





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ : مىراس تەقسىم قىلىشتا پەرز ئىگىلىرى (يەنى نېسىۋىسى ئېنىق بەلگىلەنگەنلەر) گە باشتا بېرىڭلار! ئۇنىڭدىن قالغىنى مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىگە قالىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە: مىراسنى پەرز ئىگىلىرى ئارىسىدا قۇرئان كەرىم تەقسىماتى بويۇنچە بولۇپ بېرىڭلار. ئۇنىڭدىن ئاشقىنى مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىگە قالىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مىراس تەقسىم قىلىدىغانلارنى، مىراسنى ئۇنىڭغا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە، ئاللاھ تائالا ئىرادە قىلغان شەكىلدە، شەرىئەتنىڭ ئادىل تەقسىماتى بويۇنچە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە، بۇيرىدى. ئاللاھنىڭ كىتابىدا نىسىۋېسى ئېنىق بەلگىلەنگەن پەرز ئىگىلىرىگە بېرىلىدۇ. ئۇ بەلگىلەنگەن نېسىۋىلەر: ئۈچتىن ئىككى، ئۈچتىن بىر، ئالتىدىن بىر، يېرىمى، تۆتتىن بىر ۋە سەككىزدىن بىر ھەسسىلەردىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن قالغان مىراسلار مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىلەرگە بېرىلىدۇ، ئۇلار "ئەسەبە" دەپ ئاتىلىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئەمەللەر پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلىدۇ. مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: جەننەتنىڭ ئىشىگى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئېچىلىدۇ، ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمىگەن ۋە قېرىندىشىغا ئاداۋەت ساقلىمىغان كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ، دېيىلىدۇ: ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە مۆھلەت بىرىڭلار، ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر بۇ ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە مۆھلەت بىرىڭلار. يەنە بىر رىۋايەتتە ئەمەللەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى كۆتۈرلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، پەقەت قېرىندىشى بىلەن ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە: بۇ ئىككىسى ئەپلەشكەنگە قەدەر ئۇلارنى قويۇپ قويۇڭلار، دەيدۇ
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان«ئەمەللەر كۆتۈرۈلىدۇ» يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۆزۈرىغا كۆتۈرۈلىدۇ، دېگەن مەنىدە. «مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن» يەنى جەننەتتىكى دەرىجەمنىڭ يۇقىرى بولىشى، كۆپ ساۋابقا ئىرشىشىم ئۈچۈن، دېگەن مەنىدە. يەنە بىر ئىبارىدە: «جەننەتنىڭ ئىشىگى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئېچىلىدۇ» دەپ كەلگەن. بۇ ھەقىقەت مەنىسىدە. چۈنكى توغرا كۆز قاراشتا جەننەتنى ئاللاھ تائالا يارتىپ بولغان. «ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ» بۇ پەقەت كىچىك گۇناھلارغا قارىتا دېيىلگەن. ئەمما چوڭ گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش لازىم. «پەقەت بىر ئەر» دەپ كەلگەن، يەنى بىر ئىنسان، دېمەكچى. «قېرىندىشى بىلەن» دېگىنى ئىسلامى قېرىنداشلىقنى دېمەكچى. «ئارسىدا ئاداۋەت» دېگىنى خاپىلىق ۋە ئازارلىشىش دېمەكچى. «مۆھلەت بىرىڭلار» بۇ سۆزنى ئاللاھ تائالا مالائىكىلەرگە دېگەن. يەنى گۇناھنى يېزىشنى كىچىكتۈرۈڭلار ۋە ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشىغا پۇرسەت بېرىڭلار، دېگەن مەنىدە. «بۇ ئىككىسى» ئاداۋەت ساقلىغان بۇ ئىككى كىشى، ئۇلارنى ئەيىپلەپ ياكى گۇناھلىرىنى ئەيىپلىگەن مەنىدە. «ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر» يەنى ئۇلار ئارىسىدىكى ئاداۋەت تۈگىگەن، يوقالغانغا قەدەر. بۇ ئىبارە، مۇسۇلمان كىشى بىر قېرىندىشى بىلەن ئاداۋەتلەشكەن بولسا بۇنى يوقىتىشقا ئالدىراش كېرەكلىكىنى، ھەتتا بۇ ئىشتا غورۇرىغا قارشى ئىش قىلىش ۋە كۆڭلىگە ئېغىر كېلىدىغان ئىشلار بولسىمۇ ئۇنىڭغا سەبىر قىلىش، ئاللاھ تائالادىن ئەجىر-ساۋابنى كۆزلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشىلىققا ئېلىپ بارىدۇ ۋە يەنە ئىنسان بىر ئىشتا ياخشىلىق ۋە ساۋاب مۇكاپات بارلىقىنى بىلسە ئۇنىڭغا ئاسان بىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك يەنە بىر ئىشتا جازا ۋە تەھدىت بارلىقىنى بىلسە ئۇنى تاشلاش ۋە يىراق تۇرۇش ئاسانغا توختايدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدسىتە، ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىمغا چىرايىدىن خۇشاللىق نامايەن بولغان ھالدا كىرىپ: «قىياپەتچى مۇجەززىز زەيد ئىبنى ھارىسە بىلەن زەيىدنىڭ ئوغلى ئۇسامىگە قاراپ: كۆرمىدىڭىزمۇ؟ بۇ پۇتلار ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە مەنسۇپ،-دېدى. يەنە بىر ئىبارىدە: «مۇجەززىز قىياپەتچى ئىدى» دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانزەيد ئىبنى ھارىسەنىڭ چىرايى ئاق، ئوغلى ئۇسامە بۇغداي ئۆڭ ئىدى، كىشىلەر ئىككىسىنىڭ رەڭگى پەرقلىق بولغانلىقتىن ئۇسامىنىڭ دادىسىنىڭ پۈشتى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان سۆزلەرنى قىلىشاتتى. بىر كۈنى ئۇلار باشلىرىنى رىدا بىلەن يېپىپ، پۇتلىرى ئىچىلىپ قالغان ھالىتىدە ئىدى، مۇدلىجلىق قىياپەتچى مۇجەززىز ئۇلارنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ، پۇتلاردىكى ئوخشاشلىقنى كۆرۈپ: بۇ پۇتلار ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە مەنسۇپ،-دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ قىياپەتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى، ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئابرويىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا قالايمىقان بىلجىرلايدىغانلارنىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىلگەنلىكتىن، ئۇسامىنىڭ دادىسىنىڭ پۈشتى ئىكەنلىكىگە كۆڭلى خاتىرجەم بولغانلىقتىن ئائىشەنىڭ يېنىغا چىرايىدىن خۇشاللىق نامايەن بولغان ھالدا كىردى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: بازارغا كىرىۋاتقان مالنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئېلىۋالماڭلار، بىرىڭلار يەنە بىرىڭلارنىڭ پىتىپ بولغان سودىسىنى بۇزۇپ ئۆزى سودا قىلمىسۇن، سەھرالىقنىڭ مېلىنى ئۆزى ساتماي شەھەرلىك سېتىپ بەرمىسۇن، تۆگىنىڭ ۋە قوينىڭ يىلىنىنى چوڭ كۆرسىتىپ ساتمىسۇن، كىمكى ئاشۇنداق سېتىۋالغان بولسا ئۇنى سېغىپ باققاندىن كېيىن ئىختىيارى بار، ئەگەر رازى بولسا تۇتۇۋەرسۇن، ئۇنداق بولمىسا ئۇ مالنى بىر سا خورما بىلەن قايتۇرۇپ بەرسۇن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھارام قىلىنغان بەش خىل تۈردىكى سودىدىن چەكلىدى. چۈنكى ئۇنىڭدا ساتقۇچى، ئالغۇچى ۋە ئۇندىن باشقىلارغا زىيان بولىدۇ. 1- سىرتتىن ماللىرىنى ساتقىلى كەلگەنلەرنى بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن ئالدىنى توسۇپ سېتىۋېلىشتىن توسقان. چۈنكى ئۇلار بازارنىڭ ھەقىقى باھاسىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بەزىدە ئۇلارنى ئالداپ ئۇلارنىڭ جاپاسىغا لايىق رىزقىدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن. 2- بىر ئادەمنىڭ قىلغان سودىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا سېتىش ياكى سېتىۋېلىشتىن چەكلىدى. مەسىلەن: بىر سودىنىڭ مەسلىھەت قىلىش پۇرسىتىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن، ساتقۇچى بولسا خېرىدارغا: مەن ساڭا بۇ مالدىن ياخشىراقنى بىرىمەن ياكى بۇ باھادىن ئەزانراق بىرىمەن، دەيدۇ. خېرىدار بولسا: مەن بۇ مالنى ئا كىشىدىن قىممەترەك ئالىمەن، دەيدۇ. بۇنىڭ ھەممىسىنى سودىنى بۇزۇپ ئۆزى سودىلىشىش ئۈچۈن قىلىدۇ. بۇنىڭدىن چەكلىدى، چۈنكى بۇنداق قۇتراتقۇلۇق قىلىشنىڭ ئۆچ ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىككە، ۋە كىشىلەرنىڭ رىزقىنىڭ كىسىلىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. 3- مالنى ئالمايدىغان نىيىتى تۇرۇپ، ئۇنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق ساتقۇچىغا پايدا يەتكۈزۈش ياكى سېتىۋالغۇچىغا زىيان سېلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى بۇنىڭدا يالغانچىلىق، خېرىدارنى ئالداش، ھىلە – مىكىر قىلىش ئارقىلىق مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش بارلىققا كىلىدۇ. 4- شۇنىڭدەك يەنە، سەھرالىق مېلىنى ئۆزى ساتماستىن، شەھەرلىكنىڭ سېتىپ بېرىشىدىن چەكلىدى. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا بۇ شەھەرلىك تەپسىلى ئەھۋالنى بىلگەچكە باشقا خىرىدارلارغا پەقەت پايدا يەتكۈزمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئۆز ھالىغا قويۇڭلار! ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى ئارقىلىق رىزقىلاندۇرىدۇ، دەيدۇ. 5- سېغىن چارۋىلارغا ھىلە ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ يىلىنىنى چوڭ كۆرسىۈتۈپ سىتىشتىن چەكلىدى، بۇنداق قىلغاندا خېرىدار بۇ مال نورمالدىمۇ مۇشۇنداق سۈتلۈك ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ ئۇنى نورمال باھادىن قىممەت سېتىۋالىدۇ. بۇنداق قىلغاندا خېرىدارنى ئالداپ ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا شەرىئەت مالنى ساتقۇچىغا قايتۇرۇشقا پۇرسەت بەردى. يەنى ئالغۇچى ئۈچ كۈن ئۇ مالنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئويلىنىش پۇرسىتىدۇر. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ ساختا سۈتلۈك ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، ئۇنى ئېلىپ قېلىش ياكى قايتۇرۇۋېتىش ئىختىيارلىقى بولىدۇ. ئەگەر مەزكۇر مۇددەت ئىچىدە ئۇ مالنى ساغقان بولسا، مال بىلەن بىر سا مىقدارىدا خورما بىلەن بىللە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك
ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم خەيبەر غازىتى كۈنى مەنپەئەت نىكاھىدن ۋە ئېشەك گۆشى يېيىشتىن چەكلىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئىسلام شەرىئىتى نىكاھدىن ئەر-ئايالنىڭ ئىزچىل بىرگە بولۇپ، مۇھەببەت بىلەن ئائىلە قۇرۇپ، ئىناق ئائىلە قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلىپ، شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە خىلاپ بولغان بەزى شەكلى ئۆزگەرگەن نىكاھلارنى ھارام قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم خەيبەر غازىتى كۈنىدە مەنپەئەت نىكاھىنى (ئۇ ئەر كىشى ئايال بىلەن مەلۇم ۋاقىتقىچە نىكاھلىنىش) ھارام قىلغان، ئۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىلىرىدە زۆرۈر بولغانلىقتىن يولغا قويۇلغان. يەنە رەسۇلۇللاھ كىشىلەر ئىگىلىرى تەرىپىدىن مۈلۈك ھىسابىدا ئائىلىلەردە بىقىلىدىغان ئېشەك گۆشىنى يېيىشنى ھارام قىلغان، ياۋا ئىشەك بۇنىڭ سىرتىدا
پاتىمە بىنتى قەيىس رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئەبا ئەمرۇ ئىبنى ھەفس ئۆزى باشقا يەردە تۇرۇپ ئۇ ئايالنى تالاق قىلىۋەتتى. (يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۈچ تالاق قىلدى) ئۇ ئادەم ئۇ ئايالغا ئازراق ئارپا بىلەن ۋەكىلىنى ئەۋەتكەن ئىدى، ئۇ ئايالنىڭ ئاچچىقى كىلىپ قالدى. ئۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىزگە بېرىدىغان بۇنىڭدىن باشقا ھېچنەرسە يوق، دېدى. ئۇ ئايال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ بولغان ئەھۋالنى ئېيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: ئۇ ئەرنىڭ ئۈستىگە سىزگە نەپەقە بېرىشى ۋاجىپ ئەمەس، دېدى. (يەنە بىر رىۋايەتتە: تۇرىدىغان جاي ھازىرلاپ بېرىشى ۋاجىپ ئەمەس)، ئاندىن ئۇ ئايالنى ئۈممۇ شەرىكنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن دېدىكى: ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا ساھابىلىرىم كۆپ زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ. (ئەڭ ياخشىسى) ئىبنى ئۈممۇ مەكتۇمنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇڭ، ئۇ قارىغۇ ئادەم، يېنىدا كىيىمىڭىزنى سالالايسىز، ئەگەر ئىددىتىڭىزدىن چىقسىڭىز، ماڭا خەۋەر بېرىڭ، دېدى. ئۇ ئايال: ئىددىتىمدىن چىققاندا پەيغەمبىرىمىزگە: مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۇفيان ۋە ئەبا جەھىم ماڭا تەلەپ قويغانلىقىنى دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەبۇ جەھىم بولسا، قولىدىن تاياق چۈشمەيدىغان ئادەم، ئەمما مۇئاۋىيە پۇلى يوق كەمبەغەل، ئۇسامە ئىبنى زەيد بىلەن نىكاھلىنىڭ، دېدى. مەن ئۇنى ياقتۇرمىدىم، ئاندىن: ئۇسامە ئىبنى زەيد بىلەن نىكاھلىنىڭ، دېدى. مەن شۇنىڭ بىلەن نىكاھلاندىم. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن ماڭا ياخشىلىق ئاتا قىلدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولدۇم
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ ئەمرۇ ئىبنى ھەپسە ئايالى پاتىمە بىنتى قەيىسنى يانغىلى بولمايلىدىغان تۈردىكى تالاقنى قىلدى، بۇ، ئۇ ئايالنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى تالىقى ئېدى. يانغىلى بولمايدىغان تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ نەپىقىسى ئېرىنىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ بولمايتتى. لېكىن ئۇ ئادەم ئۇنىڭغا ئارپا ئەۋەتتى، شۇڭا ئۇ ئايال ئىددەت ئىچىدىلا بولسا ئۆزىگە نەپەقە ۋاجىپ بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدى. شۇڭا ئۇ ئارپىنى ئاز كۆرۈپ ياقتۇرمىدى. ۋەكىل قەسەم قىلىپ: ئۇ ئايالغا ئارپىدىن باشقا ھېچنەرسە بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇڭا ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە شىكايەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ ئەرنىڭ ئۈستىگە نەپىقە، ھەتتا تۇرىدىغان جاينى تەمىن قىلىشىمۇ ۋاجىپ ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ ئايالنى ئۇممۇ شەرىكنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرىدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا ساھابىلىرىنىڭ كۆپ زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالغاندا، ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەما بولغاچقا يېنىدا كىيىمىنى سالالايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇ ئۆيدە ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرىدى. ئىددىتى توشقاندا رەسۇلۇللاھقا خەۋەر بېرىشنى تاپىلىدى. ئىددىتى توشقاندا ئۇ ئايالغا، مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۇفيان ۋە ئەبۇ جەھىم تەلەپ قويغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەسلىھەت سالدى، مەسلىھەت سورىغان ئادەمگە مەسلىھەت بېرىش ۋاجىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككىسىنىڭ ھېچقايسىسىنى ياخشى دېمىدى. چۈنكى ئەبۇ جەھىم ئاياللارغا قاتتىق قول، مۇئاۋىيە بولسا پۇلى يوق نامرات ئىدى، شۇڭا ئۇ ئايالنى ئۇسامە بىلەن توي قىلىشقا بۇيرىدى، ئەمما ئۇنىڭ قۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ياقتۇرمىدى، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇپ قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاياتىدا كۆپ ياخشىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈردى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەفىييەنى ئازاد قىلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىلىشىنى ئۇنىڭ مىھرى ھەققى قىلدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھۇيەينىڭ قىزى سەفىييە- ھۇيەي بەنى نەزىر يەھۇدىلىرىنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن بىرى- كىنانە ئىبنى ئەبۇ ھۇقىيقنىڭ ئايالى ئىدى، ئۇ خەيبەر ئۇرىشىدا ئۆلتۈرۈلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەرنى ئازاد قىلغان ۋاقىتتا، خەيبەردىكى ئاياللار ۋە بالىلار مۇسۇلمانلارنىڭ قۇللىرى بولدى، سەفىييەمۇ شۇ قۇللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ دىھيە ئىبنى خەلىيفە ئەلكەلبى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تەقسىم قېلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر دېدەكنى بېرىپ، سەفىييەنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ ۋە يوقالغان ئىززىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ ئۆزىگە تاللىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېسىللىقىدىن، ئۇنىڭ بىلەن خار قۇل ھالەتتە مەنپەئەتلىنىش بىلەن كۇپايە قىلماستىن بەلكى ئۇنى قۇللۇق خارلىقىدىن قۇتقۇزۇپ ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدىن بىرى قىلىش بىلەن ئۇنىڭ ئىززىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىپ ئەمرىگە ئالدى، ئۇنىڭ ئازادلىقىنى تويلۇق مىھرى قىلدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەر ئەھلىنى ئۆز زېمىنىدىن چىقىدىغان خورما ياكى زىرائەتلەرنىڭ تەڭ يېرىمىنى تۆلەشكە پۈتۈشتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانخەيبەر زىرائەت رايونى بولۇپ، ئۇ يەردە يەھۇدىلاردىن بىر گۇرۇھ ياشايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ يەرنى ھىجرەتنىڭ يەتتىنچى يىلى پەتھى قىلىپ ئۇنىڭ زېمىنى ۋە ئېتىزلىقلىرىنى جىھادقا ئىشتىراك قىلغۇچى مۇسۇلمانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەندە، ئۇلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بىرەلمىدى، يەنە كىلىپ خەيبەر يەھۇدىلىرى بۇلارغا قارىغاندا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ياخشىراق بىلەتتى، چۈنكى ئۇلار دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا كۆپ تەجرىبىگە ئىگە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ زېمىنىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنى بولغان يەھۇدىلارنىڭ، ئۇ يەردە زىرائەتلەرنى تېرىپ، دەرەخلەرنى سۇغۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشىنى، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى بەدىلىگە تىرىلغۇ يەردىن چىققان مول ھوسۇلنىڭ يىرىمىنى بېرىشنى، مۇسۇلمانلار بۇ يەرنىڭ ھازىرقى ئىگىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن يېرىمىنى ئىلىشىنى قارار قىلدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بىر كىشى ئايالىنى «زىنا قىلدى» دەپ تۆھمەت قىلىپ، ئۇ ئايال تۇققان بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىگە تاندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككەيلەننى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغاندەك بىر-بىرىگە لەنەت قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇلار لەنەت قىلىشقاندىن كىيىن بالىنى ئانىسىغا بۇيرۇپ، لەنەت قىلىشقان ئىككەيلەننىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ۋەقەلىكنى بايان قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: بىر ئادەم ئايالىنى «زىنا قىلدى» دەپ تۆھمەت قىلىپ، ئۇ ئايالدىن تۇغۇلغان بالىدىن تېنىپ، ئادا-جۇدا بولدى، ئايالى بۇنى قوبۇل قىلماي، ئېرىنىڭ سۆزىنى يالغانغا چىقاردى، ئۇلار ئۆز-ئارا لەنەت قىلىشتى، ئالدى بىلەن ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئەيىپلىشىدە راسچىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ سۆزىگە تۆت قېتىم ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىپ، بەشىنچى قېتىمدا ئۆزىگە لەنەت قىلدى، ئاندىن ئايالى ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە تۆت قېتىم ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىپ، بەشىنچى قېتىمدا ئۆزىگە ئاللاھنىڭ غەزىپىنى تىلەپ دۇئا قىلدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لەنەت ئېيتىش تۈگىگەندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئارىسىنى مەڭگۈلۈك ئايرىۋەتتى، بالىنى ئايالغا تەۋە، ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىپ، ئەردىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا مەنسۈپ بولمايدىغان قىلىپ ھۆكۈم قىلدى