





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبى بەكرەتە بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: دادام بالىسى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئەبى بەكرەتەگە يەنە بىر ئىبارىدە «مەن ئۇنىڭغا، دەپ كەلگەن» ئۇ سىجىستاندا قازىلىق قىلىۋاتقاندا مەكتۇپ يوللاپ مۇنداق دېگەن: سەن غەزەپلەنگەن ۋاقتىڭدا ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم قىلما، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: قانداق بىر كىشى غەزەپلەنگەن ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلمىسۇن. يەنە بىر ھەدىستە «قانداق بىر قازى غەزەپلەنگەن ۋاقتىدا ئىككى كىشى ئارسىدا قەتئى ھۆكۈم قىلمىسۇن» دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانشەرىئەت بايان قىلغۇچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، قازى ۋە سوتچىنى غەزەپلەنگەن، ئاچچىقلانغان ھالدا بىر كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشىدىن توسقان، چۈنكى غەزەپلىنىش ئىنساننىڭ تەبىئى تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا بىر كىشىگە زۇلۇم قىلىش، ياكى خاتالىشىشتىن ساقلىنىش قېيىن. ئەگەردە شۇنداق ھالدا ھۆكۈم قىلىپ قالسا گۇماندار زۇلۇم قىلىنىشى، قازى، سوتچى گۇناھكار بولۇپ قېلىشى مۈمكىن
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شېرىكچىلىكى بولغان قۇلدىن ئۆز ھەسسىسىنى ئازات قىلىۋەتكەن كىشىنىڭ شۇ قۇلنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ سېتىۋالغۇدەك ئىقتىسادى بولسا، توغرا باھالايدىغان كىشىلەر قۇلغا باھا قويۇپ بەرسۇن، ئۇ كىشى شېرىكلىرىگە ھەققىنى بېرىپ ئۇ قۇلنى تولۇق ئازات قىلىۋەتسۇن»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئازراق بولسىمۇ بىر قۇلغا ياكى بىر دېدەككە شېرىك بولغان كىشى ئۆزىنىڭ ھەسسىسىنى ئازات قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئىقتىسادى بولسا، شېرىكلىرىگە قۇلنىڭ قالغان ھەسسىسىنى بېرىشكە قادىر بولسا، قۇلنىڭ نەرقىنى بازار بويىچە ھېسابلاپ شېرىكلىرىگە ھەققىنى بېرىپ، ئۇ قۇلنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ ئازاد قىلىۋەتسۇن، ئەگەر ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرمىسە شېرىكىگە زىيان يەتكۈزمەستىن ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ئازاد قىلىش بىلەن كۇپايىلەنسۇن، شېرىكىنىڭ ھەسسىسىدە قۇللۇق ھالىتىدە قالىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن يەتتە قېتىم غازاتقا چىقتۇق، ئۇ غازاتتا بىز چېكەتكە يېگەن ئىدۇق
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىغا ئۇزۇق-تۈلۈك قىس بولغانلىقتىن يەتتە قېتىم قىلغان غازاتتا چىكەتكە ۋە كىتلارنى رىزىق قىلىپ بەرگەن، ساھابىلار ئۇنىڭدىن يىگەن، يەنە بىر قېتىملىق غازاتتا دېڭىزدىن چىقىرىپ بەرگەندە ئۇ كىتنى يىگەن
ئەبۇ سۇلەيمان مالىك ئىبنى ھۇۋەيرس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ياش-قورام جەھەتتە تەڭداش بولغان بىر نەچچىمىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئىسلامنى ئۆگىنىش ئۈچۈن يىگىرمە كۈن تۇردۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېھرىبان، ئاڭ كۆڭۈل ئىدى، ئۇ بىزنىڭ ئائىلىمىزنى سېغىنغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ، بىزدىن ئائىلىمىزدىكى كىشىلەر ھەققىدە سورىدى، بىز ئەمەلى ئەھۋاللارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېيتىپ بەردۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە: «سىلەر ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار! ئۆيۈڭدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار، ئۇلارغا دىنى ئىلىم ئۆگىتىڭلار، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ناماز ۋاقتى بولغاندا، بىرىڭلار ئەزان توۋلاڭلار، ياش قورامى چوڭراقى سىلەرگە ئىمام بولسۇن»دېدى. بۇخارى رىۋايىتىدە: «خۇددى مېنىڭ ناماز ئوقۇغىنىمنى كۆرگىنىڭلاردەك ناماز ئوقۇڭلار»، دېگەن ئىبارەت زىيادە كەلگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانمالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ياش-قورام جەھەتتە تەڭداش بولغان بىر قانچىمىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدۇق، بۇ ھىجىريىنىڭ توققۇزىنچى يىلىدىكى ئەلچىلەر يىلىدا بولغان، بۇ ياشلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا يىگىرمە كۈن تۇرغان، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆگنىش ئۈچۈن كەلگەن، مالىك مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېھرىبان، ئاڭ كۆڭۈل ئىدى، ئۇ بىزنىڭ ئائىلىمىزنى سېغىنغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ، بىزدىن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، بىز ئەمەلى ئەھۋاللارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېيتىپ بەردۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۆيىڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار! ئۆيىڭدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار، ئۇلارغا دىنى ئىلىم ئۆگىتىڭلار، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ناماز ۋاقتى بولغاندا، بىرىڭلار ئەزان توۋلاڭلار، ياش قورامى چوڭراقى سىلەرگە ئىمام بولسۇن» ئىمام بۇخارى:«مېنىڭ ناماز ئوقۇغۇنىمنى كۆرگەندەك ناماز ئوقۇڭلار» دېگەننى زىيادە قىلغان، مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ناھايىتى بەك مېھرىبان، كۆيۈمچان، كىشىلەرگە ھەممىدىن بەك كۆيۈنىدىغان شەپقەتلىك زات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى سېغىنغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خەۋەر بەرگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئائىلىسىگە قايتىپ كېتىشكە بۇيرىدى ۋە:«سىلەردىن ياشقا چوڭراقى ئىمام بولسۇن» دېدى، بۇ ئىماملىققا ياشقا چوڭ كىشىلەرنى ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ سۆز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «جامائەتكە ئاللاھنىڭ كىتابىنى كۆپ بېلىدىغان كىشى ئىمام بولسۇن» دېگەن سۆزىگە زىت ئەمەس، چۈنكى ئاشۇ ياشلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئەلچى بولۇپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياش پەرقىمۇ ئاساسەن يوق، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان ئوقۇشتا بىر-بىرىدىن قىلىشمايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ياشقا چوڭراقى سىلەرگە ئىمام بولسۇن» دېدى، چۈنكى ئۇلار قۇرئان ئوقۇشتىمۇ بىر-بىرىدىن كۆپ پەرقلەنمەيتتى، قۇرئان ئوقۇش، سۈننەتنى بىلىش، ھىجرەت قىلىش قاتارلىق ئەمەللەردە باراۋەر بولسا ئىماملىققا ئۇلارنىڭ ياش جەھەتتە چوڭراقى ئۆتىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «مېنىڭ ناماز ئوقۇغىنىمنى كۆرگەندەك ناماز ئوقۇڭلار» دېگەن سۆزىدىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرگە ئەمەلى ۋە ئاغزاكى تەرەپتىن تەڭ تەلىم بېرىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ، ئالدىراپ ناماز ئوقۇيدىغان كىشىگە: «نامازنى مەقسەت قىلساڭ، تەرەتنى كامىل ئالغىن، ئاندىن قىبلىگە يۈزلىنىپ، تەكبىر ئېيتقىن، ئاندىن قۇرئان كەرىمدىن ساڭا ئاسان بولغان سۈرىلەرنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇ قىلغىن» دەپ ھەدىسنى ئاخىرغىچە بايان قىلغان، ئەمما ئاۋۇ ياشلارغا ئەمەلى تەلىم بەرگەن
ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە كۈن تۇتۇلدى، ئۇ قىيامەت بولىشىدىن ئەنسىرەپ، چۆچىگەن پېتى ئورنىدىن تۇرۇپ، مەسچىتكە كىلىپ، نامازغا تۇردى، قىيام ۋە سەجدىلەرنى ئۇزۇن ئوقۇدى، مەن ئۇنىڭ ھېچبىر نامازدا بۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىدىم، ئاندىن ئۇ: «ئاللاھ پەيدا قىلىدىغان بۇ مۆجىزىلەر بىرەرسىنىڭ ئۆلۈمى ۋە تۇغۇلۇشى ئۈچۈن بولمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ، سىلەر ئۇ ئەھۋاللاردىن بىرەرسىنى كۆرسەڭلار، دەرھال ئاللاھنى ئەسلەشكە، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشقا ۋە كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىراڭلار» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا كۈن تۇتۇلغاندا ئۇ دەرھال چۆچىگەن ھالدا تۇردى، چۈنكى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىنى مۇكەممەل تونۇغانلىقى ئاللاھدىن بەك قورقىدىغان ۋە ئەيمىنىدىغان قىلغان ئىدى، زېمىن ئەھلىدىن كۆپ كىشىلەر ئازغۇنلۇققا پېتىپ، چېكىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، ياكى سۈر چېلىنىش ۋاقتى كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھادىسىلەر يۈز بەردىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، دەرھال مەسچىتكە كىرىپ كىشىلەر بىلەن كۈن تۇتۇلۇش نامىزىنى ئوقۇدى، ئاللاھقا تەۋبە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا يۈزلەنگەنلىكىنى نامايەن قىلىپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە ئۇزۇن ئوقۇدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەرگە يۈزلىنىپ، ۋەز-نەسىھەت قىلدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بۇ ھادىسىلەرنى بەندىلىرىنىڭ دۇئاغا، كەچۈرۈم سوراشقا، ئاللاھنى ئەسلەشكە، نامازغا ئالدىرىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىبرەت، ئەسلىتىش، قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرلەردىن بىرى «ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى ئۇلارغا بولسۇن» غازات قىلماقچى بولغاندا: خوتۇن ئالغان، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇش ئارزۇسى بولسىمۇ، تېخى بىللە بولالمىغان، ئۆيىنىڭ تۆت تېمىنى قوپۇرۇپ قويۇپ، ئۈستىنى ياپالمىغان، بوغاز قوي ياكى تۆگە ئېلىپ، ئۇنىڭ تۇغۇتىنى كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەر مەن بىلەن بىللە جىھادقا چىقمىسۇن! دېدى. ئۇ پەيغەمبەر غازات قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى، ئەسر ۋاقتى بىلەن ياكى بىر ئاز ئىلگىرى كېيىن بولغان بىر ۋاقىتتا بىر مەھەللىگە يېقىنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇياشقا: سەنمۇ بۇيرۇققا بويسۇنغۇچى، مەنمۇ بۇيرۇققا بويسۇنغۇچى. ئى ئاللاھ قۇياشنى بىزگە توختىتىپ بەرگىن! دەپ دۇئا قىلىۋىدى، قوياش تاكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا فەتھىنى تاماملاپ بەرگەنگە قەدەر توختاپ بېرىلدى. ئۇرۇشتىن كېيىن، پەيغەمبەر غەنىمەتلەرنى يىغدى. ئادەت بويىچە ئوت ئۇنى كۆيدۈرۈشكە كەلدى يۇ، لېكىن كۆيدۈرمىدى. بۇنى كۆرگەن پەيغەمبەر: ئاراڭلاردا غەنىمەتكە خىيانەت قىلغانلار بار ئىكەن، ھەر بىر قەبىلىدىن بىر ئادەم كېلىپ ماڭا بەيئەت قىلسۇن! دېدى. بەيئەت ئەسناسىدا، بىر ئادەمنىڭ قولى پەيغەمبەرنىڭ قولىغا چاپلىشىپ قالدى. پەيغەمبەر: خىيانەتكار سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئىكەن، قەبىلەڭدىكى بارلىق كىشىلەر ماڭا بەيئەت قىلسۇن! دېدى. ئۇلاردىن ئىككى يا ئۈچ ئادەمنىڭ قولى پەيغەمبەرنىڭ قولىغا چاپلىشىپ قالدى. پەيغەمبەر: سىلەر خىيانەتكار ئىكەنسىلەر دېدى. ئۇلار كالىنىڭ بېشىدەك بىر پارچە ئالتۇننى ئېلىپ كېلىپ، غەنىمەت ئۈستىگە قويدى. نەتىجىدە، ئوت كېلىپ بارلىق غەنىمەتنى يۇتۇۋەتتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: بىزدىن ئىلگىركىلەرگە غەنىمەت ھالال قىلىنمىغان، ئاللاھ تائالا بىزنىڭ «يەنى بۇ ئۈممەتنىڭ» ئاجىز، زەئىپ ئىكەنلىكىمىزنى كۆرۈپ، بىزگە غەنىمەتلەرنى ھالال قىلىپ بەردى، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن «ئاللاھ تائالانىڭ سالاملىرى ئۇلارغا بولسۇن» بىرىنىڭ ۋەقەلىكىدىن خەۋەر بەرگەن، ئۇ پەيغەمبەر بىر يۇرۇت ئاھالىسىگە قارشى جىھاد قىلىش ئالدىدا ئۆز قەۋمىدىن جىھادقا چىقماقچى بولغانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى توسقان. يېڭىدىن توي قىلىپ ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنى، ئۆي سېلىپ تورىسىنى ياپمىغانلارنى، بوغا. قوي ياكى تۆگە سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ تۇغۇشىنى كۈتىۋاتقانلارنى بۇ جىھادقا چىقىشتىن توستى. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى بۇ مۇھىم ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالىدۇ. توي قىلغان يىگىت تېخى بىللە بولمىغان ئايالىنى سېغىنىدۇ، ئۆي سېلىپ ئۇنىڭ تورىسىنى ياپمىغان ئەر بۇ ئۆينى تىزدىن پۈتتىرىپ ئائىلىسى بىلەن بۇ ئۆيگە كۆچۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، يەنە قوي، تۆگە سېتىۋالغان كىشىمۇ پاقلان، بوتىلاقلارنىڭ تىنىچ-ئامان تۇغۇلۇشى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئەمما مۇجاھىد جىھادقا ئاتلانغاندا ئۆزىنى تولۇق جىھادقا ئاتىغان ئۇنىڭدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بولىشى كېرەك. ئاندىن بۇ پەيغەمبەر غازاتقا ئاتلاندى، ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كەچ كىرىش ئالدىدا ياۋ «دۇشمەن» بىلەن ئۇچراشتى، كەچ كىرىپ قېلىپ مۇسۇلمانلار غەلبە قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، كۈنگە مۇنداق خىتاب قىلدى: سەنمۇ ئاللاھنىڭ پەرمانىغا بويسۇنغۇچى، مەنمۇ بويسۇنغۇچى، دېدى بىراق پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇشى شەرئى جەھەتتىكى بويسۇنۇش، كۈننىڭ بولسا قانۇنىيەت جەھەتتىن ئىدى. پەيغەمبەر ئاللاھ تائالا بۇيرىغانلىق ئۈچۈن جىھاد قىلىدۇ، كۈن ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان تەرەپكە قاراپ يۇرىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. سۈرە ياسىن 38-ئايەت. ئاللاھ تائالا كۈننى ياراتقان ۋاقىتدىن تا ھازىرغىىچە ئىلگىرى كېيىنمۇ چىقماي، ئىگىز-پەسمۇ بولماي ئۆز ئوربىتىدا ئايلانماقتا. ئۇ پەيغەمبەر: ئى ئاللاھ بىزگە كۈننى توختىتپ بەرسىلە، دېگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنى توختىتپ بەرگەن ئىدى، قوياش ئۆز ۋاقتىدا پاتماي، بۇ پەيغەمبەر غازاتنى قىلىپ، غەنىمەتلەرنى ئېلىپ بوغۇچە بىر خىل ھالەتتە تۇردى. ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇنكى غەنىمەتلەرنىڭ ھالال بولىشى بۇ ئۈممەتكە خاس ئىش بولۇپ، ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە ھالال بولمىغان ئىدى. ئۇلار ئالغان غەنىمەتلەرنى بىر جايغا يىغىپ قويغاندا ئاسماندىن بىر ئوت چۈشۈپ ئۇنى كۆيدۈرۋېتەتتى، بۇ ئۇ جىھادنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. بۇ پەيغەمبەرمۇ غەنىمەتلەرنى ئالغاندا ئۇنى يىغقان ئىدى، لىكىن ئوت كېلىپ ئۇنى كۆيدۈرمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پەيغەمبەر: سىلەردىن غەنىمەتكە خىيانەت قىلغانلار باركەن، دېدى. ئاندىن ھەر بىر قەبىلىنىڭ باشلىقلىرىنى خىيانەت قىلىمىغانلىق ھەققىدە بەيئەت قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇلار بەيئەت قىلغاندا بىر كىشىنىڭ قولى ئۇ پەيغەمبەرنىڭ قولىغا چاپلىشىپ قالدى. پەيغەمبەر: خىيانەتچى سىلەردىن«يەنى بۇ قەبىلىدىن» ئىكەن، دېدى. ئاندىن بۇ قەبىلىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى بەيئەت قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇلاردىن ئىككى ياكى ئۈچ كىشىنىڭ قولى چاپلىشىپ قالغان ئىدى. پەيغەمبەر: سىلەر خىيانەت قىلىپسىلەر، دېدى. ئۇلار ئۆكۈزنىڭ بېشى چاغلىق بىر كاللەك ئالتۇننى كەلتۈرگەندە ئۇنى غەنىمەتلەر بىلەن بىللە قويغان ئىدى، ئوت كېلىپ غەنىمەتلەرنى كۆيدۈرۈپ يوقاتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە ئۆمرە بىلەن ھەجنى بىر سەپەردە بىرلەشتۈرۈپ تەمەتتۇئ (بۇنداق قىلغاننى، يەنە قىران دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەمما بىر تەرەپتىن بۇمۇ تەمەتتۇئقا ئوخشىغاندىكىن بۇ يەردە تەمەتتۇئ دەپ ئاتىدى) قىلدى ۋە قۇربانلىق قىلدى. قۇربانلىقىنى ئۆزى بىلەن زۇلھۇلەيفىدىن ھەيدەپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كېرىپ، ئاندىن ھەجگە ئېھرام باغلىدى. سەھابە كىراملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تەمەتتۇئ قىلىشتى. كىشىلەردىن قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىقىنى ئۆزى بىلەن زۇلھۇلەيفىدىن ھەيدەپ كەلگەنلىرى ۋە قۇربانلىقى يوقلىرى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلگەندە كىشىلەرگە ئېيتتى: سىلەردىن قۇربانلىق ھەيدەپ كەلگەنلەر بولسا، ھەج تۈگىگىچە ئۇنىڭغا ئېھرامدا ھارام بولغان نەرسىلەردىن ھېچبىرى ھالال بولمايدۇ. قۇربانلىقىنى ئېلىپ كەلمىگەنلەر، كەبىنى ۋە ساپا-مەرۋىنى تاۋاپ قىلسۇن ۋە چېچىنى قىسقارتىپ ئېھرامدىن چىقسۇن! ئاندىن (ۋاقتى كەلگەندە) ھەجگە ئېھرام باغلىسۇن ۋە قۇربانلىق قىلسۇن. قۇربانلىق تاپالمىغانلار، ھەج كۈنلىرى ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن ۋە ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈننى تولۇقلىسۇن!. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەن ھامان كەبىنى تاۋاپ قىلدى، تاۋاپنىڭ بېشىدا ھەجەر ئەسۋەدنى سىلىدى، ئاندىن تاۋاپنىڭ ئۈچ قېتىملىقىنى سوكۇلداپ ماڭدى، تۆت قېتىملىقىنى نورمال ماڭدى. تاۋاپ تۈگىگەندە ماقامى ئىبراھىمنىڭ قېشىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى. ئاندىن ئۇ يەردىن ساپا - مەرۋەگە كېتىپ، ئۇ يەرنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلدى. ئاندىن كېيىن ئۆزىگە ئېھراملىقتا ھارام بولغان نەرسىلەردىن ھىچبىرىنى ھەج تۈگىگىچە ھالال قىلمىدى. قۇربانلىق كۈنى قۇربانلىقىنى بوغۇزلىدى. ئۇ يەردىن كەبىگە قايتىپ تاۋاپ قىلدى. ئاندىن كېيىن ئېھرامدا ھارام بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالال قىلدى. كىشىلەردىن قۇربانلىقلىرىنى ھەيدەپ كېلىپ قۇربانلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەندە، تاۋاپنىڭ بېشىدا ھەجەر ئەسۋەدنى سىلىغىنىنى، ئاندىن تاۋاپنىڭ ئۈچ قېتىملىقىنى سوكۇلداپ ماڭغىنىنى، كۆردۈم
ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلغاچ كەبە ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن ۋىدالىشىش ھەججىنى قىلغىلى، كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ رىسالىتىنى يەتكۈزگەنلىكىگە ئۇلارنى گۇۋاھچى قىلغىلى، مەدىنە ئەھلىنىڭ مىيقاتىغا چىققاندا، ئۆمرە بىلەن ھەجگە بىراقلا ئېھرام باغلىدى. ئۇ ۋاقىتتا ھەج قىران قىلغان ئىدى، ھەج قىران دېگەنمۇ بىر تەرەپتىن ھەج تەمەتتۇئقا ئوخشايتتى. كىشىلەرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەج تەمەتتۇئ قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى ھەج ۋە ئۆمرە ئىككىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە بىراقلا ئېھرام باغلىدى (ھەج قىران) ۋە بەزىسى ئۆمرە تۈگەتكەندىن كېيىن ھەج قىلىشقا قايتا ئېھرام باغلاش نىيىتى بىلەن ئۆمرىگىلا ئېھرام باغلىدى (ھەج تەمەتتۇئ) ۋە بەزىسى پەقەت ھەجگىلا ئېھرام باغلىدى(ھەج ئىفراد). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇشۇ ئۈچ خىل پائالىيەت ئوتتۇرىسىدا ئىختىيارلىق بەرگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بەزى ساھابىلار قۇربانلىقلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن زۇلھۇلەيفىدىن ھەيدەپ كەلدى. بەزىلەر ئۇنداق قىلمىدى. ئۇلار مەككىگە يېقىن كەلگەندە، ھەج ئىفراد، ۋە ھەج قىران قىلغان ئەمما قۇربانلىق مال ئېلىپ كەلمىگەنلەرنى، بۇ ئېھراملىرىنى بۇزۇپ پەقەت ئۆمرىگىلا نىيەت قىلىشقا ئۈندىدى. ئۇلارغا ئۆمرىدىن كېيىنلا چاچلىرىنى قىسقارتىپ ئېھرامدىن چىقىشلىرىنى ۋە ۋاقتى كەلگەندە ھەجگە ئايرىم ئېھرام باغلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر سەپەردە ئىككى ئىبادەتنى قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. قۇربانلىق تاپالمىغانلار ئون كۈن روزا تۇتۇشى لازىم بولۇپ، ھەج كۈنلىرى ئۈچ كۈن تۇتىدۇ، بۇنىڭ ۋاقتى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ. ۋە ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈننى تولۇقلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەن ھامان كەبىنى تاۋاپ قىلدى، تاۋاپ باشلاشتىن بۇرۇن ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سىلىدى، بۇ كەبىگە كېلىش تاۋىپى بولغاچقا تاۋاپنىڭ ئۈچ قېتىملىقىنى سوكۇلداپ، ۋە تۆت قېتىملىقىنى نورمال مېڭىپ قىلدى. تاۋاپ تۈگىگەندە ماقامى ئىبراھىمنىڭ قېشىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى. ئاندىن ساپا-مەرۋەگە كېلىپ، ئۇ يەرنى يەتتە قېتىم ماڭدى. ئىككى بەلگىنىڭ ئوتتۇرىدا يۈگۈرۈپ، باشقا يەردە نورمال ماڭدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ھەتتا ھەج تۈگەپ، قۇربانلىق كۈنى مال بوغۇزلاپ بولغىچە ئېھرامدىن چىقمىدى. ھەجنى تۈگىتىپ، قۇربانلىقىنى بوغۇزلاپ، چېچىنى چۈشۈرۈپ ۋە بىرىنچى كۈنى شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندا، ئېھرامدىن كىچىك چىقىش بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ كۈنى چاشكا ۋاقتىدا كەبىگە قايتتى ۋە ھەجنىڭ پەرز تاۋىپىنى قىلدى. ئاندىن كېيىن ئېھرامدىكى ۋاقىتتا ھارام بولغان پۈتۈن ئىشلارنى ھالال قىلدى. سەھابە كىراملاردىن ھەج ئۈچۈن ھەدىيە ھەيدەپ كەلگەن كىشىلەر رەسۇلۇللاھقا ئوخشاش قىلدى
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: خەندەك غازىتى كۈنى قوياش پاتقاندىن كېيىن ئۆمەر كېلىپ قۇرەيش كاپىرلىرىنى تىللىغىلى تۇردى، ئاندىن: يا رەسۇلۇللاھ! مەن كۈن ئولتۇرۇپ كەتكىچە ئەسىرنى ئوقۇيالمىدىم، دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەنمۇ ئوقۇيالمىدىم دېدى، ئاندىن بەتھان دېگەن جايغا چۈشۈپ تاھارەت ئالدى، بىزمۇ تاھارەت ئالدۇق، رەسۇلۇللاھ كۈن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسىر ئوقۇدى، ئاندىن ئۇنىڭ كەينىدىن شامنى ئوقۇدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانخەندەك غازىتى كۈنى ئۆمەر كۈن پاتقۇچە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇياممىغان ۋە قۇرەيش كاپىرلىرىنى تىللىغان ھالدا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلدى، چۈنكى ئۇلار سەۋەبلىك بۇ نامازنى كۈن پاتاي دېگىچە ئوقۇيالمىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆمەرنىڭ كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ: مەنمۇ ئوقۇيالمىدىم دېدى، نامازنىڭ ۋاقتىنى كىچىكتۈرۈش ئۆمەرگە بەك ئېغىر كەلگەن ئىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر تاھارەت ئالدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كۈن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسىر نامىزىنى ئوقۇدى، ئاندىن ئەسىر نامىزىدىن كېيىن شامنى ئوقۇدى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئى رەسۇلۇللاھ! سىلى ئۆمرىنىڭ ئېھرامىدىن چىقماپلا، ئەمما كىشىلەر ئۇنىڭدىن چىقىپتۇ، بۇ نېمە ئىش؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن چېچىمغا يىلىم سۈركەپ قاتۇردۇم ۋە قۇربانلىقىمغا بەلگە قىلدىم، ئۇنداق بولغانىكەن مەن قۇربانلىقنى بوغۇزلىمىغىچە ئېھرامدىن چىقمايمەن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە ئۆمرىگە ۋە ھەجگە بىراقلا ئېھرام باغلىدى، چۈنكى بۇ قېتىمقى ئىھرامدا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇنراق سوزۇلىدىغان بولغاچقا، چىچىغا يىلىمدەك بىر نەرسە سۈركەپ قاتۇردى. بەزى ساھابىلارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش (نىيەتتە) ئىھرام باغلىدى ۋە بەزىلىرى ئۆمرىنىلا قىلىپ ئاندىن ھەجگىچە نورمال ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۆمرىگىلا ئىھرام باغلىدى. بەزىلىرى قۇربانلىقىنى ھەيدەپ ماڭغان بولسىمۇ، كۆپىنچىلىرى ئۇنداق قىلمىدى. ئۇلار مەككىگە يىتىپ كېلىپ تاۋاپ قىلىپ، سافا - مەرۋىنى سەئىي قىلىپ بولغان چاغدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يالغۇز ھەجنىلا قىلىدىغان ياكى ئۆمرە بىلەن ئىككىنى بىرلەشتۈرۈپ قىلماقچى بولغان ئەمما قۇربانلىقىنى ئېلىپ كەلمىگەنلەرنى ھەج ئىھرامىنى سىلىپ ئۆمرىگىلا ھېسابلاپ ئىھرامدىن چىقىشقا بۇيرىدى، ئەمما ئۆزى ۋە ساھابىلاردىن قۇربانلىقىنى ئىلىپ كەلگەنلەر بولسا ئىھرامىنى بۇزماي داۋاملاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئايالى ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: سىلى ئۆمرىنىڭ ئىھرامىدىن چىقماپلا، ئەمما كىشىلەر ئېھرامدىن چىقىپتۇ، نېمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟ دىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن چىچىمغا يىلىم سۈركەپ قاتۇردۇم ۋە قۇربانلىقىمغا بەلگە قىلدىم، ئۇنداق بولغانىكەن مەن ھەج تۈگەيدىغان ۋە قۇربانلىق قىلىدىغان كۈنى قۇربانلىقنى بوغۇزلاپ ئۇنى جايىغا تەككۈزمىگۈچە ئېھرامدىن چىقىشىم چەكلىنىدۇ، دېدى