





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، مېنىڭ قىزىمنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىپ قالدى، سۈرمە تارتىپ قويساق بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم (ياق) دېدى. ئاندىن شۈبھىسىزكى، ئىددەت تۆت ئاي ئون كۈندۇر. سىلەر ئاياللار جاھىلىيەت زامانىدا بىر يىل توشقاندا ئاندىن ئىددەتتىن چىقىتتىڭلار، دېدى. زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئىلگىرى ئايال كىشىنىڭ ئېرى ئۆلۈپ قالسا، كىچىك بىر ھۇجرىغا كىرىپ، ئەڭ ناچار كىيىملىرىنى كىيىپ، خۇش- پۇراق قاتارلىق نەرسىلەردىن ھېچ نەرسە ئىشلەتمەي بىر يىلنى ئۆتكۈزەتتى، ئاندىن بىرەر ھايۋان يەنى ئىشەك ياكى قۇش، قوي قاتارلىق نەرسىلەرگە سۈركۈنەتتى. بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى جاراسىم ۋە سېسىق پۇراقلار مەلۇم دەرىجىدە كېتەتتى. ئاندىن ئۇ ئايال تۇرغان جايىدىن چىقاتتى ۋە ئۇنىڭغا بىر تېزەك كەلتۈرۈلسە، ئۇنى ئاتاتتى. ئاندىن ئۆزى خالىغان خۇش- پۇراق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى ئىشلىتەتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئىسلام دىنى كېلىپ كىشىلەردىن خۇسۇسەن ئاياللاردىن جاھىلىيەتنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈۋەتتى. جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرلەر ئايال كىشىگە ناچار مۇئامىلە قىلىپ زۇلۇم قىلاتتى، ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى قوغدىدى. بۇ ھەدىستە بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ يولدىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇ قىزنىڭ ئىددەت تۇتۇۋاتقانلىقى، ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ زىبۇ- زىننەتتىن يىراق تۇرۇش كېرەكلىكى، لېكىن قىزىنىڭ كۆزى ئاغرىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ سۈرمە ئىشلىتىشىگە رۇخسەت بارمىدۇ؟ دەپ سورىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، دېدى ۋە تەكىتلەش ئۈچۈن تەكرارلاپ ئېيتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئايال كىشى ئېرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىددەت تۇتۇپ ئولتۇرىدىغان مۇددەتنى ئاز قالدۇرۇپ، تۆت ئاي ئون كۈن قىلدى. بۇ قىسقا مۇددەتكىمۇ سەبىر قىلمامدۇ ئەمدى؟. جاھىلىيەتتە سىلەرنىڭ ئىددەت تۇتقانلىرىڭلار ياۋا ھايۋاننىڭ ئۇۋىسىغا ئوخشايدىغان كىچىك بىر ھۇجرىغا كىرىۋىلىپ، زىبۇ - زىننەت، خۇشپۇراق، سۇ ئىشلىتىش ۋە كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشتىنمۇ يىراق تۇراتتى، بىر يىل كىشىلەردىن ئايرىلىپ ياشايتتى ۋە ئۇ ئايالغا مەينەتچىلىكلەر ئۈستى-ئۈستىگە چاپلىشىپ كېتەتتى. ئېرى ئۆلگەن ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇش مۇددىتى تۈگىسە، ئۇنىڭغا ھايۋاننىڭ تىزىكى كەلتۈرۈلەتتى، ئۇ ئايال ئۇنى ئاتاتتى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت؛ ئۇ ئايال بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قىيىنچىلىق ۋە سىقىلىشلار، ئېرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئالدىدا ھېچنېمىگە تەڭ كەلمەيدۇ، دېگەنلىكىگە ئىشارەت ئېدى. ئىسلام دىنى كېلىپ ئۇ ئاياللارنىڭ ئاشۇ قىيىنچىلىقىنىڭ ئورنىغا نېمەت، تارچىلىقنىڭ ئورنىغا باياشاتچىلىقنى ئالماشتۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كۆزىگە سۈرمە تارتىشتىن چەكلىنەلمىسە، ئىددەت تۇتقۇچى ئاياللارنىڭ زىبۇ - زىننەت ئىشلىتىشىگە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئايالغا رۇخسەت يوق، دېدى
زەيد ئىبنى خالىد ئەلجۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، ئالتۇن ياكى كۈمۈش تىپىۋىلىنسا قانداق قىلىش توغرۇلۇق سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى سالغان خالتىنى (ھەمياننى) ۋە بوغقان يىپىنى مەلۇم قىلىپ، ئۇنى بىر يىلغىچە ئېلان قىلغىن! ئەگەر ئىگىسى چىقمىسا ئىشلەتكىن، ئەمما سەندىكى ئامانەتتەك بولسۇن، ئەگەر ئۇنىڭ ئىگىسى بىر كۈنلەردە چىقىپ قالسا، ئۇنى تاپشۇرۇپ بېرىسەن، دېدى. ئېزىپ قالغان تۆگە توغرۇلۇق سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟ ئۇنى ئۆز ھالىغا قويۇپ قويغىن! ئۇنىڭ ماڭىدىغان ئايىغى ئىچىدىغان سۈيى ئۆزى بىلەن بىرگە، ھەتتا ئۇنىڭ ئىگىسى تېپىلغۇچە، قۇدۇققا كېلىپ سۇ ئىچىدۇ ۋە دەرەخلەردىن يەيدۇ، دېدى. قوي توغرۇلۇق سورىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى تۇتۇۋالغىن، ئۇنى يا سەن يا يەنە بىر قېرىندىشىڭ تۇتىدۇ ياكى بۆرىنىڭ بولىدۇ، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، يۈتۈپ كەتكەن ئالتۇن- كۈمۈش، تۆگە ۋە قوي قاتارلىق ماللارنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ نەرسىلەرنىڭ ھۆكمىنى ئۇنىڭدىن باشقا شۇ نەرسىلەرگە ئوخشايدىغان يۈتۈپ كەتكەن نەرسىلەرگە مېسال بولسۇن ۋە شۇلارنىڭ ھۆكمىنى ئالسۇن دەپ بايان قىلىپ، ئالتۇن ۋە كۈمۈش توغرۇلۇق: ئۇنى سالغان خالتىنى (ھەمياننى) ۋە بوغقان يىپىنى بىلگىن! بۇنداق قىلغاندا بۇ مالنى ئۆزۈڭنىڭ ماللىرىڭدىن ئايرىيالايسەن ۋە مەزكۇر بەلگىگە قارىتا ئۇنى ئۆزىنىڭكى دەپ داۋا قىلغانلارغا خەۋەر قىلالايسەن، ئەگەر ئۇنىڭ دېگەن سۈپەتلىرى سېنىڭ بىلگىنىڭگە ئۇدۇل كەلسە، ئۇ نەرسىنى بېرىسەن. ئەگەر ئۇنداق بولماي قالسا ئۇنىڭ قىلغان داۋاسىنىڭ خاتالىقى ئايان بولىدۇ. ئۇنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بىر يىلغىچە ئېلان قىلغىن! ئۇنى ئېلان قىلىش: كىشىلەر توپلىشىدىغان بازار، مەسچىتلەرنىڭ ئالدىلىرى، ئومۇمى خەلق توپلىشىدىغان جايلار ۋە ئۇنى تېپىۋالغان جايلاردا بولىدۇ. ئەگەر ئىگىسى چىقمىسا ئىشلەتسەڭ بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىگىسى بىر كۈنلەردە چىقىپ قالسا، ئۇنى تاپشۇرۇپ بېرىشىڭ كېرەك، دېدى. ئەمما يۈتۈپ كەتكەن تۆگە ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان ھايۋانلار بولسا، ئۇنى تۇتۇۋىلىشتىن چەكلىدى. چۈنكى بۇنداق ھايۋانلار ياۋلاردىن ھىمايە قىلىشقا مۇھتاج ئەمەس، بەلكى ئۆز تەبىئىتىدىن ھىمايىسى بار. مەسىلەن: كىچىكرەك يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن ئۆزىنى ساقلىيالايدىغان كۈچى، ئۇنى خەتەرلەردىن يىراق قىلىدىغان تۇياقلىرى، دەرەخلەردىن يېيەلەيدىغان ۋە قۇدۇقتىن سۇ ئىچەلەيدىغان بوينى ۋە ئوزۇقلۇق ساقلايدىغان خەزىنىسى باردۇر. دېمەك؛ ئۇنى باشتا يۈتۈپ كەتكەن يېرىدىن ئىزدەيدىغان ئىگىسى تېپىپ بولغۇچە، ئۆزىنى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ۋە ھالاك بولۇپ كېتىشتىن ئۆزىنى ھىمايە قىلالايدۇ. ئەمما قويغا ئوخشىغان كىچىك ھايۋانلارنى بولسا، يېرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ۋە ھالاك بولۇپ كېتىشىدىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن تۇتۇۋېلىشقا رۇخسەت، ئۇنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىگىسى كېلىپ ئېلىپ كېتىدۇ ياكى ئۇنى ئېلان قىلىش كېرەك بولغان بىر يىل ئۆتۈپمۇ ئىگىسى كەلمىسە، ئۇ مالنى تېپىۋالغۇچى ئىشلەتسە بولىدۇ
جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن خەۋپ نامىزىغا قاتناشتىم، بىز رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىدا ئىككى سەپ بولۇپ تۇردۇق، دۈشمەن بىز بىلەن قىبلە ئارىلىقىدا ئىدى، رەسۇلۇللاھ تەكبىر ئوقۇدى، ھەممىمىز تەكبىر ئوقۇدۇق، ئاندىن رەسۇلۇللاھ رۇكۇ قىلدى، بارلىق جامائەت رۇكۇ قىلدۇق، ئاندىن رەسۇلۇللاھ رۇكۇدىن تۇردى، بىزمۇ ھەم تۇردۇق، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى سەپ سەجدىگە باردى، ئارقىدىكى سەپ دۈشمەن قارشىسىدا ئۆرە تۇردى، رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى سەپ سەجدىنى تۈگىتىپ ئورنىدىن تۇرغاندا، ئارقىدىكى سەپ سەجدىگە باردى، ئۇلار سەجدىدىن تۇرغاندا، كەينىدىكى سەپ ئالدىغا، ئالدىدىكى سەپ كەينىگە ئۆتۈپ ئورۇن ئالماشتۇردى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رۇكۇ قىلدى، بىز ھەممىمىز رۇكۇ قىلدۇق، ئاندىن رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە بىزمۇ بېشىمىزنى كۆتۈردۇق، ئاندىن رەسۇلۇللا ۋە يىنىدىكى سەپتىكىلەر (بىرىنچى رەكەتتە ئارقىدا تۇرغانلار) سەجدىگە باردى، ئارقا سەپتىكىلەر دۈشمەن قارشىسىدا ئۆرە تۇردى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ۋە يىنىدىكى سەپتىكىلەر سەجدىنى تۈگەتكەندە ئارقا سەپتىكىلەر سەجدىگە باردى، ئۇلار ھەممىسى سەجدە قىلىپ بولغاندا رەسۇلۇللاھ سالام بەردى، بىزمۇ سالام بەردۇق»، جابىر: «خۇددى قوغدۇغۇچىلىرىڭلار باشلىقلىرىغا تۇرغاندەك» دېدى. بۇخارى بۇ ھەدىسنىڭ بىر قىسمىنى رىۋايەت قىلىپ: جابىر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن «زاتۇر رىقا» دېگەن يەتتىنچى قېتىملىق غازاتتا خەۋپ نامىزى ئوقۇغان» دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە خەۋپ نامىزىنىڭ سۈپىتى بايان قىلىنغان، دۈشمەن قىبلە تەرەپكە ئورۇنلاشقان ۋاقىتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوشۇننى ئىككىگە بۆلگەن، بىر قىسمى ئالدى سەپ، يەنە بىر قىسىمى ئارقا سەپ بولۈپ تۇرغان، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا نامازنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ھەممەيلەن تەكبىر، قىرائەت، رۇكۇ ۋە رۇكۇدىن باش كۆتۈرۈشنى رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە قىلىدۇ، ئەمما رەسۇلۇللاھ سەجدىگە بارغاندا بىرىنچى سەپ بىللە سەجدىگە بارغان، سەجدىدىن ئىككىنچى رەكەتكە تۇرغاندا، قاراۋۇللۇقتا تۇرغان ئارقا سەپتىكىلەر سەجدىگە بارغان، ئۇلار سەجدىدىن تۇرغاندا، بىرىنچى سەپتىكىلەر پۈتكۈل نامازدا ئورنىدا تۇرۇۋالماي، ئادىل بولۇشى ئۈچۈن ئارقىدىكى سەپ ئالدىغا، ئالدىدىكى سەپ ئارقىغا ئالماشقان، ئىككىنچى رەكەتتىمۇ ئاۋالقى رەكەتتىكىگە ئوخشاش قىلىپ، ئاندىن بىرلىكتە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ، بىرلىكتە سالام بەرگەن. بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان خەۋپ نامىزىنىڭ تەپسىلاتى، دۈشمەن قىبلە تەرەپتە بولغانلىقتىن رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ شۇ چاغدىكى شارائىتىغا ئۇيغۇن، ئۇلار قىيامدا ياكى رۇكۇدا دۈشمەننى كۆرەپ تۇرىدۇ، ئارقىدىن باستۇرما قوشۇننىڭ كېلىشىدىن ئەمىن بولىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ ئېيتتىكى: سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ۋە ئابدۇ ئىبنى زەمئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بىر بالا توغرۇلۇق تالىشىپ قالدى، سەئد ئېيتتى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بۇ مېنىڭ قېرىندىشىم ئوتبە ئىبنى ئەبى ۋەققاسنىڭ بالىسى، ئۇ ماڭا بۇ بالىنى ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، بۇنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشايدىغانلىقىغا قارىسىلا! ۋە ئابدۇ ئىبنى زەمئە ئېيتتى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بۇ مېنىڭ قېرىندىشىم، بۇ مېنىڭ دادامنىڭ تۆشەكىدە ئۇنىڭ دېدىكىدىن تۇغۇلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىنىڭ كىمگە ئوخشايدىغانلىقىغا قارىۋىدى، ئۇنىڭ ئوتبەگە ناھايىتى ئوچۇق ئوخشاپ تۇرغىنىنى كۆردى. ئاندىن دېدىكى: ئى ئابدۇ ئىبنى زەمئە ئۇ سىنىڭكى، بالا تۆشەككە تەۋە، زىناخورغا تاش ئېتىلىدۇ. ئى سەۋدە ئۇنىڭدىن يۆگۈنۈڭ! ئۇندىن كېيىن ئۇ سەۋدىنى قەتئىي كۆرۈپ باقمىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانجاھىلىيەت دەۋرىدە دېدەكلەرگە باج قويۇشاتتى، بۇ پۇلنى ئۇلار زىنادىن تاپاتتى. ئەگەر بالا بولۇپ قالسا ۋە ئەر تەرەپ ئۇ بالىنى ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى داۋا قىلسا، بالىنى ئۇنىڭغا بېرەتتى. ئوتبە ئىبنى ئەبى ۋەققاس زەمئە ئىبنى ئەسۋەدنىڭ دېدىكى بىلەن زىنا قىلدى. ئۇ ئايال بىر بالا تۇغدى. ئوتبە قېرىندىشى سەئدكە بۇ بالىنى ئۆزىنىڭ نەسەبىگە قوشۇپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلدى. مەككە پەتھى قىلىنغاندا سەئد ئۇ بالىنى كۆردى ۋە قېرىندىشىغا ئوخشىغانلىقىدىن ئۇنى تونۇدى. شۇڭا ئۇ بالىنى قېرىندىشىنىڭ نەسەبىگە قوشۇپ قويۇشنى مەقسەت قىلدى. ۋە ئۇ بالا توغرۇلۇق ئابدۇبنى زەمئە بىلەن تالاشتى. سەئد ئۆزىنىڭ دەلىلى يەنى: ئۇنىڭ قېرىندىشى بۇ بالىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقىنى، ئوتتۇرىغا قويدى. ئابدۇ ئىبنى زەمئە: ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىم، دادامنىڭ دېدىكىدىن تۇغۇلغان، دېدى. يەنى ئۇنىڭ دادىسى بۇ بالىنى تۇغقان دېدەكنىڭ خوجايىنى، شۇنداقلا تۆشەكنىڭ ئىگىسى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىغا قارىدى، ئۇنىڭ ئوتبەگە ناھايىتى ئوچۇق ئوخشاپ تۇرغىنىنى كۆردى. ئەمما ئۇنى ئابدۇ ئىبنى زەمئەگە ھۆكۈم قىلىپ بەردى. ۋە بالا تۆشەككە تەۋە، زىناخور نومۇسسىزغا ئۈمىدسىزلىك ۋە زىيان لايىقتۇر. دېمەك؛ بۇ ئادەم بالىدىن يىراق تۇرىدۇ، دېدى. چۈنكى ئەسلى قائىدە: بالا، دېدەكنى توغرا يول بىلەن جىما قىلىش ھەققى بولغان خوجايىنغا مەنسۇپتۇر. لېكىن پەيغەمبىرىمىز بۇ بالىنىڭ ئوتبەگە قاتتىق ئوخشاپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەنلىكتىن، بۇ بالىنىڭ ئابدۇ ئىبنى زەمئەنىڭ سىڭلىسى سەۋدە بىنتى زەمئەگە قاراشنى بۇ نەسەب تۈپەيلىدىن ھالال قىلىشتىن ئېھتىيات قىلدى، شۇڭا بۇ قىزنى ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئۇ بالىدىن يۆگىنىشكە بۇيرىدى. دېمەك: نەسەب ئىشىدا، ئەگەر تۆشەك ئېنىق بولسا ئوخشاپ قېلىش قاتارلىق باشقا ئىشارەتلەر دەلىل بولالمايدۇ
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئەرلەرنىڭ زەپە رەڭگىدە يەنى ساپ سېرىق بويالغان كىيىمنى كېيىشىدىن چەكلىگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەر كىشىنىڭ بەدىنىنى ياكى كىيىمىنى زەپە رەڭگىدە بويىۋېلىشىدىن چەكلىگەن، چۈنكى ئۇ ئاياللار ئىشلىتىدىغان خۇشپىراق بۇيۇملىرىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ئوخشاپ قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن بۇنداق قىلىشتىن چەكلىگەن
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئۇرۇشتىن قايتقانغىمۇ ئۇرۇش قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ»
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان پەزلى- ئېھسانى، ئۇلار ئىبادەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ماڭغاندا خۇددى ئىبادەتنى ئادا قىلغانغا ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بېرىدىغانلىقى، ئىبادەتنى ئادا قىلىپ قايتقاندىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ساۋاپقا ئېرىشىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇرۇشتىن قايتقان كىشىگىمۇ ئۇرۇش قىلغانغا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى، خۇددى مەسچىتتىن قايىتقان كىشىگىمۇ مەسچىتكە ماڭغان كىشىگە ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياخشى قۇلغا قوش ئەجىر بار» دېگەن ئىدى، ئەبۇ ھۈرەيرە: «ئەبۇ ھۈرەيرىنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زاتنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قېلىش، ھەج قېلىش، ئانامغا ياخشىلىق قېلىش قاتارلىق ئەمەللەر بولمىغان بولسا ئەلۋەتتە مەن قۇل بولۇپ ئۆلۈشنى ياخشى كۆرەتتىم» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆز خوجايىنىغا سەمىمى، ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدىغان ئىككى ئەجىر بار» دېدى، يەنى: ئىبادەتلەردىن ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغانلىقى، خوجايىنىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قېلغانلىقى ئۈچۈن. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: قۇللار ئۈچۈن جىھاد قىلمايدىغانلىقى ۋە ئۆزى ئانىسىنىڭ خىزمىتى ۋە خىراجىتىنى قىلمىغان بولسا ئەجىرنى دەپ قۇللۇق ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىشنى ياخشى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ
زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇممۇ كۇلسۇم بىنتى ئۇقبە ئۇنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇ ئايال ھامىلدار ھالەتتە ئېرى زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامغا: «مېنى خوش قىلىپ بىر تالاق قىلىۋەتسىلە» دەيدۇ، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام ئۇنى بىر تالاق قىلىدۇ، ئاندىن نامازغا چېقىپ قايتىپ كىرسە ئۇ ئايال تۇغۇپ بوپتۇ، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام: نېمە دەپ مېنى ئالدىدىڭ؟، ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن دەيدۇ، ئاندىن ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بەلگىلەنگەن ئىددەت تۈگىدى، سەن ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويغىن» دەيدۇ
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانزۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇقبەنىڭ قىزى ئۇممۇ كۇلسۇم بىلەن توي قىلغان ئىدى، ئۇ ئايال ھامىلدار ھالەتتە زۇبەيرگە: «مېنى بىر تالاق قىلىپ كۆڭلۈمنى خوش قىلىۋەتسىلە» دېدى، چۈنكى ئۇ ئايال زۇبەيرنى ياخشى كۆرمەيتتى، زۇبەيرنىڭ نىكاھىدىن يىنىۋالالمايدىغان شەكىلدە چېقىشنى مەقسەت قېلىپ، تۇغۇدىغان ۋاقتى يىقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغاندا بىر تالاق قىلىشنى تەلەپ قىلدى، چۈنكى ئۇ ئايال ھامىلدار ئايالنىڭ ئىددىتىنىڭ بالىنى تۇغۇش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلەتتى، زۇبەير ئۇنى بىر تالاق قىلىپ نامازغا چېقىپ كەتتى، نامازدىن قايتىپ كىرگەندە ئۇ ئايال تۇغۇپ بولغان ئېدى، زۇبەير:نېمە دەپ مېنى ئالدىدىڭ؟، ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن (سېنى ئالدىسۇن) دېدى، ئالداش ئاللاھ تائالانىڭ خەبەر بىرىلىدىغان، ھەرىكەت سۈپىتى بولسىمۇ بۇ سۈپەت بىلەن ئاللاھ تائالا مۇتلەق سۈپەتلەنمەستىن، قارشىلىشىش شەكلىدە سۈپەتلىنىدۇ،يەنى: ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنىڭ ھىلە-مىكرىسىنى بەربات قىلغانلىقى، مۆمىنلەرگە ھىلە ئىشلەتكەنلەرنى بەربات قىلغىنىغا ئوخشاش ئاللاھ ھىلە ئىشلەتكەنلەرگە ھىلە ئىشلىتىدۇ، زۇبەيرنىڭ سۆزىنى «ئاللاھ ئالداش ئارقىلىق جازايىنى بەرسۇن» دېگەننى مەقسەت قىلدى دەپ ئىزاھلىساق توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ باشقا سۈپەتلىرىگە ئوخشاش، بۇ سۈپەتنى ئۆزگەرتمەستىن، بىكار قىلىۋەتمەستىن، قانداقلىقى ۋە شەكلىنى سۈرۈشتۈرمەستىن شۇ بويىنچە ئىسپاتلا كېرەك. ئاندىن زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بەلگىلەنگەن ئىددەت كۈتۈلمەي تۇرۇپلا تۈگەپتۇ، تالاق بولۇپتۇ، سەن ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويغىن،يەنى: لايىقلاردىن بىرى بول، ئۇ ئىددەتتىن چېقىپ بولغانلىقى ئۈچۈن سېنىڭ ئۇ ئايالدا ھېچ ھەققىڭ يوق» دېدى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى رەكەتتە رۇكۇدىن تۇرغاندا: «ئى ئاللاھ!، ئەيياش ئىبنى ئەبۇ رەبىيئەنى، سەلەمە ئىبنى ھىشامنى، ۋەلىد ئىبنى ۋەلىدنى ۋە ئاجىز مۆمىنلەرنى قۇتقازغىن، مۇزەر قەبىلىسىنى قاتتىق جازالىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكىدەك قەھەتچىلىك بەرگىن» دەيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «غىپار قەبىلىسىنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلسۇن، ئەسلەم قەبىلىسىنى ئاللاھ سالامەت قىلسۇن» دەيتتى، ئىبنى ئەبۇ زىناد ئۆزىنىڭ دادىسىدىن قىلغان رىۋايىتىدە: بۇنىڭ ھەممىسى بامدات نامىزىدا بولغان دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنىڭ ئاخىرقى رەكەتتە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن: «ئى ئاللاھ!، ئەيياش ئىبنى ئەبۇ رەبىيئەنى، سەلەمە ئىبنى ھىشامنى، ۋەلىد ئىبنى ۋەلىدنى ۋە ئاجىز مۆمىنلەرنى قۇتقازغىن» دەپ، ئاشۇ ساھابىلارنىڭ ئازابتىن قۇتۇلىشى ۋە نىجات تىپىشى ئۈچۈن دۇئا قىلاتتى، ئۇلار مەككە كاپىرلىرىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئىدى، ئىياش ئىبنى رەبىئە ئەبۇ جەھىلنىڭ ئانا بىر قېرىندىشى بولۇپ، ئۇنى ئەبۇ جەھىل مەككىدە سولاپ قويغان، سەلەمە ئىبنى ھىشام بولسا ئەبۇ جەھىلنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشى بولۇپ، ئۇ بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان، ئاللاھ يولىدا كۆپ ئازاب چەككەن ۋە ھىجرەت قىلىشتىن چەكلەنگەن، ۋەلىيد ئىبنى ۋەلىيد بولسا خالىد ئىبنى ۋەلىيدنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشى بولۇپ، مەككىدە قامالغان كېيىن قېچىپ چىققان. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! مۇزەر قەبىلىسىنى قاتتىق جازالىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكىدەك قەھەتچىلىك بەرگىن» دەيدۇ، يەنى: ئى ئاللاھ!، مۇزەر قەبىلىسىدىن بولغان قۇرەيش كاپىرلىرىنى قاتتىق ئازابلىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە قەھەتچىلىك بولغاندەك، ئۇلارغىمۇ يەتتە يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك قەھەتچىلىك ئەۋەتىپ جازالىغىن. «وطأتك» «پۇت بىلەن دەسسەش» دېگەن مەنىسىمۇ بار بولۇپ، بۇ ھەدىسنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئېلگىركى مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ھېچبىرى بۇ سۈپەتنى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن ھېسابلىغانلىقىنى تاپالمىدىم، شۇڭا دەسسەش دېگەندىن قاتتىق ئازاب مەقسەت قىلىنىدۇ، ئۇ ئاللاھغا نىسبەتەن ئاللاھنىڭ قىلغانلىقى ۋە بەلگىلىگەنلىكى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ياخشى بىلىگۈچىدۇر. كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «غىپار قەبىلىسىنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلسۇن»، بۇ دۇئا ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىش بولىشىمۇ ياكى ئاللاھنىڭ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىش بولىشىمۇ مومكىن، «ئەسلەم قەبىلىسىنى ئاللاھ سالامەت قىلسۇن»، بۇمۇ ئاللاھدىن ئۇلارنى سالامەت قىلىشىغا ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشقا بۇيرىماسلىقىغا قىلىنغان دۇئا بولىشىمۇ ياكى ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئۇرۇشتىن چەكلەش بىلەن سالامەت قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىش بولىشىمۇ مومكىن. بۇ ئىككى قەبىلىگە خاس دۇئا قىلىنىشىدىكى سەۋەپ: غىپار قەبىلىسى بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان، ئەسلەم قەبىلىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تىنچ ئۆتكەن. ئەبۇ زىناد ئۆزىنىڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىپ: بۇ دۇئانىڭ ھەممىسى بامدات نامىزىدا بولغان دەيدۇ، يەنى: ئۇ بۇ ھەدىسنى دادىسىدىن مۇشۇ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلىپ، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان دۇئانىڭ بامدات نامىزىدا ئوقۇلغان قۇنۇت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن