Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way






























Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
خوشنىلارنىڭ بىر-بىرى ئۈستىدە ھەققى بار، بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خوشنىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ دائىم ئۇنى خوشنىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشنى تاپىلىغانلىقىنى، ھەتتا ھەققىنىڭ چوڭلىقىدىن، ياخشىلىق قىلىش ۋاجىبلىقىدىن خوشنىنى ئۆزىگە مىراسخور بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. يۇقىرىقى كۆرسەتمىلەرگە ئاساسەن خوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، ياخشى تەسىر قالدۇرۇش، ھەق-ھوقۇقىغا رىئايە قىلىش ۋاجىپ، بىر-بىرىدىن ماددى ۋە مەنىۋى زىيانلارنى توسۇپ قېلىش ۋاجىپ. ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش ۋە ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش تۈرلىرىدىن: بىر تەرەپكە ئېغىر زىيان بولمايدىغان ئىشلاردا ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ جۈملىسىدىن خوشنىسى تېمىغا ياغاچ قويىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇ كىشىگە بۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلمىسە تام ئىگىسى بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ رۇخسەت قىلمىسا ھاكىمىيەت ئۇنى مەجبۇرلىسا بولىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشىگە زىيان بولىدىغان بولسا ياكى خوشنا ئۇنىڭغا ئىھتىياجى بولمىسا، زىيان زىيان بىلەن يوقىتىلمايدۇ، مۇسۇلماننىڭ ھەققى ئەسلىدە چەكلەش بولغاچقا، رۇخسەت قىلىشى ۋاجىپ بولمايدۇ، ئەبۇ ھۇرەيرە شەرىئەتنىڭ مەقسىدىنى چۈشەنگەچكە ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىپلىگەن ۋە ئۇلارغا تەھدىت سۆزى ئىشلىتىپ، ئاللاھ تائالا خوشنىلارنىڭ بىر-بىرىگە ياخشىلىق قىلىشنى پەرز قىلغان، بۇنىڭغا رىئايە قىلىش كېرەك، دېگەن. ئالىملار ئەگەر تامغا ياغاچ قويۇش خوشنىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بولسا، تام ئىگىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ قويۇش كېرەك، دېگەن. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ھەدىستە: زىيان تارتىش ۋە باشقىلارغا زىيان سېلىش توغرا ئەمەس، دېگەن
بۇ ساھابە كىرام بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ ساھابىلىرىغا نامازدا ئىمام بولاتتى، ئىقتىدا قىلغانلارنىڭ ھەرىكەتلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرىكەتلىرى تامام بولغاندىن كېيىن بولاتتى. مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەگەر رۇكۇدىن باش كۆتۈرۈپ (سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە) دېسە، ساھابىلىرى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قەددىنى رۇسلايتتى. رەسۇلۇللاھ سەجدىگە بېرىپ يەرگە بېشى تەگكەندىن كېيىن ئۇلارمۇ سەجدىگە باراتتى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر كىشى كېسەل بولۇپ قالسا ۋە ياكى بەدىنىدە جاراھەت بولسا بېگىز بارمىقىنى ئېغىزى بىلەن نەمدەپ، ئۇنى توپىغا تەككۈزۈپ، بىر ئاز توپا چاپلاشسا، ئۇنى كېسەلنىڭ بەدىنىگە ياكى ئاغرىق جايغا قويۇپ تۇرۇپ: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، زېمىنىمىزنىڭ تۇپرىقى بىلەن، بەزىمىزنىڭ ئېغىز سۈيى بىلەن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىزنى بىلەن كېسەللىرىمىز شىپا تاپىدۇ» دەپ دۇئا قىلاتتى
سۈننەتتە: ئەگەر بىر كىشى بىر قىزنى چوكاننىڭ ئۈستىگە ئالسا، قىزنىڭ ياتىقىدا يەتتە كۈن تۇرۇپ، ئۇنى كۆندۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ياتسىرىشىنى ۋە خىجىل بولىشىنى يوقىتىدۇ. ئاندىن كۈنلەرنى ئاياللىرىنىڭ ئارىسىدا باراۋەر تەقسىم قىلىدۇ. ئەگەر چوكاننى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە ئالسا، بۇ ئايالنىڭ يۇقىرىقى ئىشلارغا ھاجىتى ئاز بولغاندىكىن، ئۇنىڭ ياتىقىدا ئۈچ كۈن تۇرىدۇ. بۇ توغرا ھۆكۈم، رەسۇلۇللاھغا نىسبەت بېرىلگەن ھەدىستە بايان قىلىندى. چۈنكى راۋىلار سۈننەتنىڭ قاتارىدىن دېسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن باشقا نەرسىنى مەقسەت قىلمايدۇ. بۇ ھەدىس مەرفۇ، مەرفۇ قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى: سۆزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا نىسبەت بېرىش، دېگەنلىكتۇر
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكىدىن، ئۇ زات ئۆيىدە ئەھلىنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى، قوينى ساغىتتى، ئاياغلىرىنى يامايتتى، ئائىلىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىلىدە نېمە ئىش قىلاتتى دەپ سورالغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى دېگەن، مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە ئەلچىلىرىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، كەمتەرلىكى، ئاددى ئىشلارنىمۇ قىلىدىغانلىقى ۋە ئالى تۇرمۇشلاردىن يېراق بولىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى
كىمكى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ نەسىبىدىن يۈز ئۆرۈسە بۇ كىچىك كۇپۇر بولۇپ، بۇنىڭدىن ساھىبىنى دوزاختا مەڭگۈ قىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان چوڭ كۇپۇر مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى بۇ كىچىك كۇپۇر بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق بۇنداق ئىشنى قىلىشنىڭ ئىنتايىن قەبىھ ۋە چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىنى كۈچەيتىش ۋە تەكىتلەش ئۈچۈندۇر
بۇ ھەدىسنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار: بىرىنچى مەنىسى: قانداق بىر قوشۇن دۈشمەنلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، جەڭدىن سالامەت قايتقان ۋە غەنىمەت ئالغان بولسا، ئۇنىڭ ئەجرى: جەڭ قىلىپ، جەڭدىن سالامەت قايىتمىغان ياكى سالامەت قايتقان بولسىمۇ غەنىمەت ئالالمىغان يەنە بىر قوشۇندىن ئازراق بولىدۇ، نەۋەۋى بۇ مەنىنى كۈچلۈك دەپ قارىغان. ئىككىنچى مەنىسى: بۇ ھەدىس غەنىمەتنىڭ ھالال ئىكەنلىكىگە دەلىل بولۇپ، ئەجرنى كېمەيتىۋېتىش مەنىسىدە ئەمەس، ئۇنىڭدا پەقەت بىر قىسىم ئەجرى-مۇكاپاتىنى دۇنيادىلا ئىلگىرى ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، غەنىمەت ئالغانلار بىلەن ئالمىغانلار باراۋەر، ئەمما دۇنيادا غەنىمەتكە ئىرىشكەنلەر، ئاخىرەتتىكى ئەجرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالدىنئالا ئالغان بولىدۇ، غەنىمەت ئالمىغانلار ئاخىرەتتە ئەجرىنى تولۇق ئالىدۇ، بۇ مەنىدە غەنىمەت ئالغان ۋە ئالمىغانلار يەنىلا باراۋەر، ئۇرۇشتا غەنىمەت ئالمىغانلارغا ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە غەنىمەتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ تائالا خالىغان بەندىسىگە مۇكاپاتنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ. ئىبنى ئابدۇل بەر رەھىمەھۇللاھمۇ شۇنداق دېگەن
بۇ ھەدىستە مۇسۇلمان قۇللارنى ئازات قىلىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ، بىر قۇلنى ئازات قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ بەدىنىنى دوزاختىن ئازات قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ، قۇل ئازات قىلىش بىلەن مۇسۇلمانلاردىن قۇللۇقتىن ئىبارەت خارلىقنى يوق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىززەت، شان-شەرىپىنى ھەقىقى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ
بۇ ھەدىستە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس بىر كۈن روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاختىن قۇتقۇزىدۇ، ئۇ كىشىنى دوزاختىن ئاسمان-زېمىننىڭ ئارىلىقىدەك يېراق قىلىدۇ