





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بەنى ئىسرائىلدىن بىر كىشى بىر ئادەمدىن مىڭ تىللا قەرىز سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا گۇۋاھچى ئېلىپ كەلگىن دېگەندە ئۇ كىشى: ئاللاھ تائالا گۇۋاھلىققا كۇپايىدۇر، دېدى. ئۇنداقتا كىپىل ئېلىپ كەلگىن دېگەندە، ئۇ كىشى: ئاللا تائالا كىپىللىككە يىتەرلىكتۇر، دېدى، قەرىز بەرگۈچى راس سۆزلىدىڭ دېگىنىچە ئۇنىڭغا مىڭ تىللانى مەلۇم مۇددەتتە قايتۇرۇش ئۈچۈن قەرىزگە بەردى. قەرىز ئالغۇچى ئۇ پۇللارنى ئېلىپ دېڭىزدا سەپەرگە چىقتى ۋە ئىشلىرىنى تۈگەتتى. قەرىزنى قايتۇرۇش ۋاقتى كەلگەندە ئۇ كىشى يولغا چىقىپ دېڭىز بويىغا كەلدى، ئۇ دېڭىزدىن ئۆتۈش ئۈچۈن كىمە تاپالماي بىر تال تاياقنى ئېلىپ تەشتى دە ئۇنىڭ ئىچىگە مىڭ تىللا پۇلنى ۋە قەرىز ئىگىسىگە قارىتىپ بىر پارچە مەكتۈبنى يېزىپ ئۇنىڭغا سالدى، دېڭىز يېنىغا كىلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھ سىلى مېنىڭ ھالىمنى ياخشى بىلىلا، مەن بىر كىشىدىن مىڭ تىللا قەرىز سورسام كىپىل تەلەپ قىلغان ئېدى، مەن: ئاللاھ ياخشى كىپىلدۇر، دېگىنىمدە ئۇ رازى بولغان. ئۇ مەندىن گۇۋاھچى تەلەپ قىلغان ئىدى، مەن: گۇۋاھلىققا ئاللاھ يىتەرلىكتۇر دېسەم، ئۇ رازى بولغان ئېدى، مەن ئۇنىڭ ھەققىنى بىرىش ئۈچۈن تىرىشقان بولساممۇ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا ئىمكانىيىتىم بولمىدى، قەرىز ئىگىسىگە بۇ پۇلنى يەتكۈزۈشنى سىلىگە تاپشۇردۇم، دېگىنىچە تىللا سېلىنغان ياغاچنى دېڭىزغا تاشلىدى ۋە ياغاچ ئېقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىدىغانغا كىمە ئىزدەپ يۈرۈپ كەتتى. قەرىز بەرگۈچىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىرەر كىمىدە ئۇ كىشىنىڭ پۇللارنى ئېلىپ كىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ قىرغاققا قاراپ يول ئالدى. قىرغاققا كەلگەندە بىر تال ياغاچنى ئۇچراتتى، ئۇ ياغاچنى ئوتۇن قىلىش مەقسىتىدە ئالغان ئىدى، ھالبۇكى ئۇ كىشى ياغاچنى ھەردىگەندە، ئۇنىڭ ئارىسىدا پۇل ۋە بىر پارچە مەكتۇپ سېلىنغانلىقىنى كۆردى. بىر مۇددەتتىن كېيىن قەرزدار 1000 تىللا پۇلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە دېدى: مەن قەرزنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققىنىمدا مەن چىقىپ كەلگەن كىمىدىن ئىلگىرى ھېچبىر كىمە تاپالمىدىم، ئەمدىلىكتە بەسى مۈشكىلىدە بىر كىمە تېپىپ پۇلۇڭنى ئېلىپ كەلدىم، دېدى. قەرز ئىگىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەن ماڭا بىر نەرسە ئەۋەتكەنمىدىڭ دېگەندە، قەرزدار: مەن چىقىپ كەلگەن كىمىدىن ئىلگىرى ھېچبىر كىمە تاپالمىدىم، دېدى. قەرز ئىگىسى: سەن ياغاچ ئارقىلىق ئەۋەتكەن پۇلنى ئاللاھ تائالا ماڭا يەتكۈزدى، بۇ مىڭ تىللانى ئېلىپ يولۇڭغا راۋان بولغىن، دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىن بىر كىشىنىڭ ۋەقەلىكىنى بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن. بىر كىشى يەنە بىرەيلەندىن 1000 تىللا قەرز سورغاندا قەرز بەرگۈچى ئۇ كىشىگە مەندىن بۇ پۇلنى ئالغانلىقىڭغا گۇۋاھچىدىن بىرىنى ئەكەلگىن، دېگەن. قەرز ئالغۇچى: گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىك ۋە كۇپايىدۇر، يەنى ساڭا ۋە ماڭا ئاللاھ تائالا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر، دېگەن. قەرز بەرگۈچى ئۇنداقتا ساڭا كىپىل بولغۇچىدىن بىرنى ئەكەلگىن دېگەندە، ئاللاھ تائالا كىپىل بولۇشقا يېتەرلىكدۇر، دېگەن. يەنى ئاللاھ تائالا كىپىل بولىدۇ، دېگەندە ئۇ كىشى راست ئېيتتىڭ دېگىنىچە ئۇنىڭغا 1000 تىللانى مەلۇم مۇددەتكىچە دەپ قەرز بەردى. قەرزدار ئۇ پۇلنى ئېلىپ تىجارەت ئۈچۈن دېڭىزدا سەپەرگە چىقتى، قەرزنى قايتۇرۇش ۋاقتى كەلگەندە قەرزدار پۇلنى ئېلىپ قىرغاققا كەلدى، ئەمما قەرز بەرگۈچىنىڭ يۇرتىغا بارىدىغان كىمە تاپالمىدى، شۇ ئارلىقتا قىرغاقتا بىر ياغاچنى ئۇچراتتى، ياغاچنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئىچىنى ئويدى ۋە 1000 تىللا پۇلنى، بىر پارچە مەكتۈپ يېزىپ ئۇنىڭدا: پالانىدىن پالانىغا، مەن پۇلنى ۋەكىلىمگە تاپشۇردۇم، دېدى. ئاندىن ئۇنى ياغاچ ئىچىگە قويۇپ ئۇ ئورۇننى مەھكەم ئىتىۋەتتى. ئاندىن مۇنداق دەپ: ئى ئاللاھ تائالا سىلى ياخشى بىلىدىلا، مەن پالانى ئىسىملىك بىر كىشىدىن مىڭ تىللا قەرز ئالغىنىمدا ئۇ كىشى مەندىن كىپىل سورىغان ئىدى، مەن سىلىنى كىپىل قىلغىنىمدا ئۇ رازى بولغان، مەندىن گۇۋاھچى تەلەپ قىلغاندا، مەن سىلىنى گۇۋاھچى قىلسام ئۇ رازى بولغان، ئەمدىلىكتە مەن قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن چىققان ئىدىم، ئەمما ئۇنىڭ پۇلىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ كىمە تاپالمىدىم، مەن بۇ پۇلنى سىلىگە ئامانەت قويدۇم، دەپلا ياغاچنى دېڭىزغا تاشلىدى. ئۇ ياغاچ دېڭىزدا كۆزدىن غايىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كەتتى. لېكىن يەنىلا ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولالماي، يەنە مىڭ تىللا ئېلىپ قەرز ئېگىسىگە ئاپىرىپ بېرىش ئۈچۈن كىمە ئىزدەشكە تىرىشتى. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى قىلغان ئىشنى يېتەرلىك بولمىدى دەپ قارىغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە قەرز بەرگۈچىمۇ قەرزداردىن پۇلىنى تاپشۇرۋېلىش نىيىتىدە ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا قىرغاققا باردى. قەرزدارنىڭ ياكى ئۆزى ئېلىپ كىلىش ياكى بىرەر كىشىدىن ئەۋەتىشىنى كۈتۈپ قىرغاقتا ساقلىدى. بىراق كىمە كەلمىدى، شۇ ئارىلىقتا ئۇ قىرغاقتا بىر تال ياغاچنى ئۇچرۇتۇپ قالدى-دە ئۇنى ئوتۇن قىلىش ئۈچۈن ئېلىۋالدى. ئۆيگە بېرىپ ياغاچنى ھەرە بىلەن كېسىۋىدى ئۇنىڭدىن پۇل ۋە مەكتۈپنى ئۇچراتتى. بىر مۇددەتتىن كېيىن قەرزدار قايتىدىن يەنە 1000 تىللا پۇلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە دېدى: مەن قەرزنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققىنىمدا كىمە تاپالمىغان ئىدىم، ئەمدىلىكتە بىر كىمە تېپىپ پۇلۇڭنى ئېلىپ كەلدىم، دېدى. قەرز ئىگىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەن ماڭا بىر نەرسە ئەۋەتكەنمىدىڭ، دېگەندە، قەرزدار: مەن چىقىپ كەلگەن كىمىدىن ئىلگىرى ھېچبىر كىمە تاپالمىدىم، دېدى. قەرز ئىگىسى: سەن ياغاچ ئارقىلىق ئەۋەتكەن پۇلنى ئاللاھ تائالا ماڭا يەتكۈزدى، بۇ مىڭ تىللانى ئېلىپ يولۇڭغا راۋان بولغىن، دېدى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ قاچىسى چاك كەتكەندە يېرىقنى كۈمۈش پارچىسى بىلەن قادىدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۇ ئىچىدىغان بىر قاچىسى بار ئىدى، ئۇ يېرىلىپ كەتكەندە كۈمۈشتىن بىر پارچە ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن چاكنىڭ ئارىسىنى ئۇلىدى
مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ھەقىقەتەن ئىككى كۆز مەقەتنىڭ ئېغىزىدۇر، ئەگەر ئىككى كۆز ئۇخلىسا ئېغىز ئېچىلىپ كېتىدۇ»
ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ئىككى كۆز مەقەتنىڭ ئېغىزى دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى: يەنى ئىككى كۆز ئويغاق ھالەتتە مەقەتنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشدىن چەكلەيدۇ، ئەگەر بىر نەرسە چىقىپ قالسا، ئىنسان بۇنى سىزەلەيدۇ. ئىككى كۆز ئۇخلىغاندا ئېغىز ئېچىلىدۇ، يەنى ئىنسان ئۇخلىغان ۋاقتىدا بەدەندىكى پەيلىرى بوشايدۇ، مەقەتنىڭ ئېغىزىنى تۇتۇپ تۇرغان ئارغامچا يېشىلىدۇ، ئىنسان ئۇنى سەزمەستىنلا، ئۇنىڭدىن يەل چىقىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆزنى قاچىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان ئارغامچىغا ئوخشاتتى، ئىككى كۆز ئوچۇق بولغان ۋاقىتتا ئارغامچا مەقەتنىڭ ئېغىزىدا چىڭ بولىدۇ، مەقەتتىن بىر نەرسە چىقسا، بۇنى سېزىدۇ، ئەگەر ئىككى كۆز ئۇخلىسا ئېغىز ئېچىلىپ، تۇلۇمنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەر چىققىنىنى سەزمەستىن چىقىپ كېتىدۇ، بۇ ئوخشۇتۇشتۇر، زېھىنلەرگە شەرئىي ھۆكۈمنى يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئالاھىدە ئوخشۇتۇش بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ئاز سۆز بىلەن كۆپ مەنا ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنىڭ جۇغلانمىسى قاتارىدىندۇر
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىقتۇق، مەن "سەرىپ" دېگەن جايغا كەلگىنىمىزدە، ھەيز كۆرۈپ قالدىم، مەن يىغلاپ ئولتۇرسام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قېشىمغا كېرىپ: نېمىشقا يىغلايسىز؟ دېدى، مەن: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بۇ يىل ھەج قىلمىغان بولسامكەن، دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەيز كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسىز؟دېدى، مەن: ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئادەم بالىلىرىنىڭ قىزلىرىغا پۈتىۋەتكەن ئىشتۇر، سىز ھەج قىلغۇچىلار ئادا قىلىدىغان بارلىق ئىشلارنى ئادا قىلىڭ، پەقەت پاكلانغانغا قەدەر بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلماڭ» دېدى. مەككىگە كەلگەن ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: «ئۆمرە قىلىڭلار» دېدى، قۇربانلىق ھەدىيە ھەيدەپ كەلمىگەن كىشىلەر ئىھرامدىن چىقتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە باشقا بىر قىسىم ساھابىلار بىلەن ھەدىيە ئۇلاغلىرى بار ئىدى، تەمەتتۇئ قىلغانلار مىناغا چىقىدىغان كۈنى ھەجگە ئىھرام كەيدى، قۇربان ھېيت كۈنى(نەھرى كۈنى)مەن ھەيزدىن پاك بولدۇم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى پەرز تاۋاپنى قىلىشقا بۇيرىدى، مەن پەرز تاۋاپنى قىلدىم، كەچتە بىزگە كالا گۆشى ئېلىپ كېلىندى، مەن: نېمە گۆش؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللىرى ئۈچۈن كالا قۇربانلىق قىلغان، شۇنىڭ گۆشى دېدى، قايتىدىغان كۈنى كېچىدە، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر ھەج-ئۆمرە قىلىپ قايتىدۇ، مەن پەقەت ھەج قىلىپ قايتىمەنمۇ؟دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرىنى بۇيرىدى، ئۇ مېنى تۆگىگە مىنگەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى، مېنىڭ يىشىم كېچىك بولغاچقا ئېسىمدە قىلىشچە مۈگۈدەپ قالدىم، يۈزۈم تۆگىنىڭ چۈلۋۈرىغا تىگەتتى، ھەتتا بىز تەنئىمغا كەلدۇق، ئۇ يەردىن ئۆمرە نىيىتى ئۈچۈن ئىھرامغا كىردىم، بىرگە كەلگەن كىشىلەر قىلغان ئۆمرىگە ئوخشاش ئۆمرە قىلدىم
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنىڭ مەنىسى: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن پەقەت ھەجنى مەقسەت قىلىپ چىققان ئىدۇق، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىدىن زۇلقەئدە ئېيى ئاخىرلىشىشقا بەش كۈن قالغاندا پېشىن نامىزىنى تۆت رەكەت ئوقۇپ يولغا چىققان، زۇلھۇلەيپىگە كېلىپ ئەسىر نامىزىنى ئىككى رەكەت قەسىر ئوقۇغان. ھەدىستە: «بىز پەقەت ھەجنىلا مەقسەت قىلغان» دېيىلگەن. لېكىن يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە: «بىزدىن ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ ئېھرامغا كىرگەن ۋە ھەجنى مەقسەت قېلىپ ئېھرامغا كىرگەنلەرمۇ بار ئېدى، مەن ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىرگەنلەرنىڭ جۈملىسىدىن ئىدىم» دېيىلگەن. بۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: بىز ھەجدىن باشقىنى مەقسەت قىلمايتتۇق، ھەجدىن باشقىنى ئويلىمايتتۇق دېگەن سۆزى تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن خالى بولالمايدۇ: بىرىنچى ھالەت: ھەدىستە ھەجنىڭ تۈرىنى بايان قىلماستىن ئەسلى بولغان پەرز ھەجنى مەقسەت قىلغان. ئىككىنچى ھالەت: بۇنىڭدىن مىيقاتقا يېتىپ كېلىپ ئېھرامغا كىرىشتىن بۇرۇن مەدىنىدىن چىققان ۋاقتىنى مەقسەت قىلغان. ئۈچىنچى ھالەت: ئۆزىنى مەقسەت قىلماستىن باشقا ساھابىلارنى مەقسەت قىلغان.«ھەتتا بىز "سەرىپ" قا كەلدۇق» يەنى مەككىگە يېقىن بولغان جايدىكى سەرپ دېگەن جايغا يېتىپ كەلدۇق، بۇ جايغا كەلگەندە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئادەت كۆرۈپ قالغان، مەن يىغلاپ ئولتۇرسام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قېشىمغا كىرىپ: «نېمىگە يىغلايسىز؟»دېدى، مەن: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ يىل ھەجگە كەلمىسەم بولۇپتىكەن دېدىم، يەنى ئادەت كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن يىغلاپ بۇ يىل ئۇلار بىلەن بىرگە ھەج قىلماسلىقنى ئارزۇ قىلغان ۋە ئۆز قارىشىدا ئادەت كۆرۈپ قىلىش بىلەن ھەج ئەمەللىرى ئۈزۈلىدۇ، ھەجدىن ھاسىل بولىدىغان ياخشىلىقنى يوقىتىپ قويىمەن دەپ ئويلىغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «نېمە بولدى؟ ھەيز كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ؟» دېدى، مەن: ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەيز كۆرۈش دېگەن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئادەم قىزلىرىغا پۈتۈلگەن، تەقدىر قىلىنغان ئىش بولۇپ، يالغۇز سىزگە خاس ئەمەس ۋە ئىش سىزنىڭ ئىلكىڭىزدە ئەمەس، يىغلاشنىڭ زۆرۈرىتى يوق، ھەج قىلغۇچىلار قىلىدىغان ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، پەقەت ھەيزدىن پاك بولغاندىلا كەبىنى تاۋاپ قىلىڭ»دېدى، بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: ھەيزنىڭ ھەج ئەمەللىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى چەكلەپ قويمايدىغانلىقى، ئېھرامغا تەسرى بولمايدىغانلىقى، ئەرەپاتتا تۇرۇش، مۇزتەلىپىدە قونۇش، مىنادا تۇرۇش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش قاتارلىق ھاجىلار قىلىدىغان تاۋاپتىن باشقا ئەمەللەرنى قىلىش، ھەيزدىن پاك بولغاندا يۇيۇنۇپ كەبىنى تاۋاپ قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. مەككىگە كەلگەن ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: «نىيىتىڭلارنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىڭلار» دېدى، يەنى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەن ۋاقتىدا ھەدىيە ئىلىپ كەلمىگەن ساھابىلارنى ئېھرامىنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىدى، ھەجگە ئېھرام باغلاپ ھەدىيە ئىلىپ كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ھەجگە باغلىغان ئېھرامىنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىدى، ئۇلار كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ، چاچنى ئالدۇرۇپ ئېھرامدىن چىقىدۇ، مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزلەردىن ھەدىيە ئېلىپ كەلمىگەنلەرنى ئېھرامدىن چىقىپ ھالال بولۇشقا بۇيرىدى، بىز: قانداق ھالال بولىمىز؟دېسەك، تولۇق ھالال بولىسىلەر دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ھەدىيە ئېلىپ كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ چېچىنى ئالدۇرۇپ ئېھرامدىن چىقتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە باشقا ئىقتىسادى بار ھەدىيە ئىلىپ كەلگەن كىشىلەر ئېھراملىق ھالىتىدە قالدى، چۈنكى ئۇلار ھەدىيە ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ھەدىيە ئېلىپ كەلگەن كىشىنىڭ ھەجنى مەقسەت قىلىپ باغلىغان ئېھرامنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن ھەدىيە ئېلىپ كەلمىگەن بولسام، ئەلۋەتتە سىلەرنى بۇيرىغان ئىشنىڭ ئوخشىشىنى قىلاتتىم». ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ، چېچىنى ئالدۇرۇپ ئېھرامدىن چىققان كىشىلەر زۇلھەججە ئېيىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى يەنى تەرۋىيە كۈنى مىناغا ماڭىدىغان ۋاقتىدا ھەجنى مەقسەت قىلىپ ئېھرامغا كىردى. يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈنى يەنى قۇربان ھېيت كۈنى ھەيزدىن پاك بولدۇم، مەن ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى يۇيۇنۇپ كەبىگە بېرىپ پەرز تاۋاپنى قىلىشقا بۇيرىدى، مەن شۇنداق قىلدىم. بىزگە يەنى ئاياللارغا كالا گۆشى كەلتۈرۈلگەن ئىدى، مەن: نېمە گۆش بۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللىرى ئۈچۈن كالا قۇربانلىق قىلغان ئىدى بۇ شۇنىڭ گۆشىدىن دېدى، مىنادىن قايتىپ چۈشىدىغان كېچىسى يەنى تەشرىق كۈنلىرىدىن كېيىنكى كېچە بولۇپ، ئۇلار مىنادىن چۈشۈپ "مۇھەسسەپ" دېگەن جايغا چۈشۈپ كېچىدە شۇ يەردە ئارام ئالدى، بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ جايدا ئازراق ئارام ئېلىپ ئۇخلىدى، ئاندىن ئۇلىغىغا مېنىپ بەيتۇللاھقا كېلىپ كەبىنى تاۋاپ قىلدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر ھەج-ئۆمرە قىلىپ قايتسا، مەن پەقەت ھەج قىلىپ قايتىمەنمۇ؟ يەنى ئۇلار تەمەتتۇ قىلىپ ئايرىم ئۆمرە ۋە ئايرىم ھەج قىلىپ قايتسا، مەن ئايرىم ئۆمرە قىلماي قايتىمەنمۇ؟ دېدىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قىران ھەج قىلغان بولۇپ، ھەجنىڭ نىيىتى بىلەن ئۆمرە ھەجگە كىرىپ كەتكەن ئىدى. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: كىشىلەر قوش ئەجىر بىلەن قايتسا، مەن يالغۇز بىر ئەجىر بىلەن قايتىمەنمۇ؟دېگەن. يەنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قالغان ئاياللىرى ۋە ساھابى ئاياللارغا ئوخشاش ھەجدىن باشقا ئايرىم ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلغان، ئۇلار ھەجنىڭ ئېھرامىنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىپ، ئۆمرە پائالىيتىنى تاماملاپ تەرۋىيە كۈنىدىن بۇرۇن ھالال بولۇپ ئېھرامدىن چىققان، تەرۋىيە كۈنى مەككىدىن ھەجگە ئېھرام باغلىغان، ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم ئۆمرە ۋە ئايرىم ھەج ھاسىل بولغان. ئەمما ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۈچۈن ھەجگە كىرىپ كەتكەن ئۆمرە ھاسىل بولغان(يەنى قىران ھەججى)، ئايرىم ئۆمرە ھاسىل بولمىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا، قايتىدىغان كۈنىدە: «سىزنىڭ قىلغان سەئىيىڭىز ۋە تاۋاپىڭىز ھەججىڭىز ۋە ئۆمرىڭىز ئۈچۈن ھەر ئىككىسىگە كۇپايە قىلىدۇ» دېگەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىماي باشقا كىشىلەرگە ھاسىل بولغاندەك ئايرىم ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرىنى بۇيرۇپ مېنى ئۇنىڭ تۆگىسىنىڭ كەينىگە مىنگەشتۈردى، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاكىسى بولغان ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى تەنئىمغا ئېلىپ چېقىپ ئۇيەردىن ئېھرامنى نىيەت قىلدۇرۇپ ئۆمرە قىلدۇرۇشقا شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭمۇ باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش بولىشىنى بۇيرىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەيدۇ: مەن كىچىك قىز بولغانلىقىم ئۈچۈن ئىسىمدە تۇتىمەن، مەن قاتتىق مۈگۈدەپ يۈزۈم تۆگىنىڭ توقۇمىغا تىگىپ تۇراتتى. يەنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۆگىسىنىڭ كەينىگە مىنگەشتۈرۈپ تەنئىمغا ماڭدى، ئۇ قاتتىق مۈگىدەپ ھەتتا قاتتىق مۈگۈدىگەنلىكتىن بېشى تۆگىنىڭ توقۇمىغا تىگىپ تۇراتتى. بىز تەنئىمغا كەلدۇق، مەن ئۇ يەردىن كىشىلەر قىلغان ئۆمرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئۆمرىگە ئېھرام باغلىدىم، يەنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا تەنئىمغا كەلگەن ۋاقتىدا، كىشىلەر ئەۋۋەلدە قىلغان ئۆمرىگە ئوخشاش ئايرىم ئۆمرىگە نىيەت قىلىپ ئېھرامغا كىردى. بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مۇشۇ ئۆمرە سىز ئادەت كۆرۈپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى چەكلەپ قويغان ۋە ھەج بىلەن بىرگە بولماستىن ئايرىم ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئۆمرىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ» دېدى
ئىبنى شىھابدىن بايان قىلىندى: ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەسىر نامىزىنى كېچىكتۇرۇپ ئوقۇدى، ئۇرۋە ئۇنىڭغا: جىبرائىل چۈشۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغان دېدى، ئۆمەر: ئى ئۇرۋە!، دېگەن سۆزۈڭنى بىلەمسەن؟ دېدى، ئۇرۋە: مەن بەشىر ئىبنى ئەبۇ مەسئۇدتىن ئاڭلىغان، ئۇ ئەبۇ مەسئۇدتىن ئاڭلىغان، ئۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ: «جىبرائىل چۈشۈپ ماڭا ئىمام بولدى، ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم» بارماقلىرى بىلەن بەش ۋاقىت نامازنى ھېسابلىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانجىبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى ئېلىپ چۈشەتتى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك شەكىل ۋە سۈرەتلەردە كىلەتتى، بۇ ھەدىستە، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ، نامازنىڭ ۋاقتىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەش ۋاقىت نامازدا ئىمام بولغان. ھەدىس بايان قىلىنغان ۋەقەلىك مۇنداق: بىر كۈنى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ئەسىر نامىزىنى ئادەتتىكى ۋاقتىدىن ئازراق كېچىكتۈردى، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير خەلىپىنىڭ بۇ ئىشنى تەنقىت قىلىپ، جىبرائىلنىڭ چۈشۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغانلىق ۋەقەلىكىنى يەتكۈزدى، ئۆمەر بۇ سۆزدىن ھەيران قىلىپ ئۇرۋىنى ئويلىنىپ سۆزلەشكە، ئېنىقلاشقا ۋە دەلىلسىز گەپ قىلماسلىققا بۇيرىدى، ئۇرۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۇ ھەدىسنى بەشىير ئىبنى ئەبۇ مەسئۇدتىن ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇ ئەبۇ مەسئۇد بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرائىلنىڭ چۈشۈپ، ئۆزىگە ئىمام بولۇپ بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى، بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نامازنىڭ ۋاقتى، ئەركانلىرى ۋە قانداق ئوقۇشنى بىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى
ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن بىلالنىڭ چۆگىلەپ تۇرۇپ، ئېغىزىنى ئوڭ-سول تەرەپلەرگە قارىتىپ ۋە ئىككى بارمىقىنى قۇلىقىغا سېلىپ ئەزان توۋلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تېرىدىن تىكىلگەن بىر قىزىل چېدىرنىڭ ئىچىدە ئىدى، شۇ ئەسنادا بىلال سايلىققا چىقىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا بىر تال نەيزىنى سانجىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى سۈترە قىلىپ ناماز ئوقۇدى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدىن ئىت، ئېشەكلەر ئۆتىۋېرەتتى، رەسۇلۇللاھ قىزىل تون كېيگەن ئىدى، مەن ئۇنىڭ پاقالچىقىنىڭ ئاقلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. يەنە بىر رىۋايەتتە: بىلال سايلىققا چىقىپ ئەزان ئوقۇدى، «حي على الصلاة حي على الفلاح» غا كەلگەندە بوينىنى ئوڭ-سول تەرەپلەرگە بۇرايتتى، ئەمما ئايلانمايتتى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىنىڭ ئۈستى تەرپىدىكى ئەبتەھ دېگەن جايغا چۈشكەن ئىدى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ تاھارىتىدىن ئېشىپ قالغان سۈيىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، ساھابىلەر بۇ سۇنى تەۋەرۈك بىلىپ ئېلىشقا باشلىدى، بىلال ئەزان توۋلىدى. ئەبۇ جۇھەيپە دەيدۇ: مەن بىلالنىڭ ئېغىزىغا دېققەت قىلدىم، ئۇ: «ھەييى ئەلەسسالاھ، ھەييى ئەلەلفەلاھ» دېگەندە كىشىلەرگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئوڭ-سول تەرەپكە قارايتى، چۈنكى بۇ ئىككى جۈملە كىشىلەرنى نامازغا كىلىشكە قىزىقتۇراتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نامازدا سىۈترە بولۇشى ئۈچۈن قىسقا بىر نەيزە تىكلەندى، رەسۇلۇللاھ پىشىن نامىزىنى ئىككى رەكئەت ئوقىدى، مۇساپىر بولغانلىقتىن مەدىنىگە قايتقانغا قەدەر تۆت رەكىئەتلىك نامازلارنى ئىككى رەكئەت ئوقىدى
سەپۋان ئىبنى يەئلادىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، يەئلا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ماڭا ئۇنىڭغا ۋەھىي چۈشىۋاتقان ۋاقىتتا كۆرسەتكىن دېدى، راۋى دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەئرانە دېگەن جايدا بولغاندا ئەتراپىدا ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە ساھابىلار بار ئىدى، بىر ئادەم كېلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىر كىشى ئۆمرىگە ئېھرام كېيىپ، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن بولسا، سىلىچە قانداق بولىدۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەلۇم ۋاقىت جىم تۇردى، ئۇنىڭغا ۋەھىي كەلدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەئلاغا ئىشارەت قىلدى، يەئلە كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كېيىم بىلەن سايىدىتىلغان ئىدى، يەئلا كىيىمنىڭ ئېچىگە بېشىنى كىرگۈزۈپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزلىرى قىزارغان، ئېغىر تىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ۋەھىي چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۆمرە توغرىسىدا سورىغان كىشى قېنى؟دېدى ئۇ كىشى كەلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتكىن، چاپىنىڭنى سېلىۋەتكىن، ئۆمرە قىلغاندا ھەجدە قىلغانغا ئوخشاش پائالىيەت قىلغىن» دېدى، مەن ئەتاغا: ئۇ كىشىنى ئۈچ قېتىم يۇيۇشقا بۇيرىغاندا پاكىزە بولۇشنى مەقسەت قىلغانمۇ؟ دېسەم، ھەئە دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانيەئلا ئىبنى ئۇمەييە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كەلگەندە ماڭا خەۋەر قىلغىن، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ۋەھىي چۈشۈۋاتقان ۋاقىتتا كۆرۈشنى ۋە ۋەھىينىڭ قانداق چۈشىدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككە بىلەن تائىپ ئارىسىدىكى مەككە ئەھلى ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلغاندا ئېھرام كىيىدىغان جەئرانە دېگەن جايدا تۇرغان ۋاقتىدا بىر كىشى كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ئېھرام كىيگەنلىكىنى، كىيىمى ۋە بەدىنىگە خۇشپۇراق نەرسىلەرنى سۈرتكەنلىكىنى ئەمدى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سوئالنى سورىغاندىن كېيىن دەرھال جاۋاپ بەرمەي بىرئاز جىم تۇردى، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي نازىل بولدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەئلاغا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ۋەھىينىڭ قانداق چۈشىدىغانلىقىنى كۆرگىن دەپ ئىشارەت قىلدى، يەئلا كەلگەن ۋاقتىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بېشى ئۇنىڭغا سايە چۈشۈرۈش ئۈچۈن دالدا قىلغان بىر كىيىمنىڭ ئېچىدە ئىدى، يەئلا كىيىمنىڭ ئاستىدىن بېشىنى كىرگۈزدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى يۈزى قىزارغان، تىز-تىز نەپەس ئېلىپ ھاسىراۋاتقان ھالەتتە كۆردى، ئاندىن ۋەھىي ئۈزۈلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تىنچلاندى، سوئال سورىغان ئادەمگە: «سۈرتكەن خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئۈچ قېتىم يۇيىۋېتىشنى، كىيىمى ۋە بەدىنىدىكى خۇشبۇي نەرسىلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى، ئۇچىسىغا كەيگەن كىيىمىنى سېلىۋېتىشنى، ھەجدە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتىن چەكلەنگەنگە ئوخشاش ئۆمرىدىمۇ شۇنداق قىلىشنى» بۇيرىدى، چۈنكى ھەج بىلەن ئۆمرىنىڭ چەكلىمىلىرى ئوخشاشتۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەجدە تەرەپكە ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتكەن ئىدى، ئۇلار قايتىشىدا يەمامە ئەھلىنىڭ كاتتىۋېشى بەنى ھەنىيفە قەبىلىسىدىن بولغان سۇمامە ئىبنى ئاسالنى تۇتۇۋېلىپ، مەسچىتنىڭ تۈرۈكلىرىنىڭ بىرىگە باغلاپ قويدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قېشىغا چېقىپ: ئى سۇمامە! سەن مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلايسەن؟ دەيدۇ، سۇمامە: ئى مۇھەممەد! مەن سېنى ياخشىلىق قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر ئۆلتۈرسەڭ، قىساس تەلەپ قىلىنىدىغان كىشىنى ئۆلتۈرىسەن، ئەگەر ياخشىلىق قىلىپ قويۇپ بەرسەڭ ياخشىلىقىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇلىدۇ، ئەگەر مال تەلەپ قىلماقچى بولساڭ سورىغىن نېمىنى خالىساڭ شۇ بېرىلىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە قويۇپ چېقىپ كەتتى، ئەتىسى ئۇنىڭ قېشىغا چېقىپ: ئى سۇمامە! سەن مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلايسەن؟ دەيدۇ، سۇمامە: مەن ساڭا ئېيتقان: ئەگەر ياخشىلىق قىلىپ قويۇپ بەرسەڭ ياخشىلىقىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇلىدۇ، ئەگەر ئۆلتۈرسەڭ، قىساس تەلەپ قىلىنىدىغان كىشىنى ئۆلتۈرىسەن، ئەگەر مال تەلەپ قىلماقچى بولساڭ سورىغىن نېمىنى خالىساڭ شۇ بېرىلىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە قويۇپ چېقىپ كەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە ئەتىسى ئۇنىڭ قېشىغا چېقىپ: ئى سۇمامە! سەن مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلايسەن؟ دەيدۇ، سۇمامە: مەن ساڭا ئېيتقان: ئەگەر ياخشىلىق قىلىپ قويۇپ بەرسەڭ ياخشىلىقىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇلىدۇ، ئەگەر ئۆلتۈرسەڭ، قىساس تەلەپ قىلىنىدىغان كىشىنى ئۆلتۈرىسەن، ئەگەر مال تەلەپ قىلماقچى بولساڭ سورىغىن نېمىنى خالىساڭ شۇ بېرىلىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سۇمامەنى قويۇپ بىرىڭلار دېدى، سۇمامە مەسچىتكە يېقىن جايدىكى خورمىلىققا بېرىپ يۇيۇنۇپ ئاندىن مەسچىتكە كېرىپ: ھەقىقەتەن ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، ئى مۇھەممەد! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، زېمىن يۈزىدە ماڭا سېنىڭدىنمۇ بەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان كىشى يوق ئىدى، ھازىر سەن زېمىن يۈزىدە ماڭا ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرۈلىدىغان كىشىگە ئايلاندىڭ، سېنىڭ دىنىڭدىن بەكرەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان دىن يوق ئىدى، ھازىر سېنىڭ دىنىڭ ماڭا ھەممە دىنلاردىن بەك ياخشى كۆرۈلىدىغان دىنغا ئايلاندى، ماڭا سېنىڭ شەھرىڭدىن بەكرەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان شەھەر يوق ئىدى، ھازىر سېنىڭ شەھىرىڭ ماڭا ھەممە شەھەرلەردىن بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان شەھەرگە ئايلاندى، مەن ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىققان ئىدىم، يولدا سېنىڭ ئاتلىق قوشۇنۇڭ مېنى تۇتۇۋالدى، سېنىڭچە ئەمدى مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟دېدى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن خۇرسەن بولدى ۋە ئۇنى مەككىگە بېرىپ ئۆمرە قىلىشقا بۇيرىدى، سۇمامە مەككىگە كەلگەن ۋاقتىدا، بەزىلەر ئۇنىڭغا: دىندىن چىقىپ كېتىپسەن دېگەندە، ئۇ: ياق مەن دىندىن چىقىپ كەتمىدىم، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە مۇسۇلمان بولدۇم، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رۇخسەت قىلمىغىچە سىلەرگە يەمامە تەرەپتىن بىر تالمۇ ئاشلىق دانچىسى كەلمەيدۇ، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجىرىيىنىڭ ئالتىنچى يىلى مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنىدە مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنىڭ قوماندانلىقىدا نەجدە تەرەپكە بەنى بەكىر قەبىلىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتىدۇ، بەنى ھەنىيفە قەبىلىسىمۇ شۇ ئەتراپتا ئىدى، ساھابىلار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، نۇرغۇن غەنىمەتلەرنى ۋە بەنى ھەنىيفەنىڭ كاتتىلىرىدىن بولغان سۇمامە ئىبنى ئاسالنى ئەسىر ئېلىپ مەدىنىگە ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلار سۇمامىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ تۈرۈكلىرىدىن بىرىگە باغلاپ قويىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئى سۇمامە! سەن مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلايسەن؟ دەيدۇ، سۇمامە: مەن سېنى ماڭا ياخشىلىق قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر ئۆلتۈرسەڭ قىساس تەلەپ قىلىنىدىغان بىر كىشىنى ئۆلتۈرىسەن، چۈنكى مەن قەبىلە باشلىقى دەيدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەگەر مېنى ئۆلتۈرسەڭ بۇ سېنىڭ توغرا ئىش قىلغىنىڭ بولىدۇ، مەن شۇنىڭغا لايىق، چۈنكى مەن سەن تەرەپتىن ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇلغان ئادەم، مېنى ئۆلتۈرسەڭ مېنى قىساس ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن بولىسەن، ماڭا زۇلۇم قىلغان بولمايسەن، ئەگەر ماڭا ياخشىلىق قىلىپ مېنى قويۇۋەتسەڭ، سېنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇلىدۇ، چۈنكى سەن كىشىلەرنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى بىلىدىغان ئېسىل بىر كىشىنى قويۇۋەتكەن بولىسەن، ئەگەر مېنى قويۇپ بەرگەننىڭ بەدىلىگە مال پىدىيە ئېلىشنى خالىساڭ، خالىغاننى سورا، ساڭا سورىغىنىڭ بېرىلىدۇ دەيدۇ، بۇ قىسقىغىنە سۆھبەتتىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە قويۇپ قويۇپ، ئەتىسى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئى سۇمامە! مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلاۋاتىسەن؟ دەيدۇ، سۇمامە: مەن ساڭا ئېيتقان دەيدۇ، يەنى ئۇ ئىككىنچى كۈنىگىچە تۈرۈككە باغلاقلىق تۇرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئالدىنقى كۈنى سورىغاننى سورايدۇ، ئۇمۇ ئالدىنقى كۈنىگە ئوخشاش جاۋاپ بېرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە قويۇپ قويۇپ ئۈچىنچى كۈنى يەنە شۇ سوئالنى سورىغاندا، سۇمامە ئالدىنقى كۈنىگە ئوخشاش جاۋاپ بېرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سۇمامەنى قويۇپ بىرىڭلار دەيدۇ، سۇمامە مەسچىتكە يېقىن جايدىكى خورمىلىققا بېرىپ، ئۇ يەردىكى سۇدا يۇيۇنۇپ ئاندىن مەسچىتكە كېرىپ: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق دەپ شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ بۇخارى بىلەن مۇسلىمنىڭ رىۋايىتى بولۇپ: سۇمامە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزلىگىدىن يۇيۇنۇپ كەلگەن، ئاندىن سۇمامە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا دىنى ۋە سۆيۈملۈك شەھرى بولغان مەدىنە شەھىرىگە بولغان قارىشى-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ: زېمىندا ماڭا سەندىنمۇ بەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان كىشى يوق ئىدى، مەن مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سەن ماڭا ھەممە كىشىلەردىن بەك ياخشى كۆرۈلىدىغان بولدۇڭ، ساڭا بولغان ئۆچلۈك، ياقتۇرماسلىق ھېچقانداق بىر ياخشى كۆرۈش ئۇنىڭغا باراۋەر كەلمەيدىغان بىر سۆيگۈ-ياخشى كۆرۈشكە ئۆزگەردى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سېنىڭ دىنىڭدەك ماڭا ئۆچ كۆرۈلىدىغان بىر دىن يوق ئىدى، ھازىر سېنىڭ دىنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان دىنغا ئايلاندى. (ئىمانى تۇيغۇ قەلبنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئورۇنلاشقاندا شۇنداق بولىدۇ) ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ماڭا سېنىڭ شەھرىڭدىنمۇ بەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان بىر شەھەر يوق ئىدى، ھازىر سېنىڭ شەھىرىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان شەھەرگە ئايلاندى، چۈنكى مېنىڭ ساڭا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىم، مېنىڭ سېنىڭ شەھىرىڭنى تېخىمۇ زىيادە ياخشى كۆرۈشۈمگە تۈرتكە بولدى، ئاندىن سۇمامە: مەن ئەسلىدە ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ چىققان ئىدىم، سېنىڭ ئاتلىق قوشۇنۇڭ مېنى تۇتۇپ كەلدى، مېنىڭ ئۆمرە قىلىشىمغا رۇخسەت قىلامسەن؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى ۋە دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقى بىلەن خوش خەۋەر بەردى ۋە ئۇنى ئۆمرە قىلىپ كېلىشكە بۇيرىدى، سۇمامە مەككىگە كەلگەن ۋاقتىدا، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭغا: سەن ئۆز دىنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ باشقا دىنغا كىرىپسەن دېدى، سۇمامە: ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن دىندىن چىقمىدىم لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە مۇسۇلمان بولدۇم، پەقەت باتىل بولغان دىننى تەرك قىلدىم، ھەق دىنغا كىردىم، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىنى سىلەرگە ئاشلىق ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلمىغۇچە سىلەرگە يەمامەدىن بىر تال دانمۇ كەلمەيدۇ دەپ، يەمامىگە قايتىپ كەتتى، يەمامە بولسا مەككىگە ئاشلىق كېلىدىغان رايۇنلاردىن بىرى ئىدى، ئۇ يەردىن مەككە خەلقىگە ئاشلىق كېلىش چەكلەندى ھەتتا قۇرەيشلەر ئاچارچىلىقتا قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ، سۇمامىگە مەككىگە ئاشلىق ئەۋەتىپ بېرىش توغرىسىدا خەت يېزىشنى تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلدى
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «ساد سۈرىسىدىكى سەجدە تەكىتلەنگەن سەجدىلەردىن ئەمەس، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭدا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: «ساد سۈرىسىدىكى سەجدە تەكىتلەنگەن سەجدىلەردىن ئەمەس»، يەنى: ساد سۈرىسىدىكى تىلاۋەت سەجدىسى ۋاجىپ ئەمەس بەلكى سۈننەت بولۇپ، ئۇنىڭدا سەجدە قىلىشنى تەكىتلەيدىغان بۇيرۇق كەلمىگەن، بەلكى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سەجدىنى ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ قىلغانلىقى خەۋەر شەكلىدە كەلگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھ تائالانىڭ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنى كەچۈرۈم قىلغانلىق نېمىتىگە شۈكۈر ئېيتىپ سەجدە قىلغان، نەسائى نەقىل قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بۇ سەجدىنى داۋۇد ئەلەيھىسسالام تەۋبە قىلىپ قىلغان، بىز ئۇنى شۈكرى قىلىپ سەجدە قىلىمىز» دېگەنلىكى شۇنى كۆرسىتىدۇ