەن ئاللاھنىڭ بېكىتكەن جازا قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ئارا تۇرماقچىمۇ؟ دېدى. ئاندىن تۇرۇپ كىشىلەرگە خىتاب قىلدى، ئاللاھنىڭ بېكىتكەن جازا قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ئارا تۇرۇشنىڭ خەتەرلىكىنى، بۇ ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا ئالاقىدار ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئىلگىركى ئۈممەتلەرنىڭ دىن ۋە دۇنيالىقتا ھالاك بولىشىغا سەۋەپ بولغان ئىش ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاجىز، كەمبەغەللەر جىنايەت ئۆتكۈزسە جازا يۈرگۈزەتتى، باي ۋە نۇپۇزلۇق كىشىلەر جىنايەت قىلسا جازا يۈرگۈزمەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە قالايمىقانچىلىق، جىنايەت ۋە پارخورلۇق يامراپ كەتكەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە جازاسىغا ئۇچرىغان. ئاندىن راست سۆزلۈگۈچى ۋە راست سۆز ئېلىپ كىلىنگۈچى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەسەم قىلىپ ئەگەردە بۇ ئىش دۇنيا ئاياللىرىنىڭ تاجى ۋە كۆزى بولغان قىزى پاتىمەدىن يۈز بەرسە ئىدى «ئاللاھ تائالا ساقلىسۇن» رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. رەسۇلۇللاھقا ئاللاھنىڭ رەھمەتلىرى بولسۇن
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز «مەررىز زەھران» دېگەن جايدا بىر توشقاننى ئۈركۈتتۇق، كىشىلەر ئۇنى قوغلاپ تۇتالماي چارچىدى، مەن ئۇنى تۇتۇپ ئەبۇ تەلھەگە ئېلىپ كەلدىم، ئەبۇ تەلھە ئۇنى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ ئىككى پاقالچىقى ۋە قۇيرۇق تەرىپىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەۋەتكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى قوبۇل قىلدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەر بىلەن بىر سەپەردە بولدى، ئۇلار «مەررىز زەھران» دېگەن جايغا چۈشكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ساھابىلىرى بىلەن مەككىنى پەتھى قىلغان يىلى بۇ ئورۇنغا چۈشكەن ئىدى. شۇ ئارلىقتا ئۇلار بىر توشقاننى ئۈركۈتكەن ئىدى، كىشىلەر ئۇنى تۇتىۋېلىش ئۈچۈن قوغلاپ باقتى، بىراق ئۇنى تۇتالمايلا چارچاپ قالدى، ئەنەس دەيدۇ: مەن ئۇنى تۇتىۋالدىم. ئەنەس شۇ كۈنلەردە قىران پەيتىدە ئىدى، ئەنەس ئۇنى ئانىسىنىڭ يولدىشى ئەبۇ تەلھەگە ئېلىپ كەلدى، ئەبۇ تەلھە توشقاننى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭدىن ئىككى پاقالچىقى بىلەن دۇمبىسىنى، يەنى ئۈستى تەرەپتىن ئىككى پۇتىنىڭ تۇتۇشۇپ تۇرىدىغان جاينى رەسۇلۇللاھقا ئەۋەتكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭدىن يېگەن بولىشى مۇمكىن
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سۇلايمان ئىبنى داۋۇد ئەلەيھىسسالام: «كېچىدە يەتمىش ئايالىمنى ئايلىنىمەن، ئۇ ئاياللارنىڭ ھەر بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىدىغان چەۋەنداز تۇغىدۇ دېدى، ئۇنىڭغا: ئاللاھ خالىسا دېگىن دېيىلگەندە، ئۇنداق دېمىدى، كېچىدە يەتمىش ئايالى بىلەن بىرگە بولدى، ئۇلاردىن ھېچ بىرى تۇغمىدى، پەقەت بىر ئايالى پۇچۇق بالىدىن بىرنى تۇغدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا دېگەن بولسا، قەسىمى بۇزۇلمايتتى ۋە ھاجىتىنى تېپىشقا سەۋەپ بولاتتى»دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سۇلايمان ئەلەيھىسسالام يېنىدا ئولتۇرغانلارغا: ئۆزىنىڭ بىر كېچىدە يەتمىش ئايالى بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىدىغان بىردىن چەۋەنداز تۇغۇدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدە بىرلا ۋاقىتتا يەتمىش خوتۇننى نىكاھىدا جۇغلاش دۇرۇس ئىدى ياكى بۇ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا خاس ئىدى. ئولتۇرغانلاردىن بىرى ئۇنىڭغا: ئاللاھ خالىسا دېگىن دېدى، لېكىن ئۇ ئۇنتۇپ قالدى، ئۇنداق دېمىدى، ۋەدىسى بويىچە كېچىدە يەتمىش ئايالى بىلەن بىرگە بولدى، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى تۇغمىدى، پەقەت بىرسى پۇچۇق بالىدىن بىرنى تۇغدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بېرىپ: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا دېگەن بولسا، قەسىمى بۇزۇلمايتتى، بۇ سۆز بىلەن ئۆزىنىڭ ھاجىتى ئادا بولاتتى ۋە رىغبىتى ئەمەلگە ئاشاتتى»دېدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەنىيمەتنى ئاتقا ئىككى ئۆلۈش، ئەر كىشىگە بىر ئۆلۈش بۆلۈپ بەردى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەنىيمەتنى ئاتلىقلارغا ئىككى ئۆلۈش، پىيادىكىلەرگە بىر ئۆلۈش، بۆلۈپ بەردى. ئۇنداق تەقسىم قىلىشتا؛ ئۇرۇشتا ئاتلىقنىڭ كارغا كىلىشى ۋە قوشۇننىڭ كۈچىنى بېيىتىشى پىيادىلەردىن كۆپرەك بولىدۇ. بۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدە ئىشارەت قىلىپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى. (قاتتىق چاپقانلىقتىن) توپا – چاڭ چىقارغۇچى. شۇ توپا – چاڭ بىلەن دۈشمەن ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەمكى.» [سۈرە ئادىيات 3-5 ئايەتلەر]. بۇ ئايەتلەردە ئاتنىڭ ئۇرۇشتىكى كۈچنى بېيىتىشىغا ئىشارەت باردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاتنىڭ پىشانىسىدا قىيامەت كۈنىگىچە ياخشىلىق باردۇر، دېگەن
كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! مەن تەۋبە قىلغانلىقىمدىن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىقتىسادىمنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلىۋەتتىم، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: «بىر قىسىم ئىقتىسادىڭنى ئېلىپ قال، ئۇ سەن ئۈچۈن ياخشى» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانكەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزرىسىز ۋە مۇناپىقلىقمۇ قىلماي تەبۇك غازىتىدىن قېلىپ قالغان ئۈچ ساھابىنىڭ بىرى ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇ غازاتتىن قايتقاندا ئۇلارنى بايقۇت قىلدى ۋە ساھابىلارنىمۇ ئۇلارنى بايقۇت قىلىشقا پەرمان چۈشۈردى، ئۇلار تاكى ئۇلارنىڭ تەۋبىسى قوبۇل بولغانلىقىغا ئايەت نازىل بولۇپ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغان، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلارمۇ ئۇلاردىن رازى بولغانغا قەدەر بۇ ھالدا قالدى، كەئب ئىبنى مالىك تەۋبىسى قوبۇل قىلىنغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن رازى بولغانلىقىغا قاتتىق خۇشال بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بارلىق مال-مۈلكىنى سەدىقە قىلىۋېتىشنى ئىرادە قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى بىر قىسىم مىلىنى ئېلىپ قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ چىن نىيىتىنى ۋە تەۋبىسىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلگەنلىكتىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتىۋەتتى. ئاللاھ تائالا ئىنساننى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلمايدۇ. كەئب ئىبنى مالىك ئاللاھ تائالانىڭ رازى بولغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ، سەدىقىنىڭ ساۋابىغا ئاخىرەتتە ئېرىشىش ئۈچۈن بىر قىسىم مېلىنى سەدىقە قىلدى، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ خىراجەتلىرى ۋە مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بىر قىسىم مېلىنى قالدۇرۇپ قويدى. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: بەنى نەزىرنىڭ مال-مۈلكى مۇسۇلمانلار ئات-تۆگىلەرنى چاپتۇرۇپ قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە خاس غەنىيمەت ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق خىراجىتىنى ئايرىپ قېلىپ، قالغىنىنى ئاللاھ يولىدا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئات-ئۇلاغ ۋە قورال-ياراغ تەييارلاشقا سەرپ قىلاتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە، مەدىنە ئەتراپىدا يەھۇدىيلارنىڭ قەبىلىلىرى بارلىقىنى بىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۆز دىنىدا قېلىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئۇرۇش قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭغا قارشى دۈشمەنگە ياردەم بەرمەسلىك شەرتى بىلەن ۋەدە ۋە توختام تۈزۈشتى، ساھابىلاردىن ئەمرۇ ئىبنى ئۇمەييە ئىسىملىك بىر كىشى بەنى ئامىر قەبىلىسىدىن ئىككى كىشىنى مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرى دەپ ئويلاپ ئۆلتۈرۈپ سالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى كىشىنىڭ تۆلىمىنى ئۈستىگە ئالدى، ئىككى دىيەتكە ياردەم سوراپ بەنى نەزىرنىڭ يىزىسىغا كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن ياردەم كۈتۈپ، ئۇلارنىڭ بازارلىرىنىڭ بىرىدە ئولتۇرغاندا ئۇلار كېلىشىمنى بۇزۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇندى، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ ئاسماندىن ئايەت نازىل بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال ئۇلارنىڭ يېزىسىدىن ئۇلارغا ۋە ئەتراپىدىكى ساھابىلەرگە ھاجەت قىلغىلى بارىدىغان تۇيغۇ بېرىپ چىقىپ، مەدىنىگە قايتىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىكىپ قالغانلىقتىن، ساھابىلار ئۇنى ئىزدەپ چىقىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا يەھۇدىيلارنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن خەۋەر بەردى، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇن! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى يېزىسىدا ئالتە كۈن قورشاۋغا ئالدى، ئاخىرىدا ئۇلار مەدىنە زېمىنىدىن شام، ھىيرە ۋە خەيبەر زېمىنلىرىغا چىقىپ كېتىشكە ئىتتىپاق تۈزۈشتى، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى مۇسۇلمانلار ئات-تۆگىلەرنى چاپتۇرماي، مۇشەققەتسىز قولغا كەلگەن غەنىمەت بولغان ئىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ماللىرى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا خاس بولغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق خىراجىتىنى ئايرىپ قېلىپ، قالغىنىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتەتتى، ئاشۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھىم ئېھتىياجى ئاللاھ يولىدا جىھاد تەييارلىقى ئۈچۈن ئات-ئۇلاغ ۋە قورال-ياراغ سېتىۋېلىش ئىدى، ھەر بىر دەۋرگە قارىتا ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ خىراجەتلىرى بولىدۇ