





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئىمران ئىبنى ھۈسەيندىن: ئايالىنى تالاق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان، تالاق قىلغاندىمۇ، يېنىشىۋالغاندىمۇ گۇۋاھلاتمىغان كىشىنىڭ ھۆكمى ھەققىدە سورالغان ئىدى، ئىمران ئىبنى ھۈسەين: «سۈننەتكە خىلاپ تالاق قىلىپ، سۈننەتكە خىلاپ يىنىشىۋاپسەن!، تالاق قىلغاندىمۇ، يېنىشىۋالغاندىمۇ گۇۋاھلاتقىن ۋە بۇ ئىشنى قايتا قىلمىغىن!» دەپ جاۋاب بەردى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: ئايالىنى تالاق قىلىۋەتكەن، ئاندىن يېنىشىۋىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان، تالاق قىلغانلىقىغا ۋە يىنىشىۋالغانلىقىغا گۇۋاھلاتمىغان كىشى توغرۇلۇق پەتىۋا سورالغان ئىدى، ئىمران رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «تالاق قىلغۇچى باشتا گۇۋاھلاتماي تالاق قىلغان، كىيىن گۇۋاھلاتماي يېنىشىۋالغان ئىككىلا ھالەتتە سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغان» دەپ جاۋاپ بېرىپ، ئۇنى تالاق قىلغىنىنى ۋە يىنىشىۋالغىنىنى گۇۋاھلىتىشقا، بۇنداق ئىشنى قايتا قىلماسلىققا بۇيرىغان
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: («ئايالىمغا يېقىن كەلمەيمەن» دەپ قەسەم قىلىپ، يېقىن كەلمەي) تۆت ئاي ئۆتسە، تالاق قىلغۇچە توختىتىپ قويىلىدۇ، تالاق قىلمىسا (مۇددەتنىڭ ئۆتكەنلىكىگە) تالاق بولمايدۇ
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رۇخسەت قىلىنغان «ئىيلا» (ئايالىغا يىقىنلاشماسلىق قەسىمى) مۇددىتىنىڭ تۆت ئاي بولىدىغانلىقىنى، تۆت ئايدىن ئاشۇرۋىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، قەسىمىدىن يېنىشى ياكى ئايالىنى تالاق قىلىشى كېرەكلىكىنى، قەسەمدىن يانمىسا، تالاق ياكى نىكاھنىڭ بۇزىلىشى تۆت ئاينىڭ ئۆتىشىگە باغلىق بولماستىن، بەلكى ئەسلىدىكى نىكاھ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ھەقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھاكىمنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بولسىمۇ ئەر تالاق قىلمىغۇچە تالاق بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ
سەلەمە ئىبنى سەخردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن باشقىلارغا قارىغاندا جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ ئۆتكۈزىدىغان كىشى ئىدىم. رامىزان ئېيى كىرگەندە، يېقىنچىلىقنىڭ تاكى تاڭ ئېتىپ كەتكۈچە داۋام قىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، رامىزان چىققۇچە ئايالىمنى زىھار قىلدىم. بىر كېچىسى، ئايالىم مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىۋاتاتتى، توساتتىن كۆزۈم ئۇنىڭ بەزى يەرلىرىگە چۈشۈپ قالدى - دە، ئۆزەمنى تۇتالماي، ئۇنىڭغا ئېتىلدىم. تاڭ ئاتقاندا چىقىپ، جامائەتكە ئەھۋالنى يەتكۈزدۈم ۋە ئۇلاردىن مەن بىلەن بىرگە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بىرگە بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم، ئۇلار رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۆزەم يالغۇز بېرىپ ئەھۋالنى يەتكۈزدۈم. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئى سەلەمە! سەن شۇ ئىشنى قىلدىڭمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: شۇنداق، ئۇ ئىشنى قىلىپ سالدىم. ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھنىڭ قانداقلا بۇيرۇقى بولسا، مەن سەۋر قىلىمەن. مېنىڭ بۇ ئىشىمغا ئاللاھنىڭ ساڭا كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلغىن! دېدىم. بىر قۇل ئازاد قىل! دېدى. مەن: سېنى ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا گەدىنىم يوق، ـ دەپ، ئۆز گەدىنىمگە پاققىدە بىرنى سالدىم. ئۇنداقتا، ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتقىن! دېدى. بۇ خاتالىقنى روزا ئېيىدا ئۆتكۈزمىدىممۇ؟ ـ دېدىم. ئۇنداقتا، ئاتمىش مىسكىنگە ئاتمىش سا خورما بەر! ـ دېدى. مەن: سېنى ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىزدە يەيدىغان بىر نەرسە بولمىغاچقا، قورساق ئاچ ياتقانىدۇق، دېدىم. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنداقتا، سەن بەنى زۇرەيق قەبىلىسىدىن يىغىلغان سەدىقىگە قارىغۇچىنىڭ يېنىغا بار. ئۇ ساڭا شۇ سەدىقىنى بەرسۇن، سەن ئۇنىڭدىن ئاتمىش سانى ئاتمىش مىسكىنگە بېرىپ، قالغىنىنى ئايال - بالىلىرىڭ بىلەن يېگىن! ـ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن قەۋمىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ: سىلەرگە ئەھۋالنى دېسەم، ئىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ، يامان تەرىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇڭلار. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بارغانىدىم، ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ياخشى پىكىر بەردى ۋە سىلەرنىڭ سەدىقەڭلارنى ماڭا بۇيرۇپ بەردى، دېدىم
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"ناسەلەمە ئىبنى سەخردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن باشقىلارغا قارىغاندا جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ ئۆتكۈزىدىغان كىشى ئىدىم. رامىزان ئېيى كىرگەندە، يېقىنچىلىقنىڭ تاكى تاڭ ئېتىپ كەتكۈچە داۋام قىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، رامىزان چىققۇچە ئايالىمنى زىھار قىلدىم. بىر كېچىسى، ئايالىم مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىۋاتاتتى، توساتتىن كۆزۈم ئۇنىڭ بەزى يەرلىرىگە چۈشۈپ قالدى - دە، ئۆزەمنى تۇتالماي، ئۇنىڭغا ئېتىلدىم. تاڭ ئاتقاندا چىقىپ، جامائەتكە ئەھۋالنى يەتكۈزدۈم ۋە ئۇلاردىن مەن بىلەن بىرگە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىشىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم، ئۇلار رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۆزەم يالغۇز بېرىپ ئەھۋالنى يەتكۈزدۈم. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئى سەلەمە! سەن شۇ ئىشنى قىلدىڭمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: شۇنداق، ئۇ ئىشنى قىلىپ سالدىم. ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھنىڭ قانداقلا بۇيرۇقى بولسا، مەن سەۋر قىلىمەن. مېنىڭ بۇ ئىشىمغا ئاللاھنىڭ ساڭا كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلغىن! دېدىم. بىر قۇل ئازاد قىل! دېدى. مەن: سېنى ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا گەدىنىم يوق، ـ دەپ، ئۆز گەدىنىمگە پاققىدە بىرنى سالدىم. ئۇنداقتا، ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتقىن! دېدى. بۇ خاتالىقنى روزا ئېيىدا ئۆتكۈزمىدىممۇ؟ ـ دېدىم. ئۇنداقتا، ئاتمىش مىسكىنگە ئاتمىش سا خورما بەر! ـ دېدى. مەن: سېنى ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىزدە يەيدىغان بىر نەرسە بولمىغاچقا، قورساق ئاچ ياتقانىدۇق، دېدىم. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنداقتا، سەن بەنى زۇرەيق قەبىلىسىدىن يىغىلغان سەدىقىگە قارىغۇچىنىڭ يېنىغا بار. ئۇ ساڭا شۇ سەدىقىنى بەرسۇن، سەن ئۇنىڭدىن ئاتمىش سانى ئاتمىش مىسكىنگە بېرىپ، قالغىنىنى ئايال - بالىلىرىڭ بىلەن يېگىن! ـ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن قەۋمىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ: سىلەرگە ئەھۋالنى دېسەم، ئىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ، يامان تەرىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇڭلار. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بارغانىدىم، ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ياخشى پىكىر بەردى ۋە سىلەرنىڭ سەدىقەڭلارنى ماڭا بۇيرۇپ بەردى، دېدىم
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ھاممام يولدىشىدىن سۆزىنى ئالغاندا، ئۇ ئىددەت جەريانىدا خورمىزارلىققا چىقىپ خورما يىغىشقا ماڭغاندا بىر كىشى ئۇنى سىرىتتا يۈرۈشتىن توستى. ئۇ ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كىلىپ بۇ ھەقتە سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: بەلكى چىقىپ خورما يىغىپ كېلىڭ، بەلكى سىز ئۇ خورمىلارنى سەدىقە قىلارسىز، ياكى ياخشى ئىشلارنى قىلارسىز، دېگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىس تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرغان، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاممىسى يولدىشى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندە خورمىزارلىققا چىقىپ خورما يىغىشقا ماڭغان، شۇ ۋاقىتتا بىر كىشى ئۇنى سىرتتا يۈرۈشتىن توسقان. ئۇ ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ بۇ ھەقتە سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: بەلكى چىقىپ خورما يىغىپ كېلىڭ، بەلكى سىز ئۇ خورمىلارنى سەدىقە قىلارسىز ياكى ياخشى ئىشلارنى قىلارسىز، دېگەن، بۇنىڭدىن كەسكىن تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشى، ئېرى ئۆلۈپ قالغان ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشىغا ئوخشىمايدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ، ئومۇمەن ئىددەت ئېچىدىكى ئاياللارنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇشى ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولسىمۇ ئەمما كەسكىن تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرى ئۈچۈن چىقسا بولىدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلارنىڭ ئۆيى ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر» دېگەن، بۇ ئىبادەت قىلىش، مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇش ۋە ياخشى ۋەز-نەسىھەت ئاڭلايدىغانلار ئۈچۈن بولسا، باشقىلار ئۈچۈن قانداق بولىدۇ
پۇرەيئە بىنتى مالىك ئىبنى سىنان رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ئۇ ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەمشىرىسى بولۇپ، ئۇ ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ بەنى خەدرە مەھەللىسىدىكى ئائىلىسىگە قايتىشنى سورايدۇ، ئۇ ئايالنىڭ ئېرى ئۆزىنىڭ قىچىپ كەتكەن قۇلىنى ئىزدەپ چىققان بولۇپ، مەدىنىگە ئون كىلۇمىتىر كېلىدىغان جايدا ئۇلارغا يېتىشىۋالغاندا ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ئېدى، ئۇ ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆز ئائىلىسىگە قايتىشنى سوراپ: ئېرىم ماڭا ئولتۇرىدىغانغا ئۆي ۋە خىراجەت قىلىدىغان بىر نەرسە قويۇپ قويمىدى؟ دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: «ئۆيىڭىزگە قايتسىڭىز بولىدۇ» دېدى. ئۇ ئايال سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن چىقىپ تاشقىرى ئۆيگە ياكى مەسچىتكە چىققان ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى چاقىردى ياكى بىر كىشىنى مېنى چاقىرىشقا بۇيرىدى، مەن قايتىپ كىرسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ماڭا نېمە دېگەن ئېدىڭىز؟ دېدى، مەن ئېرىمنىڭ ئەھۋالىنى قايتىدىن سۆزلەپ بەردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئېرىڭىزنىڭ ئىددەت ۋاقتىنى تۈگەتكىچە ئۆيىڭىزدە تۇرۇڭ دېدى، مەن ئۇ ئۆيدە تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتتۇم دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ خىلاپەت دەۋرىدە ئۇ ۋەقەلىكنى سوراپ مېنىڭ يېنىمغا ئادەم ئەۋەتىپتۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان ئەھۋالنى خەۋەر قىلدىم، ئۇ كىشى مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ شۇ بويىچە ھۆكۈم قىلدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"نبۇ ھەدىستە ئېرى ۋاپات بولغان ساھابە ئايالنىڭ ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئايال ئېرى بىلەن بىرگە تۇرغان ئۆيدىن باشقا بىر جايغا بېرىپ ئىددەت تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىزنى سورىغان،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا ئاللاھ تائالانىڭ ئېرى ئۆلۈپ قالغان ئايالغا ئىددىتى توشۇپ بولغىچە ئېرىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلماسلىقنى بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بۇ ھەدىس ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئىددىتىنى ۋە ئېرىگە قارىلىق تۇتۇشىنى ئىلگىرى ئۆزى ئېرى بىلەن بىرگە ياشىغان ئۆيدە تاماملىشى كېرەكلىكىنى، ئىددەت ۋاقتى توشماستىن ئۇ ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئەسلى قائىدىدۇر، ئىددەتنىڭ تامام بولىشى ھامىلدار ئايال بولسا بالىسىنى تۇغۇش بىلەن، ھامىلدار بولمىسا تۆت ئاي ئون كۈننى تولۇقلاش بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دېگەن: ئېرىنى يوقۇتۇپ قويۇپ، قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن ئايال تۆت يىل كۈتىدۇ، شۇنىڭدىن كىيىن تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇپ، ئاندىن تۇرمۇشلۇق بولسا بولىدۇ
ئىمام مالىك"مۇئەتتا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېرى يوقاپ كەتكەن ئايالنىڭ يوقالغاندىن باشلاپ تۆت يىل كۈتىدىغانلىقى، شۇنىڭدىن كىيىن تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇپ، ئاندىن ياتلىق بولسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، فىقھى ئالىملىرى بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئەسەرلەرنى ئۇرۇش مەيدانىدا ياكى سۇغا چۆكۈپ ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان يوللار بىلەن يوقاپ كەتكەن كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆلگەنلىكى ۋە ھالاك بولغانلىقىغا گۇمان كۈچلۈك بولغانلارغا دەلىل قىلغان
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ھامىلىدار (دېدەك) تۇغمىغىچە، ھامىلىدار ئەمەسلىرى، بىر قېتىم ھەيز كۆرۈپ پاكلانمىغىچە جىما قىلىنمايدۇ»
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەۋتاس دېگەن جايدا (مەككىگە يېقىن بىر جاي) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، جىھادتا كاپىرلاردىن تارتىۋېلىنغان ئايالنىڭ (دېدەكنىڭ) بالا ياتقۇسىنىڭ تۇغۇش بىلەن خالى ئىكەنلىكى بىلىنىپ، نىپاسىدىن پاكلانغىچە ئۇنىڭ بىلەن جىما قىلىشتىن چەكلىدى، ئەگەر ھامىلەدىن خالى بولسا ھەتتاكى بىر ھەيىز كۆرگەنگە قەدەر جىما قىلىنمايدۇ، چۈنكى بىز ئۇنىڭ بالا ياتقىسىنىڭ خالىلىقىنى پەقەت ھەيىز كۆرۈش بىلەنلا بىلەلەيمىز. ئۇنداق دېدەكلىككە تۇتۇلغانلارغا ئۇنىڭدىن باشقا سېتىۋېلىنغان ياكى قانداق يول بىلەن بولسۇن قول ئىلكىگە ئۆتۈپ قالغان دېدەكلەرنى قىياس قىلساڭ بولىدۇ
مەدىنە ئەھلىدىن بولغان، سەمىمى، بىر كىشىنىڭ ئازات گەردىسى، ئەبۇ مەيمۇنە سەلما دېگەن كېشى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:بىز ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرگە ئولتۇراتتۇق، ئۇنىڭ يېنىغا بىر پارىس ئايال كەلدى، ئۇ ئايال بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى بار ئىدى، ئېرى ئۇ ئايالنى تالاق قىلىۋەتكەن بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئۇ بالىنى تالىشىپ قالغان ئىكەن، ئۇ ئايال: ئەي ئەبۇ ھۇرەيرە! دەپ پارىسچە تەلەپپۇزدا سۆز باشلىدى: ئېرىم بۇ بالامنى مەندىن ئېلىۋالىمەن دەيدۇ دېدى، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئىككىڭلار چەك تارتىڭلار، كىمگە چىقسا شۇ ئالسۇن دېدى، چەكتە بالا ئايالغا چىقتى، ئۇ ئايالنىڭ ئېرى كىلىپ: مەندىن بالامنى كىم تارتىۋالىدىكەن؟ دېدى. ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن پەقەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغاننى دەيمەن، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىدا ئولتۇرسام بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كېلىپ: ئېرىم مەندىن بۇ بالامنى ئېلىۋالىمەن دەيدۇ، بۇ بالام ماڭا ئەبۇ ئىنەبە قۇدۇقىدىن سۇ ئەكىلىپ خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ، ماڭا ياردەملىشىۋاتىدۇ دىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداق بولسا چەك تارتىڭلار دىدى، ئېرى: مەندىن بالامنى كىم تارتىۋالىدۇ؟ دىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ بالىغا:«بۇ سىنىڭ داداڭ، بۇ سىنىڭ ئاپاڭ، ئىككىسىدىن قايسىسىنىڭ قولىنى تۇتۇشنى خالىساڭ، شۇنىڭ قولىنى تۇتقىن»دىدى، بالا ئانىسىنىڭ قولىنى تۇتتى، ئايال بالىنى ئېلىپ كەتتى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"نبۇ ھەدىستە بالىنىڭ مەنپەئەتىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلىكى بايان قىلىنغان، ئۇ ئايال ئېرىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بالىسى ئۇ ئايال بىلەن بىرگە قالغان، ئېرى ئايالىنىڭ بالىغا ھاجىتى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بالىنىڭ ئانىنىڭ يىنىدا تەربىيىلىنىشىنىڭ داۋاملىشىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان، شۇنىڭدەك بالىمۇ كېچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ بەلكى ئانىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى، مۇھاپىزەت قىلىشىغا ئىھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ ئايالغا ئوخشاش يەنە بىر ئايالنىڭ مەسىلىسى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەدىستىن خەۋەر بەرگەن، بالىنى پەرۋىش قىلىش، ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشتىن بالىنى تەربىيلەش، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەقسەت قىلىنىدۇ، كىچىك بالا ئاق-قارىنى پەرق قىلغۇدەك بولغۇچە ئانىسىنىڭ يىنىدا بولىدۇ، ئانىسى باشقا بىرىگە ياتلىق بولمىغان ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇ، بىر نەرسىنى ئايرىغىدەك، ئۆزىنىڭ بەزى ئىشلىرىنى ئۆزى قىلغۇدەك بولغاندا، بالىنى پەرۋىش قىلىشتا ئانا بىلەن دادىنىڭ ھەققى باراۋەر بولىدۇ، بالىغا ئۇلارنىڭ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلىدۇ، قايسىسىنىڭ يىنىغا بارسا شۇ ئېلىپ كىتىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «كىمكى تىبابەتتىن خەۋىرى يوق تۇرۇپ كېسەل داۋالىسا، ئاقىۋەتكە ئۇ كىشى ئۆزى ئىگە بولىدۇ»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: تىبابەتنى بىلمەيدىغان ياكى ياخشى قىلالمايدىغان ئادەم كىشىلەرنى ئالداپ مەن دوختۇر دەپ داۋا قىلىپ، ئۇلارنى داۋالاپ، بىر جاننى ياكى بىرەر ئەزانى ھالاك قىلىۋەتسە، بۇ كىشى ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەيدۇ، چۈنكى ئۇ بىلمەيدىغان نەرسىنى بىلىمەن دەپ، كىشىلەرنى ئالداپ، قەستەن زىيانكەشلىك قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر تىبابەتنى بىلىدىغان كىشىمۇ قەستەن كېسەلنى ھالاك قىلىۋەتسە، ئۇ كىشى ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەيدىغانلىقى ئالىملار ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن مەسىلە، شۇنىڭدەك بۇ ئىشقا ئىلمى ۋە ئەمەلى تەجرىبىسى بولمىغان بىر كىشى قول تىقىدىكەن، ئۇ كىشى قەستەن قىلغان بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى ھالاك بولسا، ئۇ كىشى تۆلەم تۆلەيدۇ، قىساس چۈشۈپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بۇ ئىشنى كېسەلنىڭ رۇخسىتىسىز قىلمىغان