





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ يولىدا بىر ئات سەدىقە قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر كىشىنى مىندۈرۈپ قويغان ئىدىم، ئۇ ئادەم ئۇنى تۈگەشتۈرۈۋەتتى، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئۇنى سېتىۋالاي، بەلكى ئەرزان سېتىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم-دە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ ھەقتە سورىسام، ئۇ ئېيتتىكى: گەرچە ئۇنى بىر دىرھەمگە بەرسىمۇ سېتىۋالمىغىن ۋە سەدىقەڭنى قايتۇرۋالمىغىن! ھەدىيەنى قايتۇرۇۋالغۇچى، قۇسۇقىنى قايتۇرۋالغان ئادەمگە ئوخشايدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئادەمگە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭغا مىنىپ جىھاد قىلغىلى بىر ئات بەردى. ئۇ ئادەم ئۇ ئاتقا جايىدا قارىمىدى، ئۇنى ئوبدان باقمىغانلىقتىن ئۇ ئات چارچاپ ھەتتاكى ئورۇقلاپ ئاجىزلاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئۇ ئاتنى ئۇ ئادەمدىن سېتىۋېلىشنى ئويلىدى. ئۇنىڭ ئاجىز - ئورۇقلىقىدىن ئەزان بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەسلىھەت سالماستىن ئۇنى ئېلىشقا ئۇرۇنمىدى، چۈنكى بۇ سودىدا بىر مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ھەتتا ئەڭ ئەرزان باھادا بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى سېتىۋېلىشتىن چەكلىدى. چۈنكى بۇ نەرسە ئاللاھ يولىدا چىقتى، ئۇنداق بولغاندىكىن سەن ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالمىغىن! يەنە ئۇ ھەدىيەنى ئالغان ئادەم ئۇنىڭ باھاسىدا ساڭا يان بېسىپ قالمىسۇن، ئۇنداق بولۇپ قالسا سەدىقەڭنىڭ بەزىسىنى قايتۇرۇۋالغاندەك بولىسەن. بۇ سەندىن چىقىپ كەتتى، سىنىڭ گۇناھىڭغا كاپپارەت بولدى، سەندىن بولمىغۇر زىيانلىق نەرسىلەرنى چىقىرىۋەتتى، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ساڭا قايتىپ كېلىشى لايىق ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەمەلىيەتتە ئۇنى پۇلغا سېتىۋالىدىغان تۇرۇقلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سېتىۋېلىشىنى (سەدىقىسىدىن قايتىش) دەپ ئاتىدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەدىيە بەرگەن نەرسىنى قايتۇرۇۋالغان كىشى، قۇسۇقىنى قايتۇرۇۋالغان كىشىگە ئوخشايدۇ، دېدى. يەنە بىر لەپزىدە سەدىقە بېرىپ بولۇپ ئۇنى ياندۇرۇۋالغان كىشى، قۇسۇپ كەينىدىن قۇسۇقىنى يېگەن ئىتقا ئوخشايدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ھەدىيە بەرگەن نەرسىنى قايتۇرۇپ ئېلىشتىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا مىسال بېرىپ، ھەدىيە بېرىپ بولۇپ ئۇنى قايتۇرۇۋىلىشنىڭ ئەڭ قەبىھ ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇنى، قۇسۇپ كەينىدىن قۇسۇقىنى يېگەن ئىتقا ئوخشاتتى. بۇ بولسا، ئۇ قىلمىشنىڭ ناھايىتى سەت ۋە رەزىل ئىكەنلىكى ۋە ئۇ ئىشنى قىلغۇچىنىڭ پەسكەشلىكىگە دالالەت قىلىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم) كېسەل ۋاقتىدا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇدى، كىشىلەر ئارقىدا ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇغاندا، ئۇلارنى ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا ئىشارەت قىلدى، نامازدىن يانغاندا: «ئىمام پەقەت باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن، ئۇ رۇكۇ قىلغاندا رۇكۇ قىلىڭلار!، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرسە بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!، ئۇ: «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» دېگەندە، «رەببەنا لەكەل ھەمد» دەڭلار!، ئۇ ئولتۇرۇپ ئوقۇسا، ھەممىڭلار ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلار!» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كېسەل ۋاقتىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇغان نامىزى ۋە جامائەتنىڭ ئىمامغا ئىقتىدا قىلىش ۋە ئەگىشىش سۈپىتى بايان قىلىنغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جامائەتكە ئىمام بەلگىلەشتىكى ھىكمەتنىڭ: ئىمامغا تولۇق ئەگىشىپ، نامازدىكى بىرەر ئەمەلدە پەرىقلىق ئىش قىلماستىن، بەلكى ئىمامنىڭ ھەرىكەتلىرىگە تەرتىپ بىلەن رىئايە قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ: «تەكبىر ئېيتسا سىلەرمۇ تەكبىر ئېيتىڭلار، رۇكۇغا بارسا ئارقىدىن رۇكۇغا بېرىڭلار، «ئاللاھ تائالا ھەمدۇ-سانا ئېيتقۇچىلارنى ياخشى ئاڭلىغۇچىدۇر» دەپ سىلەرگە ئەسلەتكەندە، (رەببىمىز ساڭا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن) دەپ، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئوقۇڭلار، سەجدە قىلغاندا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سەجدە قىلىڭلار، ئەگەردە ئىمام ئۆرە تۇرالماي، ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغان بولسا، گەرچە سىلەر تۇرالىساڭلارمۇ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلىك يۈزىسىدىن ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلار» دېگەن. ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاغرىپ قىلىپ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى، ساھابىلەر ئۆزلىرىنى تۇرالىغاندىكىن ئۆرە تۈرۈپ ئوقۇشىمىز كېرەك، دەپ قاراپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا ئىشارە قىلغانلىقىنى، ناماز ئاياغلاشقاندا ساھابىلەرگە: ئىمامغا قارشى ئىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئىمام كېسەللىكتىن ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغاندا، جامائەت گەرچە ئۆرە تۈرۈپ ناماز ئوقۇشقا قادىر بولسىمۇ، ئىمامغا تولۇق ئەگىشىش ئۈچۈن نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلغان. ئىمام نامازنى ئولتۇرۇپ باشلىغان بولسا جامائەتمۇ ئولتۇرۇپ ئوقۇشى كېرەك، ئەگەر نامازنى ئۆرە تۇرۇپ باشلاپ ئارلىقتا كېسەل سەۋەبىدىن ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولسا، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى كېسەللىك ھاياتىدا ئەبۇ بەكرى ۋە باشقىلارغا ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەن ھەدىسكە ئەمەل قىلىپ، جامائەت نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلىشى كېرەك
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە، ئۇلار مېۋە - چېۋىلەرنىڭ بىر، ئىككى ياكى ئۈچ يىللىقىنىڭ پۇلىنى ئالدىن بېرىپ ئەمما مالنى نېسى قىلىپ سودا قىلىشاتتى. پەيغەمبىرىمىز: قانداق بىر ئادەم بىرەر نەرسىنى مۇشۇنداق نېسى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۆلچىمى ياكى ئېغىرلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تاپشۇرىدىغان ۋاقتىنى ئېنىق قىلسۇن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىپ مەدىنىگە كەلگەندە، ئۇلار زىرائەت ۋە مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئەھلى بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر، ئىككى ياكى ئۈچ يىللىقىنىڭ پۇلىنى ئالدىن بېرىپ ئەمما مالنى نېسى قىلىپ سودا قىلىشاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ تۈردىكى سودىنى ئالدامچىلىققا ئېلىپ بارىدىغان، ساتقۇچىنىڭ قولىدا ئەمەس نەرسىنى ساتىدىغان (چەكلەنگەن) سودىنىڭ قاتارىدىن سانىماستىن، ئۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىپادىلىدى. چۈنكى بۇ خىلدىكى سودا سېتىلغان نەرسىنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى شۇ نەرسىنىڭ ئىگىسىنىڭ زىممىسىگە ئالاقىدار بولىدۇ. لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇئامىلىدە جېدەل - ماجىرا ۋە دەتالاشقا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشقا ئالاقىدار ئەھكاملارنى بايان قىلىپ: كىمكى بىرەر نەرسىنى نېسى قىلىدىكەن، ئۇنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئۆلچەم ۋە مىقدارىنى، ئۇنىڭ تاپشۇرىلىدىغان ۋاقتىنى ئېنىق بەلگىلىسۇن، ئۇنىڭ مىقدارى ۋە ۋاقتى ئېنىق بولغاندا، جېدەل - ماجىرا ۋە دەتالاش ئورۇن قالمايدۇ. شۇنداقلا سېتىۋالغۇچى ئۆزىنىڭ ھەققىنى تېنچلىق بىلەن تولۇق ئالىدۇ، دېدى
راپىئ ئىبنى خەدىج رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «بىز ئەنسارىلارنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەرلىرى كۆپ بولغان كىشىلەردىن ئىدۇق، يەرنى كىراغا بېرەتتۇق ۋە بۇ تەرەپتە ئۈنگىنى بىزگە، ئۇ تەرەپتە ئۈنگىنى تېرىغۇچىلارغا دەپ ئايرىيتۇق، بەزى يىلى بۇ تەرەپتە بىر نەرسە ئۈنمەي، ئۇ تەرەپتە ئۈنەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ شەكىلدە يەرنى ئىجارىگە بېرىشتىن چەكلەندۇق، ئەمما كۆمۈشكە (نەخ پۇلغا) ئېجارىگە بېرىشتىن چەكلەنمىدۇق»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە تېرىلغۇ يەرنى ئىجارىگە بېرىشنىڭ توغرا ۋە توغرا بولمىغان شەكلى تەپسىلى بايان قىلىنغان. راپىئ ئىبنى خەدىيج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز جەمەتىنىڭ مەدىنە خەلقى ئارىسىدا باغ ۋە تېرىلغۇ يەرلىرى كۆپ كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ جاھىلىيەت كۆرسەتمىسى بويىچە تېرىقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، زېمىننى زىرائەت تېرىش ئۈچۈن كىراغا بېرىدىغانلىقىنى، يەر ئىگىسى ئۈچۈن زېمىننىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۈنگىنى، زىرائەت تېرىغۇچى ئۈچۈن زېمىننىڭ سول تەرىپىگە ئۈنگىنى دەپ ئايرىيدىغانلىقى، بەزى يىللىرى، ئوڭ تەرەپتە زېرائەت ئۈنۈپ، سول تەرەپتە زىرائەت ئۈنمەي قالىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بۇ شەكىلدىكى مۇئامىلىدىن چەكلىگەن، چۈنكى بۇ شەكىلدىكى مۇئامىلىدە ئالداش ۋە ئېنىقسىزلىق بار بولۇپ، يەرنى ئالغاندىن كېيىن بېرىدىغان نەرسىمۇ ئېنىق بولۇش كېرەك، پايدا ئالغاندىمۇ ۋە زېيان تارتقاندىمۇ ئوخشاش بولۇش كېرەك، زېمىندىن چىققان مەلۇم مىقداردىكى نەرسىنىڭ باراۋىرىگە يەرنى تېرىش ياكى سۇغۇرۇش بولسا پايدا-زېياندا ئادىللىق بىلەن باراۋەر بولۇشقا قۇرۇلغان بولىدۇ، زېمىن ئىگىسى ۋە ئىجارىگە ئالغۇچىدىن ئىبارەت ھەر بىر كىشىگە زېمىندىن چىققان نەرسىنىڭ تۆتتىن بىرى ياكى يېرىمى دېگەندەك مەلۇم نىسبەتتە بىر نەرسە بەلگىلىنىدۇ، ئەگەر زېمىن بىر نەرسە بېرىش بەدىلىگە تېرىشقا بېرىلسە، بۇ ئىجارە ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدا بېرىدىغان نەرسە ئېنىق بولىشى كېرەك بولىدۇ، ئالتۇنغا ياكى كۈمۈشكە ياكى قەغەز پۇلغا ئىجارىگە بەرسە بېرىدىغان نەرسىنىڭ مىقدارى ئېنىق بولسا بۇ شەكىلدىكى ئىجارە دۇرۇس بولىدۇ، ئەگەر زېمىندىن چىققان نەرسىدىن مەلۇم مىقدارىنى بېرىشكە كىلىشكەن بولسا بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تېرىقچىلىق قىلىش دېيىلىدۇ، ھەدىستىمۇ «ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنغان مەلۇم نەرسىگە ئېجارىگە بەرسە بولىدۇ»
ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى ئېرىدىن باشقا مېيىتكە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ھازا تۇتسا بولمايدۇ، پەقەت ئىرىگە تۆت ئاي ئون كۈن ھازا تۇتىدۇ، (ئۇ ۋاقىتلاردا) رەڭلىك كىيىم كەيمەيدۇ، پەقەت ھەيىزدىن پاك بولغاندا ئازراق پۇراقلىق نەرسە ئىشلەتكەندىن باشقا، ھېچ قانداق خۇش-پۇراق نەرسە ئىشلەتمەيدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايالنى ئىرىدىن باشقا مېيىتكە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ھازا تۇتۇشتىن چەكلىگەن، چۈنكى ئۈچ كۈن يېقىنلارنىڭ ھەققىنى بېرىشكە، قايغۇ-ھەسرەتنى تۈگۈتۈشكە يېتەرلىك. ئەمما مېيىت ئۇ ئايالنىڭ ئىرى بولسا، ئۇنىڭ ئەرلىك ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ۋە ئىددەت كۈنلىرىدە ئۆزىنى ساقلاپ تۆت ئاي ئون كۈن ھازا تۇتىشى كېرەك. ھازا تۇتۇش: ئېرى ياكى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقىنى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ خۇش-پۇراق نەرسىلەرنى، سۈرمە تارتىشنى، زىبۇ-زىننەت ۋە چىرايلىق كىيىملەر بىلەن ياسىنىشنى تەرك ئېتىشى بولۇپ، يۇقارقى نەرسىلەرنى قەتئى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. ھازا تۇتۇش پەقەت ئىرىگىلا ۋاجىب بولۇپ، ئىرىدىن باشقىلارغا ئەگەر خالىسا ئۈچ كۈن ھازا تۇتسا بولىدۇ. ئەمما ھازا تۇتقان ئايال زىننەتلىنىش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان رەڭلىك كېيىملەرنى كەيسە بولىدۇ. يەنە ھەيزدىن پاك بولغاندا بەدبۇي پۇراقنى يوقۇتىدىغان ئازراق نەرسىنى جىنسى ئەزاسىغا ئىشلەتسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ زىننەتلىنىدىغان ئورۇندا دىيىلگەن خۇش پۇراق نەرسە ئەمەس
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرىي رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالتۇننى ئالتۇنغا تېگىشمەكچى بولساڭلار، ئوخشاش ئالتۇننى ئوخشاش ئالتۇنغا تېگىشىڭلار ۋە بىرىنى يەنە بىرىدىن ئوشۇق ھېسابلىماڭلار، كۈمۈشنى كۈمۈشكە تېگىشمەكچى بولساڭلار، ئوخشاش كۈمۈشنى ئوخشاش كۈمۈشكە تېگىشىڭلار ۋە بىرىنى يەنە بىرىدىن ئوشۇق ھېسابلىماڭلار شۇنىڭدەك نەخ ئالتۇن-كۈمۈشنى نېسى ئالتۇن-كۈمۈشكە ساتماڭلار» يەنە بىر لەپزىدە: «قولمۇ قول تېگىشىش لازىم» دېيىلگەن، يەنە بىر لەپزىدە:«تەڭمۇتەڭ، ئوخشاشنى ئوخشاشقا باراۋەر تېگىشىش كېرەك دېيىلگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جازانىنىڭ نېسى سېتىش ۋە ئارتۇق سېتىشتىن ئىبارەت بولغان ئىككى تۈرىدىن چەكلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالتۇننى ئالتۇنغا مەيلى ساپ ئالتۇن بولسۇن ياكى ئىشلەنگەن ئالتۇن بولسۇن بىرىنى بىرىگە تېگىشكەندە تەڭمۇ تەڭ، ئوخشاشنى ئوخشاش ۋە نەخمۇ نەخ بىر سورۇندا قولمۇ قول بولۇش كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا دۇرۇس بولمايدۇ، شۇنىڭدەك بىرى نەخ يەنە بىرى نېسى بولسا دۇرۇس بولمايدۇ، يەنە كۈمۈشنى كۈمۈشكە مەيلى ئۇ ساپ كۈمۈش بولسۇن ياكى ئىشلەنگەن كۈمۈش بولسۇن ئوخشاش بولۇش، بىر سورۇندا بولۇش، نەخمۇ نەخ تاپشۇرۇپ ئېلىش كېرەك، بىرىنى يەنە بىرىدىن ئارتۇق قىلىشقا شۇنىڭدەك تولۇق تاپشۇرۇپ ئالماستىن بۇرۇن سورۇندىن ئايرىلماسلىق كېرەك
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن: بىر ئايال بىلەن ئۇنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى تەرەپتىن بولغان ھاممىسى بىر ئەرنىڭ زىممىسىدە بولمايدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ پاك شەرىئەت كىشىلەرگە ياخشىلىق ۋە پايدا بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدى، زىيان ۋە بۇزغۇنچىلىق بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىگە قارشى كۆرەش قىلدى. ئۇنىڭ قاتارىدىن؛ بۇ شەرىئەت بىر بىرىمىز بىلەن چىقىشىپ، مېھرى - مۇھەببەت بىلەن ئۆتۈشكە رىغبەتلەندۈردى. ۋە يىراقلىشىش، ئالاقىنى ئۈزۈش ۋە ئۆچمەنلىك قىلىشىشتىن چەكلىدى. شەرىئەت بەزى مەنپەئەتلەر تۈپەيلىدىن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى ھالال قىلدى، كۆپۈنچە ھالدا ئەر كىشى كۆپ خوتۇنلۇق بولسا ئۇ خوتۇنلار ئارىسىدا ھاسىل بولىدىغان كۈنلەش سەۋەبىدىن ئۆچ - ئاداۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارىسىدا ئالاقىنى ئۈزۈشنىڭ يۈز بېرىشىدىن قورقۇپ، كۆپ خوتۇنلۇقنىڭ بەزى تۇغقانلار ئارا بولۇپ قېلىشىدىن چەكلىدى. مەسىلەن: ئاچا - سىڭىللارنى بىر- بىرسىنىڭ ئۈستىگە، دادىسى تەرەپتىن ھاممىسىنى ئوغۇل قېرىنداشلىرىنىڭ قىزلىرىنىڭ ئۈستىگە، قىز قېرىندىشىنىڭ قىزىنى ئانا تەرەپتىن ھاممىسىنىڭ ئۈستىگە نىكاھلاپ ئېلىشتىن ۋە ئۇندىن باشقىلاردىن چەكلىدى. مەسىلەن: ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنى ئوغۇل، يەنە بىرىنى قىز، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنسا، ئا ئوغۇلغا ما قىزنى نىكاھلاپ ئېلىش نەسەپ جەھەتتىن ھارام بولىدىغان بولسا، بۇنداق ھالەتتە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىنى جۇغلاپ ئېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. بۇ ھەدىس، ئاللاھ تائالانىڭ، (ئۇندىن باشقىلار سىلەرگە ھالال قىلىندى) دېگەن سۆزىنىڭ ئومۇمى مەناسىنى ئىپادىلەيدۇ
ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتتى، ئاندىن ئۇ سېرىق رەڭ ئەكەلدۈرۈپ ئىككى بىلىكىگە سۇۋاپ: مەن بۇنى پەقەت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ھەرقانداق بىر ئايالغا، ئۆلۈم ئۈچۈن ئۈچ كۈندىن زىيادە ھازا تۇتۇشى دۇرۇس بولمايدۇ. پەقەت ئېرى ئۈچۈن تۆت ئاي ئون كۈن ھازا تۇتىدۇ دېگىنىنى ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈلم يَحٍنِ أحد منا ظهره حتى يقع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ساجدا، ثم نقع سجودا بعدهن قىلدىم، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئۇممۇ ھەبىبەنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئايال ئىلگىرى يولدىشىدىن باشقا ئادەمگە ئۈچ كۈندىن زىيادە ھازا تۇتسا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاڭلىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، بۇ بۇيرۇقنى بىجا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلىپ، خۇشپۇراق ئارىلاشتۇرۇلغان سېرىق رەڭ ئەكەلدۈرۈپ ئۇنى ئىككى بىلىكىگە سۇۋاپ، ئۆزىنىڭ خۇشپۇراق ئىشلەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلدى. ئۇ بولسىمۇ: ئۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ھەرقانداق بىر ئايالنىڭ ئۆلۈم ئۈچۈن ئۈچ كۈندىن زىيادە ھازا تۇتۇشى دۇرۇس بولمايدۇ. پەقەت ئېرى ئۈچۈن تۆت ئاي ئون كۈن ھازا تۇتىدۇ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدى