





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ھاممام مەيمۇنەنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىدە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى، مەنمۇ قوپۇپ سول تەرىپىدە تۇرغۇنۇمدا، مېنىڭ بېشىمدىن تۇتۇپ ئوڭ تەرىپىگە يۆتكەپ قويدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئۇلۇغ ساھابە ئىبنى ئابباس بىزگە بىر ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ بىرىدۇ، ئۇ بىر كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ «تەھەججۈد» كېچىلىك نامازنى قانداق ئوقۇيدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى ھاممىسى مەيمۇنەنىڭ ئۆيىگە قونغىلى باردى، رەسۇلۇللاھ كېچىدە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى، ئىبنى ئابباسمۇ تەڭ تۇرۇپ نامازدا رەسۇلۇللاھقا ئىقتىدا قىلىش ئۈچۈن سول تەرىپىدە تۇردى، ئىقتىدا قىلغۇچى بىر ئادەم بولسا ئەسلىدە ئىمامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇش ئەۋزەل، شۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بېشىدىن تۇتقىنىچە ئارقا تەرەپتىن ئايلاندۇرۇپ ئوڭ يېنىغا ئەكىلىپ تۇرغۇزدى
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەرىرە ۋە ئۇنىڭ ئېرى ھەققىدىكى ھەدىستە مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەرىرەگە: ئېرىڭ بىلەن يېنىشىۋالغان بولساڭچۇ؟ دېگەندە، ئۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مىنى بۇيرۇۋاتاملا؟، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، مەن مۇرەسسە قىلىۋاتىمەن، دېدى، بەرىرە: مېنىڭ ئۇنىڭغا ھېچبىر ئېھتىياجىم يوق، دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبەرىرەنىڭ ئېرى مۇغىس ئىسىملىك بىر قۇل ئىدى، بەرىرە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنى سېتىۋىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنى ئازات قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇغىس بىلەن ئۆي تۇتۇش ياكى ئايرىلىپ كېتىش ئىختىيارلىقى بېرىلگەندە ئۇ ئىرىدىن ئايرىلىپ كەتتى. مۇغىس بەرىرەگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن، ئۇنىڭ قارارىنى قايتا ئويلۇنۇپ ئۆزىنىڭ يىنىغا قايتىپ كىلەمىكىن دەپ، ياشلىرى ساقىلى ئاققۇدەك يىغلاپ، مەدىنىنىڭ كوچىلىرى ۋە يوللىرىدا ئۇنىڭ كەينىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرىرەگە: ئېرىڭ بىلەن يېنىشىۋالغان بولساڭ ساۋاب بولار ئىدى، دېدى. بەرىرە: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مېنى يېنىشىشقا ۋاجىب شەكىلدە بۇيرۇملا؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، مەن پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئارا تۇرۇۋاتىمەن، دېدى. بەرىرە: ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇشقا ھېچبىر ئېھتىياجىم ۋە قىزىقىشىم يوق، دېدى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنىدىكى ئەنسارىلارنىڭ ئىچىدىكى خورمىلىق بېغى ئەڭ كۆپ كىشى ئېدى، ماللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەبۇ تەلھە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى ئۇدۇلىدىكى«بەيرەھا» دېگەن بېغى ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ باغقا كىرىپ باغدىكى تاتلىق سۇدىن ئىچەتتى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر» دېگەن ئايەت نازىل بولغان چاغدا ئەبۇ تەلھە ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالا ساڭا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى، مېنىڭ ماللىرىمنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم «بەيرەھا» دېگەن بېغىمدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە ئەسقاتىدىغان مال بولۇشىنى ئۈمىت قىلىپ ئۇنى سەدىقە قىلىمەن، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەن ئۇنى ئاللاھ ساڭا كۆرسەتكەن يەرگە ئىشلەتكىن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھاي،ھاي! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ، سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى ئاڭلىدىم، مەن ئۇنى يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق كۆرىمەن» دېدى، ئەبۇ تەلھە: «شۇنداق قىلىمەن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!» دەپ، ئۇنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە تاغىسىنىڭ بالىلىرىغا تەقسىم قېلىپ بەردى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنىدە ئەنسارىلار ئارىسىدا بېغى كۆپ كىشى ئىدى، مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىگە ئۇدۇل جايدا ئۇنىڭ سۈيى تاتلىق بىر بېغى بارئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ باغقا كىرىپ ئۇنىڭ تاتلىق سۇلىرىدىن ئىچەتتى: { ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر } دېگەن ئايەت نازىل بولغان چاغدا، ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئالدىراپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالا:{ ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر } دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى، مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىلىم «بەيرەھا» دېگەن باغ، مەن ئۇنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۈچۈن سەدىقە قىلىپ سىلىگە تۇتتۇم دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ مەردلىكىدىن ئەجەبلىنىپ: «ھاي،ھاي! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ!، نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ!، مەن ئۇنى يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق كۆرىمەن» دېدى، ئەبۇ تەلھە ئۇنى تۇققانلىرىغا ۋە تاغىسىنىڭ بالىلىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، «مەككە ئازاد بولغان يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرگەندە بېشىدا دۇبۇلغا بار ئىدى، دۇبۇلغىنى ئېلىۋەتكەندە بىرسى كېلىپ: ئىبنى خەتەل كەبىنىڭ يوپۇقىغا ئېسىلىپ تۇرۇۋاپتۇ، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىڭلار» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرەيش كاپىرلىرى ئارىسىدا سۈلھى بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توققۇز نەپەر مۇشرىكنى قېنى ھالال دەپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى، مەككە ئازاد قىلىنغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككىگە بېشىغا دۇبۇلغا كېيىپ ئىھتىيات ھالىتىدە كىردى، ساھابىلارنىڭ بەزىسى ئىبنى خەتەل ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى يامان قىلمىشى ۋە ناچار ئىشلىرىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، كەبىنىڭ يوپۇقىغا ئېسىلىپ، كەبىنىڭ ھۆرمىتى بىلەن ئۆلۈمدىن ساقلىنىپ تۇرغان ھالەتتە تاپتى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سوراشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن ئەيمىنىپ قالدى، سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىڭلار» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەجەر بىلەن مەقامۇ ئىبراھىمنىڭ ئارىسىدا ئۆلتۈرۈلدى
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەج قىلغىلى كەلدۇق، بىز ھەجگە تەلبىيە ئېيتىۋاتاتتۇق(يەنى نىيەت قىلىۋاتاتتۇق)، رەسۇلۇللاھ بىزنى ئۆمرە قىلىشقا بۇيرىدى، بىز نىيىتىمىزنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتتۇق
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانجابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: كۆپلىگەن ساھابىلەر مەدىنىدىن رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەج قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى، ئۇلار ھەج ئىفرادنىڭ تەلبىيەسىنىلا ئېيتاتتى، يەنى يالغۇز ھەجنىلا مەقسەت قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: كىمىكى قۇربانلىق ئېلىپ كەلمىگەن بولسا قىلماقچى بولغان بۇ تاۋاپنى ئۆمرە قىلىپ، ھەج تەمەتتۇئغا نىيەت قىلسۇن دېگەن «ھەج ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ، قىران، تەمەتتۇئ، ئىفراد» ساھابىلار شۇنىڭ بىلەن ئۆمرە قىلىپ ئىھرامدىن چىقىشتى، ھەج كۈنلرى كەلگەندە ھەجگە قايتا ئىھرام باغلىدى
سەپىييە بىنتى ھۇيەي رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئىتىكاپتا ئىدى مەن كىچىدە يوقلاپ كەلدىم، پاراڭلىشىپ بولغاندىن كېيىن قايتىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم، رەسۇلۇللاھمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ مېنى ئۇزۇتۇپ قويماقچى بولدى. سەپىييەنىڭ ئۆيى ئۇسامە ئىبنى زەيىدنىڭ قورۇسىدا ئىدى. ئەنسارىلاردىن ئىككى كىشى يېنىمىزدىن ئۆتتى، ئۇلار رەسۇلۇللاھنى كۆرۈپ ئالدىراپ ماڭدى، رەسۇلۇللاھ: ئۇلارغا ئالدىرىماي مېڭىڭلار، ئۇ سەپىييە بىنتى ھۇيەي، دېدى. ئۇلار سۇبھانەللاھ ئى رەسۇلۇللاھ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: شەيتان ئادەم بالسىنىڭ ئىچىدە، قان تومۇرىدا ئاققاندەك ماڭىدۇ، مەن ئىككىڭلارنىڭ قەلبىگە شەيتان ۋەسۋەسە سېلىشتىن ئەنسىرىدىم دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە سەپىييە رەسۇلۇللاھنى رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئونىدا مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىۋاتقاندا يوقلاپ كەلگەن، بىرەر سائەت پاراڭلاشقاندىن كىيىن قايتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغان، رەسۇلۇللاھمۇ ئۇنى ئۇزىتىش ئۈچۈن تۇرغان، ئۇلار ئۇممۇ سەلەمە ئىشىكى دەپ ئاتالغان ئىشىكنىڭ يېنىغا كەلگەندە- ھەدىسنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەنىلىرى ئوخشاش
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئونىدا مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ئىدى، بىر كېچىسى ئايالى سەپىييە رەسۇلۇللاھ يوقلاپ كەلدى، بىرەر سائەتچە پاراڭلاشتى، شۇنىڭدىن كېيىن قايتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى، كۆڭلىنى ياساپ ئۇزۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھمۇ تۇردى، شۇ ۋاقىتتا ئىككى ئەنسارى بۇلارنىڭ قېشىدىن ئۆتتى. رەسۇلۇللاھنى كۆرۈپلا ھايا قىلغان جەھەتتىن ئۇلار تىز كېتىشكە تەمشەلدى. رەسۇلۇللاھ دېدىكى ئالدىرماڭلار، بۇ مېنىڭ ئايالىم سەپىييە دېدى. ئۇلار سۇبھانەللاھ! سىلىگە يامان گۇمان قىلىش كۆڭلۈمىزدىن كەچمىدى، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: شەيتان ئادەم بالىسىنى ئازدۇرۇشقا ئۇرىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرى بار، چۈنكى ئۇ ئادەم بالسىنىڭ ئىچىدە، قان تومۇرىدا ئاققاندەك ماڭىدۇ، شەيتاننىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى يوشۇرۇن ۋە مەخپى دەپ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ۋەسۋەسە سېلىشتىن ساقلاندى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە كەچلىك نامازدىن بىر نامازنى ئوقۇپ بەردى «ئىبنى سىيرىن: ئەبۇ ھۇرەيرە ئۇ نامازنىڭ ئىسمىنى ئېنىق دەپ بەرگەن، لېكىن مەن ئۇنتۇپ قالدىم، دېگەن» رەسۇلۇللاھ ئۇ نامازنى ئىككى رەكىئەت ئوقۇپ سالام بەردى، ئاندىن تۇرۇپ مەسچىدتە توغرۇسىغا قويۇلغان بىر ياغاچقا يۆلىنىپ خۇددى غەزەپلەنگەن كىشىدەك ئولتۇردى ۋە ئوڭ قولىنى سول قولى ئۈستىگە قويۇپ بارماقلىرىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈردى. ئالدىرغانلار ناماز قىسقارتىلىپتۇ دېگىنىچە مەسچىتتىن چىقىپ كېتىشتى، جامائەت ئىچىدە ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەرلەرمۇ بار ئىدى، ئۇلار رەسۇلۇللاھقا گەپ قىلىشتىن ئەيمەندى، كىشىلەر ئىچىدە قولى ئۇزۇن «زۇليەدەين» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشى بار بولۇپ ئۇ: ئى رەسۇلۇللاھ سىلى ئۇنتۇلۇپ قاللىمۇ ياكى ناماز قىسقارتىلدىمۇ؟ دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇنتۇلۇپمۇ قالمىدىم، نامازمۇ قىسقارتىلمىدى، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: زۇليەدەيىن دېگەندەك ئىش بولدىمۇ؟ دېۋىدى، جامائەت: شۇنداق بولدى، دېدى. شۇئان رەسۇلۇللاھ ئالدىغا چىقىپ نامازنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغان قىسمىنى ئوقۇپ سالام بەردى. ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ «بۇرۇنقى» سەجدىدەك ياكى ئۇزۇنراق سەجدە قىلدى، ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ بېشىنى كۆتۈردى، ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ «بۇرۇنقى» سەجدىدەك ياكى ئۇزۇنراق سەجدە قىلدى، ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ بېشىنى كۆتۈردى. ئۇلار ئىبنى سىيرىندىن ئاندىن سالام بەردىمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ، ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن: ئاندىن سالام بەردى دېگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم، دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەرلەر ئىنسانلار ئىچىدىن ئەڭ ئەقىللىق، تەمكىن، سەۋىرچان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان كىشىلەردۇر، لىكىن بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ئىنسان دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمىگەن. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يۇقارقى سۈپەتلەردە ئەڭ ۋايىغا يەتكەن پەيغەمبەر. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئىنسان بولغانلىقتىن بەزىدە ئۇنتۇلۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بىرىدۇ، بۇنىڭ ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئىابدەتتە ئۇنتۇلۇپ قالغاندىكى ئەھكاملارنى بايان قىلىپ بىرىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەسۇلۇللاھنىڭ بىر كۈنى ساھابىلەرگە پىشىن ياكى ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى «ئەبۇ ھۇرەيرە ئېنىق ئىسمىنى دەپ بەرگەن، لىكىن ئىبنى سىيرىين ئۇنى ئۇنتۇلۇپ قالغان» نامازنى ئىككى رەكىئەت ئوقۇپلا سالام بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئىش مۇكەممەل بولمىسا كۆڭلى خاتىرجەم بولمايتتى، ئۇ كۆڭلۈدە نامازنىڭ بىر يېرىدە نوقسان بولغانلىقىنى ھىس قىلدىيۇ قەيەردە بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ مەسچىدنىڭ قىبلە تەرىپىدىكى توغرۇسىغا قويۇلغان بىر ياغاچقا يۆلىنىپ خۇددى ئەندىشە قىلغان كىشىدەك ئولتۇردى ۋە بارماقلىرىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈردى. ئالدىرغانلار بىر ئىش يۈز بەرگەن بولسا كېرەك شۇنىڭ ئۈچۈن ناماز قىسقارتىلىپتۇ دېگىنىچە مەسچىتتىن پىچىرلاشقاچ چىقىپ كېتىشتى. بەزىلەر پەيغەمبەرلىك ئورنىنى بۈيۈك بىلگەنلىكتىن ئۇنتۇلۇپ قېلىشنى يىراق سانىغان ئىدى، بەزىلەر تەپ تارتىپ بۇ ھەقتە سۆز ئېچىشقا پېتىنالمىغان ئىدى. ئۇلار ئىچىدە ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەرلەرمۇ بار ئىدى، ئۇلارمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئىچى سىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ گەپ قىلالمىغان. بىراق ساھابىلەردىن «زۇليەدەيىن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشى بۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ رەسۇلۇللاھتىن بۇ شەكىلدە سورىدى: نامازنى ئۇنتۇلۇپ قاللىمۇ ياكى قىسقارتىلدىمۇ؟ دېدى. چۈنكى ھەر ئىككىلىسى ئىھتىماللىقى بار بولغاچقا بىرىنى كېسىپلا دېمىدى. رەسۇلۇللاھ ئويىغا ئاساسەن ھەر ئىككىلىسى بولمىدى دەپ جاۋاب بەردى. شۇ ۋاقىتتا «زۇليەدەيىن» نىڭ ئىسىدە رەسۇلۇللاھ نامازنى كەم ئوقۇلغانلىقى ئېنىق ئىدى، قىسقارتىلمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى جەزىملەشتۇردى، ئۇ: بەلكى ئۇنتۇلۇپ قالدىلا، دېدى. رەسۇلۇللاھمۇ ئويلىمىغان ئىش بولغانلىقتىن ئۆز نوۋىتىدە ئۇنىڭ سۆزىنىڭ راسىتلىقىنى تەكىتلىمەكچى بولدى ۋە ساھابىلەردىن سوراپ: زۇليەدەيىن دېگەندەك ئىش بولدىمۇ؟ مەن نامازدىن ئىككى رەكەتنى ئۇنتۇلۇپ قالدىممۇ؟ دەپ ئۇنىڭ سۆزىگە شاھىد، گۇۋاھچى ئىزدىدى. ساھابىلەر: شۇنداق بولدى، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ مىھراپقا ئۆتۈپ قېپقالغان نامازنى ئوقۇدى، سالام بېرىشتىن بۇرۇن ئولتۇرغان ھالىتىدىلا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ناماز ئىچىدىكى سەجدىدەك ياكى ئۇزۇنراق سەجدە قىلدى، ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ سەجدىدىن تۇردى، ئاندىن يەنە تەكبىر ئوقۇپ ئىلگىرىكى سەجدىدەك ياكى ئۇزۇنراق سەجدە قىلدى،ئاندىن تەكبىر ئوقۇپ سەجدىدىن تۇردى ۋە سالام بەردى قايتا تەشەھھۇد ئوقۇمىدى
سالىھ ئىبنى خەۋۋات ئىبنى جۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن زات ئەررىقائ نامىزىنى يەنى قورققاندا ئوقۇيدىغان نامازنى ئوقۇغان كىشىدىن رىۋايەت قىلىپ دەيدىكى: ھەقىقەتەن بىر گۇرۇھ كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا سەپتە تۇردى، يەنە بىر گۇرۇھ دۈشمەن ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن تۇرغانلارغا ئىمام بولۇپ بىر رەكئەت ئوقۇدى. ئاندىن قىيامدا ئۇزۇن تۇرىۋەردى، بۇلار ئۆزلىرى نامىزىنى تاماملىدى ۋە دۈشمەننىڭ ئالدىغا بېرىپ تىزىلىپ تۇردى. يەنە بىر گۇرۇھ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇلار بىلەن قېپقالغان بىر رەكئەتنى ئوقۇدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇزۇن ئولتۇردى، بۇلار ئۆزلىرى نامىزىنىڭ چالا قالغىنىنى تاماملىدى، ئاندىن پەيغەمبىرىمىز بىلەن باراۋەر سالام بەردى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ساھابىلىرى بىلەن بىر غازاتقا چىقتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پىيادە ئىدى، ئۇلار يالاڭ ئاياق يۈرۈشتىن چارچاپ، پۇتلىرىغا لاتا يۆگىۋالدى. بۇ ئەسنادا دۈشمەن بىلەن ئۇچراشتى، بۇ قېتىمقىسى تېخى رەسمى ئۇرۇش ئەمەستى، بەلكى مۇسۇلمانلار دۈشمەنلەرنى قورقۇتۇپ قويغانتى. بۇ ھەدىستە، دۈشمەنلەر قىبلە تەرەپتە ئەمەس ئېدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆي - ماكانلىرى مەدىنىنىڭ شەرقى تەرەپتە ئېدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلدى. ئۇلارنىڭ بىر گۇرۇپپىسى سەپ تۈزۈپ تۇردى، يەنە بىرسى دۈشمەننىڭ ئالدىدا تۇردى، بۇ ئەھۋالدا دۈشمەنلەر نامازدا تۇرغانلارنىڭ ئارقىسىغا ئۇدۇل كېلەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن تۇرغانلارغا ئىمام بولۇپ بىر رەكئەت ئوقۇدى. ئاندىن قىيامدا ئۇزۇن تۇرىۋەردى، بۇلار ئۆزلىرى نامازلىرىنى تاماملاپ سالام بېرىپ ئاندىن دۈشمەننىڭ ئالدىغا بېرىپ تىزىلىپ تۇردى. يەنە بىر گۇرۇپپا كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇلار بىلەن قېپقالغان يەنە بىر رەكئەتنى ئوقۇدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇزۇن ئولتۇردى، بۇلار ئۆزلىرى نامىزىنىڭ چالا قالغان (باشتىكى) رەكئىتىنى تاماملىدى، ئاندىن پەيغەمبىرىمىز بۇلارغا ئىمام بولۇپ سالام بەردى. شۇنداق قىلىپ باشتىكىلەر ئىمام بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن نامازنى باشلاشقا يەنى تەكبىرەتۇل ئىھرامغا خاس بولغان بولسا، كېيىنكىلەر بۇ ئىمام بىلەن نامازنى تۈگىتىپ سالام بېرىش مۇشەررەپ بولدى. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، دۇشمەننىڭ ناماز ۋاقتىدا پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشىدىن ساقلىنىشبىلەن بىرگە، نامازنى ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇغاننىڭ پەزىلىتىنى ھاسىل قىلدى
سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەج ۋىدا قىلغان يىلى مەن ئېغىر كېسەل بولۇپ ياتقىنىمدا مېنى يوقلاپ كەلدى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ كۆرۈپ تۇرۇپلا مەن ئېغىر كېسەلدە تۇرۇپتىمەن، مېنىڭ ئېقتىسادىم بار ئادەم، ماڭا پەقەت بىرلا قىز ماڭا مىراسخور بولىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن مېلىمنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسمىنى سەدىقە قىلايمۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ياق، دېدى. مەن: يېرىمىنى سەدىقە قىلسام بولامدۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ياق، دېدى. مەن: ئۈچتەن بىرىنى سەدىقە قىلسامچۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ئۈچتەن بىرىنى قىل، ئەسلى ئۈچتەن بىرىمۇ كۆپ، مىراسخورلىرىڭنى باي ھالدا قويغۇنۇڭ ئۇلار كىشىلەردىن سەدىقە تىلەيدىغان دەرجىدە كەمبەغەل قويغۇنۇڭدىن ياخشى، سەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىت قىلىپ نېمىنى چىقىم قىلساڭ ساۋابقا ئېرشىسەن، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا بىر لوقما تاماق سەپ قويساڭمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجرىگە ئېرشىسەن، دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ ھەمراھلىرىم مەدىنىگە كەتتى، مەن ماڭالماي قېلىپ قالدىم، دېسەم. رەسۇلۇللاھ: سەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىت قىلىپ قانداق بىر ئىشنى قىلساڭ ئاخىرەتتە دەرىجە مەرتىۋەڭ ئۆسىدۇ، مەككىدە قېلىپ قېلىشىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار سەندىن مەنپەتلىنىپ، كاپىرلار سەندىن ئەرزىيەتكە ئۈچرىشى مۈمكىن، دەپ رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرگە دۇئا قىلدى: ئى ئاللاھ ساھابىلەرنىڭ ھىجرىتىنى تاماملىسىلا ۋە ئۇنى قوبۇل قىلسىلا! ئۇلارنى كەينىگە قايتۇرۋەتمىسىلە! بىراق بىچارە سەئد ئىبنى ئەبى خەۋلە، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ مەككىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىچ ئاغرىتقان
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانسەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەججەتۇل ۋىدادا ئېغىر بىتاپ بولۇپ يېتىپ قالدى ۋە ئۇ ئۆلۈپ كىتىشتىن ئەنسىرىدى. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى يوقلاپ كەلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى ھەر مۇناسىۋەتلەردە يوقلاپ تۇراتتى. سەئد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسمىنى سەدىقە قىلىۋىتىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئى رەسۇلۇللاھ مېنىڭ كېسىلىم ئېغىرلىشىپ قالدى، بۇ كېسەلدە ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن، مەن بىر ئىقتىساد ئىگىسى، شۇنداقلا مېنىڭ بىر قىزىمدىن باشقا ھالىدىن ئەنسىرەيدىغان كۆپ مىراسخورلۇرۇم يوق. بۇنداق بولغان ئىكەن ئاخىرەتلىكنى كۆزلەپ ئىقتىسادىمنىڭ ئۈچتەن ئىككىىسىنى سەدىقە قىلسام بولامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ياق، دېدى. سەئد: ئۇنداقتا ئى رەسۇلۇللاھ يېرىمىنى سەدىقە قىلسامچۇ؟ دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: ياق، دېدى. سەئد: ئۈچتەن بىرىنى سەدىقە قىلسامچۇ؟ دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: گەرچە ئۈچتەن بىرى كۆپ بولسىمۇ ئۇنچىلىك سەدىقە قىلساڭ بولىدۇ، دېدى. ئەمما تورتتەن بىرى ياكى بەستەن بىرىنى سەدىقە قىلىپ قالغىنىنى باللىرىڭغا قالدۇرۇشۇڭ ئەۋزەل، دېدى. ئاندىن ئۇنى يەنى كۆپنى قالدۇرۇپ ئازنى سەدىقە قىلىشنىڭ ھىكمىتىنى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەپسىلى بايان قىلىپ بەردى. 1- باللىرىنى باشقىلارنىڭ خەيرى ئېھسانىغا تايىنىپ ياشايدىغان ھالدا قالدۇرغاندىن، مال-مۈلكىنى ئۇلارغا قالدۇرۇپ پەرزەنىتلىرىنى كىشىلەرگە مۇھتاج قىلمىغان ئەۋزەل، دېدى. 2- مال-مۈلىكىنى پەرزەنىتلىرىگە قالدۇرغاندا ئۇلار شەرىئەت كۆرسەتكەن يوللارغا چىقىم قىلسا، ھەتتاكى ئۆزىنىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ بولغان نەپىقىلەرگە چىقىم قىلسىمۇ، ئايالىغا نەپىقە بەرسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجرىگە ئېرشىدۇ، دېدى. ئاندىن سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەپ تەرك ئەتكەن ۋە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كەتكەن مەككە شەھرىدە ئۆلۈپ كېتپ ھىجرەتنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەئدىگە بۇ يەردە سەن ئىختىيارسىز قېلىپ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قانداق بىر ياخشى ئىشنى قىلساڭ ئاخىرەتتە دەرىجەڭ ئۆسىدۇ، دەپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ كېسىلى شىپا تاپىدىغانلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر بىرىپ، ئاللاھ تائالا سەئد ئارقىلىق مۆئمىنلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، كاپىرلارغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى دېدى. خۇددى راسىت سۆزلۈگۈچى ۋە راست سۆز كەلتۈرۈلگۈچى زات خەۋەر بەرگەندەك سەئد كېسەلدىن ساقىيىپ پارىسلار بىلەن بولغان جەڭگە باش قۇماندان بولدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا پايدا يەتكۈزدى، ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق كۆپ شەھەرلەر پەتھى قىلىپ مۇشرىكلار ۋە شېرىك ئەقىدىلەرنى يوقاتتى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالادىن بارلىق ساھابىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىش، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى دىندىن ۋە ھىجرەت قىلىپ چىققان يۇرۇتتىن قايتۇرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن دۇئا قىلدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. بارلىق ھەمدۇ-سانا ۋە مىننەت ئاللا تائالاغا مەنسۈپ، ئۇلار بىلەن ئىسلامنى ئەزىز قىلغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن. ئاندىن سەئد ئىبنى خەۋلەنى تىلغا ئالدى، ئۇ بۇرۇنلا مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلاردىن بولۇپ ئەمدىلىكتە مەككىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ مەككىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىچ ئاغرىتقان. ساھابىلار مۇھاجىرلارنىڭ مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئۇ يەرگە كېلىپ ئۆلۈپ كېتىشىنى ئېغىر سانايتتى