





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
سەفىينە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇممۇ سەلەمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ قۇلى ئىدىم، ئۇممۇ سەلەمە ماڭا:«سەن دۇنيادا ياشىغان مۇددەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىڭنى شەرت قىلىپ، سېنى ئازات قىلىمەن» دېدى، مەن: «ماڭا شەرت قىلمىسىلىمۇ دۇنيادا ياشىغان مۇددىتىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلمايمەن» دېدىم، ئۇ شەرت قىلىپ، مېنى ئازات قىلدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە سەفىينە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ھاياتلىقىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىش شەرتى بىلەن ئۇنى ئازات قىلغانلىقىنى، ئۇ: شەرت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ھاياتلا بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەرگىز ئايرىلمايدىغانلىقىنى، بېلدۈرگەندە، ئۇممۇ سەلەمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) شەرت قىلىپ، ئازات قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، ھەدىستە قۇل ئازات قىلىشتا شەرت قىلىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار
ئەمىر ئىبنى شۈئەيب دادىسىدىن، دادىسى چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قۇللۇقتىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن خوجايىنى بىلەن مەلۇم نەرسىگە توختام تۈزۈشكەن كىشىنىڭ زىممىسىدە بىر دەرھەم قالسىمۇ ئۇ يەنىلا قۇل ھېسابلىنىدۇ»
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە قۇللۇقتىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن خوجايىنى بىلەن مەلۇم نەرسىگە توختام تۈزۈشكەن كىشى زېممىسىدىكى توختامنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئادا قىلمىغۇچە ئۇ كىشى تولۇق ئازاد بولمايدۇ، ئۇنىڭغا ھۆر ئادەمنىڭ ھۆكمى بېرىلمەيدۇ، ئەگەر زېممىسىدە بىر دەرھەم قالسىمۇ ئۇ قۇل بولۇپ ئۇنىڭغا قۇلنىڭ ھۆكمى ئېجرا قېلىنىدۇ
ئەبۇ جۇھەيم ئىبنى ئەلھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچى ئۆزىگە بولىدىغان گۇناھنى بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ قىرىق تۇرۇشى، ئۆزى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشتىن ياخشىراق ئىدى. ئەبۇ نۇدر«راۋىي»: ئۇنىڭ قىرىق كۈن ياكى قىرىق ئاي ۋەياكى قىرىق يىل ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغاننامازخان ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغان ۋە تىۋىنغان ھالدا تۇرىدۇ، مۇشۇ ئەھۋالدا ئالدىدىن بىر كىشى ئۆتسە دىققىتى چېچىلىپ، ئىبادىتىگە سەلبى تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نامازخاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ نامىزىغا نۇقسان يەتكۈزگەن كىشىنىڭ گۇناھى ئېغىر بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېدىكى: ئەگەردە نامازنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچى ئۆزىگە يېزىلىدىغان گۇناھنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، ئۇ يەردىن ئۆتمەي ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ تۇرۇشنى ئەلا بىلەتتى. بۇ ھەدىس نامازنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ
ئەبۇ مەسئۇد ئۇقبە ئىبنى ئەمرۇ ئەلئەنسارى ئەلبەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاي ۋە كۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، ئۇنى تۇتۇلدۇرۇىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ھەم بىرىنىڭ ئۆلۈمى ياكى ياشىغانلىقى سەۋەپلىك تۇتۇلمايدۇ. ئەگەر ئاي ۋە كۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسەڭلار ناماز ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىڭلار
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاي ۋە كۈن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت كامالىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر، ئۇنىڭ تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى بىلىمسىز نادانلار ئويلىغاندەك كاتتا كىشىلەرنىڭ ياشىغانلىقى ياكى ئۆلۈمى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق، زېمىندىكى ئىشلار ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن، شۇ ئارقىلىق ئۇلار گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ ئاللاھ تائالاغا قايىتىشى ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاي ۋە كۈن تۇتۇلغاندا ئۇنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى نامازغا ۋە دۇئاغا ئالدىراشقا تەۋسىيە قىلدى، كائىناتتا ئاللاھ تائالانىڭ ھەر تۈرلۈك سىرلىرى بار
ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!ماڭا ساياھەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر» دېدى
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئىبادەتنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ توختىتىپ بېرىشى بىلەن بولىدىغانلىقى، مۇسۇلماننىڭ ئىبادەتنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە ئەمەس بەلكى ساغلام شەرىئەت بەلگىلەپ بەرگەن كەيپىياتقا مۇۋاپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن زېمىندا ساياھەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشىگە ئىبادەتنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىپ بەردى، زېمىندا ئىبادەت قىلىمەن دەپ سەيلى-ساياھەت قىلىش بولسا خرىستىئانلارنىڭ ئىشى بولۇپ، زېمىندا ساياھەت قىلىش دېگەن زېمىندا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش بولىدۇ، ئىسلام ئەھلىنىڭ ساياھىتى بولسا ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت
ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا نوختىلانغان بىر تۆگىنى ئىلىپ كېلىپ، بۇنى ئاللاھ يولىغا ئاتىدىم، دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ بىر تۆگەڭنىڭ ئورنىغا ساڭا قىيامەت كۈنى نۇختىلانغان 700 تۆگە بېرىلىدۇ، دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئاللاھ يولىدا خەير-ئېھسان، بولۇپمۇ ئۇرۇش مەيدانىدا مۇجاھىدلارغا ياردىمى بولىدىغان ئات، تۆگە ياكى باشقا قورال-ياراقلارنى ياردەم قىلىش قاتارلىقلارغا رىغبەتلەندۈرۈش بولۇپ، بۇنداق قىلغان كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا ھەسسىلەپ ئەجىر-ساۋاپ بېرىدۇ، بىر ياخشىلىققا يەتتە يۈز ھەسسە ئەجىر بىرىلىدۇ
«ھەقىقەتەن ھالالمۇ ئېنىقتۇر، ھاراممۇ ئېنىقتۇر، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەلمەيدىغان شۈبھىلىك ئىشلار بار، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانغان كىشى ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە يۈز ئابرۇيىنى ساقلاپ قالىدۇ، شۈبھىلىك ئىشقا كېرىپ قالغان كىشى ھارامغا كېرىپ قالىدۇ، خۇددى چىگرا ئەتراپىدا قوي باققان كىشىنىڭ قويلىرى چىگرادىن ئۆتۈپ كەتكىنىدەك، دىققەت قىلىڭلار! ھەر بىر پادىشاھنىڭ چەكلەيدىغان-قوغدايدىغان ئورۇنلىرى بولىدۇ، دىققەت قىلىڭلار! ئاللاھنىڭ چەكلىگەن ئورۇنلىرى ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردۇر، دىققەت قىلىڭلار! ئىنسان بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بولۇپ ئۇ ساغالام بولسا پۈتۈن بەدەن ساغلام بولىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزىلىدۇ، ئۇ قەلىبتىن ئىبارەتتۇر».
رواه البخاري ومسلمپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە نەرسىلەر توغرىسىدىكى ئومۇمى قائىدىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، نەرسىلەر شەرىئەتتە ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ: ئېنىق ھالال، ئېنىق ھارام ۋە (ھالال-ھاراملىق جەھەتتىن ھۆكمى ئېنىق بولمىغان) شۈبھىلىك ئىشلاردىن ئىبارەت، بۇ ئۈچىنچىسىنىڭ ھۆكمىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ. شۈبھىلىك ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشى ھارامغا چۈشۈپ قىلىشتىن يىراق بولۇش بىلەن ئۆزىنىڭ دىنىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ يۈز ئابرۇيىمۇ باشقىلارنىڭ بۇ كىشى شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ دەيدىغان تەنە سۆزلىرىدىن سالامەت قالىدۇ. شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق بولمىغان كىشى يا ھارامغا چۈشۈپ قىلىش ياكى كىشىلەرنىڭ مالامەتلىرىگە قىلىش بىلەن ئابرۇيىدىن چۈشىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشۈپ قالغان كىشىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ بىر مىسال بايان قىلىپ بەردى: ئۇ كىشى گوياكى باشقىلارنىڭ توسۇپ قويغان يېرىگە يېقىن جايدا قوي باقىدىغان پادىچىغا ئوخشايدۇ، ئۇ باشقىلارنىڭ زېمىنىغا يېقىن جايدا پادا باققانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىلىرى چوقۇم باشقىلارنىڭ زېمىنىغا كېرىپ كىتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ھارامغا يىقىن شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىنىڭ ھارامغا چۈشۈپ قىلىش ئېھتىمالى يۇقىرىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسان بەدىنىدە (قەلىبتىن ئىبارەت) بىر پارچە گۆشنىڭ بولىدىغانلىقى، ئۇ گۆش سالامەت بولسا بەدەننىڭمۇ سالامەت بولىدىغانلىقى، ئۇ گۆش بۇزۇلسا بەدەننىڭمۇ بۇزىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرگە گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟، دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خەۋەر بەرسىلە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش» دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان بولۇپ بۇ سۆزنى دەپ بولغاندىن كېيىن تىك ئولتۇرۇپ: «يالغان سۆز قىلىشتىن ئاگاھ بولۇڭلار» دەپ، بۇ سۆزنى كۆپ تەكرارلىدى، ھەتتا بىز: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توختىغان بولسىكەن دەپ قالدۇق».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا چوڭ گۇناھلاردىن خەۋەر بېرىپ تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك گۇناھنى زىكىر قىلدى: 1-ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش: ئۇ ئىبادەتنىڭ تۈرلىرىدىن قايسى بىر تۈرىنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىش، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا، پەرۋەردىگارلىقىغا، گۈزەل ئىسىم - سۈپەتلىرىدە يېگانىلىقىغا ئاللاھنىڭ غەيرىنى باراۋەر قىلىش دېمەكتۇر. 2-ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش: بۇ ئاغزاكى ياكى ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن بولسۇن ئاتا-ئانىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەرك قىلىش دېمەكتۇر. 3-يالغان سۆزلەش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش: باشقىلارنىڭ مېلىنى ئېلىۋىلىش، ھەق-ھوقۇق، يۈز ئابرۇيىغا تاجاۋۇز قىلىش دېگەندەك باشقىلارنى چۈشۈرۈش مەقسەت قىلىنىدىغان يالغان ۋە ئويدۇرما سۆزلەردىن ئىبارەت. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يالغان، ئويدۇرما سۆزنىڭ قەبىھلىكى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە بولغان سەلبى تەسىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنى تەكرار سۆزلىدى، ھەتتا ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇ چەكلىگەن ئىشنى ئۆچ كۆرۈپ كاشكى توختىغان بولسا ئىكەن دېيىشتى.
مىقدام بىن مەدىي كەرۈب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسۇن».
ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نىسائى سۈنەن كۇبرادا ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىدىغان ۋە ئۆز ئارا مېھرى-مۇھەببەت پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەردىن بىرىنى بايان قىلىپ، ئۇ بولسىمۇ؛ ئىنسان بىر دىنى قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتۇر.