





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
رەبىئە ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى سۇدەير تەيمىدىن رىۋايەت قىلىنىشچە، ھەقىقەتەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر جۈمە كۈنى مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، نەھل سۈرىسىنى ئوقۇدى، ھەتتا سەجدە ئايىتىگە كەلگەندە، پەسكە چۈشۈپ سەجدە قىلدى، كىشىلەرمۇ سەجدە قىلدى، يەنە بىر جۈمە كۈنى شۇ سۈرىنى ئوقۇدى، ھەتتا سەجدە ئايىتىگە كەلگەندە، مۇنداق دېدى: «ئى كىشىلەر! بىز بۇ ئايەتكە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇق، كىمكى سەجدە قىلسا توغرا ئىش قىلغان بولدى، سەجدە قىلمىسا ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ سەجدە قىلمىدى» يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سەجدە قىلىشنى پەرىز قىلمىدى پەقەت بىز خالاپ قىلساق بولىدۇ» دېيىلگەن
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ھەقىقەتەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر جۈمە كۈنى مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، نەھل سۈرىسىنى ئوقۇدى، ھەتتا سەجدە ئايىتىگە كەلگەندە، يەنى ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار، پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئۇلار (ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ، ئۇلار ئۆز ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ» [نەھل سۈرىسى 49_50_ئايەت]، دېگەن سۆزىگە كەلگەندە مۇنبەردىن پەسكە چۈشۈپ، يەرگە سەجدە قىلدى، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سەجدە قىلدى، يەنە بىر جۈمە كۈنى شۇ سۈرىنى يەنى، نەھل سۈرىسىنى ئوقۇدى، ھەتتا سەجدە ئايىتىگە كەلگەندە، سەجدە بار ئايەتنى ئوقۇدى، كىشىلەر سەجدە قىلىشقا ھازىرلانغان ۋاقىتتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەجدە قىلمىدى، ئۇلارنىمۇ سەجدە قىلىشتىن توستى، مۇئەتتانىڭ رىۋايىتىدىمۇ مۇشۇنداق كەلگەن، كىشىلەر سەجدە قىلىشقا تەييار بولغان ۋاقىتتا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «ئالدىرماڭلار، ئاللاھ بۇ ئايەتتە سەجدە قىلىشنى بىزگە پەرىز قىلمىدى، پەقەت بىز خالاپ سەجدە قىلساق بولىدۇ، دېدى ۋە ئۆزىمۇ سەجدە قىلمىدى، كىشىلەرنىمۇ سەجدە قىلىشتىن چەكلىدى، ئاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئى كىشلەر! بىز بۇ سەجدە ئايىتىدىن ئۆتىمىز، كىمكى سەجدە قىلسا توغرا ئىش قىلغان بولدى، سەجدە قىلمىسا ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، يەنى بىز ھازىر سەجدە بار ئايەتتىن ئۆتىمىز، كىمكى ئۇنىڭدا سەجدە قىلسا، توغرا قىلغان بولدى، كىمكى سەجدە قىلمىسا، ئۇنىڭغا گۇناھ يوق. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ تىلاۋەت سەجدىسىنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن سەجدە قىلمىدى». يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سەجدە قىلىشنى پەرىز قىلمىدى، سەجدە قىلىش بىزگە ۋاجىپ ئەمەس، پەقەت بىز سەجدە قىلىشنى خالىساق سەجدە قىلىمىز، خالىمىساق سەجدە قىلمايمىز»دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئى كىشىلەر! بىز سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلمىدۇق» دېيىلگەن. سۆزنىڭ خۇلاسىسى: بۇ ئەسەر مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى جۈمە كۈنىدە مۇنبەردە تۇرۇپ، بارلىق ساھابىلارنىڭ ئالدىدا دېگەن سۆزى بولۇپ، ئۇلاردىن ھېچ بىرى ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئىنكار قىلمىغان، بۇ ئۇلارنىڭ ئېتىراز بىلدۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداق بولىدىكەن، ساھابىنىڭ سۆزى ھۆججەت بولىدۇ، بولۇپمۇ ئەگىشىشكە ئەڭ لايىق، توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىنىڭ سۆزىنى بولۇشى ۋە بۇ سۆزنىڭ ساھابىلار ھازىر بولغان سورۇندا دېيىلىشى ئىجمانىڭ ئورنىدا بولىدۇ
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ۋىتىر نامىزى بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش كەسكىن پەرز قىلىنمىغان، لېكىن ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويغان سۈننەتتۇر»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ۋىتىر نامىزى بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش پەرز ئەمەس، لېكىن ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويغان سۈننەت نامازلاردىندۇر. يەنى: ۋىتىر نامىزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويدى، لېكىن ئۇنىڭ ۋاجىبلىقىنى كىسىنلەشتۈرمىدى، بۇ نامازنىڭ ھەدىستىكى: "ئۇنىڭ ۋاجىبلىقىنى كىسىنلەشتۈرمىدى" دېگەن سۆزدىن ئىپادىلىنىدۇ. ۋىتىر نامىزى مۇستەھەب ياكى سۈننەت نامازلاردىن ھېسابلىنىدۇ
ئەبۇ تەمىم ئەلجەيشانى مۇنداق دېگەن: مەن ئەمرۇ ئىبنى ئاسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى ماڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن: ئاللاھ تائالا سىلەرگە بىر نامازنى زىيادە قىلدى، ئۇنى خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزىنىڭ ئارىلىقىدا ئوقۇڭلار، ئۇ بولسىمۇ ۋىتىر، ۋىتىر نامىزىدۇر دېدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى ئەبۇ بەسرە ئەلغىپارى: ئەبۇ تەمىم مۇنداق دېدى، دېگەن: مەن ۋە ئەبۇ زەر بىرگە ئولتۇرغان ئىدۇق، ئەبۇ زەر مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ ئەبۇ بەسرەنىڭ يېنىغا باردۇق، ئۇ ئەمرۇ ئىبنى ئاسنىڭ خوشنىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان ئىدى، ئەبۇ زەر ئۇنىڭغا: سەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟: ئاللا تائالا سىلەرگە بىر نامازنى زىيادە قىلدى، ئۇنى خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوقۇڭلار، ئۇ بولسىمۇ ۋىتىر، ۋىتىر؟ دېگەندە، ئۇ: شۇنداق ئاڭلىغان، دېدى. ئۇ: سەن شۇنداق ئاڭلىغانمىدىڭ؟ دېگەندە. ئۇ: شۇنداق ئاڭلىغان، دېدى. ئۇ: سەن شۇنداق ئاڭلىغانمىدىڭ؟ دېگەندە. ئۇ: شۇنداق ئاڭلىغان، دېدى
ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان«ئاللاھ تائالا سىلەرگە بىر نامازنى زىيادە قىلدى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئىلگىرى ئۇلار بۇ شەكىلدە ئوقۇپ باقمىغان بىر نامازنى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا زىيادە قىلدى، ئۇ بولسىمۇ ۋىتىر، دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ نامازنى زىيادە قىلىش ئىنئام شەكلىدە بولغان، خۇددى رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەندەك: ئاللاھ تائالا سىلەرنى مۇكاپاتلاش، سىلەرگە ساۋاب بېرىش ئۈچۈن بەش ۋاقىت نامازنى بىكىتىپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي ياخشىلىققا يەنە ياخشىلىقنى قوشۇپ ۋىتىر ۋە تەھەججۈد نامىزىنى بىكىتتى. ئۇ «ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇڭلار» دېگەن سۆز بۇيرۇق مەنىدە كەلگەن بۇ شەكىلدە كەلگەن بۇيرۇقلار پەرز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئەمما سەھىھ ۋە ئوچۇق مەنىلەر بىلەن كەلگەن بەزى ھەدىسلەر بۇ نامازنىڭ پەرز ئەمەسلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئاندىن بۇ ھەدىس ئۇ نامازنىڭ ۋاقتىنى بەلگىلەپ بەرگەن. ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاقتى خۇپتەننىڭ ۋاقتى كىرگەندىن باشلاپ تاڭ سۈزۈلگىچە بولغان ئارىلىقتا، يەنى خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ، ھەتتا خۇپتەن بىلەن شام نامىزىنى شام ۋاقتىدا بىرگە جەملەپ ئوقۇغان بولسىمۇ نامازدىن كېيىنلا ۋىتىرنى ئوقۇسا بولىدۇ، ئاخىرىقى ۋاقتى بولسا تاڭ ئاتقۇچە، تاڭ ئېتىپ قالسا ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكەن بولىدۇ، تاڭ ئېتىۋاتقاندا ئوقۇغان بولسا ئۇنى تاماملىۋېتىش دۇرۇس. ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بۇنى ئەبۇ بەسرە ئەلغىپارى بايان قىلدى، دېدى. يەنى ئەبۇ بەسرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمرۇ ئىبنى ئاسقا ھەدىس بايان قىلىپ بەرگەن. ئەبۇ تەمىم: مەن ئەبۇ زەر بىلەن بىللە ئولتۇرغان ئىدىم، ئەبۇ زەر قولۇمنى تۇتۇپ مېنى ئەبۇ بەسرەنىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى، ئۇنى بىز ئەمرۇ ئىبنى ئاسنىڭ خوشنىسىنىڭ ئىشىگى ئالدىدا ئۇچراتتۇق، دېگەن. بۇنىڭ مەنىسى ئۇ ئىككى ساھابىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ سۆزى يەتكەندە ئۇلار بۇنى تەكىتلەپ باقماقچى بولۇپ ئەبۇ بەسرەنىڭ يېنىغا باردى، ئۇنىڭ يېنىغا بارغاندا ئەبۇ زەر ئەبۇ بەسرەدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نەقىل قىلىنغان بۇ سۆزنىڭ راس ياكى يالغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ: شۇنداق مەن رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغان، دېدى. ئەبۇ زەر: سەن رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغانمىدىڭ؟ دېگەندە. ئۇ: شۇنداق، دېدى. ئەبۇ زەر: سەن رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغانمىدىڭ؟ دېگەندە. ئۇ: شۇنداق، دەپ بۇلارغا رەسۇلۇللاھتىن: «ئاللاھ تائالا سىلەرگە بىر نامازنى زىيادە قىلىپ بەردى» دېگەن ھەدىسنى رىۋايەت قىلغانلىقىنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ بەردى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم چاشگاھ نامىزىنى تۆت رەكەت ئوقۇيتتى، خالىسا زىيادە ئوقۇيتتى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ چاشگاھ نامىزىنى ھەر ئىككى رەكەتتە بىر سالام بىرىپ تۆت رەكەت ئوقۇيدىغانلىقىنى، گاھىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە ماغدۇرى ۋە كەيپىياتىغا قاراپ تۆت رەكەتتىنمۇ زىيادە ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلغان
جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: ھەرقاندق قۇل خوجايىنىنىڭ رۇخسىتىسىز نىكاھلانسا، ئۇ زىنا قىلغۇچىدۇر
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"ناھەدىسنىڭ مەنىسى: قۇل خوجايىنىنىڭ رۇخسىتىسىز توي قىلىدىكەن، ئۇنىڭ نىكاھى توغرا بولمايدۇ، قىلغان كېلشىمى بۇزۇلىدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمى زىنا قىلغۇچىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇنىڭ نىكاھىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش زۆرۈر بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ئايالنى ئايرىۋېتىش زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى قۇل ئۆز ئالدىغا توي قىلالمايدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ ئائىشە ئەنسارلارنىڭ بىرىدىن بەرىرە ئىسىملىك بىر قۇلنى سېتىۋالغاندا ئۇلار ئائىشەگە بەرىرەنىڭ مىراسىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشنى ئۆزلىرىگە بولۇشنى شەرىت قىلىپ ساتقان. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: قۇلنى كىم ئازات قىلغان بولسا مىراسقا ئىگە بولۇش شۇ كىشىگە ئائىت بولىدۇ، دېگەن. رەسۇلۇللاھ بەرىرەگە، يولدىشى بىلەن ئۆي تۇتۇش ياكى تۇتماسلىق ئىختىيارلىقىنى بەرگەن، ئۇنىڭ يولدىشى قۇل ئىدى. بەرىرە ئائىشەگە گۆش ھەدىيە قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۆيگە كرىپ، بۇ گۆش بىلەن بىزگە تاماق قىلىپ بەرگەن بولساڭلار؟ دېگەن ئىدى. ئائىشە رەسۇلۇللاھقا: بۇ گۆش بەرىرەگە سەدىقە قىلىنغان گۆش ئىدى، دېگەن. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ: ئۇ گۆش بەرىرەگە سەدىقە بولسا، بەرىرە بىزگە بەرسە، ئۇنىڭدىن بىزگە ھەدىيە بولىدۇ، دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىس شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بەرىرەنى سېتىۋېلىپ ئازات قىلىۋەتكەندە، بەرىرەنىڭ ئىلگىرىكى خوجايىنى ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ئۆزلىرىدە بولۇشىنى شەرت قىلغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشەگە بۇ شەرتنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. كىمىكى قۇلنى ھۆرلۈككە چىقارغان بولسا، شۇ كىشى ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. بەرىرە مۇغىس ئىسىملىك بىر قۇلنىڭ ئايالى ئىدى، ئۇ ئازات بولۇپ ھۆرلۈككە چىققاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا يولدىشى بىلەن ئۆي تۇتۇش ياكى ئايرىلىپ كېتىش ئىختىيارلىقىنى بەردى. چۈنكى ئۇ ئايال ھۆر بولغانلىقىدىن ئىرىدىن يۇقىرى مەرتىۋىدە بولغان. شۇ ئارىلىقتا بەرىرەگە بىر كىشى گۆش ھەدىيە قىلغان ئىدى، بەرىيرە ئۇ گۆشتىن بىر پارچىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئەۋەتكەن، رەسۇلۇللاھ ئۇ گۆشتىن يىمەكچى بولغاندا ئائىشە: ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ گۆش بەرىرەگە سەدىقە قىلىنغان گۆش بولۇپ، ئۇنى بەرىرە بىزگە كەلتۈرگەن، سىلى سەدىقە قىلىنغان گۆشنى يىمەيدىلا، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇ گۆش بەرىرەگە سەدىقە، بىزگە ھەدىيە بولىدۇ، دېدى. يەنى بەرىرەگە سەدىقە ئارقىلىق كەلگەن بولسا، بىزگە ھەديە يولى بىلەن كەلگەن بولىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ھۆكمى ئۆزگىرىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇ گۆشتىن يېيىشى چەكلەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان
زەھھاك ئىبنى فەيرۇز ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن مۇسۇلمان بولدۇم، نىكاھىمدا ئاچا-سىڭىل بار» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككىسىدىن ئۆزۈڭ خالىغان بىرىنى تالاق قىلغىن» دېدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانيەمەنلىك ساھابى پەيرۇز دەيلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغاندا ئۇنىڭ ئىككى ئايالى بار بولۇپ، بۇ ئىككىسى ئاچا-سېڭىل ئىدى، ئىسلامدىن بۇرۇن ئۇلار ئاچا-سېڭىل بىلەن بىراقلا توي قىلىشنى ئەيىپ دەپ قارىمايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئايالى بولىش ئۈچۈن ئىككىسىدىن بىرىنى تاللىۋىلىپ، يەنە بىرىنى تالاق قىلىشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئىسلامدا ئىككى ئاچا-سېڭىلنى نىكاھىدا بىللە تۇتۇش توغرا بولمايدۇ
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممە ئاياللىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ بىر قېتىملا غۇسلى قىلاتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن بىر كېچىدە ھەممىسى بىلەن بىللە بولۇپ، بىر قېتىملا يۇيۇنغانلىقىدىن ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن، چۈنكى بۇ ھەدىستىن بىلىنگەندەك مەيلى بۇ خىل بىللە بولۇش ياكى باشقىچە بىللە بولۇش بولسۇن ئىككى قېتىملىق جىنسى ئالاقە ئارلىقىدا يۇيۇنۇش ۋاجىب ئەمەس
ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدۇراھماندىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ تويلۇق مېھرى قانچىلىك بولغان؟ دەپ سورىسام، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ تويلۇق مېھرى 12،5ئۇقىيە بولغان، ئاشۇ بەش يۈز دىرھەمگە باراۋەر كېلىدۇ، مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا بەرگەن تويلۇق مېھرى دەيدۇ
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ تېمىسى: تويلۇق مېھرىنى يەڭگىل قېلىشنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا بولۇپ، بۇ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان، تويلۇقنىڭ ئەڭ ياخشى ئاسان بولغىنى، ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تويلۇق مېھرى ئاسان بولغىنىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا بەرگەن تويلۇق مېھرىمۇ ئاساسەن 12.5 ئۇقىيە ئەتراپىدا بولغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئەمەل-ئىبادەت ۋە ئادەتلەردە بىزنىڭ ياخشى ئۈلگىمىزدۇر، بىر ئۇقۇيە قىرىق دىرھەم بولۇپ 12،5 ئۇقىيە بەش يۈز دىرھەم بولىدۇ، بۇ ھازىرقى دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ تويلۇق مېھرىنى ھەددىدىن زىيادە ئۆرلىتىۋەتكەنلىكىنىڭ ئەكسىدۇر. ئەر تەرەپ باي بولسۇن ياكى كەمبەغەل بولسۇن، مۇشۇ تويلۇق مېھرىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن پەخىرلىنىپ بولسىمۇ قىزغا ياكى ئۇنىڭ ۋەلىلىرىغا كۆپلەپ مېھرى ھەققى بېرىدۇ، بۇ ئاقىۋەتتە كېچىكىپ توي قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ