





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قەستەنلىككە ئوخشاش ئادەم ئۆلتۈرگەننىڭ دىيىتى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئېغىر بولىدۇ. ئۇ كىشى ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، بۇنداق بولىشى، شەيتان كىشىلەر ئارىسىدا يامانلىقنى قوزغايدۇ، كىشىلەر بىر-بىرىگە قورال كۆتەرمەستىن ۋە ئۆچمەنلىك قىلماستىن، قارغۇلارچە قان تۆكۈلىدۇ»
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەستەنلىككە ئوخشاش ئادەم ئۆلتۈرگەننىڭ دىيىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئادەتتە ئادەم ئۆلتۈرۈلمەيدىغان ھاسا، تاش قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئاتقان ياكى ئۇرغان بولسا، ئەمما ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلمىغان، بۇنىڭ دىيىتى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەننىڭ دىيىتىگە ئوخشاش ئېغىر بولىدۇ، دىيەتنىڭ مىقدارى: يۈز تۆگە بولىدىغانلىقى بۇنىڭدىن ئوتتۇزى تۆت ياشنى تولۇقلاپ بەش ياشقا قەدەم باسقان چېشى تۆگە، ئوتتۇزى ئۈچ ياشنى تولۇقلاپ تۆت ياشقا قەدەم باسقان چېشى تۆگە، قىرىقى بوغاز تۈگە بولىدۇ، قەستەنلىككە ئوخشاش ئادەم ئۆلتۈرۈش دېگەنلىك كۆپ ۋاقىتلاردا قورال كۆتۈرمەستىن، بىر-بىرىگە دۈشمەنلىك قىلماستىن، ئۆچمەنلىك قىلماستىن يۈز بېرىدۇ. بۇ ئىش شەيتاننىڭ كىشىلەر ئارىسىدا ئىغۋاگەرلىك قىلىشى، ۋەسۋەسە قىلىشى، بىر-بىرىنى مازاق قىلىشى ۋە چاقچاق قىلىشى نەتىجىسىدە جىدەل بولىدۇ، بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلمىسىمۇ كىشىلەر ئارىسىدا ھەقسىز قان تۆكۈلۈش شەكىللىنىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«مىنىڭ تۆھمەتتىن پاك ئىكەنلىكىم توغىرسىدا ئايەت نازىل بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەردە تۇرۇپ ئۇ ۋەقەلىكنى زىكىر قىلدى ۋە قۇرئان كەرىمدە نازىل بولغان ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى، مۇنبەردىن چۈشكەندە ئىككى ئەر ۋە بىر ئايالغا تۆھمەت قىلغانلىقنىڭ جازاسى ئۈچۈن دەرە ئۇرۇلدى»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا خەۋەر بېرىپ، ئۆزىنىڭ تۆھمەتتىن پاكلانغانلىقى توغرىسىدا ئايەت نازىل بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە سۆز قىلدى، ئاشۇ ۋەقەلىكتىن كىشىلەرنى خەۋەردار قىلدى ۋە مۇنبەردە تۇرۇپ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پاكلىقى توغرىسىدا نازىل بولغان ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى، ئاندىن مۇنبەردىن چۈشۈپ ،تۆھمەت قىلغان ئىككى ئەر يەنى ھەسسان ئىبنى سابىت، مىستەھ ئىبنى ئۇساسەنى ۋە ئايالدىن ھىمنەتە بىنتى جەھشنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقى ئىسپاتلانغانلىقى ئۈچۈن، ھەر بىرىگە بۆھتان جازاسى بولغان سەكسەن دەررە جازانى ئىجرا قىلدى
ئىبنى ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇلۇمىغا قۇرۇق ئۈزۈم سىلىپ قويىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ كۈنى، ئەتىسى ۋە ئۆگۈنى ئىچەتتى، ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئىچىپ، (باشقىلارغا) ئىچۈرۈپ، ئېشىپ قالغىنىنى تۆكۈۋىتەتتى»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇلۇمدىكى سۇغا، تەمى تاتلىق بولىشى ئۈچۈن قۇرۇق ئۈزۈم ياكى خورما سېلىپ چۈلە قىلىپ قويىلىدىغانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئېچىدىغانلىقىنى، ئۈچىنچى كۈنى كەچتە چۈلىنىڭ تەمى ئۆزگەرمىسە، تۈگىشى ئۈچۈن ئۆزى ئىچىپ ۋە باشقا خىزمەتچىلەرگىمۇ ئېچۈرۈپ، تۆتىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالمايدىغانلىقىنى، تۆتىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالسا، چۈلىدىن ئۆزگۈرۈپ، مەس قىلغۇچى ئىچىملىككە ئايلىنىپ قىلىش ئىھتىمالى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېشىپ قالغىنىنى تۆكۈپ، قالدۇرماي يوقۇتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن باشقا ئىشلاردا ئالى جاناپ كىشىلەرنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى كەچۈرىۋىتىڭلار»
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان رەھبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان قازى-سوتچىلارنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ئېسىل، ئالى جاناپ كىشىلەردىن تاسادىپى يۈز بېرىدىغان يىتەرسىزلىك بولسا ئۇلارنى جازالىماسلىق ياكى باشقىلارغا نىسبەتەن ئۇلاردىن يەڭگىللىتىشنى تەلىم بەردى، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلىش، كەچۈرۈش پەقەت شەرئى ھاكىملارنىڭ ئىجتىھادى بىلەن بولىدىغان ئەدەپلەش جازالىرىدا بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرىدا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرى بىكار قىلىنمايدۇ، ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرى ئورۇن مەرتىۋىسى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھەر قانداق ئادەمگە ئىجرا قىلىنىدۇ
ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئىككى ئادەمنى مۇشرىكلاردىن بىر ئادەم بىلەن ئالماشتۇرغانلىقى رىۋايەت قىلغان
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىكلارغا ئۇلارنىڭ بىر ئادىمىنى بېرىپ، ئورنىغا مۇسۇلمانلاردىن ئىككى ئادەمنى ئالغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ، فىقھى ئالىملىرى: مۇسۇلمانلار دۈشمەندىن ئەسىرگە ئالغان بولسا، قوماندانغا ئەسىرلەردە خاھىشىغا ئەگەشمەي، ئەڭ مەنپەئەتلىك بولغىنىنى ئىزدىنىپ، تۆت تۈرلۈك ئىشتىن بىرنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلىدۇ: ئۆلتۈرۈش ياكى ئۇلارنى قۇل قىلىش ياكى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ ھېچنىمە ئالماي قويىۋىتىش ياكى مەلۇم مىقداردا مالغا ياكى كاپىرلار تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمانغا ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت
ھەبىب ئىبنى مەسلەمە فىھرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جەڭگە ئاتلانغاندا غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى، جەڭدىن قايتقاندا غەنىمەتنىڭ ئۈچتىن بىرىنى (بۇ غەنىمەتلەرنى ئالغانلارغا) تارتۇق قىلىپ بەرگەنلىكىنى كۆردۈم
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە، چوڭ قوشۇندىن ئايرىلىپ، دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىپ غەنىمەت ئالىدىغان ئەترەتنىڭ ئەزالىرىغا باشقا غازىيلارغا قارىغاندا كۆپ كۈچ چىقارغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىشىنى تەقدىرلەپ، ئۆز ئۈلۈشىدىن سىرت تارتۇق قىلىنسا بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن ئۇلار مۇجاھىدلار غازاتقا ئاتلىنىپ ماڭغاندا دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلغان بولسا ئالغان غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرى بېرىلىدۇ، جەڭدىن قايتىۋاتقاندا ھۇجۇم قىلغان بولسا ئالغان غەنىمەتنىڭ ئۈچتىن بىرى بېرىلىدۇ، قالغان تۆتتىن ئۈچ قىسمى ياكى ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى قوشۇندىكىلەر بىلەن ئورتاق ئالىدۇ. ئەترەت ئەزالىرىنىڭ جەڭدىن قايتقاندا جەڭگە ئاتلانغان ۋاقىتتىكىدىن كۆپ ئېلىشىنىڭ سەۋەبى: قايتىش ۋاقتىدا قوشۇن جەڭ قىلغان سەۋەپلىك چارچاپ ئاجىزلايدۇ، ئەترەت تايىنىدىغان كۈچ، ياردەمچى قوشۇن ھەم بىرلىشىدىغان جامائەتتىن ئايرىلغان بولىدۇ، جەڭگە ئاتلانغاندا ئىش ئەكسىچە بولۇپ، قوشۇن ئۇلارنى ھىمايە قىلىدۇ، ياردەم بېرىدۇ، يېتەكلەيدۇ، شۇنىڭدەك، ئۇرۇشتىن قايتقاندا جەڭچىلەر ئائىلىسىنى، يۇرتىنى سېغىنىپ، قايتىشقا ئالدىرايدۇ. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قايتىش ھالىتىدە ئەترەت كۆپرەك تارتۇققا ھەقلىق
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز غازاتلىرىمىزدا ھەسەل ۋە ئۈزۈملەرنى ئولجا ئالاتتۇق، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارماي، ئۇنىڭدىن يەۋىرەتتۇق
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە مۇجاھىدلار جەڭ مەيدانىدا ئولجا ئالغان مېۋە ۋە يېمەكلىكلەردىن يېيىشىگە چەكلىمە يوق ئىكەنلىكى، قومانداننىڭ رۇخسىتىنى ئالمىسىمۇ بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، چۈنكى مۇجاھىد بەدىنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن غىزاغا مۇھتاج، ئۇنىڭدىن چەكلەش قوشۇنغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلاغلىرىغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، چۈنكى ئاشلىق ۋە ھەلەپنى ئىسلام دىيارىدىن يۆتكەپ كېلىش قېيىن، بۇ ئازغىنە يېمەكلىك غەنىمەتكە خىيانەت قىلىشقا كىرمەيدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىغا تالاش-تارتىش قىلىپ كەلگەن بىر توپ كىشىلەرنى قەسەم ئىچىشكە تەكلىپ قىلغان، ئۇلاردىن ھەر ئىككى تەرەپ قەسەم ئىچىشكە ئالدىرغاندا قايسى بۇرۇن قەسەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار ئارسىدا چەك تاشلاشقا بۇيرىغان
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىغا تالاش-تارتىش قىلىپ كەلگەن بىر توپ كىشىلەرنى قەسەم ئىچىشكە تەكلىپ قىلغان، ئۇلاردىن ھەر ئىككى تەرەپ قەسەم ئىچىشكە ئالدىرىغاندا قايسى بۇرۇن قەسەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار ئارىسىدا چەك تاشلاشقا بۇيرىغان، بۇ ھەدىستىن شۇ ئىپادىلىنىدۇكى، ئىككى كىشى ئۈچىنچى بىر كىشىنىڭ قولىدىكى نەرسىنى دەۋا قىلىپ كەلسە، ئۇلارنىڭ قولىدا ئىسپاتى بولمىسا، ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ قولىدا ئىسپات بولسىمۇ ئەمما ئۈچىنچى كىشى: مەن بۇ نەرسىنىڭ بۇ كىشىنىڭمۇ ياكى ئاۋۇ كىشىنىڭمۇ بۇنى بىلمەيمەن دېگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئىككى داۋاگەرنىڭ ئارىسىدا چەك تاشلاش بىلەن ھۆكۈم قىلىنىدۇ، چەك قايسىسىغا چىقسا شۇ كىشى قەسەم قىلىپ بېرىپ دەۋا قىلغان نەرسىسىنى ئالىدۇ
سەمرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆزىنىڭ نىكاھ چۈشمەيدىغان يېقىن تۇققانلىرىغا ئىگە بولىدىكەن، ئۇ تۇققىنى ھۆر بولىدۇ»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى ئۆزىنىڭ نىكاھ چۈشمەيدىغان يېقىن تۇغقانلىرىغا ئىگە بولىدىكەن، ئۇ تۇغقىنى شۇ كىشىنىڭ ئىگە بولىشى بىلەنلا ھۆر بولىدۇ. بىر كىشى ئۆزىنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى ياكى ھەمشىرىسى ياكى تاغىسى ياكى ھاممىسى ياكى باشقا يېقىن تۇغقانلىرىغا ئۇلارنى سېتىۋېلىش ياكى ھەدىيە ئېلىش ياكى غەنىمەت ئېلىش ياكى مىراس ئېلىش بىلەن ئىگە بولىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئۇلارنى دەرھال ئازاد قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ دېگەننى بايان قىلىپ بېرىدۇ