





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ راپىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىمىكى مېيىتنى يۇيۇپ، مېيىتنىڭ بەدىنىدىكى يامان ئەھۋالنى يوشۇرسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ گۇناھىنى قىرىق نۆۋەت مەغپىرەت قىلىدۇ»
بەيھەقى"شۆئەبىل ئىمان"(ئىمان شاخچىلىرى)ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھاكىم "مۇستەدرەك"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تەبرانىي"مۆجەم كۇبرا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە مېيىت يۇغاننىڭ ۋە مېيىت بەدىنىدە بىرەر ئەيىپنى كۆرسە ئۇنى يوشۇرغاننىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ، مېيىتتىن كۆرۈلگەن ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچى تۈرى، مېيىتنىڭ ئۆز ھالىتىگە ئالاقىدار بولغىنى، ئىككىنچى تۈرى: مېيىتنىڭ بەدىنىگە ئالاقىدار بولغىنىدۇر. بىرىنچىسى: ئەگەر مېيىتنىڭ چىرايىدا ئۆزگۈرۈشنى، رەڭگىنىڭ قارىداپ، شەكلىنىڭ سەتلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر، ئاللاھ ھەممەيلەننى بۇنداق ئاقىۋەتتىن ساقلىسۇن، مېيىت يۇغۇچىنىڭ باشقىلارغا: مەن پالانىنى يۇغاندا ئۇنىڭدا مۇنداق، مۇنداق سۈپەتلەرنى كۆردۈم دەپ ئۇنىڭ يامان سۈپەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارىنىڭ تەرىپىگە يول ئالغان، ئۆزىگە مۇناسىپ پەزىلەت ياكى ئادالەت بىلەن جازالىنىدىغان كىشىنىڭ ئەيىۋىنى ئېچىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىككىنچىسى: مېيىتنىڭ ئۇچىسىدا بىرەر ئەيىپنى كۆرگەن بولسا، ھاياتىدا ئۇنى كىشىلەردىن يوشۇرغان بولسا، يوشۇرغۇچىغا قىرىق نۆۋەتلىك كەچۈرۈمدىن ئىبارەت كاتتا ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ
ئۇدەي ئىبنى ھاتەمدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئوۋچىلىققا ئۈگۈتىلگەن ئىتىمنى “بىسمىللاھ” دەپ قويۇپ بېرىمەن، ماڭا ئوۋ تۇتۇپ كىلىدۇ، مەن «بىسمىللاھ» دەيمەن، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئىتىڭنى “بىسمىللاھ” دەپ قويۇۋەتكەن بولساڭ، ئىتىڭ ئوۋلىغان ھايۋاننى يېگىن، دېدى. ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسىچۇ، دېسەم، ئۇ يەردە باشقا ئىت بولمىسا سېنىڭ ئىتىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، يىگىن، دېدى. مەن يەنە رەسۇلۇللاھتىن ئۇچى ئۇچلۇق، ئوتتۇرى توم كالتەك بىلەن ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ھۆكمىنى سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالم: ئەگەر ئوۋغا ئاتقان كالتىكىڭنىڭ ئۇچى تېگىپ قان ئاققان بولسا، ئۇنى يېسەڭ بولىدۇ. ئەگەر ئۇچى تەگمەي، توغرىسى تېگىپ ئۆلۈپ قالغان بولسا يېمىگىن، دېدى. شەئبى ئۇدەي ئىبنى ھاتەمدىن بايان قىلغان ھەدىستە: ئىت يىگەن بولسا يىمىگىن، دېدى. چۈنكى ئۇنى ئۆزىگە تۇتقان بولىدۇ، يەنە سېنىڭ ئىتىڭ بىلەن باشقا ئىتلار بىللە ئوۋلىغان بولسا يىمىگىن، چۈنكى سەن ئۆز ئىتىڭنى “بىسمىللاھ” دەپ قويۇپ بەرگەن، باشقا ئىتقا ئۇنداق قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن، دېدى. ئۇ ھەدىستە يەنە مۇنداق كەلگەن: ئىتىڭنى قويىۋەتكەندە «بىسمىللاھ» دېگىن، ساڭا ئوۋ تۇتۇپ بەرگەندە تىرىك بولسا بوغۇزلاپ يىگىن. ئەگەر ئوۋ ئۆلگەن، ئىتىڭ ئۇنىڭدىن يىمىگەن بولسا ئۇنى بوغۇزلىماي يەۋەرگىن، چۈنكى ئىتنىڭ تۇتقىنى بوغۇزلىغاننىڭ ئورنىدا. يەنە ئۇ ھەدىستە: يا ئوقىنى «بىسمىللاھ» دەپ ئاتقان بولساڭ، ئۇنى بىر ياكى ئىككى كۈندە تاپساڭ، يەنە بىر ئىبارىدە ئىككىنچى ياكى ئۈچۈنچى كۈنى تاپساڭ، سېنىڭ يا ئوقۇڭنىڭ بەلگىسى بولسا، ئۇنى خالىساڭ يىگىن، ئەمما سۇدا ئېقىپ كەتكەن بولسا ئۇنى يىمىگىن، چۈنكى ئۇنى يا ئوقۇڭ ئۆلتۈردىمۇ ياكى سۇدا غەرىق بولۇپ ئۆلدىمۇ سەن بىلمەيسەن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئۇدەي ئىبنى ھاتەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئوۋغا ئۈگۈتۈلگەن ئىت بىلەن ئوۋلانغان نەرسىنىڭ ھۆكمىنى سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: ئىتىڭنى «بىسمىللاھ» دەپ قويۇپ بەرسەڭ، ئىتىڭ بىلەن باشقا ئىتلار بولمىسا ئۇنى يىگىن، ئەگەر ئىتىڭ بىلەن باشقا ئىتلار بولسا ئۇنى يىمىگىن، چۈنكى سەن ئىتىڭغىلا «بىسمىللاھ» دېدىڭ باشقىلارنىڭ ئىتىغا «بىسمىللاھ» دېمىدىڭ. يەنە شۇنىڭدەك نەيزە ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن ئوۋلىساڭ، نەيزە ئۈچى ئوۋغا كىرىپ قان ئاققۇزسا «بىسمىللاھ» دېگەن بولساڭ يىگىن، ئەگەردە نەيزىنىڭ يان تەرىپى تىگىپ ئۆلگەن بولسا يىمىگىن، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن، «ئىگىزدىن» يىقىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. ئىتنى قويۇپ بەرگەندە ئوۋنى تىرىك تۇتسا ئوۋنى بوغۇزلاش ۋاجىب، ئۇ ۋاقىتتا باشقا ئىتلار ئوۋ يېنىدا بىللە بولسىمۇ بوغۇزلاش بىلەن ھالال بولىدۇ، دېدى. يا ئوقى بىلەن ئوۋلاش توغرىسىدا سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ جاۋاب بېرىپ، ئەگەردە «بىسمىللاھ» دەپ ئوقنى ئاتقان بولسا، ئۇنى يىسە بولىدۇ، ئەگەردە ئاتقان ئوۋنى بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن تاپسا، ئۇنىڭدا ئوقىنىڭ بەلگە نىشانى بولسا يېيىش دۇرۇس، ئەمما سۇغا چۈشكەن بولسا، ئۇنى يىمىسۇن، چۈنكى ئۇ سۇدا ئولدىمۇ ياكى يا ئوقى بىلەن ئولدىمۇ ئۇنىسى نامەلۇم
ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر ئايال: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ بىر كۈندىشىم بار (ئېرىمنىڭ يەنە بىر ئايالى) مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئېرىم ماڭا بەرمىگەن نەرسە بىلەن ئۆزۈمنى خوشال كۆرسەتسەم ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بېرىلمىگەن نەرسە بىلەن ئۆزىنى خوشال كۆرسەتكەن كىشى يالغانچىلىقنىڭ ئىككى تونىنى كىيگۈچىگە ئوخشاش» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئېرىنىڭ يەنە بىر ئايالى بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ كۈندىشىنى تېرىك تۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلەپ، ئېرىم ماڭا مۇنداق، مۇنداق نەرسىلەرنى بەردى دېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بۇنداق دېسە ئۆزىگە گۇناھ بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: ئۆزىدە بولمىغان نەرسە بىلەن زىننەتلىنىپ، ئۆزىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان كىشىنىڭ بوھتانچى ۋە يالغانچى بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئى ئاللاھ! چېچىنى چۈشۈرگەنلەرگە رەھمەت قىل، دەپ دۇئا قىلغان ئىدى. ساھابىلەر: قىسقارتقانلارغىچۇ ئى رەسۇلۇللاھ! دېگەندە، رەسۇلۇللاھ «يەنىلا»: ئى ئاللاھ! چېچىنى چۈشۈرگەنلەرگە رەھمەت قىل، دېدى. ساھابىلەر: قىسقارتقانلارغىچۇ ئى رەسۇلۇللاھ دېۋىدى، ئى ئاللاھ! چېچىنى چۈشۈرگەنلەرگە رەھمەت قىل، دېدى. قىسقارتقانلارغىچۇ ئى رەسۇلۇللاھ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: قىسقارتقانلارغىمۇ رەھمەت قىل دەپ دۇئا قىلدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانچاچ چۈشۈرۈش ۋە قىسقارتىش ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ جۇملىسىدىن. چاچنى چۈشۈرۈش قىسقارتقاندىن ئەۋزەل چۈنكى چاچنىڭ تېگىدىن ئېلىۋىتىش ئاللاھ تائالاغا تولۇق بۇيسۇنغانلىق بولۇپ ئۇ ئىبادەتنىڭ ماھىيتىگە، ئاللاھ تائالاغا يىلىنىشقا ئەڭ يېقىن، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چاچ چۈشۈرگۈچىلەرگە ئۈچ قېتىم دۇئا قىلغاندا، ساھابىلەر قىسقارتقانلارنى ئەسلەتكەن بولسىمۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىغان، ئۈچنچى ياكى تورتىنچى قېتىمدا ئۇلارنىمۇ دۇئادا قاتقانلىقى ھەج ۋە ئۆمرىدە ئەرلەرگە نىسبەتەن چاچ چۈشۈرۈشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ پەقەت ھەج تەمەتتۇئدىن باشقا ئەھۋاللاردا. ئەمما ھەج تەممتۇئدا ئۆمرە بىلەن ھەجنىڭ ئارلىقى قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆمرىدە چاچنى قىسقارتىپ ھەجدە چۈشۈرۈش ئەۋزەل
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇزدەلىپىدە شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ ھەر بىرىگە بىردىن تەكبىر ئېيتىپ ئوقۇدى، شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىلىقىدا ياكى كەينىدىن نەپلە ئوقۇمىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەرەپات كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوياش ئولتۇرغاندا شام نامازنى ئوقۇماستىن مۇزدەلىپەگە قاراپ يولغا چىقتى، شام بىلەن خۇپتەننى بىر ئەزان ئىككى تەكبىر بىلەن ئۇ يەردە كىچىكتۈرۈپ جۇغلاپ ئوقۇدى. ئىككى نامازنىڭ ئارسىنى جۇغلىدى دېگەن مەنانى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئارىلىقىدا ۋە ياكى كەينىدىن سۈننەت، نەپلە ناماز ئوقۇمىدى، ئاندىن كېيىنكى ھەج پائالىيەتلىرىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بىر ئاز ئارام ئالدى
ئۇممۇ ئەتىييە نۇسەيبە ئەنسارىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى ئىككى ھېيىت نامىزىغا بويىغا يەتكەن ۋە چىمىلداقتا ئولتۇرىدىغان قىزلارنىمۇ ئېلىپ چىقىشىمىزغا بۇيرىدى، ھەيىزدارلارنى ناماز ئوقۇلىدىغان جايدىن ئايرىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىدى. يەنە بىر ئىبارىدە: بىز ھېيىت نامىزىغا چىقىشقا بۇيرۇلدۇق، ھەتتاكى ھەيىزدارلار، ئىچكىرى ئويلەردە تۇرىدىغان قىزلارنىمۇ ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇلدۇق. ئۇلار جامائەت بىلەن بىرلىكتە تەكبىر ئېيتىدۇ، دۇئا قىلىدۇ، شۇ كۈننىڭ بەركىتى ۋە مەغپىرىتىنى ئۈمىت قىلىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانروزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت كۈنىلىرى پەزىلەتلىك كۈنلەردىن، ئۇنىڭدا ئىسلام بەلگىلىرى نامايەن بولىدۇ، نامازغا يېغىلىش ۋە ئۇنىڭدا سەپ-سەپ بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلاردىكى قېرنداشلىق گۈزەل بىر تۈس ئالىدۇ. ھەر يۇرۇت كىشىلىرى بىرلىك ۋە ئىتىپاقلىق، دوستانىلىقنى بىر مەيدانغا يېغىلىپ كۆرسىتىدۇ، ئىسلام غەلبىسى ۋە ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، نامازلارنى تۇرغۇزۇش، شەرىئەت بەلگىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن يىغىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممە ئاياللارنى نامازغا چىقىشقا بۇيرىغان، ھەتتا ئۇلاردىن ھەيىزدار بولسۇن، توي قىلىش ئالدىدىكى ئۆيدىن چىقمايدىغان قىزلار بولسۇن چىقىشقا بۇيرىدى، ئەمما ھەيىزدارلار ناماز ئوقۇلىدىغان جايدىن ئايرىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىلدى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئالىرىغا قاتنىشىپ ئاشۇ كۈننىڭ بەركىتىگە ۋە ساۋابىغا، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مۇكاپاتى يېقىن بولىدۇ. ئىككى ھېيىت نامىزى پەرز كۇپايىدۇر
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرغاندا مۇنداق دەيتتى: «مەن باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن. ئى ئاللاھ! سەن پادىشاھسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن. مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلدىم، پۈتۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن. مېنى ياخشى ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلارغا يېتەكلىگىن، ياخشى ئەخلاقلارغا پەقەت سەنلا يېتەكلەيسەن، مەندىكى ناچار ئەخلاقلارنى ئىسلاھ قىلغىن، ناچار ئەخلاقلارنى سەنلا ئۆزگەرتىسەن، مەن سېنىڭ خىزمىتىڭگە ھازىرمەن، ساڭا خىزمەت قىلىشنى بەخت دەپ بىلىمەن، ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، يامانلىق ساڭا مەنسۇپ ئەمەس، قۇتۇلۇش ۋە باشپاناھلىق پەقەت سېنىڭ دەرگاھىڭدىدۇر. سەن بۈيۈكسەن، ئۈستۈنسەن، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن» دەيتتى. رۇكۇ قىلغاندا: «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ ساڭا رۇكۇ قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم، ساڭا بويسۇندۇم، قۇلۇقۇم، كۆزۈم، مىڭەم، سۆڭەك ۋە پەيلىرىم سەندىن ئىتائەت قىلدى» دەيتتى. رۇكۇدىن تۇرغاندا: «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! ساڭا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى ۋە باشقا سەن خالىغان شەيئىلەر توشقۇدەك ھەمدىلەر بولسۇن» دەيتتى. سەجدە قىلغاندا: «ئى ئاللاھ ساڭا سەجدە قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم ۋە بويسۇندۇم، يۈزۈم ياراتقان، شەكىلگە كىرگۈزگەن، كۆز ۋە قۇلاق ئاتا قىلغان ئىگىسىگە سەجدە قىلدى، ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، دەيتتى. ئاندىن ئاخىرىدا تەشەھھۇد بىلەن سالام بېرىشنىڭ ئالدىدا: «ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، ئاشكارا-يوشۇرۇن، چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلغان، سەن مەندىن ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن ئىلگىرىلەتكۈچىسەن ۋە كەينىدە قالدۇرغۇچىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دەيتتى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرغاندا مۇنداق دەيتتى: «مەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم» يەنى ئىبادەت بىلەن يۈزلەندىم، ئاسمان زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت بىلەن يۈزلەندىم، باشقا ئىلاھلاردىن يۈز ئۆرىدىم، چۈنكى مەخلۇقلارنى بۇ شەكىلدە گۈزەل، پۇختا ياراتقان زات يۈزلىنىشكە، قەلىبلەر ھەممە ئىشتا ئۇنىڭغا باغلىنىپ، باشقىغا نەزىرىنى سالماي، رازىلىقى ۋە ياخشىلىقىنى ئۈمد قىلىشقا لايىق. «توغرا يولدا بولۇپ، مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن» يەنى باتىل دىنلاردىن ھەق دىن بولغان ئىسلام دىنىغا بۇرۇلۇپ، مۇستەھكەم تۇرغان كىشىمەن. ئەرەب تىلىدا «حنيف» دېگەن سۆز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئىشلىتىلگەن. «نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن شۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم، مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن» يەنى نامىزىم، ئىبادىتىم، پائالىيەتلىرىم پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ھېچبىرىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن، يەنە شۇنىڭدەك ھاياتىم ۋە ئۆلۈمۈم ياراتقان ۋە تەقدىرىنى پۈتكەن، بۇ ئىككى ئىشقا ھىچكىمنى ئارىلاشتۇرمىغان، زاتىدا، سۈپەتلىرىدە، ئىشلىرىدا شېرىكى يوق ئاللاھقا مەنسۈپتۇر، مېنى رەببىم تەۋھىدكە ۋە ئىخلاسقا بۇيرىدى، مەن ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ، ئىتائەت قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىن، دېدى، ئاندىن: «ئى ئاللاھ! سەن پادىشاھسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلدىم، پۈتۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن» دېدى. يەنى: ئى ئاللاھ! سەن پادىشاھ، سەندىن باشقا پادىشاھ يوقتۇر، سەندىن باشقىلارنىڭ ھەقىقى پادىشاھلىقى يوق، سەن ئىلاھلىق سەلتەنەتىدە يەككە-يىگانىسەن، سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق كىشى يوق، سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم، مەن سېنىڭ بەندەڭ، سېنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتى قىلىپ، گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى قىلىپ ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلىرىمنى ئىتراپ قىلدىم، گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن، چۈنكى سەن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرسەن. ئاندىن مۇنداق دېدى: «مېنى ئەخلاقلارنىڭ ياخشىسىغا يېتەكلىگىن، ئۇنىڭ ياخشىسىغا پەقەت سەنلا يېتەكلەيسەن، يامان ئەخلاقلاردىن مېنى قايتۇرغىن، چۈنكى ئۇنىڭدىن پەقەت سەنلا قايتۇرىسەن» يەنى: ماڭا ئىبادەتتە ۋە باشقا ئىشلاردىكى يوشۇرۇن، ئاشكارا گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى كۆرسەتكىن، ماڭا مۇۋاپىقىيەت بېرىپ چىڭ تۇرغۇزغىن ۋە مىنى يەتكۈزگىن. «مەن سېنىڭ خىزمىتىڭگە ھازىرمەن، ساڭا خىزمەت قىلىشنى بەخت دەپ بىلىمەن» يەنى: ساڭا ئىتائەت قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمەن، ساڭا ئىتائەت قىلىپ، دەۋىتىڭگە ئاۋاز قوشۇش بىلەن ئۆزۈمنى چەكسىز بەخىتلىك ھېساپلايمەن. «ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قولۇڭدىدۇر» يەنى: بارلىق ياخشىلىق سىنىڭ باشقۇرۇشۇڭ ئىچىدە، سەن ئىگە بولۇپ خالىغىنىڭچە باشقۇرىسەن. «يامانلىق ساڭا مەنسۇپ ئەمەس» يەنى: يامانلىق مەخلۇقاتلىرىڭ ئىچىدە سىنىڭ قىلىشىڭ بىلەن ئەمەس، تەسىرىڭ بىلەن يۈز بىرىدۇ. يامانلىقنى ئاللاھنىڭ زاتى، سۈپەتلىرى، ئىشلىرى ۋە ئىسىملىرىغا چېتىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ زاتى ھەممە تەرەپتىن مۇتلەق مۇكەممەل، بارلىق سۈپەتلىرى مۇكەممەل سۈپەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭغا قارىتا مەدھىيىلىنىدۇ ۋە ياخشى تەرىپى قىلىنىدۇ. بارلىق ئىشلىرى ياخشىلىق، رەھمەت، ئادالەت ۋە ھىكمەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئازراقمۇ يامانلىق يوق. ھەممە ئىسىملىرى گۈزەل تۇرسا ئاللاھقا قانداقمۇ يامانلىق مەنسۇپ قىلىنسۇن؟، لېكىن يامانلىق ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە، ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن بولىدۇ، ئۇ ئايرىم ئىشتۇر، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىشى ئۇنىڭ تەسىرىدىن باشقا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشىنىڭ ھەممىسى ياخشى. ئەمما تەسىر قوبۇل قىلىدىغان مەخلۇقتا ياخشىلىق- يامانلىق بولىدۇ، يامانلىق يارىتىلغان لېكىن ئاللاھ ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقمايدىغان ئايرىم ئىش بولسا، ئۇنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ئاللاھ يامانلىقنى ياراتمىغان دەپ قارايدىغان مۆئتەزىلە پىرقىسى بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولغانلىق ئەمەس، چۈنكى ئاللاھ ياخشىلىق يامانلىقنى، شۇنداقلا بارلىق شەيئىنى ياراتقۇچىدۇر. «مەن سەن بىلەن، ساڭا» يەنى" سەن بىلەن پاناھلىنىمەن ۋە ساڭا تايىنىپ تۇرىمەن، ساڭا قايتىپ، ئىلتىجا قىلىپ يېلىنىمەن، ياكى سەن بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىدىم ۋە ئىشىم ساڭا يەتتى، سەن باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نوقتىسىسەن. «سەن بىلەن ياردەم تەلەپ قىلىمەن ۋە ساڭا يۈزلىنىمەن» دېگەنلىك دېگۈچىلەرمۇ بار. «سەن ئۇلۇغ ۋە ئۈستۈنسەن»، يەنى: ئۇلۇغسەن، بۈيۈكسەن، ياخشىلىقىڭ كۆپتۇر، خىياللاردا ئويلاپ، ئەقىللەردە تەسەۋۋۇر قىلغاندىن ئۈستۈنسەن ۋە ئەيىپ-نوقساندىن پاكسەن. «سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن»، يەنى: ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە كىيىنكى ئۆمرۈمدە ئۆلگەنگە قەدەر مۇۋاپىقىيەتلىك بىلەن چىڭ تۇرۇپ ساڭا يۈزلىنىپ، گۇناھ قىلىشتىن قايتىمەن. رۇكۇ قىلغاندا: «ئى ئاللاھ! ساڭا رۇكۇ قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم ۋە بويسۇندۇم، قۇلۇقۇم، كۆزۈم، نىرۋام، مىڭەم ۋە پەيلىرىم ساڭا بويسۇندى» دەيتتى. رۇكۇدىن تۇرغاندا «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ ساڭا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئارلىقى توشقۇدەك ۋە باشقا سەن خالىغان جايلار توشقۇدەك ھەمدىلەر بولسۇن» دەيتتى. سەجدە قىلغاندا: «ئى ئاللاھ ساڭا سەجدە قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم ۋە بويسۇندۇم، يۈزۈم ياراتقان، شەكىلگە كىرگۈزگەن، كۆز ۋە قۇلاق ئاتا قىلغان ئىگىسىگە سەجدە قىلدى، ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر» دەيتتى. ئاندىن ئاخىرىدا تەشەھھۇد ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىشنىڭ ئالدىدا: «ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، ئاشكارا-يوشۇرۇن، چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلغان، سەن مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن تائەت ئىبادەتتە كىمنى خالىساڭ ئىلگىرىلەتكۈچى ۋە كىمنى خالىساڭ كېيىن قالدۇرغۇچى زاتسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دەيتتى
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى تەھەججۇت ئوقۇغاندا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ!، بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمانلار ۋە زېمىننى باشقۇرغۇچىسەن، بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىسەن، بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ نۇرىسەن، سەن ھەقسەن، سۆزۈڭ ھەقتۇر، ۋەدەڭ ھەقتۇر، سەن بىلەن ئۇچرىشىش ھەقتۇر، جەننەت ھەقتۇر، دوزاخ ھەقتۇر، قىيامەت ھەقتۇر، ئى ئاللاھ!، ساڭا بويسۇندۇم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم، ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم، سەن تەرەپتە تۇرۇپ داۋالاشتىم، سېنىڭ ھۆكمىڭنى يۈرگۈزدۈم، مېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى، ئاشكارا-يوشۇرۇن، سەن مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى نامازغا تۇرغاندا باشلاش تەكبىرىدىن كېيىن: «ئى ئاللاھ!، گۈزەل مەدھىيلەر ساڭا خاستۇر» يەنى: ئۇ ئاللاھ ئۆزىنىڭ بارلىق ئىسىملىرى، سۈپەتلىرى، نېمەتلىرى، ياردەملىرى، ياراتقانلىقى، ئىش-ھەرىكەتلىرى، بۇيرۇقى، ھۆكمىدە ماختالغۇچىدۇر، ئۇ ئاللاھ ئەۋۋەلدە، ئاخىرىدا، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ماختالغۇچىدۇر». ئاندىن مۇنداق دېدى: «سەن ئاسمان-زېمىننى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى» يەنى: سەن يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچى، ئۇلارنى ياخشىلاش ۋە باشقۇرۇش ئارقىلىق ئىدارە قىلغۇچى، سەن ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى، ئىگە، تەدبىر قىلغۇچى، ھاياتلىق ۋە ماماتلىق ئاتا قىلغۇچىدۇرسەن. يەنە مۇنداق دېدى: «ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىسەن» يەنى: سەن ئۇ ئىككىسى ۋە ئىككىسىدىكى كىشىلارنىڭ ئىگىسى، خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلغۇچى، يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچى، ئىگىدارچىلىق ساڭا خاس، ساڭا شېرىك بولىدىغان ياكى سەن بىلەن بىرگە تەدبىر قىلىدىغان ھېچكىم يوق، سەن بەرىكەتلىك ۋە ئالىيسەن. ئاندىن مۇنداق دېدى: «ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ نۇرىسەن» نۇر ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر، ئاللاھ نۇر بىلەن ئۆز خەلقىدىن چەكلىنىدۇ، ئاللاھ ئاسمان-زېمىننىڭ نۇرلاندۇرغۇچىدۇر، ئاسمان-زېمىن ئەھلىنى توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر، ئاللاھ تائالانىڭ نۇر سۈپىتىنى ئىنكار قىلىش ياكى ئۆزگەرتىش توغرا بولمايدۇ. ئاندىن مۇنداق دېدى: «سەن ھەق»، ھەق: ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر، ئاللاھ ئۆزىنىڭ زاتىدا ۋە سۈپىتىدە ھەقدۇر، ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقى زۆرۈردۇر، كامالى سۈپەت ئىگىسىدۇر، ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقى زاتىنىڭ زۆرۈرىيەتلىرىدىندۇر، ھەممە نەرسىنىڭ مەۋجۇد بولىشى ئاللاھ بىلەندۇر. ئاندىن مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ سۆزۈڭ ھەقتۇر» يەنى: سېنىڭ دېگەن سۆزۈڭ راست، ھەق ۋە ئادالەتتۇر، ئىلگىرى، كېيىن، خەۋىرى، ھۆكمى، شەرىئىتى، ۋەدىسى، تەھدىدىدە باتىل ئارىلاشمايدۇ. ئاندىن مۇنداق دېدى: «سېنىڭ ۋەدەڭ ھەقتۇر» يەنى: سەن قىلغان ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن، سەن ۋەدە قىلغان نەرسە ۋەدە قىلغان بويىچە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئۇنىڭدا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش بولمايدۇ. ئاندىن مۇنداق دېدى: «سەن بىلەن ئۇچرىشىش ھەقتۇر»، يەنى: بەندىلەر چوقۇم سەن بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا بىرىسەن. ئۇچرىشىش ئاللاھنى كۆرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاندىن مۇنداق دېدى: «جەننەت ۋە دوزاخ ھەقتۇر»، يەنى: بۇ ئىككىسى سەن خەۋەر بەرگەندەك مەۋجۇتتۇر، بېكىتىلگەندۇر، بۇ ئىككىسى ئۆز ئەھلى ئۈچۈن تەييارلانغاندۇر، بۇ جايدا مەڭگۈ قالىدۇ، بەندىلەرنىڭ ئاخىرقى بارىدىغان جايىدۇر. ئاندىن مۇنداق دېدى: «قىيامەت ھەقتۇر»، يەنى: قىيامەتنىڭ بولىشى شەكسىز ھەقتۇر، بۇنىڭ بولىشى زۆرۈر بولۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئاخىرەتنىڭ باشلىنىشىدۇر. «ئى ئاللاھ! ساڭا بويسۇندۇم» يەنى: سېنىڭ ھۆكمىڭگە تەسلىم بولدۇم، بويسۇندۇم، رازى بولدۇم. «ساڭا ئىمان ئېيتتىم» يەنى: ساڭا ۋە سەن نازىل قىلغان نەرسىگە ئىشەندىم ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلدىم. «ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم» يەنى: ساڭا تاياندىم ۋە ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم. «سەن تەرەپتە تۇرۇپ داۋالاشتىم» يەنى: سەن ماڭا بەرگەن پاكىتلارنى قارشى تۇرغۇچىغا ھۆججەت قىلىپ غەلىبە قىلدىم. «سېنىڭ ھۆكمۈڭنى يۈرگۈزدۈم» يەنى: ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقان ياكى ئۇنى ئىنكار قىلغان كىشىگە سەندىن ھۆكۈم تەلەپ قىلدىم، بارلىق تاغۇتنىڭ ئۆزى تۈزگەن قانۇنىدىن ياكى كاھىن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسانلار ھۆكۈم تەلەپ قىلىدىغان، شەرىئەتكە زىت بولغان باتىل قانۇندىن يىراق بولۇپ، مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سېنى ھۆكۈمدار قىلدىم. «مېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى، ئاشكارا-يوشۇرۇن، سەن مەندىن ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن» يەنى: مېنىڭ قىلغان ياكى كەلگۈسىدە قىلىدىغان، سېنىڭ خەلقىڭدىن بىرىگە ئاشكارا بولغان ياكى ئۇلاردىن مەخپى بولغان، سەندىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدىغان گۇناھىمنى كەچۈرگىن. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئاسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «ئى ئاللاھ!، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» يەنى: سەندىن باشقىغا يۈزلەنمەيمەن، سەندىن باشقا ئىلاھلارنىڭ ھەممىسى باتىلدۇر، ئۇنىڭغا قىلىنغان چاقىرىق ئازغۇنلۇق ۋە ۋابالدۇر. مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بىكىتكەن تەۋھىد ئەقىدىسىدۇر
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يۇيۇنۇپ ئاشقان سۈيىدە يۇيۇناتتى، دېگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالى مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يۇيۇنۇپ ئاشقان سۈيىدە يۇيۇناتتى