Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way






























Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
بىر ئەئرابى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدە تۇرۇپ سىيگىلى باشلىدى، كىشىلەر قوللىرى بىلەن ئەمەس بەلكى ئاۋازلىرى بىلەن توۋلاپ ئۇنى توسماقچى بولدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: قويۇڭلار ئۇنى دېدى، ئۇ سىيىپ بولغاندىن كېيىن سىيىپ قويغان جايغا بىر چېلەك سۇ تۆكىۋېتىشنى بۇيرىدى ۋە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كىشىلەرگە ئاسانلىق يارىتش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى ھەرگىزمۇ كىشىلەرگە قېيىنچىلىق پەيدا قىلىپ ئۇلارنى توغرا يولدىن يېراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى ۋە خۇتبىسى ئالاھىدە ئۇزۇن بىلەن بەك يەڭگىللىك ئارىسىدا بولۇپ، ئوتتۇراھال ۋە مۆتىدىللىك بىلەن سۈپەتلەنگەن، ئۇ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ ئىمام-خاتىپلارنىڭ نەمۇنىلىك ئۈلگىسىدۇر
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللارنى دۇنيادا ئەرلىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن چەكلىگەن، چۈنكى ئۇ ئەر دۇنيادا ئۇ ئايالنىڭ قېشىدا مېھماندۇر، پات-يېقىندا دۇنيادىن يۆتكىلىپ ئاخىرەتكە كېلىپ جەننەتكە كېرىدۇ، ۋە ئاخىرەتتىكى ئاياللارنىڭ مېھمىنى بولىدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسماغا مۇنداق دېدى: «قولىڭىزدىكى نەرسىنى چىگىپ يۇشۇرۇپ، باشقىلاردىن چەكلەپ قويماڭ، ئۇنداق قىلسىڭىز سىزدىن رىزىق ئۈزىلىدۇ» دەپ، ئۇنى ئاللاھ رازىلىقىدا خىراجەت قىلىشقا بۇيرىدى، رىزىق ئۈزۈلۈپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ سىقماڭ، ئۇ خىراجىتىڭىزنىڭ ئۈزۈلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ، بۇ(سىزگە ئاللاھ سىقىپ قويىدۇ) دېگەن سۆزنىڭ ئىزاھاتىدۇر، مالنىڭ ئارتۇقىنى كەمبەغەلدىن چەكلەپ قويماڭ، ئاللاھمۇ ئۆز پەزلىنى سىزدىن توسۇپ، چەكلەپ قويىدۇ
كىمنىڭكى ۋەسىيەت بايان قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر نەرسىسى تۇرۇپ، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت كىچىكتۈرۈپ قويۇشى توغرا ئەمەس،بەلكى ئۇنى تەپسىلى يېزىپ قالدۇرۇشقا ئالدىراپ،بىرەر ئىككى كېچىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ۋەسىيەتسىز ئۆتمەسلىكى كېرەك.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،بۇ پەيغەمبەر نەسىھىتىنى ئاڭلىغاندىن بىرى، شەرىئەت بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ۋە ھەقنى بايان قىلىش ئۈچۈن ھەركېچە ۋەسىيىتىنى يېڭىلاپ تۇراتتى
بۇ ساھابە كىرام گەپ قىلماسلىق، تائام يېمەسلىك، ئۇسسۇزلۇق ئىچمەسلىك، كۈن نۇرىدا تۇرۇپ سايىدىماسلىق قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزىگە نەزىر قىلغان، بۇ ئۆز نەپسىنى جازالاش ۋە قىيىنچىلىققا سېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق شەكىلدە نەزىر قىلىشنى شەرىئەت چەكلىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى بۇ ئىشتىن توسقان، لېكىن ئۇ كىشىنى روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرىغان، چۈنكى روزا تۇتۇش دېگەن شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى ئۆزىگە شەرىئەت يولغا قويغان ئىبادەتنى قىلىشنى نەزىر قىلغان بولسا، ئۇنى قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، شەرىئەت يولغا قويمىغان ئىشلارنى قىلىشنى نەزىر قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىش كېرەك بولمايدۇ
كىمكى بىر ئادەمگە مال ساتقان ياكى ئامانەت قويغان ياكى قەرز بەرگەن بولسا، مالنى سېتىۋالغۇچى ياكى قەرز ئالغۇچى زېيان تارتىپ (ئىپلاس بولغان بولسا) يېنىدا قالغان مال قەرزگە يەتمىسە، مال ساتقۇچى ياكى قەرز بەرگۈچى ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا ئۆزىنىڭ مېلىنى تاپسا ئۇ مالنى قايتۇرىۋالىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ مېلىنى قايتۇرىۋىلىشقا باشقىلاردىن بەكراق ھەقلىقتۇر
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساتقۇچى ياكى سېتىۋالغۇچىغا ياكى ئۇ ئىككىسىدىن باشقىلارغا زېيان بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ھارام قىلىنغان بىر قانچە تۈرلۈك سودىنى قېلىشتىن چەكلەيدۇ، بىرىنچى: ئاشلىق ياكى چارۋىلىرىنى سېتىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلار بازارغا يېتىپ كىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ماللىرىنى سېتىۋىلىشتىن چەكلەش بولۇپ، ئۇلار بازار باھاسىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بەزىدە سودىلىرىدا ئالدىنىپ قىلىپ، ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ، خەتەرلەرگە دۈچ كىلىپ، ئېرىشىش يولىدا ھېرىپ-چارچىغان رېزىقلىرىنىڭ بىر قىسمىدىن مەھرۇم بولۇپ، ئۇلارنىڭ تاۋارلىرى ھېچ بىر جاپا تارتمىغان كىشىنىڭ تەييار رىزىقى بولۇپ قالىدۇ، ئىككىنچى: يېزا ياكى سەھرادىن كەلگەن كىشى ئۆزىنىڭ تاۋارلىرىنى شۇ كۈنلۈك باھادا ياكى ئۆزى ئېھتىياجلىق ۋە ھاجىتىگە يەتكۈدەك باھادا سېتىش ئۈچۈن شەھەرگە كېلىدۇ، شەھەرلىك ئادەم ئۇنىڭغا: «ساتىدىغان نەرسەڭنى مېنىڭ يېنىمدا قويۇپ قويغىن، مەن ئالدىرماي باھاسىغا چىقىرىپ سېتىپ قوياي» دەيدۇ، بۇ شەھەر خەلقىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكتۇر، شەرىئەت شەھەر سىرتىدىن مال ساتقىلى كەلگەن كىشىنىڭ ھەققىنى ۋە شەھەر ئەھلىنىڭ ھەققىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن
نىكاھلىنىشتىكى ئاساسى قائىدە: ئايال كىشى ئۆزىنى ئەرگە تاپشۇرۇش بەدىلى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مېھرى ھەققى بېرىلمەي تۇرۇپ نىكاھ تاماملانمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاھىلىيەت نىكاھىدىن چەكلىدى، بۇ نىكاھتا ئايالغا ئىگە بولغانلار ئۇلارغا زۇلۇم قىلاتتى، چۈنكى ئۇلار مەلۇم مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆزى ۋەلى بولىدىغان ئاياللارنى مېھرى ھەققىسىز، ئۆزلىرىنىڭ شەھۋەت ئارزۇلىرىغا كۆرە، باشقا ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاياللارنى مېھرى ھەققى ئالماستىن ئۆزىگە نىكاھلاپ بېرىش بەدىلىگە ئۇلارنى نىكاھلاپ بېرەتتى. مانا بۇ زۇلۇم، ئاللاھ تائالا بۇيرۇمىغان تەرىقىدە ئاياللارنىڭ ئىپپەتلىرىنى دەپسەندە قىلىشتۇر. بۇ دىندا چەكلەنگەن ۋە باتىل ئىشدۇر