





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئائىشە بىنتى ئەبى بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر يەھۇدىدىن نېسى ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا تۆمۈردىن ياسالغان ساۋۇتىنى گۆرۈگە قويغان
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدىدىن نېسىگە ئارپا سېتىۋالدى، ئۇنىڭغا ئاللاھ يولىدىكى ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىدىغان يولدىكى يەنى جىھادتا زۆرۈر بولىدىغان نەرسىنى گۆرۈگە قويدى. ئۇ بولسىمۇ ئۇرۇشلاردا كېيىدىغان ئاللاھتىن قالسا ئۇنى دۈشمەننىڭ قۇرالى ۋە زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدىغان تۆمۈر ساۋۇتنى گۆرەگە قويدى
ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىر سەپەردە كېتىۋاتقىنىمىزدا توگىسىگە مېنگەن بىر كىشى كىلىپ ئۇياق-بۇياققا قارىغىلى تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمنىڭ ئارتۇق ئۇلىغى بولسا ئۇنى ئۇلىغى يوق ئادەمگە بەرسۇن، كىمنىڭ ئارتۇق ئوزۇقلىقى بولسا ئۇنى ئوزۇقلىقى يوق ئادەمگە بەرسۇن» دەپ نۇرغۇن مال تۈرلىرىنى تىلغا ئالغانلىقىدىن بىز: «ئارتۇق نەرسدە ھېچ قايسىمىزنىڭ ھەققى يوق ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالدۇق
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر سەپەردە كېتىۋاتقاندا تۆگە مىنگەن بىر كىشى كىلىپ ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى قامدىغىدەك بىر نەرسە تېپىش ئۈچۈن ئوڭ-سول تەرەپلەرگە قاراشقا باشلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمنىڭ ئارتۇق ئۇلىغى بولسا ئۇنى ئۇلىغى يوق ئادەمگە بەرسۇن، كىمنىڭ ئارتۇق ئوزۇقلىقى بولسا، ئۇنى ئوزۇقلىقى يوق ئادەمگە بەرسۇن» دېدى، رىۋايەت قىلغۇچى: «بىز ئارتۇق نەرسدە ھىچقايسىمىزنىڭ ھەققى يوق ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالدۇق
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ھەر قاچان سەپەردە بىرەر جايغا چۈشكۈن قىلساق، يۈك-تاقىلىرىمىزنى چۈشۈرۈپ، تۆگىلەرگە ئارام بەرمىگىچە، نەپلە ناماز ئوقۇمايتتۇق (گەرچە بىز نەپلە نامازغا شۈنچە ھېرىسمەن بولساقمۇ!)
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: بىز ناماز ئوقۇشقا شۇنچە ھېرىسمەن تۇرۇغلۇق، سەپەردە بىرەر جايغا چۈشكەندە ئۇلاغلارنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئۈستىدىكى يۈك-تاقىلارنى چۈشۈرمەستىن بۇرۇن نامازغا ئالدىرمايتتۇق
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەيبەردىن بىر زېمىنغا ئىگە بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇ يەرنى قانداق تەسەررۇپ قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ، ئى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم! مەن خەيبەردىن بىر زېمىنغا ئېرىشتىم، مەن ئىلگىرى بۇنىڭدىن ئەتىۋارلىقراق مالغا ئېرىشىپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنى قانداق قىلىشقا بۇيرۇيلا؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر خالىساڭ ئۇنىڭ ئۆزىنى ۋەخپە قىلغىن ۋە چىققان ھوسۇلنى سەدىقە قىلغىن، دېدى. ئۇ دەيدۇ: ئاشۇنداق سەدىقە قىلدى، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزى سېتىلمايتتى، ھەدىيە قىلىنمايتتى ۋە مىراسمۇ قالدۇرۇلمايتتى. ئۇ دەيدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پېقىر - مىسكىنلەرگە، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا، قۇل ئازات قىلىشقا، ئاللاھ يولىدىكى ئىشلارغا، پۇلىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا ۋە مېھمانلارغا سەرپ قىلدى. ئۇنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتقانلار ئۇنىڭدىن نورمال ھالدا ئۆزى يېسە، ياكى دوستىغا يېگۈزسە ئەمما ئۇنى ئۆزىنىڭ پۇلى قىلىۋالمىسىلا بولاتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇنى خۇددى ئۆزىنىڭ كونا مېلىدەك قىلىۋالمىسىلا بولاتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەيبەردىن مىقدارى يۈز ئۈلۈشلۈك بىر زېمىنغا ئىگە بولدى، ئۇ يەرنىڭ ياخشىلىقى ۋە ئېسىللىكىدىن ئۆمەرنىڭ ماللىرى ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىكى ئېدى. ساھابە كىراملار باقى دۇنياغا قالىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشتا مۇسابىقىلىشەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ: (ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغۇچە) ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر) دېگەن ئايىتىدە، سۆزلەنگەن ياخشىلىققا ئېرىشىشتىن تاما قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئۇ زېمىننى ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا قانداق تەرىقىدە سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق مەسلىھەت سوراپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا سەدىقىنىڭ ئەڭ ياخشى يوللىرىدىن بولغان، مالنىڭ ئەسلىنى ۋەخپە قىلىش يولىنى كۆرسەتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق قىلدى. ئۇنىڭ ئۆزىنى سېتىش، ھەدىيە قىلىش ۋە مىراس قالدۇرۇش قاتارلىق، ئۇ مالنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى يۆتكەيدىغان ياكى يۆتكەشكە سەۋەبچى بولىدىغان ھېچقانداق مۇئامىلە قىلىنمايتتى. بەلكى پېقىر - مىسكىنلەرگە، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا، قۇل ئازات قىلىش، ياكى دىيەت ۋاجىپ بولغانلارنىڭ دىيىتىنى تۆلەپ قۇتۇلدۇرۇپ قويۇش، ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىتلارغا ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ۋە ئۇنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىش، ئۆز يۇرتىدىن باشقا جايدا قېلىپ، پۇلىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا ۋە مېھمانلارغا سەرپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ، چۈنكى مېھماننى ھۆرمەتلەش ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ ۋەخپە دېگەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇنى ئىسلاھ قىلىش ۋە سۇغۇرۇشقا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئىدارە قىلىۋاتقانلار ئۇنىڭدىن نورمال ھالدا ئۆزى يېسە ئەمما ئۇنى ئۆزىنىڭ مېلى قىلىۋالمىسىلا بولىدۇ. ۋەخپە ياخشىلىق يوللىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈنلا تۇرغۇزىلىدۇ، ئۇنى پايدا ئېلىش ياكى بايلىق يېغىش ئۈچۈن ئەمەس. ئاگاھلاندۇرۇش: ۋەخپە دېگەن؛ مۇسۇلمان كىشى تەرىپىدىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىك مالنى سەدىقە قىلىشتۇر. ئۇنىڭ پايدىسى ئاشۇ ياخشىلىق يوللىرىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئەسلى مال جايىدا تۇرىدۇ. مەسىلەن: بىرەر تېرىلغۇ يەرنى پېقىرلارغا ۋەخپە قىلسا، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان مېۋە- چىۋە ۋە زىرائەتلەر پېقىرلارغا سەرپ قېلىنىدۇ، يەرنىڭ ئۆزىگە چېقىلمايدۇ
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بەرنىي دېگەن خورمىدىن ئېلىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: سەن بۇنى نەدىن ئەكەلدىڭ؟ دەپ سورىدى، بىلال: بىزنىڭ ناچار خورمىمىز بار ئىدى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېيىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئىككى سانى بۇنىڭدىن بىر ساغا ئالماشتۇردۇم، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ۋاي خۇدايىم، ۋاي خۇدايىم، مانا بۇ جازانىنىڭ دەل ئۆزى، مانا بۇ جازانىنىڭ دەل ئۆزى، ئۇنداق قىلمىغىن! لېكىن ئەگەر خورما سېتىۋالماقچى بولساڭ، سەن ئۆزۈڭنىڭ خورماڭنى ئايرىم سېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ پۇلىغا خالىغان خورماڭنى سېتىۋالغىن!
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بەرنى دېگەن ياخشى خورمىدىن ئېلىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئېسىللىكىدىن ھەيران قالدى ۋە سەن بۇنى نەدىن ئەكەلدىڭ؟ دەپ سورىدى، بىلال: بىزنىڭ ناچار خورمىمىز بارئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېيىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئىككى سانى مانىڭدىن بىر ساغا ئالماشتۇردۇم، دېدى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېغىر كەلدى. ۋاي خۇدايىم، دەپ ئۇھ تارتىپ كەتتى. چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ نەزىرىدە گۇناھ-مەسىيەتتىن چوڭراق مۇسىبەت يوق ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: سېنىڭ بۇ ئىشىڭ جازانىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئۇنداق قىلمىغىن! لېكىن ئەگەر ناچار خورمىنى ياخشىسىغا تېگىشمەكچى بولساڭ ئاۋۋال ئۇنى ساتقىن! ئاندىن ئۇ پۇلغا ئېسىلراق خورمىنى سېتىۋالغىن! مانا بۇ ھارامغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھالال يولدۇر. تەيسىرۇل ئەللام شەرھى ئۇمدەتۇل ئەھكام، (568- بەت)
نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: دادام ماڭا ئازراق مال-دۇنيا بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئانام ئەمرە بىنتى رەۋاھە دادامغا: سەن بۇ ئىشقا رەسۇلۇللاھنى گۇۋاھچى قىلمىغۇچە مەن رازى بولمايمەن، دېدى. دادام ماڭا بەرگەن مېلىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى گۇۋاھچى قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يىنىغا باردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: سەن مۇشۇ ئىشنى بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە قىلدىڭمۇ؟ دېۋىدى، دادام: ياق، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھتىن قورقۇڭلار! بالىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىڭلار! دېدى. شۇنىڭ بىلەن دادام يېنىپ كېلىپ ئۇ مالنى قايتۇرۇۋالدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇنداقتا مېنى گۇۋاھچى قىلمىغىن! مەن زۇلۇمغا گۇۋاھچى بولمايمەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: بۇنىڭغا باشقا بىرسىنى گۇۋاھچى قىلغىن! دەپ كەلگەن
ھەدىسنىڭ بىر قانچە رىۋايىتىنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغاننۇئمان ئىبنى بەشىر ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ: ئۇنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا ئايرىم مال-دۇنيا بەرگەندە، نۇئماننىڭ ئانىسى بۇ ئىشنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بېكىتىپ قويۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇنىڭ دادىسىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ گۇۋاھ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. دادىسى بۇ بالىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئۇ ئىشقا گۇۋاھ بولۇپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: سەن مۇشۇ ئىشنى بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە قىلدىڭمۇ؟ دېۋىدى، دادام: ياق، دېدى. بۇنداق ئىشلاردا بالىلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئايرىش، ياكى بەزىسىنى بەزىسىدىن ئەۋزەل كۆرۈش، تەقۋالىقنى رەت قىلىدىغان ئامىلدۇر. ئۇنىڭ زۇلۇم ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك يوقتۇر. چۈنكى ئۇ ئىش ئارقىلىق ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىشلار بارلىققا كىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: پەرزەنىتلەرگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلغاندا، ئەۋزەل كۆرۈلمىگەن بالىنىڭ دادىسىدىن يىراقلىشىش ۋە ئالاقىسىنى ئۈزۈشىگە سەۋەپ بولىدۇ. دادا تەرىپىدىن ئەۋزەل كۆرۈلگەن بالا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆچ- ئاداۋىتىگە سەۋەپ بولىدۇ. بۇ ئىشنىڭ مۇشۇنداق بەزى ناچار تەرەپلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئاللاھتىن قورقۇڭلار! بالىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىڭلار! مېنى زۇلۇمغا گۇۋاھچى قىلمىغىن! دېدى ۋە ئۇنىڭغا كايىپ: بۇنىڭغا باشقا بىرسىنى گۇۋاھچى قىلغىن! دەپ بۇ ئىشتىن ئۇنى يىراقلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەرھال ئاۋۇ مالنى قايتۇرۇۋالدى، چۈنكى ئۇلارغا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىدىن ھالقىماسلىق ئادەتكە ئايلانغان ئىدى
ئەبۇ مەسئۇد ئەلئەنساري رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىت سېتىپ تاپقان پۇلدىن، جىسمىنى سېتىپ تاپقان پۇلدىن، جىنكەشلىك قىلىپ تاپقان پۇلدىن چەكلىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرىزىق تەلەپ قىلىشنىڭ نۇرغۇنلىغان ئېسىل، شەرەپلىك ۋە پاك يوللىرى مەۋجۇتتۇر، ئاللاھ تائالا بۇ يوللارنى بۇزۇق، پەسكەش يوللارنىڭ ئورنىدا قىلىپ بەردى. باشتىكى يوللار ئىككىنچىسىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان ۋە ئىككىنچىسىنىڭ بۇزۇقچىلىقى ئۇنىڭدىكى پايدىغا توغرا كەلمەيدىغان بولغاچقا، شەرىئەت ناچار ۋەسىلىلەر ئارقىلىق پۇل تېپىشنى ھارام قىلدى. بۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: 1- ئىت ساتقان پۇل. چۈنكى ئىتنىڭ مەينەتلىكىدە ھېچ شەك يوقتۇر. 2- پاھىشە ئايال ئۆزىنىڭ، دىن ۋە دۇنيانى بۇزىدىغان جىنايىتىنىڭ بەدىلىگە ئالىدىغان پۇلى. 3- شۇنىڭغا ئوخشاش، جىنكەش ئالدامچىلارنىڭ، غەيىپنى بىلىدىغانلىقنى، باشقا نەرسىلەرگە كۈچى يېتىدىغانلىقىنى داۋا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالدامچىلىقى ئارقىلىق كىشىلەرگە بەزى نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق ئېلىۋېلىش ۋە باتىل يول بىلەن ئۇ مالنى يېيىش ئۈچۈن ئالىدىغان پۇلى. بۇ پۇل تىپىش يوللىرىنىڭ ھەممىسى دۇرۇس ئەمەس ناچار يوللاردۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا ئۇنىڭ ئورنىغا نۇرغۇنلىغان پاك - شەرەپلىك يوللارنى ئالماشتۇرۇپ بەردى
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئۇ بىر تۆگىگە مېنىپ مېڭىۋاتاتتى، تۆگە ھېرىپ قالدى، شۇڭا ئۇنىڭغا مىنمەي قويۇپ بېرىشنى ئويلىدى. شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا يېتىشىپ كەلدى ۋە ماڭا دۇئا قىلىپ ئۇ تۆگىنى بىر ئۇرۇپ قويۇۋىدى، ئۇ ھېچقاچان مېڭىپ باقمىغان تېزلىكتە مېڭىپ كەتتى. ئاندىن پەيغەمبىرىمىز: ئۇنى ماڭا بىر ئۇقىيەگە ساتقىن! دېدى، مەن: ياق، دېدىم. ئاندىن پەيغەمبىرىمىز: ئۇنى ماڭا ساتقىن! دېدى، مەن ئۇنى بىر ئۇقىيەگە ساتتىم، ئەمما مەن ئائىلەمگە قايتىۋالغۇچە بۇ تۆگىگە مېنىشنى شەرت قىلدىم. مەدىنىگە يىتىپ بارغاندا، تۆگىنى ئېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلدىم، ماڭا توگىنىڭ پۇلىنى نەخ بەردى. ئاندىن مەن قايتتىم. پەيغەمبىرىمىز ئارقامدىن ئادەم ئەۋەتىپ مېنى چاقىرتىپ ئېيتتىكى: مېنى سېنىڭ تۆگەڭنى ئېلىۋالدى، دەپ قارامسەن؟ ما تۆگەڭنى ۋە پۇلۇڭنىمۇ ئالغىن! بۇ سېنىڭكى بولسۇن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانجابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر غازاتتا بىللە ئېدى، جابىر مىنگەن تۆگە ئۇرۇقلىقىدىن ئەسكەرلەر بىلەن بىرگە مېڭىشتىن ھېرىپ قالدى، ھەتتا ئۇنىڭ پايدىسى قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قويۇۋېتىشنى ئويلىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساھابىلىرىگە ۋە ئۈممىتىگە بولغان مېھرى - شەپقىتىدىن ئەسكەرلەرنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ، ماغدۇرى قالمىغان ئاجىزلار ۋە ئۇزۇق - تۈلۈكىدىن ئۈزۈلۈپ قالغانلارنىڭ بېشىنى سىلايتتى. جابىر ئاشۇ ئۇرۇق - كۈچىدىن قالغان تۆگىسىگە مېنىپ كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يېتىشتى ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ بىرنى ئۇرۇپ قويۇۋىدى، ئۇنىڭ قىممەتلىك ۋە رەھىمدىل ئۇرۇپ قويۇشى ئاشۇ جانسىز تۆگىگە كۇچ - قۇۋۋەت بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېچقاچان مېڭىپ باقمىغان تېزلىكتە مېڭىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئېسىل ئەخلاقى ۋە مېھرىبانلىقىدىن، جابىرنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ قويۇش ۋە ئۇنىڭغا بۇ سەپەرنى يەڭگىللىتىدىغانغا گەپلىشىپ مېڭىشنى ئويلاپ، ئۇنى ماڭا بىر ئۇقىيەگە ساتقىن! دېدى. جابىر ئاللاھنىڭ پەزلى كەرەمىدىن تاما قىلدى، بۇ ئىشنىڭ ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ بولىدىغان ئىشلار قاتارىغا كىرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھەتتا ئۇنى ساتمىسا ئۇنىڭ دىنى كاملاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدى، چۈنكى بۇ بۇيرۇق كەسكىن ئەمەستى. شۇنداقتىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قايتا سورىدى، ئاندىن ئۇ تۆگىنى رەسۇلۇللاھقا بىر ئۇقىيەگە ساتتى، ئەمما ئۇنى مەدىنىدىكى ئائىلىسىگە قايتىۋالغۇچە مىنىۋېلىشنى شەرت قىلدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭ شەرتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار يىتىپ كەلگەندە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا تۆگىنى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۇلنى بەردى. ئۇ قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنى قايتا چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتتى، ئۇ قايتىپ كېلىۋىدى، پەيغەمبىرىمىز ئېيتتىكى: مېنى سېنىڭ تۆگەڭنى ئىلىۋىلىشقا تاما قىلىپ سودا قىلدى، دەپ ئويلامسەن؟ ما تۆگەڭنى ۋە پۇلۇڭنى ئالغىن! بۇ سېنىڭكى بولسۇن دېدى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىللىكى، ئالاھىدە ئەخلاقى ۋە مېھرىبانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ كۆپلىگەن ئېسىل پەزىلەتلىرى مەۋجۇتتۇر
سەئد ئىبنى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسمان ئىبنى مەزئۇننىڭ، ھەتتا ئايالىغىمۇ يېقىن كەلمەي تەركى دۇنيا بولۇپ ئىبادەت قىلىشقا سورىغان رۇخسىتىنى رەت قىلدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانسەئد ئىبنى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىبادەتكە يۈزلىنىشكە بولغان رىغبىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن، ھاياتنىڭ لەززەتلىرنى تاشلاپ، پۈتۈن ۋاقتىنى ئىبادەتكە ئاجرىتىشنى ئىرادە قىلىپ، پەيغەمبىرىمىزدىن ئاياللاردىن قول ئۈزۈپ ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىشقىلا يۈزلىنىشكە رۇخسەت سورىۋىدى، پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا رۇخسەت بەرمىدى. چۈنكى ھاياتنىڭ پۈتۈن لەززەتلىرىنى تاشلاپ پۈتۈن ۋاقتىنى ئىبادەتكىلا ئاجرىتىش بولسا، دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇش بولۇپ، بۇ دىندا ئەيىبلەنگەن زاھىدلىقتۇر. ئەمما دىننىڭ ئەڭ تۇغرا يولى بولسا، ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغان ئىبادەتلەرنى جايىدا ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، ئىنسان ئۆز نەپسىنى دۇنيا لەززەتلىرىدىن مەھرۇم قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسمانغا رۇخسەت بەرسە ئېدى، ئىبادەتتە قاتتىق تىرىشىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتەتتى